- تىزىملاتقان
- 2014-1-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 841
- نادىر
- 5
- يازما
- 20
ئۆسۈش
68.2%
|
ئالدىنقى سوۋىت ئىتپاقىنىڭ ئىسلام دىنىنى
باستۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
ۋېي جىن گۈي
ئوغلانى تەرجىمىسى
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ، لېنىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆتكۈر ۋەزىيەتتىمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى ، چار پادىشاھلىق ۋاقتىدا مىللەتلەر زىددىيەتلىرى بىر مەزگىل بوشىغان ئىدى. ئىز باسارلاردىن سىتالىن، خىروشوف مىللەتلەر مەسىلىسىدە چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ،ئىلاھسىزلىق نەزەريىسى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ئورتاق تەرەققىيات بولمىدى ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ،مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈش قاتارلىق بىر قاتار نەزەريىۋى ئاساسلار ۋە تەسىرلىك شۇئارلار بىلەن ئىسلام دىنىغا كاشىلا قىلدى ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ئارقىدا قالغان رايۇن دەپ قارالدى ، ئىسلام دىنى فىئودال خۇراپاتلىق دەپ قارىلىپ مەجبۇرى توسۇلدى . مەسىلەن ، ئىسلام سوتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىسلام مەكتەپلىرىنى ۋە ئىسلام مەدەنيەت -سەنئەت مەركەزلىرىنى تاقاش ،مەسچىتلەرنىڭ مۇقىم مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش قاتارلىقلار . خېروشوف دەۋرىدە تېخى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر تاقالدى ۋە قايتا قۇرۇش چەكلەندى . نەتىجىدە ،مەسچىتلەر 1912-يىلىدىكى 26مىڭدىن ، 1975-يىلىدىكى 450كە چۈشۈپ قالغان . بۇ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنى مەدەنيەت ۋە روھىي جەھەتتىن قايمۇقتۇردى . سوۋىتنىڭ مىللەت كەمسىتىشى ۋە دىنغا بۇزغۇنچىلىق ئىسلام مەدەنيىتىگە زور زىيانكەشلىك بولۇپ قالدى . يۇقىرىدا ئيتىلغاندىن بۆلەك ،كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئەزەلدىن پىشىپ يىتىلگەن ۋە بىر تۇتاش بولغان ئىسلام مەدەنيىتىنى ئەمەليەت بىلەن قارشى بولغان كەمتۈك ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى ،يەنى ئىسلام دىنىدىكى زور يوقىتىش ۋە ئۆچمەنلىك ئىسلام دىنى سىستىمىسىغا قۇيۇۋىتىلدى.
ئىسلام دىنىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خاتالىقى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ يوقۇلىشىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان ،سوۋىت ئتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدىكى تىرىپىرەن بولۇشى ۋە پۇتىن دەۋرىدىكى چېچىن زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەسى ھەممىسى نەخ شۇلارنىڭ نەتىجىسىدۇر : خەق نىمىگە ئىشەنسە سېنىڭ نىمە چاتىقىڭ ؟ خەق ئارقىدا قالسا ياكى ئىلگىرلىسە ، نىمە ناخشا ئېيتىپ نىمە ئۇسۇل ئوينىسا سېنىڭ يولۇڭنى توسمىسا ئۆزەڭ خەقنىڭ ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلدىڭ،خەقنڭ ماكانغا بېرىپ قوراللىق دەخلى-تەرۇز قىلدىڭ ، تاياق يىىيىشىڭ خوپ بولدى ،ئۇنداق ئەمەسمۇ ؟ سوۋىتنىڭ مۇشۇنداق خاتا تەدبىرلىرى بولغاچقا ،روسىيە ھازىرغىچە بۇنىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتىدۇ . ئىلگىرى سوۋىت تەرىپىدىن دەخلى تەرۇزلۇققا ئۇچىرىغان كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ، تۈركىيە قاتارلىقلار بۇلارغا نىسبەتەن قورقۇنۇچ ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان ،ھەمدە تۈركىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ روسىيەنى بېسىشتىكى موھىم بازىسىغا ئايلانغان ، تۈركىيە ھەتتا ش ئا ئە ت نىڭ ئايرۇپىلان قوراشتۇرۇش بازىسى بولۇپ ، روسىيەنى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچىراتقان .
مەدەنيەت ياۋايىلار تەرىپىدىن كۆرۈنۈشكە كونتىرو قىلىنغاندەك بىر جەرياندا ، ۋەھشىلىك ،ياۋايىلىقنىڭ قەرزى گەدىنىگە چىقىپ بولغان بولىدۇ . شۇڭلاشقا يىغىلىشنى بىلىش ، باشقا نوقتىلاردىن تەپەككۇر قىلىپ تىزگىنلەش ،مەدەنىي كىشىلەر ،مەدەنىي سىياسەتنڭ ئەقەللىي ئەخلاقى . كۆپ سانلىق مىللەت دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى دەستەك قىلىپ ئاز ساندىكى مىللەتلەرگە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زورلۇق قىلسا ، بۇ ئەسلىىنلا مۇقامغا چۈشمەيدىغان ئىش ، بۇ خۇددى چوڭ ئادەمنىڭ كىچىك بالىنى بوزەك قىلغىنىدەكلا ئاسان ئىش ، سەن خوش بولامسەن ؟ سەن ھەقىقەتچىلمۇ ؟ مۇشۇنداق زىيانكەشلىك ئادەم قىلىدىغان ئىشمۇ ؟ يەنە تېخى ئۆزەڭنىڭ غەلبەڭنى نۇمۇس قىلماي كۆز - كۆز قىلامسەن ؟
مەنبە :http://blog.ifeng.com/article/22639416.html
ئەسكەرتىش: باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ |
|