قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 495|ئىنكاس: 4

ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 21:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن   


    غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر


              ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنى رەسمىي يوسۇندا بىلگەن ۋاختىم 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.شۇ كۈنى ئۇ لىكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىتى1977-يىللىق 2- ۋە 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە تارىخ پاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاكۇلتىتنىڭ بىرلەشمە زالىدا بىرلا ۋاقىتتا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق دەرسنى سۆزلەشكە كېرىپ كەلدى.ئۇنىڭ تۇرقىدىن شۇنداق تەمكىنلىكى، تېتىكلىكى، سالاپەتلىكى، چىرايىدىن شۇنداق خۇشخۇيلىقى، يېقىملىقلىقى، ۋۇجۇدىدىن شۇنداق سەمىمىيلىكى،ئاق كۆڭۈللۈكلىكى چىقىپ تۇراتتى. دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەممىمىزدە قانداقتۇر بىر خىل ھودۇقۇش، جىددىچىلىق كەيپىياتى بولغان بولسىمۇ، ئۇستازنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ ھەممىمىزدە بىردىنلا كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە قەلب مايىللىقى  كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دەرس باشلانغاندىن كېيىن بولسا ئۇستاز دەرس مەزمۇنىغا يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق، سۆزلەرنى،تەسىرلىك ھىكايىلەرنى  قىستۇرۇپ ماڭىدىغان بولغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن جەلىپكارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋىتەتتى.
            ئۇ شۇ تەرىقىدە 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى پەيشەمبە 1-،2-سائەتلىك ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا توپ-توغرا ئىككى يىل ۋاقىت ئىىچىدە بۇ دەرسنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا سۆزلەپ تۈگەتكەن ئىدى.ئۇستازنىڭ بۇ دەرسنى ئۆتۈشى تولىمۇ تەسكە چۈشكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.چۈنكى،‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار›› دىن ئىبارەت بۇ دەرسنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىدا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ۋە مۇنتىزىم دەرسلىك قىيلىنىپ مۇنبەرگە ئېلىپ چىقىلىشى مانا مۇشۇ ئۈستازدىن باشلىنىۋاتقان ئىدى.ئۇنىڭ دەرسلىك ماتىرىيالى يوق بولۇپلا قالماستىن، پايدىلىنىش ماتىرىيالىمۇ يوق ھىساپتا بولۇپ،مانا مۇشۇ تەستە تېپىش مۇمكىن بولغان ماتىرىياللارنى، دۆلەت ئىچىدە تېپىش مۇمكىن بولغانلىرىنى بولسۇن ۋە چەتئەلدە چىققانلىرىنى بولسۇن ئېرنمەستىن-زېرىكمەستىن تېپىپ، چاغاتايچە، روسچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە، خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ، تەھلىل قىلىپ،تۈرگە ئايرىپ، رەتلەپ، سىستىمىلاشتۇرۇپ، كونسىپىكلاشتۇرۇپ ۋە ھەزىم قىلىپ ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە دەرس قىلىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ جاپا چېكىشكە، نۇرغۇن تەر ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىپلا قالماستىن،بەلكى ئۇزۇن يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىگەن بولۇش،نەزىرىيە سەۋىيىسى،سىياسى سەزگۈرلىكى، پىسخىك ساپاسى يۇقۇرى بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تەرەپلەر ئىتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقى ئەقەللى ساۋات ئىدى.دېمەك،ئۇ ئۆزى ئۆتمەكچى بولغان دەرسنى 120دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىغا رازى بولغۇدەك ھالدا سۆزلەپ، ئەينى زاماندىكى ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن تاماملاپ،كەڭ ساۋاقداشلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.ئۇستازنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» دېگەن تىمىدا سۆزلەپ،ئاساس سېلىپ بەرگەن خاسىيەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك دەرسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىدا شاگىرتلىرى تەرىپىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىپ كېلىنمەكتە.
            مەن ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ ئەشۇ قېتىملىق دەرسى  باشلىنىش بىلەن تەڭلا بۇ دەرسكە خۇشتار بولۇپ قالغان ئىدىم.ئۇستازمۇ مەندىكى بۇ خىل ھېرىسمەنلىكنى ناھايىتى تىزلا بايقىۋېىلىپ،ماڭا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدىغان بولغان ئىدى.ئىككى يىللىق دەرس جەريانىدا خۇشتارلىق بىلەن ھېرىسمەنلىك چوڭقۇرلاپ،ئۆزىنى كۆرسىتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىدىغان ۋاقتىمدا ئۇستاز باشقا ئۇستازلار بىلەن دىمۇكىراتىك ئاساستا كېڭىشىپ،تەشكىلگە مېنى مەكتەپتە قالدۇرۇپ، ئۆزىگە شاگىرتلىققا تەربىيىلەشنى ئىلتىمىس قىلدى.مانا مۇشۇنداق سەۋەپ بىلەن مەن 1983-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم ۋە 1983-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»نامىدىكى ئىككى يىللىق،تۆرت مەۋسۇملۇق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئۆتۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋە مۇشكۇل ۋەزىپىگە تۈتۈندۇم.ئۇستازنىڭ ماڭا ئۆزى قان تەر بەدىلىگە تەييارلىغان كونسىپىكى بىلەن قوشۇپ بۇ دەرسنى مېنىڭ ئۆتۈشۈمگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى(ئۆزىمۇ قەرەللىك ھالدا دەرس ئۆتۈپ تۇراتتى) ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن باشقا،يەنە ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى، مەردلىكى، ئالدى-كەينىگە قاراپ ئىش قىلىدىغانلىقى،بىر كەسىپ،بىر ھۈنەر،بىر ئىلىمدە ئىز باسار تەربىيىلەشنىڭ موھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى كېيىنكى خىزمەت ئەمىلىيىتىم جەريانىدا چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىم ھەم ئۇنى ئۆزۈمگە ئۆمۈرلۈك مىزان قىلىپ تاللىغان ئىدىم.
            ئۇ يەنە مەن قاتارلىق پاكۇلتىتقا يېڭىدىن ئلىپ قلىنغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئالاھىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرغان ئىدى.ھەر قېتىم كافىدىرا يېغىنى ئاچسا:سىلەر ياشلار ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە پۇت دەسسەپ تۇرىمىز ،بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىمىز   دەيدىكەنسىلەر ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدرىڭلار ۋە نەتىجەڭلار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.شۇڭا بىر قولۇڭلاردا دەرس ئۆتۈشنى،بىر قولۇڭلاردا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىشنى چىڭ تۇتىشىڭلار كېرەك ۋە بۇنى ئۆمۈرلۈك خىزمەت پىلانى قىلىشىڭلار لازىم دەپ جىكىلەيتتى. مانا مۇشۇ خىل جىكىلەشنىڭ تۈرتكىلىكىدە مەن ۋە باشقا بەزى ساۋاقداشلىرىمىز  ياش چاغىدىن باشلاپلا ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشىپ كېتىپ،ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
           ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1978-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە مائارىپ ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، مۇنتىزىم ئوقۇتۇش يۈرۈشۈلگەندىن باشلاپ تاكى 1995-يىلى پىنسىيىىگە چىققانغا قەدەر ئۇقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى.يەنە ئىلمىي تەتقىقات، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ساھەسى بويىچە ئىلمىي ئىزدىنىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر كۈنمۇ توختاتمىغان ئىدى.ئۇ ئىلمىي ھاياتىدا 100پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئىلان قىلدى.« ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» تېمىسى بويىچە يەتتە توملۇق كىتاپ يېزىپ نەشىر قىلدۇردى.ئۇ يېزىپ چىققان كىتاپلارنى خېمىرتۇرۇچ قىلغان ھالدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس»(1987-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (2001-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (ئىككى قىسىم،2001- يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى» (ئىككى قىسىم، 2004 -،2005 - يىللىرى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ( 2012- يىلى نەشرى) قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ ياكى تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوملىرىنىڭ دەرسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشقانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ رازىمەنلىكىمنى ئىزھار قىلماي تۇرالمايمەن.
            بۈگۈنكى كۈندە مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى پەنى بويىچە پروفىسسۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش بىلەن بىرگە مۇشۇ ساھەدە ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بىرەر مەۋسۇممۇ دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلمىغان 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىنى ھازىرلىدىم.32نەپەر ئاسپىرانتنى قولدىن چىقاردىم.يەنە 7 نەپەر ئاسپىرانتنى يىتەكلەۋاتىمەن.نەچچە يۈز پارچە ماقالە،ئون نەچچە پارچە كىتاپ يېزىپ چىقتىم.بەش تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغا يىتەكچىلىك قىلدىم.بەش تەتقىقات تىمىسىغا قاتناشتىم.دۆلەت ۋە خەلقارالىق يىگىرمە نەچچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىپ ماقالا ئوقۇدۇم.ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەر مېنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك خىزمەتكە ۋە ئەھمىيەتلىك نەتىجىگە ئىرىشىمگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغانلارنىڭ بېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەڭگۈلۈك ھۆرمەتلىشىمگە، پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىيدۇ،ئەلۋەتتە.
تۆۋەندە ئۇستازنى ئېمىلىي ھەركىتىم بىلەن ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا يازغان تەقرىز ماقالامنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن.

  بىرىنچى تەقرىز:
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»نى ئوقۇپ.....
.

        ئۇيغۇر خەلقى ياراتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.لېكىن ھازىرغىچە بۇ مىراسلارغا بىرقەدەر ئومۇمىي يۈزلۈك تەھلىل يۈرگۈزگەن بىرەر كىتاب يوق ئىدى.شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى يېقىندا نەشىر قىلغان يولداش شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»نىڭ1-قىسمى بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.                                                      
      «ئوچېرىكلار»دىن شۇ نەرسە ئېنىقكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن،مەزمۇنى باي،تۈرى خىلمۇ-خىل،ئۇئۇزاق زامانلارنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى خاتىرىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس،بەلكى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بەدىئىي ئۆرنىگى.شۇڭا ئۇنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش،جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ،بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش ئىنتايىن زۆرۈر.                                                                     
        ئاپتور بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ،رىيال تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا تەرەققى قىلىپ ئۈزلۈكسىز زورايغانلىقىنى ئىمكان قەدەر ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلغان ۋەشەرھىلىگەن.                 
بىز«ئوچېرىكلار»دىن ئېغىز ۋە  تىن ئىلگىرىكى توتىمىزىم ئېتىقادى،شامان، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددا ۋە مانى دىنلىرى دەۋرىدە يارىتىلغان كۆپلىگەن نەمۇنىلەرنى،بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەرنى كۆرىمىز.شۇنداقلا ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نامايەندىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس مەلۇمات ئالىمىز.ئاپتور كىتاپتا ھەر قايسى تارىخىي دەۋىرلەردە ياشىغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ  ئەسەرلىرىدىكى ئىپادىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن،شۇنداقلا ئەسەرلەردىكى مەركىزىي ئىدىيىلەرنى خېلى روشەن شەرھىلەپ بەرگەن.      
          «ئوچېرىكلار»نىڭ ئالاھىدىلىگى ئوبرازلارنى تەھلىل قىلىشتا كۆرۈلىدۇ.ئاپتور كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا ھەرقايسى ئەسەرلەرنىڭ شۇ تارىخىي دەۋرىنىڭ روھى قىياپىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بەدىئىي ئوبرازلارنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇشقاۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشقا دىققەت قىلغان.ئالايلى، «چىستانى ئىلىگ بەگ»، «ئوغۇزنامە»،«بۆگۈ خان رىۋايىتى»قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئىلىگ بەگ،ئوغۇزخان،بۆگۈخانلارنىڭ خەلىقپەرۋەر،ئەركىنلىك،ھۆرلۈككە تەلپۈنىدىغان، مۈشكۈل- جاپادىن،ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق ئوبرازى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان.                                       
        دەۋر روھىغا ئىگە بولۇش ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ئاپتور «ئوچېرىكلار»دا،ئۆزى توختالغان ئەسەر ۋە ئوبرازلارنىڭ دەۋر روھىنى،مىللىي خۇسۇسىيىتىنى  ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ،ئۇنىڭغا ماتېرىيالىستىك قاراش بويىچە تەھلىل يۈرگۈزگەن ھەم كىتاۋىنىڭ تۈزۈلىشىنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان.                                    
بۇنىڭدىن باشقا،بۇ كىتاپتا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتە رىۋايەتتىن ئېپوسلارغا،يىرىك داستانلارغا تەرەققىي قىلىش جەريانى،رىيالىزىم بىلەن رومانتىزىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى،ئەدەبىيات شەكىللىرى،ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، مەزمۇن، ئىجادىيەت مىتوتى قاتارلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، مۇكەممەللىشىپ بارغانلىقىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.                                                
          ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە باتۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىي،دىننىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تەبىئەت ۋە جەمىيەت ھادىسىلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى، ئۆرپ-ئادىتى، قەدىمى تىل خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتە بىزگە خېلى كۆپ ئەمىلىي بىلىم بېرىدۇ.         
شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى،«ئوچېرىكلار»دا مەلۇم كەمچىللىكلەرگە يول قويۇلغان.ئاپتور توختالغان ئەسەرلىرىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى،ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە كۆپرەك توختىلىپ،ئەسەرنىڭ مەزمۇنى،بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە بەزىدە ئەتراپلىق،چوڭقۇر توختىلالمىغان،ئاپتورنىڭ كىتاپنىڭ 2-قىسمىنى ئىشلىگەندە بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇستازنىڭ بۇ كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ،شۇ كەمگىچە رەسمىي نەشرىياتتا نەشر قىلىنغان ھەم شۇ تىمىغا بېغىشلانغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.                                    
مەنبە: بۇ تەقرىز«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ  1983-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان.
(《评< 维吾尔古典文学史概论>一书》《新疆日报》1983年  4月23日。)

ئىككىنچى تەقرىز:
«ⅩⅨ ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق كىتاپ ھەققىدە...  
   

             ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996-يىلى نەشر قىلىنغان ئىككى توملۇق «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق بۇ يىرىك ئەسىرى .مەخسۇس  19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا بېغىشلانغان .چۇنكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە .باي ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى نوقتىسىدىن قارىغاندا ،19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ؛تېمىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە رەڭدارلىقى ،مەزمۇنىنىڭ بايلىقى ھەم بەدىيلىكىنىڭ يۇقىرلىقى ،جۇملىدىن ئالغا سۈرگەن ئېستىتىك غايىسىنىڭ ئىلغارلىقى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىر يۈكسەك چوققا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئەنە شۇ چوققىنى ياراتقان يىرىك مۇتەپەككۇر شائېرلار مۇھەممەد سادىق كاشغەرى ،ئابدۇرېھىم نىزارى ،زىيائى ،تۇردى غېرىبى ،موللا شاكىر ،ناقىس ،موللا بىلال نازىمى ،تەجەللى قاتارلىقلار ئەنە شۇ دەۋىرنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت.
         ئسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بېرى پارتىيە –ھۆكۇمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەشكىللەپ يازدۇرغان ياكى شەخسلەر يېزىپ چىققان ھەم نەشىر قىلدۇرغان ،جۈملىدىن چەت ئەللەردە نەشىر قېلىنغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلاردىن بىر نەچچە پارچىسى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ ،بۇلاردا قىسقىچە ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىشنىلا ئاساس قىلغان .لېكىن ھەر بىر دەۋىر ئەدەبىياتىنى ،شۇنداقلا كلاسسىك ئەدەبىياتتا گۈللەنگەن ۋە باي 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى مەخسۇس ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر يوق ئىدى .
  ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرى يۇقىرىقى تارىخى ۋەزىپىنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنلىدى دېيىشكە بولىدۇ.
           بۇ جايدا مۇنۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۇش زۆرۈر دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇكى ،ئسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ،7-ئەسىردە سىياسىي سەھنىگە چىققان ئەرەبلەر ھىندى قولتۇقىدىن تارتىپ ئسپانىيگىچە بولغان ئۈچ قىتئەنى بېسۋىلىپ ،غايەت زور ئەرەپ ئىمپېرىيسىنى قۇردى .ئۇ بىسۋالغان بۇ كەڭ زىمىندىكى خەلىقلەرنى يېڭىلا قەبىلىچىلىكنى بېشىدىن كەچۇرگەن ئەرەبلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،ئۆز دەۋرى ئۈچۈن غايەت زور مەدەنىيەتلىك خەلىقلەر ئىدى .
           ئەرەپ ئىمپېرىيسى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن ،ئۆزى بېسۋالغان بۇ كەڭ زىمىندىكى مەدەنىيەتلىك خەلىقلەرنىڭ ئالملىرىنى باغداتقا يىغىپ (بۇلارنىڭ كوپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىم ،مۇتەپەككۇرلىرى ئىدى )تا شۇ كۈنگىچە شەرىق ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ئنسانىيەت«ئودىسسىيە » بىلەن «ئىسكەندىرىيە »گە توپلىغان ،بىلىم جەۋھەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ قايتا ئۆزلەشتۇرۇپ ،غايەت باي مەدەنىيەتنى ياراتتى .مانا بۇ مەدەنىيەت ھەركىتى شەرىق ئويغىنىش دەۋرى دەپ ئاتالدى .9-ئەسىردىن باشلانغان بۇ مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىنىڭ تەسىرىدە 14-ئەسىردە ئىتالىيدىن باشلانغان غەرب – ياۋۇرپانىڭ ئويغىنىشى مەيدانغا كەلدى .ھازىرقى زامان شەرىقشۇناسلىرىنىڭ يۇقىرىقى خۇلاسىسى«بۇرۇن مەدەنىيەت ئويغىنىشى غەربتە بولۇپ كىيىن شەرققە كەلگەن »دېگەن غەرب مەركەزچىلىك كونا نۇقتىينەزىرىنى تەۋرىتىپ قويدى .
   ئەمدى ئوزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك .ئىنسانىيەتنىڭ ئاشۇ كۈنگىچە «ئودىسسىيە » بىلەن «ئىسكەندىرىيە»گە توپلىغان بىلىم جەۋھەرلىرىنى باغداتقا يىغىلغان ئالىملار تەتقىق قىلىپ قايتا ئۆزلەشتۇرگەندە ،شەرق مۇسۇلمان مەدەنىيتىگە ،پىلاتۇنىزىم ئىسلام ئىېتىقادى تونىنى يىپىپ ،سۇپىزىم (تەسەۋۋۇپ شەكلىدە ) ئارىستولىزىم ئوتتۇرا ئەسر پەلسەپىسىدىكى ئەڭ ئىلغار دۇنياغا قاراش سۈپىتىدە پانتىزىم بولۇپ شەكىللەندى .
         بۇ ئككى پەلسەپىۋى قاراش مۇسۇلمان شەرق مەدەنىيتى ۋو ئۇنىڭ بىر تەركىبى بولغان كلاسسىك ئەدەبىياتقا ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى كىرگەندىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيتى بىلەن ئەدەبىياتىغا باشتىن –ئاخىر سىڭىپ كەتكەن .شۇڭا مەيلى مۇسۇلمان شەرق ئەدەبىيياتى بولسۇن .مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن كىيىن مەيدەنغە كەلگەن ئەدەبىياتىنى تەھلىل قىلغاندا بولسۇن ،يۇقىرىقى سۇپىزىم بىلەن پانتېئىزىملىق دۇنيا قاراشلىرىنىڭ تەسىرىنى ئېتىبارغا ئالماي تۇرۇپ تەھلىل قىلىش مومكىن ئەمەس.
            ئۇستاز شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ  19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا بېغىشلانغان بۇ ئككى توملۇق كىتابىدا ،ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىغا باشتىن –ئاخىر سىڭگەن سۇپىزىم بىلەن پانتېئىزىم ئىدىيۋى شەكلىنى تەھلىل قىلغاندا ،ماركىزىملىق مەيدان ،نوقتىئىنەزەر ۋە ماركىستىك ئېستىتېكا ،ئۇسۇلى ئاساسىدا قاتلاممۇ قاتلام .كەڭ چۇڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ ۋە .ئەدەبىي مىراسلارغا ماركىستك تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىش پىرىنسىپى بويچە مۇھاكىمە ئېلىپ بىرىپ ،ھەر بىر شائىر ئىجادىيتىدىكى پانتېئېستىك ئىلغار ئىدىيلەرنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ پاسسىپ ،چۈشكۇن ،سۇپىستىك خاھىشلارنى قەتئىي تەنقىد قىلىپ ،كىتابىخانلارنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ئىبىرەت ئىلىشى لازىملىقىنى مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسكەرتىدۇ .ئاپتۇرنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى نوقتىئىنەزىرى ۋە ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلمى تەھلىل قىلىش تەتقىقات خاراكتىرىنى ئىپادىلەيدۇ .

  ئۇستاز شەرىپىدىن ئومەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى  

          شەرىپىدىن ئومەر 1934-يىلى ئېلىدا دۇنياغا كەلگەن .كىيىن ئائىلىسى بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1946- يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»، «يېزىقچىلىق»،  «ھازىرقى زامان سوۋېت ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ كەلگەن.
          1956- يىلى ئۇ تاشكەنىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنۋېرستىتىغا بېرىپ، ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ئىلمي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1980- يىللىرىدىن باشلاپ، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلار»، «ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»،« ⅩⅨئەسردىكى ئۇيغۇر  ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. تۇنجى ئالىي مەكتەپ دەرسلىك كىتابى  بولغان ئۈچ توملۇق  «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1993-1995-1996-يىللىرى نەشرى)، خەنزۇچە«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشرى) قاتارلىق قۇرال كىتاپلارنى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇ يەنە «‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ بەدىئىي مېتودى توغرىسىدا»، «شەرق ئويغىنىش دەۋرىنىڭ سەركەردىسى- يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، « شەرق خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىيەت تەسىرى»قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىى ماقالە ئېلان قىلغان .ئۇنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىدىن ئوچىرىكلار »دېگەن كىتابى 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە ئوتكۈزۇلگەن پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر بويچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
         ئۇ يەنە 1951-يىلى «ئالغا گېزىتى»دە بېسىلغان«سېڭلىمغا»ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە قەدەم قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە «كاككۇك يەنە س زايرىدى»،«ئىجاتكارلار»،«ئالۋاستى»،«بۇ نىمىنىڭ كۆلەڭگىسى »،(بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ). «تۆمۇر ئادەم »،«مىنىڭ قەلبىمدىمۇ ھەيكەل بار»،«ئاخىرەت» قاتارلىق 20 گە يىقىن پوۋسېت،ھىكايە فىليەتۇنلارنى ئېلان قىلغان .
         ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەر بىر ئۆمۇر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ،كۆزگە كۆرۇنەرلىك نەتىجە ياراتقانلىقى ئۈچۈن 1982-يىلى فىلولوگىيە پەنلىرى بويچە دوتسېنىت ئۇنۋانى، 1986-يىلى فىلولوگىيە پەنلىرى بويچە پروفېسسور ئۇنۋانى ئالغان .ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تىما قېلىپ تۇنجى قېتىم ماگىستىر ئاسپېرانىت قوبۇل قىلىپ ،كۆپلىگەن ئاسپىرانىتلارنى تەربىيلىگەن . شۇنداقلا مائارىپ ساھەسىدە ئىزچىل ئۇنۇملۇك ئشلەپ كەلگەنلىكى ئۇچۇن گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مائارىپ ساھەسىدە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن » دەپ ئەنگە ئىلىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى بەرگەن.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى «قۇتادغوبىلىك ئىلمىى تەتقىقات جەمىيتىنىڭ ئەزاسى »ۋە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمىئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.


ــــ ئۈرۈمچى ــــ
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تامام بولدى.

                                                         

0

تېما

0

دوست

1223

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20842
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 15:22:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز شىرىپىدىن ئومەر ھەقىقەتەن ھورمەتلەشكە تىگىشلىك موتەپپەككور ئۇستازلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۇستاز يازغان  ‹‹ئۇيغور كىلاسسىك ئەدىبىيات تارىخىدىن ئوچىرىكلار ››ناملىق كىتاپ تولىمو چوڭقور تەتقىقات ئۇستىگە يىزىلغانلىغى  تۇنجى قىتىم  ئوقىغىنىمدا مىنى تولىمو ھاياجانلاندورغانلىغى  ھازىرمو ئىسىمدە
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25142
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 19:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئۇستاز ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولمىسام كېرەك...

1

تېما

2

دوست

2171

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22857
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 638
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 19:49:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dixwari يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 15:22
ئۇستاز شىرىپىدىن ئومەر ھەقىقەتەن ھورمەتلەشكە تىگىشلى ...

مەن ئۇ كىشىنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئانچە ياقتۇرمايمەن،نۇرغۇن كلاسسىك ئەدپلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى ماتىرىيالىزم بىلەن سۈپەتلەشكە بەك ئامراق.

3

تېما

1

دوست

1080

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 16:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرائىم مۇتئى توغۇرلۇق بىر ماقالە  باتتى  كىمدە بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )