قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 4

مۇنداقمۇ كىشىلىرىمىز بار (پروفىسور ئابلەت ئۆمەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 22:29:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                                              
                                       
                     ئەدەبىياتشۇناس،پروفىسسۇر  ئابلەت ئۆمەر

                                                       غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

             ھۆرمەتلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر  (1938-2000) يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خاس ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيە ئوقۇشلۇقىنى تۈزۈش،مىللىي ئەدەبىيات نەزىرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە  شەكىللەندۈرۈشتە باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئۇستاز ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى،  ھەم ئالىي مەكتەپتە ئەدەبىيات نەزىرىيسى پەنى  بويىچە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان تۈنجى پرۇفىسۇر،تۇنجى ماگىستىر يىتەكچىسى. ئۇنىڭ ئالىي   مەكتەپ دەرسلىكى بولغان «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزىرىيىسى» (ئىككى قىسىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى دەرسلىك ماتىرياللار بۆلۈمى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ماي بوياق شەكلىدە   بېسىپ تارقاتقان، 1979-يىلى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى بىلەن ئاددى ئاق باسما شەكلىدە مىق مەتبەدە باستۇرۇلغان)، ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا يېزىلغان «ئەدەبىيات نەزىرىيسىى» (شىنجاڭ  مائارىپ نەشرىياتى 1983- يىلى نەشرى)، «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئاساسلىرى» (ئىككى قېسىم،شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتىتى1997 -يىلى نەشرى)  قاتارلىق دەرسلىك كىتاپلار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان تۈنجى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە  «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئاساسلىرى» ناملىق دەرسلىك بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە ئالىي مەكتەپلەردە قوللىنىلماقتا. بۇ سەھەدە بۇ كىتاپ يىگانىلىقى بويىچە قىممەتلىكتۇر.چۈنكى يېڭى جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈزۈلۈپ ۋە نەشىر قىلىنىپ 30 نەچچە يىل ئالىي ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە دەرسلىك قىلىنغان قوللانمىلىق كىتاپتىن پەقەت مۇشۇ بىرنىلا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇستازنىڭ يەنە  «ئەدەبىيات نەزىرىيىسىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر» (مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشر قىلىنغان.مەخسۇس كىتاپ)، «ئەدەبىيات ۋە تۇرمۇش» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشرى)، «كىنو سەنئىتى توغرىسىدا» (مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى نەشرى) قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە «ماركىس، ئېنگېلېس، لېنىن، سىتالىن ئەدەبىيات- سەنئەت نەزىرىيىسىگە دائىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما» (ئۈچ قسىم،1982 -يىلى، مۇھەممەتجان سادىق بىلەن ھەمكارلىشىپ يازغان)، «ئەدەبىيات ئوقۇتىشىغا دائىر پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى» قاتارلىق دەرسلىكلىرى بېسىلغان ۋە ئۇزاق يىللارغىچە ئالىي مەكتەپلەردە قوللانما قىلىنغان.
   ئۇستاز ئابلەت ئۆمەر ئۆز كەسپىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلارنى سۈپەتلىك،يۇقۇرى سەۋىيىلىك ھالدا يېزىپ چىقاتتى.ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى ماقالىلىرى 1960-يىللىرىدىن باشلاپلا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان.شۇنداق ئىيتىشقا بولىدۇكى،ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىسىگە دائىر خەنزۇ تىلى بىلەن يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىلمىي ماقالا يازالايدىغان ۋە نوپۇزلۇق گېزىت-ژوناللاردا ماقالا ئىلان قىلىدىغان باشلامچى تەتقىقاتچى ھىساپلىناتتى.تولۇقسىز سىتاتىستىكىغا قارىغاندا ئۇنىڭ  250 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئىلان قىلىنغان.جۈملدىن «نەنجىڭ گېزىتى»دە ئەدەبىيات نەزىرىيىسىگە ئائىت ماقالىسى ئىلان قىلىنغان.
   ئۇستاز ئابلەت ئۆمەر  ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ساھەسىدە  يەنە ئىلمىي ھەمكارلىق خىزمىتىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى.مەسىلەن،بۇنىڭ مىساللىرى قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇ 1985-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئالىي مەكتەپ دەرسلىك پىلانىنى تۈزۈپ  بەش توملۇق«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»نى يېزىپ چىقماقچى بولغان ئىدى.پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر بۇ كىتاپنىڭ ئۈچ توملۇق قەدىمكى زامان قىسمىنى يېزىش ھەيئىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە،ئۇنىڭ بىرىنچى تومىنى   تەھرىرلەش  ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ،بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگەن ئىدى.بۇ كىتاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996-يىلى نەشر قىلىنىپ  دەرسلىك قىلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرلغان . پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر يەنە ئالىي مەكتەپ دەرسلىك پىلانىغا كىرگۈزۈلمەكچى بولغان بىر توملۇق خەنزۇچە «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»ناملىق كىتاپنىمۇ يېزىش-تۈزۈش خىزمىتىگىمۇ قاتناشقان ئىدى. بۇ كىتاپ 1998-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
    ئۇستاز ئابلەت ئۆمەر شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى بىر تۈكۈم ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىچىلىرىنى تەشكىللىپ ۋە ئۇلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ «ماركىس-ئېنگېلېسلارنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيىسى شىنجاڭدا» («马列文论在新疆») دېگەن دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ 8-بەش يىللىق تۈر پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن تەتقىقات تۈرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغان ئىدى.
   ئۇستاز ئابلەت ئۆمەر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغىللىنىپ،بىر قىسىم شىئىر،ھىكايىلەرنى يېزىپ ئىلان قىلغان.
پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى،ئاڭ سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك خىزمىتىنىڭ رولىنىڭ خېلى چوڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ،بۇ ساھىدىمۇ ئەجىر قىلىپ مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇ داڭلىق ئەدىپ ساۋيۈنىڭ«گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر»ناملىق درامىسىنى، «لۈشۈن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»،چىن چىتۇڭنىڭ«مىڭلىغان تاغ-دەريالار»، يەنە «ۋۇسۇڭ »،«چاۋگەي»،«ئارزۇ»،«چەتئەل ئەدىپلىرى ھەققىدە ھىكايە»(شۈجيالىنىڭ ئەسىرى) قاتارلىق تېلىۋىزىيە درامىسى قاتارلىق ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
    پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر  ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ماركىسىزىملىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىتىسى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەتئەت ئەزاسى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو لۈشۈن تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،شىنجاڭ«قۇتادغۇبىلىك»تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تىل تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ بۇ بىر قاتار   ئىلمىي جەمىيەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان.
   ئابلەت ئۆمەر مۇئەللىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئەڭ  لاياقەتلىك پىداگوگى،  ئۇستاز ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلاپ ئۆتەتتى.نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى قوشۇپ بايان قىلىشقا ماھىر ئىدى.ئۇ ئوقۇتۇش بىلەن دەرسلىك تۈزۈشنى   ۋە تەتقىقاتنى ئىلمىي ھەم توغرا بىرلەشتۈرۈپ چىقىشقا ماھىر بولغان، شۇنداقلا بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىپ، كەسىپداشلىرىنىڭ،زامانداشلىرىنىڭ ۋە تەشكىلى ئورگانلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا نائىل بولغان. ئابلەت ئۆمەر مۇئەللىم سىنىپتا ،دەرس مۇنبىرىدە دەرسنى جانلىق، چۈشىنىشلىك،جەلىپ قىلارلىق ھالدا ئۆتەتتى.ئىپادىلەش نۇتقى ۋە تەلەپپۇزى ئالاھىدە ياخشى ۋە تولىمۇ ئۆلچەملىك ئىدى. دەرس مەزمۇنىنىڭ قىزىقارلىق، ئەمىلىيەتچان بولىشىغا ئەھمىيەت بىرەتتى.ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش سورۇنىدا  كىيىىنىش، ياسىنىش، يۈرۈش-تۇرۇش،گەپ-سۆز، ھەركەت- مۇئامىلە، سالام-سائەت قاتارلىقلارغا بەك ئەھمىيەت بىرەتتى.ئۇستازنىڭ دەرس سۆزلەشتىكى جانلىقلىقى،تەلەپپۇزىدىكى ئۆلچەملىكلىكى ۋە كىلىشىملىكى، سالاپەتلىكلىكى بىلەن كەسىپداشلىرى،شاگىرىتلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان. مەن بۇ جەھەتتىن ئۇستازنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى دىسەم بولىدۇ.دائىم ئالىي مەكتەپ دەرس سىنىپىغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كىرگىنىمدە ئۇستازنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا بىر قېتىم نامايەن بولىدۇ.
     ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە  دەرس ئۆتۈشتىكى مىتودىنىڭ ئۆلچەملىكلىكى،تەلەپپۇزىنىڭ توغرىلىقى ۋە يۇقۇرىلىقى ھەققىدىكى   داڭقى 1960-يىللاردىن باشلاپلا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى،جۈملىدىن مەملىكەت ئىچىگە تارقىلىشغا باشلىغان. خۇسۇسەن مەن 1979-يىلى 9-ئاينىڭ باشىدىن باشلاپ،بۇ ئۇستازنىڭ «ئەدەبىيات- سەنئەت نەزىرىيىسى» دېگەن دەرسىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ دەرسخانىسىدا رەسمى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدىم.يىتىلگەن پىداگوك   دەرسنى ئۆلچەملىك،ئۈنۈملۈك ۋە ماھارەت بىلەن ئۆتەتتى. دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلايتتى. سىنىپقا كىرگەندە يارىشىملىق، سۈپەتلىك،پاكىز كىيىنىپ كىرەتتى. دەرس مۇنبىرىدە تەبەسسۇم،ئىللىق چىراي بىلەن تىك تۇرۇپ،سالاپىتىنى ساقلىغان،قەددىنى رۇسلاپ، ئۇرغۇلۇق، جاراڭلىق، جانلىق، تەسىرلىك،ئۆلچەملىك تىلدا    دەرس سۆزلەيتتى. بۇنداق دەرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش،تەپەككۈرىنى ئېچىش، قەلبىنى ھاياجانغا سېلىش، ئۆزلىشىش نىسپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ئىدى.
ئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى يەنە بىر تۆھپىسى دەرسلىك قوللانما تۈزۈش خىزمىتىدە كۆرىلىدۇ.دۆلىتىمىزدە، بولۇپمۇ شىنجاڭدەك مىللىي رايۇنلاردا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزۈش، باستۇرۇش، نەشر قىلدۇرۇش يۇقۇرى  ئىلمىيلىكنى، يۈكسەك دەرىجىدىكى سىياسىيۋىلىكنى،پىشقان ئىقتىدارنى ۋە تاۋلانغان ماھارەتنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل كەسپىي خىزمەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  1970-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل- ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغان كەسپلەردە دەرسلىك قوللانمىلىرى قوليازما- كونسىپىك   ۋە ماي بۇياق شەكلىدە بېسىپ تارقىتىپ كېلىنگەن ئىكەن. ئابلەت ئۆمەر مۇئەللىم بۇ خىل ئەھۋالنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلىپ، «ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىسى» ناملىق كونسىپىكىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، ئۇيغۇر يېڭى يېزىق شەكلىدە ئاق باسما (مىق مەتبەلىك نۇسخا) قىلىپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ دەرسلىك ماتىرىياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن 1979-يىلى ئەتىيازدا باستۇرغان. تولىمۇ سىپتا،سۈپەتلىك ئىشلەنگەن بۇ كىتاپ شۇنىڭدىن باشلاپ 1984-يىلى يازغىچە دەرسلىك قىلىنغان.1984-يىلى ئەتىيازدا ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا كوللىكتىپ تۈزۈلگەن «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى» ناملىق كىتاپ «ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك» دېگەن سەرلەۋھە (ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقى)بىلەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى 2-ئايدا رەسمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە «ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك» دەپ تەستىقلانغان «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئاساسلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ بىرىنچى تومى ئۇستازنىڭ شەخسى نامىدا،ئىككىنچى تومى ئۇنىڭ مەسئۇللىقىدا كوللىكتىپ تەييارلىنىپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى 6-ئايدا نەشر قىلىنغان.مانا مۇشۇنداق قىلىپ، تۆھپىكار ئۇستاز ئابلەت ئۆمەر يازغان ۋە تۈزگەن ياكى مەسئۇللىقىدا يېزىلىپ نەشر قىلىنغا ن«ئەدەبىيات نەزىرىيىسى»گە دائىر دەرسلىك كىتاپلار 1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلىرىدا بىر تۇتاش دەرسلىك قىلىنىپ ئومۇميۈزلۈك ھالدا قوللىنىلىپ كېلىنمەكتە.شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەڭ ئوقۇغۇچىلار،ئاسپىرانتلار ۋە باشقا كەسپداشلارنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيىسى»گە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلىۋىلىشىغا مۇھىم تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەنمەكتە.ئۇيغۇر ئالىي مائارىپ تارىخىدا يىگانە دەرسلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن 30-40  يىللاپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى» ھەققىدىكى دەرسلىكنىڭ تۈزگۈچىسى پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ تارىخىي ئورنى كىشىلەرنىڭ سۆبىكتىپ باھاسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ،ئوبىكتىپ مەۋجۈتلۇققا ئايلىنىپ كەتكەن.
    مەن ئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭ  بىرىنچىدىن،  دەرس ئۆتۈشتىكى ماھارىتى، ئىككىنچىدىن دەرسلىك تۈزۈش جەھەتتىكى پىداكارلىقىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى.بولۇپمۇ،مەن ئۇستازنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىك كىتابىنى  تۈزۈشتىكى ھارماي-تالماي ئىشلەشتەك جاسارىتى،مەسئۇلىيەتچانلىقى،ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە كوللىكتىپچانلىق،ھەمكارلىشىش روھىدىن ئۈلگە ئالغان.شۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئالىي مەكتەپ،ئالىي تېخنىكوم دەرسلىكلىرى بولغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»دەرسلىكىنىڭ يەتتە قېتىملىق تۈزۈلىشىگە قاتناشتىم،تۆت قېتىملىقىنى شەخسى تاماملىدىم،ئىككى قېتىملىق نەشرگە يىتەكچىلىك قىلدىم.بولۇپمۇ،ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنى كوللىكتىپ تۈزگەندە ئۇنىڭ نوپۇزى ئالاھىدە يۇقۇرى،ئىشلىتىچانلىقى كەڭ،تەسىرى چوڭقۇر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىيتقانلىرى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ تەسىرىدە،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ناملىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىنىڭ ئۆلچەملىك،يېڭى نۇسخىسىنى كوللىكتىپ تۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلدىم.ئەمىلىيەت،ئۇستازنىڭ دېگەنلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۆزۈممۇ بۇ ساھەدە ئىشلىگەن ئىشىمدىن مەمنۇن   بولدۇم.  
   ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇشنىمۇ تىلغا ئېلىشىم كېرەك.مەن ئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭ دەرسلىك كىتابىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان،ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ بىلىم قۇرۇلمامنى مۇستەھكەملەشتە كەم بولسا بولمايدىغان قوللانما دەپ بىلىپ كەلگەن  بولساممۇ، ئەمما،ئىككى پارچە ماقالامدا ئۇستازنىڭ نوپۇسلۇق كىتاپ، دەرسلىك قوللانمىلىرىدىكى ئىككى نۇقتىغا، يەنى«بايان» ۋە«نەسىر»نىڭ تەبىرى ھەم ئالاھىدىلىكى توغرىسىدكى قارىشىغا  قارىتا ئۆزگىچە  قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە ئىلان قىلىشقا   توغرا كېلىپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،كەسپداشلار ئارىسىدا غەيرى ئىنكاسلار، جۈملىدىن قوبۇل قىلالماسلىق ساداسى ئوتتۇرىغا چىقتى.مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم،ئۇستازنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن قۇسۇر تېپىش ئەمەس بولۇپ،پەقەت قىسمەن،ئايرىم نۇقتىلار توغرىسىدىكى ئايرىم -ئۆزگىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىدى.شۇنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇكى،دۇنيادا،پەن (بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن) دە مۇتلەق توغرا ھۆكۈم، ئۆزگەرمەس قائىدە،تەبىر بولغان ئەمەس.شۇ جۈملىدىن،ئۇستازنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى،قوللانمىلىق دەرسلىك كىتاپلىرىنىڭ ھەممە مەزمۇنلىرىنى يۈزدە-يۈز توغرا دەپ باھالىنىدىغان بولسا،ئۇنداقتا بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويۇلغان بولىنىدۇ. شۇڭا، مېنىڭ ئۇستاز ئابلەت ئۆمەرنىڭ كىتاپلىرىدىكى ئايرىم نۇقتىلار توغرىسدا دېگەن ئۆزگىچە قاراشلىرىم قىسمەنلىك،ھادىسىۋىي مەسىلىلەر بولۇپ،ئومۇمىيلىققا ئىگە،ماھىيەتلىك پىكىرلەر ئەمەس. شۇنداق ئىيتىشقا بولىدۇكى،ئۇستازنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ مۇنبىرىدە ئۇيغۇر تىلدىكى «ئەدبىيات-سسوبىكتىپ ھىسسىياتقا تايىنىپ، كۆپتۈرمىچىلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمىلىي تارىخنىڭ كۆركەم بەتلىرىگە يېزىلىپ بولۇنغان.
   پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئەينى يىللاردىن باشلاپ جەمىيەتتە قىزغىن ئالقىشلانغان،ئىلمىي ۋە تەشكىلىي ئورگانلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. مەسىلەن،ئۇستازنىڭ «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى»ناملىق دەرسلىك كىتابى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نەتىجە مۇكاپاتىغا، «ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ئاساسلىرى»ناملىق دەرسلىكى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،«كۆرەشچان يىللارنىڭ زەپەر مارشى»،«بىزنىڭ باغچىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەدەبىي ئوبزورى ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ ئىقتىدارلىق پىداگەوكنىڭ   ھايات چېغىدىكى  تەرجىمىھالى«دۇنيادىكى جۇڭگۇلۇق مەدەنىيەت ئەربابلىرى تەزكىرىسى»،«جۇڭگو ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى تەزكىرىسى»قاتارلىق كاتتا قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن.
   ئۇستازلار ئۇستازى پروفىسسۇر ئابلەت ئۆمەر  قەشقەر شەھىرىدىن بولۇپ، 1938 -يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان. قەشقەر شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ،  1949 –  1952 –يىللىرى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە  ئوقۇغاندىن كېيىن، سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1953 – يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن تاللىنىپ،  بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. 1958 – يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەندىن كېيىن تاكى 1998-يىلىغىچە  توپ-توغرا 40 يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئەدەبىيات- سەنئەت كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق مەمۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1988-يىلى ئەدەبىيات-سەنئەت  نەزىرىيىسى پەنلىرى بويىچە  پروفىسسۇرلۇق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،جۈملىدىن شۇ كەسپ بويىچە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى پروفىسسۇر بولۇپ ھىساپلىناتتى.  ئۇ 1998- يىلى پىنسىيىگە چىققان. 2000 -يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىگە ۋاپات بولغان.
     ئۇستاز پىداگوك ئابلەت ئۆمەر كىشىلىك دۇنياسىدىن كېتىپ قالغان بولىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوبرازى ۋە جەزبىدار سىماسى،قالدۇرۇپ كەتكەن مەنىۋىي ئەمگەكلىرى  شاگىرتلىرى، خىزىمەتداشلىرى،  كەسپداشلىرى،ئۈلپەتلىرى ۋە زامانداشلىرىغا مەنىۋىي ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە.رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

                           2014.-1-1

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 13:44:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ، بىلىۋالدىم .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25142
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 19:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 19:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى تېما ئىكەن...

0

تېما

0

دوست

74

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25185
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 04:56:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان كولۇبىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇسابىقىللىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ !! ئۇيغۇرلارنىڭ پەچەت مۇسابىقىسى ..سىزگە چۇقۇم يارايدۇ !!!
http://www.wwe888.com/topiclist/ATAMAN.html
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )