- تىزىملاتقان
- 2011-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5972
- نادىر
- 0
- يازما
- 107
ئۆسۈش
19.44%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sewrigul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-25 01:51
ziminjan يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 19:26
خان سىز بىر سائەتلىك دەرسنى قانچىلىك ئۇتتىسىز؟ئۇزىڭىز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز بولۇپ ، سىنىپقا كىرىپ بىر سائەت دەرس ئۆتۈپ باققانمۇ؟ ئۆتۈپ باقمىغان بولسىڭىز 40مىنۇت دەرس ئۆتۈپ باقامسىز؟
ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ قېرىنداش، دەرس ئۆتەلمەيدىغان، ھەرقانچە قابىلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىغا قانداق تەربىيە بېرىشنى بىلىدۇ.دەرسىنى % 100 بىلدۈرەلمەسلىكى مۈمكىن.ئەمما ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى %100 تولۇق سۆزلىيەلەيدۇ. سىز ئائىلىڭىزدە پەرزەنتىڭىزگە ئۈگىتىپ باقمىغان ئىشلارنى ئۈگىتىدۇ. ئەمما پەرزەنتىڭىز سىزنى دورىغاچغاچقا گەپ قۇلاقتا تۇرمايدۇ.
بىزنىڭ ھەر كۈنى، ھەر سائەت بالىلارغا زېرىكمەي دەيدىغان گېىپىمىز:
_ بالىلىرىم ، مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ناشتا قىلىڭلار، بولمىسا ئاغرىپ قالىسىلەر.سەھەر تۇرۇپ يۈز-ككزۈڭلارنى پاكىز يۇيۇڭلار.
_ بالىلىرىم ،مەكتەپكە كەلگىچە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىڭلار، يۈگۈرمەڭلار، يولدىن قالايمىقان كېسىپ ئۆتمەڭلار.ماشىنىغاسوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار.
_ مەكتەپتە ،سىنىپتا بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق -ئىتتىپاق ئۆتۈڭلار، ئۇرۇشماڭلار ،تالاشماڭلار،بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلىڭلار.
_ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ پاكىز بولۇڭلار. كىيىم-كېچەكنى مەينەت قىلماڭلار. يۈز-كۆزۈڭلارنى پاكىز يۇيۇڭلار.مەينەت يۈرسەڭلار باشقىلار زاڭلىق قىلىدۇ. مەينەتچىلىكتىن كېسەل بوپ قالىسىلەر.
_ ئاتا-ئاناڭلارنى خاپا قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار.ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. تاكاللاشماڭلار.چامىڭلار يېتىدىغان ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىڭلار.
_ سەمىمى ،راستچىل بولۇڭلار.يالغان گەپ قىلماڭلار.ئاتا-ئاناڭلارنى ئالدىماڭلار.باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماڭلار.تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئېگىسىگە ياكى مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار.
_ بەتخەجلىك قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارنى پۇل بەر ،دەپ قاخشاتماڭلار. ھېيتلىق پۇلۇڭلارغا ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يېمەڭلار.
_ بازارغا، ياكى يىراقراق يەرگە يالغۇز بارماڭلار،بىخەتەرلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.
_ چۈشتە ئۇدۇل ئويگە بېرىپ ۋاقتىدا تاماق يەڭلار. ئۆيگە بارغىچە-كەلگىچە يولدا ئوينىماڭلار.
_ ياز كۈنلىرى دەرياغا بېرىپ سۇغا چۆمۈلمەڭلار.
_ ئۆيدە چوڭلار يوق ۋاقىتتا توك ئەسۋاپلىرىنىڭ يېنىغا كەلمەڭلار.توك سوكۇۋەتمىسۇن.
_ ئوت ئوينىماڭلار. ئۆيگە ياكى باشقا نەرسىلەرگە ئوت كەتمىسۇن.
_ خەتەرلىك ئويۇنلارنى ئوينىماڭلار، ئۆزەڭلارنى يارىلاندۇرۇۋالىسىلەر.
_ ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇڭلار.چوڭلارنىڭ گېپىگە ئارىلىشىۋالماڭلار.ئۆيگە مېھمان كەلسە ،«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم »دەپ سالام بېرىڭلار. مېھمان بار ئۆيگە كىرىپ غەلۋە قىلماڭلار.يەيدىغان نەرسىلەرنى تالاشماڭلار.ئۆيدىكىلەر مېھماندارچىلىققا بارسا ، ئەگەشمەڭلار.
_ دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار.تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلەڭلار.چۈشەنمىگەننى سوراڭلار.
_ ياخشى ئوقۇڭلار، ياخشى ئادەم بولۇڭلار. يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالماڭلار.
........................................................................
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر تالاي گەپلەرنى ھەر كۈنى دەيمىز. دەرس ۋاقتىدىمۇ مۇشۇنى سۆزلەيمىز. ھازىر «دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىدىيىۋى تەربىيە »ئېلىپ بارىمىز. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇرىدىكى گەپلەرنى دېمەيدىغان كۈنىمىز يوق. بىز ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى «مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، ئائىلىدە ياخشى بالا، جەمىيەتتە ياراملىق ئادەم»بولسۇن دەپ قىلمىغىنىمىز قالمايدۇ.ئەمما جەمىيەتتتىكى بىر قىسىملار ئوقۇتقۇچىلارغا نېمە دەۋاتىسىلەر؟
ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتنىڭ ئوقۇشىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىسىز؟ ھال-مۇڭ بولۇپ پەرزەنتىمىزنى قانچىلىك چۈشىنىپ باقتىڭىز؟ پەرزەنتىڭىزنىڭ سىنىپ مۇدىرى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قانچە قېتىم سۆھبەتلىشىپ باقتىڭىز؟ ئوقۇتقۇچىنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن سىز ئۆزىڭىز ،ھەر بىر ئاتا -ئانا بولغۇچى «مەن پەرزەنتىمگە نېمىلەرنى ئۈگەتتىم؟ قانداق ئۈلگە بولدۇم؟»دېگەنلەرنى ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭ. |
|