- تىزىملاتقان
- 2014-1-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1959
- نادىر
- 0
- يازما
- 190
ئۆسۈش
95.9%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-24 11:21
ھورمەتلىك مەكتەپ مۇدىرى ياخشىمىسىز؟مەن ناھايىتى ئۇزۇن ئويلىشىش،ئۆز- ئۆزۈمنىڭ ئىدىيەسىدە بىر مەزگىل قاتتىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىشنى لايىق كۆردۈم. بەزى گەپلىرىم ئىدىيەڭىزدىن ئۆتمىسىمۇ، ھەتتا تىتاڭ تومۇرىڭىزغا تېگىپ كەتسىمۇ يىرتىۋەتمەي سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇپ تۈەتكەيسىز.مەن قايتا دەپ ئولتۇرمىساممۇ، مەكتەپ رەھبەرلىكى مەكتەپتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان،كۆۋرۈكلۇك رولى ناھايىتى چوڭ بولغان ئوقۇتقۇچىلار نەزىرىدىكى ساپالىق كىشىلەردۇر.سىزنىڭچە، ھەر بىر مەكتەپتىكى ھەر قايسى قاتلامدىكى رەھبەرلەر ئۆزلىرى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟ئۆزلىرىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقامدىغاندۇ؟مەكتەپ مۇدىرى، مەن سىزگە دېسەم مېنىڭ بۇ خەتنى يېزىشىمغا ،ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغان ئىشلارنى ئويلاپ قايناپ چىقىشىمغا سەۋەپ بولغان«مەكتەپكە كېلىپ -كېتىش تۈزىمى» .بۇ -مېنىڭچە، مەكتەپ ئەمەس، جازا ئارقىلىق ئۆزگەرتىش مەيدانىغا قويۇلغان چارىغا ئوخشاپ قالدى. سىلەرنىڭ چىقارغان تۈزۈمىڭلارنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىساق، «ئۆلسەڭ ئامال يۇق، ھاياتلا بولساڭ كېلىسەن»دېگەن گەپقۇ! بىز ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ%80نىڭ ئائىلىسى پەقەت مائاشقىلا قاراشلىق، بالىلىرى ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇراھال تۇرمۇشتىكى ئائىلىلەر.ئامالسىزلىقتىن ھەر قانداق تۈزۈمگە بويسۇنۇپ كېلىمىز ، ئىشلەيمىز.چۈنكى ئائىلىمىز سىلەر تۇتۇپ ئېشىپ قالىدىغان شۇ مائاشقىلا قاراشلىق.سىلەرچۇ؟ سىلەنىڭ ئىشىڭلار چىققان كۈنى سىلەرگە مائارىپتىن يىغىن چىقىدۇ.بۇ سىلەرنىڭ ئاجايىپ ئورۇنلۇق بانايىڭلار.لېكىن بىزنىڭ بالىمىز ئاغرىپ قالغان كۈنلەردە ،مۇسۇبەتلىك كۈنلەردە ۋە ياكى جىددى ئىشىمىز چىققان كۈنلەردە سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكاردەك ئۇيۇلۇپ تۇرۇپ مىڭ بىر بالادا يېرىم كۈنلۈك، ئېشىپ كەتسە، بىر كۈنلۈكلا رۇخسەت سورىيالايمىز. بۇنداق چاغدا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنداق كۆرسىتىۋالىسىلەركىن، ھەي-ھەي... بۇنۇڭغا گەپ تۇغرا كەلمەيدۇ.مەن بەزىدە ئىشىم چىقىپ قالغاندا يېنىڭلارغا كىرىپ يىغىنىغا بارىمەن دېسەم قانداق بۇلار؟ دەپ سىلەرگە ھەۋەس قىلىپ قالىمەن.مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش، سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇنداق مۇۋاپىق تۈزۇم چىقىرىپ بەرگەن .لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ساپاسىزلىقىڭلارنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن يېڭىدىن-يېڭى قاتتىق تۈزۈم چىقىرىپ ،باشقىلارنى خۇددى تىزگىنەكتە باشقۇرغاندەك باشقۇرۇپ كېتىپ بارىسىلەر.مۇدىر مەن قايناپ مۇشۇ يەرگە كەپتىمەن. يازغاندىكىن بىراقلا يازاي .مېنى ئېتىۋەتمەس ،بۇ بىر ھەقىقەت بۇلغاندىكىن.سىلەر قانداق بولۇپ مەكتەپ مۇدىرى ۋە سېكرىتار بولۇپ قالدىڭلار!؟ بۇ ھۇقۇقنى قايسى پەسكەش بازاردىن نېمىگە سېتىۋالدىڭلار؟ئاراڭلاردىكى قايسىڭلار بىزگە ئۈلگە بولۇپ، بىر سائەتلىك ئەمەلىي دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىپ باشلامچىلىق قىلالايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى يېڭى خزمەتكە چىققان ياشلارنىڭ ئىدىيەسىدە ئوقۇتۇشقا نىسبەتەن ئىزدىنىش يۇق! پەقەت رەھبەرلىككە ياخشى كۆرۈنۈپ، كىچىككىنى مەنسەپكە ئېرىشىش،بۇنداق ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە كىم سەۋەپچى!؟ سىلەردەك ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ياشاشتىكى ئارامگاھ ،پۇل تېپىشتىكى رەستە قىلۋالغانلىقىڭلاردا. سىلەر بىزنى ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ قالماڭلار،بىز سىلەرنىڭ يۇقىردىن ئۆيى يىراق بالىلار ئۈچۈن ئاجراتقان تاماق پۇللىرىنى قانداق ئۇسۇل بىلەن چۆنتىكىڭلارغا سېلۋاتقىنىڭلارنى ،ھۆكۈمەت ھەقسىز دەپ تارقاتقان كىتابلارنى بالىلارغا پۇلغا سېتىپ يۇقىدىكىلەرگە يالغان دۇكمۇت يوللاۋاتقىنىڭلارنى، ھەر خىل دەبدەبىلىك ناملاردىكى باھاسى دەرسلىك كىتابتىنمۇ قىممەت، ئەمما پايدىلىنىش قىممىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغان يانداشما مەشىقلەرنى تۈركۈملەپ ئەكەلدۈرۈپ سېتىپ، كىملەر بىلەن شېرىكلىشىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقىنىڭلارنى، فۇرمىنى بانا قىلىپ بىچارە دېھقان بالىلىرىغا قىممەت باھادا سېتىپ، گېلىنىڭ تېگى تۆشۈك كاسسىر بىلەن بىرلىشىپ پايدا ئېلۋاتقىنىڭلارنى ،ئوقۇتقۇچىلارغا فۇرما تىكىشنى بانا قىلىپ مەكتەپنىڭ پۇلىغا خوتۇن - بالىلىرىڭلاردىن تارتىپ يەتمىش پۇشتۇڭلارغىچە پايدىلۋاتقىننى بىز ئوبدان بىلىمىز ،لىكىن .............
ھە راس، مەكتەپ مۇدىرى! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كاللامدا بىر سوئال بارتى. خاپا بولماڭ، سورىۋالاي: مەكتەپتە بىر نەچچە كۈنلەپ، ھەپتىلەپ دەم ئالسىمۇ پۇل تۇتۇلمايدىغان، سىلەر چىقارغان بۇ تۈزۈملەرگە چۈشمەيدىغان «ئالاھىدە خادىم»لار بار.سىلەر ئۇلاردىن قورقامسىلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىلىڭلار كېسىكمۇ؟ شى رەئىس پاك بۇلغاچقا، چىۋىننىلا ئەمەس، يولۋاسنىمۇ تارتىپ چىقىرالىدى. سىلەرگە ئىچىم ئاغرىيدۇ،كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ، ياماندىن قۇرقۇپ، «يۇۋاش»نى بوزەك قىلىپ، مۇشۇنداق ياشاپ قايسى بىر چوڭ دۆلەتنى كۆرۈپ كېتەرسىلەر؟! بىزغۇ ھازىر جاپا تاتقان بىلەن ھەققىمىزنى ھالال ئېلىپ، نارسىدىلەرگە بەرگەن ئەمگىكىمىزنىڭ ئەجرىنى كۆرەرمىز .يازسام بەك جىق گەپلىرىم بار ،ئاۋال ئىپادىڭىزگە قاراپ باقاي، خېتىمىنى ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى يېرىمىدا يىرتىۋەتتىڭىزمۇ ؟ھېلىھەم بولسىمۇ، ئاللاھ سىزنىڭ تويماس نەپسىڭىزگە ئىنساب، قارا دىلىڭىزغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلسۇن! خوش، ئەتىكى ئىپادىڭىزغا قاراپ داۋامىنى يازاي.
|
|