قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 03:58:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                     

                                                  ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك

                                تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىدىن بىرقانچە مىسال

                     
                                                                        غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
                  
      مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول. بۇ خىل قىممەتلىك خىزمەتنى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ئىشلەپ چىققان.
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك ئەدەبىيات خەزىنىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
   جۇڭگو تەرجىمىچىلىك تارىخى ۋە بەزى يەككە ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە ئېلىمىز ئاپتورلىرى ئىزدىنىشلەردە بولۇپ، مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما، بەزىلەردە پەقەت خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىنىلا ئېتىبارغا ئالىدىغان بىر تەرەپلىمە كۆزقاراش ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مەن ئەمەلىي سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەينى چاغلاردا ئېلىمىزدە باشقا تىللاردا تەرجىمىسى ئىشلەنمىگەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكنىڭ جۇڭگو تەرجىمىچىلىك تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
1. «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«ئىزوپ مەسەللىرى» يۇنان خەلقىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىيات يادىكارلىقى، ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىرلەردە قۇللۇقتىن ئازادلىققا ئېرىشكەن ئىزوپ تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىشقا باشلىغان.
«ئىزوپ مەسەللىرى» دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپلا دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىغا تارقىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
بىز ئېلىمىزنىڭ يىراق تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
1902 -، 1903 – يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق پروسىيە تۇرپان ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەرىپىدىن قوچۇ شەھەر خارابىسىدىن «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە پارچىلىرى تېپىلغان.
دېمەك، «ئىزوپ مەسەللىرى»نىڭ 1625 – يىلى خەنزۇ تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسى تولۇق تەرجىمە بولماي، بېلگىيەلىك بىر كىشى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان 22 پارچە مەسەلدىن ئىبارەت تولۇقسىز نۇسخىسىدۇر.
ئەمەلىي پاكىتلارغا قاراپ شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، «ئىزوپ مەسەللىرى»نى ئەڭ بۇرۇن جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغۇچىلار ئۇيغۇرلار بولغان.
2. پارس تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى
بىز ئېلىمىز جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا ئەتراپلىق نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا پارس تىلىدا يېزىلغان بىرمۇنچە نادىر ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، كىتابخانلارغا تونۇشتۇرغان.
پارس تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى «گۈلىستان» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ساراي شەھىرىدە ياشىغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىنى مىسىردا ئۆتكۈزگەن ئالىم ۋە ئەدىب سەيفى ساراي 1391 – يىلى «گۈلىستان»نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. سەيفى ساراي باشقا مەملىكەتتە ياشىغان ۋە بۇ تەرجىمىنى چەت ئەلدە تاماملىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەرجىمىدە شۇ زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ۋە باشقا خەلقلەر تەرىپىدىن ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى بېيىتىشتا رولى چوڭ ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمىدىغانلار بولمىسا كېرەك.
سەيفى ساراينىڭ «گۈلىستان» دۇنياغا كېلىپ، 100 يىلدىن كېيىن، ئۇنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشى، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تەرجىمە تارىخىدىمۇ كاتتا خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
بىز بۇ ئەسەرنىڭ دۇنيادىكى بىرمۇنچە چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«گۈلىستان»نىڭ 1634 – يىلى فىرانسۇز تىلى، 1651 – يىلى لاتىن تىلى، 1654 – يىلى نېمىس تىلى، 1806 – يىلى ئىنگلىز تىلى، 1873 – يىلى ئىالىيان تىلى ۋە تۈركىيە تۈرك تىلى، 1876 – يىلى پولەك تىلى، 1882 – يىلى رۇس تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى دۇنياغا كەلگەن. كېيىنچە بەزى تەرجىمە نۇسخىلار تەكرار بېسىلغان. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ گوللاند، رومان، چېخ، ياپون، ھىندى، ئوردۇ، پۇشىت قاتارلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى بارلىقى مەلۇم.
دېمەك، دۇنيادىكى بىرمۇنچە چوڭ تىللارغا سېلىشتۇرغاندا، «گۈلىستان» چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا خېلى قەدىمكى دەۋردە تەرجىمە قىلىنغان.
خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھىراتتا ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەبەيدۇللا لۇتفى (1366 — 1465) ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى شەرىپىدىن ئەلى يەزرىنىڭ «زەپەرنامە» دېگەن ئەسىرىنى پارسچىدىن 1425 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا مەسنەۋى شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ تاماملىغان. مەنبەلەردە بۇ كىتابنىڭ 10 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
«شاھنامە»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«شاھنامە» — تاجىك – پارس شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋىسى (934 — 1025)نىڭ تارىخىي ئېپوسى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە تارىخى، جۈملىدىن مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بىز ئۇيغۇر تەرجىمە ئەدەبىياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، «شاھنامە»نىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
«شاھنامە» قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىلا قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا تەسىر قىلغان، كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنى يېزىشتىن بۇرۇن «شاھنامە»نى پىششىق ئوقۇپ چىققان، دەپ قارىشىدۇ.
ئېنىق پاكىتلارنى كۆرسەتسەك مۇنداق: «شاھنامە» 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەينى دەۋردىكى ئالتە شەھەر خانلىقىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر خانى خوجا جاھان ئەرشى (1685 — 1756)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن پارس نەزمى مەنىدىن ئۇيغۇر تىلىغا نەسرىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىش باشلانغان. بۇ ئىش تالانتلىق ئەدىب ۋە تەرجىمان شاھ مۇھەممەد ئىمىن ئاخۇن (تەخەللۇسى شاھ ھىجران) ئىبنى خوجانىزامىدىنغا تاپشۇرۇلغان. شاھ ھىجران زور شىجائەت بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئەينى دەۋردىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان. موللاخامۇشاخۇن يەركەندنىڭ ئەسلەتمە بېرىشىچە ئاخۇن موللاشاھ ھىجران يەركەن شەھىرىدە «شاھنامە»نىڭ كۆپ قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ بولغان ۋە بۇ «تۈركىي شاھنامە» ئەتراپقا تونۇلۇپ، شۆھرەت قازىنىۋاتقان بىر چاغدا بىرمۇنچە باشباشتاق كىشىلەر تاغ ئىچىگە يىغىلىپ، بىرىنى ئۆزىگە سەردار قىلىپ، پايتەخت يەكەنگە بېسىپ كىرگەن. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلگەن. شاھ ھىجرانمۇ ئاشۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ تەرجىمىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ زايە بولغان. يەنە بىر قىسمى پارچە – پارچە ھالەتتە خەلق ئىچىگە تارقىلىپ كەتكەن.
1780 – يىلىغا كەلگەندە ئەمىر مەئدىيار ناملىق يەنە بىر ھۆكۈمدارنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن موللاخامۇشاخۇن يەركەند شاھ ھىجراننىڭ تەرجىمىلىرىنى رەتلەش ۋە كەم قىسمىنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. موللاخامۇشاخۇن يەركەندى شاھ ھىجران ئىشلىگەن تەرجىمىنى رەتلەپ، بىر كىتاب قىلغان. ئۆزىنىڭ تەرجىمىلىرىنى يەنە بىر كىتاب قىلغان. خامۇشاخۇن ئۆز تەرجىمىسىگە كىرىشتىن بۇرۇن شاھ ھىجرانغا ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. شاھ ھىجراننىڭ ئۆلۈمىنى ناھايىتى قايغۇلۇق ھېسسىياتى بىلەن بايان قىلىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى «بىجەن نەۋ جۇۋان» داستانىدىن باشلاپ «ئىسكەندەرنامە»نىڭ ئاخىرىغىچە تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىدۇ. خامۇشاخۇن ئۆز تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرىغا ئېلاۋە قىلغان بىر شېئىرىدا ئىككىنچى كىتابنىڭ تەرجىمىسى ھىجرىيە 1211 – يىلى مۇھەررەم ئاينىڭ 10 – كۈنى تامام بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىت مىلادى 1796 — 1797 – يىللارغا توغرا كېلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئىككى نەپەر تالانتلىق ئەدىبىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە «شاھنامەئى تۈركىي» ناملىق بۇ زور ھەجىملىك نەسرىي ئەسەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن.
دېمەك، جۇڭگو كىتابخانلىرىغا «شاھنامە» تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان يىل 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى شاھ ھىجراننىڭ تەرجىمىسى ۋە 1796 — 1797 – يىللىرى تاماملىغان موللا خامۇشاخۇن يەركەندنىڭ تەرجىمىسى ئەڭ دەسلەپكى تەرجىمە ھېسابلىنىدۇ.
ھاپىز شىرازى (1300 — 1390)نىڭ ئەسەرلىرىمۇ خېلى ئىلگىرىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان. يەركەن خانلىقى (1514 — 1678) نىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆتكەن قەشقەرلىك ئەدەبىي تەرجىمان زىلەيخا بېگىم (؟1606 — ؟) «چوڭ ئىشان ئاپاق خوجا (1626 — 1692 – يىللارغىچە ياشىغان)نىڭ ئانىسى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرقىمە قىلىنغان. ھازىر ئۇنىڭ ئون پارچە غەزىلى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
«چاھار دەرۋىش» — بۇ ھىندىستاندا ياشىغان تۈركىي شائىر ئەمىر خۇسرەۋ دىھلىۋى (1242 — 1325)نىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى خوجا ياقۇپ يەركەندى 1800 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
«تارىخىي رەشىدى» — بۇ قەشقەرلىك ھەربىي ئەمەلدار ۋە تارىخشۇناس مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر (1500 — 1551)نى ڭكەشمىردە 1541 — 1546 – يىللىرى پارس تىلىدا يېزىپ چىققان ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ئەسلى شىنجاڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا بېغىشلىنىپ يېزىلغان. بۇ كىتاب كۆپ قېتىم شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. دەسلەپ، قەشقەردە ھاجى يۈسۈپ ئىبنى موللا ھوشۇر خەلپەم 1750 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان؛ نامەلۇم بىر تەرجىمان خوتەندە 1845 – يىلى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان؛ يەنە موللا مۇھەممەد نىياز بىن ئابدۇغوپۇر ئالدىنقى ئەسىرلەردە ۋە مۇھەممەد سادىق كاشغەرى (1721 — 1849)لەر تەرىپىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا قايتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
«يۈسۈپ – زۇلەيخا» — بۇ تاجىك – پارس شائىرى ئابدۇراخمان جامىنىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، ئۇ 1755 – يىلى «تەرجىمەئى يۈسۈپ – زۇلەيخا جامى» دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
«قابۇسنامە» — 11 – ئەسىردە ياشىغان شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، 1787 – يىلى مۇھەممەد سىدىق تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
«ھېكايەتى ھۆرىلىقا» — بۇ كىتاب 18 -، 19 – ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان موللا توختىنىياز بىننى موللا مۇھەممەد تۆمۈر تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
«ئىسكەندەرنامە» — بۇ ئەزەربەيجان شائىرى نىزامى گەنجىۋىنىڭ پارس تىلىدا يازغان ئەسىرى بولۇپ، 18 -، 19 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
«ئاجايىبۇل مەخلۇقات»نى 1835 – يىلى موللا مۇھەممەد ھەسەن مۇتىۋەللى ئاخۇنۇم ئاقسۇدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
قەشقەرلىك داڭلىق شائىر ناقىس (1840 — 1920) شەيىخ غىنايتۇللا (؟ — 1677) نىڭ «باھاردانىش» ناملىق رومانىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭغا «گۈلزار بىنىش» (تىكەنسىز گۈلزار) دەپ نام بەرگەن.
«مۈشۈك بىلەن چاشقان» — بۇ ئۇبەيد زاكانى يازغان ئەسەر بولۇپ، 18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان قەشقەرلىك شائىر نورۇز ئاخۇن زىيائى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا «داستانى سەيفۇل مۈلۈك»، «داستان مالىك ئەجدەر»، «زەپەر نامەئى بۇزۇرۇج مېھىر»، «داستانى مېھىرمان» قاتارلىق مۇئەللىپلىرى بىزگە نامەلۇم بولغان ئەسەرلەر، نامەلۇم ئۇيغۇر تەرجىمانلىرى تەرىپىدىن 18 -، 19 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئاخىرىدا قسىتۇرۇپ ئۆتىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇيغۇرلار بىلەن تاجىك – پارسلار قوشنا خەلقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ ئىككى خەلق قەدىمدىن بېرى مەدەنىيەت جەھەتتە قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل ئالاقە كۆپرەك تىلدا ئىپادىلەنگەن. قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ دۆلەت تېررىتورىيەسىدە مەمۇرىي ئالاقىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىللار قاتارىدا تاجىك – پارس تىلىمۇ قوللىنىلغان. 10 – ئەسىرلەردە ئۆتكەن تۈركىي كىشى ئەيلاقىغا ئوخشاش بىرمۇنچە ئۇيغۇر – تۈركىي ئەدىبلەر، ئالىملار پارس تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان. پارس تىلىدا ئەسەر يېزىش ئەنئەنىسى 20 – ئەسىرگىچە داۋاملاشقان.
نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پارس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەندەك پىششىق ئىگىلىگەن.
3. «كەلىلە ۋە دېمىنە»نىڭ تەرجىمىسى
«كەلىلە ۋە دېمىنە»نىڭ ئەسلىي نامى «بەشنامە» (قەدىمكى ھىندى تىلىدا «پەنجە تانتارا» دېيىلگەن، ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە «پەنجە پۈتۈك» دېيىلگەن) بولۇپ، ئۇ ھىندىستان خەلقىنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرى. مىلادى 750 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئابدۇللا ئىبىن مۇقەففا دېگەن كىشى بۇ كىتابنى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ كىتاب «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا تارقىلىپ، ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان.
ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا «بەشنامە»دىكى چۆچەكلەر بۇددا دىنىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، غەربىي يۇرت ئارقىلىق يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشى ئاز كەم 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە.
تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر ئارىسىغىمۇ بۇددا دىنىنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن «بەشنامە»دىكى چۆچەكلەرمۇ كىرىپ كەلگەن.
قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە «بەشنامە» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمە پارچىلىرى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەرگە ئىسلام دىنىنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن «كەلىلە ۋە دېمىنە» قارا خانىي ئۇيغۇرلىرىغا تەسىر قىلغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
قەشقەرلىك داڭلىق ئۇيغۇر تەرجىمانى موللا مۇھەممەد تۆمۈر 1717 – يىلى «كەلىلە ۋە دېمىنە»نى پارس تىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىغا تولۇقى بىلەن، سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇ نۇسخا ئاساسىدا 1985 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدا قايتىدىن نەشر قىلىپ تارقاتتى.
موللا مۇھەممەد تۆمۈرنىڭ تەرجىمىسى گەرچە ئەرەبچە ياكى سانسكرىتچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما، بىز ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق شۇنى ئېيتالايمىزكى، ئېلىمىزدە «كەلىلە ۋە دېمىنە» يەنى «بەشنامە»نى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگو كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان كىشى موللا مۇھەممەت تۆمۈر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگىكى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە تارىخىغا چوڭ ھەسسە قوشقان.
4. ئەرەب تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئەرەب تىلى ئاساسلىق ئالاقە قورالى بولۇپ قالغان. ئەرەب تىلىدا نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى قەدىمكى دەۋرلەردىلا باشلانغان. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردا ئەرەب تىلىغا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش قوزغالغان. قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ، تا 20 – ئەسىرگىچە، شىنجاڭدا ئەرەب تىلى بىر خىل دىنىي ۋە ئىلمىي تىل سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تەڭ قوللىنىلغان. ئۇيغۇر ئۆلىما – زىيالىيلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئەرەب تىلىنى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەندەك پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتورلىرى ئەرەب تىلىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.
ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بىرمۇنچە ئەسەرلەر خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرجىمىچىلىك ساھەسىنى بېيىتقان.
«قۇرئان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«قۇرئان» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى. ئۇ ئەرەب مىللىتى، ئىسلام ئەللىرىگىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
«قۇرئان» بىر خىل كىلاسسىك ئەرەب تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش نىسبەتەن قىيىن بولغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ كېلىنگەن.
«قۇرئان» ئۇيغۇر تىلىغا ناھايىتى بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنغان. تارىخىي پاكىتلارغا مۇراجىئەت قىلىنىدىغان بولسا، «قۇرئان» 12 – ئەسىردىن باشلاپلا ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئالتە خىلى بار بولۇپ، بۇلار 12 -، 16 – ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى دەۋرگە مەنسۇپ.
«قۇرئان»نىڭ ئەڭ قەدىمكى نۇسخىسى قارا خانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇ 12 -، 13 – ئەسىرلەردە ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر – تۈركىي تىلغا قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئىبارەت. بۇنى مۇھەممەد ئىبىن ھاجى دەۋلەتشاھ ھىجرىيە 734 – (مىلادىيە 1333 — 1334 – يىلى) يىلى ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە كۆچۈرۈپ چىققان. ئۇ كۆركەم ئەرەب يېزىقى بىلەن يېزىلغان. بۇ ئىلىكخان ئەبۇ سەئىد (1317 — 1336) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر قوليازمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تىلىنى تەكشۈرگەندە، روشەن پەرقنىڭ بارلىقى بىلىنگەن. ئۇنىڭ بىر قىسمى 14 – ئەسىردە تولۇقلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان. دېمەك، تەرجىماننىڭ ئەسلى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ كەم يەرلىرى ياكى يوقىلىپ كەتكەن يەرلىرىنى تولۇقلاپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھازىر بىر نۇسخا تۈركىيە ئىستانبولدىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇرئان»نىڭ قەيەردە ۋە كىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت كىشىلەرگە ناھايىتى ئايان بولغاچقا، بۇ تەرجىمە نۇسخىا، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇش بىلەن برىگە، ئېلىمىزنىڭمۇ تەرجىمىچىلىك تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە.
شۇنداق بولغاندا، ئېلىمىزدە «قۇرئان» ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ چىقىدۇ.
«قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى 2 – ۋە 3 – خىل تەرجىمە نۇسخىسى 12 -، 13 – ئەسىرلەرگە تەئەللۇق، قالغان ئۈچ خىل نۇسخىا 14 -، 15 -، 16 – ئەسىرگە تەئەللۇق.
«قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ مۇنداق كۆپ خىل بولغانلىقى، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردە تەكرار – تەكرار تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
«مىڭ بىر كېچە»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى
«مىڭ بىر كېچە» — ئەرەب خەلقلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى ئېسىل گۆھەر.
مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا «مىڭ بىر كېچە»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئېلىمىزگە ئېلىپ كىرگەن.
«مىڭ بىر كېچە»نىڭ 1980 – يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا تەھرىر تەرىپىدىن بېرىلگەن «نەشرىياتتىن» ناملىق سۆز بېشىدا «مىڭ بىر كېچە» كونا ئۇيغۇر تىلىغا كۆپ قېتىم تەرجىمە قىلىنغان، بۇ تەرجىمە 18 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۆتكەن ئاقسۇلۇق مۇھەممەد ئابدۇللا خاننىڭ كونا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە باشقا تەرجىمىگە ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى، دېيىلگەن.
دېمەك، بۇنىڭدىن كۆرۈنىدۇكى، «مىڭ بىر كېچە» بىرقانچە يۈز يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرۇلغان.
«تارىخ تەبەرى» — بۇ «تارىخ — ئەل – رۇسۇل ۋە ئەل – مۈلۈك» (پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر نامى «تارىخ – ئەل – ئۇمام ۋە ئەل – مۈلۈك» (مىللەتلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى)دىن ئىبارەت.
بۇ كىتابنى پرىسسىيەنىڭ شىمالىدىكى تەبەرىستاننىڭ ئامۇل شەھەرلىك ئەل تەبەرى (839 — 923) يەنى مۇھەممەد بىن جەرىر ئەبۇ جەففار ئەل تەبەرى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن تارتىپ تاكى 912 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۇنيانىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ تارىخىغا دائىر بايانلار سۆزلەنگەن. ئۇ ھەم تارىخ بايان قىلىنىدىغان تارىخىي ئەسەر ھەم ئەپسانە – رىۋايەت بايان قىلىنىدىغان ئەدەبىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
«تارىخ تەبەرى» ئەرەب تارىخشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىگە كاتتا شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ دۇنياغا كەلگەندىن باشلاپلا ئالىملارنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرى جاي – جايلارغا تارقالغان.
«تارىخ – تەبەرى»نى ئەڭ دەسلەپ ئەبۇ – ئەلى مۇھەممەد بىن ئابىد ئاللاھ ئەل ئەلقەھى (ۋاپاتى 14 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ) تاجىك – پارس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ پارسچە نۇسخىسىغا ئاساسەن «ئەسىرلەرنىڭ ئەمىرى» ئەھمەد پاشا (؟ — 1522) دەۋرىدە تۈركىيە تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىنغان. 1524 -، 1531 – يىللىرى تۈركىيە تۈركچىسىگە قايتا تەرجىمە قىلىنغان. 1844 – يىلى نەشر قىلىنغان. 1874 – يىلى تاجىك – پارسچە نۇسخىسىغا ئاساسەن فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، زوتىنبىرگ تەرىپىدىن تۆت جىلىد قىلىنغان.
1879 – يىلى مەزكۇر كىتاب تۇنجى قېتىم ياۋروپادا بېسىلىپ چىققان. ئەمما تولۇق ئەمەس ئىدى.
ئېلىمىزدە، خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسى تېخى تولۇق ئىشلەنمىگەن. پەقەت شەنزى ئەپەندى «تارىخ تەبەرى»دىكى ئىختالىتلارغا دائىر «تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىزاھات» دېگەن ماۋزۇدا «تارىخ تەبەرى»دىن بەش ئابزاس تەرجىمە قىلىپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا مەجمۇئەسى»دە ئېلان قىلدى.
ئېلىمىزدە «تارىخ تەبەرى»نى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرلار تەرجىمە قىلىپ، ئېلىمىز كىتابخانلىرىغا تونۇشتۇرغان.
قەشقەردە ياشىغان مەشھۇر ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشغەرى (1725 — 1850) 1795 – يىللاردىن باشلاپ قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەنگەن ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەخمىنەن 1800 – يىللار ئەتراپىدا (بەزىلەر 1846 – يىلى دەپ ھېسابلاشقان) ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، تۆت توملۇق «تارىخ تەبەرى»نى ئەرەب تىلىدىن (؟) ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەرجىمانى يۇنۇس تاجى ھېكىم بەگ بىننى ئىسكەندەر ۋاڭ سەۋەبچى بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمە ئەسىرىگە ئەنە شۇ ھۆكۈمدارنىڭ نامى بىلەن «تارىخىي ئىسكەندەرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھى» (ئىسكەندەر خانلىقى تارىخى ۋە شاھلار تاجنامىسى) دەپمۇ ئات قويىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرۇسۇل بىننى مەۋلانا مۇھەممەد رېھىم 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «تارىخ تەبەرى»نى ئىككىنچى قېتىم پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «تەرجىمەئى تارىخ تەبەرى» دەپ نام بەرگەن. بۇ كىتابنىڭ موللا ئوشۇر بىننى موللا مۇشتەرى بىننى موللا شەمسى تەرىپىدىن 1841 – يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىمۇ بار.
دېمەك، «تارىخ تەبەرى»نىڭ خېلى ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى، ئېلىمىزنىڭ تەرجىمە تارىخىدا چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ.

   مەنبە: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،1994-يىلى 6-سان
《维吾尔人为中国文学翻译史做出的贡献》
  


0

تېما

0

دوست

260

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   86.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15145
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 18:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن جاھاندىن بىخەۋەر ياشىمىغان، بەلكى باشقىلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت بويۇملىرىنى ۋاختىدا بايقان ئۆز خەلقىمىزگە سۇنۇپ تۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە كىرەكلىك ئىلىمىنتلارنى ئايرىپ چىقىپ ئۆز-ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ تۇرغان، بۇ ھۇشيار خەلقلەرنىڭ پىسخىكىسىدۇر!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

13

تېما

1

دوست

1477

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 64
تۆھپە : 424
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 19:58:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۈسەمىش
مەن تېخى سىزنى غەيرەت مۇئەللىممىكىن دەپتىمەن.
سىز ئوقۇغۇچىسىمۇ ياكى ....تەتقىقاتىڭىزنى بىلىپ باقساق؟

0

تېما

2

دوست

1030

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25142
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 18:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى زور.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )