قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 04:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

                            ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشى



-«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»نىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى  بىلەن
              ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ  غەيرەتجان ئوسمان  بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى

     بىرىنچى،غەيرەتجان مۇئەللىم،سىز ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»ناملىق زور ھەجىملىك،كۆركەم مۇقاۋىلىق كىتاپنى تۈزۈشكە يىتەكچىلىەك قىلىپسىز.بۇ كىتاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە مىللىي تىل-يېزىقتىكى دەرسلىك پىلانى»تۈرىگە كىرگۈزلگەن دەرسلىك شەرىپىگە نائىل بولۇپتۇ.سىزدىن سوراپ باقسام،يەتتە ئالىي مەكتەپتىن تەشكىللەنگەن 14 نەپەر مۇتەخەسىس گورۇپپىسىغا يىتەكچىلىك قىلىپ تۈزۈلگەن مەزكۈر كىتاپ قانداق ئالاھىدە شارائىتتا تۈزۈلدى.  
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش،دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 2006-يىلى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋە مىللىي تىل-يېزىقتىكى دەرسلىك پىلانى»تۈرىنى يولغا قويۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانىدى.مەكتىۋىمىز مانا مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن   «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»ناملىق دەرسلىك كىتابىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش پىلانى ۋە ئىلتىماسىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە يوللىغان ئىدۇق.ئىلتىماسىمىز  2008-يىلى رەسمى  تەستىقلىنىپ  يىتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىلدى.شۇنىڭ بىلەن،ئىلگىركى تەييارلىقىمىز ئاساسىدا  دەرسلىك   كىتاپنى تۈزۈشكە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىستىتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى،قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتى، ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى،خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق ماكتەپلەردىن مۇتەخەسىسلەر قاتناشتى.
   مەلۇمكى،دەۋر،جەمىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلماقتا.شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىلىپ-پەن ئىشلىرىمۇ يۈكسىلىپ  بارماقتا. ھەرقايسى پەن تارماقلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىلمىيلىشىشى بۇرۇنقى ھەرقانداق چاغقا قارىغاندا ناھايىتى تىز بولماقتاا. شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىمۇ بارغانسىرى چوڭقۇرلاشماقتا ۋە ئىلمىيلەشمەكتە.بىر تەرەپتىن دەۋر، جەمىيەت  تەرەققىياتىنىڭ  تەلىپى،يەنە بىر تەرەپتىن پەن تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى بىلەن، شۇنداقلا، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش  ئۈچۈن   «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»ناملىق دەرسلىك كىتاپنى قايتىدىن تۈزۈپ نەشىر قىلىشقا توغرا كېلىپ قالدى.
بۇ كىتاپنى كوللىكتىپنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بويىچە چوڭ بىر قوشۇننىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىش ۋە كىتاپنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەخسىدىدە  كوللىكتىپ تۈزۈپ چىقتۇق.بۇمۇ يېڭى دەۋر پەن-تەتقىقات ساھەسىدىكى بىر يۈزلىنىش.
شۇنداق ئيتىشقا بولىدۇكى،بۇ كىتاپ 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي يۆلۈنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئەڭ يېڭى تەتقىقات سەمەرىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئۇنىڭدا ئاز كەم 100 يىللىق كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ نىگىزلىك نەتىجىلىرى مۇجەسسەم قىلىنغان.
    ئىككىنچى،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىكى قاچاندىن باشلاپ ئالىي  مەكتەپ مۇنبىرىدە ئۆتۈلىشكە باشلىغان،ئۇنىڭ ھەرمىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۈنۈمى ۋە تەسىرى قانداق بولدى؟
   ـــ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن،پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە بىر قاتار پىرىنسىپ ۋە مىزانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە بەلگىلەپ،ئىلگىرىكە ھەرقانداق ھۆكۈمەتلەر قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ، جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى قوتقۇزۇش،توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش،تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ نادىر نۇسخىلىرىنى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈپ،ئالىي مائارىپ دەرس مۇنبىرىدە سۆزلەش ئىشىنى يولغا قويدى،شۇ قاتاردا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىكىمۇ رەسمىي بىر پەن سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ،ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقىلدى. 1957-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم يىل ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى بويىچى لىكسىيە سۆزلەنگەن. 1962-يىلى يەنە مەرھۇم مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم يىل لىكسىيە سۆزلىگەن.
     1979-يىلىدىن باشلاپ،جۇڭگودا « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» رەسمى پەن سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپ دەرسلىك پروگىرامىسى ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقىلغان.يەنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىسىتىتى،بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى،غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋېرىسىتىتى،ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى،قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتۇتى،ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى،خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى  قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىككى يىللىق تۆت مەۋسۇم،بىر يىللىق ئىككى مەۋسۇم قىلىپ،بىر قەدەر سېستىمىلىق يوسۇندا دەرس لىكسىيىسى سۆزلەنگەن.1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئومۇمىي بايان» دېگەن مەۋزۇدا لى يۇڭ دېگەن بىر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەن. بۇ دەرسنىڭ سۆزلىنىشى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا،مەكتەپ ۋە جەمىيەتتە چوڭقۇر تەسىر قوزغاپ كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى بۇ دەرسنى قىتىرقىنىپ ئوقىدى ۋە مەكتەپ تاماملاش دىسىرتاتسىيىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىغا ئائىت مەزمۇنلاردىن تاللىدى. يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى يۆنۈلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتىلىقىدا ئوقۇدى،بەزىلىرى دوكتۇر بولدى.بۇ دەرسنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئۆگىنىپ كەلگەن.بۇ دەرسلىكنى ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر،نەشرىيات  ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەپ،ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. مۇشۇ دەرسنىڭ ئىلھامى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئىزدىنىدىغان،تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان مەخسۇس بىر قوشۇن بارلىققا كېلىپ،قەدىمكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاكتىۋال مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە.
ئۈچىنچى ،ئىلگىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىك كىتابى بىر قانچە قېتىم تۈزۈپ نەشر قىلىنغان تۇرۇپ،بۇ قېتىم مەزكۈر كىتاپ يەنە قايتىدىن تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنىپتۇ.ئۇنداقتا،بۇ خىل ئەمگەكنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بار دېيىشكە بولىدۇ.
ــــ ئىلگىرى مەملىكىتىمىزدە  ئىككى قېتىم «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»  رەسمى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى قىلىپ تۈزۈپ نەشر قىلىنغان.يەنە بىر قانچە پارچە كىتاپ يانداشما دەرسلىك ياكى قوللانما خاراكتىرلىك دەرسلىك سۈپىتىدە نەشر قىلىنغان.بۇنداق كىتاپلارنىڭ نەشر قىلىنىشى 30 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىپ كەلگەن.ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ،بۇ قېتىم  دەرسلىك كىتابى قايتىدىن تۈزۈلۈپ،نەشر قىلىندى.
ئادەتتە،مەملىكىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە قوللىنىلىدىغان دەرسلىكلەر كەم دېگەندە بەش يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن،بۇ كىتاپنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كەلدى.بۇنىڭ كونكېرىت سەۋەبى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
بىرىنچىدىن،ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئىزدىنىش چوڭقۇرلىشىپ، بەزى تەرەپلەر يەنىمۇ ئايدىڭلىشىپ ۋە ئىلمىلىشىپ، ئىلگىرى نەشر قىلنغان كىتاپلارنىڭ ئايرىم مەزمۇنلىرىغا قارىتا يېڭىلىنىش تەلىپىنى قويدى.بۇنىڭ بىلەن،يېڭى تەتقىقات، يېڭى ئۇچۇرلار كىتاپ سەھىپىسىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىلدى. دەلىل- ئىسپاتلىق ئاساسىي ئاجىز بولغان،ئىلمىي قاراشتا بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن مەزمۇنلار قالدۇرۇپ قويۇلدى.
ئىككىنچى،بۇ قېتىمقى كىتاپ ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتىنىڭ «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللىي تىل-يېزىقتىكى دەرسلىك پىلانى»غا كىرگۈزۈلۈپ ۋە يىتەرلىك مەبلەغ يارىدىمىگە ئېرىشىپ نەشىر قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن بۇ دەرسلىك كىتاپ ئىلمىي ۋە سىياسى يىتەكچىلىك پىرىنسىپى نوقتىسىدىن،رەسمى يوسۇندا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئالىي مەكتەپ دەرسلىك قۇرۇلىشى پىلانى ئىچىدە  بولىدىغان ھالەت شەكىلدى،ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا،كىتاپ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن كىتاپ بولۇپ قالدى.
   ئۈچىنچىدىن،ئىملا،ئاتالغۇلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئىلمىيلاشتۇرۇلدى، يەنى سۆزلەر- ئاتالغۇلار ئىملا ۋە ئاتالغۇلار توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى بېلگىلىمىلەرگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى. سۆز- جۈملىلەر يەنىمۇ چۈشىنىشلىك،راۋان،ئىخچام قىلىندى، ئاممىباپلاشتۇرۇلدى.
تۆتىنچىدىن،كىتاپنىڭ ئىلمىيلىكىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە،سىياسىي يىتەكچىلىك نۇقتىنەزىرىنىڭ روشەن، ئېنىق ۋە توغرا بولىشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.
تۆتىنچى، غەيرەتجان مۇئەللىم،سىزنىڭ چارەك ئەسىر ھاياتىڭىز ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىيات تارىخى»دەرسلىكىنى ئۆتۈش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتۈپتۇ.بۇ جەرياندا نۇرغۇن مايسىلارنى قاتارغا قوشۇپسىز.مۇشۇ پۇرسەتتە ياشلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىز بار؟
ــــ مەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن،ئۇستازلارنىڭ يىتەكلىشىدە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىيات تارىخى»دەرسلىكىگە قىزىقىپ قېلىپ،بەختىمگە يارىشا مۇشۇ كەسپ بويىچە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشمغا توغرا كېلىپ قالدى.بولۇپمۇ، ئەھمەد زىيائىي، ئابدۇرېشىت ئىسلامى، مۇھەممەدئىمىن خۇدابەردى،ئىبراھىم مۇتىئىي،ئىمىن تۇرسۇن، شېرىپىدىن ئۆمەر،مىرسۇلتان ئوسمانۇف، مۇھەممەتجان سادىق، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، لى گوشياڭ، گىڭ شىمىن،لى يۇڭ، ئابدۇشكۈر تۈردى،ھىمىت مەخسۇت، ئەسقەر ھۈسۈيۈن، ئابدۇكېرىم راخمان، ئابدۇرھىم سابىت، ۋاھىتجان غوپۇر،  ئىمىنجان ئەھمىدى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىيات تارىخى»تېمىسى بويىچە يازغان ماقالا،كىتاپلىرىنىڭ ئىلھامى بىلەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىيات تارىخى» نامىدىكى ئالي  مەكتەپ دەرسلىكىنى بىرقانچە قېتىم تۈزۈشكە قاتناشتىم ۋە بەزىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلدىم.بۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىم ئۇتۇقلۇق بولدى دەيمەن ۋە ئۆزۈمنى بەختلىك ھىساپلايمەن.ماڭا مۇشۇ ساھەدە ئىشلەشتەك جاسارەتنى ئەجداتلار، ئۇستازلار ئاتا قىلغان.ئەندى،ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجداتلىرى قالدۇرغان ئىسىل مىراسلار،جۈملىدىن خەلقىمىزنىڭ بايلىقى ۋە جېنى ھىساپلانغان كىلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسدىكى ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا،ئوقۇتۇش ئىشلىرى داۋاملىشىپ تۇرۇلسا، يېڭى-يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرسە،مۇشۇ ھەقتىكى ئۆگىنىش توختاپ قالمىسا،تەتقىقات ئۈزىلىپ قالمىسا، تېخىمۇ سۈپەتلىك،تېخىمۇ ئىلمىي،تېخىمۇ دۇرۇس بولغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدبىيات تارىخى» كەلگۈسى يۇقۇرى ساپالىق ياشلارنىڭ قولى بىلەن يېزىپ چىقىلسا دەپ قارايمەن.   

     مەنبە: ئاسىيا كىندىكى،2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى سانى
亚洲中心报,2012.11. (3)
                     

                                  2012.9.27

0

تېما

0

دوست

1453

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12975
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 409
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 19:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )