قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2327|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

9

دوست

1590

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 06:54:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                           
                           ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش


                                                                 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

                                                                     ( ھېكايە)

   ئىش ئورنۇمدىن مىڭ تەسلىكتە ئىككى سائەتلىك رۇخسەت سوراپ بىرىنچى ئەۋلاد كىملىكىمنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن نوپۇسۇم تۇرۇشلۇق ساقچى پونكىتىنىڭ نوپۇس بېجىرىش بۆلۈمىگە ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئىلتىماس قىلىشقا باردىم. شۇنچە ئەتىگەن بارغىنىمغا قارىماي نوپۇس بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر ئالىممۇ بۇرۇن ئارغامچىدەك ئۇزۇن ئۆچىرەتتە ئۆز نۆۋەتلىرىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتۈشنى باشلىۋېتىپتۇ. نە ئامال، شەھىرىمىزدە ئادەم كوپ، مەنمۇ ئالدىراش بۇ ئۇزۇن سەپكە قوشۇلدۇم.

    ئالدىمدا بېشىغا دوپپا كىيگەن، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تىزىغىچە تۈرۈۋالغان، ساقال بۇرۇتلىرى قاملاشقان ۋە بۇ تۇرقىدىن شەھەرگە تەۋە بىرەر يېزىدىن كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاكىمىزنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇردۇم.

   ۋاقتىمنى بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىشكە كۆڭلۈم قىيماي يانفونۇمنى ئېلىپ تور خەۋەرلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم… ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي ئالدىمدا تۇرغان ئاكىمىزنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سوئالى دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى.

  - ئۇكام، مەن سەي دادۈيدىن ئەتىگەندە سەنلودا سەي ساتقىلى كەگەن. ئىشنى تۈگىتىپ يى دەي شەن فەنجىمنى ئەر دەي شەن فەنجىگە خۇئەنلە قىلاي دىگەنتىدىم. بۇ ئىشنى مۇشۇ پەيسودا بەنلا قىلامدىغاندۇ؟

  بۇ شالغۇتلاشقان سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلىنىپىراق سۆز باشلىدىم:

-ئاكا، سىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىزگە گۇمانىم يوق ئەمما بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ سىزنىڭ ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتامسىز ياكى خەنزۇچە سۆزلەۋاتامسىز، پەرقىنى ئايرىيالماي قالدىم...

-ئۇكام ئۆزلە نەدە چوڭ بولغان خو خەنزە؟ دېگىنىچە قاش-قاپاقلىرىنى تۇرۇپ ئۇستى-بېشىمغا ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدى.

   مەن تەمكىنلىك بىلەن ئاكىمىزنىڭ بۇ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدىم:

-ئاكا، سىلىنىڭ گەپلىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم، ئەگەر خاتا چۈشەنمىگەن بولسام سىلە ئەسلى مۇنداق دىمەكچىمىدىلە - مەن كۆكتاتچىلىق مەھەللىسىدىن ئەتىگەندە ئۇچ چاقلىق موتوسىكلىتتا كۆكتاتلىرىمنى ساتقىلى كەلگەن. ئىشىمنى تۈگىتىپ قايتىشىمدا بىرىنچى ئەۋلاد كىملىكىمنى ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىككە ئالماشتۇراي دېگەن ئىدىم. بۇ رەسمىيەتلەرنى مۇشۇ ساقچىخانىدا بېجىرەمدىغانمىدۇ؟

  مەن سۆزۈمنى تۈگىتىپلا ئاكىمىزدىن سورۇدۇم:

-ئاكا مەن سىلىنىڭ گەپلىرىنى توغرا چۇشنپتىمەنمۇ؟

-ئۇكام، سىلە مېنى سەھرالىق كۆرۈپ ئەتىگەندىلا شاڭخو قىلاي دەملا؟

مەن ئۆزۇمنى كۇلۇمسىرگەن بىر قىياپەتتە تۇتۇپ جاۋابەن مۇنداق دىدىم:

-ياق ئاكا، مېنىڭ سىلىنى مەسخىرە قىلىش نىيىتىم يوق، ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالمىسا. مەن سىلىنى ئۇيغۇر دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن سىلە بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى ئىستىدىم شۇ….

    شۇ دەقىقىدە يەنە قانداقتۇر بىر گەپلەرنى قىلاي دەپ ھازىرلىنىۋاتقىنىمدا ئۆچىرەت نۆۋىتى كېلىپ قالغان بۇ ئاكىمىز مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاشنى خالىمىغاندەك، ئۈن-تىنسىزلا مېنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئالدىراش ئىش بېجىرىش كۆزنىكىگە يۈرۈپ كەتتى…


  

2012- يىلى، ئىيۇل، ئاقسۇدا يېزىلدى.





1

تېما

1

دوست

636

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22350
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇنداق سۆزلەش خۇددى بىر شەرەپلىك بىر ئىشتەك ،توغرا تەلەپپۇزدا دىيەلىسە كاشكى تېخى؟
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

2

دوست

3789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:49:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۈزىتىش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى .ئاناتىلىمىز ھازىر بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا مۇھتاج بولۇپ قالدى ،بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى بۇرچ دەپ تونىساقلا ھەممە ئىش ياخشىلىنىو كېتىدۇ .

1

تېما

9

دوست

8855

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2576
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:52:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ياخشى چىىقىپتۇ...

0

تېما

0

دوست

403

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   51.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25230
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 12:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھەللىدە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، ئوتتورا ياشلىق بىر ئايال بىزدىدىن سورىردى،
-ئۇكۇلۇرۇم بۇ مەھەللىدە ..‹‹چۇزۇ›› قىلدىغان ئۆي بامىدۇ،؟
ئارىمىزدىكى بىر دوستىمىز
-چۇزۇ قىلىدىغان ئۆي يوق،ھەدە ئىجارىگە بىرىدىغان ئۆي بولسىمۇ .بۇلامدۇ؟

14

تېما

13

دوست

6146

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 1808
توردىكى ۋاقتى: 558
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 13:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
madika يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 12:56
مەھەللىدە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، ئوتتورا  ...

ھا...ھا...
Uysoda (1).gif

0

تېما

0

دوست

3257

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 944
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 13:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت قەدىرلىگەندىلا ئاندىن ھۆرمىتى بولىدىكەن .

0

تېما

0

دوست

2401

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9645
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 369
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 14:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن ئادەمنى باشقىلامۇ قەدىرلىمەيدۇ . ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك باشقىلا تېخىمۇ قەدرىلىمەيدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )