قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: arkim

ئەركىم: شىنجاڭ كادىرى نەزىرىدىكى ۋاڭ دا خاۋ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

1064

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 02:08:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ۋاڭ ھەزىرتىمنىڭ ‹تېرورلۇقنىڭ كاپتال مەنبەسى خوتەن قاشتىشى› ناملىق قىسقا ماقالىسىنى ئوقۇپ ئىددىيسىنىڭ ۋە كۆز قاراشلىرنىڭ ئۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ بولدۇم. ۋاڭ ھەزىرتىم ‹ئۇيغۇرلار پۇل تاپسا تېخى،تاپمىسا تىخى› دىگەن مەسىلىگە دۇچ كىلىپ بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمۇ تاپالماي مۇھتاج بولۇپ قاپتۇ. مەسىللەرنى ئىقتىسادقا باغلاپ قويۇپتۇ خۇددى ھەممە نەرسىنى پۇل ھەل قىلدىغاندەك. نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەگەشتۇرگەن ئىدىيەنىڭ يادروسى، كىشىلەرنىڭ ھىسياتى، نىمە ئويلايدىغانلىقى دىگەنلەر توغرۇلۇق ماقالىدا ھىچنىمە دىمەپتۇ. بەلكىم ئۆزىمۇ بىلمىسە كىرەك.

0

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18696
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 15:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://wangdahao.blog.ifeng.com/  مانا  بۇ  يەردە ئۇنىڭ ھەممە ماقالىسى بار .  بەزىلىرى توغرادەك قىلغان بىلەن بەزىلىرىدە بەك كوپتۇرۋەتكەن .  
قۇتلان تېلفۇنلىرى

6

تېما

1

دوست

7592

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1445
توردىكى ۋاقتى: 2600
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 17:14  
tengrikut يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 02:08
ۋاڭ ھەزىرتىمنىڭ ‹تېرورلۇقنىڭ كاپتال مەنبەسى خوتەن قاش ...

يەنىلام شۇ، ئۆزىنىڭ «مەنپەئەت ئارقىلىق يىتەكلەش» دىگەن كالتا كۈسەي نەزىريەسى ئۈچۈن......

6

تېما

1

دوست

7592

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1445
توردىكى ۋاقتى: 2600
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 16:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر توربەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئېقىمىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ تۇرىدىغان يولداشلامۇ باردەك چىراي.

0

تېما

3

دوست

1273

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 23:45:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaqi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 15:39
ئاغزىڭغا بىرسى بىرنىمە تىقمىغاندۇ پوخۋاش؟ قۇسقۇڭ كەل ...

ۋاڭ داخاننىڭ جىنلىرى چاپلىشىۋالمىغاندۇ ؟ نېمىشقا مۇنبەردە بىر-بىرىڭلارنى تىللايسىلەر ؟

5

تېما

2

دوست

3088

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15932
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 874
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 02:30:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرى؛ لاڭشەنپىڭ

1. باجنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى؛ 2. مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ 3. ئەمگەك تەننەرخىنىڭ زور كۆلەمدە ئۆسۈشى.
ئاۋال بىرىنچىسىگە كېلەيلى، ھەر قايسى كارخانىچىلار، سىلەر ئالدىنقى يىلى قانچىلىك باج تاپشۇرغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ بىز قولغا چۈشۈرگەن ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى سىلەر تاپشۇرغان بىۋاسىتە باج بىلەن ۋاسىتىلىك باج جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ باجدىن ئىلگىرىكى پايدىسىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن. سىلەر ھەر بىرىڭلار قانچىلىك باج تاپشۇرىسىلەر؟ بىۋاسىتە باجغا ۋاسىتىلىك باجنى قوشقاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستىمال باجلىرىنى قوشقاندا، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى شەخسلەردىن ئالغان بېجى ئوتتۇرىچە تاپاۋەتنىڭ %51.6 گە يەتكەن. بۇ ئىككى رەقەمنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى رەقەم ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق يۇقىرى باج يىغالايدىغان دۆلەت يوق، جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا بۇنداق يۇقىرى باج يىغقان سۇلالە يوق، ئەمما بىزنىڭ بۇ سۇلالىمىزدە يىغىلىۋاتىدۇ.
تۈنۈگۈن بىر يەردە دەرس سۆزلىسەم، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇچراپ قېلىپ، بىز شۇجىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە 9 ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن يىللىق باج يىغىش نىشانىنى ئورۇنداپ بولدۇق دېدى. مەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئايىمايلا، سىلەردەك مۇشۇنداق كادىرلار جۇڭگونى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلدىڭلار دېدىم. نېمىشقا؟ بۈگۈن سىلەرگە جاۋابىنى بېرەي. تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق كېلىپ چىقتى؟ تاۋباۋ ۋەقەسىنىڭ يېقىندىكى غەۋغالىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمىدى. سىلەرچە پەقەت مايۈن ھېلىقىدەك تېخنىكا مۇلازىمەت ھەققى دېگەنلەرنى يىغىپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغاندىمۇ؟ ئىش بۇنداق ئاددى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. سىلەرگە بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەي، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ تور سودىسى 523 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 2009- يىلى 250 مىليارد ئىدى. يەنى بۇلتۇر بىر قاتلانغان. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا 350 مىلياردقا يېتىپ بولدى. بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن ئاۋال 800 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. بۇ سانلارنىڭ قانچىلىك ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ جۇڭگونىڭ GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ تور سودىسى بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيانىڭ %40 گە يەتتى. بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا تور سودىسىنىڭ %50 گە يېتىدۇ. GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدىغان دۆلەت %50 تور سودىسىنى ياراتسا، سىلەرچە جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانمىدۇ؟ خاتالاشتىڭلار، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بەربات بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. بۇنى بىلەمسىلەر؟
ھۆكۈمەت قولايلىق دۇكان، مىلىچمال دۇكىنى دېگەندەك كىچىك ماگىزىنلاردىن ئېغىر باج ئېلىۋاتىدۇ. ھېسابلاپ كۆرەيلى، 15 خىل باجنىڭ ئىچىدە كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكىگە ئوخشاش %5 تىجارەت بېجى، %17 قوشۇلما قىممەت بېجى، يەنە باشقا بىر قاتار باجلار بار. جۇڭگودىكى بۇ دۇكان ئاچقۇچى پۇقرالار ئەڭ بىچارە بىر توپ. ئۇلار بىر مىلىچمال دۇكىنى، كىچىك بىر تاللا بازىرى ئېچىشقىلا چىقىنالايدۇ. ئەمما دۇكان ئاچسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى شىلىۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر باج يىغىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ھۆكۈمەت خەلق ئارىسىدىكى پارچە سېتىش بازىرىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلدى. كىچىك تاللا بازارلىرى، ئەپچىل دۇكانلاردىن ئېلىنىدىغان باج كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، كىمگە پايدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە كاررىفور، ۋالمارتلارغا پايدا بولىدۇ. نېمىشقا؟ ۋالمارتنىڭ دائىرىسى چوڭ، كۆلەم جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، مەسئۇل بوغالتىردىن بىرنى تېپىپ، باج كېمەيتىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما كىچىك دۇكانلار بۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىنتايىن غەلىتە دۆلەت، تاللا بازىرى قانچە چوڭ بولسا، بېجى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى مالىيە خادىملىرى ئارقىلىق باجدىن قانۇنلۇق قاچالايدۇ. چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ تېخى باج ئېتىبارلىرى بار.
ئۇلار باھانى كونترول قىلىپ، پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىكىدىن سەل تۆۋەن چۈشۈرسىلا، يېقىن ئەتراپتىكى بارلىق كىچىك دۇكانلارنى شاللىۋىتەلەيدۇ. ئاندىن رايون خاراكتېرلىك مونوپوللۇق شەكىللىنىدۇ. مونوپوللۇقتىن كېيىن، بۇ ۋالمارت، كاررىفورلار مال تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ، مالنىڭ پۇلىنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋىلىپ بەرمەيدۇ، مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، بايرامنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى مال پۇلىدىن تۇتۇپ قالىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ رايون خاراكتېرلىك مونوپولچىغا ئايلىنىپ بولغان. پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىلا بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈشنىلا بىلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىشنىلا بىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق. چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ بېيجىڭدىكى ۋۇمىي مال سېتىۋىلىش مەركىزىنى مىسالغا ئالايلى. تورغا چىقىپ باھا تەكشۈرۈپ شۇنى بايقىدۇقكى، ۋۇمىيدىكى ئالتە خىل ئۇششاق يىمەكلىكنىڭ باھاسى گۈزەل زىمىن (جىنشيۇ دادى) توپ تارقىتىش بازىرىدىكىدىن 2.85 ھەسسە يۇقىرى. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ ئۇلارنىڭ مونوپوللۇق شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بىر رايوندا چوڭ تاللا بازارلىرى قانچە كۆپ بولسا، پارچە سېتىش باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. پەقەت ئەتراپتىكى كىچىك دۇكانلارنى يوقاتسىلا، بۇ مۇقەررەر ئاقىۋەت بولىدۇ. چوڭ تاللا بازىرى قۇرۇلۇپ، رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، باھانى ئۆستۈرۈپ ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئاندىن مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قالىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىمتىيازنى كىم بەرگەن؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز.
شياڭگاڭدا قانداق؟ شياڭگاڭدا كىچىك دۇكانلار باجدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك كەچۈرۈم قىلىنغان. پەقەت ئىككىلا خىل باج بار. بىرى %0.1 لىك رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال بېجى، يەنە بىرى مەلۇم سوممىدىكى پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تاپشۇرىدىغان %17 لىك پايدا بېجى. ئەمما راۋۇرۇس پايدا تاپالمىسا بۇ باجنى تاپشۇرمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن شياڭگاڭدا ھەممە يەردە كىچىك دۇكانلار بار. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ باج نۆل دىگۈدەك بولغانلىقتىن، پارچە سېتىش باھاسى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. كىچىك دۇكانلارنىڭ باھا رىقابەت تەھدىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدا ئىلگىرى كاررىفور، ۋالمارتلار كىچىك دۇكانلارغا ئەگىشىپ باھا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ، قانچە چۈشۈرسە شۇنچە زىيان تارتقان. كىچىك دۇكانلارنىڭ رىقابىتى بولغانلىقتىن، مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشقا، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى بوزەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. مال تەمىنلىگۈچىنى بوزەك قىلساڭ، ئۇلار ساڭا ئىشلىمەي، كىچىك دۇكانلارغا تەمىنلەيدۇ. ئوخشاشلا گەپ، نېمىدەپ كاررىفورغا ئىشلىگۈدەك؟ شۇڭلاشقا شياڭگاڭ پۈتكۈل جۇڭگودىكى چوڭ تاللا بازارلىرى مەۋجۇت بولالمىغان بىردىنبىر جاي. شياڭگاڭغا ساياھەتكە بېرىپ باققان بولساڭلار، دەپ بېقىڭلار، كاررىفورنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ۋالمارتنىچۇ؟ ياق. نېمىشقا؟ ھەممىسى يوقىتىلغان. قانداق قىلىپ؟ شياڭگاڭ رايونىنىڭ ھۆكۈمىتى تۆۋەن باج سىياسىتى ئارقىلىق كىچىك دۇكانلارنى يۆلەپ، چوڭ تاللا بازارلىرىنى شاللىۋەتكەن. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ پايدىسى بەك چوڭ!
بىرىنچىدىن، تۆۋەن باج سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە پارچە سېتىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىستىمالچىلار نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. مال تەمىنلىگۈچىلەرنى، ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلمىسا، ئۇلار بۇنداق ئوڭۇشلۇق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە قايتا ئىشلەپچىقىرىشنى، قايتا مەبلەغ سېلىشنى، كۆپرەك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مانا بۇ شياڭگاڭدىكى ئىستىمال بازىرىنىڭ شۇنچىۋالا گۈللەپ - ياشنىشىنىڭ سەۋەبى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىچۇ؟ بىرەر شەھەرگە ۋالمارت كىرسە، ئەتراپىدىكى كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ. ئاندىن يەنە بىر شەھەرگە كىرىدۇ، يەنە بىر مۇنچە دۇكانلار غايىب بولىدۇ. ئاخىرىدا رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، باھانى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدۇ، مالنىڭ كىرىش باھاسىغا بېسىم چۈشۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچىنى بوزەك قىلىدۇ. مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچىم شىنجىندا كاررىفورغا 380 مىڭ يۈەنلىك گۈرۈچ ئۆتكۈزۈپتۇ. ھىساب بوغىدىغان چاغدا، 380 مىڭ يۈەننى ئالالماي ئەكسىچە كاررىفورغا 8000 يۈەن قەرز بولۇپ قاپتۇ. نېمىشقا؟ مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، تىجارەت ھەققى، قانداقتۇر فرانسىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى تۇتۇپ، پۇل يەتمىگەن گەپ. خوش، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تاۋباۋ ۋەقەسى يۈز بەردى؟ چۈنكى پۇقرالارنىڭ چىقىش يولى قالمىدى. ئېغىر باجنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت كاررىفور، ۋالمارتلارلا مەۋجۇت بولۇش، كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىش بولدى. بۇ پۇقرالار تاۋباۋ تورىدا بىچارىلەرچە بىۋاسىتە سېتىشقا مەجبۇر بولدى. كۆپچىلىك چۈشەنگەنسىلەر؟ مانا بۇ جۇڭگو تور سودىسىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى. ئاۋام پۇقرا كۈن ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ، نېمىشقا؟ باج بەك ئېغىر! شۇڭا تاۋباۋ بەك نوچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مايۈننىڭ سەۋىيىسى يۇقىرىلىقىدىن ئەمەس، خاتالاشماڭلار. ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر باج سىياسىتى ئەسلىدە كىچىك دۇكانلارنى ئېچىشقا تېگىشلىك پۇقرالارنى تاۋباۋ بازىرىغا كىرمىسە بولمايدىغان ھالەتكە قىستىدى. ئۇلار توردا ئۆزلىرىنىڭ غورىگول مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، يوقنىڭ ئورنىدىكى پايدىسىنى تېپىپ، كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ تور سودىسى مۇشۇنداق ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئەمىسە تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق ئىش؟ ئۇ بولسىمۇ مايۈننىڭ ئاشۇ ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ تۆۋەن تەننەرختە تىجارەت قىلىش خىيالىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىدۇر. سەن بۇ تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھەققى دېگەننى بىردىنلا بۇنداق يۇقىرى قىلىۋەتسەڭ، كاپالەت سوممىسىنى 200 مىڭغا چىقىرىۋەتسەڭ، خەق قانداق جان باقىدۇ؟ سېنىڭ بۇ قىلىغىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر بېجىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ يەنە سوراي، بۇنداق قىلىشىڭنىڭ بىرەر نەزەرىيە ئاساسى بارمۇ؟ كىچىك سودىگەرلەر بىرلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، تاۋباۋ ئاخىرى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. بىر يىل كىچىكتۈرەلىگىنىڭ باشتىكى قارارىڭدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن چىسلانى خالىغانچە قارار قىلىدىغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالىغانلىقىڭدىن ئەينى چاغدا سېنىڭ بۇ سوممىنى خالىغانچە قارار قىلغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سەندە ھېچقانداق نەزەرىيە ئاساسى يوق. بولمىسا قانداقمۇ ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالايسەن؟ گېپىمنى چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭ، يەنى كاپالەت سوممىسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشۈڭ، ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشىڭ باشتىكى قارارىڭغا تۈزۈلمىنىڭ يار يۆلەك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. سەن ئۆزەڭچە تاۋباۋنى مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردۈم دەپ ئويلامسەن؟ خاتالاشتىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ساڭا ياردەم قىلىپ تاۋباۋنى ئۇتۇققا ئىگە قىلدى. شياڭگاڭدا بولغان بولسا، تاۋباۋ مەۋجۇت بولالامتى؟ مۇمكىن ئەمەس، نېمىشقا؟ ئۇششاق سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ، باھا ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس. تاۋباۋغا ئەسلا ئېھتىياج يوق. شياڭگاڭدا مال باھاسى ئۇنداق پەرق قىلمىغاچقا، كىشىلەر ساپما كەشىنى كىيىپ، پەسكە چۈشۈپلا نەرسە – كېرەك سېتىۋالىدۇ. ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چوڭ تاللا بازارلىرىغا بېرىپ سېتىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا قاتناش ئەھۋالىمۇ ياخشى. ئەمەلىيەتتە قاتناش قىستاڭچىلىقى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھازىر باجدىن قاچماي ياشىماق تەس، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ باجدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى توغرا چۈشىنىمەن! (ئالقىش)
------------
ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسام تەستىقلىمىدى، كۆپچىلىكنىڭ دۇنيانى چۈشۈنۈشىگە  ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24481
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 03:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشنىڭ قۇرۇغۇچىسى كىمۇ؟ باشقۇرغۇچىلارچۇ؟ ھەجەپ ئالاھىدە يەر ئىكەن دىسە بۇ؟ نىمە دىگىسى كەلسە دەۋېرىدىكەن.  ۋاڭ داخاۋنى مۇشۇ يەرگىلا چاقىرىپ پاراڭلىشىپ باقامدۇق يە؟ ئۇ خېلى بىز ئويلىمىغاننى ئويلايدىغان چىراي!

0

تېما

0

دوست

295

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25655
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 02:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaqi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 15:39
ئاغزىڭغا بىرسى بىرنىمە تىقمىغاندۇ پوخۋاش؟ قۇسقۇڭ كەل ...

نىمانداق سېسىغ گەپ قىلىسىز، شۇمۇ سىزدىكى ساپامۇ ، ئۇ قېرىندىشىمىز ئۇنداق دىسىمۇ ‹‹ئاغزىڭغا بىرسى بىرنىمە تىقمىغاندۇ پوخۋاش›› دييىش كىتەمدۇ.. بۇ يەردە كىچىك باللار يوقتۇ ھاياجانلىنىدىغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )