- تىزىملاتقان
- 2013-5-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 190
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
63.33%
|
بۇ ۋاڭ داخاۋ نىڭ «قاش تېشى سودىسى تىرورلىقنىڭ ئىقسادىي مەنبەسى» ، « خەنزۇ ساقچىنىڭ ھىكايىسى 》 قاتارلىق ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سېپى ئۆزىدىن مىللىي بۆلگىنچى ، قۇتۇراتقۇچى ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم .
قاش تېشى ماقالىسىدە تۈخۈمدىن تۈك ئۆندۇرۇپ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى باي قىلماسلىق كېرەك دىگەن رەزىل ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن .
«خەنزۇ ساقچىنىڭ ھىكايىسى › دىگەن ھېكايىسىدە قىلچە ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ، قىلچە مومكىنچىلىغى يوق بولغان ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىپ ، ھىكايە دىسە ھىكايە ئەمەس ، فانتازىيە دىسە فانتازىيە ئەمەس بىر نىمىنى يازغان . ئەمما گەپ يازمىنىڭ ۋەقەلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ياكى ئۇسلوبىدا ئەمەس بەلكى ئۇ ئىپادىلىمەكچى بولغان زەزىل ئىدىيىدە ..
يازمىنىڭ ۋەقەلىكى : خانزۇ ساقچىنى كىچىگىدىن بىللە ئويناپ يۈرگەن ئىككى ئۇيغۇر تىرورچى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ ، خەنزۇ ساقچى تىرورچىلارنىڭ بىرىگە بۇنداق قىلما دەپ يېرىم كۈن نەسىھەت قىلىدۇ كار قىلمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئامالنىڭ يوقىدىن ئاتقىسى بولمىسىمۇ كۆزىنى يۇمۇپلا تەپكىنى باسىدۇ ، تىرورچى ئۆلىدۇ ، يەنە بىر تىرورچىنى پاش قىلمايدۇ ، ئۆلگەن تىرورچىنىڭ يىتىم قالغان بالىسىنى بېقىۋېلىپ ئۆز بالىسىدەك قارايدۇ ... ھايات قالغان ئۇيغۇر تىرورچى پەللە - پەللە ئۈسۈپ ھاكىم بولىدۇ ، .....
بىر كۈنى ساقچى ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ ئولتۇرسا ئەزىزلەپ باققان ئۇيغۇر بالىسى قولىنى تاپانچە قىلىپ ساقچىنى پاڭ قىلىپ ئاتىدۇ ...ساقچى ھەيران قالغانچە داڭ - قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ......... يازما ئاخىرلىشىدۇ .
يازما قارىمماققا ئەخلەتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، مەركىزى ئىدىيىسى ئىنتايىن رەزىل .
ئۇ شۇنچە ئىنجىقلاپ ئىپادىلىگىنى ۋە خەنزۇ يولداشلارغا يەتكۈزمەكچى بولغىنى :
1 . ئۇيغۇرلار بىلەن بىر يوتقاندا يېتىپ چوڭ بولۇپ ، قىيامەتلىك دوستلاردىن بولۇپ كەتسەڭمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ . ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ ...
2. ئۇيغۇر رەھپەرلەرگىمۇ ئىشىنىشكە بولمايدۇ ، ئۇلار بۇرۇن ،ھازىر ،ياكى كەلگۈسىدە تىرورچى بولۇشى مومكىن ....
3. ئۇيغۇر بالىلىرىنى كىچىگىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈپ تەربىيلىسەكمۇ ، ئۇ يەنىلا تىرورچى بولۇپ قېلىشى مومكىن ، چۇنكى تىرورلۇق ئۇلارنىڭ قېنىدا بار .....
مەن ئۇنىڭ ئىككى پارچە ماقالىسىنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ ئۇنىڭ زەزىل نىيىتىنى ھىس قىلغان ئىدىم ، بۇنداقلارنىڭ ئەدىپىنى ھۈكۈمەت بىرەر ، ھۆكۈمەت بەرمىسە خۇدا بىرەر ....... |
|