شىنجاڭلىق كادىرنىڭ نەزىرىكى ۋاڭ داخاۋ
ئاپتور: شىن گەن ( 2014-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى ۋاڭ دا خاۋنىڭ بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى تېما) ــ ئەركىم تەرجىمىسى يولداش ۋاڭ داخاۋنىڭ « مەنپەئەت نەزەرىيىسى » يەنى ئۇنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى بەكمۇئالاھىدە، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان رېئال قاراتمىلىققا ئىگە، مەۋجۈت بولغان ئوبېيكتىپ مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ، زىتلىقتىن خالىي، ھەقنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىدۇ، كۆزقارىشى ئالاھىدە، پىكىرى كەسكىن، ئىدىيىسى ئۆتكۈر، نىشانغا دەل تېگىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇغانلارنىڭ دىلى يورۇپ، پۇخادىن چىققۇدەك ھوزۇرلىنىدۇ. يولداش ۋاڭ دا خاۋ يازغان ماقالىلارنىڭ ياردىمىدە نۇرغۇن چۈشىنىكسىز، خاتا كۆزقاراشلار چۈشىنىۋالدۇق. مەيلى ئىچكىرىلىك ۋە شىنجاڭلىق بولايلى ئۇنىڭ ماقالىلىرى شىنجاڭ مەسىلىلىرىنى ئەتىراپلىق ھەم چوڭقۇر چۈشۈنىۋېلىشىمىزدا بەكمۇ مۇھىم ئۇيغۇتۇش رولىنى ئوينىدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ۋاڭ دا خاۋ ماقالىلىرى بىزگە شىنجاڭنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ۋاقتىدا پەرق ئېتىشىمىز ئۈچۈن ياردىمى كۆپ، ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقائاشۇرۇش مۇساپىسىدە، يۇقىرىنىڭ يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىمۇ يېتەكلەش ئەھمىيىتى زور. يولداش ۋاڭ دا خاۋنىڭ كۆپلىگەن ماقالىلىرى خەلق گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرئارىسىدا كەڭرى تارقىتىلىش لازىم. يولداش ۋاڭ دا خاۋنىڭ ماقالىلىرى بىزنىڭ « ئۈچ خىل كۈچ » لەرنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشىمىزدىكى ئۆتكۈر ئىدىيە قورالىمىز. توردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاڭ داخاۋنىڭ ماقالىلىرىنى باھالاپ ۋە تەنقىدلىگەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ۋاڭ داخاۋنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا، بۈگۈنكى جۇڭگودا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان كىشى كەمدىن كەم ئۇچىرايدۇ، ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ چۈشىشى تەبئىي ئەھۋال، تامامەن نورمال ھادىسە. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ۋاڭ دا خاۋكەمتەر ئەمەس، بەك ھاكاۋۇر. بۇ قاراشقا قوشۇلالمايمەن، كېرەكسىز، يالغانچى كىشىلەرلا مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن باشقىلارغا قارا چاپلاشقا ئامراق. بىر كىشىنىڭ ماقالىسى ۋە ياكى نەزىرىيسىنڭ جەمئىيەتتىكى قىممىتى ئەڭ مۇھىم، يازغۇچىنىڭ كەمتەر،كەمتەر ئەمەسلىكىنى تىلغا ئېلىشنىڭ لازىمى يوق. كېرەكسىز ئادەملەر دائىم كەمتەربولىۋالىدۇ، بىراق، بۇنداق كەمتەرلىكنىڭ نىمە پايدىسى؟ پەقەت ۋاڭ دا خاۋ ماھىيتىنى ئاشكارلىۋەتتى، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، كەمتەر، كەمتەر ئەمەسلىك بىلەن پەرۋايىمىز پەلەك. ۋاڭ داخاۋنىڭ شىنجاڭدا بولغانلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى. ئەمما، ۋاڭ دا خاۋنىڭ ئىجابىي رولى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ نەزىرىگە چۈشمىدى، مانا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخىتسىزلىكىدۇر. ئاڭلىساق، جەنۇبى شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ناھىيە پارتكومى كوللىكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا،ۋاڭ دا خاۋنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگەئائىت ماقالىلىرىنى مۇنازىرە قىلغان، كادىرلار ئامما ئارىسىدا تەشۋىقات پائالىيتى قىلغاندا ھەم يولداش ۋاڭ دا خاۋنىڭ ماقالىلىرىدىن كۆپلىگەن پارچىلارنى ئىشلەتكەن،بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ۋاڭ دا خاۋمۇ ئادەتتىكى بىر پۇقرا،ھەرگىزمۇ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پېرافىسورى ئەمەس، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقىمۇ ئەمەس، ئەمىسە نىمىشقا ئاساسى قاتلامدىكى كادىر ۋە ئامما ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى قولدىن قولغا ئېلىپ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم تۇرمامدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى مۇقىم، بىخەتەر خىزمەت ۋە ئۆگىنىش قىلالايدىغان جەمىيەتكە جىددى ئېھتىياجلىق،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئۇزاق ئەمىنلىكى قوغداش ئۈچۈن،يولداش ۋاڭ دا خاۋ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى، زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئىزچىل يېشىلمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ھارماي - تالماي پىكىر يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئۇنىڭ تەتقىقات راسخوتى يوق، قەلەم ھەققى ئۈچۈن كۆپ مىقتاردىكى ماقالىلارنى توردا ئېلان قىلغىنى يوق،شىنجاڭدا خەتەردىن قورۇقمايدىغان بۇنداق كىشىدىن يەنە نەچچىسى بار؟ يولداش ۋاڭ دا خاۋ ھۆكۈمەت دېمەكچى بولۇپ دېيەلمىگەن، دېگۈسى بولسىمۇ، دىيىشكىمۇ پېتىنالمىغان ھەق گەپلەرنى دېيىشكە پېتىنالىدى، مانا بۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە قىممىتى. دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەن 30 يىل مابەينىدە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنى ئىزچىل تەكىتلەۋاتىدۇ، بىراق، يەنىلا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىدىيىسى قاتمال، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. ۋاڭ دا خاۋ تەپەككۈرى جانلىق، ئىدىيسى ئازات بىر كىشى. ۋاڭ داخاۋ نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ، مېنىڭچە ئۇلار ئىدىيسى تىگىدىن ئازات بولمىغانلار خالاس. شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنى ۋاڭداخاۋدەك قىزغىن سۆيىمەن، گەرچە ، چىن يۈرۈكۈمدىن ئۇنى قوللىساممۇ، لېكىن، ۋاڭ داخاۋ دېگەن گەپلەرنى دېيىشكە پېتىنالمايمەن. بىر پارچە ئىمزاسىز (تەخەللۇس) خەتيېزىپ ۋاڭ دا خاۋنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈشكە رازىمەن. شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىنىڭ يۈرىكىدىكى گەپلەرنى ئېيتقانلىقىمغا ئىشىنىمەن. كەمىنە: شىن گەن |