- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 388
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  44%
|

مۇرات ناسىروف ۋاپاتىنىڭ 7 يىللىقى
2014-01-20
بۇ يىل 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفنىڭ ۋاپاتىغا ساق 7 يىل توشتى. مۇرات ناسىروف بۇنىڭدىن يەتتە يىل ئىلگىرى، يەنى 2007- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى كېچىدە ئۆزىنىڭ موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ، 38 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئالماتاغا ئېلىپ كېلىنىپ، زارىيا ۋاستوكا مەھەللىسىدىكى قەبرىستانلىققا، دادىسى ئىسمائىل ناسىروفنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.
مۇرات ناسىروف ئۆزىنىڭ لىرىك، يېقىملىق، سۈزۈك ئاۋازلىرى بىلەن 1997-2003- يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ «گۈلايىم»، «قالدىم يالغۇز» قاتارلىق ناخشىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقىرى ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.
مۇرات ناسىروفنىڭ 2007- يىلى، 19- يانۋار كۈنىدىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن رۇسىيەنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ئۆلۈم ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ پىكىرلەر مەيدانغا چىققان. ئۇنىڭ ئاكىسى نىجات ناسىروف ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مۇراتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تولىمۇ تاسادىپىي ۋە سىرلىق ئىكەنلىكى، ساقچىلار چىقارغان «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان» دېگەن يەكۈننىڭ ناتوغرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىشەنمەسلىك ئىدىيىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇرات ناسىروفنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار قايىل قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن. بەزىلەر بۇ ئۆلۈمنىڭ ئارقىسىدا كۆرۈنمەس يامان قوللارنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. قىسقىسى، مۇراتنىڭ ئۆلۈمى يەتتە يىلدىن بۇيان سىرلىق پېتىپ قېلىۋەردى.
مۇرات ناسىروف ۋاپات بولغانلىقىغا 7 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنلەردە رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، بولۇپمۇ تور بەتلىرى مۇرات ناسىروفنى خاتىرىلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇراتنى خاتىرىلەش ماقالىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. بەزى شەخسىي بلوگ يازغۇچىلىرىمۇ ئۆز بلوگلىرىدا مۇراتقا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادە قىلىشتى.
رۇسىيەدە تارقىتىلىدىغان «سپلېتنىك» تورىدا «مۇرات ناسىروفسىز يەتتە يىل» ماۋزۇسىدا سۈرەتلىك خاتىرىلەش ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدا مۇراتنىڭ 20 پارچىغا يېقىن ھەر خىل ئايرىم ۋە ئائىلە سۈرەتلىرى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئېلان قىلىندى.
رۇسىيەدىكى سەنئەت چولپانلىرىغا ئائىت مەشھۇر تور بەتلىرىدىن بىرى «ستارخىت.رۇ» تورىدا «يېقىنلىرى مۇرات ناسىروفنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ماقالىدە مۇرات ناسىروفنىڭ ئانىسى، ئاكا-ھەدىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىككى پەرزەنتى ۋە ئايالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مۇرات ناسىروفنىڭ ئايالى ناتالىيا يىلدا بىر قانچە قېتىم ئىككى پەرزەنتىنى ئېلىپ، ئالماتاغا كېلىپ، قېيىن ئانىسى خاتىرە خانىمنى زىيارەت قىلىدىكەن ۋە مۇرات ناسىروفنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدىكەن. خاتىرە خانىم نەۋرىلىرىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدۇ، بولۇپمۇ مۇراتنىڭ كىچىك ئوغلى ھاكىمنىڭ دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇرات ناسىروفنىڭ قىزى لىلىيا بۇ يىل 17 ياشقا، ئوغلى ھاكىم 13 ياشقا كىرگەن. ئۇلار ئانىسى بىلەن بىرلىكتە موسكۋادىكى ئاشۇ مۇرات ناسىروف ۋاپات بولغان ئۆيدە ياشىماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە تور بەتلىرىدىن بىرى «نەۋس.خخخپ.بىز» دا «مانا مۇرات ناسىروفنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا 7 يىل توشتى» ماۋزۇلۇق قىسقا ئەسلىمە ئېلان قىلىنىپ، مۇرات ناسىروفنىڭ «سەن دېمەك مەن» ناملىق د داڭلىق ناخشىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
مەنبەسى، تور دۇنياسى
|
|