قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ئىلنازە

ئىلنازە: يولداش ۋاڭ دا خاۋ نىڭ كونا يازمىلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

8381

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1699
توردىكى ۋاقتى: 2695
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 18:07:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 01:20  

"قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ" بۇ دالى كارنىگىنىڭ مەشھۇر سۆزى بولۇپ، بەلكىم كارنىگى ئەپەندى بۇ سۆزنى دىگەن ۋاقتىدا بىزلەرنى ئاسلا كۆزدە تۇتمىغان بولۇشى مۈمكىن. ئەمما بۇ سۆز بىزلەرگىمۇ تولۇق ماس كېلىدۇ.
توغرا، پەلىپەتىش ۋاڭنىڭ بۇنداق جۆيلىمىلىرىدىن قايغۇرۇپ كېتىشنىڭ ھىچ بىر زۆرۈرىيىتى يوق! بەزى قۇلىغى ئۇزۇن ئەرباپلارنىڭ دىگىنىگە ئاساسلانغاندا جۇڭخۇا كوچىسى قۇرۇش پىلانى ئاللىقاچان يولغا قويۇلۇپ، ئۇزۇن قۇلاق ئۇيغۇرلارنىڭ تالاش-تارتىشىغا قالغانلىقىمۇ مەلۇم. بىراق بۇنداق بولۇشى مەسىلىنىڭ پەلىپەتىش ۋاڭنىڭ كۈتكەن يېردىن چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىز پەلىپەتىش ۋاڭنىڭ پىكىر تەلەپلىرى ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىنىپ، راستىنلا ئىچكىرىدە 1000 جۇڭخۇا كوچىسى بەرپا قىلىنىپ، 3 مىليۇن ئۇيغۇر يۆتكەپ كېتىلدىمۇ دەيلى، بۇ ۋاقىتتا پەلىپەتىش ۋاڭ مۇنداق بىر نەچچە تەرەپكە سەل قارىغان بولىدۇ. ھەم سەل قارالغان مۇشۇ بىر قانچە تەرەپلا ھۆكۈمەتنىڭ 1000 جۇڭخۇا كوچىسى بەرپا قىلىش قۇرلۇشىنى تەل-تۆكۈس ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.
1. پەلەپەتىش ۋاڭچە بولغاندا بەرپا قىلىنغان ھەر-بىر جۇڭخۇا كوچىسىدا مەسچىت قۇرۇشقا بولماسمىش. بۇ دىگەنلىك كوچىدا ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ دىنى-ئېتىقادى 100 پىرسەنت چەكلىنىدۇ دىگەنلىك. دىمەككە ئاسان بولغان بىلەن 3 مىليۇن مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىنى بىر بۇيرۇق، بىر تەدبىر ئارقىلىقلا چەكلەش شۇنچە ئاسانمۇ؟ ئەڭ تۆۋەن مۆلچەردە، بۇ 3 مىليۇن مۇسۇلماننىڭ 2 مىليۇنى ماڭقۇرۇتلىشىپ كەتسىمۇ قالغان بىر مىليۇنى قانداق بەدەل تۆلىشىدىن قەتئى نەزەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىشىنىڭكى جۇڭخۇا كوچىسى بەرپا قىلىش قورۇلۇشىدىن چوقۇم مەسىلە چىقىدۇ.
2. 1000 جۇڭخۇا كوچىسى 1000 ئورۇندا بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ  ناھايىتىمۇ كەڭ تىرىتورىيەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بەزى كوچىلار ئېنىقكى تۇڭگان قاتارلىق بەزى مۇسۇلمان رايۇنلار بىلەن چىگرىلىنىپ قالىدۇ ياكى مۇساپىسى يېقىن بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر كوچىلىرىدا دىنى-ئېتىقات پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، تۇڭگان رايۈنلىرىدا ئەركىن ئېتىقات يولغا قويۇشتەك ئوخشاش ئتىقاتتىكى كىشىلەرگە بولغان ئوخشىمىغان سىياسەت، بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىژتىمائى تەڭسىزلىكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. تەڭسىزلىك بولغان ئىكەن زىددىيەت، جىدەل-ماجرا كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تەڭسىزلىكنى ياخشىلاش يۈزىسىدىن ئەركىن دىنى ئېتىقات قويىۋېتىلسە، ئۇ چاغدا پەلەپەتىش ۋاڭ قورۇققان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەركىن دىنى ئېتىقات سىياسىتىگە ئېرىشىپلاۋالىدىكەن، خاتىرجەم بولۇڭكى ئۇيغۇرلار ئاتسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭغا ماۋزېدۇڭ دەۋرى ياخشى پاكىت بولالايدۇ. شۇ چاغدىمۇ ئازات قىلىمىز دەپ چىققانلاردىن نەچچە مىڭلىغان يولداشلارغا ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈپ بولغانبىز. ئۈمۈتۋار بولۇڭكى ئېتىقاتلام بولىدىكەن خۇدايىم بۇيرىسا يەنە نەچچە مىڭلىغان، ھەتتا نەچچە مىليونلىغان يولداشلارنى سېپىمىزگە قوشالايمىز.
3. بۇ يازمىدا 3 مىليۇن ئۇيغۇرنى ئىچكىرىگە كۆچۈرىمىز دىگەن بىلەن بۇ 3 مىليۇن كىشىنىڭ دەپنە-چىراق ئىشلىرى تېخى يازما يازغانلارنىڭ يەتتە چۈشىدىمۇ يوق.ئۇيغۇرلار ئۆلگەنلەرنى گۈەنسەيگە سالمايدۇ، جەسەتلەرنى كۆيدۈرمەيدۇ، پەقەت يەرلىككە دەپنە قىلىدۇ. يەرلىك ئۈچۈن زىمىن كېتىدۇ. بۇ زىمىن نەدە؟ ھەر بىر كوچىدىكى 3000 ئادەمنىڭ (بۇ ئادەتتە نورمالراق بىر كەنىتنىڭ نوپۇسى) قەۋرىستانلىقى ئۈچۈن 5 مودىن كۆرۈپ قويساق 1000 كوچا ئۈچۈن 5 مىڭ مو قەۋرىستانلىق كېتىدۇ. 2 مودىن كۆرۈپ قويساقمۇ 2000 مو يەر كېتىدۇ. بۇ 2000مو يەر زادى قەيەردە؟ بۇ ئەلبەتتە ئىچكىرىدىكى نامرات، بىچارە دىھقانلارنىڭ تېرىقچىلىققا ئىشلىتىدىغان يېرىدە. ھەرگىزمۇ قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۇ خام خىيالنى قىلغان پەلىپەتىش ۋاڭنىڭ يېرىدە ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇنداق-مۇنداق يەرلەر، بولۇپمۇ ئىچكىرىنىڭكىدەك زەيكەش تۇپراقلار قەۋرىستىنلىققا يارىمايدۇ. قەۋرىستانلىق ئۈچۈن چىكىپ، تاللاپ، خىللاپ يۈرۈپ يەر ئىزلەشكە توغرا كېلىدۇ. دىمەك دەپنە چىراق ئىشلىرىنى مەسئۇل يولداشلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، چىكىپ يۈرۈپ خالىغان يەردىن قەۋرىستانلىققا يەر ئاجرىتىش جەريانىدىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىقلار، سۈركۈلۈشلەر يۈز بېرىدۇ.
4. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بىكارلىققا ئۆي بېرىمىز، بەزىلىرىڭلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيمىز، شارائىتىڭدا شىنجاڭدىكىدەك ئۇنچىۋالا چەكلىمىلەر بولمايدۇ ئەمما شەرت دىنغا ئىشەنمەيسەن، ئىچكىرىدە ئولتۇراقلىشامسەن دىسە سىز ئىككىلەنمەيلا ماقۇل بولىسىز، سىز ماقۇل دىمىسىڭىز ماقۇل دەيدىغانلار چىقىدۇ. توختام تۈزۈشكە توغرا كەلسە توختامغا قول قويۇۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇل دائىرىلەر دىنغا ئىشەنمەيدىغان بولدى دەپ يۈرىۋېرىدۇ ياكى ئانچە مۇنچە كۆز قۇلاق بولىدۇ. لېكىن مەن بىلىمەن، توختامغا قول قويغانلارنىڭ  نەزىرىدىكى ئەڭ ئاقىلانە چارە مەنپەئەتتىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك ھەم دىنى ئېتىقاتتىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك. شۇڭا دىنى ئېتىقاتنى پۈتۈنلەي چەكلەش بولۇپمۇ بۇ يازمىنى يازغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
5. كۆچمەنلەر كۆچۈپ بارغان ئىكەن چوقۇم يەرلىكلەر بىلەن ھاياتلىق مەنبەلىرىنى تالىشىش كۆرۈشى يۈز بېرىدۇ.
6. پەلىپەتىش ۋاڭ شۇنى بىلمەيدۇكى دانا كومپارتىيەمىز بىراقلا ئېتىقاتنى چەكلەپ 3 مىليۇن ئادەم بىلەن قارشىلىشىدىغان؛ زومۇ-زو ئۆزىگە دۈشمەن تېپىۋالىدىغان؛ 3 مىليۇن ياشتىن تەركىپ تاپقان زور بىر توپ بۆرىنى ئۆز قوتىنىغا باشلايدىغان بۇنداق ھاماقەتلىكنى ھەرگىز قىلمايدۇ.
تېخى جۇڭخۇا كوچىسىغا كۆچۈرىلىدىغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى 45 ياشتىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق، 30 ياشتىن تۈۋەن ياشلار ئاساسى ئورۇنغا قويۇلىدۇ، چۈنكى بۇ ياشتىكىلەر يېڭى مۇھىتقا ئەڭ ئاسان ماسلىشالايدۇ، دەپتۇ. 45 ياشتىن تۆۋەن، 30 ياشنى ئاساس قىلغان ياشلار يېڭى مۇھىتقا ئاسان ماسلاشقان بىلەن، بۇلار كىسەلمەنلىرى يوق، قېرى-چۆرىلىرى يوق، ئاجىز ئۇرۇقلىرى يوق، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ساپ ياشلاردىن تەشكىل تاپقان 3 مىليۇن ساغلام ئەمگەك كۈچى بولۇپ، بۇ بىر قوشۇن، ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر كۈچ.  ناۋادا ئىشلار پىلانلىغاندەك بولماي، كۈتكەن يەردىن چىقماي ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقسا قانداق قىلغۇلۇق؟
شۇڭا خاتىرجەم بولساق بولۇدىكى پەلەپەتىش ۋاڭنىڭ بۇ خام خىيالى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 3 مىليۇن ساغلام ئەمگەك كۈچىدىن تەركىپ تاپقان زور قوشۇننى ئۆز ھويلىسىغا باشلاپ، تۆردىن ئورۇن بېرىش تېگى تەكتىدىن ئالغاندا بۆرىنى ئۆز قوتىنىغا بشلىغانلىق، ئۆز بېشىغا ئۆزى پىت سېلىۋالغانلىق بولۇپ دانا كومپارتىيە بۇنداق پىتنى ھەرگىزمۇ ئۆز بېشىغا سېلىۋالمايدۇ!

0

تېما

0

دوست

341

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   20.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9627
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 89
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 20:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karabag يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 17:57
كەچۈرۈڭلار..كەچۈرۈڭلار..     مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يۇزى ق ...

مەنمۇ 3 تال تاشلاپ قويدۇم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.01%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4390
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 21:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-25 21:18  

بۇ مەدەنىيەتلەر راسىتلا بىز قىلالايدىغان مەدەنىيەت ئەمەس... بۇ جەھەتلەردە بىز مەڭگۈ ئۇلارغا يىتەلمەيمىز...

بۇ يەردىمۇ بار... تۈۋەنرەك تەرپىدە بىر رەسىمگە مائوسنى ئەكەلسىڭىز گۇئاڭدوڭ 3000 يۈەن دەپ خەت بار...
بۇ ۋاڭ دا خاۋ دىگەندەك سانائەت خىزمەتچىسى بۇلۇشقا يارىمايدۇ دىگەن گەپ پەقەت ئىچى قۇتالارنىڭلا گىپى، يەنە بىر تىمىسىدا خوتەن قاش تىشىنىمۇ تىرورلۇق مەبلەغ مەنبەسىگە چىقارغان ...

0

تېما

2

دوست

1461

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10138
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 253
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 23:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نېرۋىسىدا مەسلە باركەن بۇ ۋاڭ داخاۋ دىگەن مىللەتچىنىڭ...

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-25 23:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karabag يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 14:02
قېرىندىشىم  بەكمۇ  خىجىل مەن. بۇ دۇستىمىزغا ياردەم قىل ...

رەھمەت بۇرادەر .
ياخشى تىلەكلەر بىرگە بولسۇن

0

تېما

0

دوست

74

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25185
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 04:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان كولۇبىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇسابىقىللىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ !! ئۇيغۇرلارنىڭ پەچەت مۇسابىقىسى ..سىزگە چۇقۇم يارايدۇ !!!
http://www.wwe888.com/topiclist/ATAMAN.html

0

تېما

10

دوست

2416

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23510
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 223
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:13:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 18:07
"قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ" بۇ دالى كارنىگىنىڭ مەشھۇ ...

قالتىس

0

تېما

0

دوست

67

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12860
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 17
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 21:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bulbulnaz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-25 03:49
بۇ تېمىنى بۇرۇنمۇ ئىلنازە تەرجىمە قىپتىكەن… ئەدەپسىز ...

خاتا چۈشەنمەڭلار ، مەن پەقەت بۇرۇن كۆرگەندەك قىلغان دېدىم  باشقا  گەپ قىلمىدىم  ،  تالاش تارتىش قىلغۇدەك گەپمۇ ئەمەسقۇ بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )