- تىزىملاتقان
- 2012-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14163
- نادىر
- 1
- يازما
- 285
ئۆسۈش
10.41%
|
كىتاپ نېلسۇن ماندېلانىڭ ئۆز تەرجىمھالى بولۇپ، تۈرمىدە يېزىلىپ تاماملانغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن نەشر قىلىنغان. خەنزۇچە نەشرى 2005-يىلى شەندوڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
ماندېلا 16 ياشقا كىرگەندە ئۆز قەبىلە ئادىتىگە كۆرە، تەڭتۇشلىرى بىلەن بىرگەئوپچە خەتمە قىلدۇرۇدۇ. خەتمىدىن كېيىن ئوپچە سۈننەت توي مەرىكىسى بولىدۇ . ... ...
توۋەندىكى پارچە يۇقۇرقى خەنزۇچە نەشرىنىڭ 25-بېتىدىن ئېلىندى: (ماندېلا بايان قىلىۋاتىدۇ)
... ... ...
ئۇ كۈنى سۆزلىگەن ئاساسلىق كىشى قەبىلە باشلىغى مېرىگېرى بولدى، ئۇ دالېندېيېبونىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېنىڭ گۈزەل چۈش-خىياللىرىم تۇمانلاشتى. ئۇ ئەنئەنىۋى سۆزلەر بىلەن سۆزىنى باشلىدى. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزگە قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىۋاتقىنىمىزنى، بۇ ئەنئەنىمىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ئۇزاق زامانلاردىن باشلانغىنىنى سوزلەپ كېلىپ، بىزگە بۇرۇلۇپ، تۇيۇقسىز تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق دېدى: « بۇ يەردە بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز ئولتۇرۇپتۇ، ئۇلار ياش، ساغلام، سۇمباتلىق، كائۇسا قەبىلىمىزنىڭ ياش نوتىلىرى، ھەم بىزنىڭ پەخرىمىز. بىز ئابايلا ئۇلارنىڭ سۇننىتىنى قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىگە، ھەقىقىي ئەركەك بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدۇق. ئەمما مەن بۇ يەردە سىلەرگە شۇنداق ئېيتىمەنكى بۇ قۇرۇق ھەم ساختا ۋەدە، ھەم مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ۋەدە. چۈنكى بىز كائۇسالار پۈتكۈل جەنۇبىي ئافرىقا نېگىرلىرىغا ئوخشاشلا بىر بۇيسۇندۇرۇلغان مىللەتمىز. بىز ئۆز ۋەتىنىمىزدىكى قۇللارمىز، بىز ئۆز يەرلىرىمىزگە مەدىكارمىز. بىزنىڭ قۇدرىتىمىز يوق، ھوقۇقىمىز يوق، كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن بۇ زىمىنىمىزدا ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇشقا قادىر بولالمىدۇق. سىلەر شەھەرلەرگە كىرىسىلەر، سىلەر ئۇ يەردە ئاددى كەپىلەردە تۇرۇسىلەر، ئەرزان ھاراقلارنى ئىچىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سىلەرگە گۈللەپ-ياشنايدىغان ماكاننى تەقدىم قىلالمىغىنىمىزدىن بولدى. سىلەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ چوڭقۇر كان قۇدۇقلىرىدا ئىشلەيسىلەر، يۆتەلسەڭلار ئوپكەڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلۇشقۇدەك بولۇپ ئاغرىيسىلەر، كۈنلەپ كۈن نۇرىنى كۆرمەيسىلەر، ئەمما ئاق تەنلىكلەر بولسا تەڭسىز ھالدا راھەت-پاراغەتتە ياشايدۇ. سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەلكىم قالپىقى بار ھوقۇقىي يوق قەبىلە ئاقساقىلى بولالىشىڭلار مۈمكىن، چۈنكى بىزنىڭ ئۆزىمىزنى باشقۇرىدىغان ھوقۇقىمىزمۇ يوق؛ سىلەرنىڭ بەزىڭلار مەڭگۈ ئۇرۇش قىلمايدىغان ئەسكەر بولۇشۇڭلار مۈمكىن، چۈنكى بىزنىڭ ئۇرۇش قىلىدىغان قورالىمىز يوق؛ سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەلكىم مەڭگۈ ساۋاق بېرەلەمەيدىغان موللام بولۇشۇڭلار مۈمكىن، چۈنكى بىزنىڭ ساۋاق بېرىدىغان جايىمىز يوق؛ سىلەر ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلار، قابىلىيىتىڭلار ۋە ئسىتىقبالىڭلار تىرىكچىلىكنىڭ مۇشەققەتلىرىدىن بەربات بولۇشى، ئاق تەنلىكلەرگە ئەڭ ئاددىي، كاللا كەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىڭلار مۈمكىن. بۈگۈنكى سوغاتلىرىمىز ئاددىي بولۇپ قالدى، چۈنكى بىزنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىققا ئوخشاش سوغاتلىرىمىز يوق. مەن تەڭرىنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ ھەرگىز ئۇخلىمايدۇ. ئەمما مەن تەڭرى ئۈگدەپ قالدىمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بۇنداق بولسا، بىز قانچە تېز ئۆلسەك شۇنچە ياخشى، چۇنكى بىز تەڭرى بىلەن كۆرۈشەلەيمىز، ئۇنى ئويغۇتالايمىز، ئۇنىڭغا ئېنگۇبېنكۇكانىڭ بالىلىرى - كاۇسا نىڭ نوتىلىرى قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ دەپ ئېيتالايمىز.»
قەبىلە ئاقساقالى مېرېگېرىنىڭ سوزىنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ، ئاڭلىغۇچىلار بارغانسېرى جىمىپ كەتتى. مەن ئۇلارنى بارغانسېرى ئاچچىقلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلۇدۇم. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغۇسى يوق دەپ ئويلۇدۇم، مېنىڭ ئەسلا يوق ئىدى.
قەبىلە ئاقساقالىنىڭ سۆزى مېنى ئىلھاملاندۇرماقتا يوق، ئەكسىنچە ئاچچىقىمنى كەلتۈرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سۆزىنى بىر نادانننىڭ تۆھمەت سۆزلىرى، ئۇ ئاق تەنلىكلەر بىزگە ئېلىپ كەلگەن مائارىپ ۋە پايدىنىڭ قىممىتىنى كۆرمەيۋاتىدۇ دەپ ئويلۇدۇم. ئۇ چاغلاردا مەن ئاق تەنلىكلەرنى ئەزگۈچى ئەمەس، بەخت ئېلىپ كەلگۈچىلەر دەپ قارايتتىم. مەن بۇ قەبىلە ئاقساقالىنى تۇزكور دەپ ھىساپلىدىم. كىشىنى بىزار قىلغان بۇ قەبىلە ئاقساقالى مېنىڭ ھاياتىمنى گۇمران قىلدى، ئۇنىڭ خاتا سۆزلىرى مېنىڭ غۇرۇغۇمغا تەگدى.
بىراق، نىمىشقىكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى تېزلا ماڭا تەسىر قىلىشقا باشلىدى. ئۇ مېنىڭ قەلبىىمگە بىر ئۇرۇق سالغان ئىكەن، گەرچە مەن بۇ ئۇرۇقنى بىر مەزگىل ئۈچەكتە تۇرىدۇ دەپ قارىغان بولسامممۇ، ئەمما ئۇ ھامىنى ئۆسۈپ چىقاتتى. كېيىنرەك كېينرەك مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ھەقىقىي نادان ھېلىقى قەبىلە باشلىغى ئەمەس ، مەن ئىكەنمەن .
..............
|
|