قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6123|ئىنكاس: 14

پەزۇل شاڭيونىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

0

دوست

3462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  128
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-3 21:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
          پەزۇل شاڭيو قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسى ھوشاڭ مەھەللىسى (1)دىن بولۇپ، تەخمىنەن 1890-يىللاردا تۇغۇلغان ، 3ئاكا-ئۇكادىن ئەڭ چوڭى بولۇپ  دادىسى نەمەت ئاخۇن چلىتەنلەر جەمەتىدىن. پەزۇل شاڭيونى « بازاردىكى ئەسكەرلەرنى باشلاپ كىرىپ ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاتقۇزغان ۋە ئوت قويدۇرۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن سېيىت قېزىبەگنىڭ ئايالى خەمىسە ئاپپاقنى كىگىز بەرمىدى، دەپ باغلاتقۇزۇپ ئۇردۇرغان ... » دېگەن يوقىلاڭ بەتنام بىلەن شامەخسۇت ۋاڭنىڭ چوڭ نەۋرىسى بېشىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ قولچوماقچىلىرى 1934-يىلى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ۋاڭ ئوردىسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشى ۋە پەزۇل شاڭيۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى توغرىسىدا ئاپتور ئىگىلىگەن ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق :
            پەزۇل شاڭيۇنىڭ شاڭيۇ دەپ ئاتالغانلىقى مۇنداق بولغان : قۇمۇلدا شاڭيۇلۇق ئەمەل تۈزۈمى 1912-يىلدىن 1942-يىلغىچە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئومۇمەن ھازىرقى يېزا باشلىقى دەرىجىسىگە تەڭ كېلىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى باشقۇرۇشىدىكى يېزا- كەنتلەردە شاڭيۇلۇق تۈزۈم يولغا قويۇلمىغان، شامەخسۇت ۋاڭ 1930-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋاڭلىق تۈزۈمنىڭ ئورنىغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ناھىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك شاڭيۇلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. شەھەر ئىچى يېزىسىنى ئالساق، بۇ يېزىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شاڭيۇ بولغانلار يارى شاڭيۇ، زاكىر شاڭيۇ، پەزۇل شاڭيۇ، مەۋۇل شاڭيۇ، ئەلەم شاڭيۇ ۋە ئابدۇرېھىم شاڭيۇ ( بازارغا شاڭيۇ بولغان ) قاتارلىق كىشىلەر. شاڭيۇنىڭ ئاستىدا شوجا ( ھازىرقى كەنت باشلىقى دەرىجىلىك ) دېگەن ئەمەل تەسىس قىلىنغان بولۇپ سوپا شوجا، چوڭ ئاخۇن شوجا، دانىياز شوجا قاتارلىق كىشىلەر شوجا بولغان. پەزۇل شاڭيۇ زاكىر شاڭيۇدىن كېيىن ، شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدى- كەينىدە شاڭيۇلىققا تەئىنلەنگەن.
             1931-يىلى 4-ئايدا باشلانغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى بارغانچە كۈچىيىپ، قۇمۇلدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت تەڭ كېلەلمىگەنلىكتىن جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتى ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلدارى جاڭ پېيۈەننى ئۈرۈمچىگە مەخپىي يۆتكەپ كېلىپ، شەرقىي يول باندىت تازىلاش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ۋە شېڭ شىسەينى سەنمۇ قىلغان 6000كىشىلىك قوشۇن قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىپ، 1931-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈچ يولدىن قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ قۇمۇلدىن 120كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لياۋدۇن مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ ، ماجۇڭيىڭ يارىدار بولۇپ قۇمۇل ئارقىلىق گەنسۇ جۈچۈەنگە چېكىنىدۇ. ئۆلكە قوشۇنى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قۇمۇل شەھىرىنى بېسىپ ئالىدۇ. قۇمۇلدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن ۋە ئامما ئۆلكە قوشۇنى كېلىشتىن 1-2كۈن بۇرۇن تەرەپ-تەرەپكە ، كۆپچىلىكى تاغلارغا قېچىپ كېتىدۇ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئامما بوغاز ئارقىلىق گەنسۇغا قاچىدۇ. شەھەر ئىچى يېزىسىدا قېرى – چۆرىلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 20دەك ئادەم قاچماي ئۆيلىرىدە قالىدۇ. پەزۇل شاڭيومۇ قاچماي قالغان كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ، شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ شاڭيۇسى بولغاچقا ئۆيىدە قالغان كىشىلەرنى باشقۇرۇش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بولىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ۋە ئامما تاغلارغا قېچىپ، 1-2كۈن بولا- بولمايلا ئۆلكە قوشۇنىنىڭ جاللات شۇڭ فايۇتۈەنى شەھەر ئىچىگە بېسىپ كىرىپ ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاپ بولۇپ ئوت قويۇۋەتكەن ۋە بەزى ئەسكەرلەر پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ بۇلىغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن . بىر قىسىم ئەسكەر شەھەر ئىچى يېزىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ ، شەھەر ئىچى يېزىسىنى قوزغىلاڭچىلاردىن «قوغدىغان » . بۇ چاغدا پەزۇل شاڭيۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەئىنلىگەن شاڭيۇ بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆلكە ئەسكەرلىرىگە ئىگىسىز ئۆيلەرنى بۇزۇپ – چاقماسلىق ۋە مەسچىتلەرنى بۇزماسلىق ھەققىدە توساپ، نەسىھەت گەپ قىلغان ( پەزۇل شاڭيۇ 1904-يىلى كونا قۇشخانا يېنىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ ئاچقان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا، خەنزۇچە راۋان سۆزلەيدىكەن ) . پەزۇل شاڭيۇنىڭ بۇ نەسىھەت گەپلىرى ئۆلكە قوشۇنىغا قىلچە تەسىر قىلمىغان، شاڭيۇ دەرىجىلىك كىچىك ئەمەل دەرىجىسى بىلەن قىلىنغان بۇنداق نەسىھەت، مەسلىھەت خاراكتېرلىك گەپ –سۆزلەر ئۆلكە ئەسكەرلىرىگە قىلچە چەكلەش رولى بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە . خۇددى تارىخشۇناس، مەرھۇم ليۇزىشياۋ «ئۇيغۇر تارىخى » دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلغاندەك ، ئەينى يىللاردا شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئىنتايىن بېيىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە شىنجاڭدا گەپ- سۆزلەر تارقالغان، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خىراجىتى ئېشىپ كەتكەنلىكىتىن قىيىنچىلىق يۈز بېرىپ، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ زور بايلىقىغا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكە قوشۇنىنىڭ نەپسى تاقىلداپ تۇرغان ،جىن شۇرېن ئۆلكە باشلىقى ۋە ھەربىي قوماندان بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئولجىنى كوماندىرلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ۋە ئەسكەرلەرگىمۇ بۆلۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىچكى يوليورۇق بەرگەن. ئەمەلىيەتتە ۋاڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدە 9ئەۋلاد 233يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى ھەر مىللەت خەلقىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ توپلىغان مال-مۈلۈك ۋە بايلىق ئىنتايىن كۆپ بولغان . يەر ، سۇ، چارۋىلاردىن باشقا مال- مۈلۈكنى دېمەي ، ئالتۇن، كۈمۈشنىلا ئالساق، ئوردىنىڭ چوڭ تەيجىسى، باش خەزىنىچى يۈسۈپھاجى جۇبەيرى (يۈسۈپ تەيجى) نىڭ «ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئېيتىشىچە ، خەزىنىدە بىر توننا ئالتۇن، ئون توننا كۈمۈش بار ئىكەن» (2) لېكىن، ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاتقۇزغان پولىك باشلىقى شيۇڭ فايۇ 4-3ئايدىن كېيىن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىستىرما ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ ئالتۇن، كۈمۈشلەرنىڭ كىمنىڭ قولىدا قالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق ئۇچۇر يوقكەن. جاللات شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ كىرىپ ئوردىنى مۇھىمى ،ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى بۇلاپ كەتكەن ۋە ئوت قويغان . بۇ ئوت بىر ھەپتىگىچە كۆيۈپ تۇرغانلىقىنى تاغقا قېچىپ چىققان پۇقرالارمۇ كۆرۈپ تۇرغان. جاللات شۇڭ فايۇنىڭ ئەسكەرلىرى شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى نامرات پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ بۇلاڭچىلىق قىلغان. بۇ ئەھۋاللارنى تاغقا قېچىپ چىقماي، شەھەر ئىچىدىكى ئۆيىدە قېلىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىقى ھەققىدە مەرھۇم ھېسامدىن ياچى دېگەن بوۋاي ماڭا ئەسلىمە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: « ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاپ بولۇپ شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەرگە پەزۇل شاڭيۇ گەپ-سۆز، نەسىھەت قىلسىمۇ ، ئۇلار قىلىدىغان ئەسكىلىگىنى قىلىۋېتەتتى. بۇ چاغدا خەلق ئىچىدە « تۇڭگان چىقتى داتۇ باينىڭ جاڭزىسىغا، خەنزۇ ئەسكەر ئوتنى ياقتى ۋاڭ غوجامنىڭ ئوردىسىغا » دېگەن قوشاق تارقالدى. ئورداخې مەھەللىسىدىكى كىچىكبەگ دېگەن ئادەمنىڭ ئايالى يېنىكلەپ قويغانلىقتىن تاغقا قاچماي ئۆيدە قالغان ئىكەن. بىر ئەسكەر بۇلاڭچىلىققا كىرگەندە كىچىكبەگ نارازىلىقىنى چىرايىدىن بىلدۈرۈپ قويغاندا ئەسكەر دەرھال بۇ ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان. بۇ ئۆيدە ئورۇن تۇتۇپ ياتقان ئايال ۋە ئەمدىلا ماڭغان كىچىك بالىدىن باشقا ئادەم بولمىغانلىقىدىن جەسەت بىر نەچچە كۈن ئۆيدە تۇرۇپ قالغان. پەزۇل شاڭيۇ شەھەر ئىچىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بۇ ئۆيگە كىرگەندە ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ۋە سىرتقا چىقىپ ، ئادەم ئىزدەپ چاقىرىپ كېلىپ كىچىكبەگنىڭ جەسىتىنى ئورداخې مەسچىتنىڭ كەينىدىكى بوش يەرگە دەپنە قىلدى، قەبرىسى ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا » . جىگدە قۇدۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مەرھۇمە ئاقايلا سالى ( سابىق ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى مەرھۇم بەنسى سالاخۇننىڭ ئايالى ) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: « بىزنىڭ ئائىلىدىن ئاكام يىزىللاخۇن ئانام جاننارخان بىلەن قاچماي ئۆيدە قالغانىدى. بىر كۈنى بىر ئەسكەر ئۆيىمىزگە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا كىرىپ، ئۆينى ئاختۇرۇپ ھېچنېمە ئالالمىغاندىن كېيىن يىزىللاخۇن ئاكامنى داتۇ ئىسمايىلنىڭ ئۆيىنى بىلمەيمەن ، سەن باشلاپ بارىسەن ، دېگەن. ئاكام باشلاپ بارسا داتۇ ئىسمايىلباينىڭ ھويلىسىغا ئەسكەرلەر توشۇپ كېتىپتۇ. داتۇ ئىسمايىلباينىڭ پۇقرالار ئىچىدىكى بايلاردىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرلەر ئاللىقاچان بىلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ھويلا- ئۆيلىرىنى بۇلاپ بولغانىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ يىزىللاخۇن ئاكامنى شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەر بۇلىۋالغان ئاشلىقنى توشۇتۇش ۋە تاغدا قوزغىلاڭچىلارغا يەم بولۇپ ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى تۆگە بىلەن قۇمۇلغا توشۇتۇش ئىشلىرىغا سالغان. ئائىلىمىزدىكى قېچىپ كەتكەنگەنلەرگە يىزىللاخۇن ئاكام  قايتىپ كېلىڭلار، دەپ خەۋەر بەرگەچكە ، بىز قېچىپ بارغان بوغازدىن بالدۇرلا قايتىپ چىقتۇق. پەزۇل شاڭيو خەلققە ياخشىلىق قىلغان ئوبدان ئادەم ئىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي، شەھەر ئىچىدىن قېچىشقا ئامال بولماي، ئۆيدە قالغان ئۈچ موماي كىشىنىڭ ئاچلىقتىن كېسەل بولۇپ ئۆيىدە قازالاپ جەسىتى تۇرۇپ قالغانلىقىنى، پەزۇل شاڭيونىڭ ئادەم توپلاپ ئۈچ موماينىڭ جەسىتىنى ئۇزۇتۇشقا باشچىلىق قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ئىدۇق » . يۇقىرىقى ئەسلىمىلەردىن مەلۇمكى، ۋاڭ ئوردىىسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشى بىلەن پەزۇل شاڭيونىڭ قىلچە جاۋابكارلىقى يوق بولۇپ، بىشىرنىڭ قۇرۇق تۆھمىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
              1933-يىلىنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدا يولبارس ماجۇڭيىڭنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىش بىلەن ئارقىدىنلا ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىدا ئۆتەۋاتقان ئەمەل – ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ تۇرپاندىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن، يولبارىس 33-يىلى 4-ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى، 34-يىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ۋالىيسى بولغان . بىشىرمۇ 34-يىلنىڭ ئاخىرى ماجۇڭيىڭنىڭ تۇرپان شەھەر موداپىئە قوماندانلىقىنى تاشلاپ تۇرپاندىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن، قۇمۇل گارنىزون سىلىڭلىقىغا تەيىنلەنگەن. بىشىر دەسلەپتە بازاردا ھەسەن بالا ھاجىنىڭ ئۆيلىرىدە ، ئاندىن كېيىن شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كىرىپ، سېيىت قېزىبەكنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان. بىر كۈنى پەزۇل شاڭيو شۇ چاغدىكى قۇمۇلنىڭ ۋالىيسى جاڭ فىڭمىڭنىڭ نامىدىن سېيىت قېزىبەكنىڭ ئايالى خەمىسە ئاپپاقتىن ئىككى دانە كىگىز سوراپ ، ماجۇڭيىڭنىڭ قۇمۇلدىكى قالدۇق ئەسكەرلىرىگە بەرمەكچى بولغان . لېكىن خەمىسە ئاپئاق ئۇنىماي تۇرۇۋالغاندا باغلاپ ئۇرۇلغان. بۇ ئەھۋالنى بىرسى بېشىرغا مەلۇم قىلغان . بېشىر ئاڭلاش بىلەنلا غەزەپلىنىپ، «بىز قۇمۇلدىن ئايرىلىپ ئارىتامغا يېتىپ چىقمايلا( قوزغىلاڭنىڭ بېشىدىكى قېچىشتا بېشىر ، ئابدۇللا، ئۇۋەيسىھاجى ، ئىمىنھاجى قاتارلىق شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرىلىرى، تۇغقانلىرى ئارىتام ئارقىلىق باغداشقا قېچىپ چىققان- ئاپتور) بۇ ئەبلەخ بازاردىكى ئەسكەرلەرنى باشلاپ كىرىپ ۋاڭ ئوردىسىنى بۇلاتقۇزغان ۋە ئوت ياقتۇرۇپ كۆيدۈرگۈزگەن. ئەمدى ئىش تېرىپ خەمىسە ئاپئاقنى باغلاپتۇ، مەن ئۇنى كەچۈرمەيمەن » ، دېگەن ۋە ئادەم ئەۋەتىپ پەزۇل شاڭيونى تۇتقۇزۇپ كەلگەن ۋەم جۈجەمگە ئاستۇرۇپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزۈۋەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى پازىل شاڭيونىڭ ئۇكىلىرىدىن نەسرۇللاخۇن، سەيدۇللاخۇن، كۈيئوغۇل بېيجىڭ غوجام ۋە بىر قىسىم جامائەت بۇ قاتىللىق ۋەقەسىنى ھەل قىلىپ بېشىرنى جازالاپ بەرمىسە جەسەتنى ئالمايمىز ، دەپ تۇرۇۋالغان. دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئارىغا كىرىپ ۋەز- نەسىھەت قىلىشى بىلەن جەسەت پەزۇل شاڭيونىڭ دادىسى نەمەت ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ 2-كۈنى يەرلىككە قويۇلغان. پازىل شاڭيونىڭ دادىسى نەمەت ئاخۇن ناھىيە ھاكىمىغا ئەرز قىلغان، بېشىر 50مو يەر، 500سەر كۈمۈش بىلەن خۇن ھەققى تۆلىگەن.
              بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزاققا بارمايلا مال-دۇنياسىغا تايىنىپ ئادەم ئۇرۇپ- ئۆلتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بېشىر يەنە يىدايىبەكنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە يۈز بەرگەن. مەلۇم بىر كۈنى بېشىر يېنىدىكى بەگ، غوجاملىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن يوقىلاڭ بانا بىلەن يىداىيبەكنى كېسەك، خىش پارچىسى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئەھۋال يولۋاسقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن يولۋاس بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ يارباغدىكى بېشىرنىڭ ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ بېشىرنىڭ بىر بەن قوراللىق مۇھاپىزەتچىلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ،بېشىرنى يالاپ ئېلىپ چىقىپ قاماپ قويغان، يارىبەكھاجى، ئەلەمبەك، ياقۇپ سەئىدى، ئىمىن يۈنۈس، نىياز شېرىپ قاتارلىق بەش كىشىنى بېشىرنى قاتتىق ساقلاشقا قويغان، بېشىرنىڭ بىر قىسىم مال-مۈلۈكىنى مۇسادىرە قىلغان، بېشىرنى قۇمۇل شەھىرىنىڭ گارنىزون سىلىڭلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان . بېشىر قولغا ئېلىنغان ئىككى ئايدا يولۋاسقا 300سەر ئالتۇن پارا بەرگەندىن كېيىن بوشىتىلغان، يىدايىبەكنىڭ ئائىلىسىگە خۇن ھەققى ئۈچۈن 150مو يەر بەرگەن . بۇنداق زورلۇق-زۇمبۇلۇقلىرى بىلەن خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە ئۇچرىغان ۋە يولۋاسنىڭ جازالىغانلىقدىن ئاغرىنغان بېشىر ئۇزۇن ئۆتمەي، پىچان ناھىيىسىنىڭ سۇ بېشىغا كۆچۈپ كەتكەن. بېشىر پىچان سۇ بېشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1947-يىلدىكى ھاكىم سايلىمىدا ھاكىم بولۇپ سايلىنىپ، 49-يىلى ھاكىملىقتىن قالدى.
ئازادلىقتىن كېيىن 1951-يىلى ئىجارە كېمەيتىش –زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە بېشىر ھەممىدىن بۇرۇن تارتىپ چىقىرىلىپ كۈرەش قىلىندى. بېشىرنى كۈرەش قىلىش جەريانىدا بىر خالتىدا ساقلاپ كەلگەن قۇم ئالتۇن، غەرەك ئالتۇن، كېپەك ئالتۇن، تىللا قاتارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، قانچىلىك مىقداردىكى ئالتۇن ئىكەنلىكى نامەلۇم ۋە بۇ ئالتۇن بۇيۇملىرى دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلمەي ھۆكۈمەت بانكىسىغا ئۆتكۈزۈلگەن. 1951-يىلدىكى ئىجارە كېمەيتىش- زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە بېشىر كۈرەش قىلىندى ۋە جىسمانىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچراپ زەخمىلەنگەن بولغاچقا 1952-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈرمىدە كېسەل بولۇپ ۋاپات بولدى. 



ئىزاھاتلار :
(1)ھوشاڭ مەھەللىسى – شەھەرئىچى يېزىسى ئوردا قوۋۇق كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى مەھەللە بولۇپ، 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭنىڭ 3-ئوغلى ئەمەت تەيجىنىڭ ئوغلى ھوشاڭبەگ  ياكى ئاخىرقى ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
        (2) مەرھۇم ئەزىز نىيازنىڭ ئەسلىمىسى : « ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەھۋالىمدىن قىسقىچە ئەسلىمە »  ( «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى »نىڭ 27-سانى )
        (3) داتۇباينىڭ جاڭزىسى – شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ سوڭدار مەھەللىسىدىكى ئامانشابەكنىڭ ئوغلى داتۇ ( يوغانباش ) ئىسمايىلباينىڭ جاڭزىسى _ پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ خاڭگۇڭ كەنتىدىكى قورۇقى ( جاڭزىسى )نى كۆرسىتىدۇ. ماجۇڭيىڭ 1931-يىلى قۇمۇلغا ئەسكەر باشلاپ  چىققاندا مۇشۇ قورۇققا چۈشكەن.



ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئاتاقلىق تەرجىمان ،تەتقىقاتچى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرى باغداش تورى بېكىتى ئارقىلىق تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىن داۋاملىق تۈردە يوللايمىز ، مەزكور ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ باغداش تورىنى قوللاش يۈزىسىدىن باغداش تورىغا بەرگەن ئەسەرلەر بولۇپ باشقا تورلاردا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ ، بايقالسا مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
   باشقا ئەسەرلەرنى مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلىمىي ماقالىلىرى سەھىپىسىدىن كۆرۈڭ : باشقا ئەسەرلەر داۋاملىق يوللىنىدۇ!

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 10:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئاخۇنۇملارنىڭ ئارىغا چۇشۇپ سوزلىگە سوزلىرى بەك قىززىق دەيمەن ،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

341

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   20.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2150
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 11:37:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شامەخسۇت ۋە باشقا يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەي ئۇ دۇنيادا روھلىرى بىئارام بولىدىغاندىمۇ؟ئەۋلاتلىرى بۇ تارىخلارنى بىلىپ قانداق تەسىراتتا بولىۋاتقاندۇ ھە؟!49-يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرىمۇ  ياخشى كۈن كۆرمىگەندۇ ھەقىچان؟

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 12:02:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى kujuدە2011-06-05 11:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شامەخسۇت ۋە باشقا يۇرت مۆتىۋەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەي ئۇ دۇنيادا روھلىرى بىئارام بولىدىغاندىمۇ؟ئەۋلاتلىرى بۇ تارىخلارنى بىلىپ قانداق تەسىراتتا بولىۋاتقاندۇ ھە؟!49-يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرىمۇ  ياخشى كۈن كۆرمىگەندۇ ھەقىچان؟  

ئۇنداق دەپكەتمەيلى ،ھەمىمىز ئنسان ، ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ ئاللا ھۇ  .  يۇرت كاتتىلىرىنى مۇنداق تۇگۇتىۋەتسەك ئۆزىمىزمۇ نەدە تۇرۇمىز ،

0

تېما

0

دوست

280

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  559
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 23:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ دىگەن يارغاننىڭ  قانداق يازسا بولىۋېرىدۇ ! ! ! بىلىپ قويۇڭلار  ئىش دىگەننى ھەر تەرەپتىن ئويلىغۇلۇق !

7

تېما

0

دوست

5765

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2127
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1316
تۆھپە : 869
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 20:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزگە ئەڭ يېققىن تارىخنى ئوقۇپ،تارىخقا باشقىدىن ئىزاھات بەرگۈدەك بولدۇم.جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم رەھمەت

0

تېما

0

دوست

30

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2292
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2011-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 10:46:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موللا ئىشان خەلپەتلەر زادى قانداق نەرسىلەر؟ داۋاملىق بىر ئىشلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ يۇرگەن.

1

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2315
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 23
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2011-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 13:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەژداتلارغا ئالدىراپ باھا بېرىش مۇۋاپىق ئەمەس .تارىخنى ئادەم يازىدۇ ،لېيكىن قايسى مەيداندا تۇرۇپ يېزىش مەسىلسى مۇھىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )