بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarimrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-25 18:25
مۈشۈك بىلەن چاشقان توغرىسىدا يەنە بىر ھېكايە
كۆپچىلىكنىڭ ئىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسا، ئۆتكەندە 《مۈشۈك بىلەن چاشقان توغرىسىدا يىڭى ھېكايە》نى يېزىپ قورسىقىمنى خىلى بوشىتىۋالغان ئىدىم. ھەم مۈشۈك بىلەن چاشقان توغرىسىدىكى ھىكايىلەرنى ئاخىرلاشقاندەك ھېس قىلغان ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ئامباردا كۆرگەن بىر ۋەقە بۇ توغرىلىق ھېكايىلەرنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. نېمە ۋەقە دېمەمسىز؟ ساناتورىيىگە يىقىندا ناھىيىلىك پارتىكوم ئورۇنلاشتۇرغان ھال سوراش ئۆمىكىدىكىلەر كىلىپ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. پېقىر ئامبارچى بولغاچقا بۇلارنى ئامبىرىمىزغا سولاپ قويۇپ، ئىشىمنى قىلىپ يۈرىۋەردىم. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئامبارغا نەرسە لازىم بولۇپ كىرىپ ھەيران قالدىم. كۆرۈڭ، ما كارامەتنى, ئىككى- ئۈچ خالتا ئۇن خالتىسى تىشىلىپ، ئۇنلار سورۇلۇپ، چاشقانلار زىياپەت قىلىۋاتاتتى. كاساپەت مۈشۈك بىر ئايدىن بىرى چاشقانلارنى يوقاتسۇن دەپ كۆيۈنۈپ قىلمىغانلىرىم قالمايۋاتسا، بەخىرامان ئاشپەز ئۇستاملار بەرگەن تەييار گۆشنى يەپ، كىكىرىپ ياتقىنىنى قارىمامدىغان. دەرھال بىرەيلەنگە مۈشۈكنى تۇتۇپ كىلىشنى ئېيتتىم. ھايال ئۆتمەيلا مۈشۈك تۇتۇپ كىلىنىپ ئامبارغا قويۇپ بېرىلدى. لېكىن ئۇ ھارامتاماق مۈشۈك چاشقانلارنى تۇتۇش تۈگۈل،چاشقانلار بىلەن سالاملاشقاندەك بىر قىلىقلارنى قىلىپ ئوينىشىپ قويۇپ ئامباردىن قىچىپ چىقتى.
ۋاي، توۋا، قانداق گەپ بولۇپ كەتتى. چاشقانلار مۈشۈكنى كۆرۈپ قېچىشنىڭ ئورنىغا ئاكىسىنى كۆرگەندەك ئالدىغا كىلىپ ئەركىلەپ يۈرىدا. خۇددى كەنت كادىرلىرى تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى نامرات ئاممىغا بىرىشكە قورسىقى ئاغرىپ، ئۆزىنى مېھمان قىلىدىغان بايلارغا يالۋۇرۇپ بەرگەندەك. بىزنىڭ بۇمۈشۈكمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت بەرگەن بۇ ئاشلىقنى ياشانغانلارغا يىگۈزۈشكە قورسىقى ئاغرىپ، چاشقانلارغا زىياپەت قىلىپ بىرىۋاتامدا؟مۈشۈكلەر بەزى قارا نىيەتلەردىنمۇ ئۆتە يامان بولۇپ كىتىپتۇ. توۋا! بۇ چاشقانلارغازادى ئامال يوقمۇ؟ بازاردا ئۇن، گۈرۈچ، ياغنىڭ باھاسى توختىماي ئۆسىۋاتسا، مۈشۈك دېگەن كاساپەت ئوغرى چاشقانغا يان بىسىپ، قانداق بوپ كەتتىبۇ؟ ھەي! ئەمدى چۈشەندىم. ئەسلىدەبۇ ئوغرى چاشقانلار كۆپىيىپ كەتكەچكە، شۇڭا يېمەك- ئىچمەك باھاسى ئۆسۈپ كىتىپتكەندە ! بۇ ھۇرۇن مۈشۈكلەرنى چاشقان تۇتۇڭ دىسە كارغا كەلمىسە، تازا ساۋاب قويسام بىرەر تال چاشقاننى چالا ئۆلۈك قىلىپ تاشلايدۇ. تولۇقمۇئۆلتۈرمەيدۇ. ئۆلۈپتۇ دەپ كېتىپ قالسام، مۈشۈك چاشقاننى دورا ئەكىلىپ ساقايتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. چالا ئۆلۈك چاشقانمۇ ھىچيەردە كۆرۈنمەيدۇ. قارىغاندا ئىشلار چاتاقتەك،تىزدىن تەدبىر قوللانمىسام، قۇرۇق ئامبارغا ئىگە بولۇپ ئولتۇرغۇدەكمەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ مۈشۈكلەر ئادەمنى دورىيالىغان بىلەن، لېكىن ئادەمدەك سۆزلىيەلەيدىغان بولمىسا. گەپ قىلالىغان بولسىغۇ چاشقانلارنىڭ يوغىنى يولۋاس، كىچىكى پاشا بولسىمۇ بىرنى قويماي يوقىتىش توغرىسىدا ئوبدان تەلىم بىرىپ، ياخشى ئىشلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاپ، ھورۇنلۇق قىلغانلارنى تەنقىدلەپ ئەدىبىنى بەرگەن بولاتتىم. لېكىن بۇ مۈشۈك دىگەن ھايۋانغا بۇلارنى ئۇقتۇرغىلى بولمىسا. بۇ ئويۇمنى خىزمەتدىشىمگە چاقچاق تەرىقىسىدە دىگەنتىم. ئۇ :« قىزىق ئىشلارنى ئويلاپ تاپىسىز جۇمۇ، مۈشۈك دېگەن مۈشۈك، چاشقان دېگەن چاشقان، سىزنىڭچە ئۇلار ئادەملەرنى دورىيالىغاندىكىن، بولمىسا مۈشۈكنى ھەر جۈمە كۈنى سىياسىي ئۆگىنىشكە ئىپ چىقىڭ بولمىسا؟ »دەپ كەتتى ھەي، بۇ ئامال بولمايدۇ،قانداقلا بولمىسۇن، باشقا چارە- ئامال تىپىپ بۇ چاشقانلارنى يوقىتىش كېرەك، قىنى دوستلار مەسلىھەتىڭلارغا موھتاجمەن. |