- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18815
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
22.04%
|
نىيە قەدىمىي شەھىرى قانداق يوقالغان
ئەنگلىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى ستەيىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى تەكلىماكان قۇملۇقى ياقىسىغا جايلاشقان نىيە ناھىيەسىدە بىر قەدىمقىي شەھەرنى بايقىغان . بۇ خارابىلىكنىڭ شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىكەن . نۇرغۇن سېپىل ، ئۆي ، كوچا ، بۇددا مۇنارىلىرىنىڭ ئىزنالىرى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ ، ھەيۋەتلىك ۋە سەنتەنەتلىك جەھەتتە قەدىمكى رىمدىكى پومپېي شەھرىدىن قېلىشمايىتتى . بۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان قىممەتلىك يادىكارلىقلار ئىچىدە غەلتە بەلگىلەر يېزىلغان تارشلار بايقالغان . نىيەدىكى بۇ بايقاش بىر كېچىدىلا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان . ئەجىبا ئۇ غەلتە بەلگىلەر يېزىقمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ قەدىمى شەھەر قانداق يوقالغان ؟
مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق تارشتىكى ئەگرى - بۈگرى سىزىق ، تىنىش بەلگىسى يوق ، خەت ئارىسىدا بوشلۇق قويۇلمايدىغان بۇ يېزىقنى قارۇشتى يېزىقى دەپ ئىسپاتلىدى . بۇ يېزىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە ھىندىستان ئاشوكا خانلىقى مەزگىلىدە قوللىنىلغان . مىلادىيە 2 - ئەسىردىن 4 - ئەسىرگىچە شىنجاڭنىڭ كىرورەن ، ئۇدۇن ئەتراپىدىكى جايلارغا تارقالغان . بۇ يېزىقنىڭ يوقالغىنىغا ھازىرغىچە 1600 يىلدىن ئاشقان .
تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ، تارشقا يېزىلغان مەزمۇننىڭ كۆپىنچىسى ھەرخىل يارلىق ئىكەن ، مەسىلەن ، "مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۈجۈم قىلىش خەۋىپى بار . . . قانچىلىك ئەسكەر قېلىشىدىن قەتئىينەزەرجەڭگە ئاتلىنىمىز . . . " ، " مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۈجۈم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرگە ئېرىشتۇق " ، " مەلۇم دۆلەتنىڭ تەھدىت سېلىشى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ ، بىز شەھەردىكى ئاۋامنى تەكشۈرىشىمىز كېرەك " ، " مەلۇم دۆلەت بۇ يەردىن ئاتلارنى بۇلاپ كەتتى " دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىكەن . يوقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئەينى چاغدىكى نىيە قەدىمى شەھىرىنىڭ مەلۇم دۆلەتنىڭ تەھدىدىگە ئۇچىرىغانلىقى ، ئۇ دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكى ، نىيەلىكلەرنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ، پەقەت ئۈلۈمنى ساقلىماقتىن باشقا ئامالنىڭ يوقلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ . ئۇنداقتا نىيە قەدىمىي شەھىرى مەلۇم دۆلەتنىڭ ھۈجۈمى بىلەن يوقالغانمۇ ؟
مىلادىيەدىن بۇرۇن غەربىي يۇرتتا نۇرغۇن ئۇششاق بەگلىكلەر ھۆكۈم سۈرگەن . نىيە قەدىمىي شەھىرى زادى قايسى بەگلىككە تەۋە ؟ بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ، سالنامىلەردە خاتىرىلەنگەن غەربىي يۇرتتىكى نىيە بەگلىكى قاراقۇرۇم تېغى باغرىغا ، تەكلىماقان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، بۈگۈنكى نىيە خارابىسىغا يېقىنلىشىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە نىيە بەگلىكىمۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردە يوقالغان بولۇپ ، نىيە قەدىمى شەھىرىنىڭ يوقالغان ۋاقتى بىلەن ئوخشاش ئىكەن . شۇ چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بولۇۋاتقان قالايماقانچىلىقنىڭ تەسىرىدە غەربىي يۇرتتىكى بەگلىكلەر ئارىسىدىمۇ چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يۇتۇش ئۇرۇشى باشلانغان . يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ، نىيە قەدىمىي شەھىرىنىڭ يوقىلىشىنى نىيەلىكلەر ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان . خارابىلىكتىن تېپىلغان بۇيۇملاردىن قارىغاندا ، ئەينى يىللىرى بۇ قەدىمى شەھەرنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ ، تەبىئىي شارائىت بىلەن ئىنسانلار مەدەنىيىتى نىيە مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئورتاق ياراتقان ، لېكىن نىيەلىكلەر توختىماستىن تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ، بولۇپمۇ 1700 يىل بۇرۇن نوپۇس كۆپىيىپ ، دەل - دەرەخلەر كۆپلەپ كېسىلىپ ، سۇ مەنبەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ ، گۈل - گىياھلار قۇرۇپ كەتكەن . نەتىجىدە تەكلىماكان قۇملۇقى بارا - بارا نىيە قەدىمىي شەھىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان .
مەنبە : " شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" ( "ئىزدىنىش - بايقاش ژۇرنىلىدىن ئېلىنغان . ئاسىيە سەمەت تەرجىمىسى)
|
|