قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2398|ئىنكاس: 17

ئەركىن سىدىق : ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى

ئەركىن سىدىق

    2008-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

         بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا، يەنى 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سېمىنار (ياكى ئىلمىي يىغىن) كە قاتناشتىم.  بۇ سېمىنارنىڭ تېمىسى «برىنچى ئىشنى ئالدى بىلەن قىل» (ئىنگلىزچە «فىرست تھىڭس فىرست») بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل شىركەتلەر ئۈچۈن مەخسۇس كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدا سېمىنار ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر شىركەتنىڭ خادىمى بىر سائەت دەرس ئۆتتى.  بۇ سېمىناردا سۆزلەنگەن مەزمۇن ئەسلىدە ستەۋەن كوۋەي («ستەپھەن كوۋەي») ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن بىر كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان 7 ئادەتنىڭ ئىچىدىكى 3-ئادەت ئىدى.  بۇ كىتاب ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچىسى «تھە 7 ھابىتس ئوف ھىغلي ئەففەكتىۋە پەئوپلە» بولۇپ، بۇ يەردىكى «ھىغلي ئەففەكتىۋە پەئوپلە» دېگەن سۆزنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «يۇقۇرى ئۈنۈملۈك كىشىلەر» دېگەندىن ئىبارەت.  ئەگەر بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا مەنا بويىچە تەرجىمە قىلماقچى بولسا، ئۇنى «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەر» دەپ ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇنداق مەنا بويىچە چۈشىنىشىنى سورايمەن. مەن ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمدە ئاڭلىق ھالدا ئۆزۈم تاللىسام بولىدىغان يوللارنى تولۇق بايقاش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش، ھەر خىل ئىشلارنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ مېڭىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تېپىش، ھەمدە ئۇ ئۇسۇللاردىن تولۇق پايدىلىنىپ مەۋەپپەقىيەت قازىنىش جەھەتتە ئىزچىل تۈردە ئىزدىنىپ ۋە تەجرىبە قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ مەزمۇننى خېلى ياخشى چۈشەندىم.  ھەمدە ئۇنىڭ ماڭا، سۇنداقلا ئۆزۈمگە ئوخشاش باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ بۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاش قارارىغا كەلدىم.
         مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن كوۋېي ئەپەندىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.  بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىم، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەزمۇننىڭ نېمە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىر ئاز ئەسكەرتىپ قويۇشتىن ئىبارەت.  كوۋېي ئەپەندى 1932-يىلى تۇغۇلغان. ئامېرىكىنىڭ ھاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇتاھ شىتاتىدىكى «برىغام يوئۇڭ ئۇنىۋېرسىتي» دەپ ئاتىلىدىغان ئالىي مەكتەپتە پروفېسسورلۇق قىلىپ ئۆتكۈزگەن.  ھەمدە ئاشۇ مەكتەپتە ئىشلەۋېتىپ، بىر دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە باشقىمۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 4 پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.  1989-يىلى ئۇ «ئىش ئۈنۈمى يۇقۇرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاب ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە جەمئىي 12 مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق سېتىلغان.  ئۇ مۇشۇ كىتاب ھەمدە ئۆزىنىڭ لىدېرلىق ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىلمى جەھەتتىكى بىلىمى بويىچە دۇنياغا تونۇلغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى نەچچە مىڭلىغان شىركەتلەر ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان لىدېرلىق ۋە باشقۇرۇش تەخنىكىسىنى قوللانماقتا.  كوۋېي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 7 ئادەتنى ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان ئەمەسكەن.  ئۇ 150 يىلنىڭ مابەينىدە غەرب ئەللىرىدە نەشر قىلىنغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئائىت كىتابلار ھەمدە نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىن نەچچە يۈزنى ئوقۇپ چىقىپ، شۇ ئاساستا ئۇ پەقەت بۇ ئادەتلەرنى بايقاپتۇ، ھەمدە ئۇنى ئاددىي ۋە توغرا تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىپتۇ.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ 7 ئادەتنى دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ ھەممىسىدە تاپقىلى بولىدىكەن.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇ 7 ئادەتتىن ئازدۇر-كۆپتۇر پايدىلانغان ئىكەن.  كوۋېي ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ 7 ئادەت كىشىلەرگە پۈتۈنلەي يېڭى نەرسىدەك تۇيۇلمىسىمۇ، ئۇلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە شەكلىدە تونۇپ يەتمىگەن بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن دائىم پايدىلىنپ كەتمەيدىكەن.
           بۇ ماقالىنىڭ تېمىسىنىلا كۆرگەن بەزى ئوقۇرمەنلەر ئېھتىمال «ھازىر كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە قانداق قىلىپ قورساقنى تويغۇزۇش تۇرسا، بۇنداق نەرسىگە كىم قىزىقىدۇ؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن.  ئۇيغۇرلاردا «ئالدىرىغان يولدا قالار» دېگەن بىر ماقال بار.  ئەگەر سىز بۇ يازمىنى ۋە مېنىڭ كېيىنكى يازمامنى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز، يۇقىرىقى ماقالنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلەيسىز.  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ 150 يىلنىڭ مابەينىدىكى مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى يوق.  گەرچە مەن كوۋېي ئەپەندىنىڭ كىتابىنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىغان بولساممۇ، يۇقىرىقى سېمىنار جەريانىدا ئۇ كىشى ئۆزى كىنو قىلىپ ئىشلىگەن بىر قىسىم ماتېرىياللارنى كۆردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرىقى دەرسنىڭ خاتىرىسى ئاساسىدا، بىر قانچە كىشىلەر كوۋېي ئەپەندىنىڭ «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن كىتابىنى تەھلىل قىلىپ يازغان ماقالىلەرنى ئوقۇپ چىقتىم.  مەن تۆۋەندە ئۆز چۈشەنچەم ئاساسىدا ئاشۇ 7 ئادەتنى تونۇشتۇرۇپ ياكى «ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ» ئۆتۈمەن.  ئىنسانلار بىر ئالاھىدە تىپتىكى مەخلۇق بولۇپ، ئۇ خۇددى باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاش پەقەت ئۆزى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋالغا قارىتا ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىش ئاساسىدا ئىش كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن.  لېكىن، ئۇلارنىڭ باشقا مەخلۇقلار بىلەن بولغان پەرقى، ئىنسانلار شەيئىلەر ئۈستىدە ناھايىتى چوڭقۇر ئويلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدۇ.  ئەگەر سىز تىرىشىپ ئاشۇ 7 ئادەتنى ئۆزىڭىزگە سىڭدۈرۈۋالسىڭىز، پەقەت پاسسىپ ھالدا ئۆزىڭىز دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇپ ياشايدىغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاكتىپ ئىش كۆرىدىغان ھالەتتە ياشىيالايسىز.  شۇ ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز، ھەمدە باشقىلارغىمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولغان ئىجابىي تەسىرمۇ كۆرسىتەلەيسىز.
ئەمدى ھەلىقى 7 ئادەتنى تونۇشتۇرۇشنى باشلايمەن.
      1. تەشەببۇسكار بولۇش
         بۇنى «ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇلىيەتچان، ئىزدىنىشچان ۋە ئىجادكار بولۇش» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى شۇ ئادەمنىڭ قارارىنىڭ فۇنكسىيىسى بولىدۇ.  مەسىلەن، مەن ئەگەر ئەتە تاپشۇرۇدىغان بىر مەكتەپ تاپشۇرۇقىنى ياكى بىر خىزمەت ۋەزىپىسىنى بۇرۇن ئىشلىمەي، بۈگۈن كەچتە ئىشلىمەكچى بولسام، مەن چوقۇم ئۆز-ئۆزۈمگە خاپا بولۇپ، باشقىلارغىمۇ ئاسان تەرىككەك بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن. سەۋەبى مەن بۈگۈن كەچتە تېلېۋىزور كۆرەلمەيمەن ياكى دوستلىرىم بىلەن بىرگە بولالمايمەن.  ئەگەر مەن ئۆز-ئۆزۈمگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ۋەزىپىنى بۈگۈندىن بۇرۇن پۈتتۈرۈۋەتكەن بولسام، بۈگۈن كەچتە ناھايىتى خۇشال بولغان بولاتتىم.  ئوقۇرمەنلەر «مەسئۇليەتچانلىق» دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىغان.  بۇ سۆز ئەسلىدە بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر شەيئىگە بولغان ئۆز ئىنكاسىنى ئۆزى تاللاش ئىقتىدارىغا قارىتىلغان. مەسئۇليەتچانلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا كىشىلەرنى مۇنداق 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئەلىنغان ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇل بولىدىغان، ئىشنى ئۆزلۈكىدىن قىلىدىغان كىشىلەر.  ئىككىنچى خىلدىكى كىشىلەر بولسا پەقەت باشقا ئادەم ياكى تاشقى دۇنيانىڭ تەلىپىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسىدىلا ئىش كۆرىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى «رېئاكسىيىلىك كىشىلەر» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.  بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر ئىنگلىزچىدە «پروئاكتىۋە پەئوپلە»، 2-خىلدىكىسى «رەئاكتىۋە پەئوپلە» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەن تاپالىغان ئىنتېرنېتتىكى ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە بۇ سۆزلەرنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئۇيغۇرچىسى يوق ئىكەن.  شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزلەرنى مەن يۇقىرىقىدەك چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم.  2-خىلدىكى كىشىلەر ھاۋا رايى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.  ئۇلار ھاۋا رايى ياخشى كۈنلەردە بىر خىل، ھاۋا رايى ناچار كۈنلەردە بىر خىل بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىگىمۇ بەك ئاسان ئۇچرايدۇ.  بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.  بىرىنچى خىلدىكى كىشىلەر بولسا قىممەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈدىغان ھەمدە قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭ قىممىتىگە قاراپ تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ قىممىتى بەلگىلەيدۇ.  ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىنىڭ بىرسى، قىلماقچى بولغان ئىشىغا قاتتىق ئىرادە باغلاش ھەمدە بۇ ئىرادىسىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ساقلاش.  بۇنى خىزمەت ئورنىغا تەدبىقلىساق، بۇ دېگىنىمىز تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلاش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.  ئەگەر سىز خىزمەت ۋەزىپىسىنى داۋاملىق بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلاپ ماڭسىڭىز، سىز خىزمەتداشلىرىڭىزغا قاتتىق مەسئۇلىيەتچان كىشى بولۇپ تونۇلۇسىز، شۇنىڭ بىلەن سىزگە تېخىمۇ كۆپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى خىزمەت ۋەزىپىسى بېرىلىدۇ.
         كوۋېي ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ 1-ئادەت ھازىر ئامېرىكا باشقۇرۇش پسىخىكىسىغا ئىنتايىن چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ئىجادكارلىق، ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ياكى ئىزدىنىشچانلىق ئادىتى كەڭ مەنادىن قارىغاندا كۈچىمىز بىلەن زېھنىمىزنى بىر ئىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ۋە قىلغان ئىشىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نەتىجىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. ئىزدىنىشچان كىشىلەر ھەرگىزمۇ «ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس»، دەپ قاراپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلار «ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا بىرەر ئامال تېپىلىدۇ»، دەپ قارايدۇ ھەمدە توختىماي ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرى چىقارغان قارار، باشقا كىشىلەر، باشقا ئىشلار ۋە باشقا ئەھۋاللارغا قوللانغان ئۆز ئىنكاسى ئارقىلىق كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىز ئۆز ھاياتىمىزدا قانداق ئەھۋاللارغا يولۇقىدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىز كونترول قىلالمىغان بىلەن، ئۇ يولۇققان ئەھۋاللارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆزىمىز كونترول قىلالايمىز.
          بىز بۇ ئادەتنى ئۆزىمىزگە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك: 1) ئۆز ھاياتىمىز بىلەن باغلىنىشلىق ھەر خىل تەسىرلەرگە نىسبەتەن تولۇق مەسئۇلىيەتنى قوبۇل قىلىش.  2) خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان جۈرئەت بولۇش. 3) ھەر بىر ئەھۋالدا ئۆز يولىمىزنى ئۆزىمىز تاللايدىغان ئەركىنلىك بولۇش. قالغان 6 ئادەت بىزدىن ئالدى بىلەن باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي ئۆزىمىز ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈشىمىزنى ھەمدە شۇ ئاساستا ئېسىل خىسلەتكە ئىگە بىر مۇكەممەل كىشى بولۇپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
          ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارغا قانداق قىلىش، قانداق كېيىنىش، قانداق سۆزلەش، قانداق ھېسسىياتتا بولۇش ۋە قانداق ئويلاشنى دەپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى شۇ بويىچە ئىش تۇتۇشقا مەجبۇرلاش ئىدى.  لېكىن، بۇ ئۇسۇل ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدى.  ئۇ دۆلەتلەر ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئۆز-ئۆزىگە ھەيدەكچىلىق قىلىدىغان، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا روھىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىدىغان، كېسپ ئەھلىگە لايىق پۆزىتسىيىگە ئىگە ھەمدە ئىشنى ئۆزى تېپىپ قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە يۈزلەندى.  لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش جەھەتتىكى كونا ئەنئەنىدە تېخىچە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى.  ھەتتا چېكىنىش بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بوغۇلۇشى ئۇلارنىڭ بىر پۈتۈن ئىنسان بولۇپ چوڭ بولۇشىغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەكتە.  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى «باشقىلار يولسىزلىق قىلسىمۇ يول قويغىن» دەپ تەربىيىلىمەكتە.  بۇنىڭ «باشقىلارغا قۇل بولۇپ چوڭ بولغىن» دېگەندىن نېمە پەرقى بار؟ مەن ئۇنى بىلەلمىدىم.  ئىنگلىزچىدە «مەدەنىيەت»كە ئائىت سۆزلەردىن ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرى «كۇلتۇرە» بولۇپ، ئۇ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» دېگەن سۆزدىكى «مەدەنىيەت» نىڭ مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىرى «كىۋىلىزەد پەئوپلە» دىكى «كىۋىلىزەد» دېگەن سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «مەدەنىيەتلىك خەلق»(ئويغار خەلق) تىكى «مەدەنىيەتلىك» (ئويغار) دېگەن سۆزدۇر.  بۇ سۆز ئادەتتە «ياۋايى ئادەملەر» دېگەنگە قارمۇ-قارشى مەنانى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.  ئويغار خەلق ھەرگىزمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنى «باشقىلار يولسىزلىق قىلسىمۇ يول قويغىن» دەپ تەربىيىلىمەسلىكى كېرەك.  ئۇنىڭ ئورنىغا «ئالدى بىلەن باشقىلارغا ئىلمىي ئاساستا ئادەلەتلىك بولغىن.  ئەگەر باشقىلار ساڭا ياۋايى ئادەملەر ئويغار ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈڭنى تارت، ھەمدە ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە ئوبدان ئويلان»، دەپ تەربىيىلەش كېرەك.
       2. ئۆز كۆڭلىدە ئىشنى ئۇنىڭ ئاخىرسىدىن باشلاش
       بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى، سىز بىر پروجېكتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇ پروجېكت تاماملانغاندىكى ئەھۋالنى ئۆز كوڭلىڭىزدە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، دېگەنلىكتۇر.  كوۋېي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ھەم بىر پروجېكت 2 قېتىم بەرپا قىلىنغان بولىدۇ.  بىر قېتىم مەنىۋىي جەھەتتىن، يەنە بىر قېتىم بولسا ماددىي جەھەتتىن.  مەنىۋىي جەھەتتىن دېگىنىمىز، سىز ئالدى بىلەن ئاشۇ پروجېكت توغرىسىدا بىر ئىدىيە ئويلاپ چىقىسىز ھەمدە ئۇ پروجېكتنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىسىز. ئاندىن سىز ئۇنى ماددىي جەھەتتىن ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ، ئۆزىڭىز ئويلىغان نەرسىنى ياساپ چىقىسىز.  ئادەتتە كىشىلەر بىر پروجېكتنى ئۆز كوڭلىدە باشلاپ، ياساپ چىقماقچى بولغان نەرسىسى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل لايىھىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى ماددىي جەھەتتىن ياساشنى باشلايدۇ. مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كۆرسىتەي. مەن ھەر قېتىم مۇشۇنداق يازمىدىن بىرنى تەييارلىغاندا، ئالدى بىلەن ئۇنى قانداق باشلاشنى، ئۇنىڭ قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇ مەزمۇنلارنىڭ قانچە قىسىمغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئويلايمەن.  ئاندىن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى يېزىشقا باشلايمەن.  مېنىڭ ئۇنداق بىر يازمىنى بىر ئولتۇرۇپلا پۈتتۈرۈۋېتىدىغان ۋاقتىم بولمىغاچقا، ئۇنى نەچچە ھەپتە، بەزىدە ھەتتا بىر-ئىككى ئايدا ئاران يېزىپ بولىمەن. لېكىن، ئۇ ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى كاللامدا تەپسىلىي ئويلاپ قويغان بولغاچقا، ئۇنى پارچە-پۇرات ۋاقىتلاردا يازساممۇ ئۇنىڭ باغلىنىشىغا ۋە بىر پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن.
        نۇرغۇن كىشىلەر پىلانلىغان ياكى نىشان قىلغان بىر ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئويلاپ، قىلغان ئىشىغا ھەقىقىي تۈردە رازى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئالدى بىلەن كۆڭلىدە ئىشنى ئاخىرسىدىن باشلىمىغان.  بەزىلىرى ھەتتا قىلماقچى بولغان ئىشىنى قايسى دەرىجىگە ئاپارسا ئۇ ئىش تاماملانغان بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئويلاپ قويمىغان.  بەزىدە «ئىشنىڭ ئاخىرى» دېگىنىمىز ھاياتىمىزنىڭ مەقسىتىنى كۆرسىتىدۇ.  ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مەقسىدىنى ئالدىن ئالا ئېنىق تاللىمىسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ھاياتىڭىزنى ئۆزىڭىز تولۇق رازى بولىدىغان بىر يۆنىلىشكە باشلاپ ماڭالمايسىز.
   بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە بىر غايە تىكلىشىڭىز، ئۇ غايىنى تىكلەشتىكى مەقسەتكە روشەن ئېنىقلىما بېرىشىڭىز، ھەمدە سىزنى يۇقىرىقى غايىگە يېتىشكە قاراپ باھالىغىلى بولىدىغان تەرىقىدە ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان كىچىك نىشانلارنى تىكلىشىڭىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر غايە بىلەن نىشاننىڭ پەرقىنى ئانچە پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.  لېكىن بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر-بىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، يۇقىرىقى بىر جۈملىدە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر ئاز چۈشەندۈرۈلگەن.  بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، چوقۇم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نىشان تىكلەپ مېڭىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋېلىشى كېرەك. بۇ مەسىلە ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا، مەن بۇ يىل ئىچىدە بۇ تېما توغرىسىدا بىر مەخسۇس يازما تەييارلاشنى ئويلاۋاتىمەن.  سىز پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر غايە تىكلىگەندىن كېيىنلا، كېيىنكى قىسىمدا تەسۋىرلىنىدىغان 3-ئادەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆڭلىڭىزدىكى ئارزۇغا يېتىشكە قاراپ توغرىيالايسىز.
      3. مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش
      مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلالىشىڭىز ئۈچۈن، سىز ئالدى بىلەن تەشەببۇسكار بولۇشىڭىز (يەنى 1-ئادەتتە چۈشەندۈرۈلگەن 1-خىلدىكى ئادەم بولۇشىڭىز)، ئاندىن ئۆزىڭىز باشلىماقچى بولغان پروجېكتنى مەنىۋىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ چىقىشىڭىز كېرەك.  مۇھىم ئىشنى ئالدىدا باشلاشنىڭ بىر ئۇسۇلى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىز توغرىسىدا مۇنداق بىر 4 كۇئادراتلىق ماترىسانى تۈزۈپ چىقىش:
     1-كۇئادرات: مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلار
     2-كۇئادرات: مۇھىم ئەمما جىددىي ئەمەس ئىشلار
     3-كۇئادرات: مۇھىم ئەمەس، لېكىن جىددىي ئىشلار
    4-كۇئادرات: مۇھىم ئەمەس ھەمدە جىددىي ئەمەس ئىشلار
       خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا سىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. بەزىدە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قىلىپ پۈتتۈرمىسە بولمايدىغان ئىشلاردىنمۇ بىر قانچىسى بولىدۇ. يۇقىرىقى ماترىسادىن پايدىلىنىپ، سىز قايسى ئىشنى ئالدىدا باشلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا توغرا قارار چىقىرالايسىز. نۇرغۇن كىشىلەر قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر كۇئادراتقا كىرگۈزۈپ قويىدۇ. ئەگەر سىز ھەممە ئىشلارنى 1-كۇئادراتقا كىرگۈزۈپ قويسىڭىز، سىز چوڭقۇر بېسىم ھېس قىلىپ، قاتتىق چارچاپ كېتىسىز. بۇنداق كىشىلەر يۇقىرىدىكى 1-ئادەتتە چۈشەندۈرۈلگەن «رېئاكسىيىلىك كىشىلەر» بولۇپ، «تەشەببۇسكار كىشىلەر» ئەمەس. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى 3- ياكى 4-كۇئادراتقا كىرگۈزۈپ قويىدىغان كىشىلەر دېگەندەك مەسئۇلىيەتچان بولالمايدۇ. ئادەتتە ھەم مۇھىم ئەمەس ھەم جىددىي ئەمەس ئىشلار ئانچە مەۋجۇت ئەمەس. سىز ئۆز ۋاقتىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى سەرپ قىلىشقا تېگىشلىكى 2-كۇئادراتتۇر. بۇ كۇئادراتقا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان كىشىلەر بىر پروجېكتنى بەرپا قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى ۋاقىت چىقىرىپ ياخشى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. شۇڭا 2-كۇئادرات ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى كۇئادرات بولۇپ، ئىشنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك قىلىدىغان كىشىلەر ئاشۇ كۇئادراتنى ھەممىدىن كۆپ ئىشلىتىدۇ.  كوۋېي ئەپەندى مۇشۇ قىسىمدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3-ئادەت: «مۇھىم ئىشنى ئالدىدا قىلىش» (ئىنگلىزچە «پۇت فىرست تھىڭس فىرست») دېگان تېمىدا بىر مەخسۇس كىتاب يازغان بولۇپ، بۇ كىتاب ھەمدە ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ھازىر ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك شىركەتلەرنىڭ ۋاقىتنى مۇۋاپىق باشقۇرۇشتىكى قوللانمىسى بولۇپ قالغان. شۇڭا مەن بۇ مەزمۇن توغرىسىدا يەنە بىر مەخسۇس يازما تەييارلايدىغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر بۇ 3-ئادەت توغرىسىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرنى ئاشۇ يازمامدىن كۆرۈۋېلىشىنى سورايمەن.
      4. ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ ئۇتۇشنى كۆزلەش
       بۇ ئادەتنى كوۋېي ئەپەندى ئىنگلىزچە «تھىنك ۋىن ۋىن» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇ كۆڭۈلدىكى پوزىتسىيىگە قارىتىلغان.  ئۇ زىددىيەتلىك ئىككى ئادەم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا دۇچ كەلگەندە، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئادەم تۇتىدىغان بىر پوزىتسىيىگە قارىتىلغان. يەنى ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئادەم ھەر دائىم زىددىيەتلىك ھەر ئىككى تەرەپكە ھەقىقىي تۈردە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان چارىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ.  بۇنداق چارە ئۆزلۈكىدىن مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنى بىر كىم ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى كېرەك.  مەلۇم بىر مەسىلە توغرىسىدا بىز بىرەر چارىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلمىسەك، ئۇ ھەرگىز ئاشۇنداق بىر چارىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. «ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ ئۇتۇش» ئىدىيىسى ھەرگىز مۇرەسسە قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئەمەس.سىز بۇ ئادەتنى قانچە كۆپ قوللانسىڭىز، ھەر ئىككى تەرەپكە ھەقىقىي تۈردە تەڭ پايدا يەتكۈزىدىغان بىر چارىنى تېپىشقا شۇنچە بەكراق ئىنتىلىدىغان بولىسىز. شۇ ئارقىلىق ئەسلىدە ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئىشلارنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋېتەلەيسىز.  بۇ خىل پوزىتسىيىنىڭ ئۈنۈم بېرىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھەرگىز قارشى تەرەپتىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ ھەر بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ياخشىراق چارىنى تېپىپ چىقىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانى بولۇشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشكە ئۈندەيدۇ.  پەقەت ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقاندىلا ھەمدە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي تۈردە ئىرادە باغلىغاندىلا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ پايدا كۆرىدۇ.
      5. ئالدى بىلەن باشقىلارنى چۈشىنىشنى، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى ئويلاش
       بۇ ئادەتنى كوۋېي ئەپەندى ئىنگلىزچە «تھىنك فىرست تو ئۇندەرستاند، تھەن تو بە ئۇندەرستوئود» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ئادەتنىڭ ھالقىلىق تەرىپى ئۆزئارا ياخشى ئالاقىلىشىشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر مۇزاكىرە، يىغىن ۋە سۆزلىشىش جەريانىدا داۋاملىق باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، ھېچ كىم ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ.  كوۋېي ئەپەندى بۇ خىل ئەھۋالنى «گاسلارنىڭ مۇنازىرلىشىشى» دەپ ئاتىغان.  «ئالدى بىلەن باشقىلارنى چۈشىنىش» ئادىتى سىزدىن «باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىشىغا يول قويۇڭ» دېگەننى تەلەپ قىلمايدۇ.  ئۇ سىزدىن قاتتىق تىرىشىپ، باشقىلار نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەملەرنىڭ تەبىئى خۇسۇسيىتى باشقىلارنى خاتا چۈشىنىش.  شۇڭا كىشىلەر باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە، باشقىلارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتە داۋاملىق خاتالىشىدۇ.  باشقىلار دېگەن گەپكە ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ۋە تۇرمۇش چۈشەنچىسى ئاساسىدا مەنا بېرىدۇ. ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارغا خاتا مەنا بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ ئورنىنى مۇكەممەل چۈشىنىشكە تەييار تۇرسىڭىز، ھەمدە سۆزلىشىش-مۇزاكىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىپ قارشى تەرەپنى چۈشىنىشنى ئۆز ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ، ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى كەيپىيات باشقىچە ياخشىلىنىدۇ.  قارشى تەرەپمۇ تېخىمۇ ئېچىلىپ، سىزنىڭ گېپىڭىزگە تېخىمۇ قىزىقىدىغان ۋە تېخىمۇ كىرىدىغان بولىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن مۇزاكىرىدىن باشقىچە ياخشى نەتىجە چىقىدۇ.
       ئەگەر سىز بىر باشلىق بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنى تولۇق چۈشىنىش سىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىزگە ئىشلەيدىغان كىشىلەر سىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ھال ئەھۋالىغا ئوبدان يېتىشىڭىزنى ھەمدە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئادەت سىزنىڭ باشقىلار بىلەن ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
      6. ياخشى ھەمكارلىشىش
       بۇ ئادەتنىڭ ئىنگلىزچىسى «سينەرگىزە» بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەسىلە ھەل قىلىش» دېگەنگە يېقىن كەلىدۇ. بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان يەنە بىر ئىنگلىزچە سۆز «سينەرگي» بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «پۈتۈن گەۋدە ئۇنىڭ بۆلەكلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن چوڭ بولىدۇ» دېگەندىن، ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، پۈتكەن نەرسە ئۇنىڭ پارچىلىرىدىن چوڭ بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. «ياخشى ھەمكارلىشىش» دېگەن ئادەت سىزدىن باشقىلار بىلەن ئورتاق باش قاتۇرۇپ، ھەممەيلەننىڭ ئىجادكارلىقىنى ئىشقا سېلىپ، بىر مەسىلە ئۈستىدە سىزمۇ پايدا كۆرۈدىغان، باشقىلارمۇ پايدا كۆرۈدىغان توغرا چارىنى تېپىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «ھەمكارلىق ئارقىلىق ئېرىشكەن چارە» تېپىش دېگەنلىك ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا قويغان چارىدىن ياخشىراق چارىنى تېپىش دېمەكتۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئادەتنى تولۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن 4- ۋە 5-ئادەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. يەنى، ئالدى بىلەن ھەر تەرەپ ئوخشاش پايدا كۆرۈدىغان بىر چارىنى تاپقىلى بولىدۇ، دېگەن ئىدىيىگە تولۇق ئىشىنىش كېرەك. ئاندىن يېتەرلىك ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپنى تولۇق چۈشىنىش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەن بىرلىكتە كاللا ئىشلىتىپ، بىر ئورتاق چارە تېپىپ چىقىش كېرەك. مانا بۇ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئېرىشكەن بىر تەبى’ئى چارە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
       7. ھەرىنى بىلەپ تۇرۇش
        بۇ يەردىكى «ھەرە» سىز ئۆزىڭىز بولۇپ، «ھەرىنى بىلەپ تۇرۇش» دېگەننىڭ مەنىسى ئۆزىڭىزنى ياخشىراق، ئەقىللىقرەك ھەمدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ تۇرۇش، دېگەندىن ئىبارەتتۇر. ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلەر داۋاملىق ۋاقىت چىقىرىپ، ھەرىنى بىلەپ تۇرىدۇ. يەنى، ئىزچىل تۇردە بەدەن، كۆڭۈل ۋە روھىيەتتىن ئىبارەت ئىنسان ھاياتىنىڭ 3 ئۆلچىمىنىڭ ھەممىسىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرىدۇ. كوۋېي ئەپەندى يۇقىرىقى 3 ئۆلچەمگە «كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت» دېگەندىن ئىبارەت 4-ئۆلچەمنى قوشقان.
       7.1 روھىي چېنىقىش
       بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ھاياتتىكى مەقسەت ۋە يۆنىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىز دىندار ئادەم بولسىڭىز، سىزنىڭ خۇسۇسىي ئېتىقادىڭىزنىڭ ئۆزى روھىي چېنىقىش بولىدۇ. ئەگەر سىز دىن مۇخلىسى بولمىسىڭىز، ھاياتلىقنىڭ سىز ئۈچۈن بىر ئالاھىدە مەقسىدى بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.  بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سىز مۇددەتلىك ھالدا ھېچ ئىش قىلماي، ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي قويۇۋېتىپ، 10-15 مىنۇت ئويلانسىڭىز، شۇ بىر خىل روھىي چېنىقىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. كىشىلەر ئادەم ئۇخلىغاندا ئادەمنىڭ كۆڭلى يېتەرلىك ئارام ئالىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئادەم ئۇخلىغاندا ئۇنىڭ مېڭىسى يەنىلا ناھايىتى ئاكتىپ بولىدۇ.  ئۇ توختىماي ھەر خىل ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا كۆڭۈلنى مۇددەتلىك ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق، كىشىلەر ئۆزىنى ساغلاملاشتۇرالايدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆز غايىسى، ئۆزىنىڭ رولى، ئۆز نىشانى ۋە ئۆز ھاياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلار ئۈستىدە مۇددەتلىك ھالدا ئويلىنىپ تۇرۇشمۇ روھىي چېنىقىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  مەن ئەتىياز ۋە ياز كۈنلىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىرەر سائەت ۋاقىت ھويلامغا گۈل ۋە كۆكتات تىكىش ھەمدە ئۇلارنى پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق روھىي چېنىقىش مەقسىتىمگە يېتىمەن. يەنى مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم زېھنىمنى ئەتىگەندىن كەچكىچە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، مېڭە ئىشلىتىش ئىشى بولغاچقا، مەن ئۈچۈن ھويلىدا ئىش قىلىش بىر روھىي چېنىقىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
        مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» دېگەن ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئوقۇغاندا، بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلاردا نېمە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى دېگەندەك چۈشىنەلمىگەن ئىدىم:
نەقىل: يېقىنقى بەش ئەسر مابەينىدە «ئەۋلىيا چەتتىن، مۇرت بىزدىن» بولۇپ، ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىكتە ئېرىشكىنىمىز زادى نېمە بولدى؟  يېقىنقى بەش ئەسردىن بۇيان دىنىي مەزھەپچىلىك بىلەن مۇرت-مۇخلىسلىق پىرقىۋازلىقى، يۇرتۋازلىق-مەھەللىۋازلىق، موللام ياكى ئەپەندىلىرىمىزدىكى كىچىك گۇرۇھۋازلىق، ئەل غېمىنى مۇز دەرياغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتكەن مەنسەپ-بالداق ھېرىسمەنلىكى، تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىنكارچىلىقىنىڭ تەلۋە دەبدەبىلىرى بىلەن دەل-دەرەخسىز جەزىرىدىكى قۇيۇنتازدەك مەسئۇلىيەتسىز پىتنە-ئىغۋا تۆھمەتخورلۇقى قاتارلىق ئالتە زەھەر تۈپەيلىدىن «ئوغۇز سۈتىدەك ئۇيىماق» دېگەن مەنىدىكى «ئۇيغۇرلار» ئۇيۇشۇش كۈچىنى «ئېچىغان سۈت»كە ئايلاندۇرۇپ قويدى. نەتىجىدە «ئىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىشىمىز ئۇرغۇي» بولۇپ چىقتى. [نەقىل ئاخىرلاشتى]
       يېقىندا يۈسۈپجان ياسىن ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسلىرى» دېگەن ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇدۇم:
نەقىل: ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياكى چېكىنىشى ، نام–شۆھرەت قازىنىشى ياكى ئۇنتۇلۇشى ئومۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مىللىي روھىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 13-، 14-ئەسىرلەرگىچە بولغان تارىخىدا سىياسىي ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ كۈچىيىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە تەرەققىي قىلىپ ، تەسىرى ۋە نام-ئابرويىنىڭ ئاسىيادىن ھالقىپ ھەتتا ياۋروپا ۋە ئافرىقىغىمۇ تارىلىشى ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھاياتنىڭ ھەرقانداق ساھېسىدە مىللىي روھنى يېتەكچى قىلغانلىقىدىن بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى چېكىنىش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىشىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بەزى كىشىلەر جار سېلىۋاتقىنىدەك قانداقتۇر «يىپەك يولى» نىڭ ئۈزۈلۈپ، «دېڭىز يولى» نىڭ ئېچىلىشىغا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇشۇ مەزگىللەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دەۋرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا مىللىي روھنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇن بولىدىغان ئامىللارنىڭ كۆرۈلىشكە ۋە كۈچۈيىشكە باشلىغانلىقىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. بۇ توسقۇنلۇقمۇ دەل سىرتقى مۇھىتتىن قوبۇل قىلغان تۈرلۈك ئېتىقاد شەكىللىرى ۋە ئاشۇ ئېتىقاد شەكىللىرىگە ئەگىشىپ كىرىپ كەلگەن مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشىشىدىن بولغان . مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن تارتىپلا «ئۇلۇغ تەڭرى» دېگەن مەنىدىكى «كۆك تەڭرى» نامىدا ئاتالغان بىر تەڭرىلىك ئېتىقاد شەكلى ئاساس قىلىنىپ كەلگەن. ئىسلامىيەت دەۋرىگە قەدەر ئىزچىل داۋاملاشقان بۇ دىننىڭ ئەقىدىسىدە، ھوقۇق، قانۇن، غۇرۇر، ئۈستۈنلۈك، جەڭگىۋارلىق، شان-شەرەپ، ئىنسانچىلىق، جۈملىدىن مىللىي روھ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ قارىلاتتى. ھۆكۈمدارلارمۇ بۇ ئەقىدىنى رېئال ھاياتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشاتتى، دېمەك، بۇ دەۋردە مىللىي روھ بىر خىل ئېتىقاد ۋە ئەقىدىگە ئايلانغانىدى. [نەقىل ئاخىرلاشتى]
         شۇنىڭدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنگەندەك ھېس قىلدىم. يەنى، بۇنىڭدىن بەش ئەسىر بۇرۇن، ئۇيغۇرلار مىللىي روھقا بىر خىل ئېتىقات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغانىكەن.  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل پوزىتسىيەدە تەدرىجىي ھالدا ئاجىزلىشىش بولۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا زور دەرىجىلىك چېكىنىش يۈز بېرىپتۇ.  مىللىي روھنىڭ ئاجىزلاپ مېڭىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۈگۈنمۇ بىر چوڭ يوقىتىش بولماقتا. ياپونلۇقلار ھازىرمۇ مىللىي روھقا بىر ئېتىقات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ دىنى ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى ساقلاپ قېلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ.  ئۇلارنىڭ مىللىي روھىي بولسا ۋەتەنسىز ئۆتكەن ئالدىنقى ئىككى مىڭ يىل جەريانىدا ئۇلارنىڭ يەنىلا بىر مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدا مۇتلەق رول ئوينىدى.  مەن تورداشلارنىڭ يۇقىرىقى ئىككى پارچە ماقالىنى بىر ئوقۇپ چىقىشىنى، شۇ ئارقىلىق مىللىي روھنىڭمۇ بىر ئېتىقات بولالايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنىپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  بۇ ماقالىلارنى تۆۋەندىكى تور بەت ئادرىسىدىن تاپقىلى بولىدۇ: http://www.meripet.com/Academy/.
        7.2 جىسمانىي چېنىقىش
     كۆپرەك ئوكسىگېن تەلەپ قىلىدىغان جىسمانىي چېنىقىش سالامەتلىك، قۇۋۋەت ۋە ساغلام ھېسسىيات ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە.  بۇ ئادەتنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر ھەپتىدە كەم دېگەندە 3 قېتىم 20 مىنۇتتىن چېنىقىشقا توغرا كېلىدۇ.  ئەگەر سىزنىڭ ھازىر بۇنداق ئادىتىڭىز بولمىسا، يۇقىرىقى چېنىقىش ئادىتىنى باشلاپ تەخمىنەن 6 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، سىز جىق ساغلام بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.  بۇنداق چېنىقىش ئارقىلىق بەدىنىڭىز ئوكسىگېننى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىدىغان بولىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىزنى باشقىچە روھلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
       7.3 مەنىۋىي چېنىقىش
       ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوئالنى سوراپ بېقىڭ: «مەن دىلىمنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟  مەلۇم بىر ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەنمۇ؟  ئۆزۈمنىڭ كەسپىي بىلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟»  بۇ جەھەتتە قىلىدىغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى كىتاب ئوقۇش.  ياخشى ماتېرىياللارنى تاللاپ، ئۆز بىلىمىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىزنى كېڭەيتىدىغان ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئوقۇش.  كوۋېي ئەپەندى جىسمانىي چېنىقىش بىلەن مەنىۋىي چېنىقىشنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆيىدىكى چېنىقىش ۋېلسىپىتىنى كۈنىگە بىر سائەتتىن ئارتۇق مىنىپ، شۇ جەرياندا كىتاب ئوقۇيدىكەن.  بىزگە مۇشۇ دەرسنى سۆزلىگەن كىشى ھەر ئايدا ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇپ تۈگىتىشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق نىشانى قىلىۋالغان ئىكەن. بىزنىڭ بارلىق يول يۈرۈشىمىز ماشىنا ئارقىلىقلا بولىدىغان بولغاچقا، مەن ھەر كۈنى ئايالىم بىلەن بىرلىكتە كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ئەتراپىدا يول ماڭىمەن.  ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىرەر سائەت ماتېرىيال كۆرىمەن.  ھەر بىر خىزمەت كۈنىنى روھىم ئۈستۈن ۋە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەتىگىنى سائەت 5 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆيدىن خىزمەتكە قاراپ يولغا چىقىش ئۈچۈن، ئورنۇمدىن سائەت 5 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرۇپ، چوقۇم بىر قېتىم يۇيۇنىمەن.
        داڭلىق ئەرباپلارنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان داڭلىق ئەسەرلەر قاتارلىقلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئادەم ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتالايدۇ.  قىلىۋاتقان ئىشى ئۈچۈن يېڭىچە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز ماڭا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلغان تۆۋەندىكى كىتاپلارنىڭ تىزىمىنى ماڭدۇرۇپتۇ:
    ئەلبېرت ھۇببارد: «خەتنى گارسىيىگە يەتكۇزۇپ بېرىش»
   ناپولېئون ھەئوللنىڭ مۇۋەپپىقىيەت ھەققىدىكى بىر يۈرۈش كىتاب-رومانلىرى
    ۋىنىسلېت پىئېر: «جاپا چەككۈچىلەرنىڭ مەيۈسلىنىشكە ھەققى يوق»
       جەكك لوندون: «ھاياتقا مۇھەببەت» (80-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان. «باھار شامىلى» (ھازىرقى «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» جۇرنىلىنىڭ كونا سانى 80-يىللىرىدىكى قايسى بىر سانىدا بار ئىدى) .
      ئولىگ ماندىنو: «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»
فىرەر كاپەنىڭ ۋەست پوئىنت ھەربى مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ھەققىدىكى جەۋھەرلەردىن تۈزۈلگەن «باھانىگە يول يوق»
ئۇنىڭدىن باشقا، مەن تورداشلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ « ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر » دېگەن ماقالىسىنىمۇ بىر ئوقۇپ بەقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى: http://www.meripet.com/Academy/.
7.4 كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت
      بۇنى بەزىلەر «ئىجتىما’ئىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى چېنىقىش» دەپمۇ ئالىدۇ. بۇ ئىش ئالدىنقى 3 ئىشتەك بىر خىل ئادەت بولماستىن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئىرادە.  بۇ ئىرادىنى يۇقىرىقى 7.1-قىسىمدا توختالغان روھىي چېنىقىش ئادىتى جەريانىغا سىڭدۈرسىمۇ بولىدۇ.  قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىرادە يۇقىرىقى 4-، 5- ۋە 6-ئادەتلەردىن پايدىلىنىپ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئەيتىشىچە، ئىنسان بەدىنى ئەسلىدە 120 يىل ساغلام ياشاشقا پروگرامىلانغان.  بۇ دېگەنلىك، ئەگەر سىز ياخشى ئادەتلەر ئارقىلىق ئۆز سالامەتلىكىڭىزنى ئوبدان كونترول قىلالىسىڭىز، 120 ياشقا كىرگىچە ياشىشىڭىز پۈتۈنلەي مۇمكىن، دېگەنلىكتۇر.
   

                                                                                        ئاخىرقى سۆز

           ئامېرىكىدا «كىشىلىك تەرەققىيات» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەسپ بار. ئۇنى ئىنگلىزچە «پەرسونال دەۋەلوپمەنت» دەپ ئاتايدۇ. ئىدارە، مەكتەپ، شىركەت ۋە كارخانىلار ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي ۋە ئىجتىما’ئىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەت دەرىجىسىگە ئۆسۈشىگە ياردەم قىلىش، ھەمدە خىزمەتچىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى ساغلام ساقلاپ مېڭىش ئۈچۈن يۇقىرىقى كەسپتىن پايدىلىنىدۇ.  مەن ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا «كىشىلىك تەرەققىيات» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققىنىم ئېسىمدە يوق.  مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ساپا مەسىلىسى دېيىشكە بولىدۇ.  ئۇيغۇرلار ھازىر پەقەت بىر تال تانىنىڭ ئۈستىدىلا مېڭىشقا مەجبۇرى بولۇۋاتىدۇ.  ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن مىللەت دائىرىسىدە مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش يولىدا بىرەر ئىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق.  لېكىن ھەر بىر ئىندىۋىدۇئالنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق يۈكسەكلىككە يېتىش ئىمكانىيىتى ھېلىمۇ مەۋجۇت.  بىز بۇ دۇنيادا پەقەت بىر قېتىملا ياشايمىز. ھەمدە بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز ئىنتايىن قىسقا.  ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان نۇسخىلىرى بولىدۇ.  ئۇ ئوخشىمىغان نۇسخىلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىسىغا ئېرىشىش شۇ ئادەمنىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئۆز-ئۆزىنى قانچىلىك مۇكەممەل چۈشىنىشى، قايسى يولنى تاللىشى ۋە شۇ يولدا قانچىلىك تەر ئاققۇزۇشىغا باغلىق. شۇنداق بولغاچقا، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ھايات نۇسخىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشىشكە تىرىشىڭ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، سىز ئاقىلانە ئىش قىلمىغان بولىسىز. مەن سىزگە مۇشۇ جەھەتتە بىر ئاز ياردىمى بولسۇن دەپ، بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.  مەن ئۆزەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يازمىلىرىمدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىغا ھازىرغىچە سىڭىپ كىرىپ بولالمىغان، كىشىلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى بەزى ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىمەن. گەرچە مەن بىر ئىجتىمائىي پەن ساھېسىدىكى مۇتەخەسىس بولمىساممۇ، مەن تونۇشتۇرىدىغان ئىلمىي ئۇقۇم ۋە بىلىملەر غەرب ئەللىرىدىكى دۇنياغا تونۇلغان ئالىم-مۇتەخەسىسلەرنىڭ نۇرغۇن يىللىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا چوقۇم زور پايدىسى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بولسا ئۇلارنى تولۇق ھەزىم قىلىۋېلىشىنى، كەم دېگەندىمۇ ئۇلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
         مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، بەزى قېرىنداشلار مەلۇم بىر تور بېتىدە مېنىڭ يازمىلىرىمنى بېسىپ چىقىرىپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقاتسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ.  مېنىڭ يازمىلىرىمنى ھەر قانداق شەكىلدە تارقاتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  بۇ ئىشتا مەندىن ياكى باشقىلاردىن ئىجازەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.  مەن بۇ يازمىلارنى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن تەييارلاۋائىتىمەن. يازغانلىرىمنىڭ قىممىتى پەقەت باشقىلار ئۇلارنى ئوقىغاندىلا يارىتىلىدۇ. يەنى، ئۇلارنى قانچە كۆپ ئادەم ئوقۇسا شۇنچە ياخشى.  شۇڭا سىز مەيلى تور بەتلىرىدە بولسۇن، ياكى بېسىپ چىقىرىپ بولسۇن، بۇ يازمىلارنى كۆپرەك كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ماڭا قىلغان بىر زور ياردىمىڭىز بولىدۇ.  ئەگەر ماقالىدىكى ئىسمىمنى ساقلاپ قېلىش سىزگە ۋە باشقىلارغا پايدىسىز بولسا، ئىسمىمنى چىقارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۆزىڭىزگە قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى قىلىۋېرىڭ. رەھمەت.


ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4807
توردىكى ۋاقتى: 1400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئوقۇش بىلەن ،بۇ كىتاپنى سېتىۋىلىپ ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 18:51:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 16:04  

بۇ كىتابنىڭ تىلىمىزدىكى نەشىرى ، شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرياتى تەرپىدىن 2012-يىلى 4-ئايدا تارقىتىلغان.
مومكىن بولسا دوسلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقوپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئالدىنقى قىتىم تەۋسىيە قىلغان كىتابلار

ئا،جالالىدىن تەرجىمە قىلىنغان ھايۋانلار قوروقى دىگەن كىتاب
./thread-19775-1-1.html

پۈتۈكنامە

./thread-22453-1-1.html

ئىمكانىيتىمنىڭ يار بىرىشچە ئۆزۈم ئوقوپ بولغان كىتابلار ئىچىدىن ياخشى كىتابلارنى تاللاپ،شۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تەسراتىمنى يىزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوسلارغا داۋاملىق ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە بۇ كىتابلار ھەققىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىشقا تىرىشىمەن .
كىيىنكى پىلاندا ناپالىيون خىئولنىڭ مۇۋەپپەقيەت دەستۇرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى،پۇل ئۇرىشى،باي دادام نامرات دادام دىگەن كىتابلارنى پىلان قىلىۋاتىمەن.
ئەسلى ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى دىگەن كىتابتىن تەسراتىمنى يىزىپ يوللاشنى ئويلىغان ،ئەمما بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ يازغىنى تىخمۇ ياخشى بولغاچقا بۇ تىمىنى يوللاپ قويدۇم ...


0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 19:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتىچىلىك مەنىلىك ئەمەسمۇ قانداق...؟

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 19:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WART يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 19:09
لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسھىتىچىلىك مەنىلىك  ...

ئۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ياكى تەسراتىڭىزنى يوللاپ قويامسىز ئەمىسە ؟
لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى بىلەن بۇ كىتابنىڭ پەرقى بار.ئوخشىمىغان ئىكككى نوقتىدىكى پىكرىنى يىتىدۇ يەتمەيدۇ دەپ سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .
بۇ كىتابنى بىر ئوقوپ بىقىڭ .ئوڭلاپ چۈشىنىشمۇ ئاسان ئەمەس بۇ كىتابنى .ئەمما ھەقىقەتەن سەرخىل كىتابلارنىڭ بىرى .
ئادەمنى ئەقىل،ھىسىيات كونتىرول قىلغاندىن باشقا ئادەتمۇ كونتىرول قىلىدۇ .تىلىمىزغا نەشىر قىلىنغان كىتابلاردىن ئادەتكە يىتىلدۈرۈشكە  ئائىت كىتابلاردىن مۇشۇ كىتاب بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى دىگەن كىتابلار بار ...
بۇ كىتابنىڭ موھىم نوقتىلىرىمۇ ئۆزۈم بىلگىنىمچە بىر قالدۇرۇپ قوياي ۋاقىت چىقرىپ ئەمما بىر ئوقوپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ئىسىمدە قالغان سىھ قىلغان موھىم نوقتىلار :
1.سىز بىلەن ئادەت باشقا-باشقا ئىككى نەرسە .
2.قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغىنى گەپ سۆزىمىز ئەمەس تەبىيتىمىزدۇر .
3.ئادەمنىڭ ئىددىيسى ،تەپەككۇرى ئادەمنىڭ ھەركىتىنى بەلگىلەيدۇ.ھەركەت خاراكتىرنى ،خاراكتىر بولسا تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ .
4.ئۇ نوقسانسىز بولغىنى ئۈچۈن گۈزەل ئەمەس،بەلكى گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن نوقسانسىزدۇر .
5.بىزگە ئەڭ چوڭ زىيان سالىدىغىنى ئۆزىمىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭ شۇ خاتالىقلارغا قارتا قوللانغان تەدبىرىمىزدۇر .


....بۇ كىتاب ئادەمنىڭ تەپەككۇر شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇللىرىنى ۋە تەپسىلاتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
يەنە ۋاقىت چىقىرالىسام موھىم مەزمۇنلىرىنى ئوتتورغا قويىمەن.ئەمما بۇ كىتابنىڭ باش ئاخىرى بىر بىرىگە چىتىشىپ كىتىكلىك شۇڭا ئامال بار كىتابنىڭ ئۆزىنى ئوقوپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25030
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 20:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iltebir107 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 18:49
بۇ يازمىنى ئوقۇش بىلەن ،بۇ كىتاپنى سېتىۋىلىپ ئوقۇشۇڭل ...

كىتاپنىڭ ئىسمى ‹‹ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى كىشلەرنىڭ 7 ئادىتى›› مۇ؟

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 20:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا رەھمەت.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 21:06:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Almihan84 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 20:50
كىتاپنىڭ ئىسمى ‹‹ ئىش ئۈنىمى يۇقىرى كىشلەرنىڭ 7 ئادىت ...

شۇنداق چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ .ئەمما كىتابنىڭ ئىسمى ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )