بۇ ئايالغا ئادالەت يوقمۇ ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار نەچچە سائەت ئىلگىرى يولدا كىتىۋاتسام قوشنامەھەللىدىكى بىر مەزلۇم يولۇمنى توسۇپ ياردەم سورىدى، بىراق مەن ئېنىق جاۋاب بىرىشكە ئاجىزلىق قىلدىم. شۇ ۋەجىدىن بۇ مەسىلىنى تورداشلارغا سۇندۇم، مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر. بۇ مەزلۇم قوشنا مەھەللىلىك بولۇپ تۇرمۇشلۇق بولغاندىن بېرى ئەر - ئايال جاپالىق ئىشلەپ ئۆيىنى زامانغا لايىق سېلىۋالغان، ئوتتۇرا تىپتىكى بىر ئۇن زاۋۇتىغا(بۇ زاۋۇت 24 سائەت دېگۇدەك ئىشلەيدۇ، مۆلچەرىمچە يىللىق كېرىمى 80 مىڭدىن ئاشمىسىمۇ يىقىنلاپ قالىدۇ) يەنە كىچىك تىپتىكى بىر ياغ تارتىش زاۋۇتى، سىمۇنت لاي ئىتىش ماشىنىسى، بىر قول تىراكتور، ئورما ئورۇش ماشىنىسى، يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى...غا ئىگە بولغان خىلى ھاللىق ئائىلىلەردىن ئىدى. 4 پەرزەنتىنىڭ ئىككىسىنى ئوي ئوچاقلىق قىلىپ بولغان، يەنە ئىككىسى تىخى ئۆيدە. توقلىقتىن شوخلۇق چىقىدۇ دېگەندەك، بۇ مەزلۇمنىڭ يولدىشى زاۋۇت قۇرۇش ئۈچۈن ئالغان قەرزلىرىنى تۈگۈتۈپ، يانچۇقى خىلى تومپايغاندىن كىيىن 2 - 3 يىلدىن بىرى، بىر نىمكەش خوتۇن بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ 20 نەچچە يىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئېشەكتەك ئۇ خوتۇننىڭ كەينىدە يۈرۈپ ئۆيى، خوتۇن(بۇ مەزلۇم) ۋە بالا - چاقىسىنى تاشلىۋەتتى. ئۆي چىقىمى، بالا - چاقىسى بىلەن كارى بولمىدى. مەزلۇمنىڭ دىيىشىچە ئۇ نۇمۇسسىز يېقىندا سوت مەھكىمىسىگە بۇ مەزلۇم بىلەن ئاجرىشىش ھەققىدە ئەرىز سۇنۇپتۇ. سوتمۇ ئىچىلىپ، سوتچىلار بۇ ئائىلىگە كىلىپ ئۆي بىساتىنى كۆرۈپ، تەخمىنىي ھسابلاپمۇ بوپتۇ. ھۆكۈم چىقىش ئالدىدا ئىكەن. نەچچە يىلدىن بىرى شۇ مەھەللىدىكى ھەتتا يېزىدىكى قۇلۇم -قوشنا، ئىمام، ئۆلىمالارنىڭمۇ نەسىھىتى كار قىلمىدى. دوست يارەنلىرىنىڭ ئۇ نىمكەش خوتۇننىڭ ئىلگىرى بۇنداق <<بايچاق>>لاردىن نەچچىنى ئوڭدا قويغانلىقى ھەققىدىكى تەربىيىلىرىمۇ كار قىلمىدى(ئۇ بۇزۇق خوتۇن تىخى قىز ئوخشايدۇ، ئۇ نۇمۇسسىز ئەر چىراق ئۆچسە ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلمەمدىكىنە). مەزلۇمنىڭ بىلمەكچى بولغىنى بولسا: سوت مەھكىمىسى ئۆي ۋە مال - بىساتنى ئىككىگىلا بۆلۈپ ھۆكۈم چىقىرامىش. مەزلۇم دەيدۇ؛ ئىككى بالام(1 ئوغۇل، 1 قىز) تۇرمۇشلۇق بولغىنى بىلەن ئوغلۇم تىخىچىلا مەن بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتسا، ئۇنى ئايرىم ئۆي ئوچاقلىق قىلىشقا تىگىشلىك. يەنە ئىككى بالام(1 ئوغۇل، 1 قىز، "ھەممىسى 18 ياشتىن يۇقىرى") تۇرسا، ئۇلارنى ئۆي ئايرىش ۋە ئۆي ئوچاقلىق قىلىشقا ئاز ئىقتىساد كىتەمدۇ؟ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆي ۋە مال - بىساتنى ئەر - ئايال ئىككىمىزگىلا بۆلىشى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ 3 يىلدىن بىرى ئۇ نۇمۇسسىز ئەبلەخ ئۆي ۋە بالىلارنى تاشلىۋەتكەن، كېرىم مەنبەيىم يوق تۇرسا 4 بالامنىڭ كىيىنكى تۇرمۇش ئىشى قانداق بولىدۇ؟(بۇ گەپلەر ھەقىقەتەن راست). ئويلاپ باقسام، سوت مەھكىمىسى بۇ مەزلۇم ۋە بالىلىرىنىڭ ئويى بويىچە ئۆي ۋە ئىقتىسادنى ئۆيدىكى 7 نوپۇس(ئەر، ئايال، 4 پەرزەنت، 1 نەۋرە)قا تەڭ بۆلسە بۇ مەزلۇم ئالىدىغان مەنپەئەت كۆپ بولۇپ، ئۆيى بالىلىرىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى چىقىمىدىن خىلىلا خاتىرجەم بوپ قالىدىكەن. مەزلۇم ۋە نالىلىرىنىڭ ئويىمۇ مۇشۇنچىلىك ئادىللىققا ئېرىشىش ئىكەن. قانۇنى بىلىمى بارلارنىڭ بۇ سوئاللارغا ئىنىق قانۇنىي دەلىللەر بىلەن مەسلىھەت بېرىشىنى ۋاكالىتەن سورايمەن. |