- تىزىملاتقان
- 2013-4-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2522
- نادىر
- 0
- يازما
- 303
ئۆسۈش
17.4%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار!مەن منىڭ ئويغۇر شركەتلىرىدە ئشلەش جەرياندىكى 10يىلدەك ۋاقىتتا ھس قلغانلىرىمنى سلەر بىلەن ئورتاقلشىپ باقاي.يەنى منىڭ مىللى شىركەتلەر توغرۇلۇن ھس قلغان ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلەرگە قارتا.مەنمۇ دەسلەپ مەكتەپ پۇتتۇرۇپ مۇشۇ سەھندە ئۇرۇن ئالغان خىلى نامدار بىر شركەتتە ئشلگەن،ئۇ شىركەتنىڭ دىركتورى ئۆزى ساۋاتسىز ئادەم(ھازىر قانداقكى بىلمەيمەن،بەلكى تىرشىپ يۇرۇپ ساۋادىنى چقارغاندۇ)ئۇ شىركەتنىڭ ئىجابى تەرپى بولسا تۈزۇملىرى مۇكەممەل،ھەتتا شىركەتنىڭ ھەركۇنى خىزمەتداشلار ئشقا چۇشۇشتىن ئىلگىرى بىر توۋلايدىغان شىركەت شۇئارىمۇ بار تىخى.شىركەتنىڭ يىللق ئشلەپچىقىرش ھەم ستىش سوممىسمۇ خىلى شىركەتلەردىن ئالدىدا تۇرالايدۇ.شىرتەتنى ئائلىۋە مۇنۇپۇل باشقرۇش چە ئىلىپ بارمايمەن دەپ ئۇرۇق تۇققانلرىنى ئاساسەن دىگۇدەك يىقىن كەلتۇرمىگەن.شىركەتنىڭ مالييە بۆلۈمىدە ئشلەيدىغانلار دىن ئىككى بۇغالتىر خەندىن،يەنە ئىىككەيلەن ئۇيغۇر.بىراە شىركەت لدىرى سەل كۆزى كىچىك ئادەم.مەلۇم بىر ئىشقا بىرەيلەننى مەسئۇل قىلغان بولسا،شۇ كىشىگە تاپشۇرغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزى چات كىرىدۇ،مەسلەن تازلقتىن تارتىپ،خىزمەتچىلەرنىڭ كىلىپ كتشگىچە ھەممىسىگە ئارلشۋالدۇ.ئەمەليەتتە كىلىپ كتىش يوقلىما تۇرۇمى سسىتىمىلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،ئىلكتىرلىك ئۇسكۇنىگە بارماق بىسىش ئارقىلىق ئشقا چقش ۋە ئشتىن چۇشۇش تىزملىنىپ ماڭىدۇ.قانچىلىك كىچكىسە قانچىلىك مائاش تۇتۇش ھەتتا ئغىر بولغاندا ۋەزىپسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جازا تەدىبىرلىرى بار.شۇنداق تۇرۇقلۇق باش لىدىر بىرەسىنىڭ كىچكىپ قالغننى كۆرسىە ئۆزى زادى بىۋاستە ئارلىشدۇ،نمىشقا كچكىسەن،سىلەر ياش تۇرۇپ نمىشقا مۇشۇ ۋاققىچە ئوخلايسىلەر ؟منىڭ نىمشقا ئويقۇم كەلمەيدۇ؟ دىگەندەك.....منىڭچە باش لىدىر باش لىدىر دىگەن نامغا لايىق بولشى ،ھەممە كىچىك ئشلارغا ئۆزى بىۋاستە ئارلشۋالماي قول ئاستىدىكەرگە خىزمەتلەرنى بۆلۇپ بىرىپ قاتلاممۇ قاتلام باشقۇرۇش ئۇسۇلنى قوللانسا بولامدىكى دەيمەن.ھەممە ئۇششاق ئشلارغا ئارلشىۋەرسە ئۆزىمۇ چارچاپ كىتەر ھەقىچان.
كىين ئۇشىركەتتىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئشلىمىدىم.بىرنەچچە يىلدىن بىرى يەنە بىر شىركەتتە ئشلەۋاتىمەن.ھازىرىقى ئشلەۋاتقان شىركەت باشقۇرۇش تۇزۇمى مۇكەممەل ئەمەس،ئائىلۋى مۇنۇپۇل بۇيچە شىركەت باشقۇرىدۇ.يەنى بۇ شىركەتتە،باش لىدىرنىڭ ھەممە تۇققانىلرى دىگۇدەك ئشلەيدۇ،ھەممسى باشلق.ئنسى،سىڭلسى،خۇتۇنى،قيىنسىڭلىسى......دىگەندەك.تىخى شەنبە يەكشەنبە بولسا باللىرىمۇ كىلىدۇ.كومپيوتىر ئوينىغىلى.بۇنى بىر شىركەت دىگەندىن كۆرە جەمەتتىكىلەرنىڭ يغىلش ئورنى دىسە بولامىكى.ئشلەيدىغان خادمدن كۆرە باشلقنىڭ كۆپلگىدىن ئۇھ دىگۇدەكمۇ ئەركنىلكمۇ يوق.شۇڭا بىزنىڭ ئۇيغۇر شىركەتلرىنىڭ ھەرجەھەتتىن سستىمىلق ،ۇكەممەل بولشىغا خىلى جەريان كەتكۇدەك. |
|