قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5541|ئىنكاس: 113

ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال بارمۇ ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

488

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23437
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 00:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

                     


                                        ئىستىقبال سەھنىسىدە ئىستىقبال


                               بارمۇ ؟




                          تۇرسۇنبەگ ياسىن ئارسلان

  




        ئۆزىىنىڭ تەقدىرىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرالايدىغان كىشىلىرى بار خەلىق بەخىتلىك خەلىقتۇر . ئەلۋەتتە ،مەسئۇلىيەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شۇ مىللەت ئىچىدىكى ياشلار بولسا ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ، روھىي ئىنىرگىيسى ئەڭ تولۇق ، جاسارەتلىك بىر توپ بولۇپ ،مىللەتنىڭ ماتۇرى ھېسابلىنىدۇ .شۇنداقلا مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەم ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ . ياشلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش خاتاسىزكى مىللەت تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك ،ھەربىرىمىزنىڭ ئەتىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر .

         خوش ،گەپنىڭ تىمىسىغا قايتىپ كەلسەك يېقىندا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسى ۋە رايۇنىمىزدىكى بىر قانچە شىركەت-كارخانىلار بىرلىشىپ ئىشلەۋاتقان ‹ئىستىقبال سەھنىسى› نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى كىشىلىرىمىز ئارسىدا داغ-دۇغا قوزغىدى . خەلىق شۇنداق بىر كىشىلەر توپىكى ئۇ پەقەت ئۆزى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ياقتۇرىدىغان ياكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغىلا زور داغ-دۇغا قىلىدۇ . بىز شۇ مەنىدىن ‹ئىستىقبال سەھنىسى› پىروگىراممىسىغا بولغان داغ - دۇغىسى بۇ پىروگىراممىى ياقتۇرشىدىن كەلگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
       ‹ئىستىقبال سەھنىسى› پىروگىراممىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇنۋېرستىت ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپنىڭ ھەرقايسى كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭ ۋە جەمىيەتتىكى باشقا ئىشسىز ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆز قارشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان پىروگىرامما ھېسابلىنىدۇ . جۈملىدىن شەخسەن مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى توپ بولغاچقا گىپىم كۆپرەك شۇلارنىڭ نوقتىسىدىن بولىدۇ ، چۈنكى ھەركىشى ئۆز سالاھىيتى ھەم تۇرىۋاتقان مۇھىتى نوقتىسىدىن سۆز ئېچىشقا بىر قەدەر سالاھىيەتلىك دەپ قارايمەن .
         دىيارىمىزدا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ۋە شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستىتىنى ، شىخەنزە ئۇنۋېرستىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى يۈز دەرىجىدە سانىلىدىغان ياكى مۇشۇ قاتارغا ئانچە -مۇنچە بولسىمۇ چىقىپ تۇرىدىغان ئۇنۋېرستىتلار بار ، دىمەككى بۇلار يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئۇنۋېرستىتلار ھېسابلىنىدۇ . ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئېلىپ ئېيىتساق كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغىنىدەك بىيجىڭ ئۇنۋېرستىتى ، چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتى ، جېجىياڭ ئۇنۋېرستىتى ، شىياڭگاڭ ئۇنۋېرستىتى قاتارلىق مەملىكىتىمىزلا ئەمەس خەلىقئارادىمۇ مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە يۇقۇرى سەۋىيە ھەم سالاھىيەتتىكى ئۇنۋېرستىتلاردا ئاز بولمىغان ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇدى ،ئوقىۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق ئوقۇيدۇ . پېقىرنىڭ تەخمىنەن ئىستاستىكا قىلىشىچە ئىچكىردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىلا يىلىغا ئاز بولغاندا 10000نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى دىگۈدەك ‹شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋى›نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپبۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچكىردىكى ھەرقايسى تەرەققىي تاپقان ئۆلكىلەردە تۆت يىللىق تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغاندىن كىيىن ئالىي مەكتەپلەردە بىۋاستە تەييارلىق ئوقۇماستىن كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ ، بىلىشىمچە ھازېر بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 5000نەپەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ ، 98%دىن ئارتۇقى تولۇق كۇرۇسقا قوبۇل قىلىنىپ باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ›دىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تەڭ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ . بۇلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىي بىر قەدەر ياخشى بولغان شەھەرلەردە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە تولۇق ئوتتۇرىغا يۈرۈپ كىتىدۇ . ئەمدى ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ يېرىم تۈمەن ئەتراپىدا بولۇپ ، بۇ دەلىللەر  سۆزىمىزنىڭ بېشىدىكى ‹ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە يىلىغا ئاز بولغاندا 10000ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىۋاتىدۇ› دىگەن سۆزىمىنى دەلىللەپ بىرەلەيدۇ .
        بىز ئۇيغۇرلاردەك ئون مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسلۇق (ھۆكىمەت تەرەپ ئىستاستىكىسى) مىللەت ئۈچۈن بۇ 10000دىن ئارتۇق ساندىكى ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرىۋاتقان سىتۇدىنت ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈچ ھېسابلىنىدۇ.

(دىققەت :پېقىر شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يىلىغا قانچىلىك ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا  ئېنىق مەلۇمات بولمىغىنى ئۈچۈن تىلغا ئالمىدىم ، دىققەت قىلىش كىرەككى بۇ 10000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇش پۈتتۈرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىلا كۆزدە تۇتىدۇ  ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئالىي مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرىۋاتقانلارمۇ تەخمىنەن بىر تۈمەن بىلەن ئىككى تۈمەن ئارلىقىدا بولىشى مۇمكىن )


        خوش ، ئەمسە گەپنىڭ تەمى بار يىرىگە كەلدۇق ، ئەمسە مۇشۇ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى زادى ئۇيغۇر مىللىتىمىز ، خەلقىمىز ئۈچۈن زادى قانچىلىك قىممەت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ ، زادى قانچىلىك ئىقتىساسلىق خادىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ ؟

      شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى مەمۇرلۇق ساھەسىگە قەدەم قويىۋاتىدۇ ، ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكىمەت ئورگانلىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ ؟ بەزىلەر بەلكىم بۇنى خاتا ، ئىستىقبالىنى نابۇت قىلغانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن ، بۇمۇ دەل بىز بۈگۈن تالاش -تارتىش قىلىدىغان تىمىنىڭ بىرسىدۇر .  
     ئەلۋەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكى بىرقىسىم تەلەيلىكلىرىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا ياكى خىزمەتكە ئاتلانغانلارمۇ بار ، بىز سۆز قاتارى شۇلارغا ئاللاھدىن بەرىكەت تىلەيمىز . پېقىرنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئىشلەۋاتقان ، ئوقۇۋاتقان نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ،ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ئىگەللىشىمچە ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايىتقاندىن كىيىن نىمىش قىلىشى ئېنىق ئەمەس ، بۇ توغۇرلۇق ئېنىق بىر قارشى يوق . گەرچە مىللەت ۋە دىيارىمىز ئۈچۈن بىر قىممەت يارىتىپ بىرىش ئارزۇسى بولسىمۇ ئەمما كونكېرىت بىر پىلاننى سورسىڭىز كۆپىنچىسى سىزنى جاۋابسىز قويىدۇ . ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر ئۈچ يول بار : بىرسى داۋاملىق چەتئەلدە مۇساپىر ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ، ئوقۇش ياكى شۇ يەردە خىزمەت تېپىپ مۇساپىرلار توپىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش .  ئىككىنجىسى : ۋەتەنگە قايتىپ مەمۇرلۇق قاتارلىق مۇقىم خىزمەتتىن بىرگە ئىرىشىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ، تىنىچ ھايات ئۆتكۈزۈش ، ھەم شۇنچە يىل كىشى تارتمىغان قىيىنچىلىقنى تارتىپ ئۈگەنگەنلىرىنى ئىشخانىدىكى ئۈستەل ئالدىدا بىر كۈن - كۈنگە ئەگىشىپ بىھۇدە قۇربان قىلىش . ئۈچىنجىسى : دىيارىمىزدىكى شىركەت -كارخانىلارغا كىرىپ ئۆز كەسپى ھەم ئارزۇسىغا ماس ساھەدە ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىش ھەم كەلگۈسىنى يارىتىش .
     ئەمدى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن سىتۇدىتلار (تۆۋەندە سىتۇدېنتلار دەپلا ئېلىنىدۇ ) تاللاۋاتقان ئۈچ يولنىڭ ھەربىرىگە قارايدىغان بولساق :
       1. داۋاملىق چەتئەلدە قېچلىش بولسا ئىنتايىن زور قۇربانلىق بىرىش ھەم بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ، مەسلەن ئاتا-ئانا ، ئائىلە ، توي قىلىش ، كىيىنلىك قاتارلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا ‹چەتئەل› پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرگىلا نىسىپ بولىدۇ ، ئومۇمىي ساندىكى ئىگىلىگەن نىسبەت تولىمۇ كىچىك .
       2. مەمۇرلۇق ۋە باشقا دۆلەت ئاپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىش ، بۇ نۇرغۇن سىتۇدىنتلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى ۋە شۇنداقلا ماڭغان يولى بولىدۇ . نىمىشقا ؟ ئەجەبا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈگەنگەنلىرىنى زايە قىلىۋىتىش بەدىلىگە دۆلەت مەمۇرى بولۇشقا شۇنچە خۇشتارمۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئەجىبا بۇنىڭغا ئازراقمۇ ئىچى ئېچىشمامدۇ ؟ خاتا ، ئەڭ ئىچى ئېچىشىدىغىنى ، ئەڭ ئۆكۈنىدىغىنى دەل شۇلار ، چۈنكى ‹تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلىدۇ › . ئەمما ئۇلار يەنە شۇنى تاللاشقا رازى ، نىمىشقا ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۈچىنجى يولنى تىلغا ئېلىۋەتكەندىن كىيىن توختىلىمىز .
    3. ئىچكىرى ئۆلكىلەر ياكى دىيارىمىزدىكى شىركەت -كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئۆز كەسپىي ھەم قابىلىيتىگە يارىشا يول تۇتۇپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، بۇ ئاڭلىماققا قۇلاققا بەك يېقىشلىق ، شۇنداق مىھرى ئىسسىق ھەم ئۇلۇغۋار پىلاندەك ئاڭلىنىدۇ . ئەمدى بۇنىڭمۇ ئاچچىق -چۈچۈك يەرلىرى بار . ئىچكىرى ئۆلىكىلەردە دۆلىتىمىزنىڭ  دۇنيادىكى بەش يۈز كۈچلۈك كارخانىلىرىدىن تارتىپ چەتئەلنىڭ ئەڭ چوڭ زاۋۇت -شىركەت ،كارخانىلىرىغىچە دىگۈدەك ماكانلاشقان ھەم كۆلەملەشكەن ، پۇلنى جىڭلاپ ، خالتىلاپ دىگۈدەك تېپىۋاتقانلىرى دەل شۇ كارخانىلار ھەم شىركەتلەر . بۇلار بىز ئۇيغۇر سىتۇدىتلىرىنىڭ بىرىنجى بولۇپ ئويلىشىدىغان ئوبىيكىتى ھېسابلىنىدۇ . پېقىرمۇ مۇشۇ خىلدىكى بىرنەچچە شىركەتلەرنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ توختام ئىمزالايدىغان يەرگە كەلگەندە كۆزۈم قىيمىغان ھالدا توختامنى چىرايلىق رەت قىلغان ، ئەلۋەتتە تۇنجى ئايلىق مۇئاشى 5000نىڭ ئۈستىدە باشلىنىدىغان شىركەتلەر ، يالغۇز مەنلا ئەمەس ، ئىچكىردە ئوقۇغان سىتۇدېنتلاردىن مۇشۇنداق قىلغانلار ئاز ئەمەس . بۇ كارخانىلار كۆلەملەشكەن ، مەبلەغ ، تەرەققىيات جەھەتتىن سىزنى چوقۇم رازى قىلالايدۇ ، تىرشىدىغانلا بولسىڭىز ئايدا تۈمەن سوملۇق مۇئاش ئېلىش ئۇنچىۋالا غايىۋى ئىشمۇ ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇقىم شىركەت ئەندىزسى ، كارخانا مەدەنىيتى شەكىللەندۈرگەن بولغاچقا سىز ھەقىقىي بىر شىركەت -كارخانا مۇھىتىنى ھىس قىلالايسىز ھەم بىرنەرسە ئۈگىنەلەيسىز ، كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار بۇلارنى تاللىسا مۇئاشنى ئىككىنجى بولۇپ ،كىيىنكىلىرىنى بىرىنجى بولۇپ كۆزدە تۇتۇپ كىرىدۇ . ئەمسە سىتۇدېنتلار نىمىشقا ئىچكىردىكى كارخانا - شىركەتلەرنى تاللىمايدۇ؟ (تاللايدىغانلارمۇ بار ، گەپ ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ )  ھەممىزگە مەلۇم بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان مىللەت ، ئاز-تولا مۇئاشنىڭ بولىشىلا بىزنى مەڭگۈلۈك راھەتكە ئىرىشتۈرىۋىتەلمەيدۇ ، ئىچكىردە نەچچە يىل ئوقۇپلا تەمى ئۆزگىرىپ كەتكەن سىتۇدېنتلار تېخى يوقنىڭ ئورنىدا ، شۇڭا ھەم داۋاملىق تەمىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ ، ئىتىقاد ، ئۆرپ-ئادەت ، مۇھىت ، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق بىر مۇسۇلمان ئىنسان ھاياتىدا سەل قارىسام ھەم ئەستايىدىل ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىللەر ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇش مەسلىسى ،ئائىلە  ، جۆرە-توي مەسلىسى زور كۆپ سانلىق سىتۇدېنتلارنى شۇ يۇقۇرى مۇئاشلىق شىركەتلەردىن كۈلۈپ تۇرۇپ ،ئەمما ئۇلۇغ كىچىك تىنىش بىلەن خوشلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ .
      خوش ئەمسە ئۇلار دىيارىمىزغا قايتىپ كىلىپ مىللىي كارخانىلاردا ئىشلىسە بولىدىغۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن دىيارىمىزنىڭ مىللىي كارخانا ھەم شىركەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان گەپ ، جۈملىدىن ‹ئىستىقبال سەھنىسى ›پىروگىراممىسىدىكى شىركەتلەرگە بىر نەزەر سالايلى :
    1. ئارمان گورۇھى :                                                                                                      

http://www.istiqbal.tv/enterprise.php                                                                     


     2.ساداقەت شىركىتى :                                                                                                      


http://www.istiqbal.tv/enterprise.php?id=6                                                            



  3.مىراس شىركىتى :


http://www.istiqbal.tv/enterprise.php?id=4


  4.ئامىنە شىركىتى :


http://www.istiqbal.tv/enterprise.php?id=5


   5.ئىنتىل تەربىيلەش مەكتىپى


http://www.istiqbal.tv/enterprise.php?id=9


  6.باشقا شىركەت كارخانىلار


http://www.istiqbal.tv/enterprise.php?id=10


    (بەت يۈزى ئىھتىياجى  ئۈچۈن بۇ شىركەت كارخانىلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلىنىش بىلەن بىرىلدى ،تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئۇلىنىشنى چىكىپ ئىستىقبال سەھنىسى پىروگىراممىسى ئورگان تەرەپ تور بېتىدىن كۆرۈڭ )


      مانا يۇقۇرقىلار بىزگىمۇ نىسبەتەن تونۇش بولغان ، رادىئو تىلىۋىزورلاردا ھەرقايسى نامدار چولپانلارنى ئوبراز ۋەكللىكىكگە تەكلىپ قىلىپ يۇقۇرى ئىقتىسادىي چىقىم بىلەن ئۆزىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان شىركەتلەردۇر . گەپ ئارلىقىدا ئۆزىنى بۇنداق يۇقۇرى سوممىلىق ئىلان پۇلى خەجلىمەي تۇرۇپمۇ جامائەتكە تونۇلغان يەنە بىر شىركەتنى قىستۇرۇپ قويۇش مۇمكىن : شىنجاڭ ئەرقال مەبلەغچىلىك شىركىتى ،  كەمىنە ئەرقال شىركىتىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولساممۇ ، ئەمما شىركەتكە كىرىپ ئىشلىمىگەن ياكى خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قاتناشقان بولمىغىنىم ئۈچۈن بۇ شىركەت توغۇرلۇق تەپسىلىي توختالمايمەن ، ھەم ئۇنداق سالاھىيتىممۇ يوق ، مەقسەت پەقەت تورداشلارنى ئۆزىنى ئىلان مەبلىغىسىزمۇ  خەلىققە تونىتالىغان بۇ شىركەتنى باشقا شىركەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىش ھەم نىمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكى توغۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندەشتۇر .


   ئەرقال شىركىتىنى بۇ يەردىن چۈشىنىڭ :http://www.erqal.com/uyghur/erqalcapital/


     ئەمدى دىمەك ماۋزۇدا دىيىلگەن ‹ئىستىقبال سەھنىسى› دىكى شىركەتلەر بىلەنمۇ بىر قەدەر تونۇشۇپ چىققان بولدۇق . خوش ئەمسە بىزنىڭ ئىستىقباللىق سىتۇدىنتلار بۇ پىروگىراممىغا قاتنىشىپ ئۆز ئىستىقبالىنى تېپىشقا قانداق قارايدۇ ؟  


       ‹ئىستىقبال سەھنىسى › پىروگىراممىسى يۇقارقى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىنىۋاتقان پىروگىرامما بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بۇ شىركەتلەر ئۈچۈن تەشۋىقات ھەم ئىلان رولىنى ئوينايدۇ ، ئالايلۇق ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى تىلىۋىزور كۆرىدىغانلىكى كىشى بۇ پىروگىراممىنى دىگۈدەك ھەممىسى كۆرىۋاتىدۇ ، ھەم بۇ شىركەتلەر تەشۋىقات مەقسىتىگە يەتتى ، بۇمۇ ھىسابتا ياخشى ئەھۋال ، مىللىي كارخانىلارنىڭ خەلىق بىلەن تونۇشىشى ياخشى ئىش . ئەمدى يەنە بىر مەقسەت : بۇ شىركەت كارخانىلار ئۆزىگە لازىملىق ئىقتىساسلىقلارنى تاللاپ ئېلىش مەقسىتىگە ، ئىستىقباللىقلارمۇ ‹ئىستىقبال سەھنىسى › ئارقىلىق ئىستىقبالىنى تېپىش مەقسىتىگە يىتىۋاتامدۇ ؟ ياق ، نىمىشقا مۇنداق دەيمىز دىگەندە بىرىنجىدىن پىروگىرامما يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا بۇ شىركەتلەر ئۆز شىركىتىگە ئىقتىدارلىق خادىم قوبۇل قىلغىنى كەلگەن ئەمەس بەلكى خىزمەتچى قوبۇل قىلغىنى كەلگەندەك تۇرىدۇ .  ئىقتىساسلىق خادىم  دىگەن نىمە ؟ ئىقتىساسلىق خادىم دىگەن ئىقتىدارى بار ، قورسىقىدا ئومىچى بار ، سىزنىڭ شىركىتىڭىزنى يۈكسەلدۈرەلەيدىغان خادىم دىگەن گەپ ، قېنى قايسى شىركەت ‹ئىستىقبال سەھنىسى › ئارقىلىق مەن شۇنداق شىركىتىمنى يۈكسەلدۈرەلەيدىغان خادىمدىن بىرنى تاللاپ ئالالىدىم دىيەلەيدۇ ؟ پىروگىرامما سىرتىدا قوبۇل قىلغان بولمىسىلا بىز تېخى سەھنىدە تۈزۈك بۇنى كۆرمىدۇق . چۈنكى ھەقىقى ئىقتىدارى بارلار ھەم بۇ شىركەتلەر ئۈچۈن يۈكسەلدۈرۈش رولىنى ئوينىيالايدىغانلار بۇ پىروگىراممىغا قاتناشمايۋاتىدۇ ياكى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ .

    بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتىن  ئويلىشىش مۇمكىن :
    1. شىركەتلەر مۇكەممەل ئەمەس . مىللىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەر يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان بولغاچقا ،ھەم ئەمدىلەردىن شىركەت - كارخانا ئېڭىنى يىتىلدۈرىۋاتقان بولغاچقا شىركەت بىلەن ئەنئەنىۋى دۇككان شەكلىدىكى سودىنىڭ چاك -چىكىدىن ئايرىلغان ياكى ئايرىلمىغانلىقىغا ، دەسمىي سېلىپ شىركەت قۇرغان خوجايىن ھەممە ئىشقا ئۆزى بىر قوللۇق ئارلىشىپ تۇرىدىغان ، شىركەتكە كىرسە قايسى ئىش ئۇدۇل كەلسە تازلىقتىن تارتىپ سىرتنىڭ يۈگۈر - يىتىم ئىشلىرىغىچە قىلىدىغان -قىلمايدىغىنىغا ياكى ئۆزىگە بىرىلگەن كەسپىي ۋەزىپىگە مەسئۇل بولىدىغان -بولمايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ . ئەلۋەتتە بۇمۇ يۇقارقىدەك شىركەتلەردە ئىشلەپ باققان ، شۇ يەردە ئىستىقبالىمنى تاپىمەن دەپ تىرشىش ئىرادىسى بىلەن كىرگەنلەرنىڭ بۇرنىغا كىرگەن سۇ بىلەن يەكۈنلىگەن تەجىربە -ساۋاقلىرى .

     2.  تەمىنات مەسلىسى . ‹ئىستىقبال سەھنىسى › پىروگىراممىسىنى كۆرىۋاتقانلار بىلىدۇ ،  سەھنىدە ئولتۇرغان شىركەتلەر تۆۋىنى 1500سومدىن تارتىپ 2500سومغىچە مۇئاش بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . ھەتتا ئارمان گورۇھىدەك خەلىقنىڭ قوللىشى بىلەن يۈز تاپقان ، ئىناۋەت تاپقان ، پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان چوڭ گورۇھ 2000سومدىن باشقا ياتاق بەرمەيدىغانلىقىنى ، تاماق بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيىتىشىدۇ . خاتالاشمىغان بولساق بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مەركىزى بولغان يۇقۇرى ئىستىماللىق شەھەر ئۈرۈمچىدە . ئارمان شىركىتى سىز يۈكسەك ئىناۋىتىڭىز بىلەن 2000سومغا قوبۇل قىلغان ئىقتىساسلىق خادىمنى ئۈرۈمچىدە جېنىڭنى قانداق باق دىمەكچى ؟ ئىجارە ئۆي ئېلىپ تۇردى دىگەن تەقدىردە بىلىشمىزچە 1500سومغا بىرقەدەر ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي ئېلىپ تۇرۇش مۇمكىن ، 500سومغا بىر ئايلىق تاماق ، تىلفۇن ، قاتناش ۋا باشقا چىقىملارنى ھەل قىلىش مۇمكىنمۇ ؟  ئارمان گورۇھىدەك مۇشۇنداق خەلىقنىڭ قوللىشى بىلەن چوڭ بولۇپ بۈگۈنگە كەلگەن گورۇھنىڭ شۇ خەلىقنىڭ باللىرى بولغان ياشلارغا يۇقارقىدەك مۇئامىلە قىلىشى شەخسەن ماڭا ياقمىدى ،ھەم ئارمان شىركىتىدىكى ھاكاۋۇرلۇقتەك ، ئۆزىنى باشقا 11شىركەتنىڭ ئالدىدا چوڭ ھېسابلاپ ‹ بىز مۇشۇنداق چوڭ گورۇھ ، مۇشۇنىڭغا راز بولساڭ ، خوش بولساڭ كەل ، بولمىسا باشقا يەرگە بار › دىگەندەك تەسىرات بەردى .  ئىسىمدە قېلىشىچە ئارمان گورۇھىنىڭ لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندىم مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ‹بىزگە ئىقتىساسلىقلار يوق ، بىز ئىقتىساسلىقلارنى ، قابىلىيتى بارلارنى شىركىتىمىزگە ئالايلى دىسەك كىلىپ ئىشلەيدىغان ئادەم يوق ، كەلگەنلەرنىڭ قابىليىتى يوق › دىگىنى ئىسىمدە . مۇشۇ گەپ راس بولىدىغان بولسا ، ھۆرمەتلىك رادىل ئابلا ئەپەندىم:  بىز سىزدىن سۆيۈنىمىز ھەم ھۆرمەتلەيمىز . سىزنىڭ سۆزىڭىز بويچە بولغاندا ئىقتىساسلىق ، قابىلىيەتلىك كىشىلەر چوقۇم ئارمان شىركىتىگە بېرىپ شۇقەدەر تۆۋەن ئىش ھەققىگە ئىشلەپ بىرىشى كىرەكمۇ ؟ ئىقتىساسلىقلار ، قابىلىيتى بارلار سىلەرنى قوللىشى كىرەك ھەم ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىشى كىرەك ، ئەمما ئۇلار شىركىتىڭىزلارغا ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن تىرناق تاتلاپ بارغانلىقى ئۈچۈنلا كۈنلۈكى 60 سومدىن ئىشلەپ بىرىشى كىرەكمۇ ؟ شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇشۇنداق بىر پىروگىراممىسىدا سىزنىڭ گورۇھىڭىزنىڭ ۋەكىلىنىڭ مۇشۇنداق تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز دەپ گىدىيىپ ئولتۇرغىنىدىن خەۋرىڭىز يوقمۇ ياكى بۇمۇ ئارمان گورۇھىنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى سىنايدىغان مەلۇم بىرخىل مەخپىي ئىستىراتىگىيلىك تەدبىرىمۇ ؟ بەلكىم سىز ھەم شىركىتىڭىزنىڭ شۇ ۋەكىلى 3 ئايلىق سىناقتىن كىيىن مۇئاشىنى ئۆستۈرىمىز دىيشىڭىز مۇمكىن . قانچىلىك ۋاقىتتا نەچچە پۇلغا ئۆسىدۇ ؟ ھازېر دۆلەت مەمۇرى بولغانلارنىڭ تۇنجى ئايدىكى مۇئاشى 3000-3500سوم ئەتراپىدا چىقىدۇ ، يىلسىرى ئۆسىدۇ ، ئۈچ ئايدىن كىيىندىن باشلاپ ئۆستۈرسىڭىز 3000سومغا ئۆستۈرەمسىز ، 4000سومغىمۇ ؟  بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققۇچە نۇرمالدا 17 يىل ئوقۇپ ئاندىن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا (ياكى ئىستىقبال سەھنىسىگە ) مەن ئىشلەي دەپ بارىدۇ .  17 يىللىق قان -تەر بەدىلىگە ئۇنى‹ كۈنلۈكۈڭگە 60 كوي بىرىمە ئىشلە› دىسڭىز ئۇنىمىشقا سىزگە ئىشلەپ بەرگۈدەك ؟  ئۇنىڭدىن دۆلەت مەمۇرى بولسا مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ ، خىزمىتى مۇقىم ، مۇئاشى يۇقۇرى ، قېرىغاندە تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە . ‹ئۇنداق بولسا گورۇھىمغا كىلىپ ئىشلىمەي دۆلەت مەمۇرى بولسۇن › دىيشىڭىز مۇمكىن ، ئەمسە سىز ھەم باشقا كارخانچىلار نىمىشقا ‹ سىتۇدىنتلار بىزنى قوللىمايدۇ ، قابىليەتلىكلەر بىزگە ئىشلەپ بەرمەيدۇ ، ئىشلەي دەپ كەلگەنلەرنىڭ قابىليىتى › يوق دەپ سىتۇدىنتلاردىن ئاغرىنىسىلەر ؟  سىتۇدىتلار نىمىشقا شۇنچە يىللىق قان-تەرى ، جاپاسى بەدىلىگە سىزلەرگە زىيان تارتىش بەدىلىگە ئىشلەپ بەرگۈدەك ؟  يۇقۇرقى سوئاللار سىز ھەم شۇنداقلا ‹ئىستىقبال سەھنىسى› دە ئولتۇرغان شىركەت لىدىرلىرى ،دىرىكتورلىرىدىن سورالغان سوئاللاردۇر .

    3. ئىشەنچ مەسلىسى .  بۇ خىزمەت ئىزدەيدىغان ھەرقانداق بىركىشى چوقۇم ئويلىشىدىغان نوقتا . شۇ شىركەتلەر بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەمدۇ يوق ، شىركەتلەر ھەقىقەتەن تەشۋىقاتى بىلەن بىردەكمۇ ؟ دىققەت قىلىپ قارىساق بەزى خوجايىنلار ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ ‹بىزگە قانچىلىك ئىشلەپ بىرەلەيسىز ؟› دەپ سورايدۇ . ئەمدى خىزمەت ئىزدەيدىغانلرمۇ شۇ يەردە مۇنداق بىر مەسلىنى سوراپ بېقىشى زۆرۈر ، مەن قانچىلىك ئىشلىسەم چاتاق يوق ، سىز مۇشۇ شىركىتىڭىزنى نەچچە يىلغىچە ۋەيران قىلىۋەتمەي ماڭدۇرالايسىز ،لىدىر ئەپەندىم؟! دۆلەت مەمۇرى بولغان ئوقۇغۇچى نۇرمالدا ھۆكىمەتكە 30 يىل ئىشلەپ بەرسە بۇ 30 يىللىق ھەم ئۆلگىچە بولغان تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ، بۇ جەرياندا ‹ئىستىقبال سەھنىسى › دىكى شىركەتلەرگە ئىشلىمەي مەمۇر بولغانلار بەلكىم شۇ قابىلىيتى بىلەن  ئۆسۈشى ، باشلىق بولۇشى ، ئەمەلدارلىقنىڭ پەيزىنى سۈرىشى مۇمكىنغۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگۇنىڭ پالانى بانكىسى ۋەيران بولۇپ كىتىپتۇ ، سودا - سانائەت ئىدارىسى تاقىلىپ قاپتۇ ، باج ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنى باقالماپتۇ ، سوت مەھكىمىسى تەسلىم بولغىنىنى جاكارلاپتۇ دىگىنىنى كىم ئاڭلىدى ؟ لىكىن ئۇ شىركەت ۋەيران بولدى ، ما شىركەتتى پۈتۈن خادىم ئىشسىز قالدى ، پالانى شىركەتكە ئىشلىگىنى بارغان بىرەيلەن ئالدىنىپ قاپتۇ دىگەننى ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا ئاڭلاپ تۇرىمىز ، شۇنداق بولغىنىكەن ئىقتىدارى بار ، قابىلىيەتلىك سىتۇدېنىتلار نىمىشقا سىزلەرنىڭ شۇ ناچار شارائىتىڭىزغا ، تۆۋەن مۇئاش تەمىناتىڭىزغا ئىشلەپ بىرىشكە كۆڭلى ئۇنىغۇدەك ؟   مىللىي كارخانىلارنى قوللاش كىرەك ، مىنىڭچە ھېچقانداق كىرىم مەنبەيى بولمىغان سىتۇدىتلار سىزلەرنى ئۆز قابىلىيتى ، ئىقتىدارى بىلەن قوللاپ بىرىشى ئەڭ كاتتا قوللاش ، خوش ئەمسە سىزلەرنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى بولغان شۇ سىتۇدېنتلارنى قوللىغىنىڭىزلار قېنى ؟ شۇ يوقىلاڭ مۇئاش بىلەن تولۇق بولمىغان ئىشەنچ بىلەن ماڭا كىلىپ ئىشلەپ بەر دىيىشنى ‹سىتۇدېنتلارنى قوللىغىنىم › دەپ ئۆزىڭىزلەرنىمۇ ھەم سىتۇدېتلارنىمۇ ئالدىماڭ . سىزگە ياكى تۆۋەن مۇئاش بىلەن شۇنىڭغا لايىق قابىليىتى بار ئادەم تېپىپ ئىشلىتىشىڭىز كىرەك ، ياكى ‹ماڭا قابىليىتى بار ، ئىقتىساسلىقلار كىرەك › دىگەندىكىن شۇنىڭغا لايىق تەمىنات بىرشىڭىز ھەم سىزدە شۇنىڭغا لايىق شارائىت بولىشى كىرەك .
     كارخانىچىلىرىمىز بەلىكىم  ھازېرغا قەدەر ئۆزى شەخسەن ئاز-تولا پۇل تاپقىنى ، شىركەت قۇرۇپ مەبلەغ جۇغلىيالىغىنى بىلەن ھەقىقىي باشقۇرغۇچى ھەم لىدىرغا خاس ئىستىراتىگىيە ھەم ئۆتكۈر كۆزگە ئىگە بولمىغان بولسا كىرەك . گەپ نۆۋىتىدە بۇنداق بىر باشلانغۇچ ساۋات ھېسابات قىلىپ بىرىشنى ئويلاپ قالدىم . سىز ھەقىقەتەن شىركىتىڭىزگە قابىلىيەتلىك خادىم ئالماقچى بولسىڭىز بېرىپ ئىزدەڭ ، لىدىر ئىشخانىڭىزدىن چىقىڭ ، سىز قابىلىيتى بار كىشىنىڭ ئالدىغا مەيلى ئۇ ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاددىي سىتۇدېنت ياكى دۆلەت خىزمەتچىسى بولسۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ شىركىتىڭىزگە تەكلىپ قىلىڭ ، رەت قىلىنىشتىن ئەنسىرمەڭ ، يۈزۈم چۈشۈپ كىتەرمىكىن دەپ تېخىمۇ ئويلىماڭ ، يۈزى چۈشدىغىنى ھەم نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىكى بىز يۇقۇردا تىلغا ئالغاندەك قىلىقنى قىلىدىغانلار ، ھەرگىز سىز ئەمەس .   بىر شىركەت لىدىرىنىڭ بىر قابىليەتلىك كىشىنىڭ ئالدىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى ئىشلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىشىنى كىم نۇمۇس قىلىدىغان ، لىدىرنىڭ يۈزى چۈشىدىغان ئىش دەيدۇ ؟ بىرسى شۇنداق دىگەن بولسا ئۇبىر ئالا - جوقىكەن ، لىدىرلىق سالاھىيتىڭىز بىلەن ئۇنداق چۈپرەندە كىشىلەرنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماڭ . ئەمدى مەن سىزگە بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ بىرىمەن . سىز  قابىلىيتى بار كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشلەپ بەر دىسىڭىز ئەگەر سىز مۇنداق ئىككى جەھەتتىن ئۇنى رازى قىلالىسىڭىز ئۇ چوقۇم ئۇنايدۇ .
    1. مۇئاش تەمىناتى -  يەنە دىسەك يەنە شۇ گەپ ، قابىلىيتى بار ئادەم نىمىشقا باشقا يولنى تاللىماي سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە بېرىپ ئىشلىگۈدەك ، سىزدە چوقۇم شۇنداق بىر ئەۋزەللىك بولىش كىرەك ، شۇ ئەۋزەللىكنىڭ بىرى دەل يۇقۇرى مۇئاش ، ئەنسىرمەڭ ،يۇقۇرى مۇئاش دىيىلگەندىمۇ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئەمەس .
  2. شۇ قابىليەتلىك كىشىنىڭ كۆڭۈل مايىللىقى - يەنى شۇ قابىلىيەتلىك كىشى سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە بارسا ئۇنىڭغا نىمە پايدىسى بار ، ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەم ئىستىقبالىغا نىسبەتەن سىزدە قانداق ئەۋزەللىك بار ، بۇنى چوقۇم سەمىمىيلىك  بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرشىڭىز ھەم ئۇنى قايىل قىلشىڭىز كىرەك .   ئەگەر سىز مۇشۇ ئىككىلا تەرەپتىن شۇ كىشىنى شىركىتىڭىزدە ئىشلەشكە قايىل قىلالمىغان بولسىڭىز مىنى ئىزدەڭ ، مەن بېرىپ قايىل قىلىپ بىرەلمىسەم ئۆزۈم سىزگە بىكارغا ئىشلەپ بىرىمەن .
     ئەمدى بايا دىگەن باشلانغۇچ ھېساباتىغا كەلسەك ، سىز بەلكىم ‹مەن نىمىشقا قابىلىيەتلىك كىشىگە يۇقۇرى مۇئاش بەرگۈدەكمەن ؟ ئازغا رازى بولسا ئىشلىسۇن › دىيشىڭىز مۇمكىن  ، سىز ئۇنداق دىمەسلىكىڭىز كىرەك ، ئەگەر شۇنداق دىسىڭىز سىز شىركەت لىدىرى ئەمەس بىر دۇكاندار سەۋىيەسىدىكى كىشى ھېسابلىنىسىز . دۇكاندار بىلەن لىدىرنىڭ پەرقى نىمە ؟ ئەگەر تاپقان پۇلىنىڭ ئاز كۆپلۈكى بولسا ، قەشقەردە يىلىغا مىليون پايدا ئالالايدىغان دۇكاندارلار بار ، ھەم شۇنداقلا دىيارىمىزدا ئىشلەۋاتقان ئالتە ئادەمنى باقالماي ۋەيران بولىۋاتقان شىركەت ھەم لىدىرلار بار  . دۇكاندار بىلەن لىدىرنىڭ پەرقى : قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى  قول ئاستىدا ئىشلىتىش ھەم ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادى كىرىم يارىتىش . سىز قابىلىيەتلىك كىشىگە يۇقۇرى مۇئاش بىرىسىز ، ئۇ سىزگە تېخىمۇ كۆپ كىرىم يارىتىپ بىرىدۇ  ، ئۇنىڭ ياراتقان ئۈنۈمىنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ بەرگەن 8000-10000(ھېچ بولمىغاندا 5000-6000مىڭ سوم)   سوم مۇئاشىڭىز شۇنچە كۆپ ھېسابلىنامدىكەن . ئەگەر ئۇنىڭغا يۇقۇرى تەمىنات بەرمىسىڭىز ئۇ باشقا  بىرىدىغان ئادەمنىڭ يېنىغا بارىدۇ ، ياكى سىزگە ئىشلەشنى خالىمايدۇ. ھەتتا سىزنىڭ سودىدىكى دۈشمىنىڭىزگە ، رېقابەتچىڭىزگە ئايلىنىدۇ ، ياكى شۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ .شۇنىڭ بىلەنزىيان تارتىدىغىنى ئۇ ئەمەس بەلكى سىز بولىسىز ، قابىليتى بار كىشى ھەر نىمە قىلسا سىزگە ئىشلىمەيمۇ جان
باقالايدۇ . چۈنكى ئىقتىدارلىق دىگەنلىك ھەرگىز سىزگە ئارزان ئىشلەپ بىرىش دىگەنلىك ئەمەس ، ئەگەر قارشى تەرەپنى رازى قىلالمىسىڭىز ، رازى قىلالىغۇدەك ئازراق پۇلغا ماقۇل دەيدىغان ھەم قورساقتىكى ئومىچىمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ئىشلىتىڭ ، شىركىتىڭىزمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق راۋاج تاپىدۇ ، تەلىيىڭىز بولسا ئاز كۈندە سىزمۇ ‹ ۋەيران بولغان كارخانىچى › گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس .
       لىدىر بولغان سىز بۇ باشلانغۇچ ھېساباتنى چوقۇم قىلالايسىز ، ئەگەر قىلالمىسىڭىز دەرھال ئىشخانىڭىزنىڭ ئىشكىدىكى ‹ باش لىدىر ئىشخانىسى › دىگەن خەتنى ‹ باش دۇكاندار ئىشخانىسى › دەپ ئۆزگەرتىڭ ، چۈنكى سىز يەنىلا بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىكەنسىز ، ھەقىقىي لىدىرنىڭ  ئالاھىدىلىكى يوقكەن دىگەن گەپ .
       سۆزلىرىمىز كارخانچىلىرىمىزنىڭ ، شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ قۇلىقىغا ياقامدۇ - يوق بىلمىدىم ، ‹ئىستىقبال سەھنىسى › ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىستىقباللىقلارنىڭ سەھنىسى بولسۇن ، ھەرگىز خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىدىكى سورۇنغا ئايلىنىپ قالمىسۇن . خىزمەتچى خادىم بىلەن ئىستىقباللىق خادىمنىڭ ئوتتۇرسىدا تاغ- داۋانلىق پەرىق بار . سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىنى مىللىي كارخانىلارغا بەرىكەت ، لىدىرلارغا ئوچۇق پىكىر ھەم ئۆتكۈر كۆز تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز .   سۆزلىرىمىزدە شىركەت خوجايىنلىرىغا قاتتىق كەتكەن ياكى نارازى بولغان تەرەپلىرى بولسا پىكرلىشىپ ئورتاقلىشىشقا ھەرۋاقىت تەييارمىز .

5

تېما

0

دوست

2832

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 619
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 12:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ پىكىرنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرى خېلى كۆپ ئىكەن،بىزمۇ كۆرۋاتىمىز مەزكۇر پىروگىراممىغا ماگىستىر ئاسپىرانتلار،ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ كۆپلەپ قاتنىشۋاتىدۇ، توغرا ئۇلار يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ گۈزەل ئارزۇلار بىلەن چىققانلار،نەزىريە بىلىمى بىر قەدەر مول بولسىمۇ،ئەمەلىي بىلمى تۆۋەن بولىشى مۇمكىن،بىراق بۇنى شۇلارنىڭ كەسىپىگە ماسلاشتۇرۇپ تەربىيلەپ كەتكىلى بولىدۇ.مەن قارسام ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەتتا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغانلارمۇ سېتىش كەسپى بىلەن شىركەتلەرگە قۇبۇل قىلىندى،بۇ سېتىش كەسپى زادى قانداق كەسىپ پىركازچىك بولامدۇ ۋە ياكى چوڭ-چوڭ توختام تۈزگۈچىلەر بۇلامدۇ بۇ بىزگە نامەلۇم.
مىنىڭچە شۇنى قۇبۇل قىلغان شىركەتلەر شۇلارنىڭ ئۈگەنگەن كەسپىي بويىچە قۇبۇل قىلىپ تەربىلەپ نەزىريە بىلمىنى قېزىپ چىقىشى زۈرۈر،ئۇنداق بولمايدىكەن،ئۇلار كەسپىگە ماس كەلمىگەن مەمۇرى بولسا بۇنىڭدىن ياخىشى ئەمەسمۇ.
يۇقارقى شىركەتلەرنى قايسى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى كىچىك دۇكان ئېچىشتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگەن،شۇ جەرياندا بۇ شىركەتلەرنىڭ لىدىرلىرىمۇ نۇرغۇن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي MBA  سودا باشقۇرۇش كەسىپلىرىدە بىلىم ئاشۇرغان.
بۇ يەردە شۇ نەرسە ئېنىق بولىشى كىرەككى،بۇ كارخانلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى (ھەتتا دۆلەتنىڭمۇ) كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىدىن كەلگەن.
شۇنداق بولغان ئىكەن،MBA  گە ئوخشاش يۇقۇرى سەۋيىلىك تەربىلىنىشلەردە مۇشۇ ئىختىساسلىقلارنىڭمۇ ھەققىي بار.
ئىختىساسلىق خادىم دىگەن نىمە؟
ئەسلى سىزدىمۇ ئادەم كام ئەمەس،بىراق بىر ئىختىساسلىق خادىم قۇبۇل قىلدىڭىز،ئەگەر كارخانىڭىزنىڭ تاپاۋىتى شۇ خادىم سەۋەپلىك بىر مىليۇن ئاشقان بولسا،ئۇنداقتا شۇ خادىمغا يۈز مىڭ يۈەن بەرسىڭىزمۇ سىز يەنىلا 900مىڭ يۈەن پايدا ئالغان بولىسىز.
ئەگەر ئۇ خادىم باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشسە سىز يىلىغا نەچچە مىليۇن زىيان تارتتىڭىز دىگەن گەپ.
شۇڭلاشقا مىنىڭ تەكلىپىم ئەگەر سىزنىڭ كارخانىڭىزغا شۇنداق ياخشى ئوقۇغان ئىقتىساسلىق خادىم كەلسە،ئۇنىڭ روھىنى چۈشۈرمەڭ،ئۇ دۆلەت مەمۇرلىق خىزمىتىدىن سىزنىڭ كارخانىڭىزنى ئەلا بىلىپ كەلدى شۇنداق ئىكەن،سىز دۆلەت مەمۇرلىرى تەمىناتىدىن يۇقۇرى بولغان خىزمەت مۇھىتى،تەمىناتىنى ئۇلارغا تەمىنلەپ بىرشىڭىز كېرەك.
ئاخىردا دەيدىغىنىم، ئىستىقبال سەھنىسى ھەرگىزمۇ كارخانلارنىڭ ئىلان تەشۋىقات سورىنى ئەمەس بەلكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىستىقبال سورىنى بولسۇن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1512

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 12:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستىقبال سەھنىسىنى مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم كۆردۈم ، دېمىسىمۇ شىركىتلىرمىزنىڭ مۇئاشى بەك ئاز ، بۇ پۇل بىلەن ئۈرۈمچىدە نورمال كۈن ئۆتكۈزمەك تەس ، ئادەتتە خەنزۇلارنىڭ تاللا بازىردا ئىشلىگەن خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىمۇ 3 - 5 مىڭغىچە ، ، ، شىركەتلىزمىز سىناق مەزگىلىدە 2 مىڭ سوم بېرمىز دەيدۇ ، ئەمما سىناق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىش ھەققىگە قانچە بەردىغانلىقىنى ئىيتىمىدى ، ، ، مېنىڭچە ھازېر قولىدىن ئىش كېلدىغان ، بىلىمى بار ياشلىرمىز 3 - 4 مىڭدىن شىركەتلەر بىلەن ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ يۈرمەيدۇ بەلكى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەيدۇ ، ، ،

7

تېما

51

دوست

7858

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 805
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1026
تۆھپە : 2014
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 12:25:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماندا شىركەتلەرنى داۋراڭ قىلىۋاتقان،ئىشقا ئورونلىشالمىغان بالىلارنىڭ ئىغىزىغا قۇرۇق شۈمەك سالغاندەكلا ئش بۇ

2

تېما

1

دوست

488

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23437
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 12:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى تورداشلار 2013-يىلىنى ‹‹ تارىختىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ تەس بىر يىل ›› دەپ ئاتىغانىدى . پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ ، شىنجاڭدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار 73 مىڭغا يېتىپ ، بۇلتۇرقىدىن 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئاشقان ، بۇنىڭغا يەنە جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى قوشقاندا ، ئومۇمىي سانى 400 مىڭدىن يېتىپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى تارىخىتىكى مىسلىي كۆرۈلمىگەن باسقۇچقا كىرىدىكەن .

0

تېما

15

دوست

2520

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16694
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 13:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«باشتا چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتەر.» دىگەندەك،  ئىشلارمۇ ياخشى بولۇپ كەتكۈسى.

0

تېما

0

دوست

3908

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8327
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 608
تۆھپە : 799
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 13:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yuzarsif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 13:16  

دېمىسىمۇ شىركەت خوجايىنلىرىدىكى بىر خىل مەنمەنچلىك، كۆز ئالىدىدا سۇئالىغا جاۋاپ بىرۋاتقانلارنى يۇشۇرۇن تالانتى بار قابىلىيەت ئېگىسى دەپ قارىماستىن خۇددى ئىشىك ئالدىغا ئىككى قۇلىنى كۆتۈرۈپ يىلىنىپ كەلگەن بىراۋغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىلىرى پەقەت كۈزۈمگە سىغمايدۇ.
باشقىلارنىڭ «مىللى ئاڭ» تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشنى بىلگەن شۇ كاتتلىرىمىز، پۇل تاپقاندىن كىين باشقىلارغىمۇ لايىقىدا ئىللىقلىق، باراۋەرلىك تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك ئىدى.

ئەگەر مەن شۇ پىروگىراممىغا   قاتنىشىپ، مەلۇم چوڭ شىركەتنىڭ سېتىپ چىقىرىش بۈلۈمىگە قۇبۇل قىلىنىپ، ئۆزەمگە تەقسىم قىلىنغان مەلۇم بىر تۈردە مۇۋاپقىئىيەت قازىنىپ شىركەتكە 500مىڭ يۈەنلىك پايدا كەلتۈرسەم، ئۇلار يەنىلا ھېلىقى 2500خەلق پۇلىدا چىڭ تۇرۋىلىشى ئېنىق، ئەمما مەن چۇقۇم مەلۇم دەرىجىدە پايدا  ئۈلۈشىگە ئىرىشەلمسەم ، كىيىن كاللامغا كېسەك چۈشۈپ كەتمىسىلا يەنە بىر تۈرگە زىھنىمىنى سەرىپ قىلمايمەن ياكى بۇ يەردىنمۇ ياخشىراقىنى ئىزدەپ كىتىپ قالىمەن،  باراۋەرلىك بولمايدىكەن ھىچ ئىش كۈڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.

شوڭا كىچچىكىنە تەكلىۋىم، پىروگىراممىغا قاتنىشۋاتقان شىركەتلەر سەل كەمتەر، ئەمىلىيەتچىلرەك  بۇلۇشى زۈرۈر.

4

تېما

2

دوست

2230

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 13:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ئەتراپلىق، ئۆتكۈر پىكىر قىپسىز....
يارايسىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )