قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 12

قۇتلۇق بىلگە قاغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16548
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 01:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
     

                                                      قۇتلۇق بىلگە قاغان                          


         ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ ۋاقتىدا ( 742 - 747 ) قۇدرەتلىك باسقۇچكا كىردى .شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسى باش بولۇپ قۇرغان ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقى كىيىنكى شەرقىي تۇرك قاغانلىقى ( 682 - 744 ) بىلەن چنقىشالماي دايىم ئۇرۇشۇپ تۇرغانىدى . قۇتلۇق بىلگە خاقان 742 - يىلدىن باشلاپ ، قارلۇقلار ۋە باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي تۇركلەرگە قارشى كەسكىن ئۇرۇشلارنى ئىلىپ باردى .
        قارلۇقلار تۇرك قەبىلىلىرى ئىچىدە سانىنىڭ كۆپلىكى ، جەڭگىۋارلىقى ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن مەشھۇر ئىدى . " ئوغۇزنامە " داستانىدىكى رىۋايەتكە قارىغاندا ، " قارلۇق " دىگەن نامنى ئوغۇزخان قويغانىكەن . ئۇ رىۋايەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : ئوغۇزخان غەرىپكە قىلغان يۇرۇشىدىن قايتىپ كىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ بوز ئايغىرى تاغ ئىچىگە قىچىپ كىتىدۇ . ئوغۇزنىڭ بەگلىرىدىن بىرى بۇ بوز ئايغىرنى ئىزدەپ كىتىپ ئۇچ كۇندىن كىيىن ئۇنى تاغ ئىچىدىن تىپىپ كىلىدۇ . شۇ چاغدە ھىلىقى بەگنىڭ ئۇستى بىشىنى قار قاپلاپ كەتكەنىكەن . بۇنى كۆرگەن ئوغۇزخان بۇ بەگكە " قارلىق بەگ " دىگەن نامنى قويۇپ قويىدۇ . ۋە ئۇنى شۇ يەردىكى قەبىلىگە بەگ قىلىپ قويىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، بۇ بەگنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى " قارلۇق " دەپ ئاتايدىغان بولىدۇ . قارلۇق دىگەن نام 8 - ئەسىردە ئورنىتىلغان ئۇرخۇن ئابىدىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ . قارلۇقلار ئۇچ قەبىلىدىن - بويلا ، سبەگ ، تاشلى ( تاشلىق ) لاردىن ئىبارەت ئىدى . قارلۇقلار ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربىي جەنۇبدا ياشايىتتى . كىيىن ئۇتۇكۇن تاغلىرىغىچە سىلجىپ كىلىپ ، شەرقىي ئۇيغۇرلار بىلەن يىقىن ئالاقىدە بولغان . قۇتلۇق بىلگە قاغان 742 - يىلى قارلۇقلار ۋە باسمىللىر بىلەن بىرلىشىپ ، شەرقىي تۇرك قاغاننى ( 740 - 742 ) ئۆلتۇردى .لىكىن ، باسمىللار ئۇستۇن كىلىپ قاغانلىق ئورنىنى ئىگىلىۋالدى . باسمىل خانى ئاسىناس قاغان بولدى .ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلارنىڭ خانلىرى سول ۋە ئوڭ قول يابغۇلۇق مەنسەپلىرىدە قالدى . قۇتلۇق بىلگە قاغان بۇ ئىشقا زادى رازى ئەمەس ئىدى .ئۇ باسمىللارنىڭ ئۇستۇنلىكىنى يوق قىلىپ تاشلاش ئۇچۇن ھەرىكەت قىلدى .
        باسمىللار ئەڭ قەدىمقى چاغدىن تارتىپ ئۇتۇكۇن تاغلىرىدا ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ، قىرغىزلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ياشىغان . ئۇلار قەدىمقى چاغدا " جەدە ئاتلار " دەپمۇ ئاتالغان . تۇرك قاغانلىقى ۋاختىدا ، تۇركلەر تۇدۇنلىقلارنى ئەۋەتىپ باسمىللارنى ئىدارە قىلغان . باسمىللار كىيىنكى چاغلاردا ئاستا - ئاستا غارىپكە كۆچۇپ كەتكەن . باسمىللار ئاساسەن ھازىرقى جىمسار ئەتراپلىرىغا كۆچكەن . قۇتلۇق بىلگە قاغان مىلادىنىڭ 744 - يىلى شەرقىي تۇرك قاغانى ، بولمىش قاغان ( 742 - 744 ) نى ئۆلتۇرۇپ  ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە قاغان دەپ ئاتىدى . ئارقىدىنلا باسمىللاردىن بولغان ئاسىناس قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇردى ۋە باسمىللارنى تولۇق بويسۇندۇرۇۋالدى .
        قۇتلۇق بىلگە قاغان 744 - يىلى شەرقىي تۇركلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن ، ئۆزىگە بويسۇنىدىغان شەرقىي ئۇيغۇرلارنى ئىككى چوڭ تارماقتىن ئىبارەت 19 قەبىلىگە بۆلدى . ئۇلار - ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلاردىن ئىبارەت ئىدى .
       ئون ئۇيغۇرلار :
   
    1 . ياغلاقار .
    2 . قوتۇرغۇر .
    3 . بوقاسقىر .
    4 . ئاۋچاغ .
    5 . ھازار - قاسار .
    6 . خوغورسۇ .
    7 . ياغما .
    8 . ئاياۋىر .
    9 . تورلام ۋىبۇر .
    10 . ئادىز .

        توققۇز ئوغۇزلار :

   1 . ئۇيغۇر .
   2 . بايىرغۇ .
   3 . خون .
   4 . بوكو .
   5 . توڭرا .
   6 . چىبنى .
   7 . ئىزگىل .
   8 . قارلۇق .
   9 . باسمىل .

           ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىنى ئۇچ باسقۇچقا بۆلۇپ بايان قىلىش مومكىن :
         بىرىنجى باسقۇچ - مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ ، بۇ باسقۇچ توپتوغرا 100 يىل ( 646 - 744 ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
        ئىكىنجى باسقۇچ - ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ قۇدرەتلىك بىر ئىمپىرىيە قىياپىتىدە شەرقىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا قەد كۆتەرگەن دەۋرى بولۇپ ، بۇ باسقۇچ قۇتلۇق بىلگە قاغاندىن ( مىلادىنىڭ 744 - يىلىدىن ) تارتىپ ئالىپ بىلگە تەڭرى ئۇيغۇر قاغانغىچە ( 825 - 832 ) بولغان 80 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  . مانا شۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ ھەربىي كۇچى مۇستەقىللىق باسقۇچىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 50 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇندىن 221 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇنغا كۆپەيگەنىدى . بۇ قوشۇن 17 ئاتلىق دىۋىزىيە ( ھەر بىر دىۋىزىيە 13 مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان ) دىن ئىبارەت ئىدى . ئەنە شۇ مەزگىلدە ، ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تىررىتۇرىيەسى  شەرىقتە ھازىرقى ھىنگان تاغلىرىنىڭ شەرقىغىچە ، شىمالدا بايقال كۆلى ۋە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئىقىملىرىغىچە ، جەنۇپتا سەددىچىن سىپىلىغىچە ، غەربىي جەنۇپتا ئالتۇنتاققىچە ، غەرىپتە پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتە سۇغىچە تۇتاشقانىدى .
        شەرقىي ئۇيغۇرلار شەرىقتىكى قىتان قومۇقلارنى ، شىمالدىكى قىرغىزلارنى ، غەرىپتا تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ۋە پەرغانە ، يەتتە سۇدىكى تۇرك خەلىقلىرىنى بويسۇندۇرغانىدى .
       قۇتلۇق بىلگە قاغان 646 يىلى تۇمىد قاغان ئورناتقان دۆلەت تەشكىلى تۇزۇمىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇردى . پايتەخىت قارا بالغاسۇن بولدى .
       ئۇچىنجى باسقۇچ - ئۇيغۇر - ئۇرخۇن قاغانلىقىنىڭ تۇرلۇك سەۋەپلەرگە كۆرە ئاجىزلىشىپ ، قاغانلىقىنىڭ سىياسى مەركىزىنى ئۇتۇكۇندىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئىتەكلىرىگە يۆتكىگەن چاغدىكى ئون يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  
                                                                       2014 - يىل 27 - يانۋار.              

3

تېما

0

دوست

962

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5735
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 295
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 18:13:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يولاپسىز  مەن باغداشنىڭ مۇشۇنداق تىملىرغا ئامراق
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

2352

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12494
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 179
تۆھپە : 589
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 20:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sindibad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 20:54  

   ۋاقىت سەل قىسقا بولۇپ قاپتۇ . مىلادى 605-يىلى بۇقۇ تېكىن 5000 ئاتلىق چەۋەنداز بىلەن شەرقى تۈرك ئىمپىرىيەسىنىڭ شاھزادىسى باشچىلىقىدىكى 5 تۈمەن ئاتلىق قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئالتاي تاغلىرىغىچە سۈرۈپ بارغاندا پۇتۇن يايلاق زىل-زىلگە كېلىپ ، تارىختا ئاز قوشۇن بىلەن كۆپنى يېڭىشتەك مىساللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۆرىتى جاھانغا تارىغان .

0

تېما

0

دوست

1229

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24563
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 22:58:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرىيالارنى كۇپىرەك يۇللاپ بىرىشڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.

0

تېما

5

دوست

1255

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 23:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمىدىم، بۇ چاغلاردا باشقا مىللەتلەر «بەيدۇ» دا قاراخانىلارنى قارلۇقلار قۇرغان، ئۇيغۇرلار قۇرمىغان، ياكى ياغمالار قۇرغان، ئۇيغۇرلار قۇرمىغان، دېيىشىپ جۆيلۈپ يۈرۈشەركەن. مەن دەيمەن مەيلى قارلۇق، مەيلى ياغما، مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى چىگىل ۋە مەيلى باشقا بىرى بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسى ئەمەسمۇ؟ قارلۇقلار ئۇيغۇرنىڭ ئەزاسى ئەمەسما؟ ياغمىلارمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەزاسى ئەمەسما؟ ھېچ چۈشەنمىدىم، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، مەيلى قايسىسىلا قۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ قەبىلىسى قۇرغاندىكىن ئۇيغۇرلار قۇرغانغا ھېساب ئەمەسمۇ؟ خۇددى ھازىرقى كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى مەيلى قايسىلا يۇرتتىن بولسۇن بەرىبىر ئۇيغۇر بولغاندەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ ماڭا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار قانداق؟ قارلۇق ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئايرىمچە بىر مىللەتمۇ؟

0

تېما

5

دوست

1255

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 23:19:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرى: پانتېكىننى خەنزۇچە مەنبەلەردە «怀建可汗» دېيىشەركەن، بۇنى  تىلىمىزدا نېمە دەپ ئىپادە قىلغۇلۇق؟ يەنە بىرىنى «怀仁可汗» دەيدىكەن، ئۇنىغۇ «سۆيۈنگىل قاغان» دەيدىكەن («خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تارىخىي ئاتالغۇلار لۇغىتى» دە)! تارىخ بىلىملىرىنى  ئېلىپ يۈرگۈچى دانالاردىن بىرىڭىزلەر مۇشۇ «怀建可汗» نى بىر بىلدۈرگەن بولساڭلار ماڭا، بەكلا خۇش بولۇۋەتكەن بولارىدىم!

0

تېما

0

دوست

2352

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12494
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 179
تۆھپە : 589
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 00:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkal يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 23:14
چۈشەنمىدىم، بۇ چاغلاردا باشقا مىللەتلەر «بەيدۇ» دا قا ...

  ئۇلارغا قويۇپ بەرسە ....قارلۇق ، ياغمىلارنىمۇ  ئۇيغۇر قەبىلىسدىن ئايرىپ ، باشقا مىللەت قىلىپ كۆرسىتىشتىن يانمىغۇدەك . مەسىلەن ئۇلارنىڭ يېڭى تاڭ نامە ، دىگەن ئەسەرلىرى بىلەن كونا تاڭنامە دىگەن ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنىدا كۆپ پەرىق بار .مىلادىدىن ئىلگىرىكى تارىم ۋادىسىدا ، [ كىرورەن ] كور ئوران دىكى پارچە-پۇرات ، بىر-بىرسىگە بېقىنمايدىغان 36 بەگلىك بار دىگەن خاتىرلىرى ، ئەمىليەتتە تۇران خاندانلىقىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدىكى شەھەرلەردۇر . ئالىپ ئەر تۇڭا دىن كېيىن تەدرىجى خاراپلاشقان .

0

تېما

0

دوست

981

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24859
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 18:57:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن .مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپىرەك يوللاپ تۇرغايسىلەر. مىللى ئىپتىخارلىق  تۇيغۇسى بەك مۇھىم .شانلىق تارىخنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلەرگە ئاتا قىلىدىغان  ئىشەنچ  ۋە ئىرادىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )