قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1214|ئىنكاس: 6

تەۋىسيە : پۈتۈكنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 03:21:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۈتۈكنامە

ئاپتۇرى:جورجى كىلاسسۇن(ئامرىكا)

تەسراتىنى يازغۇچى: كىتابخۇمار


          مىنىڭچە پۇل دىمەك كۈچ دىمەك، پۇل دىمەك ۋاقىت،ئۆمۆر دىمەكتۇر ...
          ئەگەر مەن بىر ئادەتتىكى خىزمەتچى بولوپ ئايلىغىم 3000يۈەن دىسەك (ئەمەلىيەتتە ھازىرقى شارائىتتا بۇمۇ خىلى قىيىن ئىكەنلىكى بەلكىم ھەممەيلەنگە ئايان) يىللىغىم 36مىڭ يۈەن، يەنى 20 يىللىق ۋاختىم 720مىڭ يۈەن دىگەن گەپ.دىمەك مەن 20 يىل ئەتىگەندىن كەچكىچە تەر تۆكۆپ، جاپا تارتىپ ئىشلىسەم، پۇتۈن ئۆمرۆمنىڭ كىرەككە كىلىدىغان قىسمى720  مىڭ يۇەن دىگەن گەپ . مەن 25يىشىمدا مۇشۇنداق مۇقۇم كىرىمىم بار دىسەم ،45ياشقا كىرگۈچە مىنىڭ ھەر كۈنلۈگۈم 100يۈەندىن قىممەتكە ئىگە بولدۇ،مەن بۇ 100يۈەن بىلەن ئۆزۈمنىڭ، ئايالىمنىڭ،باللىرىمنىڭ ئاۋۋال مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن، ھەر ۋاخلىق تامىقىغا، ئاندىن كىيىمىگە ئۆي ئىچىدىكى توك ،سۇ، پار ،ئۆيۆم بولمىسا ئۆي ئىجارىسى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولىمەن.ئالاھىدە ئەھۋاللارنى،يەنى تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان، دوختورغا كىرىپ قىلىش،بالامنىڭ ياكى ئايالىمنىڭ ئاغرىپ، دوختۇردا يىتىپ قىلىشى،قاتناش ھادىسىسى ،تۇيۇقسىز يۈزبىرىدىغان ھادىسىلەرنى ئويلاشماي، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ كۈندۈلۈك چىقىمىنى ھىساپلىسام،ئۈچ ۋاخلىق تامىقىم ،تىلىفۇن ھەققىم كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتورىدىغان چىقىملىرىم بىلەن مىنىڭ يالغۇز كۈندۈلىك چىقىمىم قانچە بولار؟ئايالىمنىڭ چقىملىرىنى قاتسامچۇ؟ئەگەر باللىرىمنىڭ ئائىلەمنىڭ چىقىملىرىنى قاتسام بۇ 100 يۈەن يىتەرمۇ؟
        ئەمىلىيەتتە بۇ 100يۈەن، ئايلىق كىرىمى 3000يۇەندىن موقىم بولغانلارغا خاس.ھازىرقى ئىشسىزلىق ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە 3000يۈەندىن مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولوش قانچىلىك قىرىنداشلىرىمىزغا نىسىپ بولار؟                       
        دىمەك مىنىڭ ھاياتىم مۇشۇ بويىچە بولغاندا 720مىڭ يۈەنگە تەڭ. ئەگەر مىنىڭ 72مىلىيون پۇلۇم بولسا، مەن ئۆزۆمدەك ئادەمدىن 100 نى بىر ئۆمۆر ئىشلىتەلەيمەن،شۇ 100 ئادەم پۈتۈن بىر ئۆمۈر مەن ئۈچۈن تەر تۆكىدۇ . مەن شۇ100 ئادەمنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھاياتىمنى شۇلارنىڭ ئومومى  ئۆمرىگە تەڭ قىلالايمەن دىگەن گەپ.ئەگەر مەن5000يۈەن بىلەن ئاجىزلارنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقى، يەنى شۇ ئاجىزلارنىڭ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قىلىشىغا ياردەم قىلماقچى ياكى ئاجىز يىتىم يىسىرلارغا ،ياكى ئوقوغوچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك تامىقى ئۈچۈن  ياردەم قىلماقچى بولسام، تەخمىنەن نەچچە يۈزلىگەن قان تەپچىپ تۇرغان يۈرەككە ياردەم قىلىپ، ئۆزومگە خۇشاللىق تاپالايمەن .
شۇڭا پۇل كۈچ ۋە ۋاقىت،ئۆمۆر دىمەكتۇر.نامراتلىق جىنايەتتۇر ...                                             
         لىكىن قانچىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كىرىم- چىقىم ۋە قىممەتلىك ۋاختىنى،ئۆمرىنى،ھاياتىنى پىلانلاش مەسىلىسىگە نىسبەتەن كۆپىنچى دوسلىرىمىز سەل قاراپ كەلگەن بولىشى مومكىن .
.    ئايلىق كىرىمى ئىنتايىن يۇقىرى نامراتلارمۇ ،ئايلىق كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن بايلارمۇ بولىشى مومكىن. مەيلى بايۋەتچى ياكى كەمبەغەل،يۇقىرى مۇقىم مائاشلىق خىزمەتچى ياكى كۈنلىكىنى ئاران قامداپ كىتىۋاتقان ئۇششاق ساتارچى،كارخانىچى،مولدۇز،ناۋاي ۋە باشقا بارلىقىمىزنىڭ مالىيە ،ئۆز ئىلكىمىزدىكى ئىقتىسادنى قانداق ئورونلاشتۇرۇش،يەنى كىرىم- چىقىمنى قانداق ئىلىپ بىرىش مەسىلىسىگە ئوموميۈزلۈك دۇچ كىلىمىز .
بىرنى تىپىپ بىرنى خەجلىگەندە پۇلنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالمايمىز،بۇنداق بولغاندا تىخىمۇ كۆپ پۇلغا ئىرىشىشتىن سۆز ئىچىش تەس.
بۇرۇن بابلۇندا ئاركادى ئىسىملىك بىر پۇلدار كىشى ئۆتكەن ئىكەن.ئۇ بايلىقى بىلەنلا ئەمەس،يەنە ئاق كۆڭۆللىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىكەن.ئۇنىڭ كۆڭلى كۆكسى ناھايتى كەڭ بولوپ،ئۆزىگىلا ئەمەس،يەنە پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىغا پىخسىقلىق قىلمايدىكەن،بىراق شۇنداق خەجلىسىمۇ ئۇنىڭ بايلىقى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋىرىدۇ.
         ئۇنىڭ ياش ۋاختىدىكى دوستلىرى :‹‹ئاركادى سىنىڭ ھەددى ھىساپسىز مال دۇنيارىڭ بار،سەن ھازىر پۈتۈن بابلۇندىكى ئەڭ باي كىشى،بىراق بىز يەنىلا پۇلىمىزنى ھىساپلىق جەجلەپ ئولتۇرىمىز.سەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل نەرسىلەردىن ھوزورلىنىپ،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىسەن.بىراق بىز يەنىلا ئائىلىمىزدىكىلەرنى قورسىقى توق،كىيىمى پۈتۈن قىلىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتىمىز›› دەيدىكەن.
‹‹بىراق،بىز بۇرۇن ئوخشاش ئىدۇق،ئوخشاش ئويونلارنى ئويناپ چوڭ بولدوق،مەيلى ئوقوش ياكى ئويونلاردا بولسۇن ،سەن بىزدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتىڭ،ئۇنىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر مەزگىل ئىچىدىمۇ سەن بىزگە ئوپئوخشاش ئىدىڭ .››
        ‹‹بىزنىڭچە،سەن خىزمەتتىمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىشلىدىڭ،بىراق تەلەي ئىلاھىنىڭ ساڭىلا كۆزى چۈشكەن ئوخشايدۇ،پەقەت سەنلا مۇشۇنداق ئىسىل نەرسىلەردىن بەھرە ئىلىپ يۈرىسەن،ئەجەبا،بىز مۇشۇنداق ئىسىل نەرسىلەردىن بەھىرلىنىشكە لايىق ئەمەسمۇ؟››دەپ سورايدىكەن.
ئاركادى ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ:
      ‹‹مۇشۇ يىللاردىن بىرى،ئەگەر تاپقان پۇلۇڭلارنىڭ بەرىكىتى بولمىسا،بۇ دەل سىلەرنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش قائىدىلىرىنى تىخى ئۈگىنىپ بولالمىغىنىڭلارنى چۈسەندۈرىدۇ،سىلەر ئەڭ ياخشىسى،ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىقتىساد باشقۇرۇش يوللىرىنى ئۈگىنىۋىلىشىڭلار كىرەك.››
‹‹تەقدىر يىپى يوق لەگلەككە ئوخشايدۇ،ئۇ بىر شەپقەتسىز ئىلاھقا ئوخشايدۇ،ئۇ ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسىنى ئادەملەرگە بۇيرىمايدۇ.يەنە كىلىپ ئەمگەك قىلمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئەسلىدە با بولغان نەرسىلىرىنىمۇ تارتىۋالىدۇ.ئۇ سىزگە تاپقان بايلىقلىرىڭىزنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا خەجلىتىپ،كۆزنى - يۇمۇپ ئاچقۇچە سىزدە ئەسلىدە بار بولغان نەرسىلەرنىمۇ تاتىۋالىدۇ ھەم سىزنىڭ تويماس نەپسىڭىزنى قانائەتلەندۈرمەي ،سىزنى قىينايدۇ.يەنە بەزى كىشىلەر تەقدىرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشىدۇ .بىراق ئۇلار قولىدىكى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ،چۈنكى ئۇلار قولىدىكى پۇلنىڭ خەجلىنىپ تۈگەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇل ئارقىلىق پۇل تىپىش قابىلىيىتى بولمايدۇ،ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى بۇلاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ،كىشىلەردىن ئايرىلىپ خىيالى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ››.
         ‹‹يەنە بەزىلەر ھىچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا،نۇرغۇن بايلىقنىڭ ئىگىسى بولوپ قالىدۇ ھەم تاپقان پۇلى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ،خۇشال-خورام،باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.بىراق،بۇ خىلدىكى ئادەملەر كەمدىن –كەم بولوپ،مەن پەقەت مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باققان،لىكىن تىخى كۆرۈپ باقمىدىم.سىلەر ئويلاپ بىقىڭلارچۇ؟نۇرغۇنلىغان مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان بايلار مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە تەۋەمۇ–ئەمەسمۇ؟››
         ئاركادىنىڭ دوستلىرى ئۆزىنىڭ دەل نۇرغۇن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان كىشىلەرگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى.دوستلىرى ئاركادىنىڭ قانداق باي بولغانلىقىنى سۆزلەپ بىرىشىنى ئۆتۆنۈپ تۇرىۋالدى،شۇنىڭ بىلەن ئاركادى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
‹‹ياش ۋاقىتلىرىمدا،دۇنيادىكى شەيئىلەرنى كۆزىتىپ ، كىشىلىك ھاياتقا خۇشاللىق ۋە قانائەت ئىلىپ كىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدىدىم،مەن شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى،بايلىق كىشىنى خۇشاللىق ۋە قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرىدىكەن.
بايلىق بولسا كۈچ قۇدرەتنىڭ ۋەكىلى،پەقەت پۇلىڭىز بولسىلا نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.
سىز ناھايتى ئىسىل ئۆي جاھازلىرىنى سىتىۋىلىپ،ئۆيىڭىزنى بىزىلىيەلەيدىكەنسىز .
        پۈتۈن دۇنيانى ساياھەت قىلالايدىكەنسىز.
       دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل نازۇ نىمەتلەرنى تېتىىيالايدىكەنسىز.
      سىزنىڭ ئەڭ ئىسىل ھەم نەپىس ياسالغان ئالتۇن،كۈمۈش،مەرۋايىتلىرىڭىز بولىدىكەن.ھەتتا سىزنىڭ بىر نەچچە ھەشەمەتلىك سارايلىرىڭىز بولىدىكەن.
       سىز يەنە ئۆزىڭىزنى تىخىمۇ قانائەتلەندۈرىدىغان يىڭى ھىسلارنى تېپىپ،ئۆز رولىڭىزنى،كۆڭلىڭىزنى خۇش ئىتەلەيدىكەنسىز.
      مۇشۇلارنى تونوپ يەتكەندىن كېيىن،مەن ھاياتىمدا مۇشۇنداق ئەڭ ئېسىل نەرسىلەردىن بەھىرلىنىشكە بەل باغلىدىم.
       مەن خىيالپەرەس ئەمەس،باشقىلارنىڭ بەھوزور ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،پەقەت بەدىنىمنى يېپىپلا تۇرىدىغان ئەرزان باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشكە قەتئىي چىدىمىدىم ھەم بىر ئۆمۈر قەلەندەر بولوپ ياشاشقا تىخىمۇ چىدىمىدىم،ئەكىسچە مەن ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى بولوشقا بەل باغلىدىم.
سىلەر ھەممىڭلار بىلىسىلەر،مىنىڭ دادام كىچىككىنە بىر ساتارمەن.بىزنىڭ ئۆيدە بالا كۆپ،مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش نۆۋىتىمۇ كىلىشى ناتايىن.سىلەرنىڭ دىېگىنىڭلار بويىچە،مەن ئۈنچە ئىقتىدارلىقلاردىن ئەمەس،شۇڭا مەن شۇنى تونوپ يەتتىمكى،ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئەشۇرىمەن دەيدىكەنمەن،چوقوم ئىقتىساد (مالىيە)باشقۇرۇش جەھەتتە كاللامنى كۆپرەك ئىشلىتىشىم ھەمدە مۇشۇ جەھەتتىكى كىتاپلارنى كۆپرەك ئوقوشوم كىرەك››.
           ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەكشى بىرىلگەن، پەقەت سىلەر ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ،باي بولوشقا ۋاقىت ئاجراتمىغان گەپ.بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،گەرچە سىلەرنىڭ پەخىرلەنگۈدەك بەخىتلىك ئائىلەڭلار بولسىمۇ،بىراق سىلەردە كۆز-كۆز قىلغۇدەك زادى نىمە بار؟

ئالدىنقى قىتىملىق تەۋىسيەلىك كىتابلار :
ئا.جالالىدىن تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ھايۋانلار قوروقى.
./thread-19775-1-1.html
ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى
./thread-22441-1-1.html
          كىيىنكى پىلاندا ناپالىيون خىئولنىڭ مۇۋەپپەقيەت دەستۇرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى،پۇل ئۇرىشى،باي دادام نامرات دادام دىگەن كىتابلار...
           ئىمكانىيتىمنىڭ يار بىرىشچە ،ئۆزۈم ئوقوپ بولغان كىتابلار ئىچىدىن ياخشى كىتابلارنى تاللاپ،شۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تەسراتىمنى يىزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوسلارغا داۋاملىق ياخشى كىتابلارنى تونوشتۇرۇش ،تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە بۇ كىتابلار ھەققىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىشقا تىرىشىمەن ...

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 10:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابلارنى ئوقوغان ئادەم ھەقىقەتەن بۇ كىتاب ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرب قىلغىنىغا رازى بولوپ قالدۇ .بۇ كىتابنىڭ ئەڭ موھىم يەرلىرى بار ئىدى.بۇ مەيلى بىر مائاشچى ياكى ئاددى بىر ھۆنەرۋەننىڭمۇ شۇ كىرىمى ئارقىلىق پۇلدار باي بولالايدىغانلىقىغا ئايىت.دىمەكچى بۇ كىتاب ھەممەيلەنگە ئورتاق ماس كىلىدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

277

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25331
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 15:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ مۇشۇ مەسىلە توغۇرلۇق شۇنداق ئويلاپ قالىمەن.
كەلگۈسىدە بالىلارغا قالدۇرغىنىمىز پەقەتلا ئىتائەتمىدۇ؟

9

تېما

3

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22174
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 17:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burhanhoja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 17:26  

بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئەمىليەت بىلەن ناھايىتى ياخشى باغلاشتۇرۇپسىز، بۇكىتاپتىكى ئاساسى ئىدىيەلەرنىڭ يەنە بىرسى پۇل ئۈچۈن خىزمەت قىلماستىن پۇلنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۆگىتىش ،سىنىڭ تاپقان ھەربىر تەڭگە پۇلۇڭ سىنىڭ قۇلۇڭ بۇلىدۇ ،ئۇ سەن ئۈچۈن تېخمۇ كۆپ قۇللارنى تېپىپ كىلىپ سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇ،بىراق بايلىقىڭنىڭ ھەممىنى مەبلەغ قىلىپ سالىمەن دىسەڭ ،ياشىمىساڭ بولمايدۇ ،ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم ئىستىمال قىلماي بولمايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن كىرىمىڭنىڭ %70 تى بىلەن ئاساسى تۇرمۇش ئىھتىياجىڭنى قامداپ %20 نى مەبلەغ قىلىپ سېلىپ %10 نى كەلگۈسى ئۈچۈن ئامانەت قۇيۇشۇڭ كېرەك،قارىغىن ئەتراپىڭدىكى مويسىپىتلارغا مەنمۇ كۈچۈمدىن قېلىپ پۇل تاپالمايدىغان كۈنلەر كىلىدۇ ،دىگەننى ئويلىشىڭ كېرەك،زۆرۈر بولغان ئىستىمال ۋە نەپىسنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئىستىمال قىلۋاتقان نەرسىلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىشىڭ كېرەك،بۇئەلۋەتتە ئوتتۇرھال تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كىشلەرگە قارتىلغان ،ئەلۋەتتە كىرىمى يۇقىرى كىشلەر مەبلەغ پىرسەنتىنى داۋاملىق ئۆستۈرسە بۇلىدۇ،ئۇنداقتا بىر ئادەمنىڭ بارلىق كىرىمى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر ئايلىق زۆرۈر بولغان چىقىمىغا يەتمىسە ئۇ قانداق مەبلەغ  سېلىپ ئامانەت قۇيالايدۇ ؟
ئۇچاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشنى ئۆگىنىشى كېرەك ،مەسلەن ،ئۆزنىڭ جىسمانى كۈچى ، ھازىر ئۈزىنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئايمىسلا سالامەتلىكى بېجىرىم بىر ئادەم ئۈزنىڭ زۆرۈر چىقىملىردىن يۇقىرى كىرىمگە ئىگە بۇلالايدۇ ،شۇ پىرىنسپ بۇيچە بىرمەزگىل جىسمانى كۈچى بىلەن دەسلەپكى مەبلەغقە ئىرىشكەندىن كىيىن چۇقۇم ئۆزنىڭ مەڭگۈ جسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىغا ئاۋۋال ئۈزى ئىشەنچ قىلىشى كېرەك . شۇندىلا جىسمانى كۈچىنى مەبلەغ قىلىپ پۇل تېپىشتىن ئەقىلنى ،پۇلنى مەبلەغ قىلىپ پۇل تېپىش يۇلىغا ماڭغىلى بۇلىدۇ ،يەنە بىرسى قەرىز ئالغاندا ئىھتىيات قىل ،ئالساڭ ئۇ قەرزنى قىسقا مۇدەتتە قايتۇرالايدىغانلىقىڭغا ،ياكى قەرزنى باشقىلار سەن ئۈچۈن قايتۇرۋاتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغان ۋاقىتتا قەرىز ئالغىن.............................

0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 18:12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ پايدىلانغۇلىق...

0

تېما

0

دوست

1608

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24563
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 23:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كىتاپلارنى كۇپىرەك تەۋسىيە قىلشڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 10:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
burhanhoja يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 17:25
بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ئەمىليەت بىلەن ناھايىتى ياخش ...

رەھمەت بۇرادەر...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )