قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bagdax

دوكتۇر زۇلپىقار بارات بىلەن سۆھبەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

4

دوست

1543

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6733
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 189
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 00:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ۋەتەنگە كېرەكتۇر مىڭ باش،
ئەر كىشىگە «ۋەتەن!» سۆز باش.
مەشئەلنى ئېلىپ ئەجدادتىن،
بېرىدۇ ئەۋلادقا  ئۆز باش.

0

تېما

0

دوست

87

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25342
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 01:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر رېئاللىق ئالدىدا ھەممىمىز مەمنۇنمىزكى، ئۆز خەلقىنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئاققان پىداكارلار ئىككى دۇنيا ئەل قەلبىدە ئەزىزدۇر. شۇنىڭ ساڭىرى،زۇلپىقار مۇئەللىم مەيلى ۋەتەندە بولسۇن ياكى ئالتە يىللىق مۇھاجىرەتتىكى ۋاقتى بولسۇن «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر»نى مۇھىم بىلىپ. ئەل ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى بىلەن ئۆز ھاياتنى، ئىزدىنىشنى بىر يەرگە قۇيۇپ. بارلىقىنى مىللىتمىزنىڭ ئاڭ تەرەققىياتىغا، ئەقلى بىلىشىگە بېغىشلاپ كەلدى. مەيلى ئاددىي يىغلىشلاردىكى پاراڭلىرى بولسۇن ۋە ياكى كاتتا ئىلمىي ماقالىلىرىدە بولسۇن، خەلق ئۈچۈن ئىجاد قىلىش، ئۆگەنگەننى ئەمەلىي ئىشلىتىشتە ئويغاق بىر زىيالنىڭ دەۋىر، مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ كەلدى. بىز بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خوشال ۋە ئۈمىدلىكمىز. مۇئەللىمنىڭ ھاياتى سەمەرىلىك بولغاي.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

7

تېما

0

دوست

5933

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 04:40:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىقار ئەپەندىمنىڭ ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى چىن دىلىمدىن تەبىرىكلەيمەن!

0

تېما

0

دوست

1484

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 09:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۈزباشنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلۇغ ئاللاھدىن نۇسرەت ،بەرىكەت تىلەيمىز...مىللەت سۆيەر زىيالىلارغا كۆز تېگىۋاتقان بۇ كۈنلەردە يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن!




ئسكەرتىش:


سەككىز سۈرتۈم دېگەن شېئىر
ئۈز باشنىڭ ئەمەس  تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم ئاكىمىزنىڭ شېئرى
61#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1079

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6131
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 168
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ئاكىمىزدە . . .

88

تېما

0

دوست

9237

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1621
تۆھپە : 1893
توردىكى ۋاقتى: 2953
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 15:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 دوكتۇر زۇلپىقار بارات بىلەن سۆھبەت



 زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

داۋامى



جەمئىيەتشۇناسلىق نېمىشقا شۇنچىلىك مۇھىم

   
   ئەلسۆيەر: سىز نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئۆرلەپ ئوقۇشنى ئويلاپ قالغانىدىڭىز؟ ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار دەپ قارايسىز؟
   ئۆزباش: بىرىنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتىكى، جەمئىيەتشۇناسلىق جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ يەنە ئۆز رېئاللىقىنى خاتا تونۇۋالغانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە جەمئىيەتنى چۇڭقۇر تونۇشىغا ياردەم بېرىدىغان پەن. ياشاش جەريانىدا بىزنىڭ جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىۋالغان نۇرغۇن خاتا قاراشلىرىمىز بار. جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنىڭ ئاشۇ دوگما قاراشلىرىمىزغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق يەنە بىزگە چۇڭقۇر تەنقىدىي تەپەككۇر ئاتا قىلىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر جەمئىيەتشۇناسلىق مائارىپىدىكى مۇھىم ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ بىرى. ئامېرىكىنىڭ باكلاۋېرلىق ۋە ئاسپىرانتلىق مائارىپىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق تەلەپ بار. پىكىرنى سۇبىيكتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا،  تەپەككۇر ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى سۈمۈرشچان تەپەككۇر. بۇ خىل تەپەككۇر شەكلىگە كۆنگەن كىشى نېمە ئاڭلىسا ياكى كۆرسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر شەكلى بىزنى پىكىر ئاغمىچىلىقىغا، ھېسىياتچانلىققا، دوگما تونۇشلارغا باشلايدۇ ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىتىدۇ. يەنە بىرى، تەنقىدىي تەپەككۇر شەكلى. تەنقىدىي تەپەككۇرغا كۆنگەن كىشى ئۆزى يولۇققان پىكىرلەرگە تەنقىدىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، پىكىرنىڭ قولى بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. لېكىن تەنقىدىي تەپەككۇرغا كۆنۈش دېگەنلىك باشقىلارنىڭكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۈچۈنچىدىن، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنى نەزەرىيەۋى تەپەككۇر يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرىدۇ. ئانالىتىك تەپەككۇرنى قانداق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ھالبۇكى، ئانالىتىك تەپەككۇر قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىشتىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ.
    فېرىدىرخ ئېنگىلىس «ھەرقانداق بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، ئۇ چوقۇم نەزىرىيەۋى تەپەككۇردىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىقى كېرەك» دېگەنىدى. مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشكۇر مۇھەممەتىمىن بولسا «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابىدا نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ بىر مىللەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى. ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلۇغ بوۋىمىز ئەبۇ نەسىر ئەل فارابى «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»، «سىياسىي پەلسەپە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنىڭ يېگانە ئۈلگىسىنى ياراتقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ فارابىنىڭ چۇڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەمما، يۈسۈپ خاس ھاجىپ دەۋرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئىدىيە تارىخىدا دىداكتىكىچىلىق ئەۋج ئېلىپ، فارابى ئۇلىنى سالغان ئانالىتىك تەپەككۇر ئەندىزىسى ئۈزۈلۈپ قالدى.
   ئانالىتىك تەپەككۇر چۇڭقۇر نەزەرىيە مۇھاكىمىنى ئاساس قىلىدىغان سوغۇققان تەپەككۇر شەكلى. ئۇ ئوبرازلىق تەپەككۇرغا ئوخشىمايدۇ. ئالايلۇق، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋايى، مەشرەپ قاتارلىقلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇرلاردا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىنكى 10 ئەسىر جەريانىدا ئوبرازلىق تەپەككۇر شەكلى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نۇرغۇن ياخشى ئەدەبىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 10 – ئەسىردىن بۇرۇن ئەرەبلەرگە ۋە غەرب پەلسەپىسىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك چوڭقۇر پەلسەپە سىستېىمىسى ياراتقان فارابىدەك بۈيۈك مۇتەپپەككۇرى بار ئۇيغۇرلاردا ئانالىتىك تەپەككۇر شەكلى كەينىدە قالدى.
   مەن ئامېرىكىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا شۇنداق بىر تەسىراتقا كەلدىمكى، بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيەۋى تەپەككۇرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باشقا زامانىۋىي ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن بىر قاتاردا جەمئىيەتشۇناسلىققىمۇ مۇراجەت قىلىش كېرەك ئىكەن. مەن ئىجتىمائىي پەندىكى ھەر بىر خىل نەزەرىيەۋى مودىلنى بىر قورالغا ئوخشىتىمەن. بۇنى مۇنداق مىسال بىلەن ئىپادىلىسەم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز دوختۇرخانىغا بارساق مېڭىمىزنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن «مېڭە تەكشۈرۈش ئەسۋابى» غا چۈشىمىز، يۈرىكىمىزنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن «يۈرەك تەكشۈرتۈش ئەسۋابى» غا، قورسىقىمىزنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن «ئىچكى ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى» غا چۈشىمىز. لېكىن يۈرەكنى «ئىچكى ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى» غا سالمايمىز. مېڭىنى باشقا ئەسۋابلارغا سالساق تېخىمۇ بولمايدۇ. بىر خىل نەزەرىيەمۇ ئەنە شۇنداق بىر خىل ئۈسكىنىگە ئوخشايدۇ. بىز نەزەرىيەدىن ئىبارەت قورالدىن توغرا پايدىلىنالىساق، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك مەسلىلەرگە توغرا دىئاگنوز قويالايمىز. ئوخشىمىغان نەزەرىيەلەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا نەزەرىيەۋى تەپەككۇرىمىز ئاشىدۇ. نەزەرىيەۋى تەپەككۇر مەسلىلەرنى دەل، ئەينەن ئانالىز قىلىشىمىزغا چۇڭقۇر ياردەم بېرىدۇ. بۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق بىزگە ئۆگىتىدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
    جەمئىيەتشۇناسلىق پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان پەن. بىراق ۋاقتى كەلگەندە پەلسەپىمۇ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسى پەيدا قىلغان جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى چۇڭقۇر ئانالىز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. مەسلەن، زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات، شەھەرلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىيەت كىرزىسلىرى قاتارلىق مەسلىلەرگە جەمئىيەتشۇناسلىق جاۋاب بېرىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا جەمئىيەتشۇناسلىق زامانىۋيىلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تەتقىلىق قىلىدىغان پەن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەپسۇسكى، جەمئىيەتشۇناسلىق پۈتكۈل شەرققە نىسبەتەن يېڭى بىر ساھە. جۇڭگودا 1989 – يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتىېتى قۇرۇلغان. جەمئىيەتشۇناسلىق پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىققا ئوخشاشلا زامانىۋىي پەن قاتارىغا كىرىدۇ. سەگەك ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈدىغان سوئاللاردىن «شاكال مەدەنىيەت قانداق پەيدا بولىدۇ ۋە قانداق ئومۇملىشىدۇ؟ مەدەنىيلىشىش دېگەن نېمە؟ غەربتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ نېمىنى ئۆگەنمەيمىز؟ ئەنئەنە بىلەن زامانىۋيىلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ يەرشارىلىشىش دېگەن نېمە؟ يەرشارىلىشىش تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ قاتارلىقلارغا جەمئىيەتشۇناسلىق پېنى جاۋاب بېرىدۇ.


   ئەلسۆيەر: 2011 – يىلى ئۆكتەبىردە سىزنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابىڭىز نەشر قىلىندى. بۇ كىتابىڭىزنى سىزنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىڭىزدىن كېيىن خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر كاتتا سوۋغىڭىز دېيىشكە بولىدۇ. قىسقىسى بۇ كىتابىڭىز ئۇيغۇرچە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت كىتابلارنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇردى. سىزچە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق ياردەملەرنى بېرىدۇ؟
   ئۆزباش: ئۇيغۇرلار تارىختا ئېسىل ئەنئەنىلەرنى ياراتقان، ئەقىل – پاراسەتلىك مىللەت. كوللىكتىپ ئەقىل – پاراسىتىمىزنىڭ مەھسۇلى بولغان نۇرغۇن تۆھپە – نەتىجىلىرىمىز بار. ئەمما بىر مىللەتنىڭ كوللىكتىپ ئەقىل – پاراسىتىدىن پەيدا بولغان ياخشى نەرسىلىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شۇنىڭدىن پەيدا بولىدىغان كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىمۇ ۋە ئەخلەتلىرىمۇ بولىدۇ. بۇنى كوللىكتىپ ئەخلەت دەيمىز. بۇلارنى تازلاش ئەدەبىيات، پەلسەپە ياكى فىزىكا – خىمىيەنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇ جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ۋەزىپىسى. بىز بىر ئۆينى پاكىزلاپ، زىننەتلەش ئۈچۈن ئۇ ئۆيدىكى ئەخلەتلەرنى يۆتكىۋېتىشىمىز كېرەك. ئۆيىمىزدە ئەخلەت پەيدا بولغىنىدەك تەپەككۇرىمىزدىمۇ ئەخلەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەخلەتلەرگە دېئاگىنوز قويىدىغان قورال سوتسولوگىيەلىك مېتوتلاردۇر. جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ.      
   مەرھۇم تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئاكا 1994 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «تىلشۇناسلىق ساھەسىدە قۇربان بېرىشنى خالايدىغان ياشلىرىمىز بولۇشى كېرەك» دېگەنىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىمۇ مۇشۇ خىل قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ياشلارنىڭ بولۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ. بىزدە ئەدەبىياتچىلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. مەن ئوشۇقچە ئادەملەرنىڭ ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىۋېلىشىنى خالىمايمەن. ھەر يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى ئېلىنغاندا، ئەدەبىيات كەسپىدىن ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلار باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ھەسسىلەپ كۆپ بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىياتتا تالانتى بولسۇن بولمىسۇن، قىزىقسۇن – قىزىقمىسۇن مۇشۇ ساھەگە سىغدىلىپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەھۋال ئەمەس. بىزدە ھەرقايسى پەنلەردە  ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغان ياشلار كۆپرەك چىقىشى كېرەك.
    ئىجتىمائىي  پەن ساھەسىدىكى بىلىم ئىگىلىرى ئۆزىگە خاس قاراش تىكلەش ئۈچۈن غەربنىڭ بىلىش تارىخىنى قېتېرقىنىپ ئۆگىنىشى زۆرۈر. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بىزدە تۇرغۇنلۇق نىسبەتەن كۆپ. ئېچىلمىغان بوز ساھەلەرمۇ بەك كۆپ. بىزدە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك، بىزدە «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپلەرنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى»، «زورو ئاستېر شۇنداق دەيدۇ»، «قەلبلوگىيە» قاتارلىق كىتابلار تەرجىمە قىلىندى، بىراق تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئېسىل چەتئەل ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنمىدى. ھەتتا بىزدە غەرب پەلسەپىسىنىڭ  ئۇلىنى سالغان ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ى، ئارسىتوتىلنىڭ « ئەخلاق پەلسەپەسى»، كانتنىڭ «نۇقۇل ئەقىلگە تەنقىد» ى قاتارلىق كىتابلار ئۇيغۇرچىغا تېخى تەرجىمە قىلىنمىدى. ھەتتا بوۋىمىز فارابىنىڭ ئەسەرلىرىمۇ تېخى تولۇق نەشر قىلىنىپ بولۇنمىدى.
   شەھەر ئۇيغۇرلىرى ھازىر زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تېپىشماقلارغا دۇچ كېلىشىمىز تەبىئىي، بۇنىڭغا ئەدەبىيات ياكى باشقا ئىلىملەر جاۋاب بېرەلمەيدۇ. مەن «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابىمدا جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ 200 يىللىق ئىلمىي تارىخىنى ئاممىباب يېزىشقا تىرىشتىم. ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابتىن «زامانىۋىيلىشىش دېگەن نېمە؟ مەدەنىيلىشىش دېگەن نېمە؟ تونۇش بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ شەھەرلىشىش قانداق روھىي كىرزىسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ كاپىتال دېگەن نېمە؟ ئىجتىمائىيلىشىش دېگەن نېمە؟» قاتارلىق سوئاللارغا جاۋاب تاپالايدۇ.

   
ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش داۋانلىرىدا

   
   ئەلسۆيەر: ئاڭلىسام، ھازىر سىز ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمىي ئەزاسى، ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى ئىكەنسىز. ھەر يىلى دېگۈدەك ئامېرىكىدا خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىدىكەنسىز. ئەلۋەتتە ھازىرقىدەك ئورۇنغا چىقىشىڭىز ئاسانغا توختىمىغان دەپ ئويلايمەن. خۇش، ئۇنداقتا سىز ئامېرىكىغا چىقىشنىڭ ئالدىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان ئىدىڭىز، بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭىز؟ ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭىز؟ بۇ قىيىنچلىقلارنى يېڭىش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئامېرىكىدا ئوقۇش جەرياندا ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللىي كىملىكىڭىز بىلەن جەمئىيەتشۇناستىن ئىبارەت ئىجتىمائىي كىملىكىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇش كۆرۈلدىمۇ؟ ئەگەر كۆرۈلگەن بولسا، بۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟
   ئۆزباش: ئارزۇ ئادەمنى ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ، تەبىئىي ئىنىتلىشتىن پەيدا بولغان ھەرىكەت ئادەمنى يېڭى ئارزۇغا يېتەكلەيدۇ، بۇ بىر بالانىسلىق جەريان. بۇ جەرياندا بىزنى يېڭى قىيىنچىلىقلار ۋە يېڭىچە مەنزىللەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن ئىنگىلىز تىلىنى چەتئەلگە چىقىمەن دەپ ئۆگەنگەن ئەمەس، جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنى ئۆگىنىمەن دەپمۇ ئۆگەنگەن ئەمەس. ئىنگىلىز تىلى دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار مەندىن نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. مەن ئۇ سوئاللارغا جاۋاب بەردىميۇ، لېكىن ئۆزۈمنىڭ بەزى جاۋابلىرىدىن قانائەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەندىم، كېيىن بۇنىڭ جاۋابلىرى جەمئىيەتشۇناسلىقتىن تېپىلدى. جەمئىيەتشۇناسلىق دېگەن پەننىڭ بارلىقىنى 2005 - يىلى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق پەننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتىم. مەن ئۇ جەرياندا چەتئەلگە چىقىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمىگەن. ئۇ چاغلاردا دەرس ئۈتۈشۈمنى كۈتۈۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىم بار ئىدى. ئۇلارنى تەربىيلەشمۇ مەن ئۈچۈن شەرەپلىك خىزمەت ئىدى. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاشلاشنىمۇ خالىمايتتىم. 2006- يىلى مەندە چەتئەل ئونىۋىرسىتلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ بېقىش ئارزۇسى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلىزتىلىدىن ئايىلتىس ئىمتىھانىنى بەردىم. ئەڭ ئاۋۋال ئەنگىلىيەگە ئۆز پۇلۇم بىلەن ئوقۇش توغۇرلۇق ئىلتىماس ئەۋەتتىم. 2006- يىلىنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ئونىۋىرسىتىتلىرىدىن نوتتىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چاقىرىق كەلدى. لېكىن ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشۇمغا توغرا كېلەتتى. بۇ ئوقۇشنىڭ تەييارلىقىنىمۇ پۈتكۈزدۈم. شۇ ئارلىقتا مەن خەلقئارالىق فورت ئوقۇش مۇكاپاتى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم. فورت مۇكاپاتى خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، ھىندىستان، جۇڭگۇ، مىسىر قاتارلىق تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چەتئەلدە ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاز ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، فورت مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. 2007 - يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئامېرىكىغا قاراپ ماڭدىم. بۇنىڭ بىلەن، ئۆز كەسپىمدىن خىزمىتىمدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. 2009 - يىلى 12 - ئايدا جەمئىيەتشۇناسلىقتا ئاسپىرانتىلىقنى تاماملىدىم. 2009 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا شەرق – غەرب تەتقىقات مەركىزى (ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارمىقى بار) ماڭا تۇلۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەردى.
   پۇرسەت ـ ئىزدىنىش ۋە يارتىشنىڭ بىرلىكى. پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت يارتىشىمىز، ئىزدىشىمىز ھەم ئىزدىنىشىمىزنى كۈتىدۇ.
   «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى» ناملىق كىتابىمدا تىلغا ئالغىنىمدەك ئامېرىكىغا بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەندە مەدەنىيەت ئەندىكىشى بولدى، مۇرەككەپ ۋە غەلىتە ھېسىياتلاردا بولدۇم، نۇرغۇن نەرسىلەرگە ھەيران قالدىم. مەسلەن، چىرايلىق قىزلارنىڭ ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرۇۋېتىپ ئىتلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈشلىرىنى كۆرۈپ قۇبۇل قىلالمىدىم. ئۇ يەردە كوللىكتىپ ئاشخانىدا ئۆزىمىز تاماق ئىتىپ يەيدىكەنمىز، بۇ تاماقلاردا ھەرخىل خۇرىچ ۋە پۇراقلار بولىدىكەن. دەسلەپتە بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۈچ - تۆت ئاي نۇرغۇن نەرسىلەرگە كۆنەلمىدىم. تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمگە قالدى. ھاۋايدا ئۆزلىكىم قايتىدىن لاھىيەلەندى. يېڭى تەرەقىياتلار ۋە چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم، لېكىن بۇرۇنقى ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم.
   ئامېرىكىدا ئانا تىلى ئىنگىلىزتىلى بولغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن بەسلىشىپ ئوقۇش ئاسان ئەمەس. ئۆزىمىز ئوقۇغان ساھەدە يېڭى بىر ئوقۇمنى ئوتتۇرغا قويمىساق مەكتەپتىن بىزگە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىنى بەرمەيدۇ. ئادەتتە 100 ئادەم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇسا، 30 ى ئوقۇش پۈتكۈزەلمەي قايتىپ كېلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش مېنى جىق قىينىدى، چۈنكى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائى پەندىكى ئەڭ تەس كەسىپلەرنىڭ بىرى. ماڭا تەس كەلگىنى ئۆزۈمنىڭ كەسپى بولغان جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى، خاس نەزىيەۋى سىستېمىلىرى ۋە خاس مىتودولوگىيەسىنى چۈشىنىش بولدى. مىتودولوگىيەسىنى ئۇقمىسام، نەزىرىيەۋى سىستېمىسىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنەلمەيتتىم. شۇڭا 2008 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە بولغان ۋاقتىم چوڭقۇر ئازاب، قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ ئىچىدە ئۆتتى. لېكىن مەن ئەڭ ئاخىرىدا قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلدىم. ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىمنى ئۆگىنىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزدىم. ھارماي ئۆگىنىش نەتىجىسدە، ماگىستىرلىق دىسسىرتاتسىيە ماقالەمنى سۈپەتلىك پۈتكۈزەلىدىم.
   بىر ئاسپرانىت ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىپ، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن مەكتەپ بىزدىن سالاھىيەت ئىمتىھانى ئالىدۇ. بۇنىڭدا بىز ئۆزىمىز ئوقۇغان كەسىپتىن ئىككى پارچە ئىنگىلىزچە ماقالە يېزىشىمىز لازىم. ئۇنى بەش پروفېسسور بىر ھەپتىدە كۆرۈپ چىقىپ، باھا يازىدۇ، ئۆتەلمەي قالساق يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىدۇ. ئىككىنچى قېتىم ئۆتەلمىسەك دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسىدىن چېكىنىمىز. مەن ئۇنىڭدىن 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆتتۈم. ئونىۋىرسال سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى باسقۇچىدا، دوكتۇرلۇق پىروگىراممىسى دائىرىسىدە ئۆزىمىز قىزىققان كەسىپتىن ئىككىنى تالايمىز. مەسلەن، جەمئىيەتشۇناسلىقتا 30 دىن 40 قىچە تارماق پەنلەر بار. مەسلەن، ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى، مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقى، تارىخ جەمئىيەتشۇناسلىقى دېگەندەك. مەكتەپ بىزدىن يۇقىرقى كەسپلەر  ئارىسىدىن ئىككىسىنى تاللاپ شۇ كەسپنىڭ ئەھلى بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن شەھەر جەمئىيەتشۇناسلىقى بىلەن مەدەنىيەت جەمئىيەتشۇناسلىقىنى تاللاپ، بۇلارنى چوڭقۇرلاپ ئۆگەندىم. بۇ كەسپلەرنى ئۆگىنىشنىڭ تەلىپى شۇكى، ئاۋۋال مەزكۇر ساھەدىكى ئاتاقلىق مۇتەپپەككۇرلار بىلەن تونىشىمىز، ئاندىن شۇ ساھەگە دائىر نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى ئوقۇيمىز. كېيىن شۇ ساھەگە دائىر 60 تىن 100 گىچە بولغان ئەڭ داڭلىق ئەسەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ پىروفىسسورلىرىمىزغا ئەۋەتىمىز، ئۇلار تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاشۇ ئەسەرلەرنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ بولىمىز. بىر يىلدىن كېيىن شۇ كىتابلارنىڭ مەزمۇنى دائىرىسىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئىمتىھاننىڭ سالمىقىمۇ خېلىلا ئېغىر بولىدۇ، يەنى دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە بېرىپ ئالتە سوئالنى قولىمىزغا ئالىمىز – دە، بۇنىڭ ئىچىدىن تۆتنى تاللايمىز، كېلەر ھەپتە دۈشەنبە كۈنىگىچە يەتتە كۈن ئىچىدە، شۇ سوئال دائىرىسىدە تۆت پارچە ئىنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ كېلىمىز. ئۇنىۋېرسال ئىمتىھان باسقۇچىدىن 2011- يىلى ئۆتتۈم.
   دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەنىڭ تەتقىقات پىلانى تۈزۈش باسقۇچىدا، مەن «كوللىكتىپ رىشتە ۋە جامائەتچىلىك» دېگەن تېما ئۈستىدە ئىزدەندىم. بۇ جەرياندا «بەدەن، مودا ۋە كىملىك»، «بۇلغانغان كىملىك»، «بىز قانداق چاكىنلىشىمىز» قاتارلىق بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى يازدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىملىك ۋە كوللىكتىپ جامائەتچىلىككە دائىر ماقالىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، 2013 – يىلى 11 – مايدا ئوقۇشىنى تاملاپ، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم.

   
«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» نى نېمە ئۈچۈن يازدىم؟

   
   ئەلسۆيەر: 2011 – يىلى ئاپېرىلدا سىزنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» ناملىق كىتابىڭىز نەشردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى ئىنكاس قوزغىدى، بولۇپمۇ ئىلىمخۇمار، ئىزدىنىشچان ياشلار ئارىسىدا قايتىدىن كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. سىزنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىڭىزغا نېمە تۈرتكە بولغان، بۇ كىتاب بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسى قانداق بولدى؟
   ئۆزباش: بۇ كىتاب 2007 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە بولغان ئىككى يىللىق ماگىستېرلىق ئوقۇش جەريانىمدىكى ھېس – تۇيغۇلۇرىمنىڭ مەھسۇلى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا قەلبىمدە تالاي قېتىملاپ غەليانلار كۆتۈرۈلدى. مەن ئۇلارنى يېزىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى يېزىقچىلىق ھۆرلۈكنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، بىز يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى بايقايمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن، ھۆر ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۇڭقۇر تونۇپ يېتىمىز. يېزىقچىلىق بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ئادەملىكىمىزنى تونۇتىدۇ. يەنە كېلىپ يېزىقچىلىق سالماقلىق بىلەن ئويلىنىش جەريانى. مەن بۇ كىتاب ئارقىلىق قەلبىمدىكى ھۆرلۈكۈمنى ئىپادىلىدىم.
   بۇ كىتابنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغان يەنە بىر سەۋەب شۇكى، مەن بۇرۇندىن ئۆزۈمنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا قەرزداردەك ھېس قىلىپ كەلدىم. 2001 – يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئىزدىنىش سەپىرىمدە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ سوئاللىرى، مەدەتلىرى ۋە ئۈمىد – ئىشەنچلىرى ۋۇجۇدۇمدا تالاي قېتىملاپ قايناق ئىلھاملارنى ھەم يېڭى ئىستەكلەرنى پەيدا قىلغانىدى. ئەسلى بىلسەم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى يېڭى ئۆزلۈكىمنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىدا مېنى غېرىبلىق خېلىلا ئەزدى. غېرىبلىق ۋە تەنھالىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى مەن ئۈچۈن يېزىقچىلىق ۋە كىتاب ئوقۇش ئىدى. يېزىقچىلىق مېنى غېرىبلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چىن ئۆزلۈكىمنى چۇڭقۇرلاپ تونۇشۇمغا ياردەم بەردى. مېنى يېڭى ئىلھاملارغا ئىگە قىلدى. ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش ۋە دەرس ئۆتۈش داۋامىدا ئويلىغان نۇرغۇن تېمىلىرىم ۋە سوئاللىرىم بار ئىدى. ئىككى يىللىق ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇم جەريانىدا ئاشۇ نۇقتىلارنى قايتىدىن رەتلەپ كىتابىمغا كىرگۈزدۈم. بۇ مەزمۇنلار «ياشلىرىمىز بىلەن سۆزلىشىش»، «قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى» قاتارلىق بابلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ۋاھالەنكى، بۇ كىتاب پەقەت مېنىڭ ئىككى يىللىق ھېس - تۇيغۇلىرىمنىڭ مەھسۇلى. بۇ كىتابقا 2009 – يىلىدىن 2013 – يىلىغىچە بولغان تۆت يىللىق دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇم جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم كىرگۈزۈلمىگەن. كېيىن پۇرسەت بولسا، ئۇلارنىمۇ يېزىپ چىقىمەن.
   
  

    داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ .
مەزكورسۆھبەت ياكى زۇلپىقار مۇئەللىم توغۇرلۇق تەكلىپ سوئاللار بولسا تورداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ تېمىدا ئېلىپ بارساق بولىدۇ .
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

0

تېما

0

دوست

87

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25342
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 17:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagdax يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 15:36
 دوكتۇر زۇلپىقار بارات بىلەن سۆھبەت

ئوقۇغانچە كۆپ نەرسىنى بىلگىلى، خىلى بىلىملىك بولۇپ قالىدىكەن كىشى. ھەقىقەتەن ياخشى سۆھبەت بوپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )