قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2083|ئىنكاس: 20

ئۇيغۇرلارغا مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 19:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                بىزگە مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار كېرەك!

                                          

                                          داۋۇت ئوبۇلقاسىم



             يالقۇن روزىنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»نىڭ 1996 − يىلى 12 − ئاينىڭ 17 − كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «مەمتىلى ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدىكى«مۇنداق بىر ئۇلۇغ مائارىپچىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك شېئىرلىرى ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش − پائالىيەتلىرى مىللىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلسە ئەجدادلار ئۈچۈنمۇ، ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ خاسىيەتلىك ئىش بولاتتى… ئۇنىڭ سۈرىتى ۋە شېئىرى قوشۇپ ئىشلەنگەن تام رەسىمىنى نەشر قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزنىڭ سىنىپ، ئىشخانىلىرىغا ئېسىپ قويساق بالىلارغا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى» دېگەن مۇراجىئىتى بىر تەقەززالىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغانىدى. بۇ خىل تۇيغۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ شىنجاڭ مەدەنىيىتى 1997 − يىللىق 1 − سانىدا بېسىلغان «شائىر ۋە پەيغەمبەر» ناملىق بۇ ماقالە پەيدا قىلغان مۇجمەللىكنى ئەقىلنىڭ سوتىغا تاپشۇردى. بىزگە زادى قانداق ئادەملەر كېرەك؟
         بالىلارنىڭ تۈگىمەس ئويۇنلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. سەن ئاپا بول، مەن دادا بولاي. ئۇ بالام بولسۇن، ئۆي تۇتۇپ  ئوينايلى. سەن دۈشمەن بول، مەن ھەربى بولاي. ئېتىشپ ئوينايلى…پاڭ، پاڭ…ئۆلمەمسەن؟…چوڭلار نېمىشقا مۇشۇنداق خىيالىغا كەلگەنلىكى ئويۇنلارنى تېپىپ ئىشقىلىپ ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟ مۆرەيدىغان كالا بارمۇ؟ دەپ ۋاقىراپ ئۆز ئويۇنلىرىنى ھېچقانداق توسالغۇسىزلا باشلىيالمايدىغاندۇ؟
چۈنكى، چوڭلار تۇيغۇدا نېمە بولسا شۇنى قىلىشتىن تۇيغۇنى باھالاپ ئىش قىلىش مۇقامىغا يەتكەن. شۇ تاپتا ھېسسىيات، تۇيغۇ دەيدىغان ئوقۇملار گادىرماچ پېتى كاللامدا تۇرۇپتۇ. بۇ يەردە ئۇنى ئايرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بولسا كېرەك. چۈنكى دىمەكچى بولغۇنۇم ھازىرقى نەزىرىمدىكى شائىر ئاشۇ بالىلارغا ئوخشايتى. راست، پەيغەمبەرنىڭ روھى جەھەتتىن يۆلەنگىدەك خۇداسى بولغان بىلەن شائىرىنىڭ ئۆز تۇيغۇسىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق. بىراق مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ تېخىمۇ بۈيۈكمۇ؟
         نېمە دېسەم بولار. بەلكىم ئاندىرسوننىڭ «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دىگەن چۆچىگىدىكى ھىلىقى بالا مۇشۇنچىلىك تاتلىقتۇ. ئەمما - تاماق ئېتىش ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاياللار قىلىۋاتقان ئىش. قىزىق يىرى ئاياللاردىن چوڭ ئاشپەز چىقمايدۇ. ئاشپەزنىڭ ئۇستىسى يەنىلا ئەرلەر. بۇ ئاياللارنىڭ دۆتلىكى ئەمەس بەلكى ئاياللار ئەرلەردەك بارلىق ھېسسىياتتىن خالىي ھالدا بىر نېمىگە ھۆجۈم قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ھامىنى ئەرلەردەك ئىش قولاشتۇرالمايدۇ.
         ياق مەن قولاشتۇراي.«پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى»دىكى بالىنىڭ ئوماقلىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇراي.ھەر ئىش ئۆز يول- يوسۇنى بىلەن بولسۇن.بۇ بىر مۇقاممۇ ياكى مۇشۇنداق بىر ئالەمگە تۆرىلىپ قالغانلىقتىن بولىدىغان ئۆزىنى ئۆزى بوغۇشمۇ؟... ئەسلىدىم. نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلىدىم. يوھان كىرستوفنىڭ دوستىنىڭ ئايالىنى ئاشنا ئوينىغانلىقىنى ئەسلىدىم. قايىسىدۇر شائىرىنىڭ بىراۋنىڭ چىرايلىق خوتۇنىنى ئارقىغا سىلىۋالغانلىقىدىن ئەر بولغۇچىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە باغلاپ پارتىلاپ ئۆلىۋالغانلىقىنى ئەسلىدىم. توغرا شېئىر دېگەن قارىسى سىيا ئېقى قەغەز بىلەن مۇزىكىلىق يالغۇنلۇق قىلىپلا يېزىلغان نەرسىمىدى؟ ياق خەت، سۆز، مۇزىكا دېگەن ۋاسىتىغۇ. ئۇنداقتا چوقۇمكى ئىساننىڭ يۇرۇش-تۇرىشى، ھاياتى، ھەر كەلمىشلەردىكى ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىسى  شېئىر. ئەمما بىز ئەجىبا قىززىقچىلىقتىكى يۇرۇش - تۇرۇشلارنىڭ قىززىقچىلىغىغا ياكى مەسئولىيەت سەزگۈسى يوق ئادەملەرگە ئامراقمۇ؟ …
          شۇنداق ئويلايتىم. ئەدناسى ئاتالمىش بۈيۈك شېئىرلارنى يازغانلارنىڭ قولىغا كەتمەننى تۇتقۇزۇپ ئىتىزغا ئۈچ تۆت كۈن چىقىپ باقە دىگىلى بولارمۇ؟ ئاز − تولا پۇلنى قولىغا بىرىپ بىر سىۋەت ئالما سېتىپ باق دېگىلى بولارمۇ، ئۇلاردا قايسىدۇ بىر سودىنى قىلغۇدەك تەۋەككۈلچىلىك چىدام بارمىدۇ؟ قىزىق يېرى مەن ئۇلاردىن مۇشۇنداق گۇمانلارنى قىلىمەنكەنۇ، ئەمما يەنە ئۇلارنى شېئىر يازالايدۇ دەپ ئىشىنىدىكەنمەن. شېئىر بىر روھ بولىدىغان بولسا بۈيۈك بىر سەلتەنەتنىڭ ئۆرە بولىشى بولىدىغان بولسا، مۇنداق چوڭ ئىشنى قاملاشتۇرغان ئادەمگە كىرەك بولىدىغان پەزىلەت. ساپا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن تۇرىدىغان ئىشنى قاملاشتۇرىدىغانغا ئەجەب يەتمەيدىكىنە؟
شېئىر. شېئىر ئەمدى بىلدىم. كۆز ئالدىمغا مەسچىتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئولتۇرۇپ، «ئەلھەمدۇلىللا» دەپ زىكرى قىلىۋاتقان نىمجان بوۋايلار كەلدى. ھەقىقىي نەرسىنى، دورىۋالغان، ئادەت قىلىۋالغان، مەجھۇل قىلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى مۇستەقىل قىلغان قىلىقلاردىن ئىزدەش كېرەك. مەن مۇشۇنداق كۆز بىلەن ئۇلارغا نەزەر سېلىپ نېمە دېيىشنى بىلمەي قالغانىدىم. ئايان بولدىكى، شېئىر ھازىر بىز چۈشىنىۋاتقاندەك بولىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ بىر شېئىركەن توغرا شېئىرغا شائىرلار سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ يازغان بولسا، ئۇلار ئۆز قەدەملىرى بىلەن، چىرايلىرى بىلەن، كىيىم − كىچەكلىرى بىلەن مىڭىش تۇرۇشلىرى بىلەن يېزىپتۇ. بۇرۇن ئۇلارغا مەسچىتكە جەننەتنىڭ تەمەسىدا، دوزاقنىڭ قورقۇنچىدا ۋە ياكى ئادەت كۈچى بىلەن كىرىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. بىلسەم بۇ ئاشۇ شېئىرنىڭ بىر مىسراسىكەن. راسكەن شائىر ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئاپتورى خاتالاشماپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن خۇداسى يوقكەن. شۇڭا ئابدۇقادىر داموللامنى پاتقۇزماپتۇ. شۇڭا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئالايىتەن ئېشەكلىك ئۈرۈمچىگە بېرىپ شىڭشىسەيگە چېقىپتۇ. شۇڭا بىر يۇرتنىڭ ئالىي ئەھلى ئىلىملىرى بولغان موللا ئاخۇنلار قورال تۇتۇپ سالاچىلىق قىلىپ تۆمۈر خەلپىنى ياڭ زىڭشىڭغا سولاپ بېرىپتۇ. شۇڭا نەچچەلەك نەچچەلەك ئادەم قەدەمدە بىر پۇتلىشىپ تۇرىۋاتقان ياخشىلىق ۋە زۆرۈرىيەتلەرنى ھەقلەرنى كۆرمەي جەننەتنىڭ پاسپورتىنى سىتىۋىلىش ئۈچۈن خۇداغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ئاتالمىش ھەجگە كېتىۋېتىپتۇ. ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەج قىلىۋېتىپتۇ. شېئىر يېزىش ئۈچۈن شېئىر يېزىۋېتىپتۇ. بىز ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق چىداملىقلىقىغا سۆيۈنىمىزمۇ؟
            مەن تۈگىمەس-پۈتمەس شېئىرلارنىڭ ئىچىدە قالدىم. راست، پاراس -پۇرۇس قىلىپ ئېتىلۋاتقان قەرت ئاۋازىنى رېتىم قىلىپ تۇرۇۋاتقان سورۇن نېمىشقا شېئىر ئەمەسكەن؟ 500 روھنى يىغىۋالغان بەدبۇي مەرىكە زالى نېمىشقا شېئىر ئەمەسكەن. ئەتتىگىنى قوپۇپ كەچتە ئۇخلاپ يۈرگەن تەپتىسىز روھ نېمىشقا شېئىر ئەمەسكەن. يالغۇز يەردە شۈمشۈيۈپ ئادەم بار يەردە گىدىيىشىپ يۈرگەن قىزلىرىمىزنىڭ ھاياتى نېمىشقا شېئىر ئەمەسكەن! بىزنىڭ بۇ شېئىرلارنى پەقەت سۆزلەر بىلەن قەغەز يۈزىدە ئىپادە قىلىپ بېرەلمىگەنلا يېرىمىز بارغۇ! ئەلە شەرىڭنى بىزدە شائىر دېگەن نېمىدېگەن تولا!
توۋا بىزدە ئاشۇنداق لامزەللە، بىكار تەلەت، گۇپپاڭچى، تۇتامسىز، گەپتان، سۆلەتۋاز، قۇرۇق ھەتتەم، غىتىمەك، يالاقچى، غورورسىز، پۇرسەتپەرەس، ئالاجوقا، ياسالما، بىلىمسىز، قوڭى بوشلار نېمىدېگەن تولا. پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۇلۇغ ئادەملەر نېمىدېگەن تولا! شۇنىڭغا بىز «ئالغا كەتكەن خەلق» بولۇپ يۈرۈپتىكەنمىز - دە؟ياق ئۇ شېئىر ئەمەس، ئۇ «شائىر ۋە پەيغەمبەرنىڭ» ئاپتورنىڭ نەزىرىدىكى شېئىر.
ئۇنداقتا شېئىر دېگەن قانداق بولىدۇ؟
         ئۆتكۈر ئەپەندى قاتارلىق پىشۋالىرىمىز، مەن شېئىر يازىدىغان ئادەم، دەپ تۇرۇۋېلىپ تارىخى تېمىلارنى تۇتمىغان بولسا ئابدىخالىق ئۇيغۇرى ئەكسىيەتچىلەرگە قوراللىق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي مەدەنىيلىك يولىغا ماڭماي ئۆز سودىسىنى قىلىپ سىڭگەن نېنىنى تىنچ يەپ، ئۇ بۇ تۇيغۇنى سۆزلەپ قويۇپ يۈرگەن بولسا قانداق بولغان بولغىيتى؟ ئاكا-ئۇكا موسا بايلار مەكتەپكە چىقارغان خىراجەتنى دەۋرداشلىرىنىڭ يوسىنىدا 10~20 يېتىمگە50~60 قازانلىق نەزىرگە ئاتىۋەتكەن بولسا قانداق بولار بولغىيتتى؟…  
شۇنداق شېئىر يوقاپ كەتسە جاھان ئاشۇنداق زۇلمەت بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا دۇنيادا ئىچىدىن چىققان ئوغلانلار بىلەن پەخىرلەنمەيدىغان ھېچ ئەل يوق.
※※※※※
               ئەسلى مىلادى 1 − ئەسىردە ئىنسانلار ئىسانلىقتىن ئىبارەت ھەممىگە ئورتاق بۇ كونكىرت ھەقىقىي ماھىيەتتە بىرلىككە كېلىشكە باشلىغانىدى. بىراق، تارىخى ئۇستۇنلۇكلەر قارشىسىدا ھەرقانداق ماددى مەنىۋى مەۋجتلۇقنىڭ پايدىسىز پايدىلىقلىغىغا قارىماي، ئىنسانلىقنى قۇتۇپ قىلىپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى  ئەقلى قاناەت ۋە قەلبتىكى كۇچنى يۇغۇرۇپ كىشىلەردە ۋىجدان بىلەن تۇتاشقان پىكىر پەيدا قىلالىغان بۇ بىرلىشىش بىلەن تەڭلا ئەخلاققا،يېڭى نوپۇزلارغا  بولغان قۇللۇق ئىنساننىڭ بوينىغا مىنىپ بارا - بارا ئۇنى دەپسەندە قىلغۇدەك زورىيىپ كەتتى. دىن ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئەبىدىلىگى بىلەن  بولۇۋاتقان كېڭىيىش كۈچىنى يوقاتتى. مىلادى 631 − يىلىغا كەلگەندە بۇ مۇقەددەس ئىش پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن قايتىدىن ھاياتىي كۈچىنى تاپتى. مىجەز جەھەتتىكى تاكاممۇللۇق مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىىسىدىكى مۆتىۋەرلىك ئورنىنى بەلگىلىدى. پۈتۈن ساھە مانا مۇشۇ ئەۋزەللىك بىلەن ھاياتى كۈچگە كەلدى. ئىللىقلىققا چۆمدى. پايدىلىق نەرسىلەرگە خەلق قۇچاق ئاشتى. 7- ئەسىردىن 9 - ئەسىرگىچە تەرجىمە پائالىيتى قانات يېيىپ گىرك مەدەنىيتىنى زور كۆلەمدە قوبۇل قىلىندى. ئىسلام ئىدىئولوگىيىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ۋە سىستېمىلاشتۇرۇلدى. بو سىستېمىغا لوگىكا شۇنچىلىك يۇغۇرۇلۇپ كەتتىكى، ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇنداق ئىلمىي ئېتىقاد نەزەرىيىسى بولۇپ ئاقمىغان ئىدى. ئىسلام ئەدلىيىسى بولسا گىئومېتىرىيىلىك، دەلىللەش، كېسىم قىلىش ئۇسۇلىنى تولىمۇ ۋايىدا قوللۇنۇپ مۇكەممەللىك ياراتتى. مۇشۇنداق زور مۇكەممەل ئىلمىي سىستېمىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، رېئاللىق، ھېسسىيات، ئەقىل، دىن، ئەدلىيە، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېنىق ئاجرىتىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر قىلىشىنى زور ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى. شۇنداق قىلىپ خرىستىئان دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ غالىپلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ دەۋران سۈرمىكى يوقىرىقىلارنىڭ تەتىجىسى بولۇپ پىشانىگە پۈتۈلدى. نۇرغۇن زېمىنلىرىنىلا ئەمەس، مۇقەددەس جايلىرىنىمۇ مۇسۇلمانلارغا تارتتۇرۇپ قويغان خىرستىيانلار غەزەپ بەپرەتكە كىلىپ 7-8  قېتىم ئەھلى سەلىپ تەشكىللەپ مۇسۇلمانلارغا جازا يۈرىشى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشلار ئۇنداق قىلىپ، مۇنداق قىلىپ يەنىلا پىشانىسىگە يېزىلغاندەك بولىۋەردى. ئۇلار ئاقىۋەت 12-ئەسىردىكى يىلنامە پىرى ۋىلاننىڭ «دۇنيا ئادىل بۆلۈنمەپتىكەن» ئۇنىڭدىكى ئۈچ بۆلەكنىڭ بىرى بولغان ئاسىيانى دىنىي دۈشمىنىمىز ۋەتەن قىلىپ ياتماقتا. ئاسىيا شۇنداق بىر بۆلەككى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇنى باشقا ئىككى بۆلەكنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ دېمىكى ھەقلىقتۇر. بۇرۇن بىزنىڭ دىنىمىزمۇ دەل جايىدىن چۆنەك تارتىپ كەپىتىكەن. ئىككەيلەندىن باشقا بارلىق ساھابىلەر ئاشۇ زېمىندا ئۆلۈپتۇ. ئەمما ھازىر ئاسىيادىكى بەزى جايلاردا خرىستىئانلار بار بولىدىغان بولسا ئۇلار يەرگە مەجبورى باغلىنىپ تىرىكچىلىك قىلماقتا. ئۆز دۈشمىنىگە باج تاپشۇرماقتا.  كۆڭلىدە ياردىمىمىزگە ئېرىشىشنى ئويلىسىمۇ يەنىلا غىڭ قىلالماي ياشىماقتا. دۇنيانىڭ ئىككنچى بۆلىگى ئافرىقىدىمۇ شۇنداق. دىنى دۈشمەنلىرىمىز ئۇرۇش بىلەن ئۇنى بىسىپ ياتقىنىغا 200 يىلىدىن ئاشتى. بۇ خرىستىئان دۇنياسىغا ناھايتى زور بىر ھاقارەت. چۈنكى ئافرىقا دىن پېشۋالىرىمىزغا ئاش نان بەرگەن جاي … ئۈچىنچى بۆلەك دۇنيادىكى قالدى قاتتى يەرلەر، يەنى ياۋرۇپا. بىز خرىستىئانلار ياۋرۇپانىڭ پەقەت بىر بۆلىكىدىلا ياشايمىز.مۇشۇمۇ خرستىيانلىقىمزدىن كەلگەن بىر ھىممەت.چۇنكى خىرستىيانلىقنىڭ شەرىپىنى كىممۇ ئىنكار قىلالىسۇن؟… دۇنيانىڭ بۇ بۆلىكى گەرچە بىزگە خاس بولسىمۇ، ئەمما ھازىرمۇ تۈرۈك چەۋەندازلارغا ئامالسىز خوش-خوش دەپ تۇرۇپتۇق.[1]     دەپ يازغىنىدا ئىپادىلەنگىنىدەك ئۈمۈدسىزلىككە، كەمسىنىشكە پاتتى.
          ئاچچىق ئەقىلنى كېسىپتۇ دېگەندەك خىرستىئانلار ۋەھشىلىشىش، غالجىرلىشىش بىلەن ئۇچىغا چىقىپ بىر چاغلاردا ئىسپانىيىدە پەيدا قىلغان قانلىق پاجىئەلەردىن يېنىپ چىقتى. مۇسۇلمانلانىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشۇتۇپ ۋەھشى قىلىۋېتىشتىن گۇمانلاندى. تەسەۋۇردىكى مۇسۇلمانلارنى ئەمەس ئەمىليەتتىكى مۇسۇلمانلارنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئىسلام دىنىغا بولغان غەزەپ نەپرەت ئۆز دىنىدىن گۇمانلىنىشقا ئۇرۇلدى. نۇرغۇن خرىستىئان ئىسلام دىننى قوبۇل قىلدى. نۇرغۇنى مەدەنىيەت جەھەتتە «مۇسۇلمان» بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر تەۋرەنمەس خرىستىئان مۇرىتى بولۇپ قىلىۋەردى. «باش ئېپىسكوپ رايموند تولۇدودا تەرجىمە ئىدارسى قۇردى. 1135- يىلىدىن 1284-يىلىغىچە بولغان 150 يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى بايلىقى ئىتالىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىندى»[2]   ئىسپانىيە بۇ جەھەتتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينىدى. نۇرغۇن خرىستىئانلار ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلار قۇرغان ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇدى. كوردىۋا قاتارلىق شەھەرلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋرۇپانىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.
ياۋۇرپالىقلار مۇشۇنداق قازاندا قايناپ ئاخىر ئىنساننىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يەتتى. پەلسەپىسىدىكى ئاجىزلىقنى تونۇدى. مەيلى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ سەركىسى دانتىنىڭ ئەسەرلىرىدە بولمىسۇن ۋە ياكى مەدەنىيىتى ئەرەب بولسىمۇ ئەمما خرىستىئانلىقىدىن تەۋرەنمىگەنلەرنىڭ ئىسپانىيىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىنقىلابىدا بولمىسۇن، ھەممىسىدە ئاشۇ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. ئىنساننىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى،شۇئاردىكى دەپسەندە بولىشىغا ئۆكتە غورۇر خاھىشى باش كۆتۈردى. بۇ بىر قەدەر قالاق دىندا تۇرۇپ ئىلغار دىنغا ئۆكتە قوپقاندا چېلىقىدىغان مۇقەرەر نەتىجە ئىدى.
              ئەمما ئەكسىچە دەل شۇ مەزگىللەردە مۇسۇلمانلار خرىستىئانلارنى پەسكۇيلۇققا چۈشۈرۈپ قويغان بويۇنتۇرۇققا چۈشتى. گەرچە ئىسلام فىقھى ئىلمى يۈكسەك لوگىكا ئۇسۇلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولسىمۇ بىراق، بۇ تەپەككۇر شەكلى فىقىي ئىلمىگىلا خاس بولۇپ قالدى. «جەمىھۇل تارىخ»نىڭ ئاپتورى راشىدىننىڭ (7421~8131) چىڭگىزخاننى ئاپەت ئاپەت دەپ تىللاپ تۇرۇپمۇ،ئۇنىڭ  ئاز ئەسكەر بىلەن كۆپ ئەسكەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنى خۇددى ئىسلام ئۆلىمالىرى بەدرى غازىتىنى شەرھىلىگەندەك «گەرچە چىڭگىزخان ياش، ئەسكىرى قوشۇنى ئاز بولسىمۇ ئەمما …ئاللاھ چىڭگىزخاننىڭ سەلتەنەتلىك بولىشىنى جاھانگىر بولىشىنى ئىرادە قىلغان.شۇنداق تۇرسا كىممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلىسۇن» دەپ شەرھىلىگىنىدەك پىكىر قىلىش مودا بولدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ پېشانىسىگە ناكەسلىك پۈتۈلۈشكە باشلىدى. دەل مانا مۇشۇنداق ھالەت يۈز ئاچقىلىۋاتقاندا بىز ئىسلاميەتنى قوبۇل قىلدۇق.
           تۈرۈكلەرنىڭ مەدەنىيىتى ساغلاملىقتا ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى قۇللۇق مىتىلىرىنى يىمىگەن بولۇپ، نەچچە مىڭ يىللىق تەبىئىيلىك، بىلەكلەرگە يىغقان كۈچ، روھقا يىغقان ساپ قۇۋۋەت ئىمان    ئىسلام ئۈچۈن ئاتلاندى. يېڭى قان بولۇش سۈپىتى بىلەن دەسلەپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچىدىكى كۆرەشكە قاتناشتى. تۈرۈك مەدەنىيىتى ئەزەلدىن بار ئەۋزەللىك ئىسلام روھى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئاجايىپ سازلىق پەيدا قىلدى. 11 − ئەسىردىن باشلاپ ئۇلار ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى. كىيىن ياۋرۇپا دولقۇنىغا جاۋاپ بولۇپ قىرلاندى. شۇنداق ياۋرۇپا بۇ تەبىئىي ئەۋزەل قان ئالدىدا يەنىلا ئاجىز كەلدى. ئىنسانپەرۋەرلىك روھى پەيدا قىلغان روھى كۈچتۈڭگۈرلۈك بەرىبىر تۈرۈكلەردىن ھالقىپ كىتەلمىدى. ئىچىكى قىسمىدا پاش قىلىش، نارازلىق، ۋايساش، ئېچىنىش چوڭقۇرلاشتى. بىراق، يولدا بۇزۇلغان ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ نېمىشقا شوپۇر ياساپ ماڭماپتۇ؟ مۇشۇنداقمۇ شوپۇلۇق بارمۇ؟ مەن نېمىدېگەن شور پېشانە دەپ يىغلاپ قاقشاپ يۈرگەن بىلەن، ماشىنا گۈررىدە ئوت ئېلىپ مېڭىپ كەتمەيدۇ − دە.
شۇنداق قىلىپ ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرى باشلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھى جەمئىيەت رەستىلىرىدە رەسمىي تارقىلىپ 200 يىلىغىچە قوزغالغان ماشىنا ئوت ئالغىچە تۇرىۋەردى. تالاي − تالاي پاش قىلىش، سۆكۈش، پائالىيەتلىرى بولدى. نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەر يىزىلدى. گۇمان بارغانسېرى ئۇلغۇيۇپ باردى. غەزەپ − نەپرەت تاشتى. ئاشۇ غەزەپلەر ئارقى چىقمايدىغان ئىنقىلابلارغىمۇ ئانچە مۇنچە سەۋەپ بولۇپ تۇردى. بەس! ئاخىرى بالاغەتلىك ئادەم چىقتى. ئۇلار دەسلەپ سىياسىى ھوقۇق بىلەن دىننىي ئايرىشنى رەسمىي تەشەببۇس قىلدى. كېيىن، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىدىيە ۋە مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. خەلىقنى تەربىيىلەيلى، مائارىپنى تۇتايلى، دەپ كېسىم قىلدى. ئىتالىيەدىن ۋىرگىرۋىس (1349-1420) بارزىززا (1370-1431) گورىند (1374-1460) گوللاندىيەدىن ۋىسىل (1420-1489 ئەنگىلىيىدىن لىلىي (1466-1529 كولىت (1467-1519) ئىراسموس (1469-1536)فىرانسىيەدىن بۇدى (1467-1540) قاتارلىق مائارىپ ئىسلاھاتچىلىرى پەرۋىشچىلەر چىقتى. «1423-يىلى ۋىتترونى ئىتاليىدىكى مانتودا تۇنجى قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قارىشى بويىچە تەشكىللەنگەن 60 كىشىلىك يېڭىچە مەكتەپ ئاچتى.»[3] -1463 يىلى گوللاندىيەدە «ئاۋام تۇرمۇشنى باراۋەرلەشتۈرۈش قىرىنداشلار جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ زور كۆلەملىك يىڭى مائارىپ ئەمىليىتىنى باشلىدى. لېكىن يېڭى مائارىپ روھىي بىلەن 1200 يىللىق ئېتىقاد بىر − بىرىگە ئانچە خۇشتار ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ ئەينى دەۋىردە مائارىپ تەرەققىياتىغا زور توسالغۇ بولدى. 1520- يىلى مارىتىن لۇت «رىم پاپىسى» «خرىستىئانلارنىڭ ئەركىنلىگى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ ئىنسانپەرۋەرلىك روھ بىلەن دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ باردى. مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىغا داغدام يول بەردى. شىمالىي ياۋروپا خەلقى ئۇنىڭ بۇ ئىسلاھاتىنى قوللىدى ۋە ئىستىقبالىغا ھازىرلاندى.
          ئامېرىكىلىق مەشھور تارىخ ئالىمى ل گفايىت «ئوتتۇرا ئەسىرىنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرلىرىدە ئەڭ تىلغا ئېلىشقا مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغىنى ھەرگىز بىر-بىرىدىن ھەشەمەتلىك ئاشۇ چېركاۋلار، شېئىرلار ۋە مەدرىس پەلسەپىلىرى ئەمەس، بەلكى تارىخىتىن بۇيان ئەمدى كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئاشۇ مۇرەككەپ مەدەنىيەت. بۇ مەدەنىيەت جان- جەھلى بىلەن ئىشلىگەن قۇل ياكى مېھنەتكەشنىڭ دۈمىبىسىدە قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى ئادەم كۈچىنى ئىشلەتمەيدىغان مەنبەيى كۈچ ئاساسىغا قۇرۇلغان»[4]  دەيدۇ. 1092 − يىلى 200 يىلىدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تۇرغان سىتسىلىيە ئارىلى قولدىن كەتتى.1221-يىلى ئىسپانىيە قولدىن كەتتى. ئۇ يەرلەردە مۇسۇلمانلار قۇرغان ئۈنۋېرسىتىت، ئوتتورا باشلانغۇچ مەكتەپ، كەسىپى مەكتەپلەر ناھايىتى تولا ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ پېتى ئىسپانىيىدە قالدى. ئۇلار يەنە شامال كۈچىلىك تۈگمەن، سۇ كۈچىلىك سۇغۇرۇش ماشىنىلىرى، كېمىسازلىق تېخنىكىسىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئىنسانپەرۋەرلىك روھ بۇ خوجايىنلارغا يېڭى ھاياتىي مۇھىت بولۇپ بەرگەچكە 15-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسپانىيە ۋە پورتىگالىيىلەر ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئادەتتىكى كېمىلىرىنىڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىغى بىر ئىككى ھەسسە ئاشتى. پاراخوتلارنىڭ كۆتىرىشچانلىغى 600~800 توننىغا يەتتى. ھۈنەر سەنئەت ياۋرپاغا مۇشۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن تارالدى.
         كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشى تەپەككۇرنىڭ يېتىلىش سودىغا يېڭى ئىمكانىيەت ئېلىپ كەلدى. بۇرۇنقىدەك دەسمايە ۋە سودا قلىش ھوقۇقىنى بىر-بىرىدىن ئاجراتماي بىر قىلىپ  تۇتۇپ سودا قىلىشنىڭ تېگىنى  كۆرۈپ يەتتى. سودىگەرلەر، ھەتتا يانچۇغىدا ئېشىغۇدەك ئون كوي پۇلى بار پۇتۇن خەلىق شېرىكلىشىپ سودا قىلىش يولىغا مېڭىپ سودا تېخنىكىسىنى جەھەتتە بارا-بارا تەشكىلى تۈزۈم ۋە كوللىكتىپنىڭ كۈچىنى كۆرىدىغان، سودا پائالىيىدە قانغا قاراپ باشقۇرغۇچى قويىشىتىن ئىقتىدارغا قاراپ باشقۇرغۇچى قويىدىغان بولدى.دەسمايىنى توپلاپ ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن دەسمايىنى ئايلاندۇرۇشنى كەسىپ قىلغانلار ئايرىم بولدى. دەسمايە بايلىقنى توپلاپ باشقۇرىدىغان بانكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ سودىغا كەڭ ئىمكانىيەت بەردى. خرىستىئان دىنىنىڭ «ئۆسۈم ئېلىش ھارام» دەيدىغان پەتىۋاسىنى ئاشكارا چۆرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپانىڭ  سودا ساھەسى زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى. سودا يولى بىلەن بايلىقنىڭ قاياققا ئاقىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ قالدى. ئېچىنارلىقى شۇكى، بىز تا ھازىرغىچە سودىدا مۇشۇ باشلانغۇچ تېخنىكىلارنىمۇ تۈزۈك قوللىنالمايۋاتىمىز.
         روسلار ئەسلىي ياۋايى خەلق بولۇپ، تاتار تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. 1598 − يىلىدىن ئىلگىرى ئۇلار غەربتە ئوب دەريا بويىدىن شەرىقتە فىنلاندىيىگىچە ،شىمالدا مۇز ئوكياندىن جەنوپتا قازان ۋولگاگىراد سىزىقىگىچە بولغان جايلارغا ماكانلاشقان ئىدى. ئۇلار چىڭگىزخان دەۋردىن تارتىپ تاكى 1500 − يىلىغىچە مىللىي زۇلۇمنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتتى. ياۋروپانىڭ ئويغىنىشى ئۇلارنىڭ دىنىي قېرىندىشى بولغان بۇ قوۋمگە يەتتى. ئۇلاردىن مىلتىق زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كىردى. ۋۇجۇد ئەۋزەللىگىنى ئېلىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 1550 − يىلى قازان خانلىقنى يوقاتتى.بۇ مىلادى 1000-يىلىدىن  1500-يىلىغىچە سۆزۇلغان تۇركلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقىنىدىن دېرەك بەردى. 1556 − يىلى ئاستىرىخان خانلىقىنى يوقاتتى. ۋە تەبىئىيلا تاتارلانى بۇ  زېمىنلاردىن قوغلىدى. جاھاندا يېڭىش- يېڭىلىش بولۇپ تۇراتتى. ۋە تاتار تۈركلىرى بۇ تالاپەتتىن كېيىن تىنىمسىز قوزغۇلۇپ تاجاۋۇزچىلار بىلەن ئۇرۇشتى. رۇسلار بۇ جەرياندا ئۆزلۈكسىز تۈردە چېنىقتى ۋە يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلدى. ئاقىۋەت 1571- يىلى غالىبلارچە موسكىۋاغا باستۇرۇپ كىرگۈدەك تاتار رىقابەتچى 1591 - يىلىدىن كىيىن مىڭ قىلغىنى بىلەن موسكوۋانىڭ ئالدىدىكى دەريادىن ئۆتەلمەس بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئات سۈتى، قۇرۇت، ئىرىمچىكلەر بىلەن غىزالىنىپ چاقماق تىزلىكىدە جەڭ قىلالايدىغان ئالاھىدىلىگى، رۇسلار يېتىلدۈرگەن ئىقتىدار ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قالدى. بۇ چاغدا تۈركىيىمۇ ئاۋاستىرىيە- ۋىنگىرىيە بىرلەشمە قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتاتتى. ئۇلار 1596- يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۇچراشتى. ئىككىلا تەرەپ ئېغىر تالاپەت تارتتى. ئۇرۇش داۋاملىشىۋەردى. ئاقىۋەت 1606-يىلى زىىتۋا- تۈرۈك شەرتنامىسى ئىمزالاندى. تۈركىيە تۇنجى قىتىم ئۆزىگە ئۈلپان تاپشۇرۋاتقىنىغا 100 يىل بولغان ئاۋستىرىيىنىڭ باراۋەرلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ كۈچ تەڭپۇڭلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
           ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا يەنە تەرەققىي قىلدى. ئىنسانپەرۋەرىزم ئىلاھىيەتچىلىكنىڭ بىلىش    ۋەھىي ئارقىلىق بولىدۇ دەيدىغان پەتىۋاسىغا قارىتا بىلىش،كۈزىتىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ، دەپ زور تۈزىتىش كىرگۈزدى. ئىسلام دىنى خرىستىئانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا پەيدا قىلغان دىنى گۇمان «بانكا ئۆسۈمى ھارام» دېگەندەك پەتېۋالارنىڭ چەتكە قېقىلىش تەجربىسى بىرنەچچە يۈز يىلللىق تەرەققىيات خوشاللىقى بىرلىشىپ «پەقەت ۋە پەقەت غەربتىلا ئىلىم پەن جەمئىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. يەنى پەقەت غەرپتىلا پەيلاسوپ، ئالىم ۋە ئۇستىكار بىر گەۋدىگە ئايلاندى.» [5]   ئەمىلىيەت، تەجرىبە، پرىنسىپ ئوخشاش ئېتىبارغا ئېرىشتى. بوياقچى بوياقتىكى خىمىيىلىك پرىنسىپلارغا پەرۋاسىز قاراپ بوياش بىلەنلا بولىدىغان، قۇرۇلۇشچى كۆندىكى مىخانىك پىرىىسىپلارغا پەرۋاسىز قاراپ تامچىلىق بىلەنلا بولىدىغان سەركەردە ئۇرۇش پرىنسىپلىرىغا پەرۋاسىز قاراپ، ئۇرۇشۇش بىلەنلا بولىدىغان، جەمئىيەت گۇماندا قالدى.
         بۇنداق جەمئىيەتنىڭ تەل تۆكۈس ناكەسلىك دەپ ھۆكۈم قىلىنىشىغا مۇنداق ئىشلار سەۋەپ بولدى. 1500- يىللىرى كىشىلەر تېخىمۇ توغرا كالېندارىنىڭ بولىشىنى تولىمۇ ئارزو قىلاتتى. پولشالىق كوپىرنىك دېگەن بىر كىشى بۇ ھەقتە ئۇزاق ئىزدەندى. ئۇ ئۇلۇغ تۈرك ئاسترونومىيە ئالىمى ئۇلۇغبىك توپلىغان سان -سېفىرلار ئاساسىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ ئاخىر «پلانېتىلانىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە» دېگەن مەشھور ئەسەرنى يېزىپ چىقتى. بۇ پەننىڭ خرىستىئان دىنى ئىدىئولوگىيىسىگە بەرگەن تۇنجى پاكىتىلىق زەربىسى ئىدى. 1543 − يىلى ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسەر ياۋروپالىقلارنىڭ خرىستىئان دىنىگە بولغان گۇمانىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۋەتتى. دىندارلار شاپاشلاپ قالدى. غالجىرلىشىپ بۇ تەلىماتنى ئوچۇق − ئاشكارە تەرغىب قىلغان بىرونونى ئوتتا كۆيدۈردى. سەمىمىي ئادەملەر پاكىتقا ئەلھۆكمىلىللا دەپ، ئۆزىگە:«پلانېتىلار نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ھەرىكەتلىنىدۇ؟ دەپ سۇئال قويدى. بۇنىڭ بىلەن يېڭى فىزىكىنىڭ پەيدا بولمىقى زۆرۈر بولۇپ قالدى. 1600 - يىلىدىن 1642- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا گالىلىيى بۇ پەننى گەپتىن گەپكەلىككلەر (مېتافىزىكا) پاتۇرۇپ قويمايدىغان ئۇسۇلنى ياراتتى. تەتقىق قىلىش ماھارىتىنى شەكىللەندۈردى. تەجرىبە ئۇسۇلى بىلەن بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. گالىلىينىڭ ۋاپات قىلغان يىلى تۇغۇلغان نىيوتۇن 1687-يىلى «تەبىئەتنىڭ ماتېماتكىلىق پرىنسىپى» دېگەن مەشھور ئەسەرنى ئىلان قىلىپ فىزىكا پېنىنى تىكلىدى. ياۋروپادىكى 600 يىلغا سوزۇلغان گۇمانى كەيىپ ئاخىر ئۆز «ئىنجىلىنى» تاپتى. ئېتىقادنىڭ يەنە بىر ئىراسى باشلاندى. پەيلاسوپلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ياۋرۇپا يىڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قويدى. ياۋروپالىقلارنىڭ پېشانىسگە «يەڭگەك» دېگەن خەت پۈتۈلدى. 1763- يىلىدىن كېيىن ياۋروپا مۇشۇ يەڭگەكلىكى بىلەن جاھانگىرلىك تەختىگە چىقىپ 1914 − يىلىغىچە پۈتۈن دۇنيانى بۆلۈشۈپ بولدى.
ئوسمانى تۈرۈكلىرى ياۋرۇپادىكى ئالغا كەتكەن ئەللەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا تاتار تۈرۈكلىرى ۋە پارسلارغا باققاندا بىر قەدەر تۇيغۇن ئىش كۆرۈپ تاقابىللىق جەھەتتە ئۈستۈنرەك تۇردى. تاتار تۈرۈكلىرىدەك ھالغا قالمىدى. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، 1606-يىلىدىن كېيىنكى تىركىشىشتە "پېشانىسىگە پۈتۈلگەن"نى ئۆزگەرتەلمىدى. ئەكسىچە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى بىلەن 1699 − يىل زىنتا ئۇرۇشىدا ئۆز قوشىنىدىغان ئايرىلىپ روسيە بىلەن ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالىدى. گەرچە بۇ نومۇسنى پۇختا تەييارلىق بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاقلىغان بولسىمۇ، 1718-يىلى يەنىلا باستروۋۇز شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبور بولدى. تۈركلەرنىڭ قەيسەرلىگى بۇنداق نومۇسنى ئاقلاشنى قايتا - قايتا دەۋرلەندۈرگەن بولسىمۇ نەچچە ئەسىر دۇنياغا ھۆركىرەپ تۇرغان بۇ دۆلەت 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەنىلا ئەرزىمەس دۆلەت بولۇپ قېلىش قىسمىتىدىن نېرى بولالمىدى..
          ئەلۋەتتە، تاتار تۈرۈكلەرنىڭ بېشىغا كەلگىنى تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. ئۇلار 17- ئەسىردە توختىماي قوزغىلاڭ قىلىپ تۇردى. بىراق دائىم "پېشانىسىغا يىزىلىغىنى"نى كۆردى. 1731- يىلى قازان شەھرىنىڭ ئېپىسكوپى كىتشۋىيىچى دىنى ئېتىقادنى مەجبورى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى قوزغىدى. بۇ قېتىمقىسى بەكلا قەتئىي بولدى. شۇنداقتىمۇ تاتارلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرۈكلىرى بىلەن ئورۇسلار ئارىسىدا تۇرۇپ سودا قىلىپ مەنپەئەتلەنگەن ئىدى. 1806-يىلى روسيە قوشۇنلرىنىڭ ئوتتورا ئاسىياغا تاشلىنشى بىلەن ئۇلار ئارىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە "200000 تاتار ئۆز ئېتىقادىنى خرىستىئانغا ئۆزگەرتتى"[6].
           مىللىي پۈتۈنلۈك ۋە ماددىي مەنىۋى مەنپەئەتى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن قوش كەلمىش تاتارلانىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.كېرزىسنىڭ مەركىزىدە تۇرغان بۇ خەلق ئىسلاھاتنىڭ زۆرۇرلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى. نەتىجىدە. تاتار مۇسۇلمانلار ئاقىلانىلىق بىلەن قالاقلىقىنى تاشلاپ ئىسلام دىنى بىلەن تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇشقا ئاتلاندى. مەدەنىيەت ئويغىنىش خىزمەتلىرى مەشھور دىنى مۇتەپەككۇرلار قولىدا ئىشلىنىشكە باشلىدى. ئۇلار ئەبو ناسىم تورسەۋىي (1782-1814) شاھىفىدىن ئۆمەرجان ( 1818-1889) لىزەيدىن فىسلادىن ( 1859-1936) موسا جارىللايدۋ بىي (1875-) ئىدى.بۇ مۇنەۋۋەر ئوغلانلارنىڭ كۆزى دەرھال مائارىپىتكى بىزەڭلىككە بىرىپ تاقالدى. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى تەبىىكى «ئۇسۇل جەدىت» دىيىلدى. ئەمما مەيلى تېما جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۇسۇل جەھەتتىن بولسۇن ئۇلارنى تۇركىيىدىن ئايرىپ ئويلاشقىلى بولمايتى  .ئەينى چاغدا ئۇلار ئاللىقاچان  مەزلۇم خەلق بولۇپ بولغاچقا بۇنداق چوڭ ئىسلاھات يولىنى تاللاش بىلەن ئالدىغا ئۇچرايدىغان تەبئى بوران- چاپقۇنلارغا،ھەر زامان يېنىدىلا پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولغان دۇشمەنلىككە بەرداشلىق بەرمىگى تەس ئىدى.
          تۈركىيە 1774-يىلى ئامالسىزلىق ئىچىدە  روسيە بىلەن كۈچوڭ- كاينارجى شەرتنامىسى تۈزدى. شۇنداق قىلىپ ئوسمان ئىمپىرىيىنىڭ قىرىمغا ئاتىدارچلىق قىلىش ھوقۇقى بىكار بولدى. قىرىم خانلىقى قازان خانلىقىنىڭ داۋامى ئىدى. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن روسيە ئارمىيىسى ساسىن جېرجىس خان بىلەن تۈركىيىنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدىكى پېتىشماسلىقتىن پايدىلىنىپ قىرىم ئارىلىنى ئىگىلىدى. ئۇلار ئەسلىي مۇسۇلمانلارنىڭ مال- مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى بىلەن بۇ زېمىنگە كىرگەن ئىدى. بىراق، قىرىم يۇتىۋېلىنغاندىن كېيىن تاتارلار دىشۋارچىلىق تارتتى. رۇس ھۆكۈمىتى قىرىمگە ئادەم كۆچۈردى. تاتار نوپوسىنىڭ 96% تىنى ئىگىلەيدىغان دېھقان ۋە كاسىپلار قۇرغاق يەرلەردە قىسىلىپ قالدى. رۇسىلىشىش قىسمىتىدىن بېرى بولالمىدى. رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمى دەھشەتلىك ۋە رەھىمسىز دېگۈدەك يەرگە يەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق، لۈكچەك ماھىيىتى ئېنىق بولۇپ قالدى. تاتارلانىڭ خاتىرىسىدە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىي بولغاچ، ئۇلار بۇنداق مەغلۇپلۇققا ئەلھۆكمىلىللا دېمەيتتى. شۇڭا ئۇلار تۈركىيىدىن ياردەم سورىدى. بىراق، تۈركىيە نېمە قىلىپ بىرەلىسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارماق تاتارلارغا بىردىن بىر يول بولۇپ قالدى. 1783- يىلىدىن باشلانغان يۈز يىللىق كۆچۈش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
            تۈركىيە ئازاپ ۋە مەغلۇپلۇق بىلەن تولدى. لېكىن مۇشۇنداق ئومۇمى كەيپىيات دەۋرىدىمۇ بۇ زېمىندىن پاش قىلىش مۇقامىغا يەتكەن بالىلىقنى قولىغا ئالغان شائىر چىقمىدى. پەقەت بىر قىسملار دەۋىرنىڭ بەختسىزلىكىنى قايغۇلۇق ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىدى. ئېچىنشلىق ھالەتتە تەسۋىرلىدى.بىراق ئەڭ گۇللەنگەن دەۋردىمۇ زاماندىن رازى بولمايدىغان قەلەمدارلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن پەقەت ئانچە مۇنچىلا پەرىقلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي خەلقنى بالاغەتكە يېتەكلەيدىغان ئىش بولمىدى. بەلكىم بۇ ياۋرۇپالىقلاردەك مەغلوبىيەتنىڭ تەمىنى 600 يىل تارتمىغانلىقىندۇر ۋە ياكى 800 يىللىق چەۋەندازلىق روھنىڭ ئىسكەنجىسىدۇر.
         شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى ،يۇرۇش تۇرىشى بىلەن شىئېر يازىدىغان ئەركەكلەر جىق تۇركىيەدە ھەر ھالدا تەدبىرىي  ئويغىنىش بولدى. تەبىئىيكى ئويغىنىش باش كۆتۈرۈش بىلەنلا غەربنى دورامدۇق ياكى ئاتا- بوۋىمىز ئوسمان، سۇلايمان دەۋىردىكى روھىمىزنى تاپامدۇق دېگەن مەسىلە كۆزگە كۆرۈندى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاساسىي مەسىلە تۈرۈكلەرنىڭ روھى جەھەتتىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىدە ئەمەس، ياۋروپالىقلارنىڭ ئالغا كەتكەنلىكىدە ئىدى. ھېسسىيات جەھەتتە ئىككىنچى يولغا ماڭغاندەك بولغان خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىم ،1791ۋە 1792-يىلىدىكى مەغلۇبىتەتتىن كىيىن ياۋروپا فرانسىيەنىڭ ھەلەكچىلىگى بىلەن بولىۋاتقان پۇرسەتتە ئىسلاھات قىلىپ  بۇرۇنقى شۆھرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئالدىدا دۆلەت ئەرباپلىرىنى يىغىپ پىكىر ئالدى.پىكىر ئەھلى ئاتا بوۋىلار دەۋرىدىكى يول- يوسۇننى تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدىغان ساقلامچىلار،ئىشنىڭ قانۇن-نېزامى ياۋرۇپا شۇ دەيدىغان تەلىفچىلەر،ئىسلاھ قىلىپ باشقا چىقارغىلى بولمايدۇ قايتىدىن قۇرماق لازىم دەيدىغان يېڭىچىلەر بولۇپ ئايرىلدى. خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىم يېڭىچىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ ياۋروپانىڭ ئىلىم،سەنئەت ،تېجارەت،زىرائەت،ھۇنەر تېخنىكا،سانەتتىكى يېڭىلىقلىرىنى خانىدانلىغىغا ئەكەلمەكچى، مەمۇرى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بارماقچى،تار مەنىدە  مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى ياۋروپا ئۇسۇلى بويىچە تۈپتىن تەرتىپكە سالماقچى ۋە ئۇنى مۇتەئەسسىپ كۇچلەر قارشىسىغا قويۇپ يېڭىلىق ھەركىتىنى تاماملىماقچى بولدى.بۇ ھەرىكەت نىزامى قەدىمىگە روبىرو ھالدا نىزامى جەدىد ئۇقۇمى بىلەن ئاتالدى.1793-يىلىدىن باشلاپ ئەمىلىلىشىكە ئۆتتى. نىزامى قەدىمىنىڭ جامائەتلىكلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ تەبىىكى، ئۇ ئىسلاھاتىنى ئومومى خەلق مائارىپىدىن، مىللەت روھىدىن ئەمەس، ھەربى تۈزۈلمىدىن باشلىدى.ئانادولو ۋە رۇم تۇپراقلىرىنى 28 ۋىلايەتكە ئايرىپ مۇلكى ئىسلاھاتقا تۇتۇندى. فىرانسىيە،پروروسىيەگە تەقلىد قىلىپ يېڭى قوشۇن قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى. ئۇ تارىخى ئەمىلىيەتتىىن ئىلھاملىنىپ روسىيىدە مۇندىن بىر ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئىمپىراتور پېتردەك ئىش قىلماقچى ئىدى.ئەمما  خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىم ئاران 4-5يىللا ئەمىن بولالىدى. ياۋروپا ۋە رۇسلارنىڭ كۇشكۇرتىشى بىلەن بالقان ،ئېنگلىزلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئەرەپىستان ۋاھابىلىرى ،ئوتتۇرا شەرقتە دۇرزى ۋە مارۇنىلەر ئوسمانلى دولەتىگە ئاسىي بولۇپ ئىسيان چىقاردى.فرانسىيەدە ۋەزىپىدىن ئېلىنغاندىن كىيىن خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىمنىڭ دەۋىتى بىلەن نىزامى جەدىد ئارمىيەسىدە خىزمەت ئۆتەشكە ماقۇل بولغان ناپالىون بوناپارت   1798-يىلى پاپانىڭ كۇشكۇرتىشى بىلەن ئوسمانلى دولىتىنىڭ مىسىر ۋىلايىتىگە بېسىپ كىردى. خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىم  يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئورتاق مەنپئەتتە دۇشمىنى روسىيە بىلەن بىرلىشىپ ناپالىونغا تاقابىل تۇردى.بۇ خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىمنىڭ رۇسىيەنى مىللەتنىڭ دۇشمىنى دەپ چاغلايدىغان خەلىقنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە رول ئوينىماي قالمىدى. خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىم يېڭى ئارمىيە بىلەن ناپالىوننى كىتىشكە مەجبۇر قىلغاندىن كىيىن يەنە روسىيە ۋە ئېنگلىزلار بىلەن ئۇرۇشقا چۇشتى.بۇ دۇشمەنلىشىش ئوسمانىلارنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى تېنچ قىلمىدى. تۇگىمەس غەۋغالارنىڭ ئۇزۇنغا سوزىلىشى،تايانغىدەك ئاممىۋى تەشكىلات. ئاممىۋى ئاقارتىش ھەرىكىتى بولمىغانلىقتىن دىنىي ئەكسىيەتچىلەر نىزامى جەدىد ئارمىيىسىنى «يېڭى ئارمىيە ناسارالارنىڭ قول چومىقى» دەپ چەتكە قاقتى.  خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىمنى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىنى تېپىش يولىغا ئەمەس، تۇركىيەنى ناسارالاشتۇرۇش يولىغا ماڭدى دەپ قارىلىدى، 1807-يىلى قاپاقچى مۇستاپانىڭ قولى بىلەن ئۇنى تەختتىن غۇلىتىپ شاھزادە Ⅵمۇستاپانى تەختكە كۆتەردى.نىزامى جەدىدنى بىكا قىلدى. خەلىفە سۇلتان Ⅲ سەلىمنىڭ يولداشلىرى ئەلەمدار مۇستاپا پاشانىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ ئۇنى قايتا تەختكە چىقارماقچى بولدى.ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىدى.بۇ جىگەرلىك سۇلتان 1808-يىلى دارغا ئىسىپ ئۆلتۈرۇلدى.مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئويغىنىشى مانا مۇشۇنداق تراگېدىيىلىك ھالدا مەغلوپ بولدى.


[1] «يەر شارى تارىخى» 2 − كىتاب،(ئامىرىكا)، 8 − بەت ئاپتورى سىتاۋولاروس

[2] «ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ئاپتورى سەيىد فەيياز مەھمۇد1 − توم 383 بەت

[3] «مائارىپ لۇغىتى» 11 − توم شاڭخەي مائارىپ نەشىرىياتى نەشىر قىلغان. 89 − بەت

[4] «ئوتتۇرا ئەسىرىدىكى تىخنىكا ۋە كەشپىيات» ماقالە ئامېرىكا «بىلىم غەزىنىسى» ژۇرنىلىنىڭ 15− سان 178 − بەت

[5] «يەر شارى تارىخى» 246 − بەت

[6] «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا دائىر تىزىسلار»

http://www.koknur.net/list.asp?unid=1896mgnbg;
داۋامى بار.....


25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7880
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 12:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئادەملەر چىققان ھازىر نەدە ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

4

دوست

5440

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1680
توردىكى ۋاقتى: 470
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 12:51:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقسلا چاي ئىچكۇزۇپ ئارام بەرمىسە

2

تېما

69

دوست

6665

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2002
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز بەك ياخشى بولۇپتۇ.رىئالىزىم مۇشۇنداق بولىدۇ ئەسلى

3

تېما

3

دوست

1104

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9618
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 14:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرمۇ بىر گۇڭگا ئەسەرمۇ قانداق؟ئەسەردە تېخى خۇداغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ئاتالمىش ھەجگە بېرىش دىگەن گەپلەر بار ئىكەن........  دىن بىلەن پەننى مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەنسە بولمامدۇ زادى؟ماھىيەتنى بىلمەي تۇرۇپ ئككىسىنى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى قىلىپ قۇيۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوققۇ دەيمەن.

1

تېما

4

دوست

2361

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 15:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە پىكىرلەر بار ئىكەن، كۆپ تىرىشىپسىز. لىكىن قىسمەن بىتەرەپلىمىلىك ۋە ھېسسىي پەرەزلەرگە ئورۇن قالمىسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24771
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 15:37:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بولۇپتۇ.

0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 17:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسەر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
قوشۇمچە ئىنكاس:مەندە مۇشۇنچىىك بىرنىمە يازغۇدەك بىلىم جۇغلانمام يوق،تەپەككۈرۈممۇ بەك يىراققا ئۇچالمايدۇ،لېكىن شۇنى ھىس قىلالىدىمكى،بۇ ئەسەرنىڭ مەخسىدى ئۇيغۇرنى ياخشىغا،ئىلغارلىققا ئۈندەش ،شۇڭا بۇنداق ئەسەرلەردىن مەمنۇن بولۇشقىلا لايىقمەن.ئاپتورنىڭ قىزغىنلىغىغا زەررىچە سوغۇقىمنى تەگكۈزۈپ گۇناھكار بوپ قېلىشىمدىن ئاللاھ ساقلىسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )