قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 863|ئىنكاس: 14

ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

527

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21839
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 11:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
        

                                                   ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى(1)

‏       ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ: ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەختلىك ھالداداۋام قىلىشى ئەر -خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىر ـبىرىنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇشىغا باغلىقتۇر.ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ سائادىتى ئەر -خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ بىر -بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر.ئەر -خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ كامالىغا يېتىشى ئەر - ئايال ھەرئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە بىر -بىرىنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنىقانداق ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىگە باغلىقتۇر.
‏        ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺶ: ئۆيلىنىش  ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئۆيلىنىش ، مېنىڭ سۇننىتىم (يولۇم) دۇر. كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۇيدىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇننىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى ئەگەر باشقا بىر يولنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىدىن ئەلا كۆرۈپ يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ، ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغانلىق يۈزىسىدىن،ئۆيلەنمەى يالغۇز ئۆتۈپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ كىشى بىدئەت (دىندا بولمىغان ئىش)نى سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ،بۇدۇنيادا بولسا بىھۇدە جاپا تارتىپ، ئاخىرەتتە ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئۆزىنى قىيىناشقا ئورۇن يوق. بۇ دىننى قىيىنلاشتۇرۇشقا ئورۇنغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغان بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتكەئۇچرايدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق ئىشنىڭ مەلۇم بىر سىستېمىسى بار. مۇسۇلمانلارشۇ سىستېما بويىچە ئىش كۆرۈشكە بويرۇلغان. كىشىلەر دىنغا قانچىلىك ئاكتىپ بولۇپ،ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتىمەن دېسىمۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ ئېشىپ كېىتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پىشىۋاسى ۋە پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئۆلگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيىلەپ «سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە سەن» دەيدۇ. (نۇن سۈرىسى 4 ـ ئايەت) ئاللاھ ئۇنىڭتۇتقان يولىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ”سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن.“ (ياسىنسۈرىسى) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ـ ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ـ دىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: ”ئۈچ زاھىد (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن) كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ،پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىشىدۇ.ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ ھېس قىلغانلىقلىرىدىن ” بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ “ يەنى ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازلا ئىبادەت قىلسىمۇ يېتەرلىك،ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈشەنچىگە كېلىدۇ . دە،ئۇلاردىن بىرى ”مەن يىل بويى كۈندە روزا تۇتىمەن“ دەيدۇ. يەنە بىرى ”مەن ئايالكىشىدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەيمەن“ دەيدۇ، ئۈچىنچىسى ”مەن كېچەئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن “ دەيدۇ، بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا: ”سىلەر ئۇنى، بۇنى دېيىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئاراڭلاردا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋاكىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە) گاھىدا روزا تۇتىمەن،گاھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇمېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس“ دەيدۇ. (بۇخارىي رىۋايىتى)دېمەك: ئۆيلىنىش، ماددىي ۋەمەنىۋى جەھەتتىن ئۇنىڭغا قادىر بۇلالىغان كىشىلەر ئۈچۈن نورمال ھاللاردا يەنى ئۆيلەنمىسە زىنا - ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىقىدىن خاتىرجەم بۇلالىغان، ئەگەرئۆيلەنسىمۇ ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئىقتىسادىي شارائىتىمۇھازىر بولغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. ئەگەر كىشى زادى ئۆيلەنمىسە ئۇنىڭ زىنا-ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆيلىنىشكىمۇ قۇدرىتى يېتىدىغان ۋە شەرت ــ شارائىتى تولۇق بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دەرھال ئۆيلىنىشى پەرزدۇر. بۇ ھالەتتە، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمىسە گۇناھكار بولىدۇ.ئەگەر كىشى ئۆيلەنسەئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن، ياكى ئايالىغا زۇلۇمقىلىپ قويۇپ گۇناھكار بولىشىدىن قورقسا يەنى ئۆزىدە ئىشەنچ بولمىغان بولسا، بۇھالەتتە ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى ھارامدۇر. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدىغان كىشى ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەستۇر.
‏       ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئۆيلىنىش، ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋەئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېكىتپ بېرىلگەن تەبېئىي قانۇنىيەتتۇر. ئۆيلىنىش كۆپلىگەن ئېسىل غايە ۋە ياخشى مەقسەتلەرنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.ئۆيلىنىشنىڭ ئەڭ بۇيۇك غايىسى ئىككى بولۇپ: بىرى، پەرزەنت كۆرۇش، يەنە بىرى،ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىنا - ھارام ئىشلارغا بېرىلىشتىن قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت.
‏         ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺵ: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىكى بىرىنچى غايىسى پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنى دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان دىيانەتلىك، ياخشى ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئارزۇ قىلشتىن ئىبارەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:”كۆپ تۇغىدىغان، ئېسىل خىسلەتلىك ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىڭلار! مەن قىيامەت كۈنىدەباشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن. “ (ئەبۇ داۋۇدرىۋايىتى)ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدىمۇ پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇلايدۇ، ئەمما پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنى دىيانەتلىك، ئەلگە پايدىلىق ياخشى پەرزەنت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مۇسۇلمانغا خاس بىر ئالاھىدىلىكتۇر.ئاللاھ مونداق دەيدۇ: ”ماللار ۋە بالىلار دۇنياتىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر.“ (كەھف سۈرىسى46 ـ ئايەت)
‏      ﮪﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ: مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىن بولغان مەقسىتى ئۆزىنىڭ جىنسي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇش ئارقىلىق ھارام ـ زىنا ئىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. جىنسىي ھەۋەسنى ئۆزىنىڭ ھالال ئايالى ئارقىلىق ئادا قىلىشكىشىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىپپەتنى ھاسىل قىلىش ئاۋۋال نىيەت بىلەن بولىدۇ، ئەگەر كىشى پۈتۈن ھىممىتىنى ۋە نىيىتىنى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلىغان ھالدا ئۆيلىنىدىكەن، ئۇ باشقامەخلۇقاتلاردىن قىلچە پەرقلەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۆيلىنىشتىن مەقسەت ئالدى بىلەن ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاش ئارقىلىق ئىپپەتلىك بولۇشنى غايە قىلىش ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرىشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: ”ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار!ئۆيلىنىش كۆزنى نامەھرەمدىن (يەنى ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپقاراپ گۇناھكار بولۇشتىن) ساقلايدۇ. ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان كىشى روزاتۇتسۇن، چۈنكى روزا تۇتۇش ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى پەسەيتىدۇ.“ (بۇخارى ۋە مۇسلىمرىۋايىتى)دېمەك: ھارامدىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولۇش نىيىتىدە ئۆيلەنگەن كىشى،ئۆيلىنىشى ئارقىلىق چوقۇم ئىپپەتلىك بولالايدۇ. ئەمما، پەقەت ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش نىيىتى بىلەنلا ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە، ھارام ئىشلاردىنمۇ خالىي يۇلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھارامدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى نىيەت بولمىغاچقا، ئۇنىڭداقانائەتمۇ بولمايدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ. ئۇنى پەقەت قانائەتلا تويغۇزالايدۇ.

ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (2)


ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئۆيلىنىشكە ئۈندەشتە، ئۆيلىنىشنى ئائىلە قورۇشنىڭ قانۇنلۇق بىر يولى، ياخشى پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈشنىڭ بىر ۋاسىتىسى، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ بىر قالقىنى ۋە جىنسىي ھەۋەسنى ھالالدىن قاندۇرۇشنىڭ بىر چارىسى دەپ ھېسابلاپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئىنسانىيەتنى ئەڭ ھۆرمەتلىك، شەرەپلىك بىر ماقامغا كۆتۈرۈش يولىدىكى بىر ۋاسىتە دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلام دىنى ئۆيلىنىش مەسىلىسىنى ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۆلگىلىك ئىسلامىي بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشنىڭ بىردىن ـ بىر قانۇنلۇق يولى، دەپ ھېسابلايدۇ.

         ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇشقا ئۈندەش ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ـ بىرى بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە شەخىسلەر، جامائەتلەر، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق ئېسىل غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇغايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، ئىسلام دىنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ مىللىتى، ئىرقى، رەڭگى ۋە تىلى بىلەن ھېسابلاشماستىن، بىر ئۇممەت دەپ سانىدى. ئەرەب بىلەن ئەجەمنىڭ، قارا تەنلىك بىلەن ئاق تەنلىكنىڭ، شەرقلىك بىلەن غەربلىكنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىپ ئائىلە قۇرۇشىغا يول قويدى. ئىسلام دىنى بۇ ئىلغارلىقى بىلەن ئىنسان جىنسىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا دۇنيادىكى پۈتۈن دېمۇكراتىك قانۇنلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. غەرب دۇنياسىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپلىرى ۋە مۇتەپەككۇر ئالىملىرىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ بۇ ئىلغارلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا، ھەتتا ئۇلاردىن (بىرنادشۇ) مۇنداق دەيدۇ: ”ئىسلام دىنى زوراۋانلىق دىنى ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك دىنىدۇر. ئۇ، ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى بىر مىڭ تۆت يۈز يىلدىن بىرى قارار قىلىپ كەلمەكتە. بۇ، بۇرۇنقى رۇملۇقلاردا ياكى ياۋرۇپالىقلاردا ۋە ھازىرقى ئامېرىكىلىقلاردىمۇ بولمىغان بىرئىلغار پرىنسىپتۇر. ئەگەر سىز بىرەر ئەرەبتىن ياكى ھىندىستانلىقتىن ياكى پارستىن سەن كىم? دەپ سورسىڭىز، ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن ”مەن مۇسۇلمانمەن“ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما غەربلىكتىن سەن كىم ؟ دەپ سورسىڭىز، ئۇ ”مەن ئېنگلىز“ ياكى ”ئىتالىيىلىك“ ياكى ”فرانسىيىلىك “ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنى بىلەن ھېسابلاشماستىن، مىللەت ئايرىمچىلىقىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قويسا، ھەقىقىي مۇسۇلمانلار كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ مىللىتى، رەڭگى ۋە ئىرقى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبتىن يەكلىمەيدۇ، ئۇلار ھەرنەرسىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئەڭ ئاۋۋال دىنىي قېرىنداشلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مانا بۇ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ مىللىتىنىڭ، رەڭگىنىڭ ۋە يۇرتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئايرىماي، ھەممىنى بىرلەشتۈرىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كۆرىنەرلىك دەلىلىدۇر. ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىكى ئۆلگىلىك ئىسلام دۆلىتى ئۇسامە ئىبنى زەيددىن ئىبارەت قارا تەنلىك ياشنى ئاق تەنلىك ئەرەب ئەسكەرلىرىگە قۇماندان قىلىپ بەلگىلىگەن. دېمەك، ھەقىقىي دېمۇكراتىك ھۆكۈمەت پەقەت ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇتتۇر. ھازىر دېمۇكراتىيە دەۋاسىنى ئەڭ كۆپ ياڭرىتىپ كېلىۋاتقان غەرب دۇنياسىدا ھەقىقىي دېمۇكراتىيە بارمۇ ؟ ئۇلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ ئۆزئارا ئۆيلىنىشىنى، ئاق تەنلىكلەر كىرگەن ئاشخانىلارغا قارا تەنلىكلەرنىڭ كىرىشىنى، ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان مەكتەبلەردە قارا تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۆزلىرىدىن ئېشىپ كەتكۈچىلەردىن ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇل بىلەن ئۆچ ئالىدۇ. ئىسلام دېمۇكراتىيەسىدىكى مىللەت ئايرىماسلىق پرىنسىپى ئالدىدا غەربلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار قايسى يۈزى بىلەن ئۆزلىرىنى دېمۇكراتچى دەپ ئېيتالىسۇن!؟ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىنىي قېرىنداشلىقنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى ئۆز تۇغقانلىرىدىن بولمىغان ياتلاردىن ئۆيلىنىشكە چاقىردى. چۈنكى ئۇرۇق ـ تۇغقانلار بىر ـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىش ۋاسىتىسى بىلەن بىرلەشمىسىمۇ، ئۇلار ئۇرۇق ـ تۇغقانلىق ۋاسىتىسى بىلەن بىرلىشىدۇ ۋە بىر ـ بىرىگە ياخشىلىق قىلىشىدۇ. ياتلاردىن، تۇنۇشمايدىغان قەبىلىلەردىن ئۆيلەنگەن كىشى ئۇلار بىلەن بۇ قۇدا ـ باجىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، بىر ـ بىرى بىلەن تۇغقان بولىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بولمىغان يات قەبىلىلەر، مىللەتلەر ۋە ئىرقلاردىن ئۆيلىنىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ، ئىسلام دۇنياسىنى بولسا كۈچلەندۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي غايسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىزگە ئەڭ ياخشى ئۆلگىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئاياللىرىنى بىر قەبىلىدىنلا ئالماستىن، بەلكى ئۇ، ئوخشاشمىغان قەبىلىلەردىن ئۆيلەنگەن، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبىلىلەر ئارىسىدىكى بىرلىكى ۋە ھەقىقىي دىنىي قېرىنداشلىقى قۇدا ـ باجىلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ساھابىلار ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۆلگە قىلىپ دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى شۇنداق باغلاپ كەلدى.

‏‏       ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئىسلام دىنى ئائىلە قۇرۇشنى، ئىسلام مىللىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە رىقابەتچى كۈچلەرنىڭ ئالدىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى يولىدا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان، مۇھىم بولغان سىياسىي غايىلەرنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قارايدۇ.ئىسلام جامائىتى مۇشرىك ۋە زالالەت كۇچلىرىگە نىسبەتەن دېڭىزدىن بىر تامچە بولغان ھالدا باشلاندى. مۇشرىكلەر سان، بايلىق ۋە كۈچ جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن ئالاھىدە ئارتۇق ئىدى. ئولار ھەر پۇرسەتتە بۇ يېڭى دىننى بۇشىكىدىلا بوغۇپ قويۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرشاتتى. مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ئۇلارغا قارشى ئۆزلىرىنى ھەرجەھەتتىن يېتشتۇرۇشىگە توغرا كېلەتتى. ئۇلار روھىي ۋە ماددىي تەرەپلەردىن كۈچلىنىشنىڭ ئۇنسۇر( تۈر)لىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدى.        ھەقىقەتەن روھىي قۇۋۋەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇنسۇرى ئاللاھقا بولغان ئىماندا چىڭ تورۇش، ماددىي قۇۋۋەتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇنسۇرى دىنىنى، ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا غازاتلارغا چىداملىق بولغان ئەرلەر ئىدى. ئىسلام تارىخىنى ئوقۇغان كىشى ئىسلام دىنىنىڭ ئىپتىدائى دەۋرلىرىدە ئۆزلىرىدىن ھەسسىلەپ كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغان مۇشرىك قەبىلىلىرىنىڭ ۋە شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىمپىراتۇرلۇقلىرىدىن سانىلىدىغان رۇم ۋە پارس ئىمپىراتۇرلۇقلىرىنىڭ ئالدىدا قانداق قەد كۆتۈرۈپ تورالىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنى قانداق يەڭگەنلىكىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغىنىدا، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ سانى ـ ئەر ـ ئايال بولۇپ، ئىمام شافىئىنىڭ رىۋايىتىگە كۆرە، ئاتمىش مىڭ كىشى، ئىمام رازىنىڭ رىۋايىتىگە كۆرە، بىر يۈز يىگىرمە مىڭ كىشى ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپلىرى مۆرتەد(دىندىن يېنىۋالغان) لەرگە قارشى ئۇرۇش، تاشقى دۇشمەنلەرگە قارشى ئۇرۇشلار ۋە ئىبنى سەبە ئىسىملىك يەھۇدىينىڭ پىتنىسى بىلەن باشلانغان ”جەمەل“ ۋە ”سىففىن“ ئۇرۇشلىرىدا شېھىت بولۇپ تۈگەشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك نەسىللىرى مىڭلاپ، يۈز مىڭلاپ كۆپىيىشى ۋە ئاتىلىرىنىڭ باتۇرلۇقلىرىنى، قەيسەرلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار كۆپ سانلىق دۈشمەنلەر ئالدىدا ئاز سانلىق بولۇپ قالمىدى، كۆچەيدى ۋە ئاخىرىدا ئۈچ قىتئەدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزەلىدى. بۇ غەلىبىنىڭ سىرلىرىدىن بىرى شۇكى، يۇقىرىقى مۆمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ” ئۆيلىنىڭلار! مەن قىيامەت كۈنىدە باشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن. سىلەر خرىستىئانلارنىڭ راھىبلىرىدەك (ئۆيلىنىشتىن باش تارتىدىغان) بولماڭلار“ (بەيھەقىي رىۋايىتى) دېگەن مۇبارەك ھەدىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرگەن كىشىلەردۇر. مۇسۇلمانلاردىكى ئۆيلىنىش ئارقىلىق كۆپىيىش ئۇلارنى ئاز سانلىقتىن كۆپ سانلىققا، ئاجىزلىقتىن قۇدرەتكە، نامراتلىقتىن بايلىققا ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنىڭ تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە رولىنى كۆرسەتتى. ھازىرقى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بىر مىليارتتىن ئاشقان بولسىمۇ، يەنىلا باشقا دىندىكىلەرنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئازدۇر، شۇڭا ئۇلار رىقابەتچى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ھۆر ياشاشلىرى ئۈچۈن كۆپىيىشتە، كۈچلىنىشتە يەنىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ئىنتايىن مۇھتاجدۇر.

        ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: شۈبھىسىزكى، ئائىلە قۇرۇش كىشلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەھمىيەتلىك بولغان ئىقتىسادىي غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۆيلەنمىگەن بويتاق كىشىلەرنىڭ كۆپۇنچىسى قانچىلىك كۆپ پۇل تاپقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پېقىرلىقتا ياشايدۇ. بويتاق ھاياتتا بەرىكەت بولمايدۇ. يېمەك ـ ئىچمەك،كىيىم ـ كىچەك ۋە باشقىمۇ چىقىملىرى ئادەتتە ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ. ئەمما ئائىلە قۇرغان كىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە چىقىم قىلغان بولسىمۇ، ئۇ راھەت، بەرىكەت ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئائىلە قۇرغانلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرنىڭ چىقىمىنى ئەر كىشى كۆتۈرگەندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭ، پۇل ـ مېلىنى بەرىكەتلىك قىلىدۇـ دە، قىيىنچىلىق تارتمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان ھەر قانداق بىر جانلىقنى رىزقى بىلەن ياراتقان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان كىشىمۇ بۇ سەۋەبتىن پېقىر بولۇپ قالمايدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىن ۋە پەرزەنت كۆرۈشتىن باش تارتىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈر بولالمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى پاكلىق ۋە تەقۋالىق دىنىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئائىلە قۇرغان كىشىلەردىن قىسمەنلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك ياخشى بولالمىسىمۇ، ئائىلە ھاياتى پاك ۋە شەرەپلىك ھايات بولغاچقا، ئۇنىڭ بەرىكىتى، ياخشىلىقلىرى كىشىگە سائادەت بېغىشلايدۇ. ئائىلە ھاياتىدىكى ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە بالىلار بىلەن بولغان مېھرى ـ شەپقەت، سۆيگۈ سايىسىدا دۇنيانىڭ بەزى غەم ـ قايغۇلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ھېس قىلىنمايدۇ. نەتىجىدە، كىشى بەختلىك ئۆمۈر سۈرىدۇ. بەخت ـ سائادەت دېگەن مانا مۇشۇ. بۇنىڭغا نېمە يەتسۇن. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە ماددىي جەھەتتىن ئاجىز كىشىلەرنىمۇ دەرھال ئۆيلىنىشكە چاقىرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيلىنىڭلار، ئەلۋەتتە ئاياللار سىلەرگە مال ــ دۇنيا بىلەن كېلىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]ئۆيلىنىش بەرىكەت تېپىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. مۇسۇلمان كىشى بۇنى ئەلۋەتتە ياخشى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، ئۆيلىنىش كۆڭۈلنى يامان غەرەزلەردىن، ئۆزىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلىغانلىق ئېتبارى بىلەن ئەر ـ ئايال ئىككىسىنى روھىي تەرەپتىن يوقىرى دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ. تەقۋادارلىق پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ تۇرتكىسى ۋە پۈتۈن پەزىلەتلەرنىڭ ئامىلىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2 ـ 3 ـ ئايەتلەر]

      ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئىسلام دىنى ئۆيلىنىش ئىشىنى ياشلارنى بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلاش ۋە جەمئىيەتنى يامان ئاقىۋەتلەردىن قوغداش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قالقان دەپ ھېسابلايدۇ. شوڭا ئۇ ياشلارنى بۇرۇنراق ئۆيلىنىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ”ئەي ياشلار گۇروھى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، ھەقىقەتەن، ئۆيلىنىش كۆزنى نا مەھرەملەرگە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ قاراشتىن ۋە ئۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەنلەر روزا تۇتسۇن، ھەقىقەتەن روزا تۇتۇش ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئازايتىدۇ“ [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى] بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۆيلىنىشكە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قۇدرىتى يېتىدىغان ياشلار ئۆيلەنسۇن. چۈنكى، ئۆيلىنىش كىشىنىڭ دىنىنىڭ يېرىمىنى تامۆملايدۇ، كۆڭلىنى راھەتلەندۇرىدۇ، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا شەرت ـ شارائىتى ھازىر بولمىغانلار روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا جىنسىي ھەۋەسنى پەسەيتىدۇ ۋە ھارام ئىشلارغا يۈزلىنىشتىن توسىدۇ دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدە، ياشلارغا خىتاب قىلىشىدىكى سىر شۇكى، ياشلاردىكى جىنسىي قۇۋۋەت كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھەۋەس ئۇلارنى ئۆيلىنىشكە بەكمۇ ھاجەتمەن قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۇشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان دىنىي ۋە ئەخلاقي زىيانلار باشقىسىغا نىسبەتەن چوڭ ۋە ئېغىر بولىدۇ. ئەمما ئائىلە قۇرغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى ھەرتۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ئورتاقلاشقان، ھەتتا نورمال ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان، زىنا ـ پاھىشە، ئاتىسىز بالىلارنى كوچىلارغا تاشلىۋېتىش قاتارلىق بۇزۇقچىلىقلارنىڭ باش سەۋەبى ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىن يۈز ئۆرۈپ، كىرالىق ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئەۋزەل كۆرگەنلىكىدىندۇر. ئامېرىكىلىق يازغۇچى دوكتۇر كېنسى ”ئايال كىشى ۋە مۇھەببەت“ ناملىق ئەسىرىدە ئامېرىكا جەمئىيتىدىكى جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ گۈزەل ئەخلاق سۈپىتىدە ئومۇملاشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ” ئامېرىكىدا بىر يىل ئىچىدە 100.000 قىز ئەرلەر تەرپىدىن ئالدىنىپ كېتىپ، ئۆزلىرىنى بۇزۇپ قويغانلىق سەۋەبلىك، شۇ پاھىشە يولى ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈشكە ئۇتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىلىق قىزلار بۇرۇن 17 بىلەن 20 ياشلار ئارىسىدا ئايال كىشىگە ئايلانغان بولسا، ھازىر ئۇلار 13 ياشتىلا ئايال كىشى بولۇپ قالماقتا. ئامېرىكىدا بىر يىل ئىچىدە تەخمىنەن 130.000 بالا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق، ئاتىسىز تۇغۇلىدۇ.(مىسىرنىڭ ” نىدا“ گېزىتى 1953 ـ يىل 29 ـ ئاۋغۇسىت سانىدىن) مەزكۇر يازغۇچى يەنە كىتابىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: ”مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە، قانۇنسىز پاھىشە يولى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلار 0 %. چۈنكى، ئۇلار كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قانۇنىغا ئەگىشىدۇ. مىسىر غەربنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە ئەڭ كۆپ يۇقتۇرغان بىر دۆلەت تۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئاتىسىز ھالدا، پاھىشە يولى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلار 1 % دىن ئۆز ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدا ھازىر قانۇنسىز يول بىلەن تۇغۇلىۋاتقان بالىلار 75 % نى تەشكىل قىلماقتا. مۇندىن باشقا، پانامادا ھەر 4 بالىنىڭ ئۈچى پاھىشە ئارقىلىق تۇغۇلماقتا.“ (يوقىرىقى مەنبەدىن)

     ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلاملىق ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئىسلام دىنى، ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ئۈندەشتە، ياشلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆيلىنىش ئىشىنى تىز ھەل قىلمىغاندا، ئۇلار زىنا ـ پاھىشە يوللىرىغا كىرىپ كېتىشتىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. چۈنكى كىشى قانچىلىك تەقۋا بولسىمۇ، بۇ تەقۋالىقنىڭ كۈچى جىنسىي شەيتاننىڭ ئالدىدا گاھىدا ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇ قانچە قىلىپ ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىيالىسىمۇ، پىكىر ــ خىيالىنى جىنسىي خىياللاردىن ساقلىيالمايدۇ. بۇنداق پىكىرلەر ۋە خىياللار كۆپ ھاللاردا كىشىنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ كېتىشىگە شەرت ھازىرلايدۇ. زىنا ـ پاھىشە ئىشلارنى قىلغانلار ھەرخىل ئاغرىقلارغا دۇچار بولىدۇ. شىپاسى يوق ئەڭ ۋەھشىي ئاغرىق ”ئېيدىز“ كېسىلى بولسا پەقەت زىنا ـ پاھىشىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”قانداقلا بىر قەۋمدە پاھىشە بولىدىكەن، ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇنقىلىرىغا يەتمىگەن ئاغرىقلار يېتىدۇ“ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (تەبەرانىي رىۋايىتى) ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى كۈنىمىزدە تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلانماقتا. چۈنكى ئۇ، ئۆز خاھىشىدىن سۆزلىمەيتتى، پەقەت ئاللاھتىن كەلگەن ئىلھام بىلەن سۆزلەيتتى. تەتقىقاتلار ۋە رەسمى ستاتسكىلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە داۋالىغىلى بولمايدىغان بىر خىل جىنسىي ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئاغرىقلارنىڭ ئەر ـ خوتۇن بولمىغان قىز ـ ئوغۇللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنداق دەپ ئېلان قىلىدۇ: ”كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ياشلاردا خۇسۇسەن 15 ۋە 19 ياشلار ئارىسىدىكى قىزلار ئارىسىدا جىنسىي ئاغرىقلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ۋابانىڭ باش ئامىلى ئائىلە ھاياتىدىكى ئەخلاقنىڭ يوقلىقى، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تەبىئىيلىكىنى ۋە ۋەزىپىسىنى بىلمەسلىك، دىنغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ كەملىكى ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس“ (مىسىرنىڭ ”ئەھرام“ گېزىتى 1965 ـ يىل 10 ـ ئاپرىل سانىدىن(زىنانى ئاللاھ قۇرئاندا: ”يامان يول“ دەپ سۈپەتلىگەن، چۈنكى زىنا كىشىنىڭ دىنىنى، ئەخلاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى يوق قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ”ئېيدىز“ كېسىلىگە دۇچار قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى يوق قىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ يامان يول بولامدۇ؟! ئۆيلەنگەن كىشىلەر بۇنداق شاقاۋەتلەردىن خالىدۇر. چۈنكى، ئۇلار جىنسىي ھەۋىسنى ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئاياللىرى ئارقىلىق قاندۇرغاچقا، ئۇلار ھارام ـ زىنا ئىشلاردىن ساقلىنالايدۇ. نەتىجىدە، ئۆزلىرىىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئايالنى كۆرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلى يۈگۈرۈپ قالسا، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ، ئايالى بىلەن بىرگە بولسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ شۇنى تاپىدۇ.“ (سۇيۇتىي رىۋايىتى)ئايالى بولغانلارغۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا ئايالىغا بېرىپ شەيتانىي ۋەسۋەسىلىرىنى ئۇنۇتىدۇ، ئەمما ئايالى بولمىغان بويتاقلار بىرەر ئايالغا كۆزى چۈشۈپ قالغاندا نېمە قىلىدۇ؟ ئىرادىسى ئاجىز، تەقۋالىقى زەئىپ بولسا ھارام ئىشلارغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر تەقۋا، ئىرادىلىك بولۇپ، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاپ قالالىغاندىمۇ، پىكر خىيالىنى جىنسىي خىياللاردىن ساقلىيالمايدۇ. بۇ ھالدا ئۇ كۆپ قىينىلىدۇ، بۇخىل ئەھۋال، ئۇنىڭ ئەمەل ئىبادەتلىرىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى كامىل ئادا قىلىشىغا توسقۇن بۇلىدۇ.    ئەمەلىيەتتە، ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈگەن ھەرقانداق كىشى دۇنيادا ئەڭ بەخىتسىز، بىچارە كىشىلەردۇر. ئۇلاردا بايلىق، ئەيشى ـ ئىشرەت، شۆھرەت ھەممىسى تولۇق بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار دۇنيانىڭ تۇرمۇشتىن ئىبارەت ئەڭ لەززەتلىك مەنپەئەتىدىن ۋە ئاللاھنىڭ بۇ ئەڭ كاتتا نېمىتىدىن مەھرۇمدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئائىلە قۇرمىغان كىشىنى ” بىچارە“ دەپ تەكىت بىلەن سۈپەتلىگىنىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: ” بىچارە، بىچارە ــ ئايالى بولمىغان ئەر بىچارە“ دەيدۇ، ساھابىلار ــ ئەگەر ئۇ، مال ـ دۇنيادا باي بولسىچۇ؟ ــ دېيىشكەندە: ”ھەر قانچە باي بولسىمۇ“ دەيدۇ، ئاندىن يەنە ئۇ: ”بىچارە، بىچارە ــ ئېرى بولمىغان ئايال بىچارە“ دەيدۇ، ساھابىلار يەنە ــ ئەگەر ئۇ مال ـ دۇنيادا باي بولسىچۇ ؟ ــ، دېيىشكەندە:”ھەرقانچە باي بولسىمۇ“ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. (ئىبنى ئەسىر رىۋايىتى)

‏‏‏‏        ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ: ئىسلام دىنى ئائىلە قۇرۇشنى تەقۋالىقنى كۆچەيتىش، كۆڭۈلنى روھلاندۇرۇش ۋە پەزىلەتلەرنى ئۆستۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى، ئائىلە ھاياتى بىر ـ بىرىگە مېھىر ــ شەپقەت كۆرسىتىش، بىر ـ بىرى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن كېچىش قاتارلىق ئالىيجانابلىقنىڭ ئۈستىگە قورۇلغان بىر ھەمكارلىشىش ھاياتىدۇر. ئائىلە ھاياتىدا ئائىلە ئەزالىرى مەسئۇلىيەتلەرنى ئورۇنلاشقا، پەرزلەرنى ئادا قىلىشقا چېنىقىدۇ. ئەركىشىنىڭ ئائىلىسىدىكى ھاياتىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇشتىن ئىبارەت نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتى بىلەن ئىبادەت قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى، ئۇلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۇرىشى، ئۇلارغا مېھىر ــ شەپقەت كۆرسىتىشى، ئايالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشى قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىبادەت. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئىلغارلىقىدىن ئائىلە قۇرۇلۇشى ئىشىدا، ئايال كىشىگە ئەر كىشىنىڭ ساۋابىدىن ئاز بولمىغان ساۋابلارنى ۋەدە قىلىدى. چۈنكى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ھامىلدار بولۇپ بالا كۆتۈرۈش، ئۇنى ئېمىتىش، بېقىش تەربىيىلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا لايىقتۇر.پەيغەميەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئوغلى ئىبىراھىمنىڭ ئىنىك ئانىسى سالامە ئىسىملىك ئايال ــ يا رەسۇلەللاھ! سىز ئەرلەرگە پۈتۈن ساۋابلاردىن خۇشخەۋەر بېرىسىز، ئاياللارغىمۇ بەرمەمسىز؟ ــ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”ئاياللارغىمۇ كۆپ ساۋاب بار، شۇنىڭغا رازى بولمامسىز، ئۇلاردىن بىرى شۇكى، ئېرىدىن ھامىلدار بولۇپ، قورسىقىدا بالا كۆتۈرگەن ئايال كىشىگە ـ ئېرىمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولغان بولسا كېچىسى ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۇزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ“ دەيدۇ. (ئىبنى ئەسىر رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە، ”گۇناھلاردىن بەزىبىر گۇناھلار باركى، بۇ گۇناھلار ناماز ئوقۇش بىلەنمۇ، روزا تۇتۇش بىلەنمۇ، ياكى ھەج قىلىش بىلەنمۇ، ئەپۇ قىلىنمايدۇ، بەلكى پەقەت ھالال رىزىق تەلەپ قىلىش يولىدا ھىممەت كۆرسىتىش بىلەنلا ئەپۇ قىلىنىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى) دېمەك، ئائىلە قۇرۇپ، شۇ ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش، بالىلىرىنىڭ، ئايالىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش يولىدا ئىشلەش كاتتا ئىبادەتتۇر. ئىبادەت روھنى غىزالاندۇرىدۇ ۋە ئۇنى يوقىرى ماقاملارغا كۆتۈرىدۇ. پەرزەنتلەرنى بېقىش ئۈچۈن ئىشلەش كاتتا ئىبادەت بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ يۈزىسىدىن گوناھلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ تەلىماتى بويىچە، ياخشى ئەمەللەر يامان ئەمەللەرنى يوققا چىقىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بالا تەربىيىلەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئولۇغ ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئاتا ـ ئانىلارغا خۇشخەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئونىڭ بىر قىزى بولسىمۇ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئوقۇتۇپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن ئۇنى بەھرىمەن قىلىپ، ياخشى يېتىشتۇرىدىكەن، بۇ قىزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاتا ـ ئانىسى دۇزاخ ئوتىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.“ (قۇرتۇبى رىۋايىتى) دېمەك، ئۆيلىنىشنىڭ پايدىلىرىنى ۋە دۇنيا ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۆيلەنمىگەن بويتاقلارنىڭ ھاياتى غايىسىز، ئۆزلىرى بولسا بەخىتسىز ئۆتىدۇ.


ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (3)



ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﯧﻜﻤﯩﺘﻰ: بۇ ماۋزۇدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام شەرىئىتىدە بويرۇلغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسى پەقەت ھېكمەتتىنلا ئىبارەت دېسەك مۇبالىغە قىلمىغان بولىمىز. چۈنكى ئۇلاردا مەنىسىز، پايدىسىز ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئۇلار ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئەھكاملاردۇر. لېكىن شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا مەلۇممۇ ؟ جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ ئىلمى ۋە ئەقىل ئىدراكى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ھېكمەتلىرىنى ۋە مەقسەت ـ غايىلىرىنى ئىدراك قىلىپ بىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئازلا ئىلىم بېرىلدىڭلار.“    (ئىسرا سۈرىسى 85 ـ ئايەت) بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن چۈشۈرگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھەممىسىنى ـ مەيلى بىز ئۇلارنىڭ ھېكمەت ـ سىرلىرىنى بىلەيلى، مەيلى بىلمەيلى ـ رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ ھېكمىتىنى بىلمىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭ ھېكمىتى ۋە پايدىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىشكە بىزنىڭ ئەقىل، ئىدراكىمىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ْئاللاھنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن، ئەر ــ ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى جىنسنىڭ بىر ــ بىرى بىلەن ئۆيلىنىشى ئارقىلىق جۇپلىشىشىنى ئىلاھىي قانۇن قىلىپ بېكىتكەنلىكىنىڭ، بىزنىڭ چەكلىك بولغان ئىنساني ئەقلىمىز ئارقىلىق بىلەلىگەن بەزى ھېكمەتلىرىنى سۆزلىگىمىز كېلىدۇ. 1 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر ئەر ــ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۇلار زىنا ـ پاھىشە ئىشلاردىن ساقلىنالايدۇ، تېگى پاك نەسىللەرنى تېرىيالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ياشلار جامائەسى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتكەنلەر ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرەتنى پاھىشەدىن ساقلايدۇ “ (بۇخارىي رىۋايىتى)2 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى يامان ئىشلاردىن، ئەخلاقسىزلىقلاردىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆيلىنىش بولمايدىغان بولسا، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەزىللىكلەر ئورتاقلاشقان بولاتتى. 3 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئەر ـ ئايال ئىككىسى بىر ـ بىرىگە تېگىشلىك بولغان ھەق ـ ھوقۇقلاردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كىچەك ۋە باشقىلار قاتارلىق ھاياتتىكى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تولۇقلاشنى ئۆز ـ ئۈستىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئاياللىرىڭلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كىچەكلىرىنى تولۇقلاپ بېرىشىڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدىندۇر.“ئۇنىڭ مۇقابىلىسىگە، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇلدۇر، ئۇ، ئۆي ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن سورىلىدۇ.“ (بۇخارىي رىۋايىتى) 4 ـ ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر يات ئائىلىلەر، قەبىلىلەر، ھەتتا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تۇغقانچىلىق رىشتىنى باغلايدۇ، بىر ـ بىرىنى تونۇمايدىغان ئائىلىلەر، ئۆزئارا قۇدىلىشىش ئارقىلىق بىر ـ بىرى بىلەن تونۇشۇپ تۇغقان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاخىرى بىر ـ بىرىدن مىراس ئالىدۇ. 5 ـ يەر يۈزىدە ئىنسان نەسلىنىڭ ساغلام ھالدا داۋام قىلىشى پەقەت ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسنىڭ بىرـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار سىلەرنى بىرئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۇپتى (يەنى ھەۋۋا) نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەرـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار “. (نىسا سۈرىسى 1 ـ ئايەت) ئەگەر ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئۆيلىنىش بولمايدىغان بولسا، تۈۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بولاتتى، ياكى ئىنسانىيەتنىڭ نەسلى تۇگەشكەن، ياكى زىنا ـ پاھىشە ئارقىلىق ئەسلى ـ پەسلى بىلىنمىگەن ئەخلاقسىز ئىنسانلار مەيدانغا كەلگەن بولاتتى.

     ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﻯ: ئۆيلىنىشنىڭ پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇلاردىن: 1 ـ پەرزەنت كۆرۈش پەرزەنت كۆرۈش ـ ئۇيلىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسىدۇر. ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۆيلىنىش يەر يۈزىدە ئىنسان نەسلىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تەبىئىي قانونىيەتتۇر. ئەر ـ ئاياللاردىكى جىنسىي ھەۋەسمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىنسان نەسلىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماستىن، داۋام قىلىشى ئۆيلىنىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ ئەگەر ئىنسان نەسلىنى كۆپەيتىش ۋە داۋام قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشنى ئۆيلىنىش قانۇنىيىتىگە باغلىماستىن، باشقا بىر يول بىلەنمۇ يۈرگۈزۈشكە قادىر ئىدى. لېكىن ئاللاھ نىڭ ھېكمىتى دۇنيا ئىشلىرىنى سەۋەبلەر قانۇنىغا باغلاشنى تەقەززا قىلغاچقا، پەرزەنت كۆرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسان نەسلىنى داۋم قىلدۇرۇش ئىشىنى ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسىنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىشىگە باغلىغان. پەرزەنت كۆرۈشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ.

    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﻯ:: 1) ـ ئىنسان پەرزەنتلىرى بىلەن گۈللەپ ياشنايدۇ ۋە كۆكلەيدۇ. 2) ـ پەرزەنتلەر ئائىلىنىڭ گۈللىرىدۇر. بۇ خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ پەرۋىشى بىلەن مەشغۇل بولغان ئاتا ـ ئانا بەختلىك ئاتا ـ ئانىلاردۇر.3) ـ پەرزەنتلىرى بار كىشىلەرنىڭ ئۆمرى خوشال ۋە سائادەتلىك ئۆتىدۇ. 4) ـ پەرزەنتلىرى بار كىشىلەر ياشانغانلىرىدا، شۇ پەرزەنتلىرىنىڭ راھەتلىرىنى كۆرىدۇ، جاپا ـ مۇشەققەتلەردە ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلمايدۇ. 5) ـ پەرزەنتلىرى بار كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئۇمىت كۆزىنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ غەلىبىلىرى بىلەن كۆڭۇللىرىنى خوش قىلىپ ئۆتىدۇ. چۈنكى بالىلار ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىدۇر. 6) ـ پەرزەنتلىرى بار كىشىنىڭ نام ــ نىشانىسى ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.

‏‏‏       ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﻯ:: 1) ـ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيلەنگەن كىشى ئاللاھنىڭ ئىنسان نەسلىنى يەر يۈزىدە داۋام قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئاللاھ تامام قىلماقچى بولغان بۇ ئىشنى بېجىرگەن بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ، ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. 2) ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ئۆيلەنگەن كىشى ئۇنىڭ ”ئۆيلىنىڭلار، كۆپىيىڭلار! قىيامەت كۈنىدە مەن باشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن“ دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ. 3) ـ ئۆلۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ياخشى پەرزەنتنىڭ دۇئاسىدىن بەھرىمەن بولۇش.  ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشلىقلارنىڭ بىرى، پەرزەنت كۆرۈپ ئۇنى ياخشى تەربىيىلەشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، پەقەت ئۈچ نەرسىنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ: مەنپەئەتلىك ئىلىم، ئومۇمغا پايدىلىق ياخشى ئىش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت.“ (مۇسلىم رىۋايىتى) بەزىلەر ئەگەر ئۇ بالا ئاتا ـ ئانىسىغا دۇئا قىلىدىغان ياخشى پەرزەنت بولماستىن، ئۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىققان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن، بالىلارنىڭ مۇنداق بولۇپ چىقىشى ئۇ كىشىنىڭ ياخشى نىيىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما ياخشى نىيەتنى كۆزلىگەن دىيانەتلىك كىشى ئەگەر پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلسا، پەرزەنتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى قايتۇرىدۇ، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. 4) ـ ئەگەر پەرزەنتى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولىدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ” نارىسىدە بالىلار قىيامەت كۈنىدە ئاتا ـ ئانىسىنى جەننەتكە تارتىدۇ.“ (ئىبنى ماجە رىۋايىتى)2 ـ ھارامدىن ساقلىنىش ئۆيلەنگەن كىشى جىنسىي ھەۋىسىنى ھالال ئايالى بىلەن قاندۇرۇش ئارقىلىق شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىنىدۇ، كۆزىنى، ئەزايىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن: ”ئۆيلەنگەن كىشى دىنىنىڭ يېرىمىنى كامىللىغان بولىدۇ. قالغان يېرىمىنى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق تاماملايدۇ.“ (ئەھمەد رىۋايىتى) ئۆيلىنىش شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىنىپ، گۇنا ـ يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى قوغداشقا ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىردىن ـ بىر قالقان بولغان ئىكەن، ئۇ، ئىسلام دىنىدا ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن سانىلىدۇ. چۈنكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ كۇچىگە تەقۋالىقنىڭ كۇچىمۇ بەزىدە ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا، ”ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ“ دەيدۇ. (ئەنفال سۈرىسى 73 ـ ئايەت). كىشى ھەرقانچە تەقۋا بولسىمۇ پەقەت كۆزىنى ۋە ئەزايىنى ھارامدىن ساقلىيالايدۇ، ئەمما كۆڭلىنى ۋە پىكىر ــ خىياللىرىنى جىنسىي خىياللاردىن ساقلىيالمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىختىيارىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىش بولغانلىقتىن، زادى ئۆيلەنمىگىچە ئۇنىڭ پىكىر ـ خىياللىرى جىنسىي پىكىرلەردىن ساقلىنالمايدۇ، ھەتتا ناماز ئەسنالىردىمۇ كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتالمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەردائىم، ”اللھم إنى أسألك ان تطھر قلبي وتحصن فرجي“ يەنى (ئى ئاللاھ سېنىڭدىن قەلبىمنى پاك قىلىشڭنى ۋە ئەزايىمنى ھارامدىن ساقلىشىڭنى تىلەيمەن) دەپ دۇئا قىلاتتى. (بەيھەقىي رىۋايىتى) بىر پەيغەمبەرنىڭ قەلبىنىڭ پاك بولماسلىقى ۋە ئەزايىنىڭ ھارامدىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئاسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا شەيتاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ۋە دۇئانىڭ قانداق قىلىنىشىنى كۆرسەتكەن. 3 ـ كۆڭۈلنى راھەتلەندۇرۇش ئىنساننىڭ كۆڭلى كۆپىنچە، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشىدۇر. ئۇ، ھەقتىن قاچىدۇ، مەنئى قىلىنغان ئىشنى ياقتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنى بىرەر ئىشقا زورلىسا، شۇ ئىشقا ئادەتلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق چىداملىق بولىدۇ، ئۇنى لەززەتلەر بىلەن راھەتلەندۇرسە، ئۇنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاشىدۇ. كىشى ئايالى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق غەم ــ قايغۇ ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئونۇتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: ”ئاياللار بىلەن ئۇنىسى ـ   ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھ) نىڭ ئولارنى ئۆز تېپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھىرـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر“ دەيدۇ. (روم سۈرىسى 21 ـ ئايەت) 4 ـ ئۆي ئىشلىرىدىن ئازاد بولۇش ئۆيلەنگەن كىشى تاماق ئېتىش، كىر يويۇش ۋە ئۆي سۈپۈرۈش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئازاد بولغان بولىدۇ. ئىنساندا ئەگەر جىنسىي ھەۋەس بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز تەنھا ئۆتىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى قىيىن ئىش. چۈنكى ئۇ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، مەئىشەت ئۈچۈن ئىشلەشكە، دىن ۋە ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى زايا بولۇپ كېتىدۇ. ياخشى ئايال بۇ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ئارقىلىق ئېرىنىڭ دىنىغا ۋە دۇنيالىقىغا ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. يالغۇزلۇق كىشىنىڭ ۋاقتىنى ۋە كۆڭلىنى مەشغۇل قىلىدىغان بىر كەمچىللىكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ”قەلبىڭلار ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدىغان، تىلىڭلار ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان ۋە ئايالىڭلار سىلەرنىڭ ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان مۆمىن ئاياللاردىن بولسۇن“ (تىرمىزى رىۋايىتى) ئەبۇ سۇلايمان دەرانىي بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن: ”ياخشى ئايال كىشى دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ سىزنى راھەتلەندۇرىدۇ.“ 5 ـ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئۆيلەنگەن ئەر كىشى شۇ ئائىلىنىڭ ئىگىسى ۋە باشلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش، دىنىي تەلىماتلارنى ئۈگىنىشكە ئۈندەش، ئايالىنىڭ قىسمەن يېتەرسىزلىكى ۋە ئۆزگىرىشچان مىجەزىگە سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۇلار ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىپ ئىشلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنى كۆپلىگەن جاپالىق ۋە شەرەپلىك ئىشلار بىلەن چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۇرىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرەپلىك ۋە ئولۇغ ئىشلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىلىڭلاركى! ھەممىڭلار خۇددى چوپانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەر ھەممىڭلار قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇل.“ (بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) يەنى ھەركىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن، خۇددى چوپان پادىلىرىدىن مەسئۇل بولغاندەك مەسئۇلدۇر. پادىلارنى زايا قىلىۋەتمەستىن، ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇبدان بېقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلغان چوپان خوجايىنىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندەك، ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەپ يېتىشتۇرگەن ئاتىمۇ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، ئەكسىچە ھالدا جازاغا يولۇقىدۇ دېگەنلىكتۇر.



ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى (4)


    ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ: قىزــ يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئولارنىڭ زىھنى كېلىچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئالغان مۇھىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جور تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جورىسىنىڭ شەكلى گۆزەللىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئومۇمەن كۆزدە تۇتىلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ دىيانەتتۇر. تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ جورىسىدىن ئىزدەيدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى نەرسىسى دىيانەت بۇلىشى لازىم. ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتى كۆپلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە مۇشەققەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات بولۇپ، شارائىتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ ئاساسى ئەگەر پۇل ـ مالنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، يەنى ئۇلار بىرـ بىرىنىڭ مال دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۆيلەنگەن بولسا، پۇل ـ مال دېگەن بىرخىل تۇرمايدۇ. جاھان ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، تۈنۈگۈنكى باينىڭ بۈگۈن گاداي بولۇپ قېلىشى تەبئىي ئەھۋال. مال ـ دۇنيا قولدىن كەتكەن ۋاقىتتا، بۇ تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي يېقىلغان بۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق تۇرمۇش مال ـ دۇنيانى كۆزلەپ، بايلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نېمە بولماقچى ؟ ئەگەر بۇ تۇرمۇش گۈزەللىك ياكى مەنسەبنى ئاساس قىلغان ھالدا قورۇلغان بولسا، گۈزەللىك ھەمىشە بىر خىل تۇرمايدۇ. ئۇ، يىللار بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.      مەنسەب دېگەنمۇ بۈگۈن بار، ئەتە يوق بولۇپ تۇرىدۇ. ئەر ـ ئاياللىق ھاياتى ئۆز ئاساسىنى يوقاتقاندىن كېيىن نېمە بولماقچى؟ شۈبھىسىزكى: بونداق شارائىتتا، ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدا چوقۇم جېدەل ـ ماجىرا چىقىدۇ، نەتىجىدە، ئۇلار ئاجىرىشىدۇ ياكى بەخىتسىز ھالدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى بۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەيدىغان سابىت نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەخسىي مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشتۇر. ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتى ئەگەر دىيانەتنى ئاساس قىلىپ دىننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىكەن، دىن ـ مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سابىت ۋە ئەڭ كۈچلۈك نەرسىدۇر. شۇڭا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق نەرسىسى يوقالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دىنى قەتئىي يوقالمايدۇ، ئۇ مەڭگۇ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكىلىرىگە ئۆزىدىن باشقىسى ئىگە بولالمايدۇ. مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشى مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۇ باياشاتلىق، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. قاتتىقچىلىق ۋە ئېغىر كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا سەۋىر قىلىدۇ. رىئاللىققا ئىمانى ۋە سەۋىرچانلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئامەت كەلگەندە بىر ـ بىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، زىيان تارتقاندا بىرـ بىرىگە تاپا ـ تەنە قىلمايدۇ. دىيانەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئائىلىدىكى ئەر ـ ئايال مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۇلار رىئاللىققا قانائەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇيدۇ ۋە يولىدا ئادا قىلىدۇ.

     ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇسۇلمانلار) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئىېيتمىغىچە، ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسنى ـ جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېتمىغىچە، مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئەرلەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 221 ـ ئايەت) ئىسلام دىنى نەزەرىدە، ئايال كىشىلەر سۇپەتلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق بايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ”ئەگەر ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرنى قويۇۋەتسە پەرۋەردىگارى (ئۇنىڭغا) سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى(ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ) ئەمرىگە بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى بېرىشى مۇمكىن.“ (تەھرىم سۈرىسى 5 ـ ئايەت)بۇ ئايەت، خاتىرجەم، بەرىكەتلىك ۋە ئېسىل بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىشتا ئايال كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە گۈزەل سۇپەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

‏‏     ﻳﻮﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ:: 1 ـ ”بويسۇنغۇچى“ دېگەن سۈپەت بايان قىلىنغان، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان ئايال ئېرىنىڭ خاھىشىغىمۇ چۇقۇم بويسۇنىدۇ ۋە ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تونۇيدۇ. 2 ـ ”ئىمان ئېيتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار ئايال كىشى ھەر قانداق ياخشى ئىشنى رىياسىز ھالدا، ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ. ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلاردىن يىراق بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئېرىگە ھەمىشە ۋاپا قىلىدۇ. 3 ـ ”تەۋبە قىلغۇچى “دېگەن سۈپەت بولۇپ، بۇرۇن قىلغان خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرنى بەختلىك قىلىشنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتىلىرىنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ. 4 ـ ”ئىبادەت قىلغۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە، ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ھەققىنى تونۇپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئورۇنلايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلىشنىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر.  5 ـ ”روزا تۇتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ، روزا تۇتۇش بىلەن بولسۇن، مەيلى باشقا نەپلى (ئىختىياري) ئىبادەتلەر بىلەن بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى خالىغان ئايال كىشى ھەر ھالدا ئېرىنىمۇ رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ رازىلىقى ئايالىنىڭ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ.يۇقىرىقى سۇپەتلەر ئىسلام نەزەرىدىكى ئەڭ ئۆلگىلىك ئايال كىشىنىڭ مىسالىدۇر. ئۆلگىلىك ئايال ـ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرـ پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن قورقىدىغان، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئايال دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دىگەن: ”دۇنيا مەنپەئەتتۇر، دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۆلگىلىك ئايال كىشىدۇر.“ (مۇسلىم رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسىبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن.“ (بۇخارىي رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاڭ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بەزى كىشىلەر چورىسى بولىدىغان ئايالنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا تاقابىل كېلىشتە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇنىڭ بايلىقىنىلا كۆزلەپ ئۇنى تاللايدۇ. بەزى كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ مەنسىبى ۋە جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ. ”دىيانەتلىك“ دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېپىلسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى، ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يوقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسىبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى)يەنەبىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئايال كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالماڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانىتىنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان، قارا تەنلىك دىدەك، دىيانىتى بولمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر“. (ئىبىن ماجە رىۋايىتى)ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن، بايلىقىدىن ۋە ئابرويىدىن پايدىلنىشىدىن توسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق گۈزەللىككە، مال ـ دۇنياغا ۋە ئابرۇيغا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مەڭگۇلۇك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈزەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنىلا كۆزلەپ، ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بۇلۇشىغا قارىماستىن، قۇرۇلغان تۇرمۇش كىشىنى داۋامسىز، ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى ـ ھەۋەسلەرنىڭ سىرتمىسىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان، چوڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال مۇتەكەببىر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كىشى كەمتەر، ئىتائەتچان، ئېسىل، ئەخلاقلىق، سەۋىر ــ تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، گۈزەل جامالغا، بايلىققا، ئابرويغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا، ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان، ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان، ئېسىل، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ.  11ـ ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ پەيلاسوپ يۇسۇپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى ”قۇتادغۇ بىلىك“ تە مۇنداق دەپ يازغانىكەن: دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر،ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر،يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۇرەر.بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى، ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى، بۇلارنىڭ ئوبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا،ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا،ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۇچى جان، ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان، گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى،ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۇلكىسى.ئەي ئەسلى بۇيۇككە ئىنتىلگۇچى سەن،ئۆمرۇڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بولۇر،قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر. ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل،ئۇ بولسا، بولۇر بۇ تۆت شەرتمۇ بىل.يۇسۇپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ توغرىدىكى پرىنسىپى كۈندىن كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جەمىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجرىبىلەرمۇ، بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. ئىسلام نەزەرىدىكى ئۆلگىلىك ئايالنىڭ سۈرىتىنى تۆۋەندىكى ھەدىستا كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال كىشى ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايال كىشى سانىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ” ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسا ئۇنى مەمنۇن قىلالايدىغان، ئۇنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇنلايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال، ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايالدۇر.“ (نەسائىي رىۋايىتى)ئىمۆم غازالى ”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: ”ئەي قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! سەن ئۇنىڭغا زېمىن بولساڭ، ئۇ ساڭا ئاسمان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭغا بىسات بولساڭ، ئۇ ساڭا تۇۋرۇك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما، ئۇ سەندىن زىرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۇزاقلاشما، ئۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن. ئەگەر ئۇ سەندىن ئۇزاقلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭدىن ئوزاقلاشقىن. ئۇنىڭ نومۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا پۇرسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەللىكنىلا كۆرسۇن.“ (”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ 4 ـ جىلد 163 ـ بەت)

      ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ: ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى ـ ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەركىشىدۇر. ئەر كىشى قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن ياكى چوڭ مەنسەبلىك بولسۇن، دىيانەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن خالىي بولىدىكەن، ئۇ، ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى سانالمايدۇ. ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بۇلاي دئسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىبىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مەركەزلەشتۇرگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ”دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۇرۇڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر“، ساھابىلار ــ يا رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنىڭدا (يەنى پېقىرلىك ياكى تېگى پەسلىك) بولسىچۇ ؟ ـ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ”دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىركىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۇرۇڭلار“ دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. (تىرمىزىي رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى زەيد ئىبنى ھارىسەگە ياتلىق قىلماقچى بولغاندا، زەينەپ ئېسىل نەسەبلىك بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل جامالغا ئىگە ئايال بولغاچقا، زەينەپ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى زەيدنى ياقتۇرمىغان پۇزۇتسىيىدە بولىدۇ. شۇۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: ”ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ) كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.“ (ئەھزاپ سۈرىسى 36 ـ ئايەت) مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشىنىڭ مىقياسى تەقۋالىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پرىنسىپىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە تەتبىق قىلغانلىقنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر. ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ مىقياسىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا موئامىلە قىلىدىغان، ئېسىل پرىنسىپلارغا باغلىق قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ـ ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز ئارا تۇنۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ) ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۇچىدۇر. ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.“ (ھوجۇرات سۈرىسى 13 ـ ئايەت) چۈنكى، دىيانەتلىك كىشى ئۈستىدىكى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق ـ ھوقۇقلارنى تونۇيدۇ. ئايالىنى ياقتۇرغاندا ھۆرمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ قالغاندا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئايالى ئەگەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۇزمەستىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋا كىشى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقىدىغان كىشى دېگەنلىكتۇر.



مەنبە:ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى ناملىق كىتاب

3

تېما

2

دوست

2791

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3467
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 392
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 276
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 14:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەرلەر ئۈزۈلمىگەي
قۇتلان تېلفۇنلىرى

9

تېما

1

دوست

1404

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17344
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 15:48:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىلا ئادەم ئۆزىگە مۇشۇنداق قاتتىق تەلەپلەرنى قويغان بولسا ھەرخىل نىجىس كېسەللەر بىزدىن يىراقلىشاتتى.

0

تېما

1

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 348
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 18:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاي چېكىدىن كىرگەن پۇل ھالالمۇ ھاراممۇ  ؟ بۇنى مەن نۇرغۇن موللىدىن سورىغان لىكىن بىر بىر سىگە ئوخشاشمايدىشان جاۋاپ بەردى ..  بەزىلىرى ھالال دىدى
. بەزىلىرى ھاراممۇ دىدى .  زادى قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم .  تورداشلا بولسا قارىي بىلمى بار قېرىنداشلىرمىزدىن سوراپ ماڭا دەپ بەرگەن بولسا  ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم..

0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25373
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 20:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىڭىزغا بارىكاللا !

2

تېما

1

دوست

527

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21839
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 20:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
951986172 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 18:08
پاي چېكىدىن كىرگەن پۇل ھالالمۇ ھاراممۇ  ؟ بۇنى مەن نۇرغ ...

سىز ئاۋال دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللا نىڭ بۇ پەتىۋاسىنى ئوقۇپ بېقىڭ :

سۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز. بىزنىڭ سورايدىغان سۇئالىمىز بولسا ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر دۇنيا ئىقتىسادى بىرگەۋدىلىشىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان ھەرخىل كەسىپ ۋە سودا-سېتىق كەسىپلىرى، تور تېخنىكا كەسىپلىرى (مەسىلەن توردا ئېلان بېرىپ پۇل تېپىش، ئىنتېرنېتتا نەرسە كېرەك سېتىۋىلىش، شىركەت پايچېكى سېتىۋېلىش، خام نېفىت سېتىۋىلىش قاتارلىقلار) چىقىپ بىز مۇسۇلمانلارغا قايسىسىنى قىلىش، قايسىنى قىلماسلىق قايسىسى ھارام، قايسىسى ھالال بۇنى ئايرىش تەس بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بىز بىرقىسىم مەبلەغ سالغۇچى شىركەت بولۇپ، ھازىر بىز جۇڭگو ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سالايلى دەپ ئويلاشقان ئىدۇق، بازارغا كىرىپ پايچەك ئېلىپ-ساتساق بولامدۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىزگە قانداق شەرتلەر ۋە پەتىۋالار بار؟ ئېغىر كۆرمەي پەتىۋا بېرىشلىرىنى سورايمىز.جاۋاب: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.ئاللاھ تائالا ئايەتتە سودا-سېتىقنى، تىجارەتنى ھالال قىلىپ مۇنداق دېگەن: (ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى.)[ بەقەرە سۈرىسى 275-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ] (پەقەتلا ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودا بولۇپ قالسا، ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ.)[ بەقەرە سۈرىسى 282-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ] (بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەت سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا.)[ نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ]ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى ئەمەلىيەتتە بار بولغان بىر شىركەتنىڭ سەرمايىسىگە مەلۇم پىرسەنت ھەسسىدار بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئاشۇ شىركەتكە مەلۇم پىرسەنت بىلەن ئورتاق شېرىكلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەسسىدارلىقتىن كېلىپ چىققان ھەر بىر شەخسنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پاي ئېلىم-سېتىم، مىراس، ھەدىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق مۇئامىلىلەردە قىممەتكە ئىگە مۈلۈك ھېسابلىنىپ، شەرئىي جەھەتتىن مال-مۈلۈككە دائىر ئەھكاملارغا بويسۇنىدۇ. شىركەتكە ھەسسىدار بولغان پايچىكلار شىركەتنىڭ سەرمايىسىدىلا شېرىك بولماستىن، بەلكى ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىسىمۇ شىركەت قىلىۋاتقان تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەردىمۇ شېرىك بولغان بولىدۇ. پاي چېكى تىجارىتى مۇباھ تىجارەت. لېكىن ئالىملار بۇ خىل تىجارەتنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن شەرىئەتكە خىلاپ بارلىق ئىشلاردىن خالىي بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. مەسىلەن: 1-پاي تەۋە بولغان شىركەت ئەمەلىيەتتە جىسمى بار مەۋجۇت شىركەت بولۇپ ھالال كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇشى، قۇرۇق قەغەز يۈزىدىلا قۇرۇلغان مەۋھۇم ياكى قۇرۇلىۋاتقان شىركەت بولماسلىقى كېرەك. 2-پاي چېكى ئېلىپ-سېتىلماقچى بولغان شىركەت جازانە- ئۆسۈم بىلەن ۋە ياكى ھاراق ئىشلەپ چىقىرىشتەك، قىماردەك ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان شىركەتلەر بولۇشى شەرت. ئەسلى پائالىيىتى ھالال، لېكىن ئۆسۈملۈك قەرز ياكى باشقا ھارام ئىشلار ئارىلاشقان شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئېلىپ-سېتىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە چەكلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك پايلارنى ئېلىپ-ساتماسلىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىن. 3-پايچېكى سودىسى قىلغاندا نەق ۋە نېسى بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىر پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا ئايلاندۇرۇش ئەھۋاللىرىغا ئۇدۇل كەلگەندە نەقمۇنەق بولۇشى شەرت. 4-ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش مەقسىتى بولمىسىمۇ باشقىلارنى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە پاي سېتىۋالماسلىق ياكى بىرەر شىركەتنىڭ پېيىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداق، مىش-مىش گەپلەرنى تارقاتماسلىق ياكى ساختا خېرىدار بولماسلىق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سەھرالىقنىڭ مېلىنى شەھەرلىك سېتىپ بەرمىسۇن. خېرىدارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ساختا خېرىدار بولماڭلار، كىشى قېرىندىشىنىڭ قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودىلاشمىسۇن. قېرىندىشى سۆز ئاچقان لايىقىغا سۆز ئاچمىسۇن. ئايال كىشى ئۆزى تېگىش ئۈچۈن ھەمشىرىسىنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئېرىدىن ئۇنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلمىسۇن» دەپ توسقان.[ سەھىھەين: بۇخارىي 2140-ھەدىس. مۇسلىم 1413-ھەدىس ] 5-بەزى شىركەتلەر زىيان تارتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆسۈملۈك بانكىلاردا قويۇپ ساقلاپ ئۆسۈم ئالىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈمنى تىجارىتىنىڭ پايدىسى بىلەن ئارىلاشتۇرىدۇ. بۇنداق شىركەتلەرنىڭ پېيىنىڭ سودىسىنى قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئۆسۈم يېيىشتىن ئىبارەت. 1992-يىلى 5-ئايدا جىددە شەھرىدە ئېچىلغان ئىسلام فىقھى مەجمەسىنىڭ يەتتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي چېكى ھەققىدە مۇنداق قارار ماقۇللانغان: 1-مۇئامىلىلەردە ئەسلى قائىدە ھالاللىقتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتكە زىت بولمىغان پائالىيەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش جائىز ئىشتۇر. 2-ئاساسلىق مەقسىتى جازانە ۋە ھارام نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشتەك ھارام پائالىيەتتىن تەركىب تاپقان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوقتۇر. 3-ئاساسلىق پائالىيىتى ھالال بولسىمۇ بەزىدە جازانە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھارام مۇئامىلىلەرنى قىلىدىغان شىركەتلەرگە ھەسسىدار بولۇش ھارامدۇر. يەنە 1995-يىلى رابىتىغا تەۋە ئىسلام فىقھى مەجمەسىنىڭ 14- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا پاي جېكى ھەققىدىكى بىر قارارىدا مۇنداق كەلگەن: 1-مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەزىبىر مۇئامىلىلىرىدە جازانە بار بولغان شىركەت ۋە بانكىلارنىڭ پېيىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشى جائىز ئەمەس. 2-بىر شىركەتنىڭ ھارام مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قېلىپ پېيىنى سېتىۋېلىپ كېيىن بىلگەن بولسا، ھارام پائالىيەتكە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتىن دەرھال چىقىپ كېتىش لازىم. يۇقىرىقىغا ئوخشىغان ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن خالىي بولغان ئەھۋالدا پاي چېكى سودىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. شۈبھە ئارىلاشقان ئەھۋالدا مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك: 1- پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى تىجارىتىلا بولماستىن باشقا نۇرغۇن مەۋھۇم تىجارەتلەرمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل تىجارەتكە قەدەم قويماقچى بولغانلار بۇ ھەقتە ئەتراپلىق دىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن تۇتۇش قىلمىسا ھارامغا ياكى زىيانغا ئۇچرايدۇ. 2-پاي چېكى تىجارىتى مەلۇم سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر قەدەر مۇرەككەپ تىجارەت بولغاچقا، بۇ ساھەدە ئەتراپلىق مەلۇماتى بولمىغان كىشىلەر ئاسان زىيان تارتىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ تىجارەتنى بۇ ھەقتە يېتەرلىك بىلىمى بارلار قىلغىنى تۈزۈك. 3-پاي چېكى بازىرى ھەر مىنۇتتا نەچچە خىل ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىنساننى دەككە-دۈككىگە سېلىپ ئاسانلا يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. چوڭ زىيان تارتىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۆلگەنلەرمۇ بار. شۇڭا ئىنسان ئۆزىنى بۇنداق بازارلاردا كۆپ ئۇپراتماسلىقى، رىزىقنىڭ ئەزەلدىن پۈتۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ھالال، چىرايلىق، ساغلام يول بىلەن پايدا تېپىشنى كۆزلىشى لازىم. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

8

0

تېما

5

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 22:16:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

0

تېما

4

دوست

2139

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 22:44:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئاللاھ     ئەجرىڭىزنى  بەرسۇن  !    ياخشى  يازمىلىرىڭىز    ئۈزۈلمىگەي  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )