سىزمۇ قەرزگە كىيىم ئېلىپ كىيەمسىز؟
مەن ئىلگىرى ئۆيىدە تۇرۇپلا كىيىم كېچەك ياكى زىبۇ زىننەت ساتىدىغانلارنىڭ ئالىمىز دىگۈچىلەرگە قەرزگىمۇ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ھەم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم، لېكىن يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا بىر نەچچە قېتىم بازار ئارلاش جەريانىدا سودا بازارلىرىدا دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭمۇ قەرزگە كىيىم ساتىدىغانلىقىنى بايقاپ بەكمۇ ھەيران قالدىم. ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: 1- بۇندىن 2 ئاي بۇرۇن، يەكشەنبە كۈنى، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن بىر دوستۇم بىلەن بازار ئارلاشقا چىقتۇق ھەمدە سۈپىتى ياخشىراق كىيىم ساتىدىغان، خوجايىنى ئۇيغۇر بولغان بىر دۇكانغا كىردۇق، چۈشتىن كېيىن بولغاچقا دۇكاندا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇ يەردە كىيىم كۆرىۋېتىپ دۇكان ئىگىسى بىلەن دۇكانغا قارايدىغان بالىنىڭ گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، 《جەمى قەرزگە سېتىلغان كىيىمنىڭ پۇلى 23مىڭ يۈەن بوپتۇ، لېكىن بۇنى مېنىڭ سىزگە دەپ بەرگىنىمنى ⅩⅩⅩئاچامغا دىمەڭ دەۋاتاتتى دۇكانغا قارايدىغان بالا》.( ⅩⅩⅩدۇكاننىڭ ئايال خوجايىنى، بىز كەلگەندە دۇكاندا ئەر خوجايىن بىلەن دۇكانغا قارايدىغان 23 ياشلار ئەتراپىدىكى مۇشۇ بالىلا بار ئىكەنتۇق). 2- بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن، يەنە شۇنداق بىر يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن، دوستۇم بىلەن دوستۇمنىڭ تىككۈچىگە بېرىپ قويغان كۆينىكىنى ئەكىۋالغاچ يەنە بىر بازارغا باردۇق، كۆينەك تېخى پۈتمىگەن بولغاچقا تىككۈچى بىزنى بىر دەم بازار چۆگىلەپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. چۆگىلەپ بۇلۇڭ تەرەپكە جايلاشقان يەنە بىر كىيىم كېچەك دۇكىنىغا كىردۇق، بۇ دۇكاندىكى ماللارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ باھاسى خېلىلا قىممەت ئىدى. بىز كىرگەندە 55 ياشلار ئەتراپىدىكى دۇكان ئىگىسى ئايال بىرسىگە تېلفون بېرىۋاتاتتى. تېلىفوندا ناھايىتى ئۈنلۈك ئاۋازدا 《 سىز ھەجەپ مېنىڭ ئېرىمگە 300 يۈەن بېرىپ، 500 يۈەن بەردىم دەپسىزا؟ مېنىڭ ئېرىم مەندىن ئاشۇ 200 يۈەننى قىسىۋالارما، ماۋۇيەرگە كېلىڭا ئاۋال ماۋۇيەرگە، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ، ئۇ كىيمنىڭ پۇلىنىچۇ ئالمايمەن، سىزگە سادىغات قىلىۋەتتىم بولدى!》دەۋاتاتتى. دوستۇم بىلەن بىر بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە دۇكاندىن چىقىپ كەتتۇق. ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىللىرىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققى قىلىشى، بولۇپمۇ يانفوننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ھەر خىل نامدىكى ئۇچرىشىشلىرىمىز، ئولتۇرۇشلىرىمىز بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئىلگىرى يانفون يوڭ چاغلاردا ئايلاپ، يىللاپ ھەتتا 10 يىللاپ ئالاقىلىشالمايدىغان ساۋاقداشلىرىمىز، دوستلىرىمىز بىلەن بىر نەچچە سېكونتنىڭ ئىچىدىلا ئالاقىلىشالايدىغان بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغانلار چېيى، تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغانلار چېيى، تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغانلار چېيى، ئالى مەكتەپتە تەييارلىقتا ئوقۇغان بولسا تەييارلىقتا بىللە ئوقۇغانلار چېيى دىگەندەك ھەر خىل نامدىكى چايلارغا تەكلىپ قىلىنىشقا باشلىدۇق. بارىدىغان چايلار كۆپەيگەنچە كىيىم كېچەككە بولغان ئېھتىياجىمىزمۇ ئېشىشىقا باشلىدى. بىر سورۇنغا كىيگەن كىيىمىمىزنى 2- سۇرۇنغا كىيىشنى خالىمايدىغان بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ياكى 2 قېتىملا كىيگەن كىيىملىرىمىزنى ئىشكاپقا بېسىپ قويۇپ يەنە يېڭىدىن كىيىم ئېلىشنى تاللىدۇق. مېنىڭ ئىقتىسادىم مۇشۇنداق قىممەت كىيىمنى ئېلىپ كيىشكە يار بېرەمدۇ، دىگەننى ئويلاشمايلا ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دىگەن گەپ بويىچە باشقىلاردىن قالغۇمىز كەلمەي ھەر ئايدا ئاز ئازدىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن قەرزگە كىيىم ئۈستىگە كىيىم ئېلىپ كىيىشكە باشلىدۇق.بۇنداق ئىشلار ھەتتا يېزىدىكى دېھقان ئاياللارغىچە كېڭىيىپتۇ. ئۇلارمۇ كۈزدە قايتۇرۇش شەرتى بىلەن سودىگەرلەردىن كىيىم كېچەك ۋە ئالتۇن زىبۇ زىننەت سېتىۋالىدىكەن. مەن كىيىم ساتقۇچى ئايال تېلفون قىلغان، قەرزگە كىيىم ئېلىپ كىيگۈچى خانىم ياكى قىزنىڭ شۇنداق قوپال ئاۋازدىكى ئاشۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانداق ھىسىياتتا بولغىنىنى بىلمەيمەن، ئەگەر ئاشۇ دېھقان ئاياللار كۈزدە يەردىن مۆلچەرلىگەندەك ھوسۇل چىقماي قالسا سودىگەرلەرنىڭ ئالدىدا يەنە قانداق ئاھانەتكە قىلىدىغانلىقىنىمۇ تەسەۋۇر قىلالمايمەن. 2012-يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە خوتەنگە ، ئۆتكەن يىلى يەنە شۇ مەزگىلدە تۇرپانغا بارغاندىمۇ ئۈرۈمچىدىن كىيىم كېچەك ئېلىپ كېلىپ ئۆيىدە تۇرۇپلا ساتىغان، قەرزگىمۇ بېرىۋېرىدىغانلارنىڭ مۇشۇ يەرلەردىمۇ بارلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم.قارىغاندا بۇ ھادىسە دىيارىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئومۇملاشقان بولسا كېرەك.خەنچە تورلاردىن ئىقتىسادقا دائىر ماقالىلار ۋە ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپلا ئىقتىساد ئانچە ياخشى بولمىغاچقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىيىم كېچەك ۋە باشقا ئانچە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ پۇلىغا ئامېرىكا دوللىرى تىگىشىپ ئۆيىدە ساقلاۋاتقانلىقىنى ئوقۇپ تۇرىمەن. ئۇنداقتا دىيارىمىزدىكى خانىم قىز سىز پۇلىڭىزنى نىمىگە ئىشلىتىۋتىسىز؟ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى خېلىلا يۇقىرى بولغان ئىقتىسادى كاساتچىلىققا تەييارلىقىڭىز قانچىلىك؟ يەنە قەرزگە كىيىم ئېلىپ كىيەمسىز؟ |