تىلىم بايان قىلغان دىلىمنىڭ جامالىغا كۆز سالغىنىمدا ئانام بەرگەن شۇ تىلنى جاندىن ئەزىز كۆرسەممۇ يەنە كەملىك قىلاتتىكەن دەيمەن، تىلىم بىلەن دىلىمنى ئاچقىنىمدا ئىپتىخار ئىلكىدە خۇددىي زەپەردىن قايتقان ئەسكەردەك مەغرۇرلىنىپ كېتىمەن. ئانامدىن قالغىنى شۇ تىل ئىدى. ئانا دېمەك نېمىدىگەن ھۇزۇرلۇق –ھە! تەندىكى ئەزالىرىمغا قارىسام، ھەممىسىنىڭ رولى بولسىمۇ، بىر پۇتۇم ياكى بىر قولۇم بولمىسىمۇ گەپ قىلىپ، تەپەككۇر قىلىۋېرىدىكەنمەن،قۇلىقىم ئاڭلىمىسىمۇ، تىلىم گۆش تىلىم بولغاندىن كېيىن تاۋۇش چىقىرىپ ئىپادىلىيەلەيدىكەنمەن، ئېغىزىم سۆز قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ناكار بولمىغان بىر قولۇمدا ئانا تىل يېزىقىمنى يېزىۋېرىدىكەنمەن... نە تەندىكى ئەزالىرىمدىن تىلىم ئۈچۈن كەچمىكىم تەس ئەمەس ئىكەن. ئەمما، تىلدىكى 32ئەزالىرىمنىڭ بىرىدىن كېچىش ساتقىنلىق ئىدى. مەن بىرىدىن كەچمەكنى ساتقىنلىق ياكى يۈزسىزلىك دەپ بىلسەممۇ، بەزىلەر بىرلىرىگە خىيانەت قىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە بەزىلەر ھەممىسىن كېچىپ تۇرۇپمۇ، خۇددى ئانىسىز ئېنەكلەردەك خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ... ئانىسىز قانداق ياشايدۇ؟ بىر تامچە ئانا سۈتىگە يەتتە رەت مەككىگە يۈدۈپ ئاپارماق لازىمكى، ئانا تىلدا سۆزلىمىگەنگە نە قىلىش لازىمدۇر؟! ۋاپاسىز گۆش تىللارنى قانداق قىلماق كېرەك؟! ھەييات،ئانامدىن قالغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغانلىمىنىڭ ئۆزى بىر بەخت ئىكەن. باشقىلارنىڭ مۇستەبىتى ئاستىدا ۋەتەنسىز ياشىغىلى بولغان بىلەن ئول ئانا تىلسىز ياشىماق دوزاخنىڭ ئۆزىدۇر! تىلىمنىڭ بولغانلىقى - جېنىمنىڭ بولغانلىقى. «ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلىدىغان»زاماننى شەۋقىي بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىكەن. بۈگۈن بالامدىن بىر بۇردا نانغا ئانا دېگەن ئاتالغىنى ئالالىغىنىم بىلەن ئەتە يەنە نېمىگە نېمىنى ئالالارمەن؟! مۇنداق بىرگە-بىر بېرىپ، نەپ بىلەن كۆندۈرۈپ قويسام، ئۇنىڭ دىلى نېمە بولۇپ كېتەر؟! ھايۋاندا بار قورساق غېمى، پۈتۈن بولماي قالسا بالامنىڭ نېنى ئەگەر شۇنداق غەمگە قالارمۇ؟ يا تىلى تۇتۇلۇپ، يا كىكەچ بولۇپ، ئانانىمۇ ئاران –ئاران دەيدىغان بولۇپ ، شاتۇتىدەك باشقىلارنىڭ گېپنى دورايدىغان بولۇپ قالارمۇ؟! ھازىرمۇ دورايدىغانلارنىڭ ئەتىۋارى بولىۋاتىدۇ. بۇلبۇلنىڭ ئەتىۋارىنى قىلمىسا باغ باغ بولاتتىمۇ؟! بۇلبۇلسىز باغنى باغ دېگىلى بولامدۇ؟! ئانامدىن قالغان بۇ مىراسنى بىر-بىرلەپ تىزىپ باقتىم، ۋاھ، نېمىدىگەن گۈزەل –ھە! گۈل-گۈلىگە كەلگەن، بىرىنىڭ ئوتىدا بىرى كۆيگەن شۇنداق رەتلىك تىزىلغان چىكىتلەرگە، ھەمزىلەرگە،كىرتىكلەرگە سەپسېلىپ قاراپ چىقتىم... «گۈزەلنىڭ يۈزىدىكى خالدەك زەپ ياراشقان بىر-بىرىدىن ئۇز»لىقلارغا قاراپ ھەۋەس بىلەن ئۆزۈمنىڭ قاش، كۆزۈم، بۇرۇن ، پۇت- قوللىرىمنىڭ جايى-جايىغا ماس كەلگەنلىكىدەك ھېكمەت بىلەن بۇ گۈللەرنىڭ بىر –بىرىگە جىپسىلىشىپ تۇرغان ھالىتىدىكى ھېكمەتنى ئويلاپ-ئويلاپمۇ تاپالمىدىم، خاسىيىتىنى ھېس قىلىشقا تۇتۇنساممۇ، بىئىلاج ئىدىم! قىسقىسى، گۈزەللىكنىڭ يەكتالىقى مۇشۇ تىلىمدا يەنى ئانا تىلىمدا ئىكەن ئەمەسمۇ. ئۇنىڭدىن چىققام ئۇرغۇ، ئۇنىڭدىكى جەزبىدارلىق، ئۇنىڭ مەنا ئىپادىلەش كۈچى، ئۇنىڭ گىرامماتېكا ئالاھىدىلىكى... ھەممە ھەممىسى مەندە باشقىچە بىر تۇيغۇنى چۇلغۇتۇپ، قاغجىرىغان، تەشنالىق ھۈجەيرەمنىڭ ئىسيانكار روھىغا مەلھەم بولماقتا ئىدى... خالىسا نەيزە بولالايدىغان،خالىسا قالقان بولۇپ بېرەلەيدىغان بۇ تىلىمدىن سۆيۈنگەن ھالدا، يۈرىكىمنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ باقتىم... تىلىم ئۈچۈن سوقىۋاتقاندۇرسەن –ھە؟! قۇم سائەتتىن چۈشىۋاتقان قۇمغا قاراپ، خۇددىي بۇ گۈزەللەر بىر-بىرلەپ بىر-بىرگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ساداقىتى بىلەن ئايرىلماي چۈشىۋاتقاندەك قىلاتتى... قۇمنىڭ ئورنىدا يۈرىكىم تۆكۈلىۋاتامدۇ، ياكى مېنىڭ ئارمانلىرىم؟! بوۋامدىن قالغان ۋەسىيەتتە: «تىلىڭ بولمىغان زامان، دىلىڭ زۇلمەتتە قالغان زاماندۇر،شۇنى بىلگىنكى، بوۋامدىن قالغان بۇ قۇرلارنى داداڭغا يەتكۈزدۈم،داداڭدىن بالاڭغا يەتكۈزگىن!....» دادامنىڭ مۇشۇ خەتلەر ئالدىدا كۆز ياش قىلغانلىقىنى يادىمغا ئالساملا تېىنىم تىتىرەپ كېتىدۇ... نېتەي، مانا ئەمدى مەن بۇ خەتلەرنىڭ ئالدىدا دادامدەك ئولتۇرالماي، بوۋامنىڭ ھاسسىسىدا يېزىلغان سۇدىكى خەتلەرنى خىيال قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ خەتلىرىنىڭ دىلدىلا قالغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن ھالدا، تىلىمنى ئۆمەللەپ باقتىم...لېكىن دادامدەك ياكى بوۋامدەك سۆزلىيەلمىدىم! ئانا، بۇ سەندىن قالغان تىل، ئانا، بۇ سەندىن قالغان دىل. سېنىڭ قەدىرىڭدەك چوقۇم قەدىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگىن! ئەي ئانا تىل، بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان، سەن بىلەن روھىي زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر... روھ ۋەتىنىدىكى تۇغۇم- ئانا تىل! 32يۇلتۇزنى كۆكسۈمگە تاقاپ كۆرەككە ماڭغىنىمدا يۈكسەك بىر چوققىدا بوۋام كۈتىۋاتقۇدەك...
|