- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3866
- نادىر
- 0
- يازما
- 245
ئۆسۈش
62.2%
|
شىۋىتسىيەلىك بۇ زىيارەتچى ئەينى دەۋردە دىيارىمىزغا نېمە مەقسەتتە قەدەم باسقان بولسۇن بەرىبىر، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ساقلاپ قالغان بىرقىسىم تارىخلىرىمىزنى بەلكىم شۇلار قوينىغا تىقىپ ئېلىپ كەتمىگەن بولسا بۇ چاغقىچە بىزگە يىتىپ كەلمىگەن بولاتتى.
ھەممىمىز مۇنبەرلەردە ئەشۇ 20-30- يىللاردا ياشىغان ئەژداتلىرىمىزنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۇق، بۇلارنىمۇ ئەشۇ ئاتالمىش «پەرەڭ» لەر سۈرەتكە ئېلىپ ساقلاپ قويمىغان بولسا بىزگە نەدە شۇلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈش؟ ئاددىيسى ئۇ ئۇزاق تارىخقۇ مەيلى مۇشۇ 70-80- يىللاردىكى دىيارىمىزنىڭ- قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىدارىنى شۇ زاماندا ئىشلەنگەن كىنولاردىن باشقىسىدا كۆرەلەمدۇق؟
ئاددىيسى مەن ئالدىنقى يىلى توردا كەڭرى تارقالغان 80- يىللىرى ياپونىيە بىلەن دۆلىتىمىز سىنغا ئالغان خوتەن- قەشقەر، ئۈرۈمچىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بار ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. چۈنكى بۇ فىلىمدە شۇ ۋاقىتلاردىكى مەكتەپلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىمناستىكا ئوينىغان، مۇئەللىملەرنىڭ دەرس ئۆتكەن كۆرۈنۈشلىرى، شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئاددىي- ساددا، سەمىمىي چىراي ئىپادىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەنمۇ شۇ دەۋردە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇپ چوڭ بولغان. بۈگۈنكى بالىلار، بولۇپمۇ 90- يىللاردىن كېيىن توغۇلغان بالىلار بۇ چىرايلارنى كۆرسە تەئەججۈپلىنىپ قاراپ قويىشىدۇ، شۇ تۇرمۇشلارنى ھەتتا تەسەۋۇرمۇ قىلالمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ئەشۇ دەۋردىكى چەتئەللىكلەرنىڭ، جۈملىدىن گۈننار يارىڭ ئەپەندىنىڭ قەشقەردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىدى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر شۇ دەۋر تارىخىمىزنىڭ ئازراق رۈجەكلىرى بولسىمۇ ساقلىنىپ قالغان. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن كۆپ تەسەللىي.
مەن شىۋىتسىيەلىك بۇ ئادەم ھەققىدە بۇرۇن ئوقۇغان ئازغىنە ماتېرىياللىرىم قاتارىدا ئانچە- مۇنچە بىر نەرسىلەرنى كۆرگەن، دىيارىمىزدا نەشر قىلىنىۋاتقان مەلۇم گېزىت- ژورناللاردىمۇ بۇ ھەقتە ماقالىلەر بېسىلغان.
مەن كۆپچىلىككە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا نەشردىن چىققان، تاتار ئالىمى نۇشىرۋان يائوشېف تەرىپىدىن يېزىلغان «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» ناملىق كىتابنى كۆرۈپ بېقىشقا تەۋىسىيە قىلىمەن. مەزكۇر كىتاب نوقۇل ھالدا يوقۇرقى تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ بىراق ئوخشاشلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يۇرتىمىزنىڭ بىرقىسىم تارىخلىرىدىن بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن. |
|