گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ناتۇنۇش يەنە بىر يۈزى
قۇمتۇر
(ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇئاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالە)
گۇننار ياررىڭ ئۇيغۇرلارغا ناھايتى تۇنۇشلۇق بولغان شىۋېتسىلىك تۈركولوگ ۋە دېپلومات. ئۇ ئۇيغۇرلارغا قەشقەرگە قىلغان سەپىرى ئارقىلىق تۇنۇلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە قەشقەر دىيارىدىن توپلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور مىقتاردىكى ماتىرىياللارى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غايەت زور شۆھرەت تاپقان. گۇننار ياررىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە پەقەت بىلىم ئىخلاسمەنلىرىگىلا تۇنۇشلۇق بولۇپلا قالماي، بەلكىي ئاۋام خەلق ئارىسىمۇ زور تەسىرگە ئىگە.
گۇننار ياررىڭ 1929-يىلدىن 1930-يىلغىچە قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئۇچۇرشۇش ئىمكانىغا ئىگە بولىدۇ . گۇننار ياررىڭ ماقالىلىرىدا ئۆزۈنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنى ئۇيغۇر تىلى ئۆگۈنىش ئۈچۈن «قەشقەرگە قىلغان تىل ئۆگۈنىش سەپىرى» دەپ ئاتايدۇ . گەرچە گۇننار ياررىڭنىڭ قەشقەر سەپىرى ئۇنى تۇركولوگىيە ساھاسىدىكى نام –شۆھرىتىگە يېىڭى پەللە، تەتقىقاتىغا تۈگۈمەس مەنبە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەققى سالاھىيىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى تەتقىقات ساھاسىدە ئەمەس بەلكىي سىياسىي سەھنىدە ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيە جەمىيتىدە تۇركولوگ نامى بىلەن ئەمەس بەلكىي مەشھۇر دېپلومات نامى بىلەن قەدىرلەنمەكتە.
گۇننار ياررىڭ شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لۇند ئونۋېرسىتىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرشۇناس گوستاۋ راكېتنىڭ ئوقۇغۇچىىسىدۇر. گوستاۋ راكېت شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەردىكى بازىسىدا ئۇزۇن مەزگىل تەرجىمە ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دىننىي جەمىيەتنىڭ غوللۇق ئەزاسى ئىدى. گۇننار ياررىڭ ئۆزۈنىڭ تەرجىمھالىدا قەشقەرگە قىلغان سەپىرىنى ئاشۇ ئۇستازى بولغان گوستاۋ راكېتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بولغان دەپ بايان قىلىدۇ. بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئوقۇۋاتقان گۇننار ياررىڭنىڭ پاكىز تەرجىمھالى ئۇنىڭ قەشقەر سەپىرىنىڭ مۇدداسىنى گوستاۋ راكېتكە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ماتىرىياللار ئۇنىڭ تەرجىمھالىدا يېزىلماي كېلىۋاتقان بىر قىسىم يۇشۇرۇن ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ھەققىي مۇدداسىغا يېڭى مەنىلەرنى قوشماقتا.
20-ئەسىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى پۈتۈن ياۋرۇپا مىقىياسىدا گېرمانىيەنى مەركەز قىلىپ تارقالغان ناتسىسلىق ئىدىيىسىگە ئىگە مىللەتچىلەرنىڭ ھەركىتى جاللانغان يىللار ئىدى.لۇند شەھرى ئەينى چاغدىكى شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرىنىڭ ئوۋىسى ھېساپلىناتتى. بۇ شەھەردە شىۋېتسىيە ناتسىسلىرى تەرپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى مىللەتچى پارتىيە «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى» ئاكتىپ ھەركەت قىلاتتى. لۇند شەھرىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخىسلەر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئادىۋكات، ساقچى، ئەسكەر ۋە جەمىيەتنىڭ نۇرغۇن يۇقۇرى قاتلام كىشلىرى بۇ پارتىيەنىڭ ئاكتىپ ئەزارلىرى ئىدى.
29يېشىدىلا لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ دوسسېنتلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان گۇننار ياررىڭ لۇند شەھرىدىكى تەسىرى بار ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىۋېتسىيە ناتسىسلىرى ئاتالغان «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى»نىڭ غوللۇق ئەزاسى ئىدى.(1) ئۇنىڭ مىللەتچىلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ناتسىسلىق ئىدىيىسى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىلا باشلانغان بولۇپ، 1926-يىلى مىللەتچى ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن تەشكىللەنگەن «مىللەتچى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى»غا ئەزا بولۇدۇ.(2) 1936-يىلى شىۋېتسىيە پارلامىت سايلىمىغا «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى»نىڭ ئاساسلىق نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ قاتنىشىدۇ. ئۇ سايلام نۇتۇقلىرىدا: «كۆچمەنلەرنى ئۈنۈملىك كونترول قىلىپ شىۋېت خەلقىنى يات ئامىللاردىن سالاپ قېلىش»(3)نى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ چاغدا گۇننار ياررىڭ « شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى»دىكى غوللۇق 6ئادەمنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ بۇ يىللاردا لۇند ۋە مالمۆ قاتارلىق شەھەرلەردىكى مىللەتچىلەر كۇلۇبلىرىدا نۇتۇقلار سۆزلەيدۇ، ماقالىلار ئوقۇيدۇ. شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرىنىڭ ئورگان ژورنىلى بولغان«ناخۇنېل يۈل»«داگىنىس پوست» دىگەندەك ژورناللاردا ماقالىلار ئىلان قىلىدۇ. (4). گۇننار ياررىڭ بىر تەرەپتىن ماقالىلىرى، نۇتۇقلىرى ۋە سىياسىي پارتىيىسىدىكى ئوبرازى ئارقىلىق ناتسىسلىق ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شىۋېتسىيە ھەربىيلىرى تەرپىدىن قۇرۇلغان «چېگرا ئاگىنتلىقى » دا خىزمەت قىلىدۇ. «چېگرا ئاگنىتلىقى» شىۋېتسىيە ھەربىيلىرىنىڭ 1939-يىلىدىن 1946-يىلىغچە ۋەزىپىدە بولغان مەخپى ئىشپىيونلۇق ئورگىنى بولۇپ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھېتلېر گېرمانىيىسى بىلەن قۇيۇق ھەمكارلىقتا بولغان. گۇننار ياررىڭ «چېگرا ئاگىنىتلىقى» دا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن ناتسىس گېرمانىيەسى تەرپىدىن 1942-يىلى ناتسىىس بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن« گېرمانىيە بۈركىتى» ناملىق ئوردىنغا ئېرىشىدۇ. (5) «گېرمانىيە بۈركۈتى» ناملىق ئوردىن ھېتلېر گېرمانىيىسى تەرپىدىن تەسىس قىلىنغان گېرمانىيە ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن چەتئەل پۇخرالىرىغا تارقىتىدىغان ئوردىن ئىدى.
گۇننار ياررىڭنىڭ مىللەتچىلىككە تولغان ناتسىسلىق ئىدىيىسى 1930-يىللىرىدىن كېيىن تازا ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇ ھېتلېر تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئارىيانلار ئېرقى نەزىرىيىسىنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچۇرغان ئىدى. ھېتلېرنىڭ تەشەببۇسىدىكى ساپ ئارىيان ئېرقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار شۇ دەۋىردە پۈتۈن ياۋرۇپا مىقىياسىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئەسلىنى ئىزدەش ۋە ئۆزلىرىنى ئارىيان ئېرقىغا باغلاش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچى، ئارخولوگ ۋە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ ئورتا ئاسىيانى مەركەز قىلغان پۈتكۈل ئاسىيا ئىقلىمىدا جاھانكەزدىلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. گۇننار ياررىڭ ئاشۇ تەۋەككۈلچى جاھانكەزدىلەرنىڭ قاتارىدىكى ئارىيان ئېرقى نەزىرىيىسىگە مەستانە بولغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىن كېيىن يازغان ماقالىلىرىدىكى ئارىيانلار ھەققىدىكى بەزى كۆز قاراشلار ئۇنىڭ ئاسىيا سەپىرىنىڭ مۇدداسىغا گۇمانىي تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ئارىيانلار تارىختا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرىنى ئارىيان ئېرىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ خىل ھادىسە ھېتلېر تەرپىدىن ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزۈنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا« ئارىيانلار قۇرۇشچان، باتۇر، ئىتتىپاق، ئەقىللىق، ئىشچان، چىرايلىق خەلقتۇر. يەھۇدىلار پۈتۈنلەي بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇزغۇنچى، ھىلىگەر، زەھەرخەندە، ئاچكۆز، شەخسىيەتچى، پاسكىنا، سەت خەلقتۇر»(6) دەپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە گېرمانلارنى بىردىن-بىر ساپ ئېرىقلىق ئارىيانلار، دەپ ئاتايدۇ. ھېتلېر تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ساپ ئارىيان ئېرقى نەزىرىيىسى ياۋرۇپادا باش كۆتەرگەن مىللەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئارىيان ئېرقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ۋە باشقا خەلقلەرنى پەس كۆرۈشىگە چوڭ نەزىرىۋي ئاساس تىكلەپ بېرىدۇ. گۇننار ياررىڭ تەشەببۇس قىلغان «كۆچمەنلەرنى ئۈنۈملىك كونترول قىلىپ شىۋېت خەلقىنى يات ئامىللاردىن ساقلاپ قېلىش» نەزىرىيىسىمۇ ئەمىلىيەتتە ھېتلېرنىڭ ئارىيانلارنى ئۇلۇغلاپ، باشقىلارنى پەس كۆرۈش ئىدىيىسىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. ئۇ ئۆزۈنىڭ« يەر شارىدىكى جەنئەت» دېگەن ماقالىسىدا بۇ توقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئېپادىلەيدۇ.
گۇننار ياررىڭ 1935-يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى قايتا زىيارەت قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئەينى چاغدىكى مۈرەككپ ۋەزەزىيەت سەۋەبىدىن ئىلتىماسى رەت قىلىنىپ چېگرىدىن كىرگۈزىلمەيدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئابىغانستان ۋە كەشمىرلەردە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولۇپ، 1936-يىلى ۋەتىنى شىۋېتسىيەگە قايتىدۇ ۋە شۇ يىلى ئۆزى تەۋە بولغان پارتىيە «شىۋېتسىيە مىللەتچىلىرى مەملىكەتلىك بىرلىكى»نىڭ ئورگان ژورنىلى بولغان« ناخۇنال يۈل» دا « يەر شاردىكى جەننەت » دېگەن ماقالىسىنى ئىلان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدا كەشمىر رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ،« كەشمىرىنىڭ دالېن، كىرىڭ سىرىناگار دېگەن يۇرتلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا بارسىڭىز ئۇ يەردە ئەركىن، خوشال، ئۇچۇق، مېھماندوس، دوستانە، ياتلاردىن ئالتۇن ئۈندۈرۋېلىشنى ئويلىمايدىغان خەلق بىلەن ئۇچۇرشىسىز. تەلىيىمىزگە كەشمىردىمۇ ياخشى خەلق بار ئىكەن. چۈنكى، كەشمىردە ئارىيانلاردا بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق پەزىلەتلەر بار بولغان ھەقىقىي ئارىيانلار ياشاۋېتىپتۇ.»(7) دەپ يازىدۇ. ماقالىدا ئەكىس ئەتكەن بۇ نوقتىنئەزەرلەردىن گۇننار ياررىڭنىڭ ئابىغانستان ۋە كەشمىرى زىيارىتىنىڭ مەقسىدىنى تىل تەتقىقاتىنى مەقسەت قىلغان دىگەندىن كۆرە ئارىيانلار ئېرقىنى تەكشۈرۈشنى نىشان قىلغان دەپ قىياس قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز. چۈنكى ئابىغانستان ۋە كەشمىرلەر تەتقىقاتچىلار تەرپىدىن ئارىيانلار ياشىغان ماكانلار دەپ قارىلىۋاتقان كەڭ زىمىنلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمىلىيەتتە گۇننار ياررىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان رايونلار بولۇپ، ئەگەر سەپىرى ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردە گۇننار ياررىڭنىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ قېلىش مۈمكىنچىلىكى بار ئىدى. بەلكىم تەكلىماكان رايونىغا ماكانلاشقان ئارىيانلار ھەققىدە بەزى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشى مۈمكىن ئىدى.
گۇننار ياررىڭنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قەشقەر زىيارىتى 1929-يىلىدىن 1930-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ چاغدا گۇننار ياررىڭ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ياش يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ شۇنچە ياش بولۇشىغا قارىماي قەشقەر قاتارلىق ئۆزىگە پۈتۈنلەي ناتۇنۇش بولغان بىر ماكاندا، ناتۇنۇش بىر خەلق ئارىسىدا يەككە يىگانە زىيارەتكە تەۋەككۈل قىلىشى شۇ چاغدىكى مۈرەككەپ ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئاددىي بىر مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ يۇرت- يۇرتلارنى ئارىلىشى ۋە ۋە توختىماي قەدىمىي قول يازمىلارنى يىغىشى ئۇنىڭ ئاددىيغىنا تىل ئۆگۈنىش مەقسىدىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن دىيىشكە بولاتتى. بۇ مەزگىلدە گۇننار ياررىڭ شىۋېتسىيەدىكى «مىللەتچى ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى»نىڭ 3 يىللىق سىنىقىدىن ئۆتكەن كونا ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئالىقاچان ياۋرۇپا باش كۆتەرگەن مىللەتچىلەرنىڭ ناتسىسلىق ئىديىسى بىلەن يۇقۇملۇنىپ بولۇنغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ شۇنچە يىراق ياۋرۇپانىڭ بىر بۈرجىگىدىن شۇنچە جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ قەشقەرگە كېلىشىنى ئادىيلا «تىل ئۆگۈنىشنى مەقسەت قىلغان » دىيىشكە بولمايتى. ئۇنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى تىل ئۆگەنگۈچىدىن كۆپىرەك مەلۈم بىر نەرسىنى ئىزدىگۈچىگە ئوخشايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىۋېتسىيەدە «شىۋىتلار قەشقەردىن كەلگەن»(7) دېگەن رىۋايەت تۈ سىنى ئالغان بىر تارىخ بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگۈنىشنى مەقسەت قىلغان ۋە قەشقەرگە بېرىشقا تەۋەككۈل قىلغان گۇننار ياررىڭنىڭ ھەققىي مۇدداسىنى تىكلىگەن قىزىقارلىق بىر مەنبە دىيىشكە بولاتتى. گەرچە بۇ شىۋېتلار تەرپىدىن ئىتىراپ قىلىنمىغان ۋە تەتقىقاتچىلىرى تەرپىدىن يىتەرلىك تەتقىق قىلىنمىغان بىر رىۋايەت بولسىمۇ ئەمما 30 يىللاردىكى ئۆزۈنى ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئۆزۈنى ئارىيانلارغا باغلىغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يۇرقۇرى بىر ماتىرىيال ھېساپلىناتتى. بولۇپمۇ گۇننار ياررىڭدەك شىۋېتسىيەدىكى مىللەتچى پارتىيىنىڭ غوللۇق 6 ئادىمىنىڭ بىرى ھېساپلانغان ناتسىس مىللەتچىسىگە نىسپەتەن تېخىمۇ شۇنداق ئىدى.ئەمما ئۇ قەشقەر سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ 1934-يىلى «جەنۇبىي شىۋېتسىيە كۈندۈلىك گېزىتى»دە ئىلان قىلغان« ئۇيغۇرلارىكى كىتاپچىلىق» دېگەن ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئانچە ئىجابى بولمىغان نەزەردە بولۇدۇ. ئۇ قەشقەر كوچىلىرىدىكى كىتابپۇرۇشلارنى«ئۇلاردا كىتاپلىرىنى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلمايدىغان بىر چەت ئەللىككە سېتىپ بېرىدىغان راي زادىلا يوق ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىسى سوغاق تەلەتلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى.» دەپ تەسىۋىرلىسە،كىتاپپۇرۇش رۇزىئاخۇننى«مەن كىتاپپۇرۇشلاردىن روزى ئاخۇن بىلەن خېلى تونۇشۇپ قالدىم.بۇ ئادەم بېشىغا ئاق سەللە ئورىۋالغان كىشى ئىدى. يەرلىكلەرنىڭ قارىشىچە سەللىلىكلەر ئادەتتە باشقىلارغا قارىغاندا بىلىملىك كېلەرمىش،مۇنداقچە ئېيتقاندا سەللە ئىناۋەت ، بىلىمنىڭ سىمۋولىكەن.مېنىڭچە ئۇ كىشىنىڭ ھىلىگەر ۋە قۇۋلىقى ئۇنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقىنى بېسىپ چۈشەتتى.»« ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ ئاللاھ ئالدىدا گۇناھىنى تونۇشى كېرەكىدى، چۈنكى ئۇ مەندەك بىر ئىسلام دىنى مۇرىتى بولمىغان بىر بەندىگە كىتاپ ساتقاندا ”بىسمىللاھ“دەپ قويۇپلا سېتىۋەردى، بىرقانچە قېتىم قۇرئاننى سىڭا قولى بىلەن ياكى سول قولى بىلەن تۇتۇپ سالدى.ئۇ قەۋرە بېشىدا قىلغان دۇئالىرى بىلەن ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايتتى.گەرچە ئۇ مېنى قاقتى –سوقتى قىلىپ مەندىن نۇرغۇن پۇل ئۈندۈرىۋالغان ۋە مەن تەمىنلىگەن شىۋېتچە گېزىتلەردىن كۆپ پۇل تېپىۋالغان بولسىمۇ ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ مەككىگە قىلغان بۇ ئۇلۇغ سەپىرىگە مەدەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭ ھاجى بولۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەپ يازىدۇ.(8)
ئۇنىڭ مىللەتچىلىككە تۇيۇنغان ئىديىسى تاكى 70-يىللارغىچە ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشىنى، شىۋېتسىيەنى كۆچمەنلەردىن ئۈنۈملىك قوغداپ ، شىۋېت خەلقىنى ناتۇش ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ قېلىشنى ئىزچىل تەشەبۇس قىلىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيەدە باش كۆتەرگەن شىۋېت مىللەتچىلىرىنىڭ پارلامىتتىكى تەشەبۇسلىرىمۇ گۇننار ياررىڭنىڭ ئەينى چاغادىكى تەشەببۇسلىرىدىن قىلچە پەرىقسىزدۇر.
ئۇنىڭ بۈگۈن بازارغا سېلىنغان تەرجىمھالى يۇقۇرقىلاردىن مۇستەسنا پەردەزلەنگەن پاك-پاكىز تەرجىمھال بولۇپ، ئۇ بۈگۈن كىتاپلاردا شىۋېتسىيەدە تۇنۇلغان دېپلومات، ئىلىم ساھاسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۈركولۇگ بولۇپ يېزىلماقتا. گوننار ياررىڭنىڭ ئىدىيىسىنى 30 يىللارچە قامال قىلغان مىللەتچىلىك ۋە ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ناتسىسلارغا باغلىنىشلىق كەچۈرمىشىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەرجىمھالىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىلغان، بولۇپمۇ قەشقەرگە قىلغان سەپىرىنىڭ ھەققىي مۇدداسى ئادەمدە گۇمان قوزغايدۇ.
ئىزھات ۋە پايدىلانغان مەنبەلەر
1-شىۋېتسىيە مىللى سوتسىيالىزىمىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇنىڭغا قىزىققۇچىلار 1931-1945-يىللىرى، شىۋېتچە نەشىرى
2-شىۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى، 1972-يىلى، شىۋېتچە نەشىرى
2-نىمە ئۈچۈن مىللەتچىلەر ئاسىياغا ئەۋەتىلگەن؟ 2000-يىلى، شىۋېتچە نەشىرى
3-«ناخۇنال يۈل» 1936-يىللىق سانى، شىۋېتچە نەشىرى
4- شىۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى، 1972-يىلى، شىۋېتچە نەشىرى
5-قەشقەرگە قايتا سەپەر، ئۇيغۇرچە نەشىرى
6-ئۆزلۈك ۋە كىملىك، ئۇيغۇرچە نەشىرى
7- ۋېكىپېدىيا تور قامۇسى شىۋېتچە نەشىرى
8-ئوكيان تور قامۇسى
9- ئورخۇن تور بېتى. ئارىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى.
10- «لۇندىكى مەدەنىيەت دەرۋازىسى تورى»، شىۋېتچە نەشىرى
11-ئۇيغۇرلاردىكى كىتاپچىلىق ، جەنۇبى شىۋېتسىيە كەچلىك گېزىتى 1934-يىلى، زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى
12-شىۋېتسىيە كۈندۈزلىك گېزىتى، 2006-يىلى، شىۋېتچە
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
|