تۆھپىكار ئوقۇتقۇچىلىرىمىز
پورتىدىن (232-348) ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدا نامى بىزگىچە مەلۇم بولغان داڭلىق مائارىپچىلار ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى . ئۇ 232-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . كىچىكىدىن بۇددا دىنى بويىچە ئەتىراپلىق بىلىم ئېلىپ ، ئۆز زامانىسىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان .
ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ شۆھرىتى ئىچكىرلەرگىچە تارالغان …. شۇڭا (غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ) 78يېشىدا پادىشاھ يۇەنجانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن لوياڭغا بېرىپ 38يىل ئوقۇتقىچىلىق قىلىپ 116يېشىدا ۋاپات بولغان .
2. مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى سۇجۇپ .
سۇجۇپ —- مەشھۇر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، ئۇيغۇر مۇزىكاشۇناسلىقىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى بۇيۈك نامايەندىسى .
سۇجۇپنىڭ ھاياتى ، پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمات يوق . خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە ئۇنىڭ مىلادى 6-ئەسىردە ئۆتكەن كۇچالىق ئۇيغۇر مۇزىكا نەزىرىيەچىسى ئىكەنلىكى مىلادى 517-يىلى تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ ئوردا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقى ۋە ئۇيەردە «12ئاھاڭ رېتىم قانۇنى» نى كەشىپ قىلىپ «مۇزىكا پىرى» دىگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان .
3. مەشھۇر مائارىپچى پىرخۇيلان .
پىرخۇيلان —–(736-820) مەشھۇر بۇددا مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى . پىرخۇيلاننىڭ ھاياتى ، ئىجتىمائىي پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمەت يوق . تۇللۇقسىز مەلۇمەتقا قارىغاندا 736-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان . پىرخۇيلان كىچىكىدىن ئىجتىھاتچان بالا بولغاچقا كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتاپلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىيلىگۈچىسى ، چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق بىلىم ئىگىسى ، مەشھۇر تىلشۇناس ،ئالىم سۈپپىتىدە زور شۆھرەت قازىنىپ ئۆز دەۋرىنىڭ كەم تېپىلدىغان ئۇستازىغا ئايلانغان .
1737-يىلى (چىيەنلۇڭنىڭ 2-يىلى ) ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تۇللۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880-يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپۇنىيەدىن ئالدۇرۇپ كىلىپ كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .
4. ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئاقارى ماندا (بەي مىندا )
ئاقارى ماندا (تەخمىنەن 7،8-ئەسىرلەردە ) سۇي ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ، داڭلىق تىلشۇناس . سۇجۇپنىڭ شاگىرتى كۇچالىق . (بەي مىندا ) ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بولۇپ بەزى ماتىرياللاردا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەگ مانتۇر دەپمۇ ئاتىغان. خەنزۇچە تارىخي مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، ئۇ پادىشاھ سۇي تاپشۇرىقىغا بىنائەن «ياشا »،«پەرىزاتنىڭ مىھمان بولىشى»، «قەدىمىي ئوردىغا قايتىش »،«شاتلىق گۈلى » قاتارلىق 15 نەغمىگە مۇزىكا ئىشلىگەن .
5. مانى دىنى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى مۇيۇنچۇر بۆكۈخان .
6.مائارىپچى ، شائىر كەكمېنىر .
كەكمېنىر(تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرغىچە ) بۇددىزىم مائارىپىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدە ياشىغان مائارىپچى ، شائىر ، بۇددىزىم ئۇيغۇر مائارىپنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىسى . كەكمېنىر قەدىمقى مىران (ھازىرقى چاقىلىق ) دېگەن يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇنىڭ «بالامغا تەلىم» شىئېرىدا مۇنداق مىسرالار بار :
بالام گۆدەك ئۇقۇشقا كۆڭۈل قويمايدۇ ،
كىتاپ ئىچىدە ئالتۇن بار ئۇنى ئۇقمايدۇ .
بىلسە ئىدى كىتاپتىكى ئالتۇن قەدرىنى ،
ئوقۇر ئىدى تاڭ ئاتقۇچە يېقىپ چىراقنى .
شائىرنىڭ يەنە ۋەكىل خاراكتىلىك ئەسىرى 815-يىلى يېزىلغان «چىل بۆرىلەر ئۈستىدىن شىكايەت » دىگەن شىئېرى بولۇپ ، ئۇنىڭدا شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈربۈت «تىببەت» باسقۇنچىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭچىلىقى ئۈستىدىن كۈچلۈك شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى نامايەن قىلغان .
7. ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر ئوقۇتقۇچى سىنقۇسىلى تۇتۇڭ.
8. مائارىپچى ئاپرىنچۇر تىكىن .
ئاپرىنچۇر تىكىن10-ئەسىردىن كىيىن ئىدىقۇت مائارىپى يىتىشتۈرگەن ئۆز زامانىسىنىڭ ئاتاقلىق مائارىپچىسى ۋە شائىرى . ئاپرىنچۇر تىكىننىڭ ھاياتى ، ئىجتىمائىي پائالىيىتى ، ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇمات يوق . مەلۇمەتلادىن قارىغاندا تۇرپاننىڭ بويلۇق دىگەن يىرىدە دۇنياغا كەلگەن . مانى دىنى شارائىتىدە ئۈسۈپ يىتىلىپ ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا بىلىم ئىگىسىگە ، مائارىپچىسى ۋە شائىرىغا ئايلانغان . دىمەك ، مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا يىتىشكەن ئاپرىنچۇر تىكىن ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي ، ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىش 8-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى مانى دىنىغا ئىتقاد قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىنىڭ مەدىنيەت ، مائارىپ تارىخىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
9. پىداكار مائارىپچى ، ئارىستوتىلدىن كىيىنكى ئىككىنچى ئۇستاز ئەبۇ نەسىر فارابىي .
ئەبۇ نەسىر فارابىي (870-950) ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى . ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام شەرقىدىكى تەڭداشسىز مۇتەپەككۇر ، شەرق پەلسەپىسىنىڭ ئاتىسى ، ئىنسانىيەتنى ئەقلىي ، ئەخلاقى ،ئىستىتىك جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ۋە بەخىت سائادەتكە ئىرىشتۈرۈش يولىدا پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغان پىداكار مائارىپچى . تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئىلىم-پەن . مەدىنىيەت تارىخدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇرۇننىئى ئىگەلىگەن ئىنىسكىلوپىدىك(ئونۋىرسال ھەممە جەھەتتىن يىتىشىپ چىققان )ئالىم فارابى كاشىغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فارابتا تۇغۇلغان دەپ قارىلدۇ . ئۇنىڭ تۇللۇق ئىسمى« ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان » . ئەبۇ نەسىر فارابىي بىزگە ۋە پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي مىراسلار ئۈستىدە ھازىر گىرمانىيە ، فىرانسىيە ، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە ، ئامىرىكا ، سوۋىت ئىتتىپاقى ، ئىران ، ئىراق ، پاكىستان ، چىخوسلوۋاكىيە، ۋىنگىريە ، تۈكىيە ، مىسىر ، سۈرىيە ، ھىندىستان ، ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەر تەرجىمە قىلىش ، تۇنۇشتۇرۇش ، تەتقىق قىلىش ، بۇيىچە زور ئىلمىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا . مېنىڭچە بەك تۇنۇشتۇرۇپ كەتمىسەممۇ كۆپچىلككە تۇنۇشلۇق دەپ قاراي.
10. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى يۈسۈپ خاس ھاجىپ .
11. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى ، جاھان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇت قەشقىرى .
ئىبنى مۇھەممەت ئىبنى ھۈسەيىن مەھمۇت قەشقىرى(1008-1105 ) قارا خانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرىپەتپەرۋەر ئالىم ، جاھان تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى «ئىلىمگە ھۆددىگەر »، «ئىلىم ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى »دەپ نام ئالغان مەشھۇر پېداگوگ ، دڭلىق جامائەت ئەربابى .
سەمىمىي ئەسكەرتىش : يۇقارقى 3 نەپەر ئالىمىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخىنى بىلمەيدىغانلار ئۆزەڭلىنى بىلىپ ئازراق بولسىمۇ ماتىريال كۈرۈپ چۈشۈنۈپ قۇيۇڭ .. شۇڭا ئىنىچكىلىك بىلەن تۇنۇشتۇرۇلمىدى …
12. مەشھۇر مۇددەرىس جامالىدىن قەشقىرى .
جامالىدىن قەشقىرى 10-ئەسىردە قارا خانىيلا نىڭ پايتەختى قەشقەردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر مۇددەرىس . ئۇيغۇر كلاسسك مائارىپىنىڭ يىتەكچىسى . ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن «مەدرىسە ساجىيە » دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بۇيىچە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر جەرراھ (ۋىراچ)لار ، پەيلاسوپلار يىتىشىپ چىققان ، ھەتتا ئۇلاردىن بىرقىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تۇنۇلغان .
13. ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ پىشۋاسى ئىمامىدىن قەشقىرى .
14. مەشھۇر ئوقۇتقۇچى رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى .
رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى —–(؟-1083) قاراخانىيلار دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ، مۇتەپەككۇر ، تىببىي ئالىم . رەشىد ئىبىن ئەلى قەشقىرى قاراخانىيلار پايتەختى قەشقەردە تۇغۇلغان .
كىچىكىدىن تىرىشقان زىرەك بولغاچقا ئۆز زامانداشلىرى تەرىپىدىن «ئەللامە» (ھەممىنى بىلگۇچى ) دىگەن ئالىي ئىنۋانغا ئىرىشكەن . ئۇ تىبابەت جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ئۇنىڭ ئاقكىسەلنى بەدىيان ئەرقى بىلەن ، جىنسىي ئاجىزلىقنى مىھرىگىياھ بىلەن ، كۆز ئاجىزلىقىنى ئارپا بەدىيان بىلەن ، قاتارلىق ئىلمىي ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .
15. داڭلىق ئالىم ، مەشھۇر پېدالوگ تاتاتۇڭا .
تاتاتۇڭا (11-ئەسىر ) چىڭگىزخان ۋە چاغاتاي دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر پېدالوگ ، تالانتلىق مەمۇرىيەت باشقۇرغۇچىسى . بۇ كىشى نەچچە خىل تىلنى بىلىدىغان بولۇپ بىلىمى كەڭ دائىرلىك بولغاچقا نايمان خان تەرىپىدىن ئوردا باش مەسلىھەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن . چىڭگىزخان ئىممپىريىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن چىڭگىزخان بۇ ئالىمنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ ئوردا ئوقۇتقۇچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن ، چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇل – قىزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان . چاغاتاينىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئالىمدا ئۇقۇپ ساۋادىنى چىقارغان .
16. چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى مەخسۇتبەگ .
مەخسۇتبەگ —- (12-13ئەسىرلەردە) چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ قايتىدىن گۈللەپ ياشنىشى ۋا تەرەققىي قىلشى ئۈچۈن زور توھپىلەرنى قوشقان تالانتلىق مائارىپچى ، يېزا ئىگىلىك ئالىمى ۋە دۆلەت ئەربابى .
ئۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى سەككاكىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۇللۇق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق مىلادى 1260-يىلى كىدانلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان «مەدرىسەئىي ساجىيە» نىڭ خارابىسى ئورنىغا «مەخسۇدىيە » ناملىق ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا «سائادەت» ناملىق داڭلىق كۈتۈپخانىنى تەسسىس قىلىغان . «مەخسۇدىيە » ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇيدىغانلار كەشمىر ، لاھور ، خۇراسان ، بالاساغۇن ، قىپچاق دالالىرى، ئىلى ۋادىسى ، تارىم بويلىرى قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇغان .
17. مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېدالوگ يۈسۈپ سەككاكى .
سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىمىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى —-(1160-1228)مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېدالوگ ۋە يازغۇچى . سەككاكى ياش ۋاقىتىدىلا تىرىشچان بىلىمگە ئىشتىياقى كۈچلۈك بولغان دىنىي ئىلىم ، تىل-ئەدەبىيات ، ماتىماتىكا ، جۇغراپىيە ، تارىخ، ئىلمىي نۇجۇم ، تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن . يەنە ئانا تىلىدىن باشقا ، ئەرەپ ، پارىس تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن . مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقدىدارىنى يىتىلدۈرۈپ «بايات»مۇقامىنى ئىجارد قىلىپ «9-ئۇستاز »دەپ شۆھرەت قازانغان .
18. چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى مىجىت .
19. يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس سارابان .
سارابان يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ، تارىخشۇناس ۋە داڭلىق خەتتات . 1343-يىلى توغان تۆمۈر سارابانغا «جىننامىنى » يېزىپ چىقىشنى تەۋىسسىيە قىلغان ، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن ماتىريال توپلاش ئارقىلىق بىريېرىم يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ 135جىلدلىق «جىننامىنى » مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ پۈتتۈرگەن .
20. كەسپىي تېخنىكا مائارىپنىڭ ئاساسچىسى تۆمۈر تۈبرۈك (لومېڭشەن) .
21. داڭلىق ئوقۇتقۇچى ، دوختۇر يەھيا .
22. داڭلىق پېداگوگ جامالىدىن قارىشى .
جامالىدىن قارىشى — (1230-؟) داڭلىق مۇددەرىس ، پېداگوگ ، مەشھۇر ئالىم ۋە تىلشۇناس . مەھمۇد قەشقىرى تىلشۇناسلىق ئىلمىدە باشلاپ بەرگەن ئىجادىيەت ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەرەپ تىلى ، پارىس تىللىرى ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ شۇنىڭ نەتىجىسى سۈپپىتىدە «سوراھۇل لوغەت» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ چىققان . جامالىدىن قارىشى 1273-1274-يىللىرى «ساياھەت خاتىرسى » ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان . بۇ ئەسەر بىزگە ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ھەققىدە مول مەلۇمەتلارنى بىرىدۇ .
23. مائارىپچى شائىر مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى .
مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى — (1366-1465) ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر مائارىپچىسى ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇرى ۋە ئەللامىسى . ئۇ دەسلەپتە ماۋرائۇنەھىر ، ئالتۇن ئوردا (سەمەرقەنىت)، قىرىم ، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلارنى كىزىپ ئاخىرى ھىراتقا بېرىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ جايدا ياشاپ ،99يېشىدا ھىراتتا ۋاپات بولغان . لۇتفى ئىككى خىل تىلدا (ئۇيغۇر ۋە پارىس تىلى ) شىئېر يازغان بولۇپ ، بىزگە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان شىئېرلىرىلا يىتىپ كىلەلىگەن . بەزى مەنبەلەردە لۇتفىنىڭ 20دىن ئارتۇق يىرىك ئەسەرلىرى بارلىغى قەيت قىلىنغان . كىيىنكى تەتقىقات بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئىسپاتلاپ بىرىدۇ .
يەھيا —- (13-14-ئەسىرلەردە) ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ، يۇئەن سولالىسى كەسپىي مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۆچمەس تۆھپلەرنى قوشقان داڭلىق ئوقۇتقۇچى ، مەشھۇر دوختۇر . «جۇگېڭلۇ» ناملىق تىببىي كىتاپتا يەھيانىڭ ئېچىتقۇ دورىسىنى كەشىپ قىلىنغانلىقى سىچۇئەن ئۆلكىسىدىكى قورقۇنۇچلۇق ۋابا كىسىلىنى ساقايتقانلىقى قەيت قىلىنغان . شۇ كىتاپنىڭ 22-تومىدا يەنە مۇنداق تەسۋىرىي پاكىتلار يېزىلغان : رېن زىجاۋ دىگەن كىشى ئېيتىدۇ :« ئۆيگە قايتىۋاتسام قوشنامنىڭ ئوغلىنىڭ بېشى قاتتىق ئاغىرىپ ، نالە – پەرياد قىلىۋىتىپتۇ . بىر ئۇيغۇر تىۋىپى كىلىپ ، يېنىدىكى ئۇستىرا بىلەن بالىنىڭ پىشانىسىنى يېرىپ بىردانە قۇرتنى ئېلىۋەتتى . ھېلىقى قۇرت قاتتىق ، تاشتەك ئىدى . قۇرت بىرئاز ھەركەت قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈلۈپ قالدى ، بالىنىڭ بېشىمۇ دەرھال ساقايدى ». يۇقارقى پاكىتتىن شۇنى بىلىش كىرەككى بۇ ئۇيغۇر تىۋىپى يەھيا ياكى ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرسى بولىشى مۇمكىن .
تۆمۈر تۈبرۈك —– 13-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر يېزا ئىگىلىك ئالىمى ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپنىڭ ئاساسچىسى ، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى .
مىجىت —–12-13-ئەسىرلەردە ئۆتكەن چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ،ئاتاقلىق دوختۇر . چاغاتايخان تەرىپىدىن ئوردىغا تەكلىپ قىلىنىپ چاغاتاينىڭ باش دوختۇرى بولغان . ئۇ ئالمىلىقتا سۇنۇق كىسەللىكىنى داۋالاش مەكتىپىنى ئېچىپ ، داۋالاش ، دورا-دەرمان ياساش ئۇسۇلى ، شىپالىق دورىلارنى يىغىش ، ئوپراتسىيە قىلىش قاتارلىق كەسىپ ۋە مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈپ ئۆز دەۋرى ئۈچۈننۇرغۇنلىغان ۋىراچلارنى تەربىيلىگەن . چاغاتاي دەۋرى كەسپىي مائارىپنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن .
ئىمامىدىن قەشقىرى —- (تەخمىنەن 11-ئەسىر ) ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ پىشۋاسى . بۈيۈك ئالىم ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئىلمىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1016-1090) ئۇيغۇر كىلاسسىك مائارىپىنىڭ ۋە قارا خانىيلا دۆلىتىنىڭ بۈيۈك ئۇستازى . ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ، پەيلاسوپ ، مۇتەپەككۇر ، ئالىم ،شائىر . ئىلىم – پەن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن كۈرەشكۈچى قەيسەر جەڭچى .سىنقۇسلى تۇتۇڭ(تەخمىنەن 10ئەسىردە ياشىغان ) ئۇيغۇر ئالىمى ، مەشھۇر ئوقۇتقۇچى ،داڭلىق تەرجىمان ،ئەدىب،يىتىشكەن تىلشۇناس ۋە تەتقىقاتچى . سىنقۇسىلى تۇتۇڭ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشىبالىق (جىمسار) دا دۇنياغا كەلگەن . سىنقۇسىلى تۇتۇڭ ئىنتايىن تىرىشچان ، زىھنى ئۆتكۈر بولغاچقا ئۆزئانا تىلىدىن باشقا يەنە تۇخارتىلى ، ئەنەتكەك-سانسىكىرت تىلى ، خەنزۇ تىلى ، تاڭغۇت تىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگەلىگەن . سىنقۇسىلى تۇتۇڭ نىڭ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ئىجادىتي ئەمگىكى خەلىقئارا تۈكىلوگلار تەرپىدىن «تۈركىي تىللا دىۋانى »،«قۇتادغۇبىلگ» بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدىغان «ئالتۇن يارۇق» (ئالتۇن رەڭلىك نۇر چېچىپ ، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر ) بىلەن «شۇنجۇۋاڭنىڭ تەرجىمھالى »،«ئابخادخارھاكوشاھ» قاتارلىق ئۈچ دانە تەرجىمە ئەسەردىن ئىبرەت .
مۇيۇنچۇر بۆكۈخان (تەخمىنەن8-ئەسىرلەردە ئۆتكەن ) ئۆزدەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەربابى، مانى دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپنىڭ ئاساسچىسى ، ئۇيغۇر خاقانى ، داڭلىق گىنرال . مۇيۇنچۇر بۆكۈخان (بەزى تارىخىي مەنبەلەردە ئىلىخان دەپمۇ ئېلىنغان ) ئۇرخۇن ۋادىسىدا ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ مىلادىنىڭ 744-يىلى كۆك تۈرۈك خانىلىقىنى ئاغدۇرۇپ ،تۇنجى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان كۆل بىلگە قاغان نىڭ ئوغلى بولۇپ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن (747-يىلى) خاقان بولغان . مۇيۇنچۇر بۆكۈخان نەسەپ جەھەتتىن «توققۇز ئۇيغۇر »لارنىڭ «ئىچكى تۇققۇز ئۇيغۇر »لىرىغا تەئەللۇق بولغان ياغلا قار قەبىلىسىدىن كىلپ چىققان . مۇيۇنچۇر بۆكۈخاننىڭ ئاساس سېلىشى بىلەن كىيىنچە شەرقىي ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇنلىغان مانى ئوقۇتقۇچىلىرى يتىشىپ چىقىپ ، ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەرگىچە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ ۋە مانى دىنىنى تەرغىپ قىلىدۇ
|