يېڭى ئالدامچىلاردىن ھوشىياربولۇڭ!
جۇڭگۇدائالدامچىلار ناھايىتتى كۆپ،ئۇلارنىڭ ھىلە – مىكىرلىرى بارغانسېرى تەرەققى قىلىپكەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، كېشىلەر ياخشى كۆڭلى بىلەن ياردەم بەرگەن چاغدىمۇ ،ئويلمىغان يەردىن ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالىتىسىغا چۈشۈپ كىتىدۇ. تۆۋەندەجۇڭگۇدىكى بىر قانچە يېڭى ئۇسۇل بىلەن ئالدانغانلارنىڭ ھېكايىسى .
ناتونۇش ئادەملەرنى رەسىمگەتارتىپ قويۇشنىڭ خەتېرى كۆپ. بىر قسىم ئالدامچىلار بالىسىنى يالغۇز ئېلىپچىققان ئاتا ياكى ئانىلارنى رەسىمگە تارتىشقا ياردەمىلىشىشكە چاقىرىدۇ.ئاتا-ئانىلار ئاپپاراتنى ئېلىپ رەسىمگە تارتاي دىگەندە ، بېشى قېيىپ ھۇشىدىن كېتىدۇ. ئالدامچىلار ئاندىن كىچىك بالىنى بۇلاپ قاچىدۇ. شاڭخەيدە بىر جۇپ ئەر- ئايال بالىسىنى باغچىغائوينىتىشقا ئېلىپ بارغاندا ، ئالدامچىلار يولدىشى ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئايالنى رەسىمگە تارتىپ قويۇشقا ئۆتۈنىدۇ. ھېلىقى ئاپپاراتتا قانداق قىلىپمۇ سۈزۇك رەسىم تارتالماي ، ئاپپاراتنى قايتۇرۇپ بېرەي دىگەندە، بۇ ئايال ئەس – ھۇشۇنى يۇقۇتۇپ قويۇشقا باشلىغانلىغىنى ھېىس قىلىپ،بالىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋېلىپ، يولدىشىغا تېلغۇن قىلىپ ئالدامچىنىڭ ھېلە –مېكىرىنى ئىشقا ئاشۇرمايدۇ. ئايال 20 مىنۇتچە ھۇشىدىن كېتىدۇ. بۇنىڭىدىن باشقاشېنياڭدىمۇ مۇشۇنداق ئالدامچىلىقتىن ئىككىسى يۈز بەرگەن. كىچىك باللىرىنى ئېلىپ چىققان ئاتا- ئانىلاربۇنداق يېڭى ئالدامچىلاردىن ئالاھىدە ھۇشيار بۇلىشى كېرەك. بۇلاڭچىلارنىڭ يېڭى ئۇسۇلىدىن ماشىنىسى بارلارئالاھىدە ئېھتىيات قىلىڭ! كىشىلەر ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا كېلىپ،ماشىنا ئشىكىنى ئېچىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى بىلەن ماشىنائارقا شامال تۇسۇش ئەينىكىدە بىر پارچە قەغەز چاپلانغانلىغىنى كۆرىدۇ. بۇ چاغداسىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ھېلقى قەغەزنى ئېلىۋەتمەكچى بولسىڭىز ،بۇ چاغدا بەلىكىم ماشىنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى سىز ماشىنا ئارقىسغا ئۆتكەندە ،تەييارلىغى پۈختا بولغان ماشىنا ئوغرىسى تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ماشىنىڭىزغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ماشنىنى ھەيدەپ ئېلىپ قېچىشى ياكى بولمىسا ماشنىنى ئارقىچە ھەيدەپ سىزنى سوقۇپ يەرگە يېقتىۋىتىشى مۇمىكىن. بۇ ۋاقىتتا ، بەلكىم سىزنىڭ پۇل قاپچۇقىڭىزماشنىدا بولسا ،ئىش چاتاق ! ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋالدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ بىر ۋاراق قەغەزنىڭ كەينى ئەينەككە چاپلانغانلىغىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئارقىغا ياندۇرۇش ئەينكىدىن پايدىلىنىپ ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپكىتىپ، بىر بۆلەك يول ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇلۇپمۇئايال شوپۇرلار بەكمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
ئۆزىنى تىز يوللانما يەتكۈزگۈچى دەپ ئاتىۋېلىپ، يەمچۈك تاشلاپ ئالداش بۇ جەمىيەتتەپەيدا بولغان يەنە بىر خىل يېڭى ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بولۇپ، ئالدامچىلار ئۆزنى تىز يەتكۈزۇش شىركەت خادىمى دەپ ئاتاپ، ئاۋۋال ئالدانغۇچىلارغا تېلفون ئۇرۇپ، تىز يوللانما بارلىغىنى خەۋەر قىلىپ، ئادېرىسىنى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىتىن ئېنىق كۆرەلمىگەنلىگىنى ، ئېنىق تۇرۇشلۇق ئادېرىس بىلەن ئسىمىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاندىن ، راستىنلا تىز يەتكۈزۇش شىركەتنىڭ خادىملىرى يوللانمىنى ئىشىك ئالدىغىچە ئېلىپ كىلىدۇ، بۇ يوللانمىلار ئادەتتە ساختا تاماكا، ساختا ھاراق دېگەندەكلەر بولىدۇ. بىر نەرسە ئالدىغا كەلسە نۇرغۇن كىشىلەر قايسى ئۇرۇندىن كەلگەنلىگىنى سورىمايلا ئىمزا قويۇپ ئېلىۋىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلفون كېلىپ، يوللانمىنى تاپشۇرۇپ ئاپسىز، تۆۋەندىكى بانكا ھېساپ نۇمۇرىغا پۇل تاپشۇرمىسىڭىز بولمايدۇ- دەيدۇ. ئادەتتە 10 نەچچە مىڭ يۈەنگىچە تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ماقۇل بولمىسىڭىز ،قەرىزىنى قايتۇرۋېلىش شېركەتلىرى ياكى قارا گۇرۇھنىڭ ئادەملىرى ئشىكىڭىزگە كېلىپ قىڭراق كۆتۈرۇپ ئادەم چانايدۇ. ھازىر ئاز بولمىغان كېشىلەر بۇخىل ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.
تېلفون لېنىيەسىنى تەكشۇرىمىز دەيدىغان ئالدامچىلار ھەرقانداق بىر تېلفون قۇبۇل قىلغاندا (0080 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدۇ.) ، تېلفون سىم لېنىيەسىنى تەكشۇرىمىزدەپ، قۇدۇق بەلگۈىسى ياكى خالىغان بىر كۈنۇپكىنى بېسىشنى تەلەپ قىلغاندا، تەلەپ قىلىنغان كۈنۇپكىلارنى ھەرگىزمۇ باسماڭ ھەم تېلفوننى دەرھال قويىۋىتىڭ ! بۇنىڭ ئالدامچىلىق بولۇشنىڭ مۇمكىنچىلىگى ناھايىتتى چوڭ. بۇ ئالدامچىلىقتا ، سىز كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن ، سىزنىڭ تېلفون كارتىڭىزدىكى پۇلدىن پايدىلىنىپ تېلفون قىلۋېلىشى ، ھەتتا سىزنىڭ بارلىق ئالاقىلىشىش خاتېرىڭىزنى كۆچۈرۋېلىشى مۇمكىن.
رەستىلەردە فۇجىيەن ئەنشىنىڭ تېيىگۇەنيىن (铁观音) چېيى سېتىش
ئەگەر يولدا بىرىسى سىزگە يېقىنىلىشىپ، فۇجىيەن ئەنشىنىڭ تېيىگۇەنيىن چېيىنى ساتماقچى بولۇپ، سىزنى پۇراپ بېقىشقا تەكلىپ قىلسا ، چۇقۇم قاتتىق دىققەت قىلىڭ . بۇ تېيىگۈەنيىن چېيى ئەمەس ، بەلكى بىرخىل ھۇشىسىزلاندۇرغۇچى دورا، پۇرسىلا ھۇشىسىزلىنىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. يەڭگىل بولغاندا مال- مۇلىكىدىن ،ئىپپەت –نۇمۇسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ، ئېغىر بولغاندا ھاياتى خەۋىپكە ئۇچراپ،ئچكى ئەزالىرنى سېتىۋېتىۋېتىدۇ. قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ ! ھازىر گۇاڭدۇڭ، خېبي ، خېيلۇڭجىياڭ ، تىيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە مۇشۇنداق دېلولار كۆرۇلىدى.
ماشىنا ھەيدىگەندە تۇخۇم ھۇجۇمىغا ئۇچراش
كەچتە، ماشىنا ھەيدىگەندە تۇخۇم ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا (بولۇپمۇ يالغۇز ماڭغان قىز-ئاياللارئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك)، ھەرگىز ماشنىنىڭ سۇ پۈركۈش ئىقتىدارى ۋە يامغۇرچوتكىسىنى ئاچماڭ. چۈنكى بۇ تۇخۇم سۇ بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن ، ئاق رەڭگەئۆزگىرىپ،كۆرۈش دائىرسىنىڭ %92.5 نى تۇسىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسز ماشىنىنى چەتتە تۇختۇتۇشقا مەجبۇربولىسىز-دە ، بۇلاڭچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كىتىسىز. ئەڭ ياخشىسى ماشنىنى يۇرۇق ،ئادەم بار يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، ئاندىن ئەينەكنى پاكىزلاڭ. بۇ ئالدامچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋاسىتىسى.
يولدا سامساق ساتىدىغانلاردىن ھۇشيار بولۇڭ ئەگەر يولدا بىرسى سىزگەيېقىنلىشىپ، سىزىگە يېڭى سامساقنى ساتماقچى بولۇپ، پۇراپ بېقىشقا تەكلىپ قىلسا،چۇقۇم دىققەت قىلىڭ! بۇ سامساق ئەمەس، ھۇشسىزلاندۇرغۇچ دورا (乙醚蒜). ئۇنى پۇراپلاقالسىڭىز ، ھۇشىڭىزدىن كېتىسىز- دە ئالدامچىلار سىزنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك بارلىق نەرسلىرىڭىزنى ئېلىپ قاچىدۇ.
تېلفون ئارقىلىق قىلىنغان جىددى ئۇقتۇرۇشتىن ئاگاھ بولۇڭ
ئەگەر 371، 372 ياكى 375دىن باشلانغان نومۇرلاردىن تېلفون كەلسە ھەرگىز ئالماڭ. ئېلىپلا قالدىڭىزما120يۈەندىن 320 يۈەنگىچە سۆزلىشىش ھەققىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلفونىڭىزدىكى بارلىق ماتېرىياللارنى 3 سىكۈنت ئىچىدە ئوغۇرلاپ بولىدۇ. بۇلار چەتئەلدىكى جنايەتچى گۈرۇھلار بولۇپ مەخسۇس باشقىلارنىڭ تېلفون نۇمۇرى، بانكىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئوغۇرلاش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
|