- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5145
- نادىر
- 8
- يازما
- 333
ئۆسۈش
100%
|
تاشپولاتكا، بۇ تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت! تۈنۈگۈن سىزدىن بۇ قىز توغۇرلۇق ئاڭلاپ ناھايتى تەسىرلەندىم ۋە زور ئىلھام ئالدىم. ئۇ ئىجاد قىلغان بۇ يېڭىچە غول ھۆجەيرە يىتىشتۈرۈش ئۇسۇلىغا مەن ئازراق قوشۇمچە چۈشەنچە بىرەي ھەم بۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:
ھۆجەيرە دىگىنىمىز ۋىرۇستىن باشقا بارلىق جانلىق سانالغان مەۋجۇداتلارنىڭ تىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ھاياتلىق بىرلىكى بولۇپ، بىز ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە تىرىليۇنلىغان ھۆجەيرىلەر بار. ھەر بىر ھۆجەيرە بەدىنىمىزدىكى مەلۇم ئەزالاردا مەلۇم فۇنكىسىيەگە ئىگە بولۇپ، شۇ ھۆجەيرىلەر بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ۋە ھايات تۇرالىشىمىزدىكى ئاچقۇچتۇر. مەسىلەن: ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى بىتا ھۆجەيرە دەپ نام ئالغان مەخسۇس ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۆجەيرەىلەر توپىنىڭ سانى ئازلاپ كەتسە ياكى نورمال فۇنكىسىيىسى ئاجىزلاپ كەتسە، ئۇ ھالدا بىز دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىمىز يەنى بەدىنىمىزگە كىرگەن قەنتىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەزالارغا سۈمۈرۈشكە ئامالسىز قېلىپ قەنىتلەردىن پايدىلىنىپ ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىمىز توسالغۇغا ئۇچرايدۇ؛ ياكى مېڭىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى دوپامېن ئىشلەپچىقىرىغان نېرۋا ھۆجەيرىلىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا بىز پاركىنسون كېسىلى ياكى مېڭە يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولىمىز. دىمەك، ھۆجەيرىلەرنىڭ ساغلام ياشىيالىشى ۋە فۇنكىسىيىسىنىڭ نورمال يۈرۈشىشى بەدىنىمىزدىكى ھۆجەيرىلەرگە باغلىق.
بىلگىنىمىزدەك، ئىنسان ئەمەليەتتە كۆپىيىش ھۆجەيرىلىرى دەپ ئاتىلىدىغان تۇخۇم ھۆجەيرىسى ۋە ئىسپىرما ھۆجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ بىز ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (زېگوتا) ھاسىل قىلغاندىن كىيىن مۇشۇ بىر تال ھۆجەيرە توختىماي بۆلۈنۈش ئارقىلىق بىرى ئىككى، ئىككىسى تۆت، تۆتى سەككىز.....بولۇپ توختىماي كۆپىيىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرىدا بالياتقۇ ۋە ھامىلىنىڭ بارلىق ھۆجەيرىلىرىگە ئايلىنىپ ئاخىرىدا بىر بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمىز. ئەمىسە نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى باشقا ھۆجەيرىلەرمۇ توختىماي بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ بىز تېخىمۇ يوغان بولۇپ كەتمەيمىز؟ نېمىشقا بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى بار بولغان ھۆجەيرىلەرنى كۆپەيتىپ ئازلاپ كەتكەن ھۆجەيرىلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق دىئابىت كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالمالمايمىز؟ نەق مۇشۇ يەردە غول ھۆجەيرە ۋە ھۆجەيرىنىڭ پوتىنسىئالى دىگەن ئۇقۇملار بىلەن تونۇشۇشقا توغرا كىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدا پوتىنسىئالى چەكسىز بىر ھۆجەيرە بولۇپ ئۇ ئىنسان تېنىدىكى ۋە شۇنداقلا بالياتقۇنى ھاسىل قىلىدىغان بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، ئەمما ھەر قېتىملىق بۆلۈنۈش جەريانىدا دەسلەپكى ئانا ھۆجەيرە تېنىدە ئاكتىپ ھالەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرغان مەلۇم گېنلار ئۆزى تۇرۋاتقان مۇھىتتىكى ئامىللارنىڭ ئېتىۋىتىلىدۇ، يەنى ئىپادىلىنپ چىقىشتىن توختايدۇ، دە قانچە كىيىنكى قەدەمدە ھاسىل بولغان ھۆجەيرىلەر شۇنچە ئاز يوشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئاشۇ خىل تۆرەلمە يىتىلىش جەريانىدىكى كۆپ خىل ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ھۆجەيرىلەرنى غول ھۆجەيرە دەپ ئاتايمىز.
بىز تۇغۇلىدىغان ۋاقىتتا مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆجەيرىلەر پەقەت بىرلا ھۆجەيرە شەكلىگە يەنى بۆلۈنۈپ ئۆزىگە ئوخشاش ھۆجەيرىلەرگىلا ئايلىنالايدۇ ياكى بىر نەچچە خىل ھۆجەيرىلەرگىلا ئايلىنالايدىغان ناھايتى چەكلىك يوشۇرۇن كۈچنى ساقلاپ قالغان ئاز ساندىكى چوڭلار غول ھۆجەيرىلىرىلا مەۋجۇت بولىدۇ. غول ھۆجەيرىنىڭ ئاشۇ خىل غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى بىزنى جەلىپ قىلىدۇ چۈنكى بىز ئاشۇ غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىز خالىغان ھۆجەيرىلەرگە ئايلاندۇرۇپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ھازىر داۋاسى يوق سانسىز كېسەللەرنى ئۈزۈل-كېسل ساقايتىشىمىز نەزەرىيە جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن.
ئەمىسە بۇ خىل ھۆجەيرىلەرگە قانداق ئېرىشىمىز؟ گەپ نەق مۇشۇ يەردە! ئىنسان بەدىنى ئىممۇنىت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا ئۆز تېنىدىن كەلمىگەن ھۆجەيرىلەرنى چەتكە قاقىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ (ئەزا كۆچۈرگەندىكى يەكلەش مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ). دىمەك، بىر بىمار ئاغرىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا خاس بولغان غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ ئۇنىڭغا لازىم بولغان ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرۇپ بەدىنىگە سېلىپ قويغاندا، كېسەل داۋالاپلا قالماستىن ھىچقانداق يەكلەش يۈز بەرمەيدۇ. بىمارغا خاس غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىش بۇ نەزەرىيەنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ، بۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسدا ئالىملار ئىزدىنىۋاتقىلى يېرىم ئەسىردىن ئاشتى، ۋە نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەر مەيدانغا كەلدى. ئاتاقلىق ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ياپونيە ئالىمى ياماناكا بۇ جەھەتتە ئەڭ زور ئىلگىرلەشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ياماناكا بىمار تېنىدىن خالىغان بىر ھۆجەيرىنى ئايرىپ ئىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئۇخلاۋاتقان گېنلارنى قوزغىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق iPS دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالدى ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 2012-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئۆتكەن يىل بىمار تىنىدىكى بىر ھۆجەيىنى يادرو كۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى ئايرىپ ئالدى ۋە بۇ تۆھپىسىگە يارىشا ئۆتكەن يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ زور نەتىجە قازانغان 10 ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەمدى گەپ، بۇ ياپونلۇق قىز نېمە قىلدى؟ سىلەرگە بۇنچە كۆپ ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى بىرشىم تۆۋەندە دىمەكچى بولغانلىرىمنى سىلەرنىڭ ئاسان ۋە توغرا چۈشىنەلىشىڭىلار ئۈچۈن بولدى، بەك كۆپ گەپ قىلىپ كەتكەن بولسام كەچۈرۋىتەسىلەر.
بۇ ياپون ئالىمى Obokata ئۆلۈشكۈن غول ھۆجەيرە ياساشنىڭ ئەڭ ئاسان بىر ئۇسۇلىنى ياراتقانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. ئۇ يېڭى تۇغۇلغان چاشقان تېنىدىكى ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ ئۇنى تۆۋەن pH قىممىتىدىكى كېسلاتالىق ئېرىتمىگە ئۇچراشتۇرغاندا بۇ ھۆجەيرىلەر ئويلىمىغان يەردىن غول ھۆجەيرىگە ئايلىنىپ قالغان! ئۇنىڭ ئۇسۇلى شۇنچىلىك ئاددى بولۇپ، ھۆجەيرىلەرنى ئادەتتە يىتىشتۈرۈش جەريانىدا خۇسۇسىيتىنى بايقاش ئۈچۈن دائىم كېسلاتاغا ئۇچراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى سانسىز قېتىملاپ قىلغاندىمىز، ئەمما ھېچكىم بۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىشىنى ئويلاپ يەتمىگەن بولغاچقا بۇ ئاددى ئۇسۇل ھازىرغىچە سىر پىتى قالغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاددى نەرسىلەنى سىناپ بىقىشقا سەل قارىماسلىق يېڭى بايقاشلارنىڭ ئاچقۇچى بولسا، كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ قىز 1983-يىلى ياپونيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن. ياپونيەدە تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىرلىقنى تۈگىتىپ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋىرستېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ ئىككى يىل ئاۋۋال ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ياپونيەگە قايتىپلا ئۆزىنىڭ تەجىرىبخانىسىنى قۇرۇپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشى جەريانىدىكى ئويلىغانلىرىنى سىناپ باققان ۋە مۇشۇنداق زور نەتىجە ياراتقان. |
|