قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3204|ئىنكاس: 36

تاشپولات : بىر كۈن ئىچىدە دۇنياغا تونۇلغان قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

168

تېما

36

دوست

8169

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 376
تۆھپە : 2608
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 14:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

بىر كۈن ئىچىدە دۇنياغا تونۇلغان قىز

تاشپولات روزى



        ياپونىيەلىك 30 ياشلىق قىز Haruko Obokata يېڭى تىپتىكى STAP "stimulus triggered acquisition of pluripotency"  دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقىرىپ, بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ قىزنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدا 1-ئاينىڭ 29 كۈنى ئېلان قىلىندى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونلۇق ئالىم Shinya Yamanaka iPS تىپتىكى ھۈجەيرىنى ئىشلەپچىقىرىپ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بىراق ئالىملار iPS ھۈجەيرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇرەككەپ ھەم بىخەتەرلىكى ياخشى ئەمەس دەپ قارايدىكەن. Haruko Obokataنىڭ ئىشلەپچىقارغان STAP ھۈجەيرىسىنى ناھايىتى ئاسانلا ئىشلىگىلى بولىدىكەن ھەم ئۇ بىخەتەر ئىكەن.  ئادەتتەiPS ھۈجەيرىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن  ئەڭ كەم دېگەندە ئىككى ھەپتە كېتىدىكەن. بىراق بۇ يېڭى ھۈجەيرە STAP بولسا ئىككى كۈندىلا ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.

         تۈنۈگۈندىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ بارلىق خەۋەر ئاخباراتلىرى مۇشۇ خەۋەرنى بېرىش بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ياپونىيە تۈنۈگۈندىن باشلاپ شاتلىققا چۆمۈپ، بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇبارەكلەۋاتىدۇ. ياپونىيەلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنىڭ ئېرىشكەن زور نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ماگىستىر ھەم دوكتورلارنى تەربىيىلەپ بېرىۋاتقان ياپون خەلقىگە ھەم بۇ قىزغا كۆپ مۇبارەكلەر ئوقۇيمەن! بۈگۈن بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا بىزنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكام بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇمۇ بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.  بۇ كۈن پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بۇلتۇر دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان كۈنگە ئوخشاپ قالدى. بۈگۈن ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرى بۇ قىزنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ماختاپ، ئۇنۇڭ پات ئارىدا نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى ھەم ياپونىيەدە بۇنداق قىزلارنىڭ كەينى كەينىدىن تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

          بۇ قىز بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىسىنى بۇلتۇر باھاردا تەبىئەت ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپتىكەن. بىراق تەبىئەت ژۇرنىلى ئۇنۇڭ ماقالىسىنى بېسىشنى رەت قىپتىكەن. بۇ قىزنىڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالىسىنىڭ بېسىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق يىغلاپتۇ. ئۇ نەچچە قېتىملاپ بۇ تەتقىقاتنى توختىتىشنى ئويلاپتۇ. بىراق ئۇ قىز بۇ تەتقىقات چوقۇم ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشىدۇ دەپ ئۆزىگە يەنە ئىشەنچ باغلاپ، يەنىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپتۇ. مانا ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەي تىرىشىپ ياراتقان نەتىجىسى تۈنۈگۈن ئاخىرى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. تىرىشىپ بەلنى قويۇۋەتمىگەن ئادەم مېنىڭچە چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ!

       بۇ قىز ياراتقان ئۇسۇلنى 5 يىلدىن بېرى ئويلاپ كەپتىكەن. ئۇ ئامېرىكىنىڭ Harved ئۇنىۋېرسىتېگە كېلىپ 2 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئويىنى باشقىلارغا دېسىمۇ ئىشەنمەپتۇ. بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارايلى دېسىمۇ ئۇنۇڭغا قوشۇلماپتۇ. بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ قىزنىڭ ياش بولغانلىقى، تەتقىقات تارىخىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى بولغان. بۇ قىز باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى 5 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئايال ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ دېيىشىچە بۇ تەتقىقاتىنى مۇنچىغا چۈشكەندە ھەم مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ داۋاملىق ئويلاپ كەپتۇ.

         بۇلتۇر تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ئۇ قىزنىڭ ماقالىسىنى باسماسلىق سەۋەبى مۇنداق ئىكەن: "過去何百年の生物細胞学の歴史を愚弄している"(نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ھاياتلىق ھۈجەيرە ئىلمى تارىخىنى مازاق قىلغانلىق) دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ژۇرنالنىڭ مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىشىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

       بۇ قىزنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان كاللىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلاپ قالماستىن، ھەتتا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

     بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى يەنە ئايال-قىزلارنى توۋەن كۆرىدىغان، ئاياللارنى ئوينىڭ ئىشىنىلا قىلسا بولىدۇ دەيدىغان ئەقىلسىزلەر، خۇراپاتچىلار جەمئىيەتلىرىگە ئېتىلغان ئوقتۇر.

     مەن ئاخىرىدا بۇ ئىرادىلىك ياپونلۇق قىزنىڭ ھەم پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىرلىكتە بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن يولىدا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئەقىللىق قىزلىرىمىزنىڭ يېڭى-يېڭى تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

    ئۇ  قىز يازغان ماقالىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

   http://www.nature.com/nature/jou ... ll/nature12968.html

   ئۇ قىزنىڭ تەرجىمالى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

   http://en.wikipedia.org/wiki/Haruko_Obokata

0

تېما

5

دوست

1255

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 16:30:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېي قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ، سەن ئەقىل بەرگەن بەندەڭ شۆھرەت بىلەن
Haruko Obokata نى بۇ ئىختىرالارنى يارىتىشقا ئۈندىدىڭ، ئەمدى ئۇلارنى ئالىي مۇكافاتلار بىلەن قۇتلۇقلاشقا مۇشەررەپ قىلغايسەن!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

907

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 17:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارمۇ ھەر ھەر ئىشلارنى قىلالايدۇ، لىكىن بىزدە ھازىرغىچە ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، ئاياللار ئەركىنلىكىگە قارشى تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئىددىيەلەر بەك ئېغىر.

0

تېما

2

دوست

1029

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25314
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 17:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ قىز بىر ئۇيغۇر بوپقالغان بولسا ھە!!

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

6497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 1854
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 17:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدە ماڭا ئۇ قىزنىڭ تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆپ دوكتور، ماگىستىرلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىنىم تەسىر قىلدى.

5

تېما

9

دوست

2069

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15798
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 640
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 17:26:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر خۇشاللىق ...قەدەملەر توختىمغاي

1

تېما

0

دوست

717

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18294
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 17:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ نى ياساپ چىقسا نىمىگە پايدىسى بار ؟؟     ؟؟

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8118
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 17:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 19:28  



日本媒体报道称,日本研制出新型万能细胞“STAP细胞”。(视频截图
http://www.chinadaily.com.cn/hqzx/2014-01/30/content_17266274.htm
ياپۇنيەلىك بۇ قىز ياساپ چىققان بۇ ھۆجەيرە ھەممە باپ ھۆجەيرە دەپ قارىلىدىكەن.ئۇنىڭدىن ئادەمنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى ياساپ چىققىلى بولىدىكەن.بۇرۇنقى ياساپ چىقىلغان بەزى ھۆجەيرىلەردە بەزى ئەزالارنى ياسىغىلى بولسىمۇ ،بەزىلىرىنى ياسىغىلى بولمايدىغانتىكەنتۇق،بەزى ماتىرياللارغا قارىسام،بۇنداق ھۆجەيرە تەتقىقاتى خېلى بۇرۇن باشلانغاندەك قىلىدۇ..



http://the-japan-news.com/news/article/0000987502
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )