بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagdax-bahadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 20:23
پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ «قەيسەرلىكى»نى
سەل چاغلىماڭ
ئوغلانى تەرجىمىسى
2014-يىلى 22-يانۋار ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى مىنىستىرلىكىنىڭ تور بىكتىدە تېزلا ئېغىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 7 ئەمەلدارنى ئىلان قىلدى ،بۇ 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى ئەمەلدارلارنىڭ تورغا چۈشكەن سانى ئەڭ كۆپ بىر كۈن بولدى ، بەزى تور بىكەتلەر تېخى باش تېمىسىدا «ئنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئەمەل سورۇنىنى زىل-زىلىگە سالدى » دېدى . دۆلەتلىك تەشكىلى كومىتىتى مۇدىرى 21-يانۋار چۈشتىن كىيىندىن 22-يانۋارغىچە بېيجىڭدا يىغىن ئاچتى ، لىيۇ يۈن شەن 14«قاتتىق» خەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، «قانۇندىن ئەيمىنىش ،ئاممىدىن ئەيمىنىش » نى تەكىتلىدى ، بەزىلەر بۇنى خۇلاسىلەپ ،مەلۇم كىشىلەرنى «چۆچۈتۈپ قارا تەرگەچۈمدۈرىۋەتتى»دېدى. «مەيلى ئەمەلدارلىق سورۇنىنى زىل-زىلىگە سېلش »بولسۇن ،مەيلى «چۆچۈتۈپ قارا تەرگە چۆمدۈرۈش » بولسۇن ،دېيىشكە بولىدۇ ،لىكىن راست دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ئەمەليەتتىن قارىغاندا ،پارىخورلار ھەرگىزمۇ ئۇنچىلىك ئاجىز ئەمەس ،شۇنداقلا ئۇنچىلىك ئاسان زىل-زىلىگەكېلىپ كەتمەيدۇ . «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە »،«تۆت خىل ئىستىل» غا قارشى تۇرۇشنىڭ قانچىك قاتتىق، قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئاچكۆزلۈق تەبىئىتىگە ئايلانغان بەزى پارىخورلارغا ھېچقانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ،بەزى كىشىلەر يەنىلا خەتەرگەتەۋەككۈل قىلىپ پارىخورلىقىنى قىلىۋېرىدۇ . يىيىش ئۈچۈن بەزىلەر يىيىش سورۇنىنى يۆتكەشنى ئويلاپ چىقتى (يۇقرى دەرىجىلىك ھاراقخانىلاردىن شەخسى ئورۇنلارنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق ئاشخانىلىرىغا يۆتكەلدى )،ھىلە-مىكىرلىرىنى ئۆزگەرتتى (مىنىرال سۇ قۇتىسىغا ماۋتەي ھارىقىنى قاچىلاش دىگەندەك) ،ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ، چەتئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ،سودا تەكشۈرۈشى دىگەندەك يۇقرى دەرىجىلىك ھىيلىلەرنى ئويلاپ چىقتى ،ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن بەزىلەر ئىشخانىسىغا بىر ئۆينى جۈپلەپ ، يەنە بىر ئۆيدە كۆز قۇلاقلىرىنى قويۇپ قويۇشتەك چارىنى ئويلاپ چىقتى . « چاقماق تېزلىكىدە يوقۇتۇپ»سىياسي بايلارغا زەربە بېرىش ، ،شاڭخەيدە «تۆت سودىيە» نى يوقۇتۇش ، نورمال ئادەمگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ، لىكىن يەنىلا ھەرقەدەمدە قۇيرۇق قالدۇرۇپ ماڭىدۇ ، شەنشى پارتىيە مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس . كۆڭلىدە پارىخورلۇق قىلغۇسى بار ، كاللىسىدا چېرىكلىك ئىددىيسى بار ئەمەلدارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ دىققىتى قانداق قىلىپ يۇقرىغا تاقابىل تۇرۇش ، قانداق قلىپ قۇرۇق ئورۇننى پايلاش ، قانداق قىلىپ ئەسلىدىكى ئادىتىنى ساقلاشقا قويىدۇ . ھەرگىزمۇ يۇقرىنىڭ بەلگىلمىسىگە بويسۇنۇش ، تەكشۈرلۈپ قېلىشتىن قورقۇشقا قويمايدۇ ، 2013-يىلى تەكشۈرۈلگەن 2تۈمەندىن ئارتۇق ئەمەلدارلار شۇلارنىڭ ئىسپاتى . ھەرگىزمۇ بىر چەكلەش بۇيرۇقى ،نەچچە جۈملە تەلەپ بىلەنلا دەرھال ئۈنۈمى بولمايدۇ ،بولمىسا ھەرگىزمۇ يۈزنەچچە ھۆججەت بىر ئېغىزنى باشقۇرالمايدىغان ئىش چىقمايدۇ .نەچچە «يولۋاس» نى ئۇجۇقتۇرۋەتسەكلا ، بىر تۈركۈم چىۋىننى يوقتىۋەتسەكلا چىرىك ئەمەلدارلانى چىرىكلەشمەيدۇ دەپ قالماڭ ، بولمىسا ھازىرقىدەك بىر تۈركۈمنى يوقاتسا يەنە بىر تۈركۈم پەيدا بولمايدۇ . پاك ئەمەلدارنى چىرىك ئەمەلدارنىڭ قورسىقىدىكىنى تاپالايدۇ، ئەكسى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولسىلا چىرىك ئەمەلدارنى توسالايمەن دەپ قالماڭ ، بولمىسا ئۇلارداھەم ئۆسۈپ ھەم چىرىكلىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ . بىلىش كىرەككى ، بەزىلەرنىڭ چىرىكلىشىشى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن . تەبىئىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ،ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇزۇن مۇددەت يوشۇرنالايدىغان قابىليەتنى يىتىلدۈرگەن .ئەمەليەتتە ئۇلار يۇقرى –تۆۋەنگەتاقابىل تۇرۇشتىكى ماھىرلار . 2013-يىلى ، چىرىكلىككە قارشى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،جامائەتچىلىك ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى دەپ قارىدى ، شى جىن پىڭ باش شۇجىنىڭ باھاسى پەقەت پارتىيەئىستىلى ،پاكلىق قۇرۇلۇشى يېڭى ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشتى ، شۇنداقلا چىرىكلىشىشنى يىتىلدۈرىدىغان تۇپراقنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى . چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھەم مۇرەككەپ ، بەزى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت ،بۇلارھەل قىلىنىشنى كۈتىۋاتىدۇ . ئۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە جاپالىقلىقىنى چوڭقۇر تونۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .
ئەسكەرتىش : باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|