- تىزىملاتقان
- 2013-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4039
- نادىر
- 1
- يازما
- 318
ئۆسۈش
67.97%
|
تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپېراتورلار
1.چىڭگىزخان (1227-1162)1206– يىلىدىن 1227- يىلىغىچە، تەخمىنەن تۆت مىليون 860 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىن ئىچكى دېڭىزغىچە، جۇڭگونىڭ شىمالىي يېرىمى، جەنۇبىي سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
2.ئىمپېراتور ئالېكساندر (ئىسكەندەر ماكىدونىسكىي) مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-مىلادىدىن بۇرۇنقى323- يىلغىچە ياشىغان، ماكېدونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 334-يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 326- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، 2 مىليون 180 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بېسىۋالغان. ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، كىچىك ئاسىيا، مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن تاكى ھىندى دەرياسىغىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
3. ئىمپېراتور تۆمۈرلەڭ : 1370- يىلدىن 1402- يىلغىچە 2 مىليون 140مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان.ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندى دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
4. ئىمپېراتور سېيرۇس (مىلادىدىن بۇرۇنقى600- مىلادىدىن بۇرۇنقى529) پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ خاقانى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى559-يىلدىن 539-يىلىغىچە تەخمىنەن مىليون 9مىڭ ئىنگلىز مىلى زېمىننى ئىگىلىگەن. خەرىتىسى شەرقتا ئىران ئېگىزلىكىدىن غەربتە كىچىك ئاسىيانىڭ كەڭرى زېمىنلىرىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باكتېرىيە ئىمپېرىيەسىگىچە بولغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
5. ئاتىللا ( 406-453) ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ بىرى. 433-يىلىدىن 453-يىلىغىچە تەرەپ تەرەپكە قوشۇن تارتىپ، ئۇرۇش قىلىپ «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتالغان. 1 مىليون 450مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان.بۇلار ياۋروپانىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسمى يەنە رۇسىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ غەربىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
6. ئادولف گېتلىر (1889-1945) 1933-يىلىدىن 1942-يىلىغىچە ناتسىستلارنىڭ بۇ ھۆكۈمدارى 1 مىليون 370مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى بويسۇندۇرغان. ئەمما، زور كۆپ قىسىم زېمىنىنى كېيىنكى ئۈچ يىلدا يوقۇتۇپ قويغان. گېتلىرنىڭ 3-ئىمپېرىيەسىنىڭ زېمىنى ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ئىنگلىز قانىلىدىن موسكۋا ئەتراپلىرىغىچە، شىمالدا نورۋېگىيە سوزۇلغان.
7.ناپولېئون بۇناپارت (1769-1821)1796-يىلدىن فىرانسىيە 1-ئىمپېرىيەسى گۈللەنگەن 1810-يىلىنىڭ ئالدى- كەينىگىچە، ئۆزىنى پادىشاھ دەۋالغان بۇ ھۆكۈمدار 730 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى ئىگىلىۋالغان.ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى فىرانسىيە ، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
8. مەھمۇد(971؟-1030) غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى. 680مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى ئىگىلىگەن.ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسى ھىندىستان ، ئافغانىستان، ئىران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
9.پىزاررى(1470-1541) 1531- يىلىدىن 1541- يىلىغىچە ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن 480 مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى ئىگىلىگەن.ئۇ ئېنگا ئىمپېرىيەسىنى يوقىتىپ، ئېكۋاتورنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاكى ئاندىس تاغ تىزمىلىرىغىچە بولىۋىيەنىڭ زور قىسىم زېمىنىنى ئىسپانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،
10.كورتېس (1485-1547)1519-يىلىدىن 1566-يىلىغىچە ئىسپانىيەنىڭ بۇ مۇستەملىكىچىسى كىچىك بىر قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىپ، 310مىڭ كىۋادرات ئىنگلىز مىلى زېمىننى ئىگىلىگەن.ئۇ زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئازتېكلاردىن غالىب كېلىپ، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىم مېكسىكىنى ئىگىلىگەن.ئارقىدىن گىۋاتېمالا ۋە ھوندۇراسنى بويسۇندۇرۇپ ، بۇ دۆلەتلەرنى ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزگەن، ئۆزى يېڭى ئىسپانىيەنىڭ باش تۇتۇقى بولغان.
مەنبە : يىغىپ توپلىغانلىرىم
|
|