سۈننەت تويدا تۇققىنى جىقلار بالادا قالدى
توخوتۇر
تۇرپان ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق باغچىلاشقان پەن-تىخنىكا رايونىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك)ئابلەت قىيۇمنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزگەن سۇننەت توي(مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى)مەرىكىسى مەسلىسى. 2013-يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئابلەت قىيۇم تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم بىر رىستۇراننى زاكاس قىلىپ ئوغلىنىڭ سۇننەت تويىنى ئۆتكۈزگەن ، سۇننەت توي شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 13:00 دە باشلىنىپ كەچ سائەت23:30 دا ئاياغلاشقان ،جەمئىي 53 جوزا مېھمان چاقىرىلغان .تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى ئابلەت قىيۇمغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن.
1.بۇگۇن خىزمەتدىشىم بىلەن موشۇ ئىشنى پاراڭلاشقاچ 53 ئۇستەلنىڭ ئۇنچە بەك كۆپ ئەمەسلىكىنى دىيىشتۇق ، ئادەتتە ياشلارمۇ توي قىلغاندە 20 ،30ئۇستەللىك زىياپەت بىرىدىغان تۇرسا ، سۇننەت توي دىگەن ھال ئوقىتىڭ ياخشىلانغان ، كىشىلىك ئالاقەڭ راۋاجلانغان ، تۇققانلىرىڭنىڭ قەدىرىگە يەتكەن بىر زامانلاردا بولىدىغان توي تۇرسا 53 ئۇستەللىك زىپاتنى بەك كۆپ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .
2.بىز ئۇيغۇرلاردا ئادەتتە توي قىلغاندا قىز ئوغۇللار ئۆز دوستلىىرنى ئايرىم ۋىچىركا قىز ئولتۇرۇشى يىگىت ئولتۇرۇشى دىگەن ناملار بىلەن چىللايدۇ ، قىز ئوغۇلنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئۇرۇق تۇققان ئەل جامائەتكە ئەتتىگەندە بامداتتىن يېنىپ ياكى چۇشتە ئايرىم داستىخان سالىدۇ ، بالا چاقارغان مىھمانلار بىلەن ئاتا ئانا چاقاغان مېھمانلارنىڭ سانىنى يىغىپ كەلسە ئەللىك ئۇستەلدىن كام بولمايدۇ .
3.ئەمدى بۇ سۇننەت توي قىلغان ۋاقىت توي قىلىپ يەتتە سەككىز يىلدىن كىيىن بولغاچقا بۇ ئائىلە ئاتا ئانىغا تايىنىپ ئەمەس ئۆزى مۇستەقىل ھالدا مېھمان چاقىرىشقا يۇزلەنگەن بولۇدۇ ، يەنى ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرىغا ۋە جامائەتكە يۇزلەنگەن بولىدۇ . ئىلگىرىكى تويدا ئاتا ئانىسى چاقارغان ئۇرۇق تۇققانلارنى ۋە ئاتا ئانىسىنىڭ دوست بۇرادەرلىرىنىمۇ سۇننەت توي قىلغۇچى تاشلاپ ئۆتۇپ كىتەلمەيدۇ . موشۇنداق بولغان ئىكەن تەبئىلا ئۇرۇق تۇققىنى جىقلار 40 ئەللىك ئۇستەللىك زىپاپەت بىرىشى ناھايىتى نورمال ئىش .
4.ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللە ئاساسى بولسا مەھەللىسىدىكىلەرنى ئالا قويماي چىللاشقا توغرا كىلىدۇ ، بىز ئۇيغۇرلاردا ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم دىگەن بىر ھىكمەتلىك سۆزبار ، يوقۇرقى ئەھۋالدىن كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى بالادا قالغۇچى چوڭ جامائەتكە چۇشتە ئايرىم داستىخان سالغان ، ۋە كەچىلىكى ياشلارغا يەنە ئايرىم داسىتخان سالغاندەك تۇرىدۇ ، نەدىمۇ ئۇنداق ئون يېرىم سائەت توختىماي مېھمان كۇتىدىغان ئىش بولسۇن ، ناھايتىى چۇشلىكى ئىككى سائەت كەچلىكى ئۇچ سائەت ئەتىراپىدا داۋاملىشىدۇ .
5. ئەمدى بۇ ئۇيغۇر دىيارىدا خەنسولار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ توي تۆكۇنلىرىدە ئادەم چاقىرىشلىرىدا روشەن پەرىقلەر بار ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى كۆپ ، مەھەللە ئاساسى چوڭقۇر ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتىرى ئوچۇق ، چىقىشقاق ، ئۇيۇشقاق ..................شۇڭا مەركەزدىن كەلگەن زىياپەت ئۇستىلىنىىڭ سانىنى چەكلەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى ئەمىليىتىگە ماس كەلمەيدۇ .
6.خەنسولار توي قىلسا ئىدارىسىنى چىللايدۇ ، بىز توي قىلساق يۇرتنى چىللايدىغان تۇرساق ئەلۋەتتە بىزنىڭ تويغا چاقىرغان ئادىمىمىز كۆپ بولۇدۇدە ،
7. ئىسلامى ئەھكام ئەركانلىرىمىزدا ھاراق شاراپسىز كاتتا چىرايلىىق ئۆز ئارا ھۆرمەت تاگارىنى قىلىشقان ھالدا ئەلگە داستىخان سېلىش ئەزەل ئەزەلدىن داۋاملىىشپ كىلۋاتقان يوسۇن ئۇدۇملىرىمىز . ئەل دىگەن گايىدا ئەللىك ئۇستەلدىن ئېشىپمۇ كىتىدۇ ،
8. قىرىق كىچە كۇندۇز توي تاماششا قىلدىغان پادىشاھلىرىمىز ، يايلاقلاردا بىرەر ئاي مال سويۇپ توي قىلىدىغان بايلىرىمىز ، مانچە ئۆستەڭلىك جامائەتنى مەشرەپكە چىللايدىغان ئاددى ئاق كۆڭۇل ئۇيغۇر دىخانلىرىمىز ئەلگە داستىخان سېلىپ جۇلالانغان مىللى ئۆرۇپ ئادەتلىرىمىز ، ئەمدى غەيرىلىك بولۇپ قالدىمۇ ،
9. ئەسلىدە ھاكىم دەرىجىلىكتىن يوقۇرى ئەمەلدارلار باشلامچىلىك بىلەن رامزاندا ئەلگە ئىپتالىق بەرگەن بولسا ئاندىن بەلەن ئىش بولاتتى ، ھەر تەكلىپلەرنى سۇنۇپ باقتۇق ، بۇ ئەمەلدار دىگەندىن زۇۋان چىقمايدىكەن بۇنداق داستىخان سالىدىغان ئىشلاردا ھى ھى ھى .......................