بوزقىر تەرجىمىسى
[ شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسال خەۋەرلىرى] گە قارىغاندا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سابىق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سېياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يوڭكاڭنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىچكىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. شىياڭگاڭ« جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇرى دەرىجىلىكلەرگە يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى جۇ يوڭكاڭنى تەكشۈرۈشنىڭ يىپ ئۇچلىرىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان. بۇ ھەقتىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە ، جۇ يوڭكاڭنىڭ سابىق كاتىپى، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى گو يوڭشىياڭنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقۇرى دەرىجىلىكلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن جۇ يوڭكاڭنى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىلغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى چۇنچېڭ تىلغا ئېلىنمىغان. سىرىتتىكىلەر لى چۇنچېڭ 2012-يىلى 12-ئايدا ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىپ تەكشۈرۈلگەندە ، ئەمدى جۇ يوڭكاڭدىن « ئىش چىقىدۇ» دەپ قاراپ كەلگەنىدى. يۇقۇرقى خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئەربابنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئاغزاكى يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى ئىنتايىن ئىخچام بولسىمۇ ئەمما ، جۇ يوڭكاڭ سېياسىي ئامىللارغا چېتىلمايدىكەن. « جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» مەركەزنىڭ جۇ يوڭكاڭنى ئىچكىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغىنىغا قاراپ، چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۇنى جەمئيەتكە ئاشكارە ئېلان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. سىنگاپور « بىرلەشمە سەھەرگېزىتى»نىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ، جۇ يوڭكاڭنىڭ ئىشى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە سىرىتقا ئاشكارىلىنىدىكەن. ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇ يوڭكاڭنىڭ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۈزمەي ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ جۇ يوڭكاڭنى چىرىكلىك سادىر قىلىپ موللاق ئاتقان سابىق سېياسىي بىيرونىڭ دائىمىي ئەزاسى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا ج ك پ نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا « دائىمىي ئەزا» لارغىمۇ مۇشىت ئاتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىغا مىسال بولۇشى ، يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىشى مۇمكىن. چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇ يوڭكاڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدا نەزەربەنىت قىلىنغانلىقىنى ، ئوغلى جۇ بىڭنىڭمۇ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ۋەھالەنكى ، ھۆكۈمەت تەرەپ ھازىرغا قەدەر جۇ يوڭكاڭدىن « ئىش چىققان» لىقىنى دەلىللىمىگەنىدى. ئەمما ، ئالدىنقى كۈنلەردە ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان شىنخۇا ئاگېنىتلىقكىنىڭ جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ چاغان ھارپىسىدا ج ك پ نىڭ موھىم ئەربابلىرىنى يوقلىغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى خەۋەر قىلغاندا ، « پىشقەدەم يولداش» لىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك تەپسىلىي ئاشكارىلىمىدى. بەلكىم چىرىكلىك سادىر قىلىپ تەكشۈرۈلگەن جۇ يوڭكاڭنىڭ ئىشى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا قولايسىزلىق پەيدا قىلغاچقا شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە :http://www.zaobao.com/news/china/story20140130-305142 |