قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1689|ئىنكاس: 14

ئالبېرىت ئېينىشتىيىن:بوشلۇق قۇرۇلمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەڭ مەنىلىك نىسپيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساس بولغان بوشلۇق قۇرۇلمىسى




-«تار مەنىلىك ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»نىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 14-نەشىرى (1946-يىل) ئىلاۋىسى①
ئالبېرىت ئېينىشتىيىن

   بۇ كىتاپچىنىڭ تۇنجى نەشىرى تارقىتىلغاندىن بويان، بىزنىڭ پۈتكۈل بوشلۇق قۇرۇلمىسىى (ئالەمشۇناسلىق مەسىللىرى) ھەققىدىكى بىلىملىرىمىز زور تەرەقىياتلارغا ئېرىشتى، بۇ مەسلە ھەققىدىكى ئاممىباپ بىر ئەسەردىمۇ بۇ خىل تەرەققىيات تىلغا ئېلىنغان.
    مېنىڭ ئەسلىدىكى ئوي-خىياللىرىم تۆۋەندىكى ئىككى پەرەزنى ئاساس قىلغان ئىدى:
⑴پۈتكۈل بوشلۇق ئىچىدە، ماددىنىڭ ئوتتۇرچە زىچلىقى تەكشى بولۇپ، ئۇ ھەممە يەردە ئوخشاش بولىدۇ، بىراق نۆلگە تەڭ بولمايدۇ.
⑵   بوشلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى (رادىئوس)نىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى پەرەز زىددىيەتلىك ئەمەس، بىراق، پەقەت بىر پەرەزنىڭ ئەزاسىنى مەيدان تەڭلىمىسىگە ئېلىپ كىرگەندىلا شۇنداق بولىدۇ، بىراق بۇ ئەزانى نەزەرىيەنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغان ئەمەس، شۇنداقلا نەزەرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ تەبىئىي بولغان «مەيدان تەڭلىمىسىدىكى ئالەم ئەزاسى»گىمۇ ئوخشىمايدۇ.
مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قارىشىمدا پەرەزدىن ساقلانغىلى بولمايتتى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەگەر ئىنسانلار ئۇنىڭدىن ئايرىلسا، تېگى يوق خىيالغا چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قارىغان ئىدىم.
   بىراق 20-يىللاردا، روسىيە ماتېماتىكى فىرىدىمان ئوخشاش بولمىغان باشقا بىر پەرەزنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ئۇ،
نۇقۇل نەزەريىۋىي نۇقتىدىن قارىغاندا تولىمۇ تەبئىي كۆرىنەتتى. ئۇ ئەگەر كىشىلەر پەرەز
دىن ۋاز كېچىپ، ئاشۇ بىر قەدەر تەبئىي بولمىغان ئالەم ئەزاسى تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسىگە تارتىپ كرىلسە، پەرەز
نى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ھالدا، ئەسلىدىكى مەيدان تەڭلىمىسى مۇشۇنداق بىر «ئالەم رادىئوسى» ھەر قاچان «كېڭەيگەن ئالەم»گە ئۆزگىرىشنىڭ يېشىمگە يول قويىدۇ. شۇ مەنىدىن قارىغاندا، فېرىدىماننىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسەن، كىشىلەر :بۇ نەزەرىيە بوشلۇق كېڭەيگەن بولىدۇ دېگەننى تەلەپ قىلىدۇ، دېيەلەيدۇ.
    بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ھۇببلى سامانيولى سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار تۇمانلىغى («سامان يولى سېستىمىسى»)نى مەخسۇس تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار تارقاتقان بارلىق سېپىكتىر سىزىقلىرىدا بىر خىل قىزىلغا سىلجىش كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، بۇ قىزىلغا سىلجىشنىڭ يۇلتۇزلار تۇمانلىقىنىڭ ئارلىقىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ قانۇنيەتلىك يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. بىزنىڭ ھازىر بار بولغان بىلىملىرىمىزگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ پەقەت دوپلېر پىرىنسىپى بويىچە بولغاندا پۈتكۈل يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىكى بىر خىل كېڭىيىش ھەركىتى بولۇپ- فىرىدىماننىڭ نەزەريىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇنداق ھالەتنى دەل تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسى تەلەپ قىلدۇ. شۇڭا، ھۇببىلىنىڭ ئىختىراسىنى مەلۇم دەرىجىدە بۇ نەزەرىيىنڭ بىر خىل ئىسپاتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    بىراق بۇ يەردە تەسەۋۇر قىلىشقا بولمايدىغان بىر خىل قىيىنچىلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ھۇببلى بايقىغان تۇرغۇن يۇلتۇز سېستىمىسى سېپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ سىلجىشى بىر خىل كېڭىيىشنى چۈشەندۈرىدۇ (نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بۇ شەك-شۈبىھىسىز)، شۇڭا بۇنىڭدىن بۇ خىل كېڭىيىشنىڭ باشلىنىشى تەخمىنەن «پەقەت» 109
يىل ئىلگىرى ئىكەنلىكىگە ئېرىشكەن. بىراق ئاسترونومىيە فىزىكىسى: يەككە يۇلتۇز بىلەن يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ تەرەقىياتى ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىت بۇنىڭدىن ئۇزۇن بولىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بىلىپ بولمايدۇ.
    مەن يەنە بىر ئېغىز سۆزلەي: بوشلۇقنىڭ كېڭىيىىش نەزەرىيىسى ئاستورونوملارنىڭ تەجىرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىردەك بولىدۇ، (ئۈچ ئۆلچەملىك) ئالەمنىڭ چەكسىز ياكى چەكلىكلىكىنى بېكىتىشكە ئامال يوق، بىراق ئەسلىدىكى «تىنىچ ھالەت»تىكى بوشلۇق پەرىزى بوشلۇقنىڭ يېپىق (چەكلىك) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىزاھات:

   ①بۇ ئېينىشتىيىن يازغان «تار مەنىلىك ۋە كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»نىڭ تۆتىنچى ئىلاۋىسى بولۇپ، كىچىك ماۋزودا چۈشەندۈرۈلگىنى «32-پاراگىرافنىڭ تولۇقلىمىسى». بۇ كىچىك ماۋزو بەلكىم ئېنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 14-نەشىرى (1946-يىل)دا قوشۇلغان بولىشى، يېزىلغان ۋاقتى 1945-1946-يىللار بولىشى مۇمكىن. بۇ ماقالە بۇ كىتاپنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى 17-نەشىرى (1957-يىل)، 133-134-بەتلەردىن ئېلىندى.
ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى توپلىمى1-توم، 423-424-بەتلەر

تەرجىمە قىلغۇچى:زەررە

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:13:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە،مانا ئېينىشتېيىننىڭ ماكان(بۇشلۇق)ئىدىيىسىنى ئۇزىنىڭ ماقالىسىدىن بېۋاستە كۇرۆپ بېقىڭلار ئەپەندىلەر!،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 18:21  

⑵   بوشلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى (رادىئوس)نىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
__________

مانا ماۋۇ راسىت گەپ ئېدى.لىكىن، كىيىن تەڭلىمىسىگە بىر زاماندىن ئىبارەت ئەزانى كىرگۆزۆۋاپتۇ بۇ ئەپەندىم.

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 21:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 22:35  

ھازىر 1-پەرەزدىن چاتاق چىقىپ بولدى.ئالەمدە غايەت زور ماددىسىز بوشلۇقلار بايقالدى.


宇宙空洞_百度百科

http://baike.baidu.com/link?url= ... hew0IJrzD_8MkPI9RHK

  

物质对宇宙微波背景辐射的影响示意图

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13442
توردىكى ۋاقتى: 6622
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 21:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 22:09  

مەن يەنە بىر ئېغىز سۆزلەي: بوشلۇقنىڭ كېڭىيىىش نەزەرىيىسى ئاستورونوملارنىڭ تەجىرىبە سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىردەك بولىدۇ، (ئۈچ ئۆلچەملىك) ئالەمنىڭ چەكسىز ياكى چەكلىكلىكىنى بېكىتىشكە ئامال يوق، بىراق ئەسلىدىكى «تىنىچ ھالەت»تىكى بوشلۇق پەرىزى بوشلۇقنىڭ يېپىق (چەكلىك) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
____________________

مۇئەييەن شەكىلگە يىغىنچاقلانغان ھەرقانداق رىياللىق چەكلىك ۋە تۇيۇق بولىدۇ.«چەكسىز شەكىل»ۋە«چەكسىز تۈز سىزىق»مەۋجۈت ئەمەس!.

0

تېما

0

دوست

377

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23256
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 02:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە نەرسىنىڭ  چېكى بار  ئالەمنىڭ مۇ  چېكى  بار  مۇشۇ چەكسىز  دىگەن  گەپ  ئەجەپ  ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ

2

تېما

9

دوست

4811

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1458
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 12:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريەلىرىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەڭ،بۇ كىشى ئۈز نەزىريەلىرىنى ئانچە چۇشۇنۇپ كەتمەيدۇ،مەسىلەن،ئۇنىڭ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ بىرىنچى مەزمونى{جىسىم نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەتە ھەرىكەت قىلسا،ماكان قىسقىراپ زامان ئۇزىرايدۇ}دىگىنىدە ماكان  پەقەت بىر ئولچەم بولۇپ قالغان،بۇنىڭدا جىسىمنىڭ ئوچ ئولچەملىك ماكانىدىن بىرىلا تىلغا ئېلىنغان،جىسىمنىڭ ھەركىتىنى بىر ئولچەم بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولامدۇ؟لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كارى يوق،بۇنىڭدىن ئېينىشتىيىن دۇنيانى كولدۇرلىتىۋېتىپتىمۇ نىمە دەپ ئويلاپ قالىمىز،بۇ ئادەتتە ئىلىم پەن خادىمىغا ئىاس خىسلەت ئەمەس،                                                                    ، ئىككىنچى مەزمونى{جىسىم ھەركەت تېزلىگىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ماسسىسى ئېشىپ بارىدۇ}دىگەن سۇزنىڭ خاتا ئىكەنلىگىنى  كېيىنكى تەجىربىلەر سان -ساناقسىز قېتىم ئىسپاتلىغان،يەنە كېلىپ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى مەزمون بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى   پەن مائارىپ باشقارمىسى 2005-يىلىنى  ئىككى نىسپىلىك نەزىريەسى يىلى قىلىپ بېكىتكەن،دىمەك بىرلەشكەن دولەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ باشقارمىسىغا قاراشلىق7500دىن ئارتۇق  دۇنيايىۋى ژورناللاردىكى تەھرىرلەرمۇ بۇ نوختىنى بايقىمىغان،ئېينىشتىيىن  ئامىرىكىدىكى پېرنسىتون ئۇنىۋېرستېتىدا  تۇرغاندىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان،لېكىن ئالىملار ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغان نەزىريەلىرىدىكى 43مويىم مەزموننىڭ بىمەنە،ئىلمى ئاساسىنىڭ يوق  ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان.ئۇ ھەقتە نۇرغۇن ھىكايىلەر توقۇلغان،چۇنكى دۇنيانىڭ ئىقتقسادىنى ئېينىشتىيىن بىلەن بىر مىللەتتىن بولغان يەھۇدىلار كونتۇرول قىلىدۇ،ئامىرىكىنىمۇ شۇلار كونتۇرول قىلىدۇ،بۇنىڭدا دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىمۇ شۇ يەھۇدىلار كونتۇرول قىلىدۇ، لېكىن ھەقىقەت ھامان نامايەن بولىدۇ،پۇل بىلەن ھەقىقەتنى ئىزلىگۇچىلەرنى كونتۇرول قىلغىلى بولغان بىلەن،ھەقىقەتنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ دە. تورداشلارنىڭ سىزنىڭ تىمىڭىزغا قىزغىن پىكىر بەرگەنلىگى ئۇلارنىڭ سەمىمى كوڭلى،مەيلى قارشى پىكىرلەر بولسۇن ياكى قوللايدىغان پىكىرلەر بولسۇن،بۇ ئۇلارنىڭ شەخسى قارىشى،مېنىڭمۇ سەخسى پىكىرىم،ئىسپاتلاس خاراكتىرىدىكى دەلىلنى كوپەرەك ئوتتۇرغا قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن،راس سۇزنى دىسەم،بۇنىڭ تورداشلارغا ئەمىلى پايدىسى كوپ بولىدۇ،بىزمۇ بۇنىڭدىن يېڭى بىر نەرسە ئۇگۇنەلەيمىز،نيوتونغا نىسپەتەن  ئالەمنىڭ تارىخى ئاشۇ ئالمىدىن باشلانغان،يەنى  ئالەمنىڭ تارىخىغا 330يىلدىن كوپەرەكلا بولدى،لېكىن ھازىر بۇ ۋاقىتنىڭ 13مىليارت700مىليون يىل بولغانلىغى ئوتتۇرغا قويۇلدى،خاتا ھۇكۇمنىڭ كەينىدىكى بارلىق مەزمونلارنىڭ توغرا بولۇشى ناتايىن،سىزنىڭچە ئۇنداق ئەمەسمۇ؟

http://www.xjsahra.com

13

تېما

10

دوست

7481

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4249
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 2285
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-13 23:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىيىلىك ئادەم مانا مۇنداق ئىلمىي مۇنازىرە قىلالايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )