قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2076|ئىنكاس: 11

بۇ ۋەتەن ئامان بولسۇن !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

3442

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 1016
توردىكى ۋاقتى: 233
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ ۋەتەن ئامان بولسۇن !
ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)

      مەيلى قانداقلا بولسۇن ،چۇقۇم ھەل قىلىش كېرەك.دېيىشتى ئۇلار . سەۋر ـ تاقىتى چەككە يەتتىمۇ ياكى شىكايەتلەر ،پاش قىلىش ماتىرىياللىرى دېلو خالتىسىغا سىغماي قالدىمۇ ، ئىشقىلىپ بىزگە كاشىر بەينىڭ پۇلات - تۆمۈر زاۋۇتىنى تەكشۈرۈپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدىكى شىكايەتلەر ۋە پاش قىلىنغان ماتېرىياللار ناھايىتى مۇھىم بولغىنى ئۈچۈن ، بىز بەش كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلدۇق .ئۆمەكتىكىلەرنىڭ بىرى ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى ،ئىككىسى مالىيە مۇپەتتىشى ،مەن بولسام ئىش بېجىرىش مۇپەتتىشى ئىدىم.
       كەلگەن پاش قىلىش ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ،قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى ماددىلارغا ئايرىپ رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن توپتوغرا بىر ھەپتە كەتتى . ۋاقىت كەتسىغۇ مەيلى ، ئەمما شۇ قەدەر قانۇنسىزلىق قىلغان ،شۇنچە كۆپ ئىشچىنىڭ ھەققىنى يىگەن بارمۇ  ئاچچىقىمىزدىن قېنىمىز ئۆرلەپ كەتتى .
    باج ئوغرىلاش ... بۇغۇ ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس ، چۈنكى ،ھازىر ھەممە ئادەم باج ئوغرىلايدىغان بولۇپ كەتتى .ئەڭ يامىنى ، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنى ئىشچى دەپ قۇبۇل قىلىپ ، تولىمۇ ئاز ھەق بېرەتتى ... ئىشچىلارنى سەككىز       سائەت     ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئون ،ئونبىر سائەت ئىشلىتىپ ،مائاش  جەدۋېلىگە سەككىز سائەتلىك ئىش كۈنى دەپ يېزىپ قۇياتتى ؛ ئارتۇق ئىشلىگەن ئىش ھەققىنى بەرمەيتتى ،يەنە تېخى ،ئىش ئورنىدا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تارقاتماسلىقى ....
زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان بىرنەچچە قىز ۋە ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى .. خەپ ،بۇلارغۇ بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئالاقىدار ئەمەس ،بۇ ساقچى ،سوتچىلارنىڭ ئىشى . قايسى بىر ئەمەلدار بۇنداق ئىشلارنى قىلمىغان ... ئەمما پولاتنى قازانغا قۇيۇش جەريانىدا قازاننىڭ پارتلاپ كېتىشى بىلەن قازا تاپقان ئىشچىنىڭ خۇتۇن - بالىلىرىغا قۇتقۇزۇش پۇلى بەرمەسلىكى .. كۆرۈنىشتە ياخشىلىق قىلغان بولۇپ ، ئۆلگەن ئىشچىنىڭ خۇتۇنى بىلەن بالىسىنى زاۋۇتقا .ىشقا قۇبۇل قىلىشى ، ئەمما بۇ بىچارىلەرنىڭ زاۋۇتتىن قوغلاپ چىقىرىلىشىدن قورقۇپ ، ئازراقلا ئىش ھەققىگە ماقۇل بولۇشى ؛پولات تاۋلاش جەريانىدا ئىككى ئىشچىنىڭ كۆزىگە پولات داشقاللىرى كىرىپ كېتىپ ،ھەر ئىككىسىنىڭ بىردىن كۆزى ناكا بولغان تۇرۇقلۇقمۇ يەنە بۇنىڭغا بېرىلىشكە تىگىشلىك ھەقلىرىنى ئالالماستىن بىر كۆزى بىلەن ئىشلەۋەرگەنلىكى ... تەكشۈرۈش گورۇپپىسىدىكى بەشىلىمىز ياش ۋە ئۆزىمىزگە خاس قاراشلارغا ئىگە ئىدۇق .ئارىدا يالغۇز مەنلا بىريېرىم يىللىق كونا خىزمەتچى ئىدىم .
     بىر كۈنى ئەتىگەندە ھالىچتىكى ( ئىستامبۇلدىكى بىر يەر ئىسمى ) پولات ـ تۆمۈر زاۋۇتىغا باردۇق . قاپاقلىرىمىزنى تۈرگەن ھالدا ھېچ كىشىگە چىرايىمىزنى ئاچماستىن ۋەزىپىمىزنى ئۆتەش ،يەنە كاشىر بەينىڭ ئەدىپىنى بېرىشنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەنىدۇق.
     بىزنى گۈللۈكنىڭ ئالدىدا بەش ـ ئالتە ئادەم قارشى ئالدى ۋە ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشتى .ئالدىد تۇرغىنى زاۋۇتنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى ،.قالغانلىرى كاسسىر  ۋە ئادەتتتىكى خىزمەتچىلەر ئىكەن ..ئۇلار بىزنى ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى ... ئۇلار توختىماستىن سۆزلىشەتتى ،تۇنۇشتۇراتتى  ۋە كۈلۈشەتتى... بىز ئۇنچە ئوڭاي بوشاپ       كېتىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدۇق .چىرايىمىزنى ئۆزگەرتمەستىن قاپاقلىرىمىزنى تۈرۈپلا تۇردۇق.
    بۈك ـ باراقسان گۈللۈكتىن ئۆتتۇق .ئالدى تەرەپكە ئىشخانا بىناسى ،ئارقا تەرەپكە سېخلار جايلاشقانىدى . ئىشخانا بىناسىغا كىرىشىمىز بىلەنلا ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ساداقەت بىلەن بېجىرگۈچى قىياپىتىدە :
   ــ ئاۋۋال كاشىر بەي بىلەن كۆرۈشىشىمىز كېرەك ....ــ دېدىم .
  شۇنداق ئەپەندى .ــدېدى ئىشخانا باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ قوللىرىنى ئۇۋۇلىغاچ ،ــ كاشىر بەي خېلىدىن بېرى سىلەرنى كۈتۈپ تۇراتتى .
  ــ بىزنىڭ كىلىشىمىزدىن ‍خەۋىرى بارمىدى ؟
  بۇ سۇئالىمغا ئۇ بىرئاز ئەجەپلەنگەن بولدى.
  ــ ئەلۋەتتە خەۋىرى بار ،خەۋىرى بولمامدىغان ...بۇ يەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىڭلارنى بۇرۇنلا بىلەتتى ، ــ دېدى ئۇ .
   ئۇلار بىزنى چوڭ بىر زالغا باشلاپ كېردى .بۇ يەر مۇزىيغا ئوخشاپ كېتەتتى .تاملارنىڭ ھەممىسى ئەينەكلىك رامكىغا ئېلىنغان سۈرەتلەر بىلەن تولغان ،تامنىڭ بوش يېرى قالمىغان، بەزى رامكىلارنىڭ ئىچىگە كونا تۈركچە ھەرپ بىلەن يېزىلغان خەتلەر قۇيۇلغانىدى. ئىشىكتىن كىرىش بىلەنلا زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەينەكلىك ئىشكاپلارغا كۆزۈم چۈشتى . بۇلارغا قەلەم ،مېدالىئون ، سائەت ، چاقماققا ئوخشاش نەرسىلەر قۇيۇلغانىدى.
قولىمىزدىكى ماتېرىياللار بىلەن توشقان سومكىمىزنى كۆتۈرۈپ مۇزېيغا ئوخشاش زالغا كىرىش بىلەن مەن بىرئاز تەمتىرەپ قالدىم.
ــ ئەپەندىلەر ،سەل دېنىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار ،قېنى مەرھەمەت ،ئولتۇرۇڭلار ...
  ئىشخانا باشلىقى تولىمۇ سىپايە ئادەم ئىدى .ساپالارغا ئولتۇردۇق .شۇ چاغدىلا ئىشخانا باشلىقىغا ئۆزىمىزنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە نىمە مەقسەت بىلەن كەلگەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئەقلىمىزگە كەلدى .چىرايىمىزنى ئاچماستىن مەقسىتىمىزنى ئېيتتۇق.
ــ بۇنى ياخشى بىلىمىز ،ئەپەندىلەر ،ــدېدى ئىشخانا باشلىقى ،ــ تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىزدىن نىمە تەلەپ قىلساڭلار خىزمىتىڭلارغا تەييارمىز .ھەممە نەرسە تەييار ...ئەمما ئالدى    بىلەن ئازراقتىن قەھۋە ئىچەپ دېمىڭلارنى ئېلىۋېلىڭلار ،ئاندىن ...
ھەممىمىز تەڭلا ،ئىچكىمىز يوق ،رەھمەت ،مەرسى (پرانسۇزچە رەھمەت )دىگەنگە ،ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشتۇق .
ــ ئۇنداق بولسا بىرەر ئىستاكان چاي ئىچىڭلار ...
ــ رەھمەت ،بىز ئىشقا كىرىشسەكمىكەن دەيمىز ،ئالدى بىلەن كاشىر بەي بىلەن كۆرۈشەيلى ، ــ دېدىم مەن .
ـ ماقۇل ئەپەندى ،كاشىر بەي ھازىرلا كېلىدۇ .ئۇنىڭغىچە سوغۇق بىر نەرسە .  ئىچكەچ ئولتۇرامسىلەر ، مىۋە سۈيى ياكى پىۋا ئەكىلەي ...
ــ رەھمەت ،.ئىچكىمىز يوق ،ــ بۇنداق پەسكەش ئەبلەخنىڭ نەرسىسىنىمۇ    ئ.چكىلى بولامدۇ ،دەپ ئويلاشتۇق .
ئەسلىدە بىز خەۋەر قىلماستىنلا كېلىپ ئۈستىدىن چۈشمەكچىدۇق ،لېكىن بۇلار ئاللىقاچان خەۋەر تېپىپ ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ؟
ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ئۇچىسىغا يارىشىملىق كاستۇم ــبۇرۇلكا كىيگەن ،ئاتمىشلاردىن ھالقىغان ،قۇرساق سالغان گەۋدىلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى .ئۇ كىرىشى بىلەنلا زالدىكى خىزمەتچىلەر دەرھال ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ  ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ،ئارقىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇشتى .بۇ ئادەمدە ھەقىقەتەنمۇ باشقىلاردا ھۆرمەت تۇيغۇسى ئويغاتقۇدەك سالاپەت بار ئېدى . كىرگەن كىشىنىڭ كاشىر بەي ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ ،باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا پايپېتەك بولۇپ تۇرغاچقا ،بىزمۇ ئەسلىدىكى تۇرقۇمىزنى ساقلىيالمىدۇق .ھېساپلاش مۇتەخەسسىسىمىز چوڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىنمۇ ، ئىشقىلىپ ،ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .بىرئازدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئالغان بولسا كېرەك. دەرھال ئولتۇرىۋالدى .ئىككى مالىيە مۇوەتتىشىنۇ بىرئاز جىددىيلىشىپ ، بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ كاشىر بەي تەرەپكە ماڭدى .پۇتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغان يەنە بېرىمۇ پۇتلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ سەل ـ پەل مېدىرلاو قويدى  مەن ساپادىن سەللا كۆتۈرۈلىپ يەنە ئولتۇرىۋالدىم .
كاشىر بەي ئىشىكتىن كىرە ـ كىرمەيلا ،خۇددى بىز ئۇنى ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋاتقاندەك قوللىرىنى ئالدىغا سوزۇپ بىزگە قاراپ :
   ــ قېنى ،قېنى ،بالىلىرىم ،ئولتۇرۇڭلار ، ــ دېمەسمۇ .
تېخى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ،بىزنى ‹‹بالىلىرىم ››دەپ كېتىشلىرى نېرۋامغا بەك تەگدى .بۇ نىمە دىگەن ھۆرمەتسىزلىك .ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن مالىيە مۇپەتتىشىمۇ ‹‹ بالىلىرىم ››دىگەن سۆزگەخاپا بولغان بولسا كېرەك ،كاشىر بەيگە كەينىنى قىلىپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى .مەن يەنىلا پۇتلىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇردۇم .تاماكىنىڭ ئېسىنى كاشىر بەي تەرەپكە قارىتىپ پۈۋلىدىم.
ــ خۇش كەپسىلەر بالىلىرىم ، ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ ؟ئىشلىرىڭلار قانداقراق ؟...
كاشىر بەي بىز تەرەپكە كىلىپ   خۇددى  ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىزنى تۇنۇيدىغان يېقىن دوستلاردەك ھال ـ ئەھۋال سوراپ كەتتى .
ــ بىز تەكشۈرۈش گورۇپپىسى بولىمىز ،زاۋۇتىڭىزدا قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنىڭ ،ناھەقچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار پاش قىلىش ماتېرىياللىرى قولۇمىزدا بار ...بىز .ەنە شۇ  ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلدۇق .
ئۇ بىردىنلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى . ۋە ناھايىتى خۇشال ھالدا :
ــ شۇنداقمۇ تېخى  !بۇ بەك ياخشى بوپتۇ ...دېمەك بىز قانۇنسىزلىق قىلىپتىمىز ـ دە ، ــدىگەنگە ئوخشاش بىزنى مازاق قىلغاندەك گەپلەرنى قىلدى ،ئاندىن ئىشخانا باشلىقىغا  بۇرۇلۇپ ئېيتتى :
ـ- بۇ بەيلەرگە بىرنەرسە كەلتۈرمىدىڭلارمۇ ؟
ــ نىمە .ئىچكىلىرى بارلىقنى سورۇدۇق ،خالىمايمىز دەپ تۇرىۋالدى ، ــدېدى ئۇ خۇددى ئەيىپكاردەك بوينىنى پۈكۈپ تۇرۇپ ،
شۇنداقمۇ گەپ بولامدۇ ،ئۇلار مېھمان تۇرسا ،ئەلۋەتتە ئىچمەيمىز دەيدۇ ـ دە ،ئېلىپ كېلىۋەرمەمسىلەر ...
ئىككى خىزمەتچى دەرھال سىرتقا ماڭدى.
ــ رەھمەت ،ئىچكىمىز يوق ،زادىلا    ئچكىمىز يوق ،ـ دېدى مالىيە مۇپەتتىشى.
-بىز تەكشۈرۈشكە كەلدۇق ،بىز مۇپەتتىشلەر بولۇمىز ،ـ دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ.
ــ شۇنداق ،شۇنداق بەي ئەپەندىلەر ...ــ كاشىر بەي شۇنداق دىگىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ يېنىمىزغا كەلدى .بىرىمىزنىڭ قۇلىنى  سىقتى ،بېرىمىزنىڭ مۈرۈسىگە قۇلىنى قويدى ،بېرىمىزنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويدى .مەن سول تەرەپتە ئولتۇرغانىدىم،قېشىمغا كېلىپ ،خۇددى كىچىك بالىلارنى ئەركىلەتكەندەك ئېڭىكىمنى تۇتۇپ قويدى ،پەنجىرىنىڭ ئالدىدا  تۇرغان ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى سەپدىشىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلاپ كەتتى .ئۇ شۇنچىلىك ئاتىلارچە مېھرىبان قىياپەتتە ئىدىكى ،ئېڭىكىمنى تۇتقاندا قوللىرىنى ئىتتىرۋېتەي دەپمۇ ئىتتىرىۋېتەلمىدىم.
ئۈچ خىزمەتچى دەرھال ئىستاكانلار تېزىلغان پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ كېرىشتى .
ــ ئەمدى ئىشىمىزنى باشلىساق قانداق ؟ــ دېدىم .
ــ بولىدۇ ،بولىدۇ  ياخشى ،بۇ ئىشلار ناھايىتىمۇ ئوڭاي ،قېنى ئەپەندىلەر ، ئالدى بىلەن ئازىراق بىرنەرسە ئىچىۋالايلى ،ــ دېدى كاشىرۈ بەي.
ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئالدىمىزغا تېزىۋەتتى .‹‹قېنى.ىچىڭلار ››دەپ زورلاپ تۇرسا ئىچمەيمەن دەپ تۇرۇۋالغىلى بولاتتىمۇ ،ئۇنداق قىلساق بىرخىل مەدەنىيەتسىزلىك ،قوپاللىق بولىدۇ ، ئەلۋەتتە.
لېكىن مەن يەنىلا جاھىللىق قىلىپ :
ــ   ئىچكىم يوق  ...ــ دەپ تۇرۇۋالدىم .
ــ پەمىدۇر سۈيى بار ،شۇنى بولسىمۇ ئىچىپ قۇيۇڭ .
ئاخىرى پەمىدۇر سۈيۈدىن بىر يۇتۇم ئوتلىدىم.
كاشىر بەي ئالدىمغا كېلىپ :
ــ تامدىكى سۈرەتلەرنى كۆردۈڭلارمۇ ؟كۆرۈڭلار ،ياخشى سەپسېلىپ قاراڭلار ،بۇلار ئىنتايىن قىممەتلىك خاتىرىلەر...ــ دېدى ،بىز ئورنىمىزدىن قېمىرلاپمۇ قويمىغاندىن كېيىن قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ بىزنى چاقىردى ، ــ كېلىڭلار ،ماۋۇ سۈرەتكە قاراپ بېقىڭلار ،بۇ سۈرەت ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ ئەڭ داھشەتلىك يىللىرىدا تارتىلغان ،ئاھ ،ئاشۇ كۈنلەر ...بىز بۇ ۋەتەننى مۇشۇنداق كۈرەشلەر بىلەن ئازاد قىلدۇق ،بالىلىرىم .ئۇ چاغلاردا قۇرالىمىزمۇ ،ئوقلىرىمىزمۇ يوق ئېدى ،ئەمما ئىمانىمىز  كۈچلۈك ئىدى...
قولى بىلەن كۆرسەتكەن سۈرەتكە يېقىنلاشتۇق ،ئۇمۇ ئارىمىزغا قىسىلدى ،قوللىرىنى قاناتتەك كېرىپ مۈرۈلىرىمىزگە ئارتتى .
ــ بالىلىرىم،بۇ سۈرەت   بولۇ    قوزغىلىڭىنى باستۇرغان كۈنى تارتىلغان .سىلەر بىلىشىڭلار مۈمكىن .بىز ئەنقەرەدە قۇرغان ھۆكۈمەتكە قارشى قانلىق بىر قوزغىلاڭ كۆتۈرىلگەنىدى ...كۆردۈڭلارمۇ بىز ۋەتەننى مانا مۇشۇنداق ئازاد قىلغان ....
ئۇ بىزگە بۇ سۈرەتنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر سۈرەتنى كۆرسەتتى .بۇ يېقىنقى تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئادەملەردىن بېرىنىڭ سۈرۈتى ،سۈرەتنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كونا تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان خەت بار ئىدى .
ــ بۇ يېزىقلارنى ئوقۇيالامسىلەر ئ؟
ــ ياق !
ــ ئۇنداق بولسا مەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي :‹‹ ئەزىز قېرىندىشىم كاشىرگە...››ئۇ مەرھۇمنىڭ يېقىن ئادىمى مەن ئىدىم ،ئۇ ئاجايىپ كۈنلەر ئىدى ...
   بىز كاشىر بەينىڭ مۈرۈمىزگە ئارتىقلىق قوللىرى ئاستىدا خۇددى ئۆردەكنىڭ چۆجىلىرىگە ئوخشاپ قالغانىدۇق. ئۇ مۈرۈمىزدىكى قوللىرى بىلەن بىزنى ئۇدۇلدىكى تام تەرەپكە سۆرىدى .بۇ تامغا ناھايىتىمۇ چوڭ بىر تۈركىيە خەرىتىسى ئېسىلغانىدى .ئۇ تامغا يۈلەكلىك ئۇزۇن تاياقنى ئالدى، تاياقنىڭ ئۇچى بىلەن خەرىتىدىكى يەرلەرنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى :
   ــ مانا بۇ گەيۋە دىگەن يەر ،بۇ يەرنىڭ ئىككى تەرىپى تاغ ،ئوتتۇرىسى ۋادا.. دۈشمەلەر ئۇ تەرەپتىنمۇ ، بۇ تەرەپتىنمۇ باستۇرۇپ كېلىۋاتاتتى ...مەن ئەسكەرلىرىمنى مانا بۇ يەرگە  توپلىدىم ...شۇنچە كۆپ ئەسكەر بولغىنى بىلەن ،ئۇ ۋاقىتلاردا قولىمىزدا  قورال قىس ئىدى ،بىزنىڭ قولىمىزدا ئاران ئۈچ ئاپتۇماتلا بار ئىدى .
ئۇ ‍جەڭ مەيدانىنى شۇنچىلىك تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بەردىكى ،ھاياجانلانغانلىقىمدىن تىترەپ كەتتىم .ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
ــ تېلىفۇنغا چاقىرىپ قالدى ،يۈگۈرەپ باردىم ...ئالسام مۇستاپا (مۇستاپ كامالنى دېمەكچى )نىڭ ئاۋازى ...
ــ مۇستاپا دىگەن كىم ئۇ ؟ ــ مالىيە مۇپەتتىشى سورىدى .
كاشىر بەي ئۇنى كۆزگە ئىلمىغاندەك قاراپ قويدى ـ دە :
ــ كىم بولاتتى ؟بىزدە قانچە مۇستاپا بار ؟ ــ دېدى .
  ئۇ بەشىمىزنى تەڭلا ئىتتىرىپ تامدىكى يەنە بىر رامكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى .ئۇ ئەينەكلىك رامكىدىمۇ كونە تۈرك يېزىقى بىلەن يېزىلغان خەت بارئىدى.
ــ سىلەرگە بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ بېرەي ،ياخشى ئاڭلاپ تۇرۇڭلار:‹‹جېنىم قېرىندىشىم كاشىر ،ناھايىتى زور غالىبىيەت قازاندىڭ ،ۋەتەنگە قىلغان بۇ خىزمەتلىرىڭنى مىللىتىمىز مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ ،كۆزلىرىڭگە سۆ يۈمەن .››
  مۈرۈلىرىمىزگەقۇيۇلغان قوللىرىنى چۈشۈرمەستىن بىزنى رامكىنىڭ ئالدىغىراق سۆرەپ ئاپاردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
  ــ بۇ تاپانچىلارنى كۆردىڭلارمۇ ؟بۇنى  د ۈشمەننىڭ بىر گېنىرالىنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم ... يېنىمغا تۆت باتۇر ئەسكەرنى ئېلىپ دۈشمەنگە كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ....
   رامكىلاردا يېقىنقى زامان تارىخىمىزنى ياراتقان داڭلىق ئادەملەرنىڭ سۈرەتلىرى بار ئىدى .ئۇ ھەر بىر سۈرەتنىڭ ئالدىدا  تۇرۇپ بىزگە شۇ كۈنلەردىكى خاتىرلەرنى ئەسلەتتى .سۆزلىرىدىن ئانچە ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم.بىراق باشقىچە تۇيغۇغا چۆمۈشكە باشلىدىم ...ھېساپلاش مۇتەخەسسىسىگە قارىسام ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى .يەنە ئازراق سۆزلىسىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى ...
   ــ بالىلىرىم ،ئەھۋال ئەنە شۇنداق ،ئۇ ۋاقىتلاردا سىلەر تېخى تۆرەلمىگەنىدىڭلار ... بىز سىلەرگە ئەركىن ۋە مۇستەقىل بىر ۋەتەننى بېغىشلاش ئۈچۈن ....
   ئۇ بىردىنلا توختاپ قالدى ۋە بىر ئازدىن كېيىن قۇشۇپ قويدى :
  بالىلىرىم ،بەلكىم ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇپ قوغاندىمەن .
  مالىيە مۇپەتتىشى سەپدىشىمىز چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئەتكەچ :
  ــ ئۇنداق دىمەڭ ئەپەندى ،سۆزلىرىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندۇق ، ـ دېدى .
  ــ بىز ھازىر ئەنە شۇ خاتىرىلەر ببىلەن ياشاۋاتىمىز .ئەمەسمۇ ، ــ دېدى كاشىر بەي ، ــ ئېھتىمال مېنىڭ سۆزلىگەنلىرىم سىلەرگە چۆچەكلەردەك بىلىنگەندۇ ...ئەمدى بولدى قىلاي ،قېنى ئۆز ئىشىمىزغا كىلەيلى ...
  ــ بولسا يەنە كۆپرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز ،ــ دېدى ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى ،ئۇ بىزگە ئەينەكلىك ئىشكاپقا تېزىلغان نەرسىلەرنى يەنە بىر ـ بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇشقا ،تامغا ئېسىقلىق رامكىلاردىكى سۈرەتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى .
  ــ ئۇ ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ،قېنى يۈرۈڭلار .مېنىڭ ئىشخانامغا چىقىپ بىر ئاز ئارام ئالايلى ....
    كاشىر بەينىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق ،بۇ يەر بىز كۆرگەن زالدىن نەچچە ھەسسە ھەشەمەتلىك بولۇپ ،تېخىمۇ بەكرەك  مۇز ‍ىيغا ئوخشايتتى، ساپالار ناھايىتى ئازادە ئىدى .بىز ئولتۇردۇق .
  ــ بىز جەمىئىي تۆت يۈز پىيادە ،ئەللىك ئاتلىق ئەسكەر ئىدۇق ،يەنە بىر ئاپتۇمات گورۇپپىمىز بار ئىدى....ئەمما دۈشمەن تولۇق قۇراللانغان ،بىر تۈمەنگە يېقىن ئىدى ،بىزنىڭ يولۋاستەك يىگىتلىرىمىز ‹‹ ياھ ، ئاللاھ›› دەپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن چاغدا ...مەن ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭاتتىم .زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ ،بىر كۈنى فەۋزى (شۇ چاغدىكى بىر گېنىرال )ماڭا مۇنداق دىگەنىدى :
  ــ قايسى فەۋزىنى دەيسىز ،بەي ئەپەندى ؟ــ سورىدىم مەن
ــ سەن قانچە ياشقا كېردىڭ ؟ــ دېدى كاشىر بەي يەنە ئېڭىكىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ .
ــ يىگىرمە سەككىزگە ،ئەپەندى ...
ــ ئۇ چاغلاردا سەن ئاناڭنىڭ قۇرسىقىدىمۇ تۆرەلمىگنىكەنسەن.
ئۇ بىر سەپدىشىنىڭ ئۇرۇشتىكى ئاجايىپ قەھرىمانلىقنى سۆزلەپ بەردى .ھاياجانلانغىنىمدىن    يۈرۈكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالاي دېدى .سەپدىشىنىڭ قانداق قۇربان بولغانلىقىنى سۆزلەۋېتىپ ،شۇ ئەھۋاللار خۇدددى ھازىر يۈز بېرىۋاتقاندەك .ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى .مەن يىغلاپ سالماسلىق ئۈچۈن لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلىۋالدىم ،قارىسام ،ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى ئالاقاچان يىغلاشقا      چۈشۈپ بولغان ئىكەن.مالىيە مۇپەتتىشىمۇ قولياغلىقىنى چىقىرىپ كۆزلىرىنى سۈرتۈپ بۇرنىنى تارتىۋاتاتتى .
ــ مېنى كەچۈرىڭلار ،ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كېتىپتىمەن .سىلەرگە بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشمۇ توغرا ئەمەس ئىدى ، ــ دېدى ئۇ .
ــ سۆزلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ بەي ئەپەندى ،ئۆتۈنۈپ قالايلى ....
كاشىر بەي  كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ سائىتىگە قارىدى .
ــ ۋاي خۇدايىم ،بىردەمدىلا چۈش بولۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ ،بالىلىرىم ،سىلەرنى ئىش قىلدۇرمىدىم .
  ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ،قوللىرىنى ئىككى يانغا كەردى .ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن بىزمۇ ئىختىيارسىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدۇق.
بىزنى پىكاپقا تەكلىپ قىلدى ،پىكاپى چوڭ بولغاچقا ھەممىمىز سىغدۇق .
ــ تاماقنى نەدە يىسەك بولار بالىلىرىم ؟
ــ رۇخسەت قىلسىڭىز ، بىز ئۆزىمىز ئايرىم ...
ئۇ سۆزۈمنى چورتلا كېسىۋەتتى .
   ــ بۇ نىمە گەپ ،كۆرۈشمەي ــ كۆرۈشمەي ئاران بىر كۆرۈشكەندە ...ئۇنداق قىلساڭلار قانداق بولىدۇ ، بالىلىرىم ؟مەن سىلەرنىڭ داداڭلار ئورنىدىكى ئادەم تۇرسام ...
ئۇ شوپۇرىغا بارىدىغان رېستۇراننىڭ ئىسمىنى ئېيتتى .خۇشاللىقىمىزدىن تاماقنى ئىككى سائەت يەپتۇق ،بۇ جەرياندا ئۇ  يەنە   ئۆزى بىلگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى ،كۈلكىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى .
  بىر چاغدا ھېساپلاش مۇتەخەسسىسى قۇلىقىمغا پىچىرلايدۇ :
  ــ توۋا قىلدىم،نىمە دىگەن رەزىللىك بۇ ،مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغانلارمۇ بولىدىكەن ـ ھە ؟!
  ــ بىز شۇنداق ئادەملەر ، ــ دېدى مالىيە مۇپەتتىشى ، ــ بىر ـ بىرىمىزنى كۆرەلمەيمىز .
ــ بۇ تۇزكورلۇق .... ـــ دىيەلىدىم .ئۈنۈمنى ئارانلا چىقىرىپ .
يەنە زاۋۇتقا قايتىپ كەلدۇق.
ــ بالىلىرىم ،ئەمدى قەھۋە ئىچىۋالايلى ،ئاندىن ئىشقا كىرىشەيلى ، ــ دېدى كاشىر بەي.
ئۇ بىزنى بۇ قېتىم باشقا بىر ئىشخانىغا باشلىدى .بۇ يەرمۇ گويا بىر مۇزىي ئىدى.تارىخىي سۈرەتلەر ،خەتلەر ،ماتېرىياللار ...ئۇ يەنە سۆزلەشكە كىرىشتى .تۇرۇپ ـ تۇرۇپلا :
ــ بالىلىرىم ،ئەھۋال ئەنە شۇنداق ،بىز بۇ ۋەتەننى مانا شۇنداق قۇتقۇزۇپ قالغان ،ھەرنىمە قىلساق سىلەر ئۈچۈن ،ياشلار ئۈچۈن قىلدۇق ...ــ دەپ قۇياتتى .
ــ ئۇرۇشتىن كېيىن ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك .تەرەققىيات نىمە بىلەن بولىدۇ ؟ ئەلۋەتتە پۇل بىلەن ... بىر كۈنى مۇستاپا مېنى چاقىردى . باردىم .كەچلىك تاماق ۋاقتىدا :‹‹قېرىندىشىم ،جېنىم قېرىندىشىم كاشىر ›› دەپ بوينۇمغا ئېسىلىپ پىشانەمگە سۆيدى .‹‹بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يەنە سىلەرنىڭ زىممەڭلارغا چۈشۈدۇ .زاۋۇت ـ فابرىكىلارنى قۇرۇسىلەر ›› دېدى .‹‹بۇ نىمە دىگىنىڭىز ،ۋەتەن ئۈچۈن جېنىمىز پىدا ،ئەمما زاۋۇتلارنى قۇرغۇدەك پۇل نەدە ؟››دېدىم .‹‹پۇلنىڭ ئىشى ئاسان ››دېدى ئۇ .
ئۇ بىزگە زاۋۇتنى قانچىلىك جاپالار بىلەن قۇرغانلىقىنى ،ۋەتەن بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداش يولىدا قانداق جاپالارنى تارتقانلىقىنى سۆزلىدى .
ــ ماڭا ئىشىنىڭلار ،بالىلىرىم ،دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئاسان ئىش ...بىز ئۇزۇن يىللار تاغلاردا دۈشمەن بىلەن ئوق ئېتىشقانمىز . ئەمما سانائەت ،تىجارەت  دىگەنلەرنى نەدىن بىلەيلى ... لېكىن بۇنىمۇ ۋەتەننىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسى دەپ بىلدۇق .مىڭلىغان كەمبەغەللەر زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتى ،نانغا ئېرىشتى ... قېنى ، ئەمىسە سىلەرگە زاۋۇتنى كۆرسىتەي ...
بىزنى ئاستىنقى قەۋەتكە ئېلىپ چۈشۈپ تاملادىكى قارا لېنتىلار باغلانغان رامكىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى .
ــ بۇلار شېھىت بولغانلار ،يەنى مىللىي سانائىتىمىزنىڭ قۇربانلىرى ، ـ  كاشىر بەي كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى ، ـ بۇلار زاۋۇتتا ھادىسىگە ئۇچرىغانلار ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ نەزىر قىلىپ ،ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئۇزاتتىم ... مەۋلۈت ئوقۇتتۇم .بۇلار ئۈچۈن مەخسۇس قەبرىلەرنى ياساتتىم .بالا ـ چاقىلىرىنى ئىگە ـ چاقىسىز قالمۇسۇن دەپ ئىگىدارچىلىق قىلدىم ،زاۋۇتقا ئىشقا ئالدىم .
ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىش ئۈستىدە قازا قىلغانمۇ ئەپەندى ؟ ــ سورىدىم مەن .
ئۇ قولياغلىقى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى    .ئاندىن ئىشخانا باشلىقىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا :
ــ بۇ يەر مېنىڭ ئەمەس ،ياشلارنىڭ يېرى ،نىمىنى  تەلەپ قىلسا ،دەرھال ئورۇنداڭلار ،بارلىق دەپتەرلەرنى ،ھىساباتلارنى كۆرسىتىڭلار ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسۇن ! ــ ئاندىن بىزگە قاراپ :
ــ ئىشىڭلار تاماملانغاندا مېنىڭ يېنىمغا كىرىڭلار ...ــ دېدى .
سائەت بەش بولۇپ قالغانىدى .ئىشتىن چۈشۈش گۈدۈكى چېلىندى .بىرىنچى ئىسمىنا ئىشچىلىرى ئىشتىن چۈشۈپ ،ئۇلارنىڭ ئوتنىغا ئىككىنچى ئىسمېنا ئىشچىلىرى كېتىۋاتاتتى .
زاۋۇتتىكى تەكشۈرۈش ئۈچ كۈن داۋاملاشتى .ئۈچ كۈنگىچە كاشىېر    بەيدىن ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ بىز بىلمەيدىغان تارىخلىرىنى تەپدىلىي ئۆگۈنىۋالدۇق.
خالتىلار تۇشۇپ كەتكەن قانۇنسىزلىق ھەققىدىكى پاش قىلىش ماتىرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسسىز ۋە يالغان بولۇپ چىقتى .تەكشۈرۈشلىرىمىز ئاخىرلاشقان كۈنى كاشىر بەينىڭ يېنىغا خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئاران كىردۇق .بىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ،ۋەزىپىمىز بولغىنى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمىشنى ئۇيتتۇق .
ــ بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرۇدۇ ، ــ دېدى ئۇ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ . ــ بىز نىمىلەرنى كۆرمىدۇ ق دەيسىلەر ...ۋەتەن ئامان بولسۇن !ھەممە كىلىپ ـ كېتىدۇ ، بۇ ئالدامچى دۇنياغا ھەممىمىز كەلدۇق ،كېتىمىز .ھەممىمىز ۋاقىتلىق ياشايمىز ،بىرلا ۋەتەن ئامان قالسۇن ! بىز بۇ ۋەتەننى سىلەرگە تاشلاپ كېتىمىز .
بىز خۇددى بۇ چوڭ زاۋۇتنىڭ ئىگىلىرى بولۇپ قالغاندەك خۇشال ئىدۇق ،كاشىر بەي بىزنى پىكاپى بىلەن ئالايتەن ئىدارىمىزگىچە ئاپىرىپ قويدى.

مەنبەسى :‹‹ .ئانا يۇرتتىن ئاناتولىيە بويلىرىغىچە ›› نالىق كىتاپتىن ئېلىندى




ــ




5

تېما

3

دوست

2556

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 786
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 20:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئىزدەش ئېلانى

未标题-2.jpg


ئايىمگۈل ئېزىز

8 ياش، ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە يېزا 12- كەنت 5-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق  بولۇپ، 2014- يىلى1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئاقتۇ ناھىيە خەلق مەيدانىدا ئويناۋىتىپ يوقاپ كەتتى،ئۇچراتقانلار بىزگە خەۋەر قىلسا رازى بولغۇدەك سۆيۈنچە بىرىلىدۇ.

ئالاقىلاشقۇچى:ئېزىز توختى

     تېلىفۇن: 15022849514

13279086832

2014- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى

بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ قويۇڭ...


قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

3

دوست

2556

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16924
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 786
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 20:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرگە نىمە بولدى؟؟؟

3

تېما

5

دوست

6576

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2050
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 21:02:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkun0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 20:05
ئادەم ئىزدەش ئېلانى

ۋاي ، نىمە ئىشلار بۇلۇپ كەتكەندۇ .
ئوننەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مىنىڭ بىر ئاغىنەمنىڭ 8 ياشىلىق قىزىمۇ مەكتەپتىن يوقاپ كىتىپ ھازىرغىچە تېپىلمىدى ، يۈتۈپ كەتكەن كۈنى ئۇ ئاغىنەم پويىز ئىستانىسىغا بارسا ، شۇ يەردىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ، - يېقىننىڭياقى مۇشۇنداق بالا ئىزدەپ كەلگەنلەر 10 نەچچىگە يەتتى دىگۈدەك ، نىمە ئىشلار بۇ دەيمە .

0

تېما

0

دوست

739

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19279
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 23:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان قىززىقكەن

0

تېما

0

دوست

739

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19279
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 23:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى دىدىم

4

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 1882
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 10:47:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇرۇس ، ۋەتەن ئامان بولسۇن !

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4070
توردىكى ۋاقتى: 1179
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 15:06:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىسى بەك ئىشلەيدىكەن ھە بۇ قاقۋاش قېرىنىڭ ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )