قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2485|ئىنكاس: 28

(لاڭ شەن پىڭ)"كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دىن جۇڭگوچەچىرىكلى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

17

دوست

2543

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 750
توردىكى ۋاقتى: 492
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 21:45:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
"كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دىن جۇڭگوچەچىرىكلىشىشكە نەزەر

لاڭ شەن پىڭ

   كۆپچىلىككەمەلۇم يېقىندىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ، ھەم ئاللىقاچان خەلقئارانىڭ دىققىتىنىمۇ تارتتى ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چى شەن بۇرۇن "كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە" دېگەن كىتابنى ئۇقۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى  ، كىتابنى ئوقۇپ بولدۇم ، بەك ياخشى يېزىپتۇ ،كىتابتا "18-ئەسىردە باي دېھقانلارنىڭ بايلىقى ئىككى ئەۋلادتىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئازراق پۇل تاپقانلىرىلا پارىژدىن بىرەر ئەمەل سېتىۋېلىشقا ئالدىرايتتى ،  خىيانەتچىلىك ئۈچ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ :بىرىنچىسى چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك ، ئىككىنچىسى تەستىقلاش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك ، ئۈچىنچىسى ئەمەل-ئۇنۋان سېتىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك " دەپ تىلغا ئېلىنغان ، يىڭى كىتابىم " ئىسلاھاتنى قانداق قايتا ئېلىپ بارىمىز"داجۇڭگونىڭ ھازىرقى چىرىكلىك ئەھۋالىنى يۇقىرىقى شەكىللەر بۇيىچە تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاپ باقتىم .
      جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (1) چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك
    چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك دېگەن نېمە ؟ بۇنداق دېگىنى ئەمەلدارلارنىڭ چىقىم قىلىش يولى بىلەن خىيانەتچىلىك قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ يەنى ھۆكۈمەت چىقىم قىلغان ۋاقىتتامەسىلەن ھېلىقى تۆت تىرىليون مەبلەغ سېلىش پىلانىنى  دەيلى ، خىيانەتچىلىك قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دېگەن گەپ ، مۇشۇ چوڭ پىلاننىڭ يولغا قۇيۇلۇشى پارىخورلۇقنى جۇڭگودا ئومۇملىشىشغا تۈرتكە بولدى ، بۇ خىل ئەھۋال "كونا تۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە "دېگەن كىتابتىمۇ تىلغا ئېلىنغان .
    1740-يىلىدىن بۇرۇن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇزدەك ۋالىسى بار بولۇپ ،ئۇلار پەقەت ئىككىلا ئىشقا مەسئۇل بۇلاتتى باج يىغىش ۋە ئامانلىق . كىيىن فرانسىيەزور كۆلەمدە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى ، قانال ، تاشيول ياسىدى .ھۆكۈمەت چىقىمى بارغانسېرى ئېشىپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى . 1789-يىلىغا كەلگەندەھۆكۈمەت قەرزى 45مىليارد لىبرا (فرانسىيىنىڭ بۇرۇنقى پۇل بىرلىكى)بولۇپ ئۆسۈمىلا ئۈچ مىليارد  لىبرا بۇلاتتى ، پەرەز قىلىپ بېقىڭلارچۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق مالىيە كىرىمى نەچچە بولغىيدى ؟ 5مىليارد   ، قەرز نىسبىتى 900%دېگەن گەپ ، ئۇنىڭدىن قەرزئۆسمىنى چىقىرىۋەتسەك ئاران ئىككى مىليارد  قالىدۇ . بۇ نېمىگە يىتەتتى ! شۇڭا ھۆكۈمەت تاز بولساڭ گەدەنگىچە دەپ قەرزئۈستىگە قەرز ئالغان  . ئەڭ يامان بولغىنى بۇنداق چوڭ دائىرىلىك چىقىم ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىشىگە  سەۋەب بولغان .
     ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ئەھۋالىچۇ ؟ تۆت تىرىليونلۇق پىلاننى ئۇتتۇرغا چىقارغاندىن كىيىن 2012-يىلى ھەر تۈرلۈك قەرزلەر 68تىرىليونغايەتتى ، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىچۇ ؟ ئاران 11.2 تىرىليون ، بۇ دېگىنى بىزنىڭ قەرز بىلەن كىرىم نىسبىتىمىز 607% ئەينى ۋاقىتتىكى فرانسىيىگە يىتىشۋالايلا دېدۇق دېگەن گەپ !ئەلۋەتتە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشمۇ شۇنداق .
     چىقىم قىلىش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىكنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار : بىرى دەللال ئارقىلىق بىلەن خىيانەتچىلىك قىلىش يەنى پۇلنى ئۆزى بىۋاسىتە ئالماي  دەللال ئارقىلىق  پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش ، يەنە بىرى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى پايدا كۆپ تارماقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ شۇ ئارقىلىق پۇل ئۈندۈرۈش .
    جۇڭگوچەچىرىكلىشىش (2) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەكلىدىكى خىيانەتچىلىك.
"كوناتۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دېگەن كىتابتىمۇ بۇ خىل چىرىكلىشىش مىسالغائېلىنغان ، يەنە فرانسىيىنى مىسالغا ئالاي فرانسىيە ئىنقىلابىدىن ئوتتۇز –قىرىق يىل بۇرۇن ۋالىي پۈتۈن ھوقۇقنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ ئاقسۆڭەك ، دىننى  جەمئىيەتلەردىن تارتىپ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا بۇلاتتى ، ھەتتا چەت-ياقا بىر يېزىغا بىرمۇساپىرلار يىغىۋېلىش ئورنى قۇرماقچى بولسىمۇ مەركەز نازارەتچى ئەۋەتىپ باشقۇراتتى، كىرىم –چىقىمغا تەستىق سالاتتى ، ھەتتا مۇساپىرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇ يەرگەكىرىپ قالغانلىقى ، كىرىپ-چىقىدىغان ۋاقتى دېگەنلىرىچە  بىلمىسە بولمايتتى ، بىرەر كىچىك چېركاۋنى رېمونت قىلماقچى بولسىمۇ مەركەز تەستىقلايتتى ، تەستىقلىنىشقىلا بىرەر يىل كېتەتتى، شۇڭا مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ئالىكسى دى توكۋىل خورسىنغان ھالدا "ھۆكۈمەت تەڭرى بىلەن تەڭلەشمەكچى بۇلىۋالىدۇ ! "دېگەن . مۇشۇنداق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى بولغاچقا مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ئەمەلدارلار زىغ-زىغ چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن .
   جۇڭگودىمۇ شۇنداق ، مەن نېمىشقا ھەرقانداق بىر تۈرنىڭ ئىسلاھات –تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيمەن ، مەيلى جۇڭگو نېفىت باش ئىدارىسىنىڭ چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ياكى تۆمۈر يول باش ئىدارىسىنىڭ نەچچە يۈزتىرىليونلۇق تۈرلىرى ۋە ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىچىككىنە بىر ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە ئىسلاھات –تەرەققىيات كومىتېتى تەستىقلىمىسا بولمايدۇ ، مانا مۇشۇھالقىنلا پارا  ئالىدىغانلار پايدىلىنىپ كېتىدۇ . پارا بەرگەنلەرگە تەستىقلاپ بېرىدۇ پارا بەرمىسە يوق .
بىراق دوستلارتەستىق چۈشسىلا ئىش تۈگىگەن بۇلامدۇ ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس كەينىدە بىر تالاي تەستىقلار بار تېخى ، مەسىلەن : ماشىنا –ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپىنى تاللاش ، قۇرۇلۇشپىلانى ، قۇرۇلۇش شارائىتى ، ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ قۇراشتۇرىلىشى ، بانكىنىڭ قەرزرەسمىيىتى ....دېگەندەكلەرنى بېجىرىش كېرەك ، بۇلارنى بېجىرىشتە دۆلەت زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسى ، مۇھىت باشقۇرۇش ، ئېلېكتر باش ئىدارىسى ، بانكا..دېگەندەكلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىمزاسى قۇيۇلغان تەستىقىنى ئېلىشىڭىز كېرەك ،كەسپى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە پۈتۈن تەستىقلىتىش ئۈچۈنلا 20مىليون كېتىدىكەن ،بۇنىڭدىن ئوتتۇرىدىكى چىرىكلىك ئەھۋالىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس .
     جۇڭگوچە چىرىكلىشىش (3) ئەمەل سېتىش
"كوناتۈزۈمدىن ئۇلۇغ ئىنقىلابقىچە " دېگەن كىتابتا دېيىلىشىچە فرانسىيە خانى دەسلەپتە ئاقسۆڭەك ئۇنۋانىنى سېتىش ئارقىلىق مال-دۇنيا توپلىغان ، چۈنكى فرانسىيىدە ئاقسۆڭەكلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىناتتى ، ئوتتۇرا بۇرژۇئا  قاتلىمىدىكىلەر ھەم يۈز ئابرۇيغا ئېرىشىدىغان ھەم باج تۆلىمەيدىغان بۇنداق سودىنى بولىدىكەن دەپ قارىغان بىراق فرانسىيە خانلىرىگې پىدە تۇرمايتتى ، مەسىلەن پادىشاھ لۇيىس (XIV)بىراقلا ئۆتكەن 92يىلدىكى سېتىۋەتكەن ئاقسۆڭەكلەر ئۇنۋانىنى بىكار قىلىۋەتكەن ھەم ئۇلارنى قايتا ساتقان ، 80يىلدىنكىيىن لۇيىس (XV) مۇ يەنە مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن نۇرغۇن ئۇنۋاننى قايتا ساتقان ،لۇيىس (XVI) دەۋرىگە كەلگەندە 100مىڭ ئەمەلدارلىق ۋەزىپە ئورنىنى بىكار قىلىپيەنە قايتا ساتقان ، ئەمەل سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسى بەك كۆپ باج تۆلىمەيدۇ ، پارائالالايدۇ . ئۇنداقتا ساتىدىغان ئەمەل تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىدۇ ؟ بەزى ئەقىللىقلارئۆزى ئەمەل ئىجاد قىلىپ ئاندىن پۇل تۆلەپ شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن ، شۇ زامانلاردا فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا تىپتىكى بىرەر شەھىرىدە تەخمىنەن ئوندەك سوتچى بولسىلايېتىشىدىكەن ۋەھالەنكى شۇ چاغدا 109 سوتچى ۋە 126خەۋەرچى بار ئىكەن ، بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ چۆنتىكىگە چۈشكەن .
     بۇنداق ئەھۋال چىڭ ھۆكۈمىتىدىمۇ بار ئىدى ، يەنى ئۇلارشان-شەرەپ خاراكتېرلىك ھوقۇقلارنى ساتقان ،ئۇلارنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق يوق ئىدى، ۋالىي ، مۇپەتتىش دېگەندەك ئەمەللەرلەرنى ساتمايتتى ، يەنە كېلىپ پۇل ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە كىرەتتى ، شەخسىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشمەيتتى شۇڭا چىڭ ھۆكۈمىتىدە ئەمەل سېتىش يولى بىلەن چىرىكلىشىدىغان ئەھۋاللار ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىدى ، ئەمماھازىرقى جۇڭگودىچۇ ؟ چىڭ سۇلالىسى ، فرانسىيىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قانداقلىقىنى بىلمەيمەن بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە ئەمەس شەخسنىڭ چۆنتىكىگەچۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن .

مەنبە : لاڭ شەن پىڭ مىكرو بىلوگى

0

تېما

1

دوست

923

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 13:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ. سىزگە تەشەككۈر ، ئۇيغۇر ئاي !
قۇتلان تېلفۇنلىرى

5

تېما

5

دوست

3285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 984
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 13:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمماھازىرقى جۇڭگودىچۇ ؟ چىڭ سۇلالىسى ، فرانسىيىلەرگە سېلىشتۇرغاندا قانداقلىقىنى بىلمەيمەن بىراق ئەمەل ساتقان پۇلنىڭ ھۆكۈمەت خەزىنىسىگە ئەمەس شەخسنىڭ چۆنتىكىگەچۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمەن .

1

تېما

14

دوست

3409

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 986
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 14:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئەمەل دۇكىنى ›› ئاچقانلار خېلى بارمۇ نىمە؟

0

تېما

0

دوست

1241

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5812
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 149
تۆھپە : 275
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 15:00:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىكلىك مەسىلىسى بىر مىللەت, بىر دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ مەسىلە. لاڭ شىەنپىڭ ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى ئۇنىڭ جەمئىيەتتە خېلى زور تەسىر قوزغىغان ماقالىلىرىىڭ بىرى.
تىما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە كۆپ رەھمەت، بۇنىڭدىن كىيىن ئىملاغا كۆپرەك دىققەت قىلارسىز.

0

تېما

0

دوست

1256

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6624
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 105
تۆھپە : 319
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 15:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ لاڭ بۇرادەرنىڭ يازمىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن . يەنە بولسا يوللاپ تۇراسىز قىرىندىشىم .

0

تېما

0

دوست

998

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   99.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8197
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 271
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 15:20:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!!!!

14

تېما

13

دوست

6153

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 1810
توردىكى ۋاقتى: 558
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 15:25:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 15:28  

شۇ كۈنلەردە خەنزوچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ تۇرساق بولىدىكەنتۇق جۇمۇ ئەسلى، نەچچەيلەن بېرىپ ئەمەل سىتىۋالساق شۇ يەردىن خېلى كىرىم، قىلغىلى بۇلىدۇ.
پەقەت،‹‹شىڭ شىڭ شىڭ، دۇوشىې دۇوشىې، چۈ ك ت ۋ چىڭكې ›› دىگەن گەپلەرنى ئاندىن پۇخرالارغا ئۇيغۇرچە گەپ قىپ تۇرىۋالسىلا بۇلىدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )