قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3513|ئىنكاس: 17

بالىلىق خاتىرەمدىن يەنە بىر پارچە-قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 14:00:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئۇلۇغچات خاتىرىلىرى)

(بۇ ئەسىرىمنى ياتاقلىق مەكتەپتە يىتىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان  بارلىق ياش- ئۆسمۈرلەرگە بىغىشلايمەن!)


            يەنە بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىگىم كىلىپ قالدى، چۇنكى ياش چوڭىيىۋاتىدۇ، كۆرگەننىڭ كۆپىيىشىگە، بىلىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ جىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قىلىشى، بىسىلىپ قىلىشى تەبىئى ئەھۋال. بالىلىغىمغا ئادىل بولۇشۇم ئۇچۇن، بۈگۈن تۇيۇقسىزلا كۆڭلۈمگە شۇ چاغلاردا كۆرگەن -بىلگەن، ھىس-قىلغان ۋە ئويلىغانلىرىمنى قەلەمگە ئىلىپ قويۇش خىيالى كىلىپ قالدى.بەلكى بۇ يازغىنىم- ئەينى چاغدا تاغلىق ناھىيە- ئۇلۇغچاتنىڭ ھەر قايسى يىزا قىشلاقلىرى ۋە ئۇنىڭغا يىقىن ئورمانچىلىق، دىھقانچىلىق ۋە كانچىلىق رايونلىرىدىن كىلىپ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ياتاقلىق ئوقۇغانلارغا ئۇلارنىڭ بالىلىقىنى ئەسلىتىشى، ۋە بەلكىم ھازىر يەنە شۇنداق كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بوغۇنلارغا ئىلھام بولۇشى، ئۇنداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزمىگەنلەرنىڭ ئاز-تولا كۈلكىسىگە خۇرۇچ بولۇشى مۇمكىن.

******************************************

                        مىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە تۇنجى بارغان چىغىم - 1982 -يىلى بىز كەنشىۋەر ئورمان مەيدان پەرزەنتلەر باشلانغۇچ مەكتىۋىدىن ئەنۋەر ئابلا، مەمەتجان ئۆمەر، مەن، ئايىمنىسا رەھىم، سائەتگۇل ئابلا، ئايگۇل ئەزىز بولۇپ ئالتە ئوقۇغۇچى  - تولۇقسىز بىرىنجى يىللىققا ئوقۇشقا كىرىش ئۈچۈن بىر شەنبە كۈنى ئوقۇتقۇچىمىز قۇربان نامەتنىڭ (قۇربان مۇئەللىم ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاقتۇ ناھىيىسى جامالتىرەك يىزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە، "يالغۇز ئانامنى باقىمەن" دەپ يۆتكۈلۈپ كەتتى) يىتەكچىلىگىدە بىرىشىم ئىدى. شەنبە كۈنىدىكى قونالغۇ مەسىلىمىز - ئورمان مەيدانىمىزدىن ئوقۇشقا بۇرۇن بارغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كارۋاتلىرىنى بىزگە بوشۇتۇشۇپ بىرىشى بىلەن ھەل بولدى. ماڭا مەيدانىمىزنىڭ پىشقەدەم خىزمەتچىسى - ئاتا-ئانام بىلەن ئۇرۇق-تۇققاندەك ياخشى ئۆتىدىغان، ئابدۇراھمان ئاكا (ئون يىللار ئىلگىرى قازا قىپ كىتىپتۇ، ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن)، بىلەن خۇش-چىراي، مىھرىۋان پاتىمە ئاچامنىڭ (پاتىمە ئاچامنىڭ يۇرتى - ئاتۇش مەشھەتتتىن بولۇپ، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى تاغدىن ئاتۇشقا يۆتكۈلۈپ كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانام بىلەن ھازىرغىچە ئىزدىشىپ ئۆتىدىكەن، ھەر كۆرۇشكەندە ئاتا-ئانامدىن مىنى سوراپ سالام يوللايدىكەن، جانابى ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن، پاتىمە ئاچامغا!) ئوغلى - تۇرسۇنمەمەت ئاكا، "ۋاي مىجىتكامنىڭ بالىسى قەيسەر ئۇكام ئەتە ئىمتىھانىڭ بار، خاتىرجەم ئۇخلا" دەپ  -ئورنىنى بوشىتىپ تەييارلاپ بەردى.
           بىز  بىلەن بىرلىكتە ئۇلۇغچاتنىڭ ئوقسالىر، كونا ئۇلۇغچات، تويۇن ۋە چارۋىچىلىق فىرمىسى، كۆمۈر كان قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق قىرىنداش ئوقۇغۇچىلار ئەتىسى مەكتەپنىڭ سىنىپلىرىدا ئەدەبىيات ۋە ھىساپتىن ئىمتىھان بىرىشتۇق.
     ئەدەبىياتتىن ئىمتىھان بىرىپ چىققاندا قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان چارۋىچىلىق رايونىدىن كەلگەن ئىككى قىرغىز ئوقۇغۇچىنىڭ مۇنۇ سۆزى قۇلاق تۇۋۇمدە تىخىچە ھازىر ئاڭلىغاندەك جاراڭلايدۇ:
- ھەي ئامانتۇر، دوسۇم ئات -ئاتۇچ (ئىسىم) دەگەندى قانداي جازدىڭ؟
----
- زات- ئاتۇچ  (سۈپەت) دەگەندى بۇنداي جازدۇمغۇي، تۇۋرابى؟
----
*****************
            شۇنداق قىلىپ سىنتەبىردە ئوقۇش باشلىنىپ كەتتى. مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى - ئايۇپ ئىسمائىل ئەسلى يۇرتى تۇرپاندىن ئەمما 60-70 يىللاردا-ئۇلۇغچاتقا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ شۇ يەرلىك بىر قىرغىز خانىم بىلەن توي قىلىپ، قىرغىزچە نۇتۇق دىگەننى ئاپتۇماتنىڭ ئوقىدەك قۇيۇۋىتەلەيدىغان بولغان، ئۇيغۇرچىنى تۇپفاندىن تىخى تۈنۈگۈن كەلگەندەك شىۋە بىلەن سۆزلەيدىغان سۈرلۈك، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئۈستۈن، ناتىق بىر كىشى ئىدى. ئۇ كىشى سىنتەبىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر شەنبە كۈنى (ئۇ كۈنلەردە شەنبە كۈنىمۇ ئوقۇيتتۇق) ئىككىنجى سائەتلىك تەنەپپۇس ۋاقتىدا بالىلارنى يىغىپ مەكتەپنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن قوغۇن بەرمەكچى بولغانلىغىنى ئىيتىۋىدى، كۆپچىلىك خوش بوپ كىتىشتى. بەلكىم ھازىرقى بالىلار  "بۇ دىگەن قانچىلىك نەرسە خوش بوپ كەتكۇدەك" دەيدۇ، ھەر قاچان! ئۇ چاغلاردا كوممۇنا تىخى مەۋجۇت، بازار قويۇۋىتىلمىگەن بولۇپ گۆش بىلىتى ۋە رەخت بىلىتى تىخىچە ئىشلىتىلەتتى، ئەمدىلا تىرىلىشكە باشلىغان بازاردا ماددى-ئەشيا ، مىۋە-چىۋە، قوغۇن-تاۋۇزلار قىس، بولۇپمۇ ئەتراپىدا بازار بولمىغان ئورمانچىلىق مەيدانىدا بۇنداق نەرسىلەر تىخىمۇ قىس ئىدى. دادام مەيداننىڭ غوللۇق كادىرى بولغاچقا ئۇ يەر بۇ يەرگە كوماندىروپكىغا چىقىپ تۇراتتى ۋە لازىملىق گۆش، كۆك-تات، مىۋە-چىۋىلەرنى ئەكىلىپ تۇراتتى، لىكىن شۇنداقتىمۇ 6 جان بار ئۆيدە ئۇ نەرسىلەر ئاسانلا ئۆكسۈپ قالاتتى.
          ھەممەيلەن مەكتەپنىڭ خوجىلىق بولۇمنىڭ كادىرى - ئەرگەش ئاكىنىڭ تىزىملىشىدا بىردىن قوغۇننى ئالدۇق. ناھىيىدە ئۆيى بار بالىلار خۇددى تاغدىن شاپتۇل ئۈزۈپ چۈشكەن مايمۇنغا ئوخشاش بىكارغا كەلگەن بىردىن قوغۇننى قۇچاقلاپ ئۆيىگە كىتىشتى، ئەمما ياتاقتا ياتىدىغان بالىلار، ياتاققا كىرىپلا بەزىلىرى قوغۇننى پىچىپ، نەپسى تاقىلداپ كەتكەنلىرىى بولسا كارۋاتنىڭ تومۇر گىرۋىگىگە ئۇرۇپ يىيىشكە، شاپاقلىرىنى غاجىلاشقا چۈشتى. نىمىشقىدۇر مىنىڭ بۇ قوغۇننى قەتئى يىگۇم كەلمىدى، ئۇنى ئۇكىلىرىمغا تۈگۈندۇم. ئورمان مەيدانىدىن كەلگەن باشقىلارنىڭ ئۆيگە قايتمايدىغانلىغىنى سوراپ بىلگەندىن كىيىن،  چۈشتىن كىيىن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ساۋاقداشلار بىلەن مەكتەپنىڭ تازىلىق ئىشىنى قىلىپ سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا ھەربىچە سىرىق سومكىغا ھىلىقى قوغۇننى قاچىلاپ، ئاقساقراپ ماڭىدىغان ئايىلى بىلەن ناھىيە بازىرىدا دۇكان ئىچىپ خىلى تونۇلۇپ قالغان ھىلاجى ئىسىملىك بوۋاينىڭ دۇكىنىدىن ئىككى موچەنگە ئۇكىلىرىمغا ئاتاپ مەمپىس كەمپۇت ئىلىپ، كانسۇ-  قەشقەر تاش يولىغا چىقتىم. ئالدىنقى 4-5 قىتىملىق شەنبە كۈنىدە ئويگە قايتىشتا كۆپچىلىك بىللە بولغاچقا ئانچە بىلىنمەپتىكەن، ئەمما بۇ قىتىم ئۆزۈم يالغۇز بولغانلىقتىن
       ناھىيە  بازىرىدىن پىيادە بۇ يەرگە كىلىش بەك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى. يولنىڭ بويىدا تۇخان ئىسىملىك (شۇنداققۇ دەيمەن) ئاقسۇنىڭ كاۋىسىدەك يۇمۇلاقراق كەلگەن بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنىڭ ئاشخانىسى بار ئىدى. ئالدىنقى قىتىملاردا بىز بالىلار شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توپلۇشۇپ تۇرۇپ كانسۇ تەرەپتىن كۆمۈر بىسىپ قايتقان شوپۇرلارغا يالۋۇرۇپ ماشىنىلىرىغا چىقىۋىلىشقان ئىدۇق. (ئەمدى ئويلىسام ناھىيە بىلەن ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئارىلىغى 25 كىلومىتىرمۇ كەلمەيدىكەن. ھازىر مەن كۈندە ئاشۇنچىلىك يولنى بىسىپ ئىشقا بىرىپ كىلىمەن، دىمەك شۇ چاغدىكى ماددى شارائىت ئاشۇنداق بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ قىيىنچىلىق بولغان ئىكەن)
        مەن بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا "بىرەر كۆڭلى يۇمشاق شوپۇر ئىلىۋالا" دىگەن ئۈمىتتە تۇرە، تۇرە..ئۈمىت قىلىپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم، مەندەك تىخى 12 ياشقا تولۇق تولمىغان كىچىك بالىنىڭ سۆزىگە بىرەر شوپۇر ئىرەن قىلامدىغان...قاراڭغۇ چۈشۈپ يۇلتۇزلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى، "چوقۇم ئۆيگە كىتىمەنغۇ" دەپ نىيەت قىپ قاپتىمەن-دە؟ كۆڭلۈمگە قورقۇنچ چۈشتى. ياتاققا قايتىپ كىتەي دىسەم ئۆزەم يالغۇز، ناھىيە ئىچىگە بارغۇچە دۆڭ ئەترەت دەپ ئاتىلىدىغان كەنتتىن ئۆتۈشۈم كىرەك. مەن ئۇ يەرنىڭ ئىتلىرىنىڭ ئادەملەرنى قوغلىغىنىنى كۆرگەن، گەرچە ئۆزەم ئىت يىللىق بولساممۇ 7 ياش چاغلىرىمدا ئىت قوغلاپ يۈرۈگۈمنى ئالغىنى ئىسىمدە، شۇڭا ئىتتىن ئۆلگىدەك قورقىمەن. يىنىمدا "بىرەر شوپۇر كىرا سوراپ قالسا" دەپ ساقلاپ قويغان 5 موچەن پۇل بار ئىدى، قوسىغىم ئىچىپ كىتىپ ئاشخانىدىن يىرىم ئاش يىدىم، قالتىس تاتلىق تىتىدى. ئاشخانىنىڭ ئىگىسى تىخىچە مىنىڭ بويۇن قىسىپ تۇرۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىدىمۇ "قايتىپ كەت مەكتىۋىڭگە دىسەم ئۇنىمىدىڭ، بۈگۈن ماشىنا ئاز، مەنمۇ ئاشخانىنى تاقايمەن ھىلى" دىۋىدى، ھىلىقى ئائىلەمنى سىغىنىش ھىسسىياتىغا قورقۇنچ قوشۇلۇپ، لاغىلداپلا كەتتىم. شۇنداق دەككە -دۈككىدە تۇرسام، "كەسكەن تاغقا كىتىمەن" دەپ بىر كىشى كەپ قالدى. چوڭ دىگەننىڭ چوڭلىغى بولىدىكەن، قەشقەردىن كانسۇغا كۆمۈر ئالغىلى چىققان بىر شوپۇر ھىلىقى ئادەمنى ئىلىۋىلىشقا قوشۇلدى ۋە دىدى "چىقىڭلار". شوپۇر ئۇستام مىنى ئاشۇ كىشىنىڭ بالىسى دەپ ئويلاپ قالغان چىغى... ماشىنا مىڭىۋاتىدۇ، مەن كۆمۈر بىسىلغان ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئايرىم كۆمۈر قاچىلانغان چىپتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، (شوپۇرلار 2-3 چىپتا كۆمۈرنى ئايرىم قاچىلىتىپ سىتىپ يەيدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇ چاغلاردا شوپۇر دىسە، تۇرمۇشى ياخشى دىگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كىلەتتى)  ئاسماندىكى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ "مۇشۇ كەچتە توساتتىن ئويگە بارسام ئاتا-ئانام قانچىلىك خوش بوپ كىتەر ھە، ئۇكىلىرىم قۇچاقلاپ سۆيۈپ كىتىدۇ ھەر قاچان؟ دەپ ئويلاپ شىرىن خىيال سۇرۇپ ماڭدىم.  يوللارنىڭ بەزى قىسىملىرى بۇزۇلغان بولۇپ،  ماشىنا تاشيولدىن ئايرىلىپ چۆللۈككە مىڭىپ ئاندىن يەنە تاشيولغا چىقىپ دىگەندەك مىڭىۋاتاتتى. ئەمما ماشىنا كەسكەن تاغقا يىقىنلاشقا باشلىغاندا ئەنسىرەشكە باشلىدىم، بۇ ئاساسەن يولنىڭ 70% ئىدى. مەن ئەسلىدە شوپۇر ئۇستامغا ئورمان مەيدانىغا بارىدىغانلىغىمنى دىمەيلا چىققان ئىدىم، بۇ شوپۇرلار يولدا تولا توختىغاننى ياقتۇرمايدۇ، ئەگەر مەن كەسكەن تاغدا چۇشۇپ قالسام، ئۆيۈمگە مىڭىپ بىرىپ بولغۇچە تاش يول ئوچاستىكىسىنىڭ شۆبە پونكىتىدىن ۋە يىزا ئىگىلىك دىۋىزىيەسىنىڭ تارماق پونكىتىدىن ئۆتۈشۈم كىرەك. بۇ دىۋىزىيەنىڭ ئىشىتلىرى غالجىر بولۇپ سىنى تالاپ ئۆلتۈرۈپ قويمىغاندىمۇ ناكا قىلىپ قويىدۇ. ھىلىقى ئادەم كەسكەن تاغدا چۇشۇپ قالدى، مەن "نىمە بولسا مەيلى، ئەلھوكمىللىلا" دەپ ئولتۇردۇم.  ماشىنىنىڭ ئۈستىدە مەندىن باشقا ئادەم يوق، تىلسىز  كۆمۈر ۋە ئۈستۈمدە ئاي-يۇلتۇزلا بار. كەسكەن تاغدىن كىيىنكى يولنى شۇنداق بىر خىل بىئارامسىزلىق ئىچىدە خىيال قىلىپ ماڭدىم.
            ئويلىغىنىمدەك ئىش بولدى. ماشىنا ئورمانچىلىق مەيدانىغا يىتىپ كەلگەندە كاپىنكىنىڭ ئۈستىنى ئۇردۇم. شوپۇر گاچچىدە توختاپ ماشىنا ئەينىكىدىن بىشىنى چىقىرىپ قولىنى شىلتىپ قايناپ كەتتى." نىمە گەپ بۇ،  چۈشۈپ قالمىغانما ئاۋۇ يەردە؟"،
-ياق مىنىڭ ئويۇم ما يەردىتى.
       ئۇستام ئاغزىنى سەت بۇزدى، -چۇشە شۇمتەك ماشىنىدىن چاققان-چاققان، ئادەمنى ئەخمەق قىلىپ ھۇ..."، ئۇنىڭ تىل-ئاھانىتى بەك ھار كەلدى شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمدىن بۇرۇن ھىلىقى قوغۇن بار سومكىنى پەسكە تاشلىدىم دە ئاندىن ئۆزۈمنى ئاتتىم. (ئۆزۈم قالسام قالاي، قوغۇن قالمىسۇن ماشىنىدا دىگەن ئوخشايمەن :)، يول شىغىل تاشتىن ياسالغان بولۇپ، پالاققىدە شىغىلنىڭ ئۈستىگە يىقىلىشىم بىلەنلا ئىشتاننىڭ تىزى يىرتىلىپ پۇتۇم شۇنداق ئاغرىپ كەتتى. ماشىنا قوزغالغاندا كەينى چىراق لاپپىدە يىنىۋىدى، 27-65397 دىگەندەك بىر نومۇرنى ئوقۇۋالدىم، "خەپ ئوغرى، چوڭ بولغاندا ياخشى ئوقۇپ سىنى تىپىپ مۇشۇ تىللىرىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرۇپ بىرىمەن، بىر بىچارە كىچىك بالىنىمۇ مۇشۇنداق تىللامدۇ بىر چوڭ ئادەم".
               ھممم، ماۋۇ ئىشنى  كۆرۈڭ، ماشىنا كەتكەندىن كىيىن ئىسىمگە كىلىپ ئەتراپقا قارىسام، ياپراقلىرى شىپىرلاپ تۇرغان ئورمانلىق، يولنىڭ بويىدىكى ئوستەڭدە ئىقىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازى... جاھان شۇ قەدەر تىم-تاس ھەم سۇرلۇك. قارىسام قوغۇن نەچچە بارچە بولۇپ ئۇنىڭ سۇيى سىرىق سومكامنى ھۆل قىلىۋىتىپتۇ، تىزىم ئاغرىۋاتىدۇ. تاشيولدىن ئۆيگە كىرىپ كىتىشىم ئۇچۇن يەنە 800 مىتىرچە مىڭىشىم، خەقلەر "مۇشۇ يەردە جىن بار" دەپ قارايدىغان دامبا دىگەن يەردىن ئۆتۈشۈم كىرەك. ئالايىتەن ئۇكىلىرىم بىلەن بىللە يەيمەن دەپ كۆتۈرۈپ كەلگەن قوغۇنۇمنىڭ نەچچە پارچە بوپ كىتىشى، ئاڭلىغان تىللىرىم، ئاغرىغان تىزىم...ئەمدى بۇ يىرىم كىچىدىن ئاشقاندا ماۋۇ يوپۇرماقلىرى شىلدىرلاپ ئادەمنى سۇر باسقۇزۇدىغان ئورمانلىقنىڭ ئىچىدىن يالغۇز مىڭىشنى ئويلاپ ۋۇجۇدۇمنى قورقۇنچنىڭ بىسىشى -كارامەت ئىغىر كەلدى، ئىچىڭگە پاتقۇزالمىساڭ تىشىڭغا چىقىرىۋەت.  بىر تەرەپتىن مىشىلداپ يىغلاپ بىر تەرەپتىن جىن-شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىدىن قورقۇپ  چوڭ دادام بەرگەن قوغۇن پىچىشقا يارايدىغان قەلەمتۇرۇچ پىچاقنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ ئالدى-كەينىمگە ۋە يانلىرىمغا شىلتىپ بىلىدىغان ئايەتلىرىمنى ئوقۇپ "سۇف-سۇف" قىلىپ ماڭدىم. چۇنكى مەن كىشىلەردىن "جىن شەيتان پىچىغى بار ئادەمگە يىقىن كىلەلمەيدۇ، چىچىمنى كىسىۋالىدۇ دەپ قورقىدۇ" دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم. (ئەمىليەتتە ئويلىسام بۇ گەپكە چوڭقۇر مەزمۇن يوشۇرۇنغان ئىكەن). شۇڭا يول بويى "جىن-شەيتانلار پىچىغىم بارلىغىنى بىلمەي قالمىسۇن" دەپ پىچاقنىڭ ئۇچىنى ئاي يورىغىدا ۋالىلدىتىپ پۇلاڭشىتىپ ماڭدىم، كىم بىلىدۇ كىچىدە تەرەتكە چىققان بىرسى ئاي يورىغىدا ۋال-ۋۇل قىلغان بەلگىنى كۆرۈپ مىنى "ئالۋاستى كەلدى" دەپ قورقۇپ بوشىنالماي ئويىگە قىچىپ كىرىپ كەتتىمۇ تىخى؟، كىچىنىڭ سۈرى باشقا-دە!. مەن ئۆيگە كەلگەندە سائەت- سەھەر 1 بولغان ئىدى، ئۆيدىكىلەرمۇ مىنى "جىن ئوخشايدۇ" دەپ ئويلاپ قالغان چىغى، ئىشىكنى شۇنچە ئۇرسام، جىم تۇرۇۋالدى، بىر ھازاغىچە ئىشىكنى ئۇرسام ئاۋاز يوق، ئاخىرى ئۈن قويۇپ ۋاقىراپ يىغلىدىم...
ئادەم مىغ-مىغ شەھەرلەردە چاڭچىلىكەشلەرنىڭ ۋەھىمىسى بولغان بىلەن ئادەم زاتى ئاز بولغان تاغ-ئورمانلىقلاردا، جىن -ئالۋاستىنىڭ ئادەمگە قورققاق چىقىرىۋىتىدىغان ۋەس-ۋەسىسى كۆپ.
            شۇنىڭ بىلەن ئانام جىن چىراقنى يورۇتۇپ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ "ۋاي جىنىم بالام بۇ كەچتە قانداق كەلدىڭ" دەپ يىغلاپ كەتتى. دادام ئاتۇشقا كوماندىروپكىغا كەتكەن ئىكەن. ئارقىدىنلا 3 ئۇكام خۇددى دەرەخنىڭ شاخلىرىدىن يىشىللىققا دانلىغىلى  چۇشكەن كەپتەرنىڭ باچكىسىدەك ئۆيدىن  "ۋاي ئاكام كەپتۇ" دەپ چۇۋۇلدىشىپ چىقىشتى، ئۇلارنىڭ خوشاللىغىنى كۆرۈپ ھىلىقى تارتقان سورۇقچىلىقلار تۈتۈندەكلا غايىپ بوپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ بىز بىر ھازاغىچە ئۇخلىمىدۇق.

          مىنىڭ ئۇلۇغچاتتا 3 يىل ئوقۇش جەريانىدا، ئاشۇ 25 كىلومىتىرلىق يولنى ھەر ھەپتە دىگۇدەك بىر قىتىم قاتناش جەريانىدا بىلگەنلىرىممۇ، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىممۇ ئاز بولمىدى. شۇ يىللاردا تۇنكۇمۇ، لاباكۇمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق "ئايىغى كەڭ بىر ئىشتان مودا چاغلار ئىدى، ئانام "بالام تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىدا ساغىرىپ قالمىسۇن" دەپ ئالايىتەن تىككۈچىگە بۇيرۇتۇپ شۇ ئىشتاننى تىككۇزۇپ بەرگەن ئىدى. بىر قىتىم ماشىنىغا چىقىمەن دەپ ئالدىراپ شۇ خولوپ خولوپ ئىشتاننىڭ پۇچقىقىغا ئۆزۈم پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۇشۇپ، تىزىم پۇتۇنلەي ئىچىلىپ قالغان ئىدى.
          ئورمانچىلىق مەيدانىغا كىتىدىغانلارنىڭ سانى 20 ئەتراپىدا بولۇپ  ھەممەيلەننى بىراقلا بىر شوپۇرنىڭ ئىلىۋىلىشى مۈمكىن بولمىغانلىقتىن، 3-4 تىن بولۇپ ئۇستاملارغا يالۋۇرەتتۇق، كىتىپ -كىتىپ 5 موچەندىن كىرا تولەپ قالاتتۇق. بەزىدە بىرەر شوپۇر ئىككى ئادەمگە ماقۇل دىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ ماشىنىسى قوزغالغان چاغدا ئاۋۇ ئىككى بالا چىقىپ بولغاندىن كىيىن، بىزگە شەرەت قىلاتتى، بىز ماشىنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كوزۇپقا ئىسىلاتتۇق ئۇلار قولىمىزدىن تارتىۋالاتتى. بىر قىتىم مەن ئاشۇنداق بىر ماشىنىغا ئىسىلىپ قاپتىمەن، شوپۇرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى يوق ئەلۋەتتە، تۇيۇقسىز ماشىنا ئىتتىكلەپ كەتتى. مەن ئاللا توۋا دەپ كەتتىم، قويۇۋەتسەم، تاشيولغا پالاققىدە چۈشىمەن-دە، يۈزۈم تاۋۇزنىڭ شاپىقىدەك تۈزلام بوپ كىتىدۇ، قويماي دىسەم بۇ كىچىك قوللىرىم بىلەن كوزۇپقا چىقالمايمەن. شۇ چاغدا بىرسى "ئەكەل ئاۋۇ قولۇڭنى دەيدۇ"، قولۇمنى ئۇزاتقىنىمنى بىلىمەن، باشقىسىنى ئۇقمايمەن، بىر چاغدا تاجىكنىڭ تۇمىغىدەكلا ئۇچۇپ كۆمۈرنىڭ ئۈستىگە موككىدە چۈشتۈم، ئىغىزلىرىمغا كۆمۈر كىرىپ كەتتى، يۈزلىرىم قاپ-قارا. ھەر قىتىم شۇ ئىشلارنى ئويلىسام تىنىم شۈركىنىدۇ. "ئەگەر مىنىڭ قولۇمدىن تارتقان ئادەم، سەللە كۈچۈگەن بولسا، ماشىنىنىڭ ئالدى چاقىغا يەم بولاركەنمەن". ھىلىمۇ رىسقىم باركەن ھازىر مانا ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن، ياش قىرىقتىن ئاشقاندا. قارىسام، مىنىڭ قولۇمنى تارتقىنى "لۈكچەكلىك" بىلەن تونۇلغان يەنى 40 تىن ئارتۇق ئادەم بىلەن تەنھا سوقۇشۇپ ئۇلارنى قورقۇتۋەتكەنلىگى بىلەن ناھىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىغىزىدا سۆزلىنىپ تۇرىدىغان ئىسلامجان" ئىسىملىك ئوتتۇرا بوي كىشى ئىكەن. "خۇدا بىر ساقلىدە ھە" دەپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرىدۇ ئۇ ئاكىمىز. مەن كۆپ رەخمەت ئىيتتىم. شۇندىن كىيىن ئۇ ئادەم كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرىنىدىغان بولدى. دىمەك، لۈكچەك دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئەمەس، باشقىلارغا ئازاپ تارتقاندا كۆكرەك كىرىپ چىقالىغان، ئۇ مەرت، پالىۋان، شۇندىن كىيىن بۇ ئادەمنى مەن "نوچى" دەپ بىلدىم.
           ئۆيگە كىتىشنىڭ تەسلىگىدىن، ماشىنىلارنىڭ قىسلىغىدىن، بىز ئوقۇغۇچىلارمۇ ھەر خىل ئاماللارنى تىپىشقا مەجبۇر بولاتتۇق. ھازىرمۇ شۇنداق ئىسىمدە. مەيدانىمىزدىن بارغان ياشقا چوڭراق، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىشكە ئاز قالغان قىزلار - كىچىكلەردىن بىر نەچچىمىزنى باشلاپ، ئاشخانىدىن سەل تۆپىگە ماڭاتتى، ۋە بىزگە دەيتتى. "سىلەر ماۋۇ تاشيولنىڭ تىگىدىكى كۆۋرۇككە كىرىپ تۇرۇڭلار، ماشىنا توختىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ھامانلا دەرھال چىقىڭلار". بۇ ئامال كۆپ تىز ئۈنۈم بىرەتتى.  چوڭ بولۇپ ئويلىسام، "جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا" ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئەينى چاغدا كىچىكلىكتە ئاڭقىرماپتۇق. مەن ئۇ چاغلاردا "شوپۇرلار قىزلارنى ئاجىز دەپ ئويلاپ ئىچ ئاغىرىتىپ توختايدۇ" دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرىمىز، قۇلاقلىرىمىز- توشقاننىڭ قۇلىغىدەك سەزگۇر، ماشىنا توختىغان ئاۋازنى ئاڭلايمىز-دە، ئىلى پارتىزانلىرىدەكلا يۈگرەپ چىقىمىز....ماشىنىسىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلگەن بىز كىچىك بالىلار چوقۇم ئۇ شوپۇرلارنىڭ كۆزىگە بىر توپ شۇم قاغا بولۇپ كۆرىنەتتەققۇ دەيمەن! شوپۇر ئۇستاملار ھىلىقى چوڭ ياشلىق قىزلارغا غەزەپ بىلەن بىر ئالىيىۋىتىپ دىيىشەتتى "چىقىشە..."، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئاچچىق.
           ئۇ چاغدا شوپۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنى يۇقۇرى ئىدى. شوپۇرلارغا ئىھتىياجىمىز چۈشكەنلىكتىن ئارىمىزدىن "خەپ چوڭ بولغاندا شوپۇر بولمىسام" دەيدىغانلارمۇ چىقتى، بالا دوستۇم مەمەتجان ئۆمەر دەل شۇنداق دىگەن ھەم شۇنداق قىلدى. ھازىر ئۇ ئاتۇشتا بىر كالۇننىڭ مەسۇلى ئىكەن.
بۇ شوپۇرلارنىڭ بەزىلىرى گەپ قىلماي ماشىنىسىغا ئىلىۋىلىپ يىرىم يولغا بارغاندا ماشىنىنى توختىتىپ يولۇچىلارنى پۇل بىرىشكە قىستايدۇ دىسە.  بۇ بىز ئوقۇغۇچىلاردا ھەمىشە كىرا تولىگۇدەك پۇل بولمىغانلىقتىن قەشقەر -ئاتۇشقا سەپەرگە ماڭغان چوڭلار بىرەلىگەن بىلەن، بىز باشنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرىدىغان. بەزىدە بويى چوڭلۇقمۇ ئادەمگە زىيان بولىدىكەن. مەيدانىمىزدىكى تاياجىكامنىڭ  ئوغلى مەخمۇت ئۆزى شوخ، يىشىغا نىسبەتەن گەۋدىلىك چوڭ بالا ئىدى. بىر قىتىم بىر شوپۇر ئۇنى كىرا تۆلەشكە زورلىغاندا ئۇ بىر گاسنىڭ رولىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنلاپ قۇتۇلۇپ قالغان. شوپۇر دىدىكى :ھەي ئۇكام، كىرا تۆلە".
         مەخمۇت ھىچنىمە ئاڭلىمىغاندەك ئىنكاسسىز قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، شوپۇر قاتتىقراق ۋاقىرىۋىدى مەخمۇت "قۇلىغىم ئاڭلىمايدۇ" دىگەن ئىشارەتنى قىلدى، شوپۇر "ماشىنىدىن چۇشۇپ كەت" دىگەن ئىشارەتنى قىلىۋىدى، مەخمۇتقا زۇۋان كىردى:
-نىمە، نىمە دىللە، ماشىنىدىن ئۆزەمنى ئاتامدىمەن، ماقۇل، ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ راست ئۆزىنى ئاتىدىغاندەك قىلىۋىدى، شوپۇر ھودۇقۇپ، "بولدى-بولدى" دەپ كەتتى.
         دىمەك شېكىسپىرنىڭ "تۇرمۇش بىر سەھنە، ھەممىمىز ئارتىس" دىگىنى ئۇنىڭ تۇرمۇشنى، ئادەملەرنى كۈزۈتۈپ ئىيتقان بەرھەق سۆزى ئىكەن.  كىشىلەر تۇرمۇشتا قىينالغاندا، قىستالغاندا، ھەر خىل روللارنى ئىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
         بۇ يوللار بىزنىڭ مەيدانىمىزدىن بىرىپ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان بىزدىن توۋەن يىللىقتىن خاننىساگۇل ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىزنى يەپ كەتتى. ياسىن مۇساكام بىلەن تۇخان ئاچامنىڭ گۈلدەك ئۇز ئۆسكەن قىزى خاننىساگۇل بىلەن ئابلا ئىلى ئاكىنىڭ قىزى بولغان ئاينۇر بىر كۈنى مەكتەپتىن يىنىپ كۆمۈر باسقان بىر ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ، ماشىنىنى ھەيدىگۇچى شوپۇر -ياش بالا بولۇپ ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەن ئىكەن، ماشىنا ئورمانچىلىق مەيدانغا كىلىشكە 5 كىلومىتىر يول قالغاندا ئۆرۈلۈپ كىتىپ ئۇلارنى ماشىنا بىلەن قوشۇلۇپ كۆمۈر بىسىۋالىدۇ، ئەتراپتىكى قىرغىز قىرىنداشلارنىڭ چاققانلىق بىلەن قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە كىرىشىشىگە باقماي، خاننىساگۇل رەھمەتلىك 14 يىشىدا قازا قىلىدۇ (ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي)، ئاينۇر گەرچە ھايات قالغان بولسىمۇ، كىسەلچان بولۇپ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قازا قىپ كىتىپتۇ (ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي)
          مۇشۇ سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن يولۇچىلارنىڭ ھەر خىل پاراڭلىرىنى ئاڭلاش نىسىپ بولاتتى، مەن ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى قىتىقىنىپ ئاڭلايتتىم، شۇنداق قىلىپ بەزى ئىشلاردا قۇلاق موللىسى بوپ قالاتتىم دىسە.
         ئاشۇنداق سەپەرلەرنىڭ بىرىدە، كىيىن ئاتۇشتا تىلىۋىزور ئىستانسىسىدا دىكتور بولغان سىتىۋالدىجان مۇتەللىپنىڭ دادىسى، ئوتتۇرا بوي، شاپ بۇرۇت كەلگەن مۇتەللىپ ئاكا، ماشىنىغا بىللە چىققان ئىسمايىلجان مۇئەللىمدىن ماتىماتىكىدا ياخشى ئىكەنلىگىمنى بىلىپ، شۇنداق سورىغان ئىدى:
"-دەپ باققىنا، سىنى دەرستە ياخشى دەيدۇ، ئىككى ساننىڭ ئايرىمىسىنىڭ كۇۋادىراتىنى قانداق يايىمىز؟
        گەپ ئەمدى مىنىڭ ماتىماتىكىدا نىمە ئۈچۈن ياخشى دەپ ئاتالغىنىمغا كەلسۇن، بۇ يەردە بىر قىزىق ئىش بار.
         بىزدە "قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق" دىگەن گەپ بار. مىنىڭ ئانام دەل شۇنىڭ مىسالى. ئانامنىڭ نەزىرىدە مەن ھەمىشە ئىگىز، ئەقىللىق، نۇقسانىم يوق. مىنىڭ بويۇم ئۇ چاغلاردا ئۆز يىشىمدىكىلەرگە قارىغاندا كىچىك ئىدى. لىكىن مەن ئانامغا بويلۇق كۆرۈنسەم كىرەك، ماي بايرىمىدا ماڭا بىر ئاق-كۆكۈشرەك كەلگەن چاپان كەيگۇزدى، بۇ چاپان ماڭا خىلىلا ئۇزۇن كىلىپ قالدى. يا مەن خەققە دىققەت قىلمايمەن، ياكى خەق ماڭا، شۇنداق بولغانلىقتىن بىپەرۋا ھالدا كىيىلىۋەردىم.  دەل شۇ چاغدا مەكتىۋىمىز 6-يىللىقتىكى 3 قىرغىز سىنىپ، بىر ئۇيغۇر سىنىپنىڭ جەمى 4 سىنىپنىڭ ئوقۇچىلىرى ئارىسىدا ماتىماتىكا زىھن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەن ئۇ مۇسابىقىدە بىرىنجى بوپتىمەن دىسە.
         مەن ئۇ چاغلاردا ئۆزەم  دەرستە ياخشى بولغان بىلەن سەل رەتسىز، سولاقراق ئىدىم. ئەمما سولاقلىقىمنى بىلگۈچىلىگىم بار دەرىجىدە سەزگۇرمۇ ئىدىم.  چاپاننىڭ پىشى ئۇزۇنراق بولغانلىقتىن بىر كۈنى سەھەردە تەنتەربىيە مەشغۇلاتىغا ئالدىراپ كىچىك تەرەت قىلغاندا دىققەت قىلماي ھىلىقى چاپانىڭ پىشىگە خەق كۆرسىلا نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى بىلگىدەك تەككۈزۈپ قويۇپتىمەن.  دەل شۇ كۈنى قۇياش شۇنداق نۇرلۇق، ھاۋا ئوچۇق كۈن بولغان ئىدى.
ئايۇپ مۇئەللىم ئىككىنجى سائەتلىك تەنەپپۇس ۋاقتىدا بىزنى مەيدانغا يىغىپ مۇھىم نەرسىلەرنى ئاڭلىتاتتى.
شۇ كۇنى ئۇ ماتىماتىكا مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى تەقدىرلىمەكچى بولۇپ دىدى:  تۆۋەندىكىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇكاپات ئالسۇن، كۆپچىلىك قىزغىن چاۋاك چالايلى: 6 - يىللىق -ئا سىنىپتىن قەيسەر مىجىت بىرىنجىلىككە، ب-سىنىپتىن ئامانتۇر جامىل  (جامىل مۇئەللىمنىڭ ئوغلى) ئىككىنچىلىككە ...
        ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن"،  مەن ھىلىقى بەلگە چۈشۈپ قالغان چاپان بىلەن مەيدانغا چىقسام ئىنىقلا كۈلكىگە قالىدىغىنىمنى بىلەتتىم، چىقماي ئامال يوق-تە؟ شۇنىڭ بىلەن مەيدانغا چىقىپ بىر قولۇمدا پىشىمنى يىپىپ تۇرۇشقا ئۇرۇندۇم. بىر تەقدىرنامە ۋە بىر كۆك تاشلىق خاتىرىنى
ماتىماتىكا ئىشخانىسىنىڭ مەسۇلى جامىل مۇئەللىم ئىلىپ ئالدىمغا كەلدى (بۇ كىشى ئۇنىۋىرسىتىت ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئاز ساندىكى قىرغىز زىيالىسى بولۇپ ئۆزى ئىلمى، ناھايىتى ياخشى ئادەم ئىدى، كىيىن ئوبلاستلىق مۇئارىپ ئىدارىسىگە باش بولدى دەپ ئاڭلىدىم)، ئەمدى ئىككى قولنى ئىشلىتىش كىرەك دە. تەقدىرنامىنى ئىلىش ئۇچۇن قولۇمنى قويۇۋىتىشىم بىلەنلا مەيداندىن چاۋاك، ئالدى رەتتە تۇرۇپ ماڭا زەڭ سىلىۋاتقانلاردىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى!، لىكىن مەن ئىزادا نەچچە ئۆلدۈم دىسە!
       بىز 6-سىنىپقا بارغاندا، بىزگە سىنىپ مۇدىرى - ئاتۇش ئىكىساق ھۈسەينىيە مەكتىۋىنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ھەم كىيىن شۇ مەكتەپنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئوغلى - مەمەتتۇرسۇن مۇئەللىم سىنىپ مۇدىرى بولدى. مەمەتتۇرسۇن مۇئەللىم بىزگە جۇغراپىيە دەرسى بىرەتتى، دەرسنى ياخشى ئۆتەتتى، فۇتبولنى قالتىس ياخشى ئوينايتتى. مۇبادا ئۇ كاللا قويۇپ قايتۇرغان توپنى باشقا ئادەم قويسا - ئۆزى سەنتۇرۇلۇپ كىتىدۇ. تارخ دەرسىنى - ئاتۇشنىڭ ئاغۇدىن چىققان جىلىل ئىسىملىك مۇئەللىم (كىيىن ئاتۇشقا بانكىغا خىزمەتكە ئالمىشىپ كەتكەن) ئۆتەتتى. جىلىل مۇئەللىمنىڭ "تۈبۈتلەرنىڭ كۆچۈشى" ۋە "ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى" ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى سۆزلىگەندىكى قىياپىتى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا. خەنزۇ تىلىنى جامالقان خانىم بىرەتتى، ئۆزىنى ياخشى كۆرگىنىم بىلەن، دەرسىگە شۇنداق ئۆچ ئىدىم. "ماركىسىزىملىق سىياسىدىن ساۋات" دەرسىنى -ئايتىللا ئىسىملىك كۆزلىرى كۆك، چىراي- چاچلىرى سىرىق، زىلۋا ھەم گۈزەل كەلگەن بىر قىرغىز خانىم ئۆتەتتى. مۇشۇ خانىمنىڭ دەرسىدىكى بىر ئەمىليەت ماڭا مەكتەپلەردە كونسىپىك يىزىشنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىگىنى ئۈگەتتى. بىر كۇنى بۇ خانىم  شۇنداق سۆزلىدى: دۇنيانى ئەمگەك ئۆزگەرتكەن، ئادەم مايمۇندىن ئۆزگىرىپ كەلگەن...ۋاھا كا زا..." مەن شۇنداق سورىدىم: خانىم بۇ ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دىدىڭىز، ھەجەپ بۈگۈنكى كۈندە مايمۇننىڭ ئادەم بولغىنىنى ئاڭلىمايمىزا؟
         -ھەي قايسار، جۆنۈ تۇرچۇ! (جىم ئولتا) دەپ بىر ئالايدى ئۇ خانىم سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي.
        شۇنىڭ بىلەن كونسىپىك يازغۇم كەلمىدى. ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىم كونسىپىكلارنى يىزىپ كىتەتتى، ئىمتىھان دىسە يادلاپ كىتەتتى. مەن ئۇ خانىمنىڭ سۆزلىگىنىنى ئويلاپ كۆڭلۈمدە سۇئال قويۇپ ئولتۇراتتىم. كونسىپىكنى تولۇق يىزىپ كەتمىگىنىمگە قارىماي مەۋسۇم ئاخىرىدا ئەلا نومۇر ئىلىپ ئوتتۇم. شۇنىڭ بىلەن كىيىنكى ئوقۇش ھاياتىمدا كونسىپىكقا ئانچە ئىتىۋار قىلمايدىغان بولدۇم.
        ماتىماتىكا دەرسىنى ئۇستۇناتۇش ئوچاردىكى يۇرت ئاقساقىلى ياسىن قارىم بىلەن پىشقەدەم مۇئارىپچى تۇرسۇنخان خانىم (شۇنداققۇ دەيمەن)نىڭ پەرزەنتى، ئىگىز ھەم كۆككۈز كەلگەن ئەمەتجان ئاكا ئۆتەتتى، ئەمەتجان مۇئەللىم ئىنتايىن ئىشتىياق بىلەن دەرس ئۆتەتتى. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى ئەبەيدۇللا مۇئەللىم ئۆتەتتى (بۇ مۇئەللىمنى ئەسلىمىنىڭ بىرىنجىسىدە ئەسلەپ ئۆتتۈم)، تەنتەربىيە دەرسىنى مۇقتار دەيدىغان پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى تەنتەربىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىر چوڭ ئۇزۇنغا يۇگرەش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان ئۆزى پاتاڭدەك ئورۇق، ۋىجىك كەلگەن قىرغىز ئوقۇتقۇچى بىرەتتى. بوتانىكا دەرسىنى - دەرس سۆزلەش مىتودى ئۈستۈن، دۇتار، ساز ۋە ناخشىغا ماھىر بولغان ،ئەمما ناھايىتى سالاپەتلىك كىيىنىپ يۈرۈدىغان، ئابباس بۇرھان، مىجىت باۋۇدۇن (مەرھۇملارنىڭ ياتقان جايى جەننەتتىن بولغاي، ئامىن) قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئالىم-زىيالىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ دەرس سۆزلەيدىغان ئىسمايىلجان رېھىم ئىسىملىك مۇئەللىم بىرەتتى.
          بىز 7-سىنىپقا چىققاندا سىنىپ مۇدىرىمىزمۇ ۋە بەزى دەرسلەرنى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئالماشتى، بەزى دەرسلەر قوشۇلدى. فىزىكا دەرسىنى تويچى ئىسىملىك ياش ئوقۇتقۇچى بەردى. تويچى مۇئەللىم- ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچىنى ئارىلاشتۇرۇپ دەرسنى ناھايىتى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيتتى. نىيۇتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانۇنى دىگەن مەزمۇننى ئۆتكەندە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دىگەن مۇنۇ سۆزى ھەرگىز ئىسىمدىن چىقمايدۇ:
-ئايراپەلان ماڭغاندە، ھە ئايراپەلان ئۇچقاندە... جوق، ئايرەپەلان چۇرقاغاندە....(چۇرقاش -قىرغىز تىلىدا يۈگرەش دىگەن مەنادا)
          مەن ئەڭ ئالدىدىكى پارتىدا بولغانلىقتىن تازا دىققەت قىلسام، ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرايدۇ. مەسلىكى يىشىلمىسە، ئاشۇنداق بولىدۇ ئەينا، ئۇچۇدىغاننى ماڭغۇزۇپ، ماڭىدىغاننى ئولتارغۇزۇپ، ئولتۇرىدىغاننى ياتقۇزۇپ...
7-سىنىپتىكى جۇغراپىيە دەرسىنى  - قەشقەرباي دىگەن قىرغىز ئوقۇتقۇچى بەردى، ئەسلى ئۆزى قەشقەردە تۇغۇلۇپتىكەن.
خەنزۇ تىلىنى  -  بىزگە يىڭىدىن سىنىپ مۇدىرى بولغان دەرس مىتودى ئۈستۈن ئوبۇلقاسىم مۇئەللمىنىڭ خانىمى -مېھرىۋان ئوقۇتقۇچىمىز فاتىمە خانىم بەردى، ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ مۇئەللىم ئۆزى ئەدەبىيات دەرسىنى بەردى.  خەنزۇ تىلى دەرسىگە بەزىدە ھاجىم سەلەي دىگەن ياش ئوقۇتقۇچى كىرىپمۇ قوياتتى. ماتىماتىكىنى ئانىسى ئۇيغۇر، دادىسى قىرغىز بولغان شاۋكەت مۇئەللىم بەردى. تەنتەربىيە دەرسىنى ھاشىم ئىسىملىك ئىگىز بويلۇق، قاۋۇل كەلگەن قىرغىز مۇئەللىم بەردى. خېمىيە دەرسىنى -  ئۇيغۇرچىنى خىلىلا راۋان سۆزلەيدىغان  توختۇبۇۋى خانىم  بەردى.
            بۇ يۇقۇرىدا ئىسمى قەيت قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى -- قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، مەنمۇ تاس قالغان 8-سىنىپنى پۈتتۈرگەندە ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇلى. شۇنداق بولغان بولسىمۇ ياخشى بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن، ئەل-يۇرنى سىغىنغان بەزى چاغلاردا!
8-سىنىپقا چىققاندا "قانۇندىن ساۋات" دەرسىنى مىنى ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ دەرسىدە بالاغا قويغان پارتىدىشىم - سىتىۋالدىنىڭ دادىسى سوپۇر مۇئەللىم بەردى (بۇ مۇئەللىم نەچچە يىل ئىلگىرى قازا قىلىپ كىتىپتۇ، ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن، ئامىن)، سوپۇر مۇئەللىممۇ دەرسنى بەك ياخشى ئۆتەتتى. ماتىماتىكا دەرسىنى بولسا - ئۇستۇناتۇش دېھقانلا كەنتىدە ئۆيى بار، چوڭ دادىسى ئالتايدىن بىر قازاق قىزىغا ئۆيلىنىپ ئۇ ئايالىنى ئاتۇشقا ياندۇرۇپ كەلگەن ئۆمەر مۇئەللىم بەردى. چوڭ ئانىسى ئالتاي تەرەپتىن بولغاچقىمىكىن ئۆمەر مۇئەللىمنىڭ ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىل بولىدىغان. بالىلار كەپسىزلىك قىلىپ كەتسە مۇنداق مەن تۇنجى قىتىم ئاڭلاپ ھەيران قالىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان " ھۇ بۇقىنى چىمدىپ ئۆلتۈرۈدىغان، ھۇ چەللىدە ئات چاپتۇرۇدىغان، ھۇ پايپاققا نالە قاقىدىغان..."ۋاي ۋۇي.... جىقلا ئاشۇنداق سۆزلەر...
         بىزنىڭ ياتاقتا ئون نەچچىمىز بىللە ياتاتتۇق. مىنىڭ كارۋىتىمنىڭ ئاستىدا ئوقسالىر دىگەن يىزىدىن كەلگەن توقتاسىن دىگەن مەڭزى قىزىل، ئىگىز بويلۇق قىرغىز بالا ياتاتتى. توقتاسىن قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا ئۆيىدىن ئاتا-ئانىسى پىشۇرۇپ بەرگەن گۆشنى ئىلىپ كىلىپ ياتاقداشلارغا ئىغىز تەككۇزەتتى.
        بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش، ئىنتىزام خىزمىتى راستىنلا چىڭ تۇتۇلاتتى، مەكتەپ - ئاقتۇدىن يۇرتى ئۇلۇغچاتقا يۆتكىلىپ كەلگەن مۇئارىپچى ئوركۇنباي مۇدىر (مىنىڭ ساۋاقدىشىم غالىپنىڭ دادىسى)، ۋە ئايۇپ ئىسمائىل ئىلمى مۇدىرنىڭ يىتەكچىلىگىدە تولىمۇ تەرتىپلىك ئىدى. بولۇپمۇ ئىسمايىل ھېزىم ئىسىملىك قابىليەتلىك بىر قىرغىز ئوقۇتقۇچى بولىدىغان ئىگىز قونجۇلۇق ئۆتۈكنى كىيىۋىلىپ گۈس-گۈس دەسسەپ قولىغا تاياق ئىلىپ سىنىپقا كىرسە بەئەينى گېستاپونى ئەسلىتىدىغان. (بىزگە رەسىم دەرسى بەرگەن) ئۆزى سۈرلۈك ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ مۇنداق بىر ئىشىنى ئاڭلىغانمەن، راستمۇ يالغانمۇ ئۇقمايمەن. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە لوڭ شۇ جىن دىگەن كىشى باش بوپ يۇرتىمىزنى ئەخمەق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە بىر ئاپتونوم رايۇنلۇق يىغىندا شۇنداق دەپتۇمىش:
        - ھازىر مۇشۇ چەتئەلگە باغلانغان ئەكسىلىنقىلاپچىلار بۇ يۇرتتا كالىنىڭ تۈكىدىنمۇ كۆپ!
        - ماۋۇ گەپ قاملاشمىدى، بۇ دىگەنلىك ھەممىمىزنى ئەكسىلىنقىلاپچى دىگەنلىك ئەمەسمۇ، پۈتۈن رايونىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ سانىنى ئالساق كالىنىڭ تۈكىگىمۇ يەتمەيدۇ،  بولدى بۇنداق يىغىنغا قاتناشمايمەن.
يىغىنغا قەشقەردىن ۋەكىل بولۇپ بارغان ئىسمايىل مۇئەللىم شۇنداق دەپ يىغىندىن قايتىپ قەشقەردىكى خىزمىتىنى تاشلاپ يۇرتى ئۇلۇغچاتقا كىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىپتۇمىش.
         بۇ ئادەمدىكى ئەستايىدىللىق ۋە تەلەپچانلىققا قاراپ شۇنداق دىگەن بولسىمۇ دىگەندۇ دەپ ئىشىنىپ قالغان ئىدىم مەن ئۇ گەپنى ئاڭلاپ.
)ئىسمايىل مۇئەللىمنىڭ جەڭگىۋار دەپ ئىسمى بار ئوغلى بولىدىغان، كىيىن خوتەن ئالى تىخنىكومدا ئوقۇدى دەپ ئاڭلىدىم.(  
ئىسمايىل مۇئەللىم ئەتىگەن سەھەر ئالتە بىلەن ياتىقىمىزغا ئۈنۈپ پۇشتەك چىلىپ سەھەردىكى تەنتەربىيە مەشغۇلاتىغا چاقىراتتى. سوغاق كۈنلەردىمۇ قۇلاقچىسىنى كىيىۋىلىپ بالىلارنى ئويغۇتاتتى، چۈشلۈك تاماق ۋاقىتلىرىدا ياتاقتا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ تاماكۇ چىكىدىغان بالىلارنى تۇتاتتى ۋە ياكى ياتاقنىڭ يىنىغا تەرەت قىلىۋاتقانلارنى تۇتاتتى. بىر قىتىم بىزنىڭ سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىغى مۇختەرجان سىيىت، كىچىك تەرىتى قىستاپ كىتىپ ياتاقنىڭ كەينىدە ئۆزىنى بوشۇتۇۋاتسا، ئۇنى تۇتۇۋالغان گەپ. ئەتىسى ئايۇپ مۇئەللىم ئىككىنجى سائەتلىك تەنەپپۇس ۋاقتىدا شۇنداق جاكا قىلىپ مەيداندىن  كۇلكە كوتۇرىۋەتكەن ئىدى.

8-يىللىق ئا -سىنىپتىن مۇختەرجان سىيىت، توگە كەبى ياتاقنىڭ كەينىگە سىيىپ....
          بىر قەۋەتلىك ياتاقلىرىمىزدا  ھەر-ھەر يەردىن كەلگەن بالىلار، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بولۇپ،  يىراق چارۋىچىلىق رايوندىن كەلگەنلەر قىشنىڭ كۈنى كىر يۇيۇپ، يۇندىسىنى ئىشىكنىڭ ئالدىغىلا تۆكەتتى، ئاندىن بۇ يۇندىلار قىتىپ مۇز بوپ قالاتتى، بۇ خۇددى ناباپ پارتىزاننىڭ ئۆزىنىڭ يولىغا ئۆزى بومبا كۆمگەندەكلا بىر ئىشكەنتۇق. بىر كۈنى سەھەردىكى مۇنۇ ئىشنى ئويلىسام، ھازىرغۇچە كۈلكە قىستايدۇ.
ئىسمايىل مۇئەللىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىنلا ھەممەيلەن ئوپۇر توپۇر بولۇشۇپ تەڭلا مەيدانغا يۈگرەيتتۇق.  بىر كۇنى ئىسمايىل مۇئەللىمگە ھەمرا بولۇپ يەنە بىر ياش ئوقۇتقۇچىمۇ بالىلارنى ئويغاتقىلى كىرىپتۇ.
--- "قوپقىلا، قوپقىلا"... ياش مۇئەللىم شۇنداق دەپ بىزنىڭ ياتاققا كىرىپ قالدى.
ئۇنداق قەھرىتان سوغۇقتا، كىمنىڭ ئىسسىق يوتقاندىن قوپقىسى كىلىدۇ دەيسىز، بولۇپمۇ 12-13 ياشلىق بالىلارنىڭ تىخىمۇ كەلمەيدۇ.
مەن ئەمدى كارۋاتتىن چۈشۈپ تۇرغان ئىدىم، مىنىڭ كارۋىتىمنىڭ ئاستىدىكى توقتاسىندىن سادا چىقىپ قالدى:
- قوپبويبۇز!...
- ھەي نە دەپ جاتارسىن؟ مەنە قوپباساڭ، ھىلىقى ئوقۇتقۇچى مۇشى بىلەن توقتاسىننىڭ جەينىكىگە بىرنى سالدى، ئەگەر باشقا ئادەم بولسا چىشى تۆكۈلۈپ كىتەتتى-دە. توقتاسىننىڭ چىشلىرى مۇستەھكەم ئىكەن.
         ئۇنى كۆرۈپ ئالمان-تالمان مەيدانغا چىقاي دەپ ئالدىراپ ماڭسام، ئالدىمدا يۈگۈرۈپ چىققان بىرسى، ياتاقنىڭ ئالدىدىكى مۇزغا تىيىلىپ پالاققىدە يىقىلىپ دومۇلاپ كىتىۋاتىدۇ. قارىسام ئۇنىڭ يوغان قۇلاقچىسى ھارۋىدىن چىقىپ كەتكەن چاقتەك دومۇلاپ بىر يەرگە كىتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزى بىر يەردە ...
يىنىغا ئىتتىكلا بارسام، "ئېننەڭدى..."دەپ قاخشاپ ياتقىنى 9-سىنىپتا ئوقۇيدىغان پامىر دىگەن قىرغىز بالا ئىكەن. ئۇ ئويغاتقىلى كىرگەن مۇئەللىملەرنى تىللاۋاتامدۇ، يۇندە تۆككەنلەرنىمۇ (ئۆزىنى قوشۇپ، چۇنكى مەن ئۇنىڭ يۇندە تۆككىنىنى كۆرگەن ئىدىم) ۋە ياكى مۇشۇ جاپالىق كۈنلەرنىمۇ، ئۇنى خۇدا بىلىدۇ. ئۆتۈكنىڭ ئاستىغا نالە دىگەننى ئاتقا نالە قاققاندەك توم قىقىۋالسا ئاشۇنداق بولىدۇيا ئەينا.  نالىنى قىلىن قىقىۋىلىپ ئۆتۈكنى كانكا دەپ ئويلاپ قالدىمىكىن ئۇ بۇرادەر يا؟
       بىز مەكتەپتىكىلەر ئىنتايىن ياخشى ئۆتەتتۇق. بىز 8-سىنىپقا چىققاندا، ماناس داستانىنى يادقا بىلىش بىلەن بىزدىن بىر سىنىپ تۆۋەن قىرغىز سىنىپتا ئوقۇيدىغان سەيپىجامال دىگەن چىرايلىق بىر قىرغىز قىز مەكتەپتە داڭ چىقاردى. ئۇمۇ دەرستە ياخشى بولغاچقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ كادىرى ئىدى. تەلەپ بويىچە بىز  ئەتىگەنلىك دەرستە باشقا سىنىپلارغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئالاتتۇق. سەيپجامال بىلەن دۇجۇرنىلىك نۆۋىتىمىز ئالدى-كەينى ئىدى. ئۇ ماڭا جۇسۇپ ماماينىڭ "ماناس" داستانى كىتاپ بولۇپ چىققاندا مۇنداق بىر قۇرلارنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى:

- ئەر تۆشتۈكتىن بالاسى،
- ئەل پامىشتىن كالاسى...

         ئارىلىقتىن 30 يىل ئۆتكەندە سەيپجامالنى سۈرۈشتە قىلسام، يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىلىپ  ياخشى ئوقۇپ ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە قاپتۇ ۋە ئاتۇشلۇق بىر ئۇيغۇر يىگىت بىلەن توي قىپتۇ، ئەمدى ئىسمى ساھىپجامال بولدى دىگەن گەپ! (سەيپجاماللارنىڭ ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن)
كەسكەن تاغدىن كىلىدىغان بىز بىلەن پاراللىل  سىنىپتا ئوقۇيدىغان "جۇماقۇن سارتاقۇن" دەيدىغان بىر بالا بولىدىغان. ئەنۋەر ئابلا ئۇنىڭغا "جۇماقۇن مەن سىنىڭ ئاتاڭ" دەپ چاقچاق قىلىپ تىرىكتۇرۇپ قويىدىغان.
         جۇماقۇن ئۆزى خوش يۈرۈيدىغان بالا ئىدى. شىئر-قوشاق ئوقۇيالايدىغان. ئۇنىڭ مۇنۇ ئىككى قوشىغى ھازىرغىچە ئىسىمدە، بەزىدە ماشىنا ھەيدەپ يوللار توسۇلۇپ قالسا جىلى بولۇشنىڭ ئورنىغا جۇماقۇننىڭ "قوشاقلىرىنى" جىرداپ، ئۆزەمنىڭ مۇشۇ كۈنگە كەلگۇچە نى كۈنلەرنى كۆرگۈنۈمنى ئۆزەمنىڭ ئىسىغا سىلىپ تەسەللى ۋە رازىمەنلىك تاپىمەن:
*****************
ئەگىز توونان باشىنان،
ئەشەك مەنىپ تۈشەۋىز.
ئەشەك مۇردان چويدۇرۇپ،
ئەكى جۇز گىرام ئىچەۋىز.
****************
قايتقۇغا تۈشۈپ،
قاتقىرىپ ئىرداپ.
توولاردان ئارتىپ،
ئوينۇيبۇز جىرغاپ!
***********************************
           تولۇق ئوتتۇرا قىرغىز سىنىپقا ئەدەبىيات دەرسى ئوتۇدۇغان مامبەت توختۇ (ئىسمى شۇنداققۇ) دەيمەن بىر ئوقۇتقۇچى بولىدىغان، ئەسەرلىرى "قىرغىز ئادەبىياتى" دا ئىلان قىلىنىپ تۇرىدىغان. ئۇنىڭ  غالىبىيەت دەيدىغان  ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىر ئاڭگەمەسى (ھىكايىسى) ئەينى چاغدا شۇ جورنالدا ئىلان قىلىنىپ جەمىيەتتە خىلى غۇلغۇلا بولغان ئىدى.
       ئۇلۇغچات ناھىيىلىك قىرغىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا كۆزۈمگە چىلىققان بىر ئىش - بىر قارىسا ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ قەدىمىلىغى ۋە شۇ ۋەجىدىن ئورۇنلۇقلۇغىدىن مىنى قايىل قىلسا،  ئۇنى زامانىۋىلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئاڭلىسا  بىر  يۇمۇر ئىدى، قىنى ئوقۇرمەن، سىزمۇ ئاڭلاپ بىقىڭ، كۈلەمسىز يوق؟
بىر كۈنى شۇ مەكتەپنى ئارىلاپ مىڭىپ كىتىۋىتىپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق كوماندا بىرىۋاتقىنى كۆزۈمگە چۇشتى.
- غادايغىلا! (دىققەت دىمەكچى)
ھىلىقى باشلانغۇچنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شۇئان  خۇددى مىللى ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرىدەك روھلۇق قىياپەتكە كىرىپ تىك تۇردى.
- سالپايغىلا (راھەت دىمەكچى)
ئەمدى ھىلىقى ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئۇرۇشتىن يىڭىلگەن جىئاڭ جىشىنىڭ ئەسكەرلىرىدەك ئۆزىنى تاشلاپ، قوللىرىنى بوش پۇلاڭشىتىپ سولۇشۇپ تۇرىدۇ.
ئۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ شۇنداق كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم.
         مەندە يەنە بىر ياخشى تەسىر قالدۇرغان كىشى، بىز 6-سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا، مەكتەپ ئوقۇغچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان قادىرجان ئىسىملىك  مىھرى ئىسسىق، ئەلاچى بىر ئوقۇغۇچى بولدى.
       قادىرجان ئاكا ئوقسالىرمۇ ياكى كونا ئۇلۇغچاتمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇ بىر يىزىدىكى قىرغىز موللامنىڭ بالىسى ئىدى. ئۆزى كىچىك پىئىل، چوڭغا چوڭ، كىچىككە كىچىك ئىدى. مەن 6-سىنىپتا ئوقۇيدىغان چاغدا تۇنجى قىشتا ياتاقتىكى دۈجۈرنىلىك نۆۋىتى ماڭا كىلىپ 10 نان بىلەن بىر چىلەك قايناق چاينى ئىشتانلىرىمغا تۆكۈۋىلىپ قىينىلىپ ئەكىتىۋاتسام، يولدا كىتىۋاتقان قادىرجان ئاكا يۇگرەپ كىلىپ :
         -ئەكە ئۇكام ماۋۇ چىلەكنى مەن كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ بىرەي، قارىسام قىينىلىپ قاپسەن " دەپ ياتىقىمىغا ئاپىرىپ بەرگەن ئىدى. بىز 7-سىنىپقا چىققاندا قادىرجان ئاكا بىيجىڭغا ئىسلام ئۇنىۋىرسىتىتىگە ئوقۇشقا كەتتى. مەن بۇ كىشىنىڭ ئاشۇ ماڭا كۆرسەتكەن مىھرىۋانلىغى ئۈچۈن ئۇنى ئۇنتۇماي ئىز-دىرىگىنى قىلىپ تۇردۇم. كىيىن ئۇنىڭ غايرات دەيدىغان ئىنىسىدىن ئۇنىڭ مەسە كالاچ كىيىپ ئىمام بولغان قىياپەتتە چۈشكەن رەسىمىنى كۆردۈم. مەن قادىرجان ئاكىنى قىزىلسۇغا يىنىپ كىلىپ يۇرتىغا  تۆھپە قوشسا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ ئىشىنەتتىم. كىيىن ئۇقتۇمكى، بۇ ئاق-كۆڭۈل ئىنسان قىرغىزىستانغا سودا بىلەن چىقىپ نۇرغۇن پۇلنى قىرغىزىستانلىق ئالدامچىلارغا سىلىپ بىرىپ ئۆزى قۇرۇق قول قايتىپ كىلىپ ئازاپ ئىچىدە بىيجىڭدا ئۆلۈپ كىتىپتۇ (ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن ئامىن). مەن قادىرجان ئاكىنىڭ ئۆلۈمىگە ئىچىندىم، ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارنىڭ بەختى، تەقدىرى بىلەن ھىساپلاشماي ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك قىلىدىغان ماڭقۇرتلارنى يۈز مىڭنى تىللىدىم.
        مەن ئۇلۇغچاتتىكى ئوقۇش ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە، ئۇيغۇرلاردىكى بىر بۈيۈك خىسلەتنى ئالاھىدە يورۇتۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
       ئۇيغۇرلار - باغرى يۇمشاق، كۆزى تويغان، ئادىمىگەرچىلىگى بار ئىسىل مىللەت. بىزدە ئۆزىمىزگە نىسبەتەن  ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى كۈچلۈك، يۇرتداشلار ئارا مېھر-شەپقەت بار، تۇققانلار ئارا مۇھەببەت كۈچلۈك. مۇشۇ ئۇزۇن يىللىق مۇھاجىرلىق ھاياتىمدا مەن باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە بىزگە يىتەلمەيدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم.
           مەن ئۇلۇغچاتتا ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئۇلۇغچات باج ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان دادامنىڭ نەۋرە تۇققىنى ئەبەيدۇللا مامۇت ئاكام، ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى نەۋرە ئىنىسى ھەمدۇللا نەسرۇللا ئاكام مىنى داىم يوقلاپ تۇراتتى. داداملارنىڭ كەنتىدىن چىقىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئاشخانىسىدا ئاشپەزلىك قىلىدىغان ئىمىنجان ئاكا مەن ئۇ ئىشلەيدىغان ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرسەم، ئىككى موما بىرىدىغان يەرگە ئۈچنى، يىرىم ئاش بىرىدىغان يەرگە پۈتۈننى بىرەتتى. ئاتا-ئاناملارنىڭ تونۇشلىرى ھەم ئۆيلىرىگە چاقىرىپ تۇرۇشاتتى. ئۇستۇناتۇش ئوچارنىڭ كەنياغ دىگەن يىرىدە ئويى بار ئىمام قارىكام دىگەن 60 ياشقا يىقىنلاشقان كىشى ئۇلۇغچاتقا بىر ئىش بىلەن چىققاندا مىنى يەنى 13 ياشلىق ئۆسمۈرنى ئىزدەپ كىلىپ چوڭ داداملارنىڭ ماڭا چىقارغان خالتىسىنى قولۇمغا يەتكۇزۇپلا قالماي، تىجارەت جەريانىدا قولىغا تەككەن خام گوشتىن ئازراق بىرىپ "تالا سوغۇقكەن دوسلىرىڭ بىلەن شورپا قىلىپ يەڭلار" دىگەن ئىدى. ئاشۇ   شەپقەتلىرى ئۈچۈن ئىمام قارىكامغا بىر چوڭ رەخمەت ئىيتىش پۇرسىتى ماڭا نىسىپ بولمىدى. مەن خىزمەتكە چىقىپ بولغۇچە رەخمەتلىك ئۇ دۇنياغا كىتىپ قاپتۇ. (جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي)
             ئامىرىكا جەمىيىتىدە -  مەكتەپلەردە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا  نىسبەتەن تەڭتۇشلارنىڭ بىسىمى بار دىگەن قاراش بار. بىزدە ئۇنى ئانچە ئىتىۋارغا ئىلىپ كەتمەيمىز، ئەمىليەتتە ئۇ مەۋجۇت مەسىلە. يەنى سەن بىر توپنىڭ ئىچىدە ياشايدىكەنسەن، بەزىدە تەڭتۇشلىرىڭ قىلىۋاتقان ئىشنى خاتا بولسىمۇ قىلىپ سالىسەن، چۇنكى بۇ يەردە تەڭتۇشلارنىڭ يوشۇرۇن شەكىلدىكى بىسىمى - ئادەملەردە بولىدىغان تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۇچەيتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلىپ تۇرۇپ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ سالىدۇ. مەسىلەن مەن 6-سىنىپنىڭ ئىككىنجى مەۋسۇمىدە قارىسام ئوغۇل ساۋاقداشلارنىڭ بەزىلىرى تاماكۇ چەككىلى تۇردى، "تاماكۇ چىكىش - ئوغۇلبالىلىق" دەپ قارايدىغانلار بار ئىدى دە ئارىمىزدا. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭمۇ چەتتە قالغۇم كەلمىدى. شۇ چاغلاردا دۆلەت ئىگىلىگىدىكى ماگىزىنلار بىر قىسىم بىسىلىپ قالغان ماللارنى تۆۋەن باھادا بىر تەرەپ قىلىپ ساتتى، جۈملىدىن پاخال تاماكۇلارنىمۇ ھەم. شۇ چاغدا 5 سىنتقا بىر قاپ پاخال تاماكۇ ئىلىپ تازا چىكىپتۇق. مەنمۇ خۇمار بوپ قالدىم دىسە، بۇ خۇددى مايمۇننىڭ شاراپقا خۇمار بوپ قالغىنىدەكلا بىر ئىشتە. لىكىن دادام مىنى بەك چىڭ تۇتاتتى. بارماقلىرىم ساغىرىپ قولۇم تاماكۇ پۇراپ كەتسە دادام بىلىپ قالىدۇ دەپ، قەلەمنىڭ سىيا ساقلايدىغان يىرىگە تاماكۇنى تىقىپ  ئۆتكۈزۈپ تارتاتتىم دىسە مەن كىچىك بەڭگە. ھۇشيار دادام بۇنى بىلىپ قىلىپ كاچاتتىن بىرنى سالغاندىن كىيىن، بۇ خۇمارىمنى باخشىم دۇرت ئوقۇپ تۇرۇپ جىننىڭ كۆتىگە تەپكەندەك بىراقلا، مەڭگۈلۈك تىپىۋەتتىم.
        مەن ئۇلۇغچاتتا 1982-1985 يىلىغىچە 3 يىل ئوقۇدۇم . بۇ يىللاردا بۇ ناھىيىدە بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بىرىپ بۇ كىچىككىنە تاغلىق ناھىيىنى تىتىرىتىۋەتكەن ئىدى. بىراق ھەممىدىن چوڭ زوراۋانلىقنى تەبىئەت قىلدى، يەنى 1985- يىلى ئاۋغۇست قاتتىق يەر تەۋرىدى.
بىر يىلى ئەسكەرلىكتىن يانغان بىر خەنزۇ باشقا سەبداشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئورۇنلىشالمىغىنىنى - ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سىكىرتارىدىن كۆرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئايالىنى ئولتۇرۇۋەتتى. بۇ "خەنزۇ تىررورچىنى" ھۆكۈمەت يەنە بىر يىلى ئۆلۈم جازاسى بىرىپ كانسۇ-قەشقەر تاشيولىنىڭ بىر يىرىدە جازا ئىجرا قىلدى. بۇنى كۆرىمىز دەپ كەڭرى سايلىققا چىققان ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى شۇ چاغدا.
يەنە بىر يىلى ئىلكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىر قىرغىز خىزمەتچىسى  - ئايالىنى بوغۇزلاپ قويدى، شۇ يىلى يەنە شىمالدىن كىلىپ ئۇلۇغچاتتا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن بىر قازاق كىشى ھاراق ئىچىپ مەس يىتىپ قىلىپ ئىرىقتا دۈم يىتىپ ئۆلۈپ قالدى. بۇ ھەقتىمۇ گەپلەر كۆپ بولدى.
       ئەمما ھەممىدىن بەك  ئىسىمدىن چىقمايدىغىنى - 1984-يىلىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنى تۈرمىگە قارايدىغان ئەسكەرلەر باشلىغىنىڭ بۇلاپ قىچىش ۋەقەسى ئىدى.
       ساۋ خوڭ گۇئاڭ (ئىسمى شۇنداققۇ دەيمەن) ئىسىملىك خەنزۇ جىنايەتچى - ئۈرۈمچى قەشقەر تاشيولىدا نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ كۆيدۈرۈۋەتكەنلىك جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ قىزىلسۇ تۈرمىسىدە ھۆكۈم ئىجراسىنى ساقلاپ ياتقاندا، تۈرمىگە قاراشلىق قوراللىق قىسىمنىڭ روتا كوماندىرىنى ئىندەككە كەلتۇرۇۋالىدۇ. بۇ كوماندىر قارىغا ئىتىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولغان ئەسكەر ئىكەن. ئۆلۈم ئىجرا قىلىنىشقا بىر كۈن قالغاندا ئۇ نوۋەتچى ئەسكەردىن ئىككىنى باغلاپ قويۇپ جىنايەتچىنى بۇلاپ كانسۇ تەرەپكە قاچىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ئۇستۇناتۇشتىكى ئىكىساق ئامبارنىڭ يىنىدىكى بىر كوۋرۇككە تىقىۋىتىپ يەنە بىر ماشىنىنى بۇلاپ ئۇنى قارىغۇل دىگەن يەردە تاشلاپ، ئاندىن قارىغۇلنىڭ ئۈستىدە ئۇستۇناتۇش يولچىللىق "ئابلىكىم" دىگەن ياش بالىنىڭ ماشىنىسىنى بۇلاپ ئۇنى گۆرۈگە ئىلىپ ئۇلۇغچات ناھىيىگە بىسىپ كىرىدۇ. ۋاي ئۇ چاغدىكى جىددىلىچىلىكنى... ئادەملەر پات-پاراق بولۇپ ئۇيان بۇيانغا قىچىۋاتقان. تىخى شۇ كۈنى ئىككىنچى سائەتلىك تەنەپپۈستا مەكتەپ مۇدىرى ئۆركۈنباي مۇەللىم بالىلارنى يىغىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇلۇغچاتقا قىچىش مۈمكىنچىلىگى بارلىغىنى، ئەگەر گۇمانلىق ئادەملەرنى كۆرسەك ساقچىلارغا مەلۇم قىلىپ قويۇشىمىز ھەققىدە جىكىلىگەن ئىدى. "ئاغزىدىن چىقتى ساقىلىغا ياماشتى" دىگەن شۇ دە. ئارىدىن 4 سائەت ئۆتكەندىن كىيىن راستىنلا ۋەقە يۈز بەردى.  خەنزۇ تىررورچىلار، زوراۋان كۈچلەر بىگۇناھ ئابىلىكمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سىلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىغا كىرگەن ئىدى.  
        ماشىنا ناھىيە بازىرىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئاتۇشتىن چىققان يولۇچىلىرى چۇشۇپ بولغان ئابتوبوسقا سوقۇلىدۇ، بۇ ئارىدا مەيداننىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئابدۇكىرىم دىگەن بىر قىرغىز ساقچى ئاسمانغا ئوق چىقىرىدۇ، بۇ كىشىنى ھىلىقى تىررورچى خەنزۇ ئەسكەر نەق مەيداندا ئىتىۋىتىدۇ، ئابدۇكىرىم ئىسىملىك ساقچى نەق مەيداندا جان بىرىدۇ. مەن ئۇ ئادەمنى ساقچى فورمىسى بىلەن بىزنىڭ سىنىپقا قوشنا سىنىپتا ئوقۇيدىغان بالىسىنى مەكتەپكە ئالغىلى كەلگەندە كۆرگەن ئىدىم. ئۆزى ئوتتۇرا بوي، سىمىز يۈزلۇك كىشى ئىدى. قەشقەردىن چىقىپ ناھىيىلىك قوراللىق ساقچىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پولات ئىسىملىك يىگىتنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ھىلىق تىررورچى ئەسكەرگە ئوق تىگىدۇ، ئۇنىڭ بىقىنىدىن تىشىپ چىققان ئوق، ئۇنىڭ يىنىدىكى ئابلىكىمغا تىگىدۇ، ماشىنا ھەيدىگەن جىنايەتچى قىچىپ كىتىدۇ، يارىلىنىپ قوسىغىنى تۇتۇپ ماشىنىدىن قاچقان  ئابلىكىمنى ناھىيىدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئۇستۇناتۇش يولچىللىق بالىلار تونۇپ دەرھال بىخەتەر جايغا يۆتكۈۋالىدۇ. ھىلىقى تىررورچى ئەسكەر قولىدىكى گراناتنى سىرتقا تاشلايمەن دەپ ھالسىزلىنىپ ئۆزىگە تاشلايدۇ...شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچەي باغرى چۇۋۇلۇپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى ماشىنىنىڭ كاپىنكىسىدا ئەتىسى چۈشكىچە تۇردى. ياز كەلگەن مەزگىل ئىدى، كىشىلەر بۇنداق ئىشنى تۇنجى قىتىم كۆرۇۋاتقىنى ئۈچۈن قىزىقىپ ۋەقە بولغان يەرگە بىرىپ كۆرۈشتى. مەنمۇ باردىم، ھىلىقى شەرق شامىلى ماركىلىق ماشىنىغا چاپلىشىپ قالغان ئادەم گۆشىنىڭ پارچىلىرىنى كۆرۈپ قاپتىكەنمەن، تا بىر ئايغىچە گۆش يىسەم كۆڭلۈم ئىلىشىپ، گۆش يىيىشنى خالىمايدىغان بوپ قالغان ئىدىم. ھىلىقى قىچىپ كەتكەن جىنايەتچى ناھىيىلىك تاشقى سودا ئىدارىسى ئاھالىلىكلەر قوراسىغا كىرىپ بىر خەنزۇ ئايالنى گۆرۈگە ئىلىۋىلىپ ئاخىر شۇ يەردە ئىتىپ تاشلاندى. شۇ كۇنى چۇشتىن كىيىنكى ۋەھىمىنى دىمەيسىلەر...
          قىرغىزىستان چىگراسىدا تۇرۇۋاتقان مۇنتىزىم ھەربى قىسىم يۆتكەپ كىلىندى، خەلق ئەسكەرلىرىگە قورال تارقىتىپ بىرىلدى. بىزنىڭ ساۋاقداش نۇرەلاخاننىڭ ئاكىسى خەلق ئەسكىرى ئىكەن، مەن نۇرەلاخاننىڭ "ئاكام مىلتىق كۆتۈرۈپ 5 ئادەم بىلەن جىنايەتچىنى ئىزدەپ تاغقا چىقىپ كەتتى" دەپ ئەنسىرەپ كۆز يىشى قىلغىنىنى كۆرگەن ئىدىم.  ئەمما ئۇ جىنايەتچى ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىگۇنا خەلق ئاممىسىدىن بىر نەچچىگە زەخم يەتكۇزدى. تاشقى سودا ئىدارىسىدىكى روزى تالىپ دىگەن كىشىنىڭ ئوغلى يالقۇن روزى، مىجىت ئاكىنىڭ ئوغلى ئىمىنجان قاتارلىق بىر نەچچەيلەنگە ئوق تىگىپ يارىلاندى، ئۇلارنىڭ تەلىيىگە ئوقلارنىڭ زەخمىسى يىنىك ئىكەن ئۇلار قەشقەر ھەربى دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ساقىيىپ چىقىشتى.
            1985-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۇنى ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرەپ ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق قىرىنداش مىللەتلەردىن ئون نەچچە كىشى قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەملەر يارىلاندى. بىز يەر تەۋرەپ بىر ھەپتىدىن كىيىن مەكتەپكە بارساق، ھىلىقى بىز ياتقان ياتاقلار ئۆرۈلۈپ بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ كىتىپتۇ، بىز ياتقان كارۋاتلار سۇنۇپ، ئىگىلىپ كىتىپتۇ. ئىسىت، شۇ ياتاقلارنىڭ ئۆگزىسدىكى ياغاچلارغا، "بۇ يەردە قەيسەر مىجىت ياتتى، ئەنۋەر ئابلا ياتتى" دەپ سىيا بىلەن چوڭ قىلىپ يىزىشىپ كەتكەن ئىدۇق.
          ھىلىمۇ ياخشى، يەر تەۋرەش مەكتەپ باشلانغاندا يۇز بەرمەپتىكەن بولمىسا، قانچىلىكىمىز بۇ دۇنيانىڭ قىزىقچىلىغىنى كۆرمەي، ئازاپلىرىنى تارتماي، ئۇ دۇنياغا كىتەر بولغۇيتتۇق؟
         بىز كەنشىۋەر ئورمان مەيدانىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار  يىڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە 2 ھەپتە ئوقۇغاندىن كىيىن ناھىيىلىك مۇئارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورمان مەيداننىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن باش تارتىشى بىلەن ئاتۇشقا يوتكىلىپ كىرىپ كەتتۇق.
          شۇنداق، مەن ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندە ئاشۇ بالىلىق چاغلىرىمنى سىغىنىپ ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. چۇنكى، مەن شۇ چاغلاردا چوڭلارنىڭ بىزگە تەربىيە بىرىپ شۇنداق دىگىنىنى ئاڭلىغان، "بىز 60-يىللاردا ئاغۇدىن زەمبىرەك بىلەن ئاتسا ئازاققا چۇشۇپمۇ سۇنمايدىغان زاغرا نانلارمۇ قىس چاغدا، تىرىشىپ ئوقۇغان، ھازىر سىلەرنىڭ يەي دىسەڭلا نىنىڭلار تەييار، نىمىشقا ياخشى ئوقۇمايسىلەر؟"
          يىللار مىنى ھازىر ئاشۇ بىزگە تەربىيە بەرگەن ئادەملەرنىڭ ئورنىغا ئىتتىرىپ چىقاردى. مەن بۇ دەۋردىكى ئۆسمۈرلەرگە، گاڭگىراپ قالغان ياشلارغا تەربىيە بىرىشنىڭ ئورنىغا ئۆزۈمنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغدىكى ھىكايىسىنى ئىيتىپ بىرىش ئارقىلىق  مەن ۋە مەن دىمەتلىك ئوخشاش سەرگۇزەشتىلەرنى كەچۇرگەنلەرنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا تۇرمۇش ئوچىغىدا تاۋلىنىپ چىققانلىغىنى، ئىنسان ئۇچۇن جاپا مۇشەققەتنىڭ مەڭگۇلۇك بولمايدىغانلىغىنى، ئاقىللارنىڭ "جاپانىڭ كەينىدە راھەت" دىگەن سۆزىنىڭ توغرىلىغىنى تەھقىقلەش ھەمدە ئۆزۈمنىڭ "ئاجىزلىقتىمۇ كۇچ بار" دىگەن كۆز قارىشىمنى يەنە بىر قىتىم ئەمىلى مىسال بىلەن شەرھىلەش ئۇچۇندۇر!


1

تېما

0

دوست

351

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2670
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 98
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 16:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن. ئوقۇپ بولۇپ مىنىڭمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىسمگە يىتىپ قالدى. ئىسل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي قەيسەر ئەپەندىم!............
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

11

دوست

1959

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   95.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25207
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 18:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، بالىلىقتىكى ئەسلىمە ئادەم ئومرىدىكى ئەڭ كۆڭۇللۇك ئەسلىمە .سىزنىڭ ئەسلىمىڭىزنى ئوقۇپ بالىلىقىمنى يەنە بىر ئەسلەپ چىقتىم.

0

تېما

0

دوست

1274

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8197
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 363
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 18:31:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،كىچىكلىكىمنى ئەسلەپ قالدىم .
ھەي شۇ غەمسىز چاغلارنى !!!!!!!!

0

تېما

2

دوست

604

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25178
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 19:33:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"بىز 60-يىللاردا ئاغۇدىن زەمبىرەك بىلەن ئاتسا ئازاققا چۇشۇپمۇ سۇنمايدىغان زاغرا نانلارمۇ قىس چاغدا، تىرىشىپ ئوقۇغان، ھازىر سىلەرنىڭ يەي دىسەڭلا نىنىڭلار تەييار، نىمىشقا ياخشى ئوقۇمايسىلەر؟"

      راست دەيسىز قەيسەر ئاكا، مېھرىبان چوڭ ئاناممۇ دائىم :« بىز قوناق نان يەپ، يىل بويى ئىشلەپمۇ كېسەل بولمايتتۇق. سىلەر ئېسىل بۇغداي نېنى يەپمۇ ئارانلا تۇرىسىلەر دوختۇرخانىدىن بېرى كەلمىگىلى...ھازىر شارائىت شۇنداق ياخشى بولۇپ كەتسىمۇ يەنە نېمىگە قاقشايدىكەنسىلەركىن تاڭ ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇماي» دەپ تەگەپ قوياتتى.
      مېنىڭچە، ئۇلۇغ-ئۇستازلىرىمىزچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىگەنلىكىمىز ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ ياخشى پۇرسەتلەرنى قەدىرلىيەلمىگەنلىكىدىن بولغان دەپ قارايمەن. تۇرمۇش شارائىتىنىڭ كۆپ ياخشىلىنىشى يېڭى بىر ئەۋلادلارنى ئىرادىسى ئاجىز، تىرىشمايدىغان يامان خۇلقلىق قىلىپ قويدى.
      ئەمما مېنىڭچە، يېڭى بىر ئەۋلادلار ئىچىدىكى مۇشۇنداق ناچار ئادەتلەرگە ئادەتلىنىپ قىلىشىمىزغا، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ تەربىيە جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمۇ ئاز-تولا تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارايمەن. چۈنكى بەزى ئاتا-ئانىلىرىمىز ئۆزى شۇنچىلىق جاپادا ئوقۇپ ياكى خىزمەت قىلىپ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشكەنىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى جاپادا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىدىنمۇ ئۆتۈپ ئۇلارنى ئۆزلىرىدەك جاپادا قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ «جاپانى مەنلا تارتاي، بالام جاپادا قالمىسۇن» دەپ بالىلىرىنى پەقەت ئۆگىنىشكىلا بۇيرۇپ، ئىش-ئەمگەك، تۇرمۇشتا چېنىقتۇرۇشتىن توسۇپ قويغانلىرىمۇ بار. مېھرىبانلارچە تۆلەنگەن بۇ بەدەل، بەزىلىرىمىزنى ئاتا-ئانىمىز كۈتكەندەك ياخشى بالا قىلالمىدى. (ئەلۋەتتە مەن بۇنى قىسمەن ئەھۋال دەپ قارايمەن) شۇڭا مېنىڭچە، پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشتە، ئۇلارنى مۇۋاپىق دەرىجىدىكى تۇرمۇش چېنىقىشى بىلەن چېنىقتۇرساق ياخشى دەپ قارايمەن.
     ئەسلىمىڭىزنى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشۈمگە بېرىپ كېلىپ يۈردۈم. «ھاياتنىڭ ئۆزى بىر ساياھەت خاتىرىسى» ئىكەن دېگەن قاراشقا كەلدىم. ئەسلىمىلىرىڭىز ئارقىلىق مېنى ئويلاندۇرۇشقا، تەپەككۇرغا يېتەكلىگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر بىلدۈرىمەن.
     كەرەملىك ئىگەمنىڭ قولى سىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولسۇن!(امن)

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25498
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 23:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاكدېشېم بالېلېك نىمەدىگەن گۇزەل .شۇچاگلا ھەم ھازىرمۇ بىز ساۋاقداشلا باخىتلىككەنمىز شۇچاغلا سەندىگەندەك  ياخشى ماقالىلارنى كوپ يىزىپ تۇر.....پارتا دىشىڭ  ...............

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25496
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 23:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان يازمېڭىزنىكۈرۈپ ىنتايىن تەسىرلەندىم،بىز خازىرقى زاماندىكى باللاغابولخان بىردەرىس بولدى ، شۇۋاقىتدىكى جاپالىق تۇرموشدا ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ياخشى وقوپ جەميەتتە ياراملىق ادەم بولخانلىقىڭدىن ىنتايىن خوشبولدوم،رەخمەت قيسەركا

16

تېما

0

دوست

1548

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   54.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22327
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 11:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەيسەر ئاكا
يازمىڭىز بەك يېقىشلىق بوپتۇ.نىمىدېگەن سەمىيمىي قۇرلار ھە
بۇنداق ئەسلىمىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )