قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1712|ئىنكاس: 33

ئابىدە تىكلە-ئەلنىڭ ئابىدەسى (باغداش زىيارىتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

دوست

1462

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئابىدە تىكلە- ئەلنىڭ ئابىدەسى!

(باغداش مەخسۇس زىيارىتى)

        ئەسكەرتىش : بۇ زىيارەت تېمىسى ئىلان ئەمەس ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇچۇر ئەۋەتىپ بۇ توغۇرلۇق بىزنى «تەنقىدلىشى» ھاجەتسىز ،شۇنىسى ئېنىقكى  باغداش مۇنبەرگە ھەرگىز ئىلان چىقارمايدۇ ، بۇ مۇنبەر يەنىلا خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىنى دەيدىغان مۇنبىرى ، ئەگەر خاتا چۈشەنگەن بولسىڭىز تېمىنى قايتا ئوقۇپ ،ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ .

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىدىكى ئەزىزلەر ، باغداش تورىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام !  
          بىز مۇشۇ پەيىتتە رايۇنىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ سەركىللىرنىڭ بىرى ، شېركەتنىڭ ھەرخىل ئىچىملىكلىرى خەلقىمىزنىڭ ئچىملىك جەھەتتىكى ئىھتىياج بوشلۇقىنى قامداپ ،خەلقىمىزگە ھەقىقى يەرلىك شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكا بىلەن ئىشلەنگەن ھەرخىل يۇقرى سۈپەتلىك مەھسسۇلاتلىرى بىلەن  خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئابىدە بىئو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات شېركىتىدە ئېلىپ بېرىلغان قىسقىغىنە زىيارىتىمىزنى سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز .
       قەھرىتان قىش گەرچە سوغۇق بولسىمۇ ، كۆڭۈللەردىن بالقىغان كىچىككىنە ئىسسىقلىقلارنىڭ بىرىكىشى بىلەن ئىللىقلىققا تولۇپ ،كىشىلەرگە مىھىر -مۇھەببەتنىڭ سېھرى كۈچىنى ھىس قىلدۇرىدىغان قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنىدە  ئابىدە شېركىتىنىڭ بىر يىللىق خۇلاسە يىغىنى 28-دىكابىر ئۈرۈمچى تاشقى سودا مىھمانسارىيىنىڭ ئۈچىنجى قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى .  شۇنچىلىك تەبئىي ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ خۇلاسە بىز قاتارلىق مۇخبېرلارنىڭ قايىللىقىنى ئاشۇردى .
                 
      زىيارەت جەريانى

1.jpg

شېركەت باش لىدىرى ئوبۇلھەسەن روزى ئەپەندىم سۆز قىلماقتا

ئادەتتە ھەمىمىز بىزگە يادىلاپ قۇرۇق گەپلەرنى ئوقۇپ بەرگەن يىغىندىن بىزار ،چۈنكى بۇنداق يىغىن مەسىلە ھەل قىلىش ئەمەس ۋەزىپە ئۈچۈن ئېچىلىدۇ ،ۋاقىتقا رىئايە قىلىپ يىغىن باشلىنىپ ،تۈگەيدۇ ،يىغىن ئېچىلىپ ئەتىسى ھەممىسى ئۇنتۇلىدۇ ،بۇنداق يىغىنغا  قاتناشسىڭىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەس،بىز ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ سەركىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننى قانداق ئاچسا شۇنداق ئاڭلاپ ،مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن  نىمە بولسا شۇنى كەڭ مۇنبەرداشلىرىمىزغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلىپ بارغان ئىدۇق . يىغىن باشلىنىپ  بىزئالدى بىلەن بىر ئالاھىدە نوقتىغا بەكمۇ دىققەت قىلدۇق، بۇ قايسى نوقتا ؟  رەھبەرلىك قاتلىمى ،خىزمەتچىلەر ھەممىسى ئىختىيارسىز ھالدا  ئۆتكەن قېتىملىق خۇلاسە يىغىنىنىڭ خۇددى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەندەك ھىس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى ، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدىنلا ئۆز كەسپىنى ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى شۇنچىلىك سۆيۈپ كەلگەنلىكىنى ,شېركەتنى ئائىلە ئورنىدا كۆرۈپ ، خىزمەتنى بىجاندىل ئورۇنلاپ كەلگەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس . يىغىن جەريانىدا دەسلەپتە سۆزلەنگەن خۇلاسىلەر دىققىتىمىزنى يەنە بىر قېتىم تارتتى ،ئۇ بولسىمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ رەھبەرلەر شۇنداقلا خىزمەتداشلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز نەتىجىللىرى بىلەنلا پەخىرلىنىش ئەمەس ،كەمچىلىكلەرنىمۇ ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئەمەليەتنى چىقىش قىلىپ دادىل ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە كەمچىللىكلىرىنى تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتتى،بۇ چاغدا بىزمۇ بۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە دادىللىقىغا قايىل بولدۇق  . يىغىن جەريانىدىكى تەمتىرەپ قالغان ، قىلىدىغان سۆزىنى تاپالماي قالغان ئىشلار بولدى ، بۇنىڭغا قارىتا كۆپچىلىكىنىڭ چاۋاك بىلەن ئىلھاملاندۇرىشى سۆزلىگۈچىلەردە داۋامىنى سۆزلەشكە ئىشەنچ پەيدا قىلىدى .يىغىن جەريانىدا ھەر بىر ئىنچىكە نوقتا شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى خۇلاسىلەر پۈتۈن ئانا تىلدا چۈشىنىشلىك ، ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇلدى، يەنە قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى ، يىغىن ئارىسىدا ئىلان بۆلىمىدىكى رەنانىڭ ئوقۇغان شېئىرى چاقچقى بىلەن يىغىن كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقرى پەللىگە چىقتى . چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن باغداش مۇخبېرى مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم شېركەتنىڭ ھازىرقى باش لىدىرى  ئوبۇلھەسەن روزى ئەپەندىمنى قىسقىغىنە زىيارەت قىلدى ،


       زىيارەت جەريانى تۆۋەندىكىچە :

      مۇھەممەدتۇرسۇن : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز ، ھازىرقىدەك رىقابەت كۈچلۈك ،شۇنداقلا پۇرسەتمۇ كۆپ بولغان دەۋىردە  پۇت تېرەپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن  مەھسۇلاتلارنىڭ ۋە شېركەتنىڭ خاسلىق يارىتىشى ئىنتايىن موھىم ،سىزنىڭچە ئابىدە شېركىتىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كىچىكتىن زورىيىپ بۈگۈنگە كىلەلىشىدىكى موھىم خاسلىقلىرى قايسى ؟

    ئوبۇلھەسەن ئەپەندى : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،تورداشلارغىمۇ رەھمەت ، كارخانىمىزنىڭ مۇنداق بىر نەچچە خاسلىقلىرى بار ،  بىزنىڭ شېركەتتە ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى ،سېتىش بۆلۈمى ، تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق بىر نەچچە بۆلۈملەر بار ،بۇ بۆلۈملەرگە ئادەتتە ئۆز بۆلۈمى ئىچىدە ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ، شېركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى چۈشۈرۈپ بەرگەن ئىستىراتىگىيەلەر بويىچە مۇستەقىل ئىش بىجىرىش ھوقوقى بېرىلگەن ، دىمەكچى ،بۇ ھەربىر بۆلۈم ئۆز ئالدىغا بىردىن « كىچىك شېركەت» ، بۇ كىچىك «شېركەت »لەر بىرلىشىپ بىزنىڭ ھازىرقى ئابىدە شېركىتىنى ھاسىل قىلغان . بۇ «شېركەت »لەرگە بېرىلگەن بۇ ئەركىنلىك ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تېرىشىپ ئىشلىشىگە ، قىزغىنلىقنى ئاشۇرىشىغا تۈرتكە بولغان . يەنە بىرى ، شېركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاسلىقى يەرلىكنى ئاساس قىلغان يۇقرى تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ،بۇلارنى تورداشلار ئاڭلىغان بولۇشى مومكىن .بۇنىڭدىن سىرت ،شېركتىىمىز يېڭى كىرگەن خادىملارغىمۇ ئۆگۈنۈش ۋە ئۆسۈش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەن بولۇپ ، خىزمەت پوزىتسىيڭىز ۋە شېركەتكە قوشقان تۆھپىڭىزگە قاراپ مۇكاپاتلىنىسىز، شۇنداقلا شېركىتىمىزنىڭ ئېنىق بەلگىلەنگەن گىرافىكى ئارقىلىق ئۆسۈپ ئادەتتىكى خىزمەتچىدىن لىدىرلىق ئورنىغا چىقىشىڭىزمۇ مومكىن . بۇ سىزنىڭ تېرىشچانلىقىڭىزغا باغىلىق .

    مۇھەممەدتۇرسۇن :سىزنىڭچە شېركىتىڭلارنىڭ نەچچە يىلدىن  ئۇيغۇر خەلقىگە قوشقان تۆپىللىرىنى نىمە دەپ قارايسىز ؟
   ئوبۇلھەسەن ئەپەندىم : بۇنى تېخى ئويلىشىپ كۆرمەپتىكەنمەن ،لىكىن شېركىتىمىز خەلقىمىزنىڭ سسىتىمىلاشقان سوغۇق ئچىملىك ئىشلەپچىقىرىشتەك بوشلۇقىنى تولدۇردى ، بۇ شېركەت قۇرۇلۇشتىن  ئىلگىرى ماتىرياللىرىدىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقىچە مۇنتىزىم بولغان سوغۇق ئىچىملىك شېركىتى يوق ئىدى . بۇنىڭدىن سىرت يەنە شېركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەرلىك رىتسىپ بىلەن يۇقرى تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەنلىكى بىر مىللىي كارخانىلاردىكى بىر بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ .
  مۇھەممەدتۇرسۇن : ئابىدە شېركىتىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغۇرلۇق توختىلىپ ئۆتەمسىز ؟
  ئوبۇلھەسەن ئەپەندى : بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىمىزدە 2015-يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈرۈش قىلىش پىلانلاندى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازىرى ئىنتايىن چوڭ بازار بولۇپ شىنجاڭنىڭ بازىرىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ ، شۇڭلاشقا ئاساسلىق غەربى رايۇندىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى يۆلىنىش بويىچە دائىرىمىزنى كىڭەيتمەكچى بولۇۋاتىمىز .
شىمالى شىنجاڭدا بىر زاۋۇت قۇرۇپ،شىمالىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھاسىل قىلىپ  ،ئۈرۈمچىنى مەركىزى بازا  قىلىغان شېركەتنى قۇرۇپ چىقىش پىلانلاندى،مۇنداق دىيىشتىن سەۋەب بىزنىڭ نۇرغۇن مۇقىم مۈلۈك ۋە زاۋۇتلىرىمىز  خوتەنگە جايلاشقان .يەنى ماتىريالدىن سۇلياۋ ئورالما ،بوتۇلكا ئېغىزى دىگەندەك ماتىرىياللار خوتەندىكى زاۋۇتتا ئشلەپچىقىرىلىدۇ . بۇ زاۋۇت پ پ ت سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىش ،ئورالما ماتىرىياللىرىنى تەمىنلەش مۇلازىمەت قىلىشتىكى چوڭ تىپتىكى كارخانا ھېسابلىنىدۇ . مۇشۇ تۈر بىزنىڭ كارخانىغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ . بىزنىڭ مېلىمىز ئالدىنقى مەزگىلدە تېخى ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ بولالمىغان ئىدى ، مۇشۇ تويۇنمىغان بازار ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ مۇشۇنداق مۇنتىزىم سۇلياۋ ئورالما زاۋۇتىنىڭ كەم بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان ئىدى . چۈنكى بوتۇلكىنىڭ يىتىشمەسلىكى بىزنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويىدۇ ، بوتۇلكا بولمىسا مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش مومكىن ئەمەس .بۇ زاۋۇت قۇرۇلۇپ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ياخشى بولۇۋاتىدۇ .بۇ زاۋۇت ئىشقا چۈشكىنى ئۈچ ئاي بولدى .ئۈنۈمىمۇ ناھايتى ياخشى بولدى ،زاۋۇت ئىشچىللىرىنىڭ مائاش ۋە تەمىناتلىرى ياخشى بولغاچقا ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىمۇ ناھايتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ .بۇندىن كىيىن باشقا مىللىي كارخانىلار مۇشۇنداق سۇلياۋ ئورالمىلارغا ئىھتىياجىلق بولسا ،مەسىلەن :ئىچىملىكتىن باشقا خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت دورا قۇتىلىرى ،يىمەكلىك مايلارنىڭ قۇتىلىرى ،سوپۇن قۇتىلىرى ،ئۇنىڭدىن سىرت مىنرال سۇ قۇتىلىرى ۋە بۇساھەگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل سۇلياۋ مەھسۇلاتلار قاتارلىقلارغا ئىھتىياجلىق بولسا كارخانىمىز بۇلارنى تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتىدۇ . نۆۋەتتە زاۋۇتىمىز ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەۋاتىدۇ ،بۇنىڭدىن كىيىن سۇلياۋچىلىققا تېخىمۇ مەبلەغ سېلىپ ،باشقا قېرىنداش مىللىي كارخانىلارنىمۇ تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ،مۇشۇ جەھەتتە ئىشلەپ ،توشۇپ باققان شېركەتلەر بىلىدۇ ،سۇلياۋ مەھسۇلاتلار بەك باراڭ بولغاچقا توشۇش ئاۋارىچىلىق ،توشۇشقا مەبلەغمۇ كۆپ كىتىدۇ . شۇڭلاشقا بۇمۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات نىشانلىرىمىزنىڭ بىرى .
   مۇھەممەدتۇرسۇن : يېقىندىن كىشىلەرنىڭ ئېغزىدىن« سۇنى ئۈچ كۈن قويۇپ قويسا سېسىپ كىتىدۇ ، دىگەن گەپ بار ،سوغۇق ئىچىملىكنىڭ تەركىۋىدىمۇ خېمىيەلىك ماددىلار بولمىسا بۇنچە ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ ،دىمەك بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەركىۋىدىكى  خېمىيەلىك ماددىلار بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن بەدەننى چىرىتىپ ،ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ ،شۇڭا بۇلارنى ئىچىشكە بولمايدۇ » دىگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىدىم ، مېنىڭچە بۇمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سىزدىن بىلمەكچى بولغان سۇئالى، بۇ توغۇرلۇق توختىلىپ بېرەمسىز ؟

  ئوبۇلھەسەن ئەپەندىم :  بۇ كارخانىنىڭ قانداق ئىشلىشىگە باغلىق ئىش ،مەسىلەن ،بەزى كارخانىلار بار، پۇلنى دەپ مەھسۇلاتنىڭ تەننەرخنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ،مەسىلەن بىر چىلان سۈيىنى مىسال ئالساق ،ئۇنىڭ تەركىۋىدە ھېچقانداق چىلاننىڭ تەركىۋى يوق ،سىز دىگەندەك خېمىيلىك تەركىبلەر بىلەن رەڭ تەڭشەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار يوق ئەمەس ، بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، بىز دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئادەم بەدىنى كۆتۈرگەن ئاساستا ئىشلەپچىقىرىمىز ، ئادەم بەدىنى بۇنچىلىك خېمىيىلىك تەركىبلەرنى كۆتۈرۈپ كىتەلەيدۇ ،لىكىن بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ئاساسلىقى تەبئىي مەھسۇلاتلارنى تەركب قىلىدۇ .ئاڭلىشىمچە ياۋرۇپادا يۈز پىرسەنت تەبىئىي مىۋە شەربەتلىرى بار ئىكەن ،بەلكىم شۇنداق ئەھۋال باردۇ ، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى شۇلارنىڭ مال باھا، تېخنىكا ،ئىستىمال سەۋىيسى ۋە بازار موھىتىغا مۇناسىۋەتلىك ،لىكىن بىز ئۇنداق قىلساق ئەمەليەتكە ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلەپچىقىرىش سەنئىتى ،تېخنىكا ۋە بازاردىكى مال باھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،بۇنى قانچە ياخشى قىلىمەن دىسە ،بۇنىڭ تەننەرخى شۇنچە ئۆرلەيدىغان گەپ ،بۇيەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيسى يۇقرى ئەمەس ،شۇڭلاشقا بۇ يەردە بەزى توقۇنۇشلار مۇقەررەر ھالدا يۈز بېرىدۇ ،لىكىن بىزنىڭ نىشانىمىزمۇ مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىش بولۇپ ،خېمىيلىك تەركىبلەرنى ئازايتىپ،بارغانسىرى خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ يىشىل بولغان ساغلام مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېرىشىش بىزنىڭ شېركەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتىگىيلىك پىلانىنىڭ ئىچىدىكى موھىم بىر ماددا . شۇڭا خەلقىمىزنىڭ مۇشۇنداق مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .


6.jpg


    مۇھەممەدتۇرسۇن : ئابىدە شېركىتى ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبىغا مەبلەغ سېلىشتا قايسى نىشاننى كۆزلەپ بۇنى ئويلاشتىڭلار ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەبى بارمۇ ؟
    ئوبۇلھەسەن ئەپەندى : بىر قەۋىمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ،ئۇنىڭ ئونۋېرسال ساپاسى ئۇنىڭ كارخانىلىرىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغىنى بىلەنلا ئىپادىلەنمەيدۇ ،بۇنىڭدا  پەن -مائارىپ ،تەنتەربىيە ،ئىقتىساد ،تېخنىكا قاتارلىق بىر نەچچە جەھەتتە تۈرلۈك ئامىللار تەڭ بولۇشى،تەرەققىي قىلىشى كىرەك  ،تەنتەربىيە ئىشلىرى بىزنىڭ بەدەن ساپايىمىزغا باغلىق بولىدۇ .شۇڭلاشقا بىز مۇشۇ كولۇبنى بىز قوللاپ -قۇۋەتلەپ ئۇلار بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىپ ،بۇندىن كىيىن ئابىدە شېركىتىنىڭ نوقۇل ھالدا ئىچىملىككىلا ئەمەس ، تەنتەربىيە ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ، شۇنداقلا خەلق ساغلاملىقىنى يۇقرى كۆتۈرۈشكە ئەمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىچىملىكنىڭ  تەنتەربىيە بىلەن ھېچقانداق توقۇنۇشى يوق ،ئەكىسچە بۇ بىزنىڭ كەسىپ بىلەن ماسلاشقان بىر ساھە ،شۇڭلاشقا مۇشۇ جەھەتتىن كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە مۇشۇ كولۇبنى قوللاپ ،ھەمكارلاشقان ئىدۇق .  
   مۇھەممەدتۇرسۇن : يېقىندا ئاڭلىشىمىزچە ئابىدە شېركىتى سورۇندا ھاراقنىڭ ئازلىشىشىغا مەلۇم دەرىجىدە  تۆھپە قوشتى،دىگەندەك سۆزلەر بار ئىكەن ،سىزنىڭچە مۇشۇنداق سۆزنىڭ نىمە ئاساسى باردۇ؟
ئوبۇلھەسەن ئەپەندى : بۇنى بىز نوقۇل ھالدا بىز ئازلاتتۇق دىيەلمەيمىز ، لىكىن بىر قىسىم توي-تۆكۈن ،رېستۇرانلاردا بىزنىڭ مۇشۇ كورۇپكىلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئىچىلىش نىسبىتى يۇقرى كۆتۈرۈلدى ،شۇڭلاشقا بەزى بىر ئىچىملىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇشى مومكىن ،بەلكىم بۇنى خەلقىمىز ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ  بىر قىسىم ئىچىملىكلەرنىڭ ئۈستەلگە چىقماسلىققا سەۋەب بولدى دەپ قارىغان بولۇشى مومكىن .
مۇھەممەدتۇرسۇن : زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت  .
ئوبۇلھەسەن ئەپەندى: سىزگىمۇ رەھمەت .
         ئوبۇلھەسەن ئەپەندىىنىڭ يىغىن ئاخىرىدىكى خۇلاسىسىدە ،شېركەتنىڭ يېڭى كەلگەن خىزمەتچىلەرنى خۇددى بىر ئائىلىگە كىرگەندەك ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئىتبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ، ئۇلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى ،شېركەتنىڭمۇ ئۇچىرىغان قېيىنچىلىقلىرىنى ئىناق بىر ئائىلە كىشىللىرىدەك مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ يەڭگەنلىكىنى ، شېركەت خادىملىرىغا ئۆزىگە لايىق بوشلۇق ھازىرلانغان بولۇپ ،خادىملارنى ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن خىزمەتكە قويۇپ ،تەربىيلەپ  ،خىزمەتنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق چىقىشى چىقىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى ،شېركەتكە خەلق مەبلەغ سالغان،يەنى خەلق قوللىغان  ،شۇڭلاشقا  شېركەتنىڭمۇ پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشقا  تېرىشىۋاتقانلىقىنى،شېركەتنىمۇ پۈتۈن تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇغانلىقىنى ھەمدە بۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى .
  يىغىن شۇنداق يوسۇندا ئاخىرلاشتى ، بىز ئابىدە شېركىتىگە بەركەتلەر تىلەپ ،ئۇلارنىڭ يېڭى -يېڭى نەتىجىلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ يىغىن زالىدىن ئايرىلدۇق .
       كىيىنكى بىر تېلفۇن زىيارىتىدە ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇساتتار سالىمىنى يوللاپ تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتتى:
     ھۇررا كۇلۇبى بىلەن ئابىدە شېركىتىنىڭ ھەمكارلىقى ناھايتى ياخشى بولىۋاتىدۇ ،بۇقېتىمقى ھەمكارلىقتا ئابىدە شېركىتىنىڭ دېرىكتورىدىن تارتىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملارغىچە بىزنىڭ پۇتبۇل كۇلۇبىمىزنى ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ تۇردى ،بىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش چىقىمىمىزدىن باشقا ،كىيىم -كىچەك ،مۇسابىقە ئەسلىھەلىرى ،يىمەك -ئىچمەك جەھەتتىنمۇ باشتىن -ئاخىر تەمىنلەپ كەلدى ،ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىقنى ئۈزۈلدۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق ھېسابلىنىدۇ،ئابىدە شېركىتىنىڭ دېرىكتورى ۋە تەشۋىقات خادىمى ئابلەتجانغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !

پائالىيەت سۈرەتلىرى


2.jpg


شېركەت ئېلان بۆلۈم مەسئۇلى ئابلەتجان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا


3.jpg


يىغىن داۋاملاشماقتا



4.jpg


شېركەت يىللىق نەمۇنىلىك خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىمەكتە


5.jpg


سۈرەتتە :باغداش تورىدىن مۇھەممەدتۇرسۇن ، دىلشاتجان،كامران


0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24578
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللابۇ شىركەتلە ۋە مۇشۇ شىركەتكە ئوخشاش ئۆز خەلقىنى ئالدىماي ھالالدىن مەھسۇلات ئىشلەيدىغان كارخاناۋە شىركەتلەرگەبەركەت بەرسۇن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

239

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   19.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 4088
تۆھپە : 2692
توردىكى ۋاقتى: 4724
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابىدەنىڭ يىمەك - ئىچمەك ساھەسىدە مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

25

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 6292
توردىكى ۋاقتى: 204
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللايدىغان تېما بولغان بولسا ئىنكاس يېغىپ نادىر  تېمىغا ئايلىنىپ كىتەتتى
ئابىدەنىڭ مەھسۈلاتلىرى ياخشى

0

تېما

0

دوست

1512

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلسۇن ، ئابىدە شىركىتىنىڭ ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبىنى قوللىغىنى ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ ، ، ، ئابىدە شىركىتىدىكىلەرمۇ دەپتۇ ، ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ بازىرى شىنجاڭنىڭ بازىردىن نەچچە ھەسسە چوڭ ، كېيىنچە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەرەققىي قىلمىز دەپ ، ئەگەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەرەققىي قىلىپ قالسا بەلكىم ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زاۋۇت قۇرۇشى مۇمكىن ، چۈنكى مەھسۇلاتلارنى شىنجاڭدىن ئېلىپ بارسا توشۇش ھەققى قۇشۇلۇپ باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ ، ئەگەر شۇنداق كۈنلەر كىلىپ قالسا زاۋۇت ئادېرسىغا ئىچكىرنىڭ زاۋۇت ئادېرسى يېزىلىشى مۇمكىن ، ، ، يەنە ئابىدەنىڭ مەھسۇلاتلىرنى ئىچكىردە ياسايدىكەن ، مۇسۇلمانچە ئەمەسكەن دەپ يۈرمەيلى ، ، ، بولسا ئابىدە ، ئىخلاس ، ئارمان ، ئىلچى ، مۆتىۋەر ، ئامىنە ، قارلۇق ، ھەرەمباغ ، مىراج قاتارلىق شىركەتلىرمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ، دۇنياغا يۈزلەنسۇن ، ئاللاھ قېرىنداشلىرمىزنىڭ يوللىرنى ئوچۇق قىلسۇن ، ، ،

1

تېما

0

دوست

1402

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6235
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 295
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەردىن ئابىدە مىڭ  ياخشى ..... ئابىدەنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن

0

تېما

0

دوست

358

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25230
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ،يوللىرىنى ئوچۇق قىلسۇن!

0

تېما

0

دوست

522

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-6
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيسىنى ئەمەس ئابىدەنى ،پىپسى كولانى ئەمەس زەم-زەم كولانى ،ۋاخاخانى ئەمەس ئامىنەنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ مىللى كارخانىلىرمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن كىچىككىنە بولسىمۇ كۇچ قوشايلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )