قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1950|ئىنكاس: 19

قاسساپقا قاسساپتىن كاتتا مەسلىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 16:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                            قاسساپقا قاسساپتىن مەسلىھەت


        ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار
      ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق قوي باھاسى شۇنچە ئۆرە.مەن ئالدىنقى بىر تىمىدا مۇنبەردىكىqassap بۇرادەرنىڭ قاسساپلىق قىلىپ
كىرىمنى خېلى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇققانىدىم.ئەمدى مەن qassap،باشقا قېرىنداشلاردىن سورايدىغىنىم سىلەرچە
قاسساپلىقنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىستىقبالى قانداقراق بۇلار؟قوي تاللىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟قانداق
قىلغاندا قويغا بىر قاراپلا نەچچە كىلو كىلىدىغانلىقىنى ،گۆش سۈپىتىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ؟
مۇبادا بازاردا ئالغان بىر پۈتۈن قوي گۆشى بىلەن ئۆزىمىز ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ يىمەكچى بولغان قوي گۆشىنىڭ پۇلىدا
نەچچىلىك پەرق باردۇ؟قاسساپلىق قىلش ئۈچۈن ئۆگىنىدىغان ھۈنەرلەر قايسىلار؟نەچچە ۋاقىتتا پىششىىق ئىگىلەپ
بولغىلى بۇلىدۇ؟قاسساپلىق كانارلىرىنى ئېچىپ بازارغا چىقماقچى بولساق قانداق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەيمىز؟
يەنە بىرسى بولسا مەيلى قوي،توخۇ قۇشلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟تەرەت ئېلىش
.....قانداق دۇئالارنى دەپ پىچاققا سۈرۈپ ئاندىن قايسى ھالەتتە پىچاق سۈرىمىز،قىسقىسى قوي،توخۇ ئۆلتۈرگەندە
قىلدىغان تەييارلىق ،دۇئا قاتارلىقلارنى دەپ بەرسەڭلار؟
      يەنە بىرى ئاڭلاپ قالىمەن بەزىلەر قوي-كاللىلارغا بىر خىل ئۇغۇت بېرىپ سەمرىتىدىكەن،بۇ قانداق ئىش؟سىلەرچە
قوي-كالىلارنى سەمرىتىشتىكى ئىلمىي ئۇسۇل قايسى؟چىڭخەي قويىنى قانداق پەرق قىلمىز؟بىزنىڭ يىرلىك قويلار بىلەن چىڭخەي قويىنىڭ
قانداق پەرقى بار؟.............
بولسا qassap،باشقا مۇشۇ توغرۇسىدا بىلىدىغان باللا مەيلى كۆرگىنىڭلار،ئاڭلىغىنىڭلار بولسا بىر تۆكۈڭلار مۇنبەرگە ،بىلمەيدىغانلىرىمىز
بىر بىلىۋالساق.
————————————————————————————————————————————————————————————————
      مېنىڭچە كىچىك قاسساپلار شاللىنىپ، بۇرۇندىن قاسساپلىق قىلىۋاتقانلار قالىدۇ.  ئەقلىمگە كەلسەم دادام قاسساپكەنتۇق. داداممۇ ئەقلىگە كەلسە دادىسى قاسساپكەن. ئۇزۇن يىللىق قاسساپ بولغاندىن كىيىن دائىملىق خېرىدارلىرىمىزمۇ جىق.  ئۆتكەن يىلى يېڭىدىن قاسساپلىق قىلىمىز دەپ چىققانلار جىق ئىدى.  بۇ يىل باھا يەنە ئۆسىۋىدى كۆپۈنچىسى قاسساپلىقنى تاشلاپ باشقا ئىش قىلىۋاتىدۇ. باھا قانچە ئۆسكەنسىرى قاسساپلىقتىن كىلىدىغان پايدا شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.  نىمىشقا دىگەندە ئەگەر بازاردىن مالنى دىتلاپ ئېلىپ، ئۆزىڭىز سويۇپ ساتىدىغان قاسساپ بولسىڭىز مەسىلەن بىر قوينى 25 كىلو گۆش چىقىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا 100 سوم پايدا قىلىدۇ دەپ دىتلاپ ئالدىڭىز.  بۇ ئالغان قويىڭىز 24 كىلو چىقىپ قالسا پايدا 50 سومغا چۈشىدۇ.  23 كىلو چىقىپ قالسا بىكارغا ئىشلەيسىز. 22كىلو چىقىپ قالسا 50 سوم زىيان قىلىدۇ.   گۆش ئەرزان ۋاقىتتا دىتىڭىزدىن ئىككى_ئۈچ كىلو كەم چىقسىمۇ زىيان ئانچە بىلنەشمەيتى. ھازىر بەك بىلنىشىدۇ.  مال باقىدىغان كىشىلەرمۇ قاتتىق چىڭلىشىپ كەتتى. مېلىنى ئالدىراپ ساتمايدۇ. مېلىنى بازارغا ئەكىرىشتىن بۇرۇن تىرىك جىڭغا سالىدۇ. مەسىلەن: تىرىك ئېغىرلىقى 100 كىلو كەلسە بۇنىڭدىن 55% گۆش چىقىدۇ دەپ ئويلايدۇ(ئەمەليەتتىمۇ سىمىز قوي بوپ قالسا تىرىك ئېغىرلىقىدىن55% گۆش چىقىدۇ). شۇنداق بولغاندا ئۇ قويىدىن 55 كىلوگىرام گۆش چىقىدۇ دەپ ئويلايدۇ_دە، توپ باھا بويۇنچە(بۈگۈنكى توپ باھا) 60 سومدىن ھىساپلىغاندا 3300 سوم، تىرەكاللا پاچاق 120 سوم دەپ ھىساپلاپ، قويىنى بازارغا ئەكىرىپ 3400 سومغا كەلسە ساتىدۇ.  بولمىسا توپ تارقىتىشقا ئەكىرىپلا سويۇپ گۆشى نەچچە كىلو چىقسا توپ باھا بويۇنچە قاسساپلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ قۇتۇلىدۇ. مالنىڭ ئورۇقى قىممەت.  يەم تېخى قىممەت.  باقمىچى جاپا تارتىپ باققانغا تۇشلۇق پايدا قىلمىسا ھەرگىز ساتمايدۇ.    ياخشى مال تۇتىمەن دىسىڭىز 20كىلوگىرامىن 30 كىلوگىرامغىچە گۆش چىقىدىغان قوچقار قوزىلارنىڭ گۆشىنى ساتسىڭىز بولىدۇ.  مەن مۇشۇنداقلا گۆش ساتىمەن.  گۆشىمۇ سۈپەتلىك، يۇمشاق، قارا چىقىدۇ. خېرىدارمۇ رازى بولىدۇ.  قېرى قاتاڭ ساغلىقلارنى، ئىرىك قويلارنى سويۇپ ساتسىڭز گۆشى مايلىق، قاتتىق چىقىپ قالىدۇ.بىر ئالغان خېرىدار ئىككىنجى دەسسىمەيدۇ. ھازىر ھەممە ئۆي گازلىق بوپ كەتتى.  گازدا كىچىك قوزىنىڭ گۆشى بولمىسا ئالدىراپ پىشمايدۇ بەزدەك تۇرۋىلىپ.  قېرى قوينىڭ گۆشىنى ساتسىڭىز خېرىدار يەپ بولغۇچە رەزىنگىدەك تۇرۋىلىپ چىشى ئاغىرىپ كىتىپ يۈزمىڭنى تىللايدۇ ئوغرى قاسساپ دەپ.    مەن دىگەندەك 20دىن 30 كىلوغىچە گۆش چىقىدىغان قوزا قوچقارنى بازاردىن تىرىك ئېلىپ ئىللا_بىللا پايدا ئالغىلى بولمايدۇ.  باقمىچىمۇ ئالدىراپ ساتمايدۇ.  سەمىرگەندە ئۇدۇل توپ تارقىتىشقا ئەكىرىپ سويۇپلا جىڭلاپ ئۆتكۈزىدۇ. بۇنداق قوزىلارنىڭ گۆشى باشقا ھەرقانداق گۆشكە قارىغاندا توپ باھاسى ئۈچ سومدىن، بەش سومغىچە قىممەت ماڭىدۇ. (بۈگۈنكى توپ باھادا 60 سومدىنلا ئالدىم). ئۇششاق قاسساپلار ئەرزان، پايدىنى كۆپرەك ئالىمىزدەپ قېرى_قاتاڭ مال تۇتىدۇ. بىزدىن بىرەر ئىككى كوي ئەرزان سېتىپ قويسا گىرىرەك خېرىدارلار ئالىدۇ. ئالىدۇ_يۇ، ئاپىرىپ يىگەندىن كىيىن ئىككىنجى ئالماسلىققا قەسەمياد قىلىدۇ.   شۇنداق قىلىپ بارا بارا بازىرى كاساتلىشىدۇ دە ئاخىرى كانارىنى يۇغۇشتۇرىدۇ.  
        تۆت كۈن بولدى گۆش يەنە ئۆستى قەشقەردە.  كىسەل چىقىپ شىمالدىن كىلىدىغان مالنى توسۇپ قويۇپتۇ.  55 سومدىن بىراقلا 57گە چىقتى، تۈنۈگۈن 59 سوم چىققان، بۈگۈن 60 سوم چىقىپتۇ، مەن ئالىدىغان قوي گۆشىنىڭ توپ تارقىتىشتىكى باھاسى.  55 سوم چىققان قوينى سويۇپ، جىگرى بىلەن، قويرۇقى بىلەن بىللە جىڭلاپ چىقىرىدۇ.  جىگىرىنى ئەپلەپ گۆشكە قېتىپ ساتىمەن. ئەمما قۇيرۇقىنى قاتقىلى بولمايدۇ.  25 سوم كىلوسى. 25 كىلو كەلگەن قويدىن 3 كىلو قويرۇق چىقسا 22 كىلو گۆش قالدى.  3 كىلو قويرۇقنى 75 سوم يىساپلاپ، 22 كىلو گۆشكە چاپلىساق،بۇ قويرىقى يوق پۈتۈن قوينىڭ گۆشى بىزگە 58 سوم توختايدۇ. پارچە 65 دىن ساتىمەن.  63تىنمۇ بىرىمەن. پۈتۈن ئالسا 60 دىنمۇ بىرىمەن. مۇشۇداق ھىساپلىساق 58 كويدىن توختىغا قۇيرۇق مېيى يوق قوي 60 كويدىن 61 كويغىچە پۇل پىشىدۇ.  22 كىلو گۆشنى تۈگەتسەم 60 سومدىن 70 سومىغىچە پايدا قىلىدۇ. كۈندە مۇشۇنداق قويدىن تۆتنى تۈگەتسەم 300 يۈئەن ئەتراپىدا پايدا قىلىدۇ.   مۇئاش بەرگەن ئون كۈندە كۈنىگە ئالتىسى يەتتىسى تۈگەيدۇ. ئوتتۇردىكى ئون كۈندە تۆت بەشكەچۈشۈپ قالىدۇ.  ئاخىرقى ئون كۈندە ئۈچكە، بەزى كۈنلىرى ئىككىگىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ.      شۇنداق قىلىپ كۈنىگە 100 كىلوگىرام ئايلىنىدۇ بىر ئايدا.   ئايدا ئۈچ توننا تۈگىسە ئۈچ سومدىن قالسا 9000 سوم.   كالا_قوتاز گۆشلىرىمۇ بار.  ئۇ نىڭ پايدسى چىقىمنى كۆتۈرىدۇ.
  ھازىر بازاردىن تىرىك مال ئېلىپ سويۇپ قاسساپلىق قىلىدىغانلار ئاساسەن قالمىدى.  سەھەردىلا قۇشخانىغا بارىدۇ.  باقمىچىلار مېلىنى ئەكىرىدۇ. قسساپلار تاللايدۇ نەرقىنى دىيىشىپ. پوكانچى باللار سويۇپ جىڭلاپ بىرىدۇ. قاسساپ تەييار گۆشنى ئاپىرىپ سېتىپلا پايدىنى ئالىدۇ.  
      قاسساپلىق ھۈنىرىنىڭ ئەڭ نازۇك يېرى دەل گۆشنى پارچىلاپ سېتىش.   گىرىرەك قاسساپ بولسا گۆشنى تەڭشەپ بۇزالماي خېرىدارنى نارازى قىلىپ قويىدۇ.  سۆڭەك، ياغ، قاراگۆش ئارلاش ئىككى كىلو گۆش بار پۈتۈن.  بىر خېرىدار بىر كىلو گۆش ئالىمەن دىدى.  ئۇستا قاسساپ بولسا ئۇستىلىق بىلەن گۆشنى ئوتتۇردىن ئىككى قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە ياغ، گۆش، سۆڭەكنى تەپمۇ تەڭ چىقىرىدۇ.  خېرىدارمۇ تاللىيالماي بىرىنى ئالىدۇ.  ئاشقىننى يەنە بىر خېرىدار ئالىدۇ.    گىرىرەك قاسساپ بولسا ياغ بىلەن سۆڭەكنى بىر تەرەپكەچىقىرىپ پارچىلايدۇ.  خېرىدار ياخشىسىنى تاللاپ ئېلىۋالىدۇ دە، گۆشنىڭ يامان يېرى قاسساپتا قالىدۇ. كىيىنكى خېرىدار گۆشنى ياراتمايدۇ.  قاسساپ ئامال يوق يېغى بىلەن سۆڭىكىدىن ئېلىۋىتىپ جىڭلاپ بىرىدۇ.  100 گىرام ياغ ئاشسا 6 كوي ئېشىپ قېلىۋىرىدۇ.  خەق 60 پۇڭغا ئالمايدۇ.  
     قوي سويۇش، مال ئېلىشلار تەس ئەمەس. قوي سويۇشنى ھۇشيارراق ئادەم بولسا 15 كۈندە ئۈگۈنۈپ بولىدۇ كۈندە بەش ئالتە قوي سويىدىغان قاسساپنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇپ.   مال ئېلىشنىمۇ ئۇستامنىڭ كەينىدە ئىككى ئۈچ ئاي يۈرۈپ ياخشى گۈزەتسە ئۈگۈنۈپ بولغىلى بولىدۇ.  
      قاسساپلىق قىلىش ئۈچۈن جىق رەسمىيەت كەتمەيدۇ. باج كەچۈرۈم ھازىر.  سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇشقا بېرىپ دىگىنى بويۇنچە قىلسىڭىزلا پۈتىدۇ.  قوي بوغۇزلاشتىن ئاۋۋال پىچاقنى رەسمىي بىلەپ، ئىتتىكلتىش كىرەك.  قوينى ياتقۇزۇپ بولۇپ پىچاق بىلەش مەكرۇھ.  چۇقۇم قوينى ياتقۇزۇشتىن بۇرۇن بىلەش كىرەك.  بوغۇزلىغاندا بىشىنى قىبلىگە قارىتىپ تۇرۇپ، بىسمىللاھ ئاللاھۇ ئەكبەر»، دەپ بوغۇزلىساق بولىدۇ.  تىز سۈرىمىز پىچاقنى.  ئىككى چوڭ قان تومۇر بار. ھەر ئىككىسى تولۇق كىسىلىشى كىرەك. بۇلارنى يازما ھالەتتە كۆرگەندىن ئەمەلىيەتتە كۆرۈپ ئۈگەنگەن ياخشى.  بۇ يىل قۇربان ھېيىتنىڭ ئالدىدا بىر تىما يازغان باشقىلار شۇنداق بىر تىما يازساڭ دىگەچكە.  سەل چالىراق چىقىپ قالدى. ئۇ تېمىنى كۆگەن بولۇشۇڭلا مۇمكىن.   ئاللاھ خالىسا بۇ يىل قۇربان ھېيىتقا ئۈلگۈرتۈپ «شەرىئەتتە مال سويۇش ئەھكاملىرى»، دەپ تەپسىلى بىر تېما يېزىپ تەييارلايمەن.  
       كالا_قويلارنىڭ يىمىگە ئوغۇت دىگەندەك نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ بورداش ئاساسەن ئومۇملىشىپ كەتتى ھازىر. باقمىچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى شۇنداق قىلىدۇ.  ھايۋانات دورىسى دۇككانلىرىغا كىرسىڭىز مۇشۇنىڭدەك ھورمۇنلۇق سەمرىتكۈچلەر خىلى خىلى بىلەن تۇرۇپتۇ.    牛羊速肥، 牛羊猛嗺肥  دىگەندەك نەرسىلەر.  مىنىڭ كۆرگەنلىرىم مۇشۇ.  يىمىگە ئارلاشتۇرۇپ بەرسە 40 كۈندە سەمىرىپ بولىمىش.  ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ ياخشىكەن دەيدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا كۆرمىگەن، ئامما ئاڭلىغانلىرىم قوزا قويلار يېڭى تۇغۇلغاندا 激素 ئۇرىمىش.  بىرەر ئايغا بارمايلا قوزا بوي تارتىپ كىتىدىكەن.  ئاندىن ئايرىپ يەم سېلىپ سەمرىتىمىش.   ئانىسىنى يەنە كۈيلىتىدىغان دورىنى بىرىپ بوغاز قىلىۋىرىمىش تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىنلا.   شۇنداق قىلىپ يىلدا ئىككى قېتىم قوزا ئالىمىش.   
        يەنە بىر خىل ئوكۇل بارمىش.  بوردايدىغان قويغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرسا قوي توختىماي بىر نەرسە يەيدىغان بوپ قالىمىش. ئالدىغا قانچىلىك يەم تۆكۈپ بەرسە يەپ بولىمىش.  ناھايىتى تىز سەمرىيمىش.  
  چىڭخەي تەرەپتە قوزا يېڭى تۇغۇلغاندا ئانىسىدىن ئايرىپلا چوچقىغا ئىمىتىمىش.  ئانىسىنى يەنە دورا بىرىپ(كۈيلىتىش دورىسى) ھەپتە ئىچىدە بوغاز قىلىپ بولىمىش.  شۇنداق قىلىپ ئىككى يىلدا بەش قېتىم قوزىلىتامىش.  
         مۇشۇنداق مىشمىش گەپلەر جىق.   
        ئۆز كۆزۈم بلەن كۆرگىنىم يەمگە ئارلاشتۇرۇپ بىرىدىغان تىز سەمىرتىش دورىللىرى.  باشقىسى ئاڭلىغان مىش مىش گەپلەر.  
      ئادەتتە قوي باقمىچىللىىرى قوي تالىغاندا ئۆزى ئورۇقراق، بويلۇق، قاۋۇلراق قويلارنى ئالدىن تاللاپ ئېلىپ بوردايدۇ. ئېغىلغا يېڭى كىرگەن قويغا ئالدى بىلەن پىت چۈشۈرۈش دورىسى يىدۈرۈلىدۇ.  بۇنىڭ ھەرخىللىرى بار.  ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.  قويدا پىت بولسا سەمەگىلى ئۇنىمايدۇ.  ئىغىلغا كىرىپلا يەمگە كىرشىپ قورسىقى دومبايغىچە يەپ بەرسە 60 كۈندە بازارغا چىققۇدەك بولىدۇ. سەل يىمەيدىغانراق قوي بولسا 健胃散 ئارلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ.  بۇنىڭمۇ ھەرخىللىرى بار. ياخشىراقىنى تاللاپ بەرسەك ئۈنۈمى ياخشى.  يىمەيدىغانراقلىرى 80 كۈندىن 90 كۈنگىچە سەمىرىيدۇ.  بىرە يۈزنى باقسىڭىز ئىچىدىن ئاينىمايدىغانلىرىدىن چىقىدۇ  ئۈچ تۆرتى.   مەن ئادەتتە قوي بوردىمايمەن. شۇڭا تېخىمۇ تەپسىلى جاۋاپ بىرەلمىدىم .    ئىنىرگىيەلىك يەمگە كىپەك، قۇناق ئۇنى، كۈنجۈر قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. گۆشى تەملىك بولىدۇ.  لىكىن باقمىچىلار ئاساسەن بۇلارنى قوشۇمچە قىلىپ، پوستەكنى جىق بىرىۋىتىدۇ.   پوستەكنى جىق بەرسە گۆشى ماز پۇراپ قالىدۇ.  تەمى يوق.  يۇقاردا دىگەن يەملەر قىممەت.  پوستەك نىڭ باھاسى ئۇلارنىڭ يېرىم باھاسىغا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا باقمىچىلار پوستەككە ئامراق.  
       مەن قوتازنى جىق بېقىپ قويىمەن.  ھەر يىلى 7_ئايدىن تارتىپ تاغنىڭ قوتازلىرى كىلىشكە باشلايدۇ.  بۇ چاغدا ئوتقا تويۇپ، سەمىرىپ كىلىدۇ.  قىرغىزلاردىن ئېلىپلا سويىمىز.  9_ئايغا كەلگەندە تاغدىكى قوتازنىڭ بۇقىللىرى ئىنەككە يۈگۈرۈپ، تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىراپ ئورۇقلاشقا باشلايدۇ.  9_ئاينىڭ ئاخىرىدا تاغدا ئوت تۈگەشكە باشلاپ تېخىمۇ ئورۇقلايدۇ.  بۇ ۋاقىتتا ساتقىلى ئەكەلگەن قوتاز بۇقىلارنى ئورۇق بولغاچقا ئەرزانراق ئالىمىز.  بەك جاھىل بۇ قوتاز دىگەن.  ئەڭ تىز يەمگە كىرىشكەنلىرى ھەپتىدە، جاھىلراقلىرى 15 كۈندە ئاران يەمگە كۆنىدۇ. ئۆمىرىدە يەپ باقمغان بولغاندىكىن.  
       قوتازلارغا ئىككى ۋاخ يەم بىرىمەن.  ئەتىگەندە جىق سامان بىلەن ئاز پوستەكنى ئارلاشتۇرۇپ بىرىمەن.  كەچتە كۈنجۈر، قوناق ئۇن، كىپەك، پۇرچاق ئۇنى قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرۇپ بىرىمەن. ئالدى ئۈچ ئايدا، كەينى تۆت ئايدا سەمىرىپ بولىدۇ.  گۆشىنى يىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بەك تاتلىقكەن دەيدۇ.  قازاندا نىمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ، دەيدىغان گەپ بار.  يېمىڭىز قانچە ئىسىل بولسا گۆشنىڭ تەمى شۇنچە ياخشى چىقىدۇ.   
    چىڭخەي قويىنى مەنمۇ تەستە پەرق قىلىمەن.   قويلارنى نەسىللەندۈرىمىز دەپ ئوخشاش قىلىۋەتتى.  شىمال تەرەپنىڭ قويى بىلەن چىڭخەينىڭ قويى ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.  بولۇپمۇ ئالتاينىڭ قويلىرى بىلەن.  پەرقلەندۈرمەك تەس.  شۇڭا ئىشەنچىلىك قاسساپلار بولسا سۈرۈشتۈرۈپ يىگەن ياخشى.  جەنۇپ تەرەپتىمۇ كانارىغا ئاساسەن شىمالنىڭ قويلىرىنى ئەكىلىپ ئاسىدىغان بوپ كەتتى.  چۆچەك، غۇلجا، ئالتاي... قاتارلىق يەرلەردىن ئەكىلىدۇ.  جەنۇپنىڭ يەرلىك قويلىرىنىڭ گۆشى تەملىك بولىدۇ.  بولۇپمۇ 9_ئايلاردا ئۇلۇغچات، تاشقورغان قاتارلىق يايلىقى كەڭرى يەرلەرنىڭ قويلىرى چۆپكە تويۇپ راۋۇرۇس سەمىرىيدۇ.  مۇشۇنداق چاغدا يەم يىمىگەن، تەبىئىي ئوت بىلەن سەمىرگەن شۇ قويلارنىڭ گۆشى بەك تەملىك.  بولۇپمۇ ئۇلۇغچاتنىڭ شورۇل دەپ بىر يايلىقى بار.  كىشىلەر ئىزدەپ سوراپ شۇ يايلاقنىڭ قويىنىڭ گۆشىنى ئېلىشىدۇ. بەك تەملىك. ھەقىقى گۆش يىگەندەك بولىسىز.   شىمال تەرەپنى يايلىقى كەڭرى، ئوتلىرىمۇ بەك بولۇق بولىدىكەن.  ئەمما يايلاقلىرى شورسىز بولغاچقا قويىنىڭ گۆشىنىڭ تەمى تازا ياخشى ئەمەس.  جەنۇپ تەرەپنىڭ يايلاقلىرى شورلۇق.  ئوت مىقدارى ئاز.  ئەمما قويىنىڭ گۆشلىرى بەك تەملىك.  
      تېما ئىگىسىگە دەيدىغىنىم قاسساپلىق بەك زىل ھۈنەر.   ياخشى ئۈگۈنۈپ رەسمىي ئۇستا قاسساپ بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ، خېرىدار كۆندۈرۈپ كۈنىگە 200 كوي تاشلاشقا بەلكىم ئۈچ تۆت يىل كىتىشى مۇمكىن.  ئەگەر سىزنىڭ دادىڭىز ياكى باشقا بىرەر تۇققىنىڭىز قاسساپ بولۇپ، سىزنى شاگىتلىققا ئېلىپ، ئۈگۈنۈپ بولغاندىن كىيىن دۇككىنىنى سىزگە تاشلاپ بەرسە بۇنىڭدا ئاسان.   مىنىڭ بوۋام، داداملار 40، 50 يىلنىڭزى مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ، مۇشۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەپ كەلگەچكە مەنمۇ ئاسانلا كىرشىۋالدىم. داداممۇ يۇمشاق سۆزلۈك، ئاقساقال كىشى بولغاچقا، ھەم گۆش سېتىشقا ئۇستا بولغاچقا دائىملىق خېرىدارلارمۇ جىق.  دادام دۇككاندا بولسا باشقىچە، يوق بولسا باشقىچە بولىدۇ سودىمۇ.  شۇڭا خېرىدارلار ماڭا كۆنگىچە دەپ دادامنى دۇككانغا ئولتۇرغۇزۇپ قويىمەن.   يېڭىدىن باشلاش مۈشكۈل.  ھۈنەرنى چىڭ تۇرسىڭىز بىر يىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ بولىسىز ياخشىراق ئۇستىغا كىرسىڭىز.  ئەمما دۇككان ئايرىپ خېرىدار توپلاش، دائىملىق خېرىدارلارنى قولغا كەلتۈرۈش بەسى مۈشكۈلرەك.   «قاسساپ دوستىغا سۆڭەك ساتىدۇ»، «قاسساپ قېيناتىسى باكارغا قوي بەرسە زىيان قىلدى دەيدۇ»، دەپ قويغان بىلەن خېرىدار دىگەننىڭمۇ كۆڭلى نازۇك، يۈزى قېلىن نەرسە.  سەللا كۆڭلى رەنجىپ قالسا دۇككانغا دەسسىمەيدۇ.  
      مىنىڭ تىجارەتتە بىر قانچە پىرىنسىپىم بار. دۇككاننى تاقاپ قويىمەنكى قېرى قوينىڭ گۆشىنى كانارىغا يولاتمەيمەن. بىرەر كويلۇق ئوشۇق كەلسە رازى بولۇپ ئالمايمەن. خېرىدارغا بەك يۇمشاق مۇئامىلە قىلىمەن.  ئۈچ تۆت كىلو گۆش ئالغانلارغا دىگىنىنى بىرىمەن.  مەن ساتىدىغان قوينىڭ قول تەرىپى ياكى پۇت تەرىپىنى ئايرىم كەسسىلا ئۈچ تۆرت كىلو كىلدۇ. دىگەن يېرىنى كىسىپ جىڭلايمەن.  بىرەر جىڭ گۆش ئالغانلارغا قانداق تاماققا ئىشلىتىدىغىنىنى سوراپ شۇنىڭغا لايىق گۆش بىرىمەن.  مانتا ياكى تۈگرە قىلىتىم دىگەنلەرگە قوۋۇرغا گۆش بەرسىڭىز بولمايدۇ.  بىقىننىڭ ياكى ساننىڭ لوقراق يېرىدىن بىرىشىڭىز كىرەك.  پولو، لەغمەن دىگەنلەرگە قوۋۇرغا ياكى ئالدى قولنىڭ گۆشىنى بىرمەن.
    گۆشنىڭ باھاسى توپ تارقىتىشتىكى باھاسى ئۆسۈپ قالسا ئەتراپىمدىكى باشقا قاسساپلار پارچە سېتىش باھاسىنى ئۆستۈرمىگىچە زىيان قىلسىمۇ، پايدا قىلسىمۇ پارچە باھانى بۇرۇنقى باھا بويۇنچە سېتىۋىرىمەن.  بەش كۈن بولدى توپ تارقىتىش باھاسى بىراقلا بەش كوي ئۆستى.  بۇرۇن 55 سوم چىقىدىغان گۆش 60 سومغا چىقتى. 55 سوم چىقىدىغان چاغدا پارچە 65 تىن، 63 تىن، جىقراق ئالغانلارغا 60 تىن ساتقان. شۇ چاغدا 59 كوي پىشاتتى.  تۆت كوي پايدا قىلاتتى بىر كىلو گۆشتىن.  توپ تارقىتىش 60 كويغا چىققاندىن كىيىن تۆت كۈن بۇرۇنقى باھا بويۇنچە سېتىۋەردىم.  بۈگۈن باشقا قاسساپلارنىڭ ھەممىسى بولالماي 70 كويدىن سېتىپتۇ.  مەنمۇ ئەتە 70 كويدىن ساتىمەن.  بەش كۈن بىكارغا ئىشلىدىم.   
  مۇشتاق گەپ.  ئىشقىلىپ ئاسان ئىش قالمىدى.  ئۆزىڭىز ئويلىشىپ، ئەتراپىڭىزدىكى قاسساپلاردىن ئەھۋال سوراپ، بازار كۈزۈتۈپ بىر ئىش قىلىڭ.


   

0

تېما

2

دوست

4134

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1274
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 19:28:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشتا كۆرگەندەك قىلمەن  ، يەنە باشقا مەزمۇنلامۇ باردەك قىلغان ، مۇمكىن بولسا ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ، لازىم بولغانلار تەپسىلىي كۆرۈۋالسا ، ، ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25469
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 19:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قەشقەر شەھرىدىن سىز قەيەردە دۇككان ئاچىسز مەن سىزدەك سىلىق سىپايە قاسساپ تاپالماي ئاۋارە قاچانلا گۆش ئالسام تەڭشەپ بەرمەيدۇ شۇڭا بىرەر قاسساپ بىلەن چۆپقەت بولالماي يۇرۇيمەن

0

تېما

3

دوست

3222

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16205
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1034
توردىكى ۋاقتى: 270
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 19:40:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر قاسساپ ئۇستاملار بولغاچقىلا خەلقىمىز خاتىرجەم گۆش ئىستىمال قىلىپ كىلۋاتاتتۇق ، لىكىنزە كۈنۈڭلارمۇ ئاز قالدى ، چوڭ شەھرىمىز ئۈرۈمچىدە ئىككى ، قالغان كىچىك شەھەر ناھىلەردە بىردىن قۇشخانا تەسسىس قىلىپ ھەركىمنىڭ ئۆز ئالدىغان ئۆي قۇشلىرى ۋە چارۋۇ ماللارنى تەستىقسىز سويۇپ سېتىشىغان يول قويمايمىز دىگەن خەۋەر تارقالغىلى نەۋاخ . ئۇنى دىسەم ، 6 يىلدىن بىرى تاكسىچىلىق قىلىپ ئاڭلاپ باقمىغان خەۋەردىن بىرنى ئاڭلىدىم ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىيمىزدىكى بىرقىسىم تاكسى شىركەتلىرى ، شىركەت باشقۇرشىدىكى بارلىق تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرغىچە 30 جۈملىدىن ئارتۇق ئىڭگىلىس تىلى ئۈگنۈپ ، بۇيىل يازلىق چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئالاھىدە ياخشى تەسىر كۆرسەتكۈدەك ساپا ھازىرلىشىنى بولمىسا ئورۇن بوشتۇشى توغرۇلۇق يىغىن ئېچىپ ئۇختۇرۇش قىلغىلى تۇرۇپتۇ . دىسەم دىمسەم يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن بىزنىڭ شىركەتتىمۇ بولدىغان ئوخشايدۇ بۇ گەپلەر . بىر ئاپتۇنۇميىە ھوقۇقىغا ئىگە ئۇيغۇر رايۇنىدا بىر ئېغىز ئۇيغۇرچە بىلمىگەنلەرمۇ ئاچ قالماي بىزدىن ياخشى ياشاۋاتىدۇ . بىزلەرگە بۇ زىمىندا جان باقماق بارغانچە نىمىشقا ئۇنداق تەسلىشپ كىتىدىغاندۇ ؟ مۇشۇ ياشقا كەلگەندە ئىنگىلىس تىلى ئۈگنىمىز دەپ نەدە يۈرگۈلۈك دەڭلا ؟ بۇ كەسىپنى تاشلىۋىتىپ باشقا ئىش قىلايلى دىسەك بىر ئادەمگە ئىھتىياجلىق ئۇرۇنغا 10-20 ئادەم تەلمۈرۈپ تۇرغان . يەرلىك بولۇپ قالغانغىمۇ كانايغىچە تويدىغان ئوخشايمىز .

1

تېما

1

دوست

2059

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21562
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 626
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 19:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ   ياخشىسى  شاگىرتقا  كىرىڭ  قاسساپقا  ئۇستىسى يوق  ھۆنەر  يوق  بۇرادەر  

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25470
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 20:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaprak18 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 19:40
سىلەر قاسساپ ئۇستاملار بولغاچقىلا خەلقىمىز خاتىرجەم گ ...

  تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكى گەپنى قىلماڭلا.  
  ھازىرمۇ شۇنداققۇ.  مالنىڭ ھەممىنى قۇشخانىدا سويىمىز.  كۈندە دۇككاننى تەكشۈرىدۇ كارانتىن ئىدارىسىنىڭ.  تامغىسى يوق گۆشنى جايلايدۇ.  500 دىن 3000 غىچە جەرىمانە بار.  

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25470
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 20:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېما ئىگىسى.  يا مەندىن رۇخسەت ئالماپسىز. يا مەنبەنى ئەسكەرتمەپسىز.  بۇ بەك ئەخلاقسىزلىق.  بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن!   

0

تېما

0

دوست

214

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25470
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 20:37:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Salih922 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 19:31
مەن قەشقەر شەھرىدىن سىز قەيەردە دۇككان ئاچىسز مەن سىزد ...

  مەن قەشقەردە ئەمەس!   2_ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى ئابدۇرشىتاخۇن قاسساپتىن ئېلىڭ.  پېچچەت گۆش تۇتىدۇ.  ئۇزۇن يىللىق قاسساپ بولغاچقا گۆشنىمۇ ۋەھشى تەڭشەيدۇ. مەندىن جىق ئۇستا.  ھەر قېتىم ئۇ ئەدەم بىزنىڭ دۇككان تەرەپكە ئۆتسە سان، قول تەرەپلەرنى پارچىلىتىپ ھۈنىرىنى كۆرىۋالىمەن.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )