- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4174
- نادىر
- 0
- يازما
- 177
ئۆسۈش
72.47%
|
يۇيۇندۇراي باشلىقنى
(ساتىرا)
ئەركىن زاكىر
0
تۆت داس ئالدىم بازاردىن،
سۇنى قۇيدۇم تۇلدۇرۇپ.
سۇنى كىمگە بېرىشكە،
خىيال سۇردۇم ئولتۇرۇپ.
ئەڭ ياخشىسى بۇ سۇنى،
باشلىقىمغا بېرەيچۇ.
تۈزىتىۋالسۇن ئىللەتنى ،
پاكلىق،ئىنساپ تىلەيچۇ.
(1)
بىر داس سۇدا باشلىقىم،
بېشىڭىزنى يۇۋېلىڭ.
سەگەكلەشسۇن كاللىڭىز،
ئادالەتچى بوۋېلىڭ.
يەنە بىر داس سۇ بەرسەم،
يۇيۇڭ پاكىز يۈزلەرنى.
ساقىت قىلماڭ سىز يەنە،
ئېغىز ،قۇلاق،كۆزلەرنى.
ئېچىلمىغان چىرايدىن،
كۈلكە جىلۋە ئەيلىسۇن.
ئىللىق چىراي يۈزلەرنى ،
قورۇق بېسىپ كەتمىسۇن.
يۇيۇڭ يەنە ئېغىزنى،
ھەرگىز سەت گەپ چىقمىغاي.
پاكىز بولسۇن تاماقلار،
ھارام تاماق سىڭمىغاي.
يۇيۇڭ يەنە قۇلاقنى ،
تىڭشاڭ ئاۋام سۆزىنى.
ئۆزىڭىزنى چوڭ چاغلاپ،
ئويماڭ خەقنىڭ كۆزىنى.
يۇيۇڭ يەنە كۆزلەرنى،
كۆرۈڭ ھەقنى،ناھەقنى.
تورلاشمىسۇن كۆزىڭىز،
كۆرۈڭ ئەمگەك،مېھنەتنى.
ئۇزارمىسۇن قولىڭىز،
ھارام تاماق،سوغىغا،
يېقىنلاشماڭ ھەرگىزمۇ،
دوزاقلارنىڭ چوغلاغا،
پۇتىڭىزنى يۇۋېلىڭ،
بارماڭ ھەرگىز قاۋاققا.
يىقىلماستىن ماڭارسىز،
قۇلاق سېلىڭ ساۋاققا.
تۆت داس سۇنى ھەر دائىم،
ھەمرا قىلىڭ خىزمەتكە.
پاكلانسىڭىز ھەر دائىم،
ئەل ياغدۇرار ھۆرمەتكە.
قومۇل خەق رادىيو ئىستانسىسىدىن : ئەركىن زاكىر
|
|