( 5 پەردە،6كۆرۈنۈشلۈك تىراگىدىيىلىك كومىدىيە )
ئاساسلىق قاتناشقۇچىلار : غوجامنىياز: 28ياش ئالمىخان :20 ياش قادىر : 40 ياش تۇرسۇن : 45 ياش بىشىرشاھ : 50 ياش ئوسمان باي: 50ياش ئوردا ئەمەلدارلىرى ،مۆتىۋەر-بايلار،خىزمەتكارلار،مېھمانلار........... ۋاقتى : 1870 –يىللار بىرىنچى پەردە: لەڭگەردىكى ئۆتەڭ ئىككىنچى پەردە :ۋاڭ بېغىدا مەشرەپ ئۈچىنچى پەردە: ئۈرۈمچىدىكى ئۈچرىشىش تۆتىنچى پەردە : ۋاڭ ئوردىسىدا بەشىنچى پەردە: غوجامنىيازنىڭ ئۆيى (بۇ كومىدىيىنىڭ پىكىر ئىلىش نۇسخىسى بولۇپ،كومىدىيىنىڭ تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن بولىشى،مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى،ياردەمدە بولىشىنى چىن دىلىمدىن سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن.) بىرىنچى پەردە:لەڭگەردىكى ئۆتەڭ
سەھنە تۈزۈلىشى :باققا تۇتاشقان قەدىمى ھويلا،ھويلا ئىچىدە ئوتقاش گىلەملەر سېلىنغان چوڭ سۇپا .باغ كەينىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان گۈمبەز،باغدىن كاككۇكلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ........... (غوجامنىياز سەھنىنىڭ سول تەرىپىدىن بوياق ماتا پەنجىر كەيگەن،بىلىنى پوتا بىلەن باغلىغان ، مۇرىسىگە لۇڭگە ئارتقان ھالدا سەھنىگە كىرىپ سەھنە ئوتتۇرسىدا توختايدۇ. يىراقتىن ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازى ،كۈمۈش قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ) غوجامنىياز: چوقۇم مېھمان كەلدى ،بىر چىقىپ قاراپ باقاي قېنى !(سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە كىرىپ كېتىدۇ. كۈمۈش قوڭغۇراق ئاۋازلىرىغا قوشۇلۇپ،ئىتلارنىڭ قاۋىغان ،ئاتلارنىڭ كىشنىگەن، سودىگەرلەرنىڭ ئاتلارنى بەزلىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ . ) (غوجامنىياز ئىگىز قاما تۇماق كىيگەن ئىككى مېھماننى ھويلىغا باشلاپ كىرىدۇ ) كەلسىلە مېھمانلار ،كەلسىلە!!! بىرلا كەلگەن مېھماننىنىڭ ، غوجامنىياز: توۋۋا،تونىمايلا قاپتىمەن،ئۆزلىرى تۇرسۇن ئاكامغۇ؟ تۇرسۇن : كۆزلىرى پىششىق ئادەمكەنلا،بىز كۆرۈشمىگىلى ئىككى يىل بولاي دىدى.ھېلىمۇ تونىۋالدىلا. غوجامنىياز : بۇ سارايغا چۈشىدىغان ئادەم كۆپ.بەزىدە تونىيالماي قالسام خىجالەتتە قالىمەن.قېنى سۇپىغا كەلسىلە! (مېھمانلارنى سۇپىدىكى گىلەمگەكېلىپ ئولتۇرىدۇ.مېھمانلار جايلىشىۋېلىپ دۇئاغا قول كۆتىرىدۇ ،كەينىدىن تېنچلىق -ئامانلىق سورىشىدۇ ) تۇرسۇن : قانداق ئۇكام ،تېنچلىق تۇردىلامۇ؟ تۇرسۇن : خۇداغا شۇكرى تېنچلىق ئۇكام . (غوجامنىيازنىڭ ئەر مۇلازىمى پەتنۇستا نان،قەن-گېزەكلەرنى ئېلىپ چىقىپ تاماق شىرەسىگە قويىدۇ.) مۇلازىم : خوش كەپلا مېھمانلار!! خوش كەپتىلا . ۋۇي!بۇ تۇرسۇنئاخۇنكامكەنغۇ؟(قول ئۇزۇتۇپ كۆرىشىدۇ) تۇرسۇن : ياخشى تۇردىلامۇ ئۇكام ؟ مۇلازىم : ياخشى ،ياخشى !ئۆزلىرىنى بىر كۆرۈپلا تونىۋالدىم . كەلمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى-ھە ئاكا؟ تۇرسۇن : شۇنداق ئۇكام،بۇ قېتىم مېھمان باشلاپ كەلدىم. تۇرسۇن : بۇ كىشى، ئالدىقى قېتىم قونغاندا ئۆزلىرىگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ئىنىمىز قادىر بولىدۇ . بۇ قېتىم كۆزىنى ئېچىپ قوياي دىگەن نىيەت بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلدىم. مېنى كۆرگەن كۆزىڭلاردا كۆرگەيسىلەر. قېنى قادىر ئەمدى ساڭا ساھىپخاننى تونۇشتۇرۇپ قوياي.بۇ ئۇكىمىز مۇشۇ ساراينىڭ خوجايىنى ،قىزىقچى ،لەتىپىچى،ئۇسۇلچى،ھازىر جاۋاپ قوشاقچى غوجامنىياز بولىدۇ . غوجامنىياز : (قول سۇنۇپ قادىر بىلەن يەنە كۆرىشىدۇ ) غوجامنىياز : تۇرسۇن،قادىر: ھا..ھا..ھا.. تۇرسۇن : ھا...ھا...ھا......بىلىۋاپتىلا،بىلىۋاپتىلا. يەنە شۇ لەنجۇ تەرەپلەرگە بارايلىمىكىن دەۋاتىمىز . مىۋە-چىۋە، يولۋاس-تۈلكە تېرىسى،بۇغا مۈڭگۈزى، ئەتلەس قاتارلىق يىپەك ماللارنى ئېلىپ ماڭدۇق . (تۇرسۇن ،قادىرلار قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ) تۇرسۇن : چاقچاق قىلمىسلا،چاقچاق قىلمىسىلا،ئەلھەمدۇلىللا،سەپەر ئۈستىدىكى ئادەممىز.ئۇنداق ناشايىق ئىشلاردىن يىراق ئۇكام.قادىر ئۇكام ، بۇ ئادەم بەك قىزىقچى ئادەم .ئۇسۇلنىمۇ بەك ياخشى ئوينايدۇ.بىيىت-قوشاققىمۇ بەك ئۇستا.كارامىتىنى كۆرىسەن تېخى. قادىر : ئۇنداقتا بۈگۈن تازا بىر مەشرەپ ئوينايدىكەنمىزدە . (ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلىشىدۇ) غوجامنىياز : (سىرتقا قاراپ توۋلايدۇ) ھەي سالى ،ھەي سالى! (سالى كىرىپ قول قوشتۇرۇپ تۇرىدۇ) غوجامنىياز : ئاتلارغا ئوت سېلىپ بەر ! سالى : ماقۇل (چىقىپ كېتىدۇ) تۇرسۇن : ئەلۋەتتە! ئەلۋەتتە! ئۇزۇنمۇ بوپتۇ پاراڭلاشمىغىلى.بۈگۈن كېچە ئوبدان مۇڭدىشايلى.بولسا كەچتە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرەلا . كەينىدىن داپ بىلەن ئۇسۇل. ئاۋال تاماق يەيلى،ئاندىن مەشرەپنى باشلىساقمۇ بولىدۇ. تۇرسۇن : سەپەر ھاردۇقى يىتىپ قالدى .بولسا بالدۇر باشلاپ،بالدۇر ئارام ئالساق قانداق ئۇكا؟ تۇرسۇن : قېنى ئۇكام ،ئۇنداق بولسا مەشرەپنى باشلىمامدۇق ؟ غوجامنىياز:سەي سالى!(سالى كىرىدۇ) سالى : ھەئە ئاكا ،نىمە ئىش؟ غوجامنىياز : سەن بېرىپ ھاپىزلارنى چاقىر.ئۇلار كەلسۇن .تېز كەلسۇن! سالى : ماقۇل ئاكا،(چىقىپ كېتىدۇ) (نازۇ-نىمەتلەر يىغىلىدۇ،مېھمانلار دۇئاغا قول كۆتىرىدۇ ) (داپ،غىجەك،دۇتتار،تەمبۇر،چاڭ ... قاتارلىق سازلارنى كۆتەرگەن ھاپىزلار،بىرنەچچە بورتۇمشالىق ئاياللار سەھنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىدۇ ،تەكەللۇپلار قىلىشىدۇ.مېھمانلار تۆرىدە ئولتۇرىدۇ .) (مېھمانلار كۈلۇشۇپ،بارماقلىرىنى چىقىرىپ غوجامنىيازنى ماختايدۇ) غوجامنىياز: ئالدى بىلەن ھوزۇرلىرىغا قۇمۇل مۇقاملىرىدىن سۇنىمىز . قۇمۇل مۇقام - ناخشىلىرى بەك مۇڭلۇق،ئەۋرىشىم . قۇمۇل مۇقاملىرىدا باشقا مۇقاملارغا ئوخشاش سەلىقە ،جۇلا، مەرغۇل ، داستان تەركىپلىرى يوق دىيەرلىك ،پەقەت مۇقام بىلەن سەنەمدىنلا تەركىپ تاپقان . تۇرسۇن : قومۇل مۇقاملىرىنىڭ داڭقىنى ئۇزۇندىن ئاڭلاپ كەلدىم. بىرنەچچە قېتىم ئاڭلىدىم.قومۇل مۇقاملىرى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى باركەن.مۇقاملارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ،ھەقىقەتەن مۇڭلۇق ،ئەۋرىشىم ئىكەن. غوجامنىياز : بەك ماختىۋەتتىلە،بەك ماختىۋەتتىلە. تۇرسۇن: مەن كۆپ كىتاب كۆرىدىغان ئادەم. غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جاڭ چەن قۇمۇلدىن ماھىدۇر كۈيىنى چاڭ ئەنگە ئىلىپ بارغان.شۇ چاغدىكى خەنزۇ شائىرلىرى قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە مۇنداق شىئىرلارنى يازغان ئىكەن : ئاي راۋاق ئۈستىدە بەگزادە كۆڭۈل ئاچتى بۇئان، سازچى قىز كۈيلەپ ئىۋىرغول نەغمىسى قىلدى بايان. چالسا ماش رەڭپ پەنجىرە ئىچىدە ئىۋىرغول نەغمىسى، مەس قىلار قىزىل تاۋار مەيخانىدا مەي ئەھلىنى. چۆلسىرەپتۇ ئاڭلىماق تەس بوېتۇ قۇش ئاۋازىنى ، ئىككى كۆزدىن ياش ئاقار تىڭشاپ ئىۋىرغول سازىنى... غوجامنىياز : ئاكا ،ياخشى يېزىلغان شېئىرلاركەن جۇمۇ. ئۆزلىرىنىڭ بىلىدىغانلىرى ھەقىقەتەن كۆپكەن ئاكا! تۇرسۇن: قۇمۇل ھەقىقەتەن گۈزەل بىر ماكان ئىكەن،بۇ يۇرتنىڭ خەلقمۇ،تاغلىرىمۇ-باغلىرىمۇ گۈزەل!... ئەنە قارا ، قىش- ياز قار – مۇزلىرۈ ئېرىمەيدىغان باغداش تىغى . قۇمۇل ۋاڭىلىقىمۇ 200 يىلدىن ئارتۇق تارىققا ئىگە ۋاڭلىق بولۇپ، كۆپ قىتىم بىيجىڭ خاننىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشىپ كەلگەن .قۇمۇل خەلقىمۇ ئەمگەكچان، جاسارەتلىك، باتۇر خەلق ئىكەن . قۇمۇل قەدىمدىن تارتىې ئۇرۇش ئوچىقى بولۇپ كەلگەن.قومۇل ناخشىلىرىدا قومۇل خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق مۇڭ-زارى ، تۇرمۇش ئۆرپە-ئادەتلىرى، باراۋەرلىك،ئەركىنلىك،ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشلىرى، پاك مۇھەببەتكە بولغان تەشنالىقى ئىپادىلىنىدىكەن. غوجامنىياز : قېنى مۇقام باشلانسۇن .(غىجەكنىڭ باشلىشى بىلەن مۇقام ئورۇنلىنىدۇ) مۇقام: (ئۇلۇغدۇر مۇقامىدىن پارچە ) بىرىگە ئانچە مەيلىم يوق ، سېنىڭ ئىشقىڭدا ئەي دىلبەر ، سېنىڭ ئىشقىڭدا ئەي دىلبەر ، يۈرەگىم قىپ-قىزىل قاندۇر. ........................................ (مۇقام ئېيتىلىپ سەنەم قىسمىغا كەلگەندە ئەر-ئاياللار ئۇسۇل-پوتا ئوينايدۇ. مەشرەپ ئەۋجىگە چىققاندا قىقاشلار ئېيتىلىدۇ.مېھمانلار باشلىرىنى چايقىشىپ ، ساقاللىرىنى سىلاپ ، ھەيرانە-ھەس بولىدۇ) تۇرسۇن : ئەمدى قۇمۇل ئەلنەغمىلىرىدىن توخۇ ئۇسۇلى،چاق ئۇسۇلى ،تۆگەئۇسۇلىنى كۆرسەك بولارمۇ ؟ غوجامنىياز : بولىدۇ ،بولىدۇ.قېنى ھاپىزلار باشلاڭلار. (ھاپىزلار توخۇ ئۇسۇلى،چاق ئۇسۇلى،تۆگە ئۇسۇللىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى چالىدۇ ،غوجامنىياز ھەجۋى ئۇسۇللىرى بىلەن مېھمانلارنى قاقاقلاپ كۈلدۈرىدۇ . ھەممەيلەن ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتىدۇ . مەشرەپ ئاخىرلىشىدۇ) قادىر : ئۇكام غوجامنىياز ،ئۆزلىرىگە قايىل بولدۇم ،ئالمىخاننى ئۆزلىرىلا يېڭەلەيدىغان ئوخشايلا . غوجامنىياز :نىمە ؟ كىم ئۇ ئالمىخان دىگەن ؟ تۇرسۇن : ئۈرۈمچىدە «ئالمىخان» ئىسىملىك بىر كۇچالىق ئايال پەيدا بولۇپ قالدى . ھۆسنى جامالى شۇنداق كېلىشكەن ، قوشاقچى،ئۇسۇلچى، ھازىر جاۋاپ ئايال . نۇرغۇن بەگ-تۆرىلەرنىڭ يۈرىگى ئالمىخاننىڭ دەردىدە قان زەرداپ بولۇپ كەتتى ،ئالمىخان «كىم مېنى شېئىر-قوشاق،بىيىت ئېيتىپ يېڭىۋالسا،تېپىشماقلىرىمنى تاپالىسا شۇنىڭغا ياتلىق بولىمەن » دەپ شەرت قويدى. نۇرغۇن بايلار پۇللىرىنى دو تىككەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئالمىخانغا ئۇتتۇرىۋەتتى .تېخى ئالمىخاننى يەڭگۈدەك ئادەم چىقمىدى ........ غوجامنىياز :(مونۇلۇگ)ئالمىخان؟!ئالمىخان؟! غوجامنىياز :(مېھمانلارغا قاراپ) بولدى ،بۇ گەپ راست بولسا ئالمىخاننى ئۆزەم يېڭىمەن.مەن ئەمرىمگە ئالىمەن. (قوللىرىدىن قاس چىقىرىدۇ،) (تۇرسۇن بىلەن قادىر كۈلىشىپ كېتىدۇ. باشقىلارمۇ كۈلىدۇ) تۇرسۇن: لېكىن بۇ ئوڭايغا توختىمامدىكىن. تۇرسۇن : سۇنى كۆرمەي ئىشتان سالمىغۇلۇق. غوجامنىياز : ئەدەپسىزلىگىمنى كەچۈرسىلە . تۇرسۇن :يوقسۇ،يوقسۇ. خوش ئۇكام ، رەھمەت!ئارام ئالايلى. غوجامنىياز : خوش،ئاللا سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغاي،ئامىن !! ( ساھىپخانلار مېھمانلارنى ئۇزۇتۇپ چىقىپ كېتىدۇ،پەردە يېپىلىدۇ )
ئىككىنچى پەردە:ۋاڭ بېغىدا مەشرەپ
سەھنە كۆرۈنىشى : ھەيۋەتلىك شاھ ئوردىسىغا يانداشقان باغ . ( ۋاڭ بىرمۇنچە مېھمانلار،ۋەزىر-ۋۇزرالار، خىزمەتكارلارنى باشلاپ باققا كىرىدۇ. مېھمانلار ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ) ۋاڭ : لۈكچۈن ۋاڭى بىلەن بىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دوسلىقىمىز بار،لۈكچۈن ۋاڭلىرى بېيجىڭغا مېڭىشىدا مېنى كۆپ قېتىم يوقلاپ تۇردى.مەن ئۇلاردىن كۆپ مەمنۇن. مېھمان ئا : ۋاڭ غوجامنىڭ ئىلتىپاتىنى بىزنىڭ ۋاڭلىرىمىز ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.بىزمۇ كۆپ مىننەتدار. ۋاڭ : بۇ قېتىم ئوبدان كېلىشىپلا ،بۈگۈن بۇ باغدا ئوبدان بىر تاماشا قىلايلى. مېھمانلار : ۋاڭ گوجامغا كۆپ رەھمەت!! ۋاڭ : قېنى ھاپىزلار سورۇنغا كىرسۇن! جاكارچى : ناخشىچى،ھاپىزلار مەشرەپ سورىنىغا كىرىپ ئورۇن ئالسۇن!! (بىرنەچچە سازەندە-ھاپىزلار مەشرەپ سورىنىغا كىرىپ ۋاڭغا تەزىم قىلىدۇ) ناخشىچى-ھاپىزلار : ۋاڭ ئالىلىرى ئامان بولسۇن!!(ئىگىلىپ تەزىم قىلىدۇ) ۋاڭ : ھەممەيلەنگە ئىجازەت!! (ھەممەيلەن ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ) ۋاڭ : قېنى مەشرەپ باشلانسۇن! («سايراڭ بۇلبۇلۇم مۇقامى» ئورۇندىلىدۇ.مۇقام ئورۇندالغاندا پوتا ئوينىلىدۇ،سەنەمگە چۈشكەندە قىز-چوكانلار ئۇسۇلغا چۈشىدۇ) لۈكچۈنلۈك مېھمانلار: ياخشى !ياخشى !،ياخشى ئوينىدى. ۋاڭ : مېھمانلارنىمۇ ئۇسۇلغا تارتىڭلار ! (قومۇللۇق قىز-چوكانلار مېھمانلارنى ئۇسۇلغا تارتىدۇ.مەشرەپ داۋاملىشىدۇ.) ۋاڭ : ئەمدى مەشرەپ توختىسۇن.قىزىقچىلىق قىلىش باشلانسۇن!! جاكاچى :قىزىقچى قاسىم بىلەن قىزىقچى خوجامنىياز كەلدى !! (قاسىم قىزىق،غوجامنىيازلار كىرىدۇ) قاسىم قىزىق،خوجامنىياز : ۋاڭ ئالىلىرىنىڭ ئالتۇن بويى ئامان بولغاي! ۋاڭ : ھەئە، قاسىم قىزىق،خوجامنىياز ، مېھمانلار سىلەرنىڭ كارامىتىڭنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ كەتتى،قېنى مېھمانلارنى بىر كۈلدۈرۈپ قويۇڭلار!ئاۋال قاسىم باشلىسۇن! قاسىم قىزىق :باش ئۈستىگە!قېنى قانداق قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىمەن ۋاڭ غوجام؟ ۋاڭ : بۇلار ھەرقانداق قىزىقچىلىقنى قىلالايدۇ. قېنى مېھمانلار سىلەر تەلەپ قىلىڭلار . مېھمان ئا : قاسىم بىزگە كىچىك بالىنى دوراپ بەرسۇن! قاسىم قىزىق : كىچىك بالىنى؟ بولىدۇ،بولىدۇ. (قاسىم قىزىق قەن-كېزەكلەرنى ئۇياق-بۇياققا ئاتىدۇ،ئاندىن بىر مېھماننىڭ ئىتىگىگە چىقىپ ئولتۇرىۋالىدۇ.) مېھمان ب : قاسىم ئاخۇن بۇ قانداق قىلىق؟ قاسىم قىزىق : مەن كىچىك بالىنى دوراۋاتىمەن . (ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلىشىدۇ) مېھمان س : قاسىم قىزىق ئەمدى ئايال كىشىنى دوراپ بەرسۇن. قاسىم قىزىق: ئايال كىشىنى؟؟!! (قاسىم قىزىق بىر ئايالنىڭ ياغلىقىنى چىگىۋېلىپ،مېھمانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ،ھەجۋى قىلىقلارنى چىقىرىپ مېھمانلارنى كۈلدۈرىدۇ) ۋاڭ :ئەمدى غوجامنىياز قىزىقچىلىق قىلسۇن. قېنى سەن غوجامنىياز؟ ھۈنىرىڭنى بىر كۆرسىتىپ مېھمانلار كۆڭلىنى خوش ئەت! غوجامنىياز : باش ئۈستىگە( بېشىنى ئىگىپ تۇرىدۇ) ۋاڭ : قېنى مېھمانلار غوجامنىياز سىلەرگە قانداق قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىدۇ؟ مېھمان س : ئاڭلىساق قومۇلنىڭ ئاجايىپ ئۇسۇللىرى بار دەيدۇ.بولسا شۇ ئۇسۇللاردىن ئويناپ بەرسە. مېھمانلار : بارىكاللا !!،بارىكاللا! (ھاپىزلار«بۈرگەم» ،نازىركوم ئۇسۇلى،تۆگە ئۇسۇلىغا چېلىپ بېرىدۇ،غوجامنىياز ھەرخىل قىلىقلارنى چىقىرىپ ئۇسۇل ئويناپ مېھمانلارنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرىدۇ) مېھمانلار : بارىكاللا!!بارىكاللا!! مېھمانلار : ۋاڭ ئالىلىرى ھەر دائىم خوشال ئۆتكەي!خوشال ئۆتكەي! ۋاڭ : ئۆزلىرلالا خوش بولسىلا مېنىڭ خوشاللىقىم شۇ.غوجىدار!! غوجىدار : خوش ۋاڭ غوجام !(غوجىدار كىرىپ باش ئېگىپ تۇرىدۇ) ۋاڭ : بۇ قىزىقچىلار بىر يامبۇ بىلەن تارتۇقلانسۇن.! مېھمان ب: ۋاڭ غوجام ئەمدى ئارام ئالايلى . ۋاڭ : بولىدۇ ،قېنى مەرھەمەت!!(مېھمانلارغا يول كۆرسىتىدۇ) (غوجامنىياز ۋاڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىدۇ) غوجامنىياز :ۋاڭ ئالىلىرىغا سۆزۈم بار ئىدى.(ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدا توختايدۇ) ۋاڭ :ئورنىڭدىن تۇر!ھەئە سۆزلە ،نىمە گېپىڭ بار ئىدى؟ خوجامنىياز :(ئورنىدىن تۇرۇپ ،باش ئېگىپ قول قوشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ) ھوزۇرلىرىغا كىرىپ ،ئۆزلىرى بىلەن دىدارلاشماق تەس. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن ھوزۇرلىرىدا بولۇپ ، مەشرەپ- سورۇنلارغا قاتناشتىم .قىزىقچىلىقلىرىم بىلەن ئۆزلىرىنى خوش قىلدىم .ئەمدى بىر تەلىپىم بار ئىدى. غوجامنىياز: ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدە ئالمىخان ئىسىملىك بىر ئايال پەيدا بولۇپ قاپتۇ .ئۇ ئايال ناخشىچى، ھازىرجاۋاپ قوشاقچى ئىكەن، ئۇنى قوشاق ئېيتىش،تېپىشماق تېپىش،ئۇسۇل ئويناشتا يېڭىپ ئەمرىمگە ئالايمىكىن دەيمەن . ئالىلىرىنىڭ قۇللىرىغا ئىجازەت ۋاڭ : (قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ .) خوجامنىياز ، سەن مېنىڭ قۇلۇم سەن ماڭا چەكسىز سادىق بولۇپ كەلدىڭ . مەشرەپ – سورۇنلاردا مېنىڭ كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ .ئالمىخاندىن مېنىڭمۇ خەۋرىم بار. بىراق،ھەر-ھەر بەگ ،تۆرىلەر ئالالمىغان ئالمىخاننى سېنىڭ ئالالىشىڭ... غوجامنىياز : قۇللىرىغا ئىشەنسىلە ۋاڭ غوجام. ۋاڭ : ئالمىخاننى يېڭىۋېلىشقا ئىشەنچىڭ بارمۇ ؟ خوجامنىياز : ئىشەنچىم بارۋاڭ غوجام! ۋاڭ : بولىدۇ،يارلىق !خوجامنىياز قۇلغا ئىجازەت بېرىلسۇن !ئۇرۈمچىگە چىقىپ كەلسەڭ بولىدۇ. خوجامنىياز : ۋاڭ غوجامغا مىڭ رەھمەت !مىڭ رەھمەت!... (غوجامنىياز قول قوشتۇرۇپ جىم تۇرىدۇ) ۋاڭ : ئىجازەت بەرسەم چىقىپ كەتمەي يەنە تۇرىسەنغۇ؟ ئون سەككىز كۈن يول ئىكەن ، ۋاڭ : توغرا ،سەن بىر قۇل تۇرساڭ،سەندە نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل بولسۇن.غوجىدار !!(غوجىدارنى چاقىرىدۇ) غوجىدار : خوش ۋاڭغوجام!(غوجىدار كىرىپ باش ئىگىپ تۇرىدۇ) ۋاڭ : غوجامنىيازغا بەش يامبۇ بېرىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار ! غوجامنىياز : ۋاڭ غوجامغا مىڭ رەھمەت!!ۋاڭ غوجامغا مىڭ رەخمەت! (غوجامنىياز كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كېتىدۇ.ۋاڭمۇ مېھمانلارنى باشلاپ چىقىپ كېتىدۇ .پەردە يېپىلىدۇ)
ئۈچۈنچى پەردە : ئۈرۈمچىدىكى ئۈچرىشىش سەھنە كۆرىنىشى:پىشايۋانلىق ھويلا،ھويلىغا يانداش قاتار-قاتار كەپە ئۆيلەر كۆرىنىپ تۇرىدۇ.ياغاچ رىشاتكىنىڭ يېنىدىكى كەڭ سۇپىدا ئوسمان باي ياستۇققا يۆلىنىپ ،يەلپۈگۈچتە ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان ھالەتتە سەھنە ئېچىلىدۇ. (ئوسمان باينىڭ ئايالى ئانارخان چاي كۆتىرىپ چىقىپ ،ئوسمان بايغا چاي قۇيىدۇ) ئانارخان: بېگىم،ئىشىك ئالدىغا بىر مەدىكا كېلىپ قاپتۇ. ئىش بولسا قىلسام دەيدۇ. ئوسمان باي :نەدىن كەپتۇ؟ ئۇنى كىرگۈزىۋەت ،پاراڭلىشىپ باقاي. (ئانارخان چىقىپ كېتىدۇ.غوجامنىياز بىر قولىدا قومۇل غىجىگى كۆتەرگەن ھالدا كىرىدۇ) غوجامنىياز: ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باي ئاڭا!! ئوسمان باي: ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام.(ئورنىدىن تۇرۇپ غوجامنىياز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ) غوجامنىياز: مەن بىر مەدىكار ،ئىش بولسا قىلايمىكىن دەيمەن. ئوسمان باي : سىلىنى نەدىن سورايمىز ئۇكام؟ غوجامنىياز : مەن قومۇلدىن كەلدىم ، ئوسمان باي :قومۇلدىن؟ مەن قومۇللۇق مەدىكانى تۇنجى كۆرىشىم ئۇكام ھا...ھا...ھا... غوجامنىياز: ئۈرۈمچىگە تۇققان يوقلاپ چىققان،قايتىشىمدا پۇلۇم قالمىدى ،شۇڭا...... ئوسمان باي :چىققىلى ئۇزۇن بولدىمۇ؟يۇرت ئەھۋالى قانداقراق؟نەچچە كۈندە يىتىپ چىقتىلا؟ غوجامنىياز :ۋاڭ غوجامنىڭ ئىلتىپاتىدا ئوبدان كېتىۋاتىدۇ.كارۋانلارغا ئەگىشىپ 18 كۈندە يىتىپ چىقتىم. ئوسمان باي : نام –شەرەپلىرى نىمىكىن؟ غوجامنىياز : ئىسمىم غوجامنىياز.نىمە ئىش قىلالايدىلا ؟ غوجامنىياز : قانداق ئىش بولسا قىلالايمەن،باي ئاكا! ئوسمان باي : ياخشى،ياخشى بەستىلىرىدىن قارىسىمۇ خېلى ئەركەكتەك كۆرىنىلا.بولىدۇ ھازىرچە ئوتۇن كەسلەش،سۇ توشۇشتەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرسىلا!كېيىنچە مۇۋاپىق ئىش چىقىپ قالۇر. ھەي ئانارخان ، مېھمانغا چاي كەلتۇر! (ئوسمانباي غىجەكنى قولىغا ئالىدۇ) ئوسمانباي : بۇ قانداق ساز ؟ غوجامنىياز : بۇ قومۇل غىجىگى .بۇ ساز پەقەت قومۇلدىلا بار .تولىمۇ مۇڭلۇق ئاڭلىنىدۇ. ئوسمانباي :قېنى ئەمىسە بىر چېلىپ باقماملا؟ (ئانارخان كىرىپ،غوجامنىيازغا چاي كەلتۈرىدۇ.ئانارخان چاينى قۇيۇپ قويۇپلا چىقىپ كېتىدۇ) ئوسمانباي : ئېسىم قۇرىسۇن،«ئاۋال تائام ،ئاندىن كالام»دەپتىكەن.ئالدى بىلەن تاماق يەيلى،ئاندىن... غوجامنىياز : ھېچقىسى يوق،ئاۋال ئۆزلىرىگە بىر مۇڭ قىلىپ بېرەي. (غوجامنىياز غىجەكنى ئازراق سازلىۋالغاندىن كېيىن قومۇل مۇقاملىرىدىن «يۇردۇم ئالەم»مۇقامىنى چالىدۇ.ئوسمانباي مۇڭ بولۇپ ئاڭلايدۇ.) ئوسمانباي : بەك مۇڭ سازكەن .بەك مۇڭ سازكەن.ئەجەپ كۆرۈپ باقماپتىمەن. ئۈرۈمچىگە بىرەر ئىش بىلەن چىققاندەك تۇرىللا.بىلىپ باقسام بولامدۇ؟ غوجامنىياز :راست گەپنى دەي باي ئاكا. ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدە ‹ئالمىخان› ئىسىملىك بىر ئايال باركەن. ئۇ ئۇسۇل ئويناش،قوشاق ئېيتىش،تېپىشماق تېپىشتا بەك ئۇستىكەن. بەگ –تۆرىلەر بىلەن دوئىلغا چۈشۈپتۇ.كىم ئۇنى ئۇسۇل ئويناش،قوشاق قېتىش،تېپىشماق تېپىشتا يېڭىۋالسا ئۇ شۇنىڭ ئەمرىگە ئۆتىدىكەن ،شۇنداقمۇ؟ ئوسمانباي : شۇنداق،شۇنداق.بىراق ھازىرغىچە بىرمۇ باي-تۆرە ئۇنى يېڭەلمىدى،يا ئەمرىگە ئالالمىدى. ئۇ نۇرغۇن باينىڭ پۇلىنى ئۇتىۋالدى.ئۇ ئايالغا تەڭ كېلىدىغان ئادەم چىقماسمىكىن دەيمەن. غوجامنىياز : مانا مەن شۇ ئىش توغرىلىق چىقتىم. بىر دوئىلغا چۈشۈپ باقاي دەيمەن. ئوسمان باي : ھا...ھا...ھا...بىكار ئاۋارە بولمىسلا،ئۇ بەك يامان ئايال .نى-نى نەۋقىران يىگىتلەر،باي،بەگ تۆرىلەر ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا كۆيۈپ،پەرۋانىدەك ئۆزىنى بۇ ئوتقا ئۇرۇپ باقتى.بىراق كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى.ئۆلىرىمۇ ئۇتالمايلا، بۇ نىيەتلىرىدىن يانسىلا بولارمىكىن..ناۋادا ئۆزلىرىگە ئىشەنچىلىرى بولسا، ئالمىخاننى ئۇتىۋالىدىغان ئىش بولسا مانا مەن سورۇننى ئۇيۇشتۇرىمەن. غوجامنىياز : رەھمەت باي ئاكا،شۇنچىلىك دەپ قويغانلىرىغا.ماڭا ئىشەنسىلە باي ئاكا ،چوقۇم ئۇتۇپ چىقىمەن. ئوسمان باي: ئەمىسە تەييارلىقلىرىنى قىلسىلا . ئۇ ئايال ھەر ئاخشىمى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ.سەل ساقلىساق بۈگۈنمۇ ئۆتۈپ قالامدۇ-تېخى! (ئوسمان باي ئورنىدىن تۇرۇپ، ياغاچ رىشاتكىدىن تۆۋەنگە قارايدۇ.) ئوسمان باي : ئەنە ،ئەنە كېلىۋاتىدۇ.ئاشۇ مەپىنىڭ(پەيتۇن) ئىچىدە. (غوجامنىيازمۇ بېرىپ تەڭ قارايدۇ) غوجامنىياز : مەپىدىن چۈشكەن شۇمۇ؟ ئوسمان باي :دەل ئۆزى.قىزىل دۇخاۋا كۆينەك،قاما تۇماق كەيگەن ئالمىخان شۇ. يېنىدىكى ئىككى ئايال ئۇنىڭ قوغدۇغۇچىلىرى. غوجامنىياز : كۆردۈم،كۆردۈم. ئۇلار ھېلىلا مۇشۇ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتىدۇ. (ئالمىخان ئىككى ھەمرىيى بىلەن سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كىرىپ سول تەرىپىدىن چىقىپ كېتىدۇ.ئوسمان باي بىلەن غوجامنىياز ئالمىخانغا ئاچكۆزلەرچە قاراپ قالىدۇ.پەردە يېپىلىدۇ) سەھنە : 1-كۆرۈنۈش بىلەن ئوخشاش. (ئوسمان باينىڭ ھويلىسىدا باي كەيىمى كەيگەن غوجامنىياز، بىرنەچچە بەگ-تۆرىلەر قاتارلىشىپ ئولتۇرغان،مېھمانلارنىڭ ئالدىغا نازۇ-نېمەتلەر تىزىلغان ھالەتتە پەردە ئېچىلىدۇ.) ئىشىك باقار : ئالمىخان خېنىم كەلدى!! ئالمىخان :ھەممىلىرىگە سالام!(ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام بېرىدۇ) مېھمانلار : ئالمىخانمۇ سالامەت بولغاي! (ئالمىخان ئىككى ھەمرىيى بىلەن كىرىپ ،تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ) ئوسمان باي :بۈگۈن ئىنىم غوجامنىيازباي ئالمىخان بىلەن بەسلەشمەكچى.ئالمىخان بىلەن شۇنداق كېلىشتۇقكى، ناۋادا ئىنىم ئالمىخاننى يېڭىۋالسا بۈگۈنلا نىكاھى ئوقۇلۇپ ،ئىنىمغا قوشۇپ قويۇلىدۇ. ناۋادا يېڭەلمەي قالسا ئالمىخانغا 5 يامبۇ بېرىلىدۇ.ھەممىلىرى گۇۋا بولغايلا. بەگ-تۆرىلەر : بىز گۇۋا،بىز گۇۋا. ئوسمان باي : ھازىر بەسلىشىش باشلىنىدۇ.ئاۋال قوشاق توقۇشتا بەسلىشىدۇ،قېنى بەسلىشىش باشلانسۇن! (ئالمىخان بىلەن غوجامنىياز سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ توختايدۇ.بىر-بىرىگە قاراپ تەبەسسۈم قىلىشىدۇ.قوشاقلاردىن كېيىن قىقاس سېلىنىدۇ) ئوسمان باي : ئاۋال غوجامنىياز بىيىت ئېيتىدۇ.ئالمىخان بىيىت بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ. ئون سەككىز كۈن يول ماڭدىم، ئوسمان باي :ئەمدى ئالمىخان بىيىت ئېيتىدۇ.غوجامنىياز بىيىت بىلەن جاۋاپ قىلىدۇ. ئوسمان باي : سۇئال-جاۋاپ توختىدى.ئۇلار بىر-بىرىنى يېڭەلمىدى. ئىختىيارى بىيىت ئېيتىش باشلىنىدۇ.قېنى باشلانسۇن. بىلىمنى مەھكەم باغلىدىم . كۆپچىلىك : يېڭىلدى ،يېڭىلدى ،ھوي!!!!!!!!! ئوسمان باي : بۇ مۇسابىقىدە ئالمىخان يېڭىلدى .ئەمدى تېپىشماق ئېيتىش مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.مۇسابىقە باشلانسۇن!! شىكەر دىسەم تاتلىق ئەمەس، ئاق تۇز دىسەم ئاچچىق ئەمەس. ئوسمان باي : يېڭىلدى،يېڭىلدى،ئالمىخان جاۋاپ بېرەلمىدى. (ئالمىخان يېڭىلىپ قالغىنىدىن خىجالات بولۇپ،بېشىنى سېلىپ تۇرىدۇ) ئوسمان باي : ئەمدى ناخشا-ئۇسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قېنى مۇسابىقە باشلانسۇن. ئالدى بىلەن ئالمىخان باشلىسۇن . (ئالمىخان دۇتتارنى ئېلىپ كۇچا خەلق ناخشىلىرىدىن ئېيتىدۇ) سېنىڭ جانىڭ ،مېنىڭ جانىم بىر جان ئەمەسمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جانىم قۇربان ئەمەسمۇ. ....................................... (غوجامنىياز پىقىراپ ئۇسۇل ئوينايدۇ،ئالمىخانغا بېقىپ،ھەجۋى شەكىللەرنى چىقىرىدۇ.قىقاس كۆتىرىلىدۇ) ئوسمانباي :ئەمدى نۆۋەت غوجامنىيازغا كەلدى.قېنى غوجامنىياز باشلىسۇن. (غوجامنىياز غىجەكنى ئېلىپ قومۇل مۇقاملىرىدىن «ئىراق مۇقامى»غا چالىدۇ.ئالمىخان دەسلەپكى ئىككى چۈشۈرگىگە ئۇسۇل ئوينايدۇ.ئۈچۈنچى چۈشۈرگىگە كەلگەندە ئوينىيالماي قالىدۇ ،قىقاس-چۈقان كۆتىرىلىدۇ.) كۆپچىلىك : يېڭىلدى،يېڭىلدى،ئالمىخان يېڭىلدى. ئالمىخان:(ئوڭايسىز ھالدا)مەن يېڭىلدىم،غوجامنىيازنىڭ ئۆمرىگە ئۆتۈشكە رازى بولدۇم. كۆپچىلىك: مۇبارەك بولسۇن،مۇبارەك بولسۇن.قېنى نىكاھنى ئوقۇيلى. (كۆپچىلىك غوجامنىياز بىلەن ئالمىخاننى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.پەردە يېپىلىدۇ)
تۆتىنچى پەردە: ۋاڭ ئوردىسىدا
سەھنە كۆرىنىشى :ھەيۋەتلىك ۋاڭ ئوردىسى . (ۋاڭ تەخىتتە ئولتۇرغان،ۋەزىر-ۋۇزرالار باش ئىگىپ تۇرغان ھالەتتە پەردە ئېچىلىدۇ.) ۋاڭ : ھەممەيلەنگە ئىجازەت!(ھەممەيلەن ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ) جاكاچى : غوجامنىياز بىلەن ئالمىخان كەلدى!! (غوجامنىياز بىلەن ئالمىخان كىرىدۇ،ئىگىلىپ ۋاڭغا سالام قىلىدۇ) غوجامنىياز،ئالمىخان : ۋاڭ غوجام ئامان بولغاي!!ۋاڭ غوجامنىڭ ئالتۇن بويى ئامانمىكىن؟ ۋاڭ : غوجامنىياز ساڭا بارىكاللا! ئالمىخاننى ئېلىپ كېلىپسەن ھا..ھا...ھا... غوجامنىياز : ۋاڭ غوجامنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئالمىخاننى ئېلىپ كەلدىم.ۋاڭ غوجامغا مىڭ رەھمەت!! ئالمىخان : خوش ۋاڭ غوجام. ۋاڭ : ئۇزۇندىن بېرى داڭقىلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم. ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن مېنىڭ خانلىق ھوزۇرۇمغا كېلىپ قالدىلا. غوجامنىياز مېنىڭ قۇلۇم بولسىمۇ ،ئۆزلىرى مېنىڭ مېھمىنىم .كارامەتلىرىنى كۆرەي،بۈگۈن بۇ سورۇندا بىزگە بىر قىزىقچىلىق قىلىپ بەرسىلە،باشقىلارغا ئىجازەت!!(ھەممەيلەن ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ) ئالمىخان : باش ئۈستىگە ۋاڭ غوجام. غوجامنىياز : ۋاڭ غوجامغا سالامغا كىرگەندە،ۋاڭ غوجامنىڭ ھوزۇرىغا سۇنارمىز دەپ ئالمىخان بىلەن ئىككىمىز بىر لەپەر تەييارلاپ قويغان ئىدۇق. (غوجامنىياز بىلەن ئالمىخان سەھنىنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىپ بىر-بىرىگە تەزىم قىلغاندىن كېيىن لەپەر ئوينايدۇ) ۋاڭ : ياخشى!!ياخشى! سىلەر مېنى ماختاپ بۇ نەزمىنى توقۇپ چىقىپسىلەر. كۈنىڭلەر كۆڭۈللۈك ئۆتكەي .ھەراست، ئالمىخاننى دۇتارچى،ناخشىچى دەپ ئاڭلىۋېدىم.ناخشىلىرىمۇ ئاڭلاپ باقايلى. غۇجامنىياز : شۇنداق ۋاڭ ئالىلىرى ،قېنى ئالمىخان....؟ (ئالمىخان دۇتتارنى قولىغا ئېلىپ،كۇچا خەلق ناخشىسى«بۇلبۇلجان»نى ئېيتىدۇ) نەقرات :بۇلبۇلجان،بۇلبۇلجان سايراپ ئۆتتىڭىز، باغرىمغا يېقىپ ئىشقى ئوتىنى بىر چىرايلىق قاراپ ئۆتتىڭىز. ئۆرگەلدى پەلەك،چۆرگەلدى خەمەك. يارنىڭ ئىشقىدا كۆيىدۇ يۈرەك. ۋاڭ : بەك مەمنۇن بولدۇم ،كۇچا بۇلبۇلى مانا ئەمدى بىزنىڭ قومۇلغا كەپتۇ.ئاڭلىسام ئالمىخان ھازىر جاۋاپ قوشاقچىكەن .بىزنىڭ ئەمەت قالتىس بىلەن بىر مۇسابىقىگە چۈشۈپ باقسا قانداق دەيسىلەر . كۆپچىلىك : ۋاڭ غوجام دانادۇر ،ۋاڭ غوجام دانادۇر! جاكارچى : ئەمەت قالتىس ۋاڭ ئوردىسىغا كىرسۇن! (بىر يىگىت ۋاڭ ئوردىسىغا كىرىدۇ.ۋاڭغا سالام قىلىدۇ) ئەمەت قالتىس : ۋاڭغوجام ئامان بولغاي! ۋاڭ : كۇچا بۇلبۇلى ئالمىخان قومۇلغا كەلدى . ئالمىخانمۇ ساڭا ئوخشاش ھازىر جاۋاپ قوشاقچى. ھازىر سىلەر نەق مەيداندا قوشاق ئېيتىشىپ ،بىزگە كۈلكە ئاتا قىلغايسىلەر. ئەمەت قالتىس:باش ئۈستىگە. جاكارچى : ئېيتىشىش باشلانسۇن! كۆپچىلىك : يېڭىلدى،يېڭىلدى.ئەمەت قالتىس يېڭىلدى.(قىقاس) ئەمەت قالتىس : مەن يېڭىلدىم . ۋاڭ : ھەئە، بۈگۈنكى تاماشا مۇشۇنچىلىك بولسۇن.(پەردە يېپىلىدۇ)
بەشىنچى پەردە :غوجامنىيازنىڭ ئۆيى سەھنە كۆرىنىشى:جۈجەم باراڭلىق ھويلا،ھويلىغا يانداش ئۆي. ئۆي يېنىغا سېلىنغان سۇپا . ئالمىخان دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالەتتە پەردە ئېچىلىدۇ. ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ.... (غوجامنىياز ئۇسۇل ئويناپلا سەھنىگە كىرىدۇ.ئالمىخان تېخىمۇ ئەۋجىگە چالىدۇ) غوجامنىياز: چالسىلا!چالسىلا! ناخشا ئېيتسىلا،مەن ئۇسۇل ئويناي. (ئالمىخان ناخشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ،غوجامنىياز ئالمىخانغا بېقىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ.) غوجامنىياز: ئەمدى مەن چالاي،ئۆزلىرى ئوينىسىلا. (غوجامنىياز دۇتتارنى چېلىپ، قومۇل ناخشىلىرىدىن ئېيتىدۇ.ئالمىخان ئۇسۇل ئوينايدۇ.) غوجامنىياز :(ئۇسۇلدىن توختاپ)مەن قويلارغا قاراپ باقاي ، ئۆزلىرى ئولتۇرۇپ تۇرسىلا . (ئالمىخان قولىغا دۇتتارنى ئېلىشىغا قولۇم –قوشنىلار كىرىدۇ. ئالمىخان : كەلسىلە قوشنىلار ، كەلسىلەر ،كەلسىلەر. قوشنا ئا : ھويلىدىن دۇتتار،ناخشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن كىردۇق. ئالمىخان : ياخشى بوپتۇ ،ياخشى بوپتۇ،قېنى سۇپىغا چىقىپ ئولتۇرسىلا.(قوشنىلار ئولتۇرىدۇ)چاي كەلتۈرەي! قوشنىلار: بولدى ،بولدى ،ناخشا ئاڭلايلى ئالىمىخان : مەن ئۆزلىرلاغا ناخشا ئېيتىپ بېرەي.مەن قومۇل ناخشىلىرىنىمۇ ئۆگىۋالدىم . ئالمىخان : ئېيتتىم ئەمىسە. (دۇتتارنى ئېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ) ئاغرىقنىمۇ تارتقان بىلەر. يار ئىشقىدا كۆيگەن بىلەر. قوشنا ئا : ئالمىخان ،بىرەر ئىش كۆڭۈللىرىگە كېلىپ قالدىمۇ نىمە؟ ئالمىخان : ئۇنداق ئىش يوققۇ. بىرەر گەپ ئاڭلىدىلامۇ-يە؟! قوشنا ئا: ياق،ياق،ناخشىلىرىدا بىر خىل ئازاپنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇچۇ؟ ئالمىخان : ئۇنداقمۇ ئەمەس(ئۇھ تارتىدۇ) قوشنا يىگىت :بولدى،بولدى. ئالمىخان ،ئۆزلىرى ھازىر جاۋاپ قوشاقچى ، مەن ئۇزۇندىن قىلغان تەييارلىق قىلىپ ،ئۆزلىرى بىلەن بىر تۇتۇشۇپ باقاي دەپ كىردىم.قانداق بەسلىشىپ باقامدۇق؟ ئالمىخان: بەسلەشكەن ئىكەنمىز ئۇنىڭ مۇكاپاتى بىلەن جازاسى بولىشى كېرەك. يىگىت :ئەگەر مېنى يېڭىۋالسىلا ،ئۆزلىرىگە 7 كۈن مەدىكىر بولۇپ،ھەقسىز ئىشلەپ بېرىمەن. ئالمىخان : ئەگەر ئۆزلىرى مېنى يېڭىۋالسىلا ،كۈندە بىر قېتىمدىن 7 كۈن ناخشا ئېيتىپ بېرىمەن .قوشنىلار گۇۋا بولسۇن. قوشلار :شۇنداق بولسۇن،شۇنداق بولسۇن. قوشنا ئا : قېنى ئەمىسە قوشاق ئېيتىشىش باشلانسۇن ،قېنى يىگىت سەن باشلا. مەرت يىگىتتىن يارىم بار ، قوشنىلار : يېڭىلدى ،يېڭىلدى ،ھوي!!!!!!!!!!! غوجامنىياز : نىمە بولدى ؟ بەك خوشال كۆرىنىسىلەرغۇ! قوشنا س : بۇ يىگىتنى ئالمىخان قوشاق ئېيتىشتا يېڭىۋالدى . بۇ يىگىت ئەمدى ئۆزلىرىگە 7 كۈن بىكارغا ئىشلەيدۇ. غوجامنىياز : شۇنداقمۇ ،دوئىلغا چۈشۈپتىكەندە ھا...ھا... ھا....،قوشنىلار سىلەر ئۇسۇل ئويناڭلار بىز ساز چالايلى ،ئالمىخان داپنى ئىلىپ چىقسىلا !(ئالمىخان داپنى ئالغىلى كىرىپ كېتىدۇ) (بىر نەچچە ياساۋۇل سەھنىگە كىرىدۇ. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىدۇ.) ياساۋۇل باشلىقى: ئالمىخان بارمىكىن؟ غوجامنىياز : بار .نىمە ئىشتى؟ ياساۋۇل :ۋاڭ ئالىلىرىدىن يارلىق ! ۋاڭ غوجام باغداشقا شىكارغا چىقىدىكەن. ئالمىخاننى ئېلىپ كېلىشكە يارلىق چۈشۈردى . (ئالمىخان داپ تۇتقان ھالدا كىرىدۇ، غوجامنىيازغا قارايدۇ،غوجامنىياز يەرگە قارايدۇ.ھەممەيلەننىڭ چىرايى جىددى تۈسكە كىرىدۇ) ياساۋۇل باشلىقى: ئالمىخان ،قېنى ماڭايلى! ياساۋۇل باشلىقى : ۋاڭ غوجامدىن يارلىق!ۋاڭ غوجام باغداشقا چىقىدىكەن.ئۆزلىرىنى ئالغىلى كەلدىم. قانداق؟ بارغۇلىرى يوقما؟ بۇ ۋاڭ غوجامنىڭ پەرمانى، كىمدە-كىم پەرمانغا قارشى چىقىدىكەن كاللىسى ئېلىنىدۇ. (ئالمىخان غوجامنىيازغا ئېسىلىدۇ) غوجامنىياز : ئالمىخان ھازىر يېڭىدىن ئېغىر ئاياق بولۇپ قالدى، ئەمدى مەشرەپ سورۇنلىرىغا بارالمايدۇ، ۋاڭ غوجامغا ئېيتىپ قويسىلا. ياساۋۇل باشلىقى : سېنىڭ ئۇ گېپىڭگە كىم ئىشىنىدۇ.سەن ۋاڭ غوجامدىنمۇ كۈندەشلىك قىلىۋاتامسەن؟مەن يارلىقنى ئىجرا قىلىمەن ،ئالمىخاننى ئېلىپ مېڭىڭلار. دەھشەتلىك ئېغىر كۈنلەر...... (ياساۋۇللار ئالمىخاننى مەجبۇرى ئېلىپ كېتىدۇ.غوجامنىياز توۋلىغىنىچە كەينىدىن چىقىپ كېتىدۇ) غوجامنىياز :ئالمىخان!!!ئالمىخان!! خوشنا ئا : خەقنىڭ ئەمرىدىكى خوتۇننى خالىغانچە ئېلىپ كەتسە يامان بولىدۇ.ۋاڭ غوجام بۇنىمۇ بىلمامدىكىنە؟ خوشنا ب : ھېلىمۇ ئۈچ يىل بولدى .غوجامنىيازمۇ،ئالمىخانمۇ بۇ ئاھانەتكە چىداۋاتىدۇ. خوشنا س : شۇ ئەمەسمۇ ،خەقنىڭ خوتۇنىنى ئايلاپ-ئايلاپ ئېلىپ كەتسە، ئۆيىگە قايتۇرمىسا ،بۇنداق ئادالەتسىزلىككە ھېچكىم چىدىمايدۇ. قوشنا ئا : بىز ۋاڭنىڭ قۇللۇرى ،ھېچكىمنىڭ تەلەپنى رەت قىلىش ھوقۇقىمىز يوق .بۇ دەرتنى تارماي نىمە ئىلاج. قوشنا ب : ۋاڭغۇ مەيلى ،ھازىر ئالمىخاننى ،تەيجىمۇ،شاھزادىمۇ،بەگمۇ ئېلىپ كېتىۋاتمامدۇ.... قوشنا س : ئىلگىرى غوجامنىيازنىمۇ بىللە ئېلىپ باراتتى. ئەمدىلىكتە ئېلىۋالمايدىغان بولدى .بىرگە ئېلىۋالغان بولسىمۇ پىتنە-ئىغۋا بولمىغان بولاتتى. قوشنا ب : ھەي!! ئۇ يەرلەردە نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ ،بىر ئاللا ئۆزى بىلىدۇ. قوشنا س : غوجامنىياز بىلەن ئالمىخان بىر-بىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىشىدۇ. ئۇلارغا كۆز تەگمىسىلا بولاتتىغۇ. (غوجامنىياز پەرىشان قايتىپ كىرىدۇ) قوشنا ئا : ئالمىخان كەتتىمۇ؟ قوشنا ب : غوجامنىياز ،ئەل ئارىسىدا پىتنە گەپلەر خېلى كۆپىيىپ قاپتۇ. بىزنىڭ يۈزىمىزگىمۇ داغ كەلتۈرىۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى ئوبدانراق ئويلاپ باقمىسىلا بولمايدۇ جۇمۇ . غوجامنىياز :............... قوشنىلار : بىز چىقىپ كېتەيلى . قوشنىلار چىقىپ كېتىدۇ ،غوجامنىياز بېشىنى قاماللىغىنىچە جۇجەمگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرىدۇ.سەھنە قاراڭغۇلىشىدۇ . سەھنە يورىدۇ .غوجامنىياز غىجەك چېلىپ،مۇڭلۇق ناخشا ئېيتىپ ئولتۇرماقتا. ئالمىخانلار تاققا ماڭدى ، مەن بىچارە ئۆيدە قالدىم ، ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخان-نەي! قايسى باغنىڭ گۈلىسەن-نەي! يېڭى چىققان ئايغا ئوخشاش ، ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخان-نەي! قايسى باغنىڭ گۈلىسەن-نەي! ۋاڭ غوجاملار ئېلىپ كەتسە، ۋاي-ۋاي جېنىم ئالمىخان-نەي! قايسى باغنىڭ گۈلىسەن-نەي! (ئالمىخان كىرىدۇ.غوجامنىياز قارىمايدۇ.ئالمىخان ئالدىغا كېلىپ تەزىم قىلىدۇ.غوجامنىياز يەنىلا قارىمايدۇ. ئالمىخان ناخشا ئېيتىدۇ) بۇ دەرتلەرنى كىم تارتسۇن ، ئالمىخان كۆز-ياش قىلىپ ،غوجامنىيازغا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرىدۇ.غوجامنىياز ناخشا ئېيتىدۇ. ئالمىخان ئورنىدىن تۇرۇپ غوجامنىيازغا ئېسىلىدۇ.غوجامنىياز ئۇنى باغرىغا باسىدۇ. ئالمىخان : ئۈچ يىلدىن بۇيان مېنى ئەتىۋالاپ ياخشى كۆرۈپ كەلدىلە.بىۋاپا پەلەك بىزنى ئايرىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆزلىرنىڭ كۆڭۈللىرىگە يەنە ئازار بەرگۈم يوق. غوجامنىياز : مېنى دەپ قومۇلغا كېلىپ، كۆپ ئازار يىدىلە.ئۆزلىرگە ئىگە بولالمىدىم. رازى بولسىلا ئالمىخان !ئۆزلىرى نەگە بارماقچى؟ ئالمىخان : پىچان،تۇرپانلار ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە چىقىپ ،ئاخىرىدا يۇرتۇم كۇچاغا كېتەيمىكىن دەيمەن. غوجامنىياز : راسلا كەتمەكچى بولسىلا ،مەن ئۆزلىرىنى لاپچۇققىچە ئۇزۇتۇپ قويىمەن. ئالمىخان :رەخمەت غوجامنىياز ،كۆڭۈللىرى تىگىل بولدى. (غوجامنىياز يېنىدىن ئىككى دانە زىقچە ئالتۇننى ئېلىپ ئالمىخانغا تەڭلەيدۇ) غوجامنىياز :بۇ ئاددى سوغامنى قوبۇل قىلسىلا،يول كىرالىرى بولۇپ قالار، ئالمىخان : يېنىمدا بار ئالتۇنمۇ يول كىراسىغا يېتىدۇ.ئۆزلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ئېلىپ قوياي. (غوجامنىياز بىلەن ئالمىخان قۇچاقلىشىپ خوشلاشماقچى بولىدۇ) ياساۋۇل : ئالمىخان بارمىكىن ؟ ياساۋۇل : بۈگۈن شاھزادە بېگىم راھەتباغقا سەيلىگە چىقىدىكەن ،«ئالمىخاننى ئېلىپ چىق »دىۋىدى كېلىشىم ،قېنى ئالمىخان ماڭايلى . ئالمىخان : توختاپ تۇرۇڭلار !(غوجامنىيازنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.) ياساۋۇل : ئالمىخان، ماڭايلى . ئالمىخان : خوش غوجامنىياز! بۇ ئاخىرقى كۆرۈشۈشىمىز بولۇپ قالسۇن.(ئالمىخان ياساۋۇللار بىلەن چىقىپ كېتىدۇ) غوجامنىياز :(غىجەكنى ئېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ) شۇنداق قىلىپ ئالمىخان غوجامنىيازدىن ئايرىلىپ،لۈكچۈنگە كەتتى.ئاخىرقى ئۆمرى تۇرپاندا ئۆتكەنلىكى مەلۇم.لېكىن قومۇلدا ئالمىخان ھەققىدىكى ھېكايىلەر،بىيىت-قوشاقلار ئامما ئارىسىدا تارقىلىپ،تاكى بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلدى.‹ ئالمىخان ›ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى غوجامنىيازنىڭ نەۋرىسى ئوسمان ئىسمايىل ئاكا ھېكايە قىلىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئادەمنى كىشىلەر ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە «ئالمىخان ئوسمان »دەپ ئاتاپ كەلگەن . «ئالمىخان »جەمەتىدىكى كىشىلەر ھازىرمۇ قومۇل شەھرىنىڭ لەڭگەر مەھەللىسىدە بار قومۇل خەلق راديو ئىستانسىسىدىن : ئەركىن زاكىر 2502291,18097568923 |