- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
ئۆسۈش
100%
|
چەت ئەل ئاىبارات ۋاستىلىرى10-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:ئامېرىكا پارلامېنتى بەش بۇرجەكلىك بېنانىڭ<<دۆلەت ھەربى ئىستىراتىگىيە پىلانى>>نى تۈزۈپ، ئىراننىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان يادىرو قوراللىرى ۋە ئادەتتىكى قوراللىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى، شۇنداقلا بۇ توغرىدا پارلامېنىتقا دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
زۇڭتۇڭ ئوباما ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىمزالىغان2011-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ھوقۇق بېرىش قانۇن لاھىيەسىگە قۇشۇمچە قەلەنغان پارلامېنىتنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:بەش بۇرجەكلىك بېنەا پارلامېنىت ئەزالىرىغا دۆلەت مۇداپىيەمىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى تۈزگەنئىستىراتىگىيەدىكى پەرىق، يەنى كەم بولسا بولمايدىغان <<ۋەزىپە، بايلىق مەنبەسى،ئىقتىدار ياكى ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش>>توغرىسىدا چۈشەنچە بەرمىسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىستىراتىگىيەدە ئارمىيەدىن ئىرانغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كونكىرىت پىلان تۈزۈش ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
بۇ ئىككى تەلەپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم قويۇلدى، بۇلتۇر پارلامېنىتنىڭ 2010-مالىيە يىلىدىكى مالىيە چىقىمى قانۇن لاھىيەسىدە بەش بۇرجەكلىك بېنادىن ئىراننىڭ ھازىرقى ئىقتىدارى ۋە ئىسىتىراتىگىيەسى توغىسىدا ئاشكارا دوۆلات بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
پارلامېنىتنىڭ ئوبزورچىسى كېننىس كاتىسمان مۇنداق دېدى:بۇ دوكلات يەنە ھەربى پىلاننى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،<<ئىراننىڭ يۇشۇرن يادىرو پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر>>دەيدىغانلارنىڭ قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغاندەك قىلىدۇ. قارىغاندا بۇ پىلاننىڭ تۈزۈلۈشىگە دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرى گاتىسنىڭ بۇلتۇر يانۋاردا<<ئامېركىنىڭ ئەمەلدارلىرىدائىرانغا تاقابىل تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ئىستىراتىگىيە كەمچىل>>دەپ ئاغرىندىغانلىقى تۈرىتكە بولىدىغانلىقى تۈرىتكە بولغاندەك تۇرىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنىتلىقى)
ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتىدىن باغداش تورى تور يۈزىگە يوللىدى
ئەسكەرتىش:كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! |
|