دىھقان بالىسى دىھقانمۇ بولالمىغىدەك...
بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىم (دىھقان) ئشلەۋاتقان مەكتىۋىمگە ئىزدەپ كەپتۇ. بىر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن :
__ساۋاقدىشىم بىر ئىشىمغا يارىدەم قىلغان بولساڭلار،-دىدى. مەن:
- بولىدۇ ، دەۋىرىڭلا ئىككەيلەن ساۋاقداش بولغاندىكىن ھەرقانداق ئىشڭلار بولسا قولۇمدىن كەلسىلا يارىدەم قىلىمەن__ دىدىم.
ھىلىقى ساۋاقدىشىم:
__ بالام سىلىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيىتتى، مومكىن بولسا بالامنى مەكتەپتىن چىقىرۋىلىشىمغا ياردەم قىلساڭلا،قانچە پۇل كەتسە مەيلىتتى.... بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە شۇنداق دىدىم:
- بىرىنجىدىن بۇ ئىش مومكىن ئەمەس. ئىككىنجىدىن نىمە سەۋەپتىن بۇنداق خىيالغا كىلىپ قالدىڭلا؟ ئەجىبا بالاڭلىنىمۇ ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئۆمۈر كەتمەننىڭ قۇلى بولسۇن دىمەكچىمۇ؟
-ھەي.... ئاداش نىمىسىنى دەي، مىنىڭمۇ بالامنى شۇنداق ئوقۇتقۇم بار، ھىچ بولمىسا مەن يىتەلمىگەن شۇ ئارزۇلىرىمنى باللىرىم بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرا دىگەن ئۈمىتتە ئىدىم.(بۇ ساۋاقدىشىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىدا مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئوقىغان ،نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. لىكىن ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان.) ماۋۇ بالامنىڭ ئاكىسىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. سىللە بىلىسىلە ، بىز ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا سەككىز، ئون كىلومىتىر يولنى بەزىدە ۋەلىسپىت بىلەن، بەزىدە پىيادە مىڭىپ كىرىپ ئوقۇغان. كەچتە ئۆيگە چىقساق ئائىلىنىڭ، ئىتىز-ئىرىقنىڭ ئىشلىرىغا يارىدەملىشەتتۇق. ھازىر مانا پارتىيە،ھۆكۈمەت مەكتەپلەرگە شۇنداق ئازادە ياتاقلارنى سىلىپ باللىرىمىزنى مەكتەپتە ياتقۇزۇپ ئوقۇتۋاتىدۇ، باللىرىمىز سىللە-بىزلىگە ئوخشاش قىشنىڭ سوغۇقلىرىدا نەچچە كىلومىتىر يول مىڭپ جاپا تارتىدىغان ئىشلار يوق. باللىرىمىزنىڭ ئۈچ ۋاخ تامىقىنىمۇ ھۆكۈمەت ھەقسىز بىرىۋاتىدۇ، ئوقۇش پۇلى، كىتاپ پۇللىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلۋەتتى. شۇنداق بولغاچقا باللىرىمىنى ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئاخىرغىچە ئوقۇتاي دىگەن ئارزۇيۇم بار ئىدى. ماۋۇ بالامنىڭ ئاكىسىنىمۇ شۇنداق ئۈمىتلەر بىلەن ئوقۇتقان ئىدىم. ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە چىقسا ، مەكـتەپتە دەرىسلەر ئىغىر، بالا چارچاپ كەتتى بىردەم بولسىمۇ ئارام ئىلىۋالسۇن دەپ، دىھقانچىلىقنىڭ شۇنداق ئالدىراش پەيىتلىرىدىمۇ ئىتىز ئىرىقنىڭ ئىشلىرىغا ئارلاشتۇرمىدىم. كىيىن قارىسام نەتىجىسى شۇنداق تۆۋەن، ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنمۇ نەچچە رەت كۆرۈشتۈم، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرىغا << بالامنىڭ سۆڭىكى مىنىڭ،گۆشى سىلەرنىڭ. بالام ياخشى گەپ ئاڭلىمىسا تەربىيەنىڭ يامىننى قىلىڭلار، مىنىڭ ھىچ قانداق پىكىرىم يوق، بالام ياخشى ئوقۇسىلا بولدى>> دىدىم. مەنمۇ تەربىيە قىلدىم، لىكىن بالام ياخشى ئوقۇمىدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئائىلىگە چىقىۋىدى، بوپتۇ ياخشى ئوقۇمىغاندىكىن ماڭا ئوخشاش دىھقان بولا دىدىم. لىكىن كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغاندا شۇنداق ئىشچان، بىز دىمىسەكمۇ ئائىلە ئىشلىرىغا ئۆزلۈكىدىن يارىدەملىشىدىغان بالا تولۇقسىزدا ئۈچ يىل ئوقۇپلا ئىش خوش ياقمايدىغان، شۇنداق ھورۇن،لايغەزەل ئادەم بولۇپ چىقىپتۇ. ئۈچ كۈن ئالدىدا ئانىسى-<< بالام ئىتىزلىققا چىقىپ دادىڭىزنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەملىشەيلى>> دىسە ئانىسى بىلەن جاۋاپلىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپتىكەن ، ھازىرغىچە يوق. سۈرۈشتە قىلىپ ئىزدىمىگەن يىرىم قالمىدى. بىز ئوقۇغان ۋاقىتلاردا << جىگدە ياغىچى بادىر بولمايدۇ، دىھقان بالىسى كادىر بولمايدۇ>> دەيدىغان گەپلەر بار ئىدى، قارىغاندا ھازىر دىھقان بالىسى دىھقانمۇ بولالمايدىغان ئوخشايدۇ...............
ساۋاقدىشىم كىيىن نىمىلەرنى دىدى بىلمەيمەن، قانداق خوشلاشقىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، خۇددى بىرسى چۆرگۈلتىپ قوياپ بەرگەندەك، بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن يۈزۈمگە تۈمەنمىڭ كاچات تەككەندەك.....
دىمىسىمۇ، << ھازىر دىھقان بالىسى دىھقانمۇ بولالمايدىكەن ...>> دىگەن گەپ ئەقلى ئويغاق بىر ئوقۇتقۇچىغا، مىللى مائارىپىمىزغا تەككەن كاچات ئەمەسمۇ؟
|