- تىزىملاتقان
- 2011-3-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4552
- نادىر
- 0
- يازما
- 265
ئۆسۈش
85.07%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-4 13:40
مۇنداق يەر-جاي ناملىرىنىمۇ ئاڭلىغانمۇ ؟
ھازىر قەيەرگە قارىسا خەنچە يەر نامى ، كۆپچىلىك بەزى يەرلەرنىڭ ئەسلى ئانا تىلدىكى ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتتى ،ئەتە ئۆگۈن ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا مەيلى ئىدى ، شۇڭلاشقا بىز ئاتىمىساق بالىمىز تېخىمۇ ئاتىمايدۇ ،نەۋرىمىز ھەتتا بىزنىمۇ ئۇنتۇيدۇ ، شۇڭا ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى ئاتاپ باقايلى .
مەن بۈگۈن سىلەرگە چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىرقىسىم يەرناملىرىنى كۆرسەتمەكچى.بەزى ئىسىملارنى كۆرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنداق ئىسىملارنى
قانداق قويغان بولغىيتى دەپ ھەيران قالىمىز.بولسا باشقا تورداشلارمۇ ئۆزيۇرتىدىكى يەرجاي ناملىرىنى دەپ باقسا،بولسا ئاشۇ نام قانداق
پەيدا بولغانلىقى توغرۇسىدىكى مەيلى چوڭلاردىن ئاڭلىغان تارىخ-قىسسەلەرنى دەپ باقسا،يەنە بىرى خەنچە ئاتالغان يەر ناملىرىنى ئانا تىلدا دەپ باقسا دېگەن ئۈمىتتە مەن.
1.ئارال يېزىسىدىكى يەرناملار
پاششىلىق توقاي،ساراچ ئېرىق،توكۇر چۈشكەنقۇم ،تاللىق بۇلاق،مۇزاي ئوتلىغاق.......
2.چوڭكۆل يېزىسىدىكى يەرناملار
باسماق يەر،چۇرۇق مەيدان،تىڭ-تىڭ يەر،سامساق قۇم كۆۋرۈكى،ھادىلارخۇن مەھەللىسى،لوسىۋاغ،تىكە تۈگمەن...........
3.توغراقلىق يېزىسىدىكى يەرناملار
تۇزلۇق قاش،چاۋال ئېرىق،قالۇنچى مازار،ۋەتەن(بۇرۇن نەدە ئۇقۇيسە دېسە ۋەتەندە دەيتتۇق،)قۇشقاچ داموللام مازىرى..............
4.يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى يەرناملار
ئارام ئالغان قۇدۇق،ئەكەچتېرىم،باش جىگدىلىك،بۆرە تۇتقان،كاللا ئاستى،پۇلاق،تاكاننىڭ مىچىتى(مەسچىت)تايلاق تۇتقان،توختەك،تۇڭگان ئۆلگەن
قارا شىپاڭ،سۇپىلىق ئاخۇننىڭ يىرى،گۇناكار ساتمىسى،لۆم-لۆم،نىياز گاڭنىڭ يىرى،ھېۋۇللا يانتاق..........
5.باغئېرىق يېزىسىدىكى يەرناملار
تەلپەك كۆل،چىگەقاش،غاچچىلىق مەيدان،قۇم توتەن،گىجىڭ يەر،خارەت(ياغاچچى)ئېغىل ..................
6.ئاقتىكەندۆڭ يېزىسىدىكى يەرناملار
بۇخارا ئېرىق،تەخسىر دۆڭ،ھابدال ساتمىسى،ئىسسىق ئۇتاق،كىپەك سارام،شەيتان يەر.........
7.قوشساتما يېزىسىدىكى يەرناملار
ئاق تام،داش كۆل،ئېشەك ئۆلدى،كۈيەك توغراق،ئۇلاق پاششىم.................
8.تاتىرڭ يېزىسىدىكى يەرناملار
ئابلا بۆچچى تېرىم،ئازما بېشى،ئاسقۇ،ئاقتۇزلۇق،ئايلىخان ساتما،بالداى تۇقاي،پاتىمە ئۆلگەن،پو يانتاق،تەتۈر كۆل،تۇردىمەت،چاپان قالدى
سۇ بۆسكەن،يار سۇلاق،ھاشىم نوچى،غازلىق،دوڭغاق......
9.ئاتچان يېزىسىدىكى يەرناملار
ئات باغلىغاق،ئارا قىڭ،ئاق چىغ،پولو تاش،ئامبال ئاشتى،توڭغان(چوشقا)قىر،چاكاندا،دالاي قونغان،قارا موللا چاپ،قۇشقاچ بۇلاق،كۆك ماڭلاي
لايداڭ،مالغۇنلۇق،يۇنۇسساي...........................
10.قۇراملىق يېزىسىدىكى يەرناملار
ئاستىن تاغ،بۇغاز دۆڭ،پىرىملىق تۇز،پوتەي،بۆرىلىك،تۈلكە چاپ ،سىدىق ئۇچقان،قاقشاللىق،قۇمچاقلىق،ناماز ئۆتىگەن دۈمچەك،ئۇچاق سالغان
11.ئوييايلاق يېزىسىدىكى يەرناملار
ئابدۇللا سىگەن قويناق،ئات ئۆلدى،ئەمچەك دۆڭ،پاسا تېرىم،دوستەك،شادا قول،سامساق چېپى،غىششا،جا،ئىلە،ئۆچكە ئۆلدى،لاباكۇ،يېتىم مۇدۇر،
يىلۋا......
12.تۇرا چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى يەرناملار
ئاچاڭ،بوينى يوق دۆڭ،خەششەكلىك،خادىلىق،جەدە قول،توختاشباي،دوك،ئېشەك ئاتى،يارا تاغ ،گۈكۈرىمە،كامشۇ...
13،كۆنچىبۇلاق فېرمىسىدىكى يەرناملار
باش چاپ،ھاگاز باي،ئۈچ دۈمچەك،كالتە داۋان،يالىق قول،ئىگىز ئات..................
«چەرچەننىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى«ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بولسا ھەممەيلەن ئادەمنىڭ ئېسىگە ئاسان كەلمەيدىغان، ئەمما ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن يەنە قانداق يەر-جاي ناملىرى بار ،بىلىشىمىزچە ئىلمىي نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق. بەلكىم بۇ بەزىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك خام ماتېرىيال بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
|
|