قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2207|ئىنكاس: 46

ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىم ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

3

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئىسلام دىنى ۋە مىللىتىم ھەققىدە ئىككى ئېغىز



-ياخشىمۇسىز؟
-ياخشىمۇسىز دېمەي ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلمامسىز؟-دەپ يازىم .
-بىز يا ئەرەپ بولمىساق ئۇنداق سالام قىلىدىغانغا-بۇ قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى.
-ئەمسە سىزنىڭچە ئىسلامغا ئىتقاد قىلغانلىق ئەرەپلەشكەنلىك بولىدىكەندە؟-ئۇنىڭ مەخسىتىنى چۈشىنىپ شۇنداقلا سورىدىم.
-ئەمدى بىز ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ئەرەپلەرنى دورىمىساق دەيمەن.مەن ئەرەپلەرگە بەك ئۆچ.ئۇلار تاجاۋۇزچى.تېخى بىزنىڭ مىللەتتىن بەزىلەر ئۇلارنى دوراپ يۆگىنىپ يۇرىيدۇ.
-ئۇلار تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ كىمنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلىپتىكەن؟تاجاۋۇزچى دېگەن باشقىلارنىڭ ھەققىگە خيانەت قىلغانلار بولىدۇ.مەن ئۇنداق قارىمايمەن.ئۇلار دىننىي جەھەتتىن بىزنىڭ قېرىندىشىمىز.-دېدىم مەن .
-سىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى.-قارشى تەرەپ ئوچۇقلا (ئەمدى پاراڭلاشقۇم يوق .پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمايدىكەن ) دېگەن مەنىدە يازدى.
-مېنىڭمۇ شۇ . -مەنمۇ ئۈزۈپلا دېدىم.


     مانا بۇ مېنىڭ بىر تورداش بىلەن قىلىشقان پارىڭىمنىڭ بىر قىسىمى.ئويلىنىپ قالدىم بىز قاچانغىچە مىللەت ئۇقۇمى بىلەن ئېتقاد ئۇقۇمىنى ئارلاشتۇرۇپ يۈرىيدىغاندىمىز؟
مەن مىللىتىمنى سۆيىمەن. ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن.ئۇلۇغ اللەنىڭ مېنى مۇشۇنداق بىر ئەقىل-پاراسەتلىك ، ئاق كۆڭۈل ، تىرىشچان بىر مىللەتىتىن قىلىپ ياراتقىنىغا چەكسىز ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن.
    دېمەكچىمەنكى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە دىنىڭ نېمە ؟دېگەن سوئالغا  مەيلى چوڭ  ياكى كىچىك بولسۇن ، دېھقان  ياكى  كادىر  بولسۇن ، باي  ياكى  نامرات بولسۇن  بىردەك  ئىسلام دەپ  جاۋاب بېرىدۇ . بۇددا دىنى ياكى كاتولىك دىنى دېگەنلەر يوق دېيەرلىك .  ئەمدى ھازىرقى خىرىستىئان دىنىغا ئىتقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز دېيەرلىك.
      كۆپىنچە كىشىللىرىمىز خۇددىي بايىقى تورداشتەك  ئىسلام دىنىنى مىللەتكە باغلاپ چۈشىنىدۇ .  بۇ مېنىڭ تور دۇنياسىدىن  ھېس قىلغانلىرىم .  بەزى مۇنبەرلەردە  ھەتتا بىز  ئۇيغۇرمۇ  مۇسۇلمانمۇ ؟ دەپ  مۇنبەرلەردە بىر -بىرى بىلەن گەپ تالىشىپ  تىللىشىپ ، بىر - بىرىنى ھاقارەت قىلىشىپ كېتىدىغانلارمۇ باركەن . مەن ئۇلارنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەس ، ئەيىپلەشكە  سالاھىيىتىممۇ توشمايدۇ . مۇشۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن.
        (ئى ئىنسانلار ! سىلەرنى بىر ئىنساندىن < يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن > ياراتقان ، شۇ ئىنساندىن < يەنى ئۆز جىنىسىدىن > ئۇنىڭ جۈپتىنى < يەنى ھەۋۋانى > ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر - ئاياللارنى  ياراتقان پەر ۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار .) سۈرە نىسا (1-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)
مانا بۇ  پۈتۈن دۇنيا ئېتراپ قىلىدىغان ، ھەتتا دىنغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابى . يەنى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي كىتاۋىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەن بىر ئايەت .دېمەك بۇ ئايەتتىن بىز ئاۋال ئىنسان دېگەن بىر ئۇقۇمنى چۈشىنىمىز. بۇيەردە ئى ئىنسانلار دەپ پۈتۈن ئىنسانلارغا قارىتا بولغان بىر خىتاب ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتىدۇ . ھەرگىزمۇ ئى ئۇيغۇر مىللىتى ياكى ئى ئەرەپ مىللىتى دەپ ئەمەس.
    ھەممىمىز قۇرئاننىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز -يۇ ، ئەمدى ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا رىئايە قىلىپ ناماز ئوقۇساق ۋەياكى بىرەر ئەمەل قىلساق ئەرەپلەشتى دەپ چۈشىنىمىز؟ ئەجەبا ئىسلام دىنى يالغۇز ئەرەبلەرگە چۈشكەنمۇ؟مىللەت ئۇقۇمى بىلەن ئېتقاد ئۇقۇمى ئايرىم -ئايرىم ئىككى ئۇقۇم تۇرسا بۇيەردە نېمە ئۈچۈن بىرلەشتۈرىۋالىمىز؟دىن دېگەن نېمە ؟ مىللەت دېگەنچۇ؟ نېمىشقا بۇ توغرىسىدا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزمەيمىز؟بىرمىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنيىتى ئارقىلىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغان تۇرسا ، بۇ مەدەنىيەت ئىچىدە دىن مەدەنىيىتى دېگەن بىر ئۇقۇم بار تۇرسا ، بۇ ئۇقۇم مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىكى بىر مۇھىم ھالقا تۇرسا ،بۇنى ئاپىرىپ مىللەت بىلەن  تەڭ ئورۇنغا قويۇپ سەن ئۇيغۇرمۇ ؟ مۇسۇلمانمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىساق توغرا بولامدۇ؟
    ئۇيغۇر مىللىتىمىز تارىختا بىر قانچە  دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ ياشىغانلىقى ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ دىننى تاللاپ ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن باشقا مىللەت، باشقا  رايون ، باشقا دۆلەتلەرگە تونۇلغان. بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ مىھماندوستلىقى ، چىقىشقاق باتۇرلىقى ،  ئاقكۆڭۈللۈكى .....ۋاھاكازا مۇشۇنداق نۇررغۇن-نۇرغۇن ئېسىل خسلەتلىرى ، ئېسىل ئەنئەنىلىرى ، مۇشۇ گۈزەل دىن ئارقىلق شەكىللەنگەن .مەسىلەن :قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، ئوغۇللارنىڭ مىللەتنى سۆيۈش، مىللەتكە ئىگە بولۇش ،قىزلارنىڭ شەرمىي - ھايالىق ، ئەدەپ -ئەخلاقلىق بولۇشى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئېتقادىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سالىدىغان بولساق ياشلىرىمىزدىكى دىننىي روھ ۋە مىللىي روھنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن مىللىتىمىز قىز - ئوغۇللىرىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتلەردە چېكىنىشى بۇ سەۋەپتىن دىيارىمىز جوڭگۇ دىكى ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سانى كۆپىيىپ بېرىۋاتقان رايونلارنىڭ ئالدى بولۇشى ، ياشلىرىمىزنىڭ زەھەرلىك چېكىمللىككە بېرىلىشى ، كىچىك نارسىدە بالىلارنىڭ ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرلىپ ئوغۇرلۇققا سېلىنىشى ،  پاك -ئىپپەتلىك ، شەرمىي -ھايالىق قىزلىرىمىزنىڭ ئاللىقانداق ۋاستىلەر بىلەن دىيارىمىزدا ۋە باشقا رايونلاردا پاھىشىلىققا سېلىنىشى شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئوغرى ، پاھىشە ....قاتارلىق يامان تەسىرلەرنى بېرىشى قاتارلىق مىللىتىمىزنىڭ ئابرويىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشى كېلىپ چىقتى.
    تېخى بەزى كىشىلىرىمىز مىللىتىمزنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ ، ئالغا ئىلگىرىيەلمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئاشۇ پاك ئىسلام دىنىدىن كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلىپ يۈرىيدۇ. شۇلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ (ھالبۇكى اللە ئىنسانلارنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ، ئىلىم ئېگەللىمەي قۇرۇق بولغان دىننىي قالپاقنى كېيىپ مىللەتنى خارابىلەشتۈرۈشكە چاقىرىۋاتامدۇ؟) ھەم يەنە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ ( مىللىتىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇناپىق موللىلارغا قاراپ  دىنىمىزغا باھا بېرىپ، دىنىمىزنى ئەيىپلىمەي ، دىنىمىزنى اللە كۆرسەتكەن پەيغەمبىرىمىز ئۈگەتكەن رەۋىشتە چۈشىنىپ بېقىڭلار . بولمىسا ياراتقۇچى ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قالىسىلەر.)
      مىللەت بىر ئۇقۇم . دىن بىر ئۇقۇم  بۇ ئىككىسىنى تەڭ قويۇپ سەن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ ؟دەپ سوراش ئاقىلانىلىق ئەمەس . ئەگەر بىرەرسى مەندىن بۇ سوئالنى سورىسا جاۋابىم شۇكى :مەن ئەقىللىق ، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولىمەن . پاك بولغان ، ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانمەن .
مەن قانداقتۇر بىر ئەرەبلەرنى ياكى ئورۇسلارنى دورىمايمەن  بەلكى اللە مېنى نېمىگە بۇيرىسا شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمەن. دىنىم مېنى مىللىتىمنى ، ۋەتىنىمنى سۆيىشىمنى  بۇيرىيدۇ .
مىللىتىمنى سۆيىمەن . مەيلى قەشقەرلىك بولسۇن، مەيلى خوتەنلىك بولسۇن ، مەيلى ئاقسۇلۇق بولسۇن قىسقىسى  دۇنيانىىڭ نەرىدىلا بولسۇن ئۇريغۇرۇم بولسا مەن ئۇنى سۆيىمەن . ئىلىملىك ، بىلىملىك  بولغان ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن .  ئۇنى ھۆرمەتلەپ بېشىمدا كۆتۈرۈپ ، اللەدىن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەپ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلەيمەن. زالالەتتە تۇرغان ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن . ياراتقۇچىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى تىلەپ ، ئۇنىڭغا توغرا يول بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ  ھەر ئىككىلى ئالەمدە  بەختلىك بولۇشىنى تىلەپ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلەيمەن .   
              قەدىرلىك مىللىتىم ئەمدى ئۇيغۇرمۇ ؟ مۇسۇلمانمۇ ؟دەپ بۇ بېمەنە سوئاللارنى سورىمايلى تالاش-تارتىش قىلىپ سوقۇشۇپ يۈرمەيلى. توغرا چۈشەنچە بىلەن خۇددىي ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بويىچە ئۇيۇشۇپ ، ئىناق -ئىتىپاق ئۆتەيلى ، مىللىتىمىز تارىختىن بۇيان ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى . ئۇلارنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرايلى. ئاخىرىدا بىر مەزمۇننى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كەلدى . تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تارىخ دەرىسى بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە يەھۇدىيلار توغرىسىدا مۇنداق بىر ھېكايىنى سوزلەپ بەرگەن ئىدى.
    يەھۇدىيلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قۇدرەتلىك بىر قەۋىمگە ئايلاندى . بۇنىڭ سەۋەبى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن يەھۇدىيلار باشقا كىشىلەر تەرىپىدىن يەر - زېمىن ۋە بايلىقرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچىراپ ، ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ  ئىنتايىن نامرات ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىشىپ قانداق قىلغاندا ئۆزلىرىدە كىشىلەر تەرىپىدىن تارتىۋېلىنمايدىغان بىر بايلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىپ ئاخىرىدا بىلىمدىن ئىبارەت بۇ بايلىققا ئېرىشسە ئۇنى ھېچكىم تارۋالالمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئاخرى ھازىرقى ھالەتكە كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئىلىم ئېگەللەشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايدۇ. كىتابنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ.ئۇلار بالىسى سەل بىرەر نەرسىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولغان چاغدا ئىنجىلنىڭ ئۈستىگە ھەسەل تېمىتىپ . بالىلىرىغا يالىتىدۇ .مانا بۇ ئۇلارنىڭ غەلبە قازىنىشىدىكى سىر.
      بۇ ھېكايە ماڭا بەك تەسىر قىلغان.  مەن بىر ئىلىمسىز ئىنسان بولغانلىقىم ئۈچۈن كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ئۇدۇللا يازدىم . خاتا كەتكەن يەرلىرىم بولسا ئۇستازلارنىڭ ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ سىلىق -سىپايىلىق بىلەن تۈزۈتۈپ بېرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. يەنە بىر گەپ ئىنكاس يازساڭلار ئۆز كۆزقاراشلىرىڭلارنى يازساڭلار، ئەگەر باشقىلارنىڭ خاتا بولسا تىللاپ ،ئەيىپلەپ كەتمەي چىرايلىقچە ئوتتۇرغا قويساڭلار . مەن مۇنبەردە گەپ تالىشىپ ، ئۇرۇشۇپ يۇرىيدىغانلارنى ياقتۇرمايمەن. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۈشەنگەندىن كېيىن چىرايلىقچە دېيىشسەك.
ئاخىرىدا ھەممىمىز ئۇيغۇر مىللىتىمىز ، ئىسلام سۆيەر باشقا مىللەت قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىپ قويايلى.
ئى ئۇلۇغ ،مېھر-شەپقەتلىك ئېگەم ! مىللىتىمنىڭ  قاراڭغۇلۇقتىن  يورۇقلۇققا چىقىشىغا ياردەم بەرگەيسەن . قىز - ئوغۇللىرىمزغا  پاك ئېمان -ئېتىقاد ، شەرمىي - ھايا ئاتا قىلغايسەن . پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغايسەن .(ئامىين)




0

تېما

0

دوست

255

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جىددى لازىم بوپقالدى،قېرىنداشلار؛-ئاپتىماتىك ئىملا تۈزەر سېستىما بار دەپ ئاڭلىدۇق...‹‹ ئۇيغۇر دىت،ئۇيغۇر تىت ››دەمدۇ تازا بىلەلمىدۇق...بۇ ھەقتە بىلىدىغانلار خەۋەر قىلساڭلار بولاتتى...؟!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

784

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20736
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىللەت بىر ئۇقۇم . دىن بىر ئۇقۇم  بۇ ئىككىسىنى تەڭ قويۇپ سەن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ ؟دەپ سوراش ئاقىلانىلىق ئەمەس . ئەگەر بىرەرسى مەندىن بۇ سوئالنى سورىسا جاۋابىم شۇكى :مەن ئەقىللىق ، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولىمەن . پاك بولغان ، ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانمەن .
مەن قانداقتۇر بىر ئەرەبلەرنى ياكى ئورۇسلارنى دورىمايمەن  بەلكى اللە مېنى نېمىگە بۇيرىسا شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمەن. دىنىم مېنى مىللىتىمنى ، ۋەتىنىمنى سۆيىشىمنى  بۇيرىيدۇ .
ئەگەشتىم

5

تېما

1

دوست

1479

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەھۇدىيلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىرىۋىتەتتىم ،بىراق كىيىنىكىلەرنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسۇن دەپ ئۇلاردىن ئاز بىر قىسمىنى ھايات قويدۇم
                                                                               -گىتلىر
ئەگەر شۇ ۋاقىتتا بۇ يەھۇدىيلار پەقەتلا قىرغىن قىلنماي تىرىك قالدۇرۇلغان بولسا ،ئاللىبۇرۇن پۈتۈن دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بۇلاتتىمىكىن دەيمەن .
« مىللەت بىر ئۇقۇم . دىن بىر ئۇقۇم  بۇ ئىككىسىنى تەڭ قويۇپ سەن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ ؟دەپ سوراش ئاقىلانىلىق ئەمەس . ئەگەر بىرەرسى مەندىن بۇ سوئالنى سورىسا جاۋابىم شۇكى :مەن ئەقىللىق ، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولىمەن . پاك بولغان ، ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانمەن .
مەن قانداقتۇر بىر ئەرەبلەرنى ياكى ئورۇسلارنى دورىمايمەن  بەلكى اللە مېنى نېمىگە بۇيرىسا شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمەن.»بۇ پىكىرنىڭ جېنى بار

1

تېما

3

دوست

770

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WART يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 13:14
جىددى لازىم بوپقالدى،قېرىنداشلار؛-ئاپتىماتىك ئىملا  ...

http://imla.uyghurdev.net/

21

تېما

4

دوست

3236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 355
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 488
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئى ئۇلۇغ ،مېھر-شەپقەتلىك ئېگەم ! مىللىتىمنىڭ  قاراڭغۇلۇقتىن  يورۇقلۇققا چىقىشىغا ياردەم بەرگەيسەن . قىز - ئوغۇللىرىمزغا  پاك ئېمان -ئېتىقاد ، شەرمىي - ھايا ئاتا قىلغايسەن . پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغايسەن .(ئامىين.......................ئەگەشتىم

0

تېما

0

دوست

315

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24578
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئالى پىكىر  ئاللا ئىمانىڭىزنى تىىخىمۇزىيادە قىلسۇنئامىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىن

1

تېما

1

دوست

3359

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىللەت بىر ئۇقۇم . دىن بىر ئۇقۇم  بۇ ئىككىسىنى تەڭ قويۇپ سەن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ ؟دەپ سوراش ئاقىلانىلىق ئەمەس . ئەگەر بىرەرسى مەندىن بۇ سوئالنى سورىسا جاۋابىم شۇكى :مەن ئەقىللىق ، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولىمەن . پاك بولغان ، ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانمەن .
مەن قانداقتۇر بىر ئەرەبلەرنى ياكى ئورۇسلارنى دورىمايمەن  بەلكى اللە مېنى نېمىگە بۇيرىسا شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمەن. دىنىم مېنى مىللىتىمنى ، ۋەتىنىمنى سۆيىشىمنى  بۇيرىيدۇ .
مىللىتىمنى سۆيىمەن . مەيلى قەشقەرلىك بولسۇن، مەيلى خوتەنلىك بولسۇن ، مەيلى ئاقسۇلۇق بولسۇن قىسقىسى  دۇنيانىىڭ نەرىدىلا بولسۇن ئۇريغۇرۇم بولسا مەن ئۇنى سۆيىمەن . ئىلىملىك ، بىلىملىك  بولغان ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن .  ئۇنى ھۆرمەتلەپ بېشىمدا كۆتۈرۈپ ، اللەدىن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەپ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلەيمەن. زالالەتتە تۇرغان ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن . ياراتقۇچىدىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى تىلەپ ، ئۇنىڭغا توغرا يول بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ  ھەر ئىككىلى ئالەمدە  بەختلىك بولۇشىنى تىلەپ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمنى ئىپادىلەيمەن .

     بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىنى يوللاپسىز ،سىزدەك پىكىردىكىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى ،ھەممىمىزنىڭ بىر دىلغا ئىگە بولىشىمىزنى ،ئۇلۇق ئاللادىن تىلەيمەن . بىلسەك ھەر بىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ ، مۇسۇلمان بولۇپ يارىتىلغانلىقىمىز بىزنىڭ ئەڭ زور بەختىمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )